مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2019 
  •    ئىنكاس 
       11 

كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمدىن تۇغۇلغان ئويلار

قەۋەت ئاتلاش
atiwajan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37058

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4515 (سوم)
 ياخشى باھا:   348 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   522  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 903
 سائەت
دەرىجىسى:
903 سائەت 137 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-09
ئاخــىرقىسى:2011-10-22

"ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن"دىن تۇغۇلغان ئويلار
Qz/o-W;  
^*(*tS|M  
     ھازىرمۇ ئسىمدە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغان ۋاقىتتا بىرەرسى بىزدىن كىم ئۈچۈن ئوقۇيسەن ؟دەپ سوراپ قالسا ھەمىمىز ئېغىز-ئېغىزىمىزغا تەگمەستىن ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن ، مىللەت ئۈچۈن ، ئانا-ئانام ئۈچۈن دەپ سۆزلەپلا كېتەتتۇق ، مانا ئاستا –ئاستا چوڭ بولۇپ ئوقۇشتىكى مەقسىتىمىزنىڭ پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈن ،ئۆزىمىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇش شەرتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم ، بىزنىڭ جەمىيەتكە يۇك بولماي ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى ئېھتىياجىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ چىقىشى ۋەتەن-خەلق ئۈچۈن دېگەننىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى ، ئاتا-ئانىمىزغا يۆلەنمەستىن ئۆزىمىزنىڭ ئايرىم تۇرمۇش كەچۈرەلىشىمىزنىڭ ئۆزى ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم ، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى يەنىلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ئىكەن . rUvjc4O}  
  ھازىرقى جەمئىيىتىمىزنى ھەمىمىز بىلىمىز رىقابەت دەۋرى ،ئۇچۇر دەۋرى ، رىقابەت دېگەن سۆز نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ ، سېنى مەن يېڭىمەن ، ياكى سەن مېنى يىڭىسەن دىگەن مەنىدىن دېرەك بىرىدۇ ، رىقابەتتە ھامان بىر تەرەپ يىغلاپ بىر تەرەپ كۈلىدۇ ، بىرسى –بىرسىگە يول قويمايدۇ ، بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ ، بۇ تېگى مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا "ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن"دېگەن بۇ ئوقۇمنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ ، بۇ جاھاندا ھېچ بىر كىشى باشقىلار ئۈچۈن ياشىمايدۇ پەقەت ئانا يەنە شۇ مېھرىبان ئانا بالا ئۈچۈن ياشىشى بۇنىڭ سىرتىدا باشقا ھېچ بىر كىشى باشقىلار ئۈچۈن ياشىمايدۇ پەقەت ئۆزى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ياشايدۇ ، مۇھەببەتلەشكەنلەردە كۆپ ئاڭلايمىز "سەن ئۈچۈنلا ياشايمەن " "سىزسىز ياشىيالمايمەن " دېگەن گەپلەرنى مەنچە بۇ ئەڭ ئەڭ ...ئۇچىغا چىققان يالغان گەپلەر ،مۇھەببەت ئەمەلىيەتتە مۇشۇ قىز ئارقىلىق ياكى مۇشۇ ئوغۇل ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشۇمنى بېيىتسام دىگەندىن ئىبارەت ،  ئادەتتىكى تۇرمۇشمۇ ئوخشاش ھازىرقى جەمىيەتتە ھېچ بىر كىشى مەنپەئەتسىز بىرەر ئىشقا قەدەم باسماس بولۇشقا قاراپ تەرەققى قىلدى ،ئەمەلىيەتتە ھەرگىز شەخسىيەتچىلىك ئەمەس ، نېمىشقا دىگەندە ئەگەردە سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاپ ئۆزىڭىزنى تەرەققى قىلىدۇرمىسىڭىز باشقىلار ھامان سىزدىن پايدىلىنىپ تەرەققى قىلىدۇ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ ئاخىرقى نەتىجىسى قانداق بولىدۇ سىز قالىسىز باشقىلار سىزدىن ئېلىشىپ ياشايدۇ ، "كۈچلۈكلەر ھامان ئاجىزلارنى يۇتۇپ كىتىدۇ " بۇ نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ كۇچلۇك قانداق بوپ كۇچلۇك سانالغان چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرغان ،ئۆزۈم ئۈچۈن دېگەننىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ھېس قىلالىغان ، مانا بۇ ھايات .... Lt>"R! "x  
  دېمەك سىز كىم ئۈچۈن ياشايسىز ؟ باشقىلار ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزىڭىز ئۈچۈنمۇ ؟ رىئاللىقتا كۆپ ئۇچرىتىمىز كۆڭلىمىزدە ھېچقانداق شەخسىيەتچىلىك يوق دىيىلگەن تەقدىردىمۇ ئىنسان تۇغۇلۇشىدىن شەخسىيەتچى تۇغۇلغان چۈنكى ئۇ يالغۇز تۇغۇلىدۇ ، يالغۇز ياشايدۇ ، يالغۇز كىتىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلاردا ئۆزلۈك تۇيغۇسى تۇغما بولىدۇ ، سىز مەن شەخسىيەتچى ئەمەستىم دەپ قولىڭىزدىكى ناننى ھەرگىز باشقا بىرسىگە بەرمەيسىز ئەلۋەتتە ، نېمىشقا ئەگەر بەرسىڭىز سىز ئاچ قالىسىز ، شۇڭا بەرمەيسىز ،ئەگەر سىز شەخسىيەتچى بولمىسىڭىز سىز يەۋاتقان شۇ ناندىن باشقىلارغىمۇ بەرسىڭىز بولمامدۇ ،ئۇنداق قىلالمايسىز ... A_3V1< J`]  
دېمەك ھايات ئەنە شۇنداق سىز باشقىلار ئۈچۈن ياشىمايسىز پەقەت ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشايسىز ، ئۆزىڭىز مەۋجۇت بولغاندىلا ئاندىن باشقىلارنى خۇشال قىلالايسىز باشقىلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى تەرەققى قىلدۇرۇڭ ،بۇنى مۇنداق چۈشەندۈرەيلى ،ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشىغانلىقىڭىز تېگى تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا باشقىلار ئۈچۈن ياشىغانلىقىڭىز ، سىز تەرەققى قىلىڭ ، كۆچۇيۇڭ ، زورىيىڭ  تەبىئىكى ئەتراپىڭىزدىكى سىزگە موھتاج كىشىلەر سىزنىڭ سايىڭىزدە ئۇلارمۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ . F|p&v7T  
  مۇشۇ يەردە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ : ھازىرقى مۇھەببەتتە ئازاب دېگەن بىر ئوقۇم ئەۋج ئالغان ، ئەمما شۇ ئازاپنىڭ ئىگىسى بولغان سىز ، مەن ھەم ئۇ ،بۇ ئازابنى چۈشەنمەيدۇ ، نېمە ئۈچۈن مەن مۇشۇنداق ئازاپلىنىمەن ؟دىگەننى ئويلىمايدۇ ، بۇ مەسىلىنى مەن ئوتتۇرغا قويغان "مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن "دېگەن نۇقتى نەزەردە تۇرۇپ تەھىلىل قىلىپ كۆرەيلى ، سىز ياخشى كۆرگەن شۇ ئادەم سىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى ، ئۇ باشقا بىرسىنىڭ كەينىدىن كەتتى ، توي قىلىۋالدى ،ۋاھاكازالار... مانا ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ياشىغان سىزنى ياخشى كۆرمىگەن ياكى سىزنى چۈشەنمىگەن ، سىز بىلەن ئۆتۈشكە ئىشەنچىسى يوق سەۋەپلەردىن چۈنكى ئۇ سىز ئۈچۈن ئەمەس ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ ، سىز ئۈچۈن ياشىغان بولسا ئىدى سىزنى تاشلاپ كەتمەيتتى ،كۆزىڭىزدىن ياش ئاققۇزمايتى ، ئەمما سىز نېمىشقا ئازاپلىنىسىز سىزمۇ ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇ كەتتى ئەمدى ئۇ سىزگە بىرىدىغان مەنىۋى ئوزۇقنى باشقىلارغا بىرىدۇ ، سىز بولسىڭىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىسىز شۇڭا سىزمۇ ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياش تۆكىسىز ،  سىز داۋاملىق باشقىلاردىن ئاغرىنىسىز باشقىلارنى قارغايسىز، مەسىلەن سىزنىڭ بىر نەرسىڭىزنى ئوغىرى ئېلىۋالدى دەيلى سىز ئوغرىنى تازا قارغىدىڭىز ئەمما سىز باشقىلارنىڭ سىز ئەمەسلىكىڭىزنى باشقىلارنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئويلىشىڭىز كېرەكتى ، نەرسىڭىزنى چىڭ ساقلىشىڭىز كېرەك ئىدى ،شۇنىڭ ئۈچۈن سىز باشقىلاردىن ئەمەس ئۆزىڭىزدىن ئاغرىنسىڭىز توغرا بولىدۇ ، ئاخىرىسىدا مۇنداق بىر جۇملە سۆزنى سىلەرگە سوۋغا قىلاي  " خەق ئاناڭمىدى ئىشەنگۈدەك " بۇ سۆزنى قانچىلىك چۈشەندىڭىز ، بەلكىم يۈزەكىلا چۈشەنگەنسىز ، مەن باشقىلارغا ئىشەنمەڭ دېمەكچى ئەمەسمەن ، دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى مېھرىبانلىقى ،ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسە ، ھەممە ئادەم ئۆزگىرەيدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭدا تۇغما ئۆزلۈك روھى بار ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىدىن باشقا ھەر قانداق بىر نەرسىگە ئىشىنىشكە بولىدۇ ،ئەمما ھامان بىر كۇنى ئۆزگىرەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك ، مانا بۇ مەن ئويلىغان "ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن" نىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى .
(3 xCW  
_)s 
MzZYzz  
|"h# Q[3  
j9"uxw@  
"تازىلىق ئىشچىسى "دىن توغۇلغان ئويلار 9}p>='  
bH4'j/3  
G"w ?{W @  
  بۇ نوقتا ئۇستىدە پاراڭنى باشلاشتىن بۇرۇن مەن سىلەرگە مۇنداق ۋەقەنى سۆزلەپ ئۆتۇشنى توغىرا تاپتىىم ؛ 'z$BgXh\  
  بىر كۇنى كونا ئادىتىم بۇيىچە كۇچا ئايلىنىپ كىتىپ باراتتىم ، مېنى بىر غەلۋە ئۆزىگە قاراتتى ، بىر كۇچا تازىلايدىغان قىز  بىر نەچچە قىزنىڭ ئالدىدا شۇنچىلىك خىجىللىقتا تۇراتتى ، ئۇ قىزلار ھە دەپ ئۇنى ئۇنداق تازلىق ئىشچى ، مۇنداپ پاسكىنا دىگەندەك دەششەتلىك تىل ھاقارەتلەر بىلەن ھاقارەتلىمەكتە ئىدى ،ئەمما ھېلىقى تازىلىقچى قىز ئۆزۇلدۇرمەي كەچۇرۇڭلار دەتتى ،ئەمما كۆزلىرىدىن مەن تازىلىق ئىشچىسى بولسام نىمە بوپتۇ ، تازىلىق ئىشچىسى بولغان يامانمۇ دىگەن ئىپادە ۋە چەكسىز خۇرلۇق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى ، ھېلىقى ئۈچ قىز بولسا ھېلىلا ئۇ قىزنى يەپ كىتىدىغاندەك ئېغىزلىرىنى بۇزماقتا ئىدى ، ئۇ ئۇچ قىز مۇدا كىيىۋالغان بولۇپ زامانىمىزنىڭ ئاتالمىش مودا ،ئوماق قىزلىرىدىن ئىدى ، ھېلىقى قىز بولسا ئۇچىسىغا ئاددى سەھراچە كىيىنگەن ھەمدە چۇڭا تازلىغۇچى خادىملارنىڭ سېرىققا مايىل جىلىتكىسىنى كەيگەن ئىدى ، ئەتراپقا شۇنداق كۆپ ئادەم يىغىلىپ قالغان بولسىمۇ بىرەرسىمۇ ھېلىقى تازىلىق ئىشچىسىنى ياقلاپ گەپ قىلىدىغانلاردىن بىرسىمۇ چىقمىغاندى كۆپىنچىسى ھېلىقى تازىلىق ئىشچىسىنى ئەيىپلەيدىغاندەك ئۇنىڭغا زەردە بىلەن قاراتتى ، باشقىلارنىڭ گەپ سۆزىدىن دىققەت قىلسام ئىشنىڭ ئەسلىسى مۇنداقكەن ، ئۇ تازىلىقچى قىز چۇش مەزگىلىدە پىيادىلىكلەرنى يۇلىنى تازىلاۋاتقاندا بۇ ئۈچ مودا خېنىم ئۇنىڭ تازىلاۋاتقان يىرىدىن مېڭىۋېرىپتۇ ،ھېلىقى قىز دىققەت قىمىدىمۇ ئېيتاۋۇر ئۇ مۇدا قىزلارنىڭ بىرسىگە سۇپۇرگىسى تىگىپ كىتىپتۇ ، مانا جىدەل مۇشۇ يەردىن باشلانغانكەن ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ زادى قايسى تەرەپنىڭ تۇغىرىدۇ ؟دەپ خىيالدا تۇرۇپ قالدىم شۇ ۋاقىتتا ئارىمىزدىن 40ياش ئەتراپىدىكى بىر ئايال چىقىپ : ZC}'! $r7  
¬__ قىزلىرىم ئەمدى بولدى قىلىڭلار ، بۇ قىز ئەپۇ سورىدىغۇ ؟ يەنە ئۇنى ئەيىپلەشنىڭ ئورنى بارمۇ؟_ دىدى . Cm@e^l!  
قىزلار تەڭلا ھېلىقى ئايالغا تىكىلدى . NA%M)u{|  
__ بۇ سىزنىڭ بىر نىمىڭىزما ؟_ دىدى چاچلىرىنى قاملاشمىغان شەكىلگە كەلتۇرۋالغان قىز `-a](0Q U  
__ ياق ، مېنىڭ بىر نەرسەم ئەمەس  ئەمما ..... ]D(!ua5|x`  
__ ئەمىسىچۇ ، يولىڭىزغا مېنىڭ ، بۇ يەردە ئىشىڭىز يوق ،_ ھېلىقى قىزلاردىن بىرسىنىڭ بۇ گىپىدىن ئۇ ئايالنىڭ گىپى ئۆزۇلۇپ قالدى ،ئەمما چىرايىدا كۇلكە ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى ، GJ YXCi  
__ قىزىم سىز نىمە ئىش قىلىسىز ؟_دەپ سورىدى ھېلىقى ئايال ئۇ قىزلاردىن _dOR-<  
__ بىز بىكا ، كۇندە ئويناپ –كۆلۇپ ياشايمىز ،-دىدى ئۇلار ئارىسىدىكى بىر قىز قاش –قاپاقلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ . 1k-YeQNe  
__ توۋا ، مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاۋاتقان قىزنىڭ تىگى پەس ، مەينەت ... ئەمما سىلەردەك ئۆزىنى تاۋار دۇردۇنغا يۇگىگەن ئەمما بىكارچى قىزلار شۇنچە ئەتىۋا ،ئولۇغما ، توۋا دەيمەن سىلەرگە ....دىدى ئۇ ئايال ، ھەمدە ھېلىقى قىزنىڭ قېشىغا كىلىپ ... يۇرۇڭ قىزىم بۇلار بىلەن تەڭ بولمايلى ، بىز كىتەيلى ،-دەپ ھېلىقى قىزنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ بۇ جايدىن ئېلىپ كەتتى ، ئادەملەرمۇ بىردىن-بىر تاراپ كىتىشتى ،ئەمما مەن شۇ جايدا قاققان قۇزۇقتەك تۇرماقتا ئىدىم ، قۇلاق تۇۋۇمدە ھېلىقى ئايالنىڭ سۆزلىرى ئەكىس ئىتەتتى ، كاللامدا ھايات ، ياشاش ، ھالال رىسىق ، بىكارچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىبارىلەر ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى ،ئويلاپ قالدىم ، بىز شۇنداق بوپ كەتتۇقمۇ  زادى ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ياشاۋاتقان كىشىلىرىمىز قىممەتلىكمۇ ياكى چوپچوڭلا بوپ قالسىمۇ يەنە ئاتا-ئانىسىغا تايىنىپ  قۇرۇق سۆلەت بولىۋالغان بەگزادە ، خانقىزلىرىمىز قىممەتلىكمۇ ؟ بىز ئاشۇنداق تازىلىق قىلسىمۇ ، باشقىلارغا يىللىقچى بوپ ئىشلىسىمۇ ھالال رىسىقىنى يىگەنلەرنى پەس كۆرەمدۇق ياكى ، كۇندە بىكار لاغايلايغان ، قۇلىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان لايىغەزەللەرنىمۇ  ؟ قايسى بىز ئۈچۈن قىممەتلىك دىگەن خىيال كاللامنى ئەگىتتى ، يەنە تىزلا توختا ، قانداقلا كەسىپ قىلمىسۇن ھالال كەسىپ بىلەن شۇغىلىنىدىغان كىشىلىرىمىز قىممەتلىك ، ئۆزىنى بىكارچى دەپ ئاتاشتىن نۇمۇس قىلمىغان ئەنە شۇ كىشىلىرىمىز پەس ۋە يىرگىنىشلىك دەتتىم ، مەن شۇ خىياللار بىلەن ئۆيگىمۇ كەلدىم ھەمدە كومپىيۇتىر ئالدىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ  كىيۇ-كىيۇرىمنى ئېچىپ ھەر ئاماللار بىلەن بىر نەچچە ئادەم قاچىلىدىم ، ئۇلارنىڭ يېرىمىغا ئۆزۇمنى تازىلىق ئىشچىسى دەپ تۇنۇشتۇردۇم ، يېرىمىغا بولسا مەن بىكارچى كۇندە بىكار يۇرىمەن دەپ تۇنۇشتۇردۇم ، ئاخىرقى نەتىجىسگە قارىسام مەن تازىلىق ئىشچىسى دەپ تۇنۇشتۇرغانلارنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمى ياكى گەپ قىلمىدى ياكى بولمىسا گەپلىرى شۇنچىلىك سۇغۇق ، ئەمما مەن بىكارچى دەپ تۇنۇشتۇغىنىمدا بولسا نۇرمال ھەتتا قىزغىن پاراڭغا چۇشكەنلىرىمۇ بار ، بۇ ئەھۋالغا قاراپ توۋا دىدىم ئۆزۇمگە ھازىر جەمىيەت زادى قانداق جەمىيەت ياخشى ياماننى پەرىق ئەتكۇسىز بوپ كەتتۇقمۇ ؟ بىكار يۇرىيدىغان ئادەم مەن دىيىشتىن نۇمۇس قىلمايمىز ، ئەمما ھالال ئىشلىگەننى كۆزگە ئىلمايمىز ، قايسى بىر دۆلەتتە باردۇ مۇشۇنداق ئىش ، قانچە جاپالىق بولسىمۇ ھالال قان تەر بەدىلىگە كەلگەن نىمەتتىن ھۇزۇرلىنىش ياخشى ئىش ئەمەسمۇ . ھازىرقى جەمىيەت بىكارچىلارنى سىغدۇرىدىغان جەمىيەتمۇ ، بىزدە بىكارچىلار شۇنچە كۆپ ، ئۇ بىكارچى سۆلەتۋازلىرىمىز  نۇغۇن ئىشلارنى ياراتمايدۇ ، ئەمما نۇمۇس قىلماي مەن بىكاچى دەپ يۇرىدۇ ، بۇنىڭغا بىز قاچانغىچە يول قۇيىمىز ، بىكارچى دىگەن شۇنچە پەخىرلىك ئىشمىدۇ ، ئەمما مەن يەنە ئىشىنىمەن ، ئەتراپىمىزدا ھالال ياشاشنى پەخىرلىك ھېس قىلىدىغان كىشىلىرىمىز نۇرغۇن ئەمما ھالال ياشاشنى نۇمۇس دەپ بىلىپ بىكارچى يۇرىيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ، ئۇلارنىڭ تەقدىرى زادى قانداقتۇ ؟ توغىرا بىز ئادەم ،ئادەم دىگەن ھامان راھەتپەرەس كىلىدۇ ، ئەمما راھەت شۇنچە ئاسان قولغا كىلىدىغان نەرسىمۇ ؟ ياق ...ياق .. ئەنە شۇ ئەڭ ئاددى خىزمەتتىن باشلاپ تەرەققى قىلغاندا ئەندىن يۇكسىلىشكە ، راھەت تۇرمۇشقا ئىرىشىش مۇمكىن ئەمەسمۇ ، مەن ئىككىلەنمەي دىيەليمەنكى ئوبۇرنى تازىلىغۇچى بۇلۇشقا رازىمەنكى بىكارچى بوپ بىر مىنۇت ياشىمايمەن .
'Cw&9cL9w  
5G5P#<Vv  
'a]4]d  
['9awgkr/  
"مۇھەببەت"تىن توغۇلغان ئويلار   yCznRd}J  
\ HR<^xY  
X|o;*J](  
كىمنىڭ ئىكەنلىكى ئىنىق ئىسىمدە يوق بىر ئەدىپنىڭ "مۇھەببەت" ناملىق كىتانىدا  مۇھەببەتكە " مۇھەببەت- ئىنسانلارنىڭ ئەڭ نازۇك سەزگۇسى ،ئۇ ئىنسانلار بىلەن ئىنسانلارنى ،ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت دۇنياسىنى ،ئىنسانلار بىلەن ھايۋاناتلارنى بىر –بىرسىگە باغلاپ تۇرىدۇ " دەپ تەبىر بەرگەندى ، مەنچە مۇھەببەتكە بۇنىڭدىن ئارتۇق مۇكەممەل تەبىر بولمىسا كىرەك ، مەن مۇھەببەت توغىرسىدا كۆز قاراشلىرىمنى بىر خىللا چۇشەندۇرسەم ياخشى چىقمايدىغاندەك قىلىدۇ بىر نەچچە مەزمۇنغا بۆلۇپ چۇشەندۇرەي : 3FWl_d~uD  
مۇھەببەتنى قەدىرلەش:
   p)_v.D3i  
بىز كۆرۇپ تۇرۇپتىمىز مۇھەببەت ئىنسانلارنىڭ ئەڭ نازۇك سەزگۇسى ،بۇ نازۇك سەزگۇ پەرۋىشكە مۇھتاج ، ئەمما مۇھەببەتنىڭ پەرۋىشى ھەرگىزمۇ شەھۋانى ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ، بىر –بىرسىدىن پايدىلىنىش ئەمەس ، ئۇنىڭ پەرۋىشى ھۆرمەت ۋە ۋاپا ، ئەمما ھازىر مۇھەببەتلەشكەنلارنىڭ قاچىلىكى ئۆزى يۇرگەن شۇ كىشىنى قانچىلىك ھۆرمەتلەيدۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ، مەن بىر مىسال ئېلىپ باقاي : بۇ يىگىتنىڭ قىلغىنى قىزنى ھۆرمەتلەشمۇ ياكى قىزنى بىزار قىلىشمۇ  ھەر قايسىڭلار باھا بىرىپ بېقىڭلار ؟    مېنىڭ بىر دوستۇم بۇلىدىغان ئۆزى يۇۋاشمۇ دەپ كەتكىلى بولمايدىغان ، بەك يامان ئەسكىمۇ دەپ كەتكىلى بولمايدىغان ئىشقىلىپ ئويۇن تاماشادىن قالمايدىغان ، خىزمەتتىنمۇ قالمايدىغان بالا ئىدى ، ئەمما ئۇنىڭ بىر كىمچىلىكى ئۇ 4~5 قىز بالا بىلەن يۇرگەن بولسىمۇ ئەمما ھېچ بىرسى بىلەن ئۇزۇن يۇرەلمىگەن ئىدى ، شۇنىڭغىمۇ ئۇ باشقىلار ئالدىدا سەل ئوبرازىنى يۇقۇتۇپ قويغاندى ، بىر كۇنى مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ، ئۇ ماڭا مۇنداق دىدى : e,j2#wjor  
  ئاداش ساڭا دەپ بەرسەم قارا ھازىرقى قىزلارنى ھۆرمەتلىسە قەتئى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن جۇمۇ ؟ |Z\?nZ~  
__ قانداق دەيسە ؟ ,&+"|,m  
___ قارا ئەكبەر مۇھەببىتىنى نەچچە كۇندە بىر ئۇرۇپ ،تىللاپ قويسىمۇ ئۇلار يۇرىۋاتقىلى 3يىلدىن ئېشىپ قالدى ،ئەمما مەنچۇ ؟ مەندىكى خاتالىق زادى نىمە ؟ مەن يۇرگەن قىزنى ھۆرمەتلەش يۇزىسىدىن بېشىمغا ئېلىپ كۆتۇرمىدىم ، ئۇ نىمە دىسە مەن ئامالنىڭ بارىچە قىلىپ بەردىم ، ئۇنى خۇشال قىلىشنى ئۆزۇمنىڭ بۇرۇچۇم دەپ بىلدىم ، ئۇنى ئانامنى كۆرگەن كۆزدە كۆردۇم ،ئۇنىڭغا بارلىق مېھرىمنى بەردىم ئەمما مەن بىلەن يۇرگەن شۇ قىزلار مەن بىلەن ئۇزۇن يۇرمەيلا ئايرىلىپ كەتتى ، قانداق قىلىمەن ،بىرسىدىن ئايرىلىپ مەڭگۇ شۇنىڭغا ساقلاپ ئۆتەيمۇ ؟ تەنھالىق ياماندە مەن يەنە بىرسى بىلەن يۇرۇپ ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلسام ئۇمۇ كەتسە مەن شۇنداق ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولسام قانداق قىلىمەن ، بەزىدە ئويلىنىپمۇ قالىمەن ، قىزلارنى ھۆرمەت قىلماي ،بىر نەچچە كۇندە ئاز تۇلا ئەدىۋىنى بىرىپ قۇيۇپ ، بىرەر نەرسە دەپ قالسا توۋلاپ ۋارقىراپ قۇيۇپ يۇرسە ئاندىن بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپمۇ قالدىم ، سەن دەپ باققىنە مەندىكى سەۋەنلىك زادى نىمە ؟ مەن زادى قايسى ئىشنى خاتا قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلار مېنى تازلاپ كىتىدۇ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ ياكى بارلىقىمنى شۇلارنى خۇشال قىلىشىم ئۈچۈن بېغىشلىغانلىقىم ئۈچۈنمۇ زادى نىمە ؟_دىدى ئۇ ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ ، مەن نىمە دىيىشىمنى زادى بىلمىدىم ، ئەمما ئويلىنىپ قالدىم ، مۇھەببەتتە بىر –بىرىسىگە كۆڭۇل بۆلۇپ ئۆتۇش ياخشى ئىش ، ئەمەلىيەتتە قىز دادىسىغا ،ئوغۇل ئانىسىغا ئامراق كىلىدۇ بۇنى ھەممە كىشى بىلىدۇ ، بىر ئائىلىگە بىرگۇچى ئىككى كىشى ، ئوغۇل قىزدىن ئانىسىدىن كۆرگەن كۆيۇنۇشنى ھېس قىلالىسا ، قىز بولسا دادىسىدىن كۆرگەن قوغداش ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلالىسا ھەمدە ئەنە شۇلارنى ھۆرمەتلىگەندەك قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلىيەلىسە مانا بۇ مۇكەممەل مۇھەببەت بۇلاتتى ، ئەمما ھازىر دوستۇمدەك كۆيۇنسە ،ئۇنى قىزلار بوشاڭلىق دەپ ھېس قىلسا ياكى باشقىلار .... بۇنى قانداق چۇشىنىمىز ، بىزلەرگە ھەقىقىتەن تاتلىق ئەمەس ئاچچىق لازىممۇ ؟ پەقەت بىلمىدىم ،ھەم بۇنىڭغا ئۆزۇممۇ جاۋاپ تاپالمىدىم ، ھېلى ھەم ئۇ دوستۇم جاۋاپسىز يۇرۇيدۇ ، ياخشىسى بۇنى مۇنبەرداشلار جاۋاپ بەرسە بولغۇدەك . w8MQA!=l  
مۇھەببەتتىكى ئازاپلار
   ?&qa3y)wX:  
مۇشۇ يېقىندىن بىرى نۇرغۇن كىشلەر ئازاپلىق ، مىسكىن بوپ قالدىمىكىن بۇنى بىلمىدىم ،ئېيتاۋۇر مۇشۇ نەچچە كۇندىن بىرى مۇھەببەتتە ئازاپ تاتقانلار ئۇدۇل مېنى ئىزدەپ كەلگەندەك بەك كۆپ كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ھەسرەتلىرىنى ئاڭلاپ كەتتىم ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تەسەللى سۆزلىرىنى قىلساممۇ ئۇلارنىڭ بۇنداق ساراڭلارچە قىلىقلىرى مېنى قاتتىق كۆلكىگە قىستىدى ، ئازاپ دىگەن نىمە سىز بىلەمسىز؟  مەنچە ئازاپ ، ھەسرەت دىگەن ئاچارچىلىق ،يوقسۇزلۇق، يىلىنىش ۋە باشقىلارغا باش ئىگىش مانا بۇ ھەقىقىي ئازاپ ۋە ھەقىقى ھەسرەت ، مۇھەببەتتىكى ئۇ ۋايجان مەن ئۇنداق كۆيگەن تاشلىۋەتتى ، مەن بۇنداق ياخشى كۆرەتتىم باشقىسى بىلەن توي قىلىۋالدى ، بۇ نەدىمۇ ئازاپ بولسۇن ، مەن باشتىكى تىمامدا تىلغا ئالغانغا ئوخشاش بۇ دىگەن ئۆزى ئۈچۈن ياشاشتىن ئىبارەت ، سىز بىلەن بىرگە ئۆتۇشكە ئىشەنچىسى قالمىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۈچۈن ئەمەس ئۆزى ئۈچۈن ياشاپ باشقىلارنىڭ قېشىغا كەتتى ، بۇنى يەنە ھازىرقى بەزى مۇدا گەپلەر بىلەن چۇشەندۇرسەك ، سىزنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن ئۇنداق كىشى سىزنىڭ كۆز ياش قىلىشىڭىزغا ئازاپلىنىشىڭىزغا قىلچە ئەرزىمەيدۇ ، مەن كۆيدۇم ،پىشتىم دەپ ئاھ چىكىسىز ،ئەمما سىز ياخشى كۆرگەن كىشى بولسا ئۆزىنىڭ بەخىتلىك خۇشال تۇرمۇشىنى كەچۇرىدۇ ، ئاخىرقى ھېساپتا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا باشقا بىرسى ئەمەس سىز ، مۇھەببەتتە ئازاپلىنىشقا ئەرزىيدىغىنى سىز ئۇنى ياخشى كۇرىسىز ،ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ ،ئەمما تۇيۇقسىزلىق تۇپەيلى قارشى تەرەپ قازا قىلدى ،بۇنىڭغا ئازاپلىنىشقا ئەرزىيدۇ چۇنكى ئۇلار مۇھەببەتىنى قەدىرلەتتى ، مۇھەببەتنى ھەقىقى چىن مەنىسىدىن چۇشەنگەن . SVr3OyzI  
بۇ مۇھەببەتنى يەنە بىر نوقتى نەزەردە تۇرۇپ تەھلىك قىلايلى ، مۇھەببەت ئىنتايىن شەخسىيەتچى نەرسە شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى بىر كىشى بىلەن يۇرىدۇ ، سىز قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ئەمما قارشى تەرەپ باشقا بىرىسىنى ياخشى كۆرسە ،بۇنىڭغا قىلچە ئامال يوق ، چۇنكى كۆڭۇل بىر ، سىغىدىغان ئادەممۇ پەقەت بىر ،ئەمما سىزنى قەدىرلىمىگەن ئادەمگە ئازاپلىنىپ ياش تۆكۇپ يۇرۇشنىڭ ئۆزى ئارتۇقچە ، بۇنداق ئەرزىمەس ئىشقا تۆكۇلگەن ياشنىڭمۇ ھامان بىر كۇنى قەدىرى ئۆتىلىدۇ . %}< e;t-O  
چىن مۇھەببەت يىغلايدۇ
cvoE4&m!  
  مۇشۇ يېقىندىن بىر مۇھەببەتتە ئازاپ چەككەنلەرنىڭ ئازاپلىرىنى ئرڭلاش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ مۇھەببەت دىگەن دەپ قېتىۋېلىپ ھەرخىل ھەرياڭزا گەپ سۆزلەردە تىللاشلىرىنى قارغاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم ، بۇرۇندىن كىيۇ-كىيۇغا شۇنداق مۇھەببەتنى ھاقارەتلەيدىغان ئىسىملارنى قۇيىۋالغانلىقى كۆرۇپ تۇراتتىم ، ئالدىنقى كۇنى بىر ناخشا ئۇچۇرتۇپ قالدىم ، بۇ ناخشىدا ساپلا مۇھەببەتنى ھاقارەتلىگەنگەن ، مۇشۇ ۋاقىتتا شۇ مۇھەببەتىنى ھاقارەتلەۋاتقانلاردىن " مۇھەببەت سىزگە نىمە قىلدى ؟" دەپ سورىغۇم كىلىپ كىتىدۇ ، مۇھەببەت ھەرگىزمۇ ماددى نەرسە ئەمەس مەنىۋى نەرسە ، ئۇنى سىز باشقىلارغا بىرىۋېتەلمەيسىز ،ئەگەر بىرىۋەتكىلى بولسا سىز مۇھەببىتىڭىزنى ياخشى كۆرىشىڭىزنى دوستىڭىزغا بىرىپ بېقىڭ كۆرۇپ باقاي ،ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ ، مۇھەببەت ھەمىمىزنىڭ دىلىمىزدا ، ئەمما بىز ئۆزىمىز ئۇنى قەدىرلىمەي ،ئۇنى خار قىلىپ كۆزلىرىدىن تارام –تارام ياش تۆكىلىۋاتقان مۇھەببەتكە ئەكىلىپ بىرمۇنچە بۇھتانلارنى چاپلاپ ئۇنى تېخىمۇ ئازاپلىساق بۇ قاملىشارمۇ مۇھەببەت سىزگە نىمە قىلدى ، سىزنى مۇشۇنداق ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويغىنى مۇھەببەتمۇ ياكى ئادەممۇ ، سىز مۇھەببەتنى ئەمەس ئاشۇ ئادەمنى تىلىسڭىز توغىرا بۇلامدۇ قانداق ؟  قاراڭ سىز مۇھەببەتىنى ھاقارەتلەۋاتقاندا سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى مۇھەببەت سىزدىن يۇز ئۆرىدى چۇنكى سىز ئۆز مۇھەببىتىڭىزنى ھاقارەتلىدىڭىز ئۇنىڭ دىلىنى ئاغىرىتىڭىز شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يىغلامسىرىدى ، بۇيۇن قىستى . q> ;u'3}  
ھازىر چىن مۇھەببەت يوقمۇ ؟
   @|e4.(9A  
چىن مۇھەببەت ھازىرمۇ بار ئۇ ئۆچمەيدۇ ،يۇقالمايدۇ ئەمما ھازىرقى ياۋرۇوانىڭ ئالا بۇرۇن ناچار قارىلىپ شاللانغان مەدەنىيىتىنى ئالدىن قۇبۇل قىلىۋالغان بەزى ياشلىرىمىز ئەركىن تۇرمۇشنى ،ئەركىن نىكاھنى تالىۋالدى ،ئەمما بۇنداق ئەركىنلىككە زىرىككەن ياۋرۇپالىقلار ئەركىنلىكتىن ئىللىق ئائىلىگە قاتقان ئىدى ،بىز بولساق ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىۋالدۇق ،قۇبۇل قىلىش ئومۇميۇزلۇك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئالداش ،ئالدىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئەسەبىي كۇچ بىزگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق ئەكەلدى ، ساپ نىيەتلىك  ئوغۇل –قىزلىرىمىز قەلبىدىكى مۇھەببەتكە قۇلپا سېلىشقا مەجبۇر بولدى ، ئوت يۇرەك يىگىتلىرىمىز غورۇرىنى بولغاشنى راۋا كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن مۇھەببەتتىن يىراقلاشتى ، پاك مۇھەببەت پەقەت قەلىپ تۇرمۇسىگە مەھكۇم بولدى ، ئىشەنىچتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تەركىپ ئۆز ئىپادىسىنى قانداق تېپىشنى بىلمىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن چىن مۇھەببەت پەقەت ئېغىزىمىزدا بار ئەمەلىيىتىمىزدە يوق مەھرۇم بىر نەرسىگە ئايلاندى .
>[,ywRJ#_}  
d! BQ%a  
"nkj_pC  
  دوسلار ئەمدى ئاساسى مەقسەتكە كىلەيلى ، مەن بىر نەچچە تىما ئۇستىدە ئۆزۇمنىڭ كۆز قارىشىنى ئويلىغانلىرىمنى ۋە ئاڭلىغان ئوقۇغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم ، بۇلار پەقەت مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىم ، ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىلەر ئۇستىدە ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئۆزى ئويلىغانلىرى كۆز قاراشلىرى ، مەيدانى بار دەپ ئويلايمەن ، شۇڭىلاشقا  تورداشلارنىڭ مەدىھلەش تىللاش دىگەندەك ئىنكاسلارنى يازماستىن مۇشۇ تىمىلار ئۇستىدە ئۆز قارىشىنى سۆزلەپ بېقىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆمۇد قىلىمەن ، يەنە ئارقىقلاردا مەن ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان بەزى مەزمۇنلارنى سۇئال تەرىقىسىدە سىلەرگە قالدۇردۇم شۇنىڭغىمۇ ئويلىغىنىڭلارنى دەپ باقساڭلار ، شۇ ئارقىلىق بۇ تىمىلاردا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەزمۇنلاردا نۇرغۇن مۇنازىرىلەر ، پىكىرلەر توپلانسا ئۆزىنىڭ نىمە قىلىشىنى بىلمىگەن تەمتىرگەنلار بۇنى كۆرۇپ ئۆزىنىڭ قايسى يولدا مېڭىشىنى بىلىۋالسا ئەجەپ ئەمەس ، شۇندا ئاندىن پېقىرنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ ،ئەمىسە قالغىنى سىلەرگە كەتتى k,) xv ?  
$0uh8RB  
wR7Ja cKv  
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
[ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-08-19 11:15 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-19, 23:15
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +200
xiren0997 مۇنبەر پۇلى +50 08-20 قەلمىڭىزگە تەشەككۈر.
musilina مۇنبەر پۇلى +150 08-20 ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ...
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئازاپتىن   چاكىچاك  يېرىلىپ  يۇرەك.
چىن سۆيگۇ نەدە دەپ كۆتىرەر غەليان.
ئىشەنىچ ۋە ساداقەت بولمىغاچ بىزدە،
قىز-يىگىت غەپلەتتە يۇرىيدۇ ھەريان.
gvlnigar99
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47047

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   32 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   419 (سوم)
 ياخشى باھا:   90 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 287
 سائەت
دەرىجىسى:
287 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-09-27
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

بىرىنجىسىگە كەلسەم ، ھەممە ئادەم ھالقىلىق پەيتى كەلگەندە ئۆزىنى ئويلايدۇ ، شەخسىيەتچىلىك بىز ئىنسانلارنىڭ ھەممىمىزدە بار . ئىشەنمىسىڭىز سىز دوستلۇرىڭىز بىلەن بىللە بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈڭ ، سۈرەتنى قولىڭىزغا ئالغاندا ئەڭ ئاۋۋال سەپ سالىدىغىنىڭىز  دوستلىرىڭىز بولماستىن بەلكى ئۆزىڭىز . ]ZMFK>"^%  
ئەمدى مۇھەببەت توغرىسىدىكى ئويلىرىڭىزغا كېلەيلى ، مۇھەببەت بىرلا تەرەپنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ياكى تىرىشچانلىق كۆرۋىتىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ ، چاۋاكمۇ ئىككى قولدىن چىقىدۇ ئەمەسمۇ W0I)< S  
Q)IL]S  
Uh w:XV@m  

 
بالىلارنى تېلىۋېزور بۇزىۋاتسا غىڭ قىلمايسەنۇ بالاڭ تېلىۋېزورنى بۇزۇپ قويسا چىچاڭشىپ كەتكىنىڭ قىززىق !
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4313 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55313 (سوم)
 ياخشى باھا:   2670 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1675
 سائەت
دەرىجىسى:
1675 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

تۇرمۇش ھەقىقەتلىرى  ناھايىتى ئەمىلىي مىساللار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ، l+UUv]:1  
تۇرمۇش تەجىربىلىرىنىڭ ئەمىلىي  كۆرۈنۈشلىرى....
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
yal_guz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11309

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   198 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6911 (سوم)
 ياخشى باھا:   599 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   648  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 352
 سائەت
دەرىجىسى:
352 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

كۆزلىرىم ئاغرىپ كەتتى ،،،، ئاخىرىسىنى ئەتە ئوقۇپ ئەندىن ئىنكاس يازاي
 
白绿光
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8068

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   121 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4674 (سوم)
 ياخشى باھا:   356 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   465  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 62
 سائەت
دەرىجىسى:
62 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-27
ئاخــىرقىسى:2011-10-16
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

روسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئارخۋىنىڭ بىشىدا « تازىلىق ئىشچىسى » ئەڭ ئاخرىدا « زۇڭتۇڭ » دىگەن خەتلەر بار . k8b5~A,  
ھازىرقى زۇڭتۇڭ مىدىۋىۋ    دەسلەپ تازىلىق ئىشچىسى ھازىر بولسا زۇڭتۇڭ بولاغلىق .
 
كومپڭۇتىردا كەم بولغىنى --- تەپەككۇر .
nargiza~aaa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51975

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   27 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   421 (سوم)
 ياخشى باھا:   85 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 133
 سائەت
دەرىجىسى:
133 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-17
ئاخــىرقىسى:2011-08-25
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

ياخشى تېما بوپتۇ .ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
 
xiren0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40474

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   872 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3692 (سوم)
 ياخشى باھا:   545 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   421  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2389
 سائەت
دەرىجىسى:
2389 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-20
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

ئەسسالام ئەلەيكۇم،تېمىڭىز ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ. [LQOP3f  
1-تېمىدىكى ‹‹ئاخىرىسىدا مۇنداق بىر جۇملە سۆزنى سىلەرگە سوۋغا قىلاي  " خەق ئاناڭمىدى ئىشەنگۈدەك " بۇ سۆزنى قانچىلىك چۈشەندىڭىز ، بەلكىم يۈزەكىلا چۈشەنگەنسىز ، مەن باشقىلارغا ئىشەنمەڭ دېمەكچى ئەمەسمەن ، دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى مېھرىبانلىقى ،ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە نەرسە ، ھەممە ئادەم ئۆزگىرەيدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭدا تۇغما ئۆزلۈك روھى بار ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىدىن باشقا ھەر قانداق بىر نەرسىگە ئىشىنىشكە بولىدۇ ،ئەمما ھامان بىر كۇنى ئۆزگىرەيدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك ، مانا بۇ مەن ئويلىغان "ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن" نىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى . ››مانا بۇ گەپنى ھەق دەپسىز،بەزىدە ئەڭ يېقىن دوستۇم دەپ قاراپ ئىشنىپ كەلگەن ئادەممۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۈشمەن چىقىدىكەن،ياكى ماڭا شۇنداق ئادەم ئۇچرامدىكىن.شۇڭا مەنمۇ ھازىر سىرلىرىمنى ئاپامغا ئېيتىمەن،باشقا بىرىگە ئىشىنىپمۇ كەيمەيمەن. U#bmMH  
; 
2-تېمىڭىزمۇ ئەمەلىيەتنى يېزىپسىز،ھازىرقى جەمىيەت شۇنداق بولۇپ كەتتى،شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيسام يېشى مانچىگە بېرىپ قالغان بىرەسى مەن بىكارچى دېسە كۆزۈمگە يامان كىشىدەك كۆرىنىدۇ ياكى بولمىسا ئۆتۈپ كەتكەن ئاقنانچى كۆرىنىدۇ،تېخى شۇنداقلار ئۆزىدىن پەخىرلىنىدۇ،ھازىرقى تەرەققىيات ھەم مەدەنىيەتكە ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئېسىل كىيىنىپ يۈرگەنلەر ئۈستى-بېشىغا چۇشلۇق قورسىقىدا ئومىچى بولمىسىمۇ شۇلارنى مەدەنىيەتلىك ھېساپلايدۇ،كۆپ ھاللاردا شۇنداقكەن مەنمۇ بۇنى ھېس قىلىپ يەتتىم،قورسىقىدا بىلىم يېتىپ ئاشقىچە لېكىن ئائىلىسى نامرات ھەم خىزمەت ئىشى تەرەپتىن ياخشى چىقمىغانلارنى نامراتلىقىنى دەپ بولسىمۇ چەتكە قاقىدىغانلار جىق.لېكىن شۇ نامراتلارنىڭ بىكار تەلەپ يۈرگەن بايلاردىن مىڭ ھەزە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ،چۈنكى ھازىرقى جاھاندا پۇلى بارنىڭ ئىشىمۇ گېپىمۇ ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ توڭ زامانىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ti$60Up  
H:OpS-b  
3-تېمىڭىزغا كەلسەك يېرىمىنى ئوقۇدۇم ئاخىرىنى ئوقۇغۇم كەلمىدى. J"@X>n  
:>Bk^"  
تېمىڭىزغا رەھمەت.
 
ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش،
ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش.
ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش،
قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.
TATLIHIM
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.479

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1232 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3361 (سوم)
 ياخشى باھا:   404 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   500  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3045
 سائەت
دەرىجىسى:
3045 سائەت 195 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

توغرا مۇھەببەتنى شەرھلىشىڭىز مېنىڭچە مۇكەممەل دەپ قارايمەن . بىرسىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىش بىز ئىنسانلارنىڭ تەبئىي ئاجىزلىقى بولسا كېرەك . ئازاپ مېنىڭچە دەل بىرسىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ .دۇنيا تۈرلۈك-تۈمەن سىناقلار بىلەن تولغان مەيلى بىز بۇ يەردە قانچىلىك قاقشايلى،ھەممە ئۇڭۇشسىزلىقلار سىزنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئۇتتۇرىغا چۈشۈپ ھەل قىلىشىڭىزغا باغلىق ! مۇھەببەتمۇ ھەم شۇنداق ! بۇ سۆزلىرىمنى ئەمدى چۈشىنىش -چۈشىنەلمەسلىك ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرىغا باغلىق خالاس . )4-!]NsV  
                             ____تاتلىغىم_____
 
مۇھەببەتنى خارلىما ئىنسان !
نۇربىيە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28086

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   919 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8875 (سوم)
 ياخشى باھا:   1547 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3376
 سائەت
دەرىجىسى:
3376 سائەت 124 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

نەق گەپلەرنى قىلىپسىز بىراق داۋامىنى ئۇقۇيالمىدىم ،بىلىمىدىم يېقىنىدىن بۇيان كۆپرەك نەرسىلەرنى كۈرۈپ قالسام ئىچىم تىتىلدايدىغان ئاخىرغا بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم ،؟
 
قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،
قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،
ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،
كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .
nurmamat0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.52311

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   311 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3136 (سوم)
 ياخشى باھا:   601 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2270
 سائەت
دەرىجىسى:
2270 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

كۆڭۈلدىكى سۆزگە چىقىپلا دەيدىغان گەپلەركەن بۇ،،
 
يامان دىمە ئالدىراپ،،ياماننىڭمۇ ھامان بىر كۈنى ياخشى تەرەپلىرىنى بايقايسەن
muhetaer
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1902

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   17 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5676 (سوم)
 ياخشى باھا:   191 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   262  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 38
 سائەت
دەرىجىسى:
38 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-08-25
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

مىنىڭ چە  2 -بەك ياخشى يىزىلىپ تۇدەپ كاراي مە بۇنىڭ داتۇرمۇش كارتىنىسى تولۇق ئەكىس ئتىپ تۇ  كوزتەگمىسن  
 
kaysar008
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6979

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   108 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5491 (سوم)
 ياخشى باھا:   251 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3211
 سائەت
دەرىجىسى:
3211 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-21

    
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى