مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       4566 
  •    ئىنكاس 
       56 

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى

قەۋەت ئاتلاش
arman81
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9646

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   157 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8882 (سوم)
 ياخشى باھا:   1014 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1508  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2166
 سائەت
دەرىجىسى:
2166 سائەت 134 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-10

                                                ئاپتۇرى:  ئىبراھىم نىياز W\(u1>lj  
\JJ>y  
ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەنھ كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ. 4=j,:q  
جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۆز زامانىسىدىكى ئەخمەت ئاكا سۇنايچى، روزى ئاكا (باشى) لار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن بارلىق ھېيت ئىشتراكچىلىرىنىڭ رەھمىتىنى ئالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھەربىر قېتىملىق ھېيتتا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىگە بۇلاتتى. گىزى كەلگەندە بۇ ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ ئۆتسەك يامان كەتمەس؛ قەشقەر خەلقى، ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ خۇشتار، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتىكى ئالتە كۈنلۈك ئارام ۋە خۇشاللىق ۋاقتىنى ئاشۇ ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھېيت كۈنلىرى ئۇمۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ساما سېلىش بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيىتىدۇر. «ساما» بىر خىل سەنئەتلىك ئۇيۇن بۇلۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىشتا ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئادەتتە يالغۇز كىشى، ئىككى كىشى ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئۇرۇنلانسا، «ساما» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئۇرۇنلىنىدۇ. يۈزلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھەربىر كىشى ئۆز دائىرسىدە بىر خىل رەتلىك ئايلىنىدۇ. تاماشىبىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر خىل رەتلىك ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە گويا بىرلا كىشى ھەركەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. «ساما» دا پەقەت ناغرا، سۇناينىڭ ئاھاڭ يۆتكىشى بىلەن رېتىم ئالمىشىدۇ. مەيدانغا چۈشۈپ «ساما» سالغانلارمۇ ناغرا- سۇناينىڭ مۇڭلۇق، يارقىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلىپ ھېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان جامائەتمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ. #q;hX;Va  
بۇ ئىككى ھېيت مەزگىلدە ھېيتگاھ مەيدانىدا ھېيت تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلار يالغۇز قەشقەر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ قالماستىن، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىنمۇ كىشىلەر كېلىپ ھوزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە قەشقەر شەھىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ھېس قىلىشىدۇ. lpW|GFG  
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى }uI(D&?+h  
GZL{~7n  
تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى. مىلادى 1442- يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ- ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئۇبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بۇلۇپ مۇشۇ ئۇرۇنغا دەپنە قىلىنغان. ھىجىرىيىنىڭ 944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئۇبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مىلادى 1787- يىلى (ھىجىرىيە 1201- يىلى) يىڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان. z3l= aAw8  
XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ھىجىرىيىنىڭ 1224- يىلى (مىلاد 1809- يىلى) شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان. بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان. ھىجىرىيىنىڭ 1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئۇمۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان. ھىجىرىيىنىڭ 1255- يىلى (مىلادىنىڭ 1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان. }3tbqFiH  
XIX ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ھىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن قەمىر قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان مۇنچا، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن. xS~O Acxg  
ھىجىرىيىنىڭ 1320- يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش ① زىلزىلىسى يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار زەخىملەنگەن ئىدى. لېكىن ھىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905- يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن «ئاخۇن باي» دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان. \z}/=Qgc  
ھىجىرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، دەرەخلەر تۇلۇقلاپ قويۇلغان، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان. us&!%`  
ھىجىرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە «ئىسلامى مەدرسى»- مەسچىت ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان. -*[?E!F  
ھىجىرىيىنىڭ 1355- يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن. | v? pS  
ئازادلىقتىن كېيىن جامەنىڭ يېڭى باھارى باشلاندى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ جامەنى «ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۇرۇن» قىلىپ بىكىتىپ بىر قانچە قېتىم چوڭ- كىچىك رېمونت قىلدۇردى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قۇرۇلغاندا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىپ سىرلاپ، ئاقارتىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. 1983- يىلى 100 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ جامەنى چوڭ رېمونت قىلدى. جامەگە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئىگىدارچىلىقنى كۈچەيتتى. \bt+46y@]  
ھازىر ھېيتگاھ جامەسى ۋە مەيدانى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي- مەدەنىي پائالىيەت مەركىزى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئېكىسكۇرىسىيە ۋە زىيارەت سورۇنىغا ئايلاندى. '4PAH2&n  
قەشقەر شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق شەھەر قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن بىرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دوستلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئالدىن زىيارەت قىلىدىغان ئورنى ھېيتگاھ جامەسى بولماقتا، بۇ جامەنىڭ ئورنى، ئابرويى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەكتە. u-W6 hZ$  
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى. ^*7~ Wxk5  
\NYtxGV[Z  
ھېيتگاھ جامەسى، شىنجاڭ بويىچە، شۇنداقلا مەملىكىتىمىز بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىت ۋە مەدرىسىدۇر. بۇ جامە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ساھەدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە، ھەمدە قەشقەرنىڭ ئىلىم- مەرىپەت، ھۈنەر- سەنئەت ماكانى بۇلۇشتەك ئېسىل خىسلىتىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلق بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر. %IS'R`; 3  
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى- 140 مېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 120 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر مەيدانى، 25.22 مو كېلىدۇ. بۇ جامە : دەرۋازا، ھويلا، مەسچىت، مەدرىس، ھۇجرىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. دەرۋازا قىسمىدىن ئالغاندا مۇنار، دەرۋازا، گۈمبەز قاتارلىق ئۈچ قىسىم بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە ھاسىل قىلىدۇ. ;H#'9p,2  
جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى 4.30 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.70 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ دەرۋازا ئورنىتىلغان تامغا مېھراب شەكىللىك نەقىشلەنگەن تەكچىلەر چىقىرىلغان. دەرۋازىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تامغا رەڭدار زىننەتلەنگەن تۆت مېتىر كەڭلىكتە، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى مېھراب، ئەگمە شەكىللىك ناۋا ئاستىغا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرى يېزىلغان ئىككى مېتىر كەڭلىكتە، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە رەڭدار نەقىشلىك بىر چاسا تاختا بار. sPCp20x:y8  
دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا ئېگىز، ھەيۋەتلىك، كۆركەم سېرىق سىر بىلەن چىرايلىق سىرلانغان ئىككى مۇنار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇنارلار شەھەرگە كۆركەم، ھەيۋەتلىك تۈس بېرىدۇ. بۇ ئىككى مۇنارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان گەج ۋە پىششىق خىش بىلەن ئېتىلگەن چاتما تامنىڭ ئارىلىقى 28 مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچىدە ئايلانما پەلەمپەيلەر بۇلۇپ، مەزۇن، ئاخۇنۇملار شۇ پەلەمپەيلەر بىلەن ئۈستىگە چىقىپ مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىدۇ. مۇنارنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر دەستلىك ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ئاينىڭ شەكلى ئورنىتىلغان. ھەممە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. {;(X#vK}9  
جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن گۈمبەز ئىچىگە كىرىسىز، گۈمبەزنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك ئايلانمىسى، ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە جامە سەيناسىغا كىرىدىغان مېھراب شەكىللىك ئىشىكى بار. )k F/"' o  
گۈمبەزنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى 40 مېتىر، ئېگىزلىكى 12.5 مېتىر، ئۈستى ئېگىزلىكىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنار بېكىتىلگەن بۇلۇپ، بۇ مۇنارنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 18.5 مېتىر كېلىدۇ.بۇ گۈمبەز ئالەم گۈمبىزى بىلەن رىقابەتلەشكەندەك تىك تۇرىدۇ.دەرۋازىنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە يۆلەپ سېلىنغان 46 ئېغىزلىق دۇكان بۇلۇپ، بۇ دۇكانلارنىڭ ئىجارىسى مەسچىت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. RUTlwTdv  
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدى- شەھەرنىڭ ئەڭ قۇيۇق ئېلىم- سېتىم، سودا بولىدىغان بازىرىدۇر.بۇ جامە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئېگىز ھەم ئازادە بىر پەشتاق ياسالغان، ھەر يىلى قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيت كۈنلىرىدە پەشتاقتا ناغرا، سۇناي ئاۋازى ياڭراپ، ھېيتگاھ مەيدانىغا توپلانغان تۈمەنلىگەن كىشىلەر بايرام خۇشاللىقىنى تەنتەنە قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇن- ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت- بايراملىرىنى قۇتلۇقلايدىغان مەيدانى بولغاچ ھېيتگاھ دەپ ئاتىلىدۇ. پۈتۈن مەسچىت سەينا (ھويلا) سىنىڭ كۆلىمى ئىككى مودىن ئارتۇق، ئىككى كۆل بار. بۇ جامەدە ھەر كۈنى 3- 4 مىڭ كىشى، جۈمە كۈنلىرى 5-10 مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. ھېيت كۈنلىرىدە 40-50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. جامە ھويلىسى بىلەن كايۋاننى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ماشرەڭ سىرلانغان رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ. رىشاتكىنىڭ ئېگىزلىكى 1.50 مېتىر، كايۋانغا كىرىش ئۈچۈن ئۈچ ئورۇنغا ئىشىك ئورنىتىلغان. 0G/VbS  
مەسچىت قىسمى ئىچكىرىكى مەسچىت (خانىقا) تاشقىرىقى مەسچىت (پىشايۋان)، كايىۋاندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.5 مېتىر، كەڭلىكى 10.5 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى 456 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. )hH9VGZq(  
wj>mk  
جامەنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى تامغا چىقىرىلغان مېھرابتا خاتىپ ئاخۇنۇم خۇتبە ئوقۇيدۇ. تاشقىرىقى مەسچىت، كايۋانلارنى قوشۇپ ئۈستى يېپىلغان قىسمىنى ھېسابلىغاندا 2660 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. كايۋان تۇرۇسلىرىنى يەتتە مېتىر ئىگىزلىكتىكى 140 تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دېمەك، جامە دەرۋازا، مۇنارلار، پەشتاقلار، گۈمبەز- رىشاتكىلار، ئاجايىپ نەقىشلەنگەن تۈرلۈك قۇرۇلمىلار بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇردۇر. ^/ K\a ,  
مەنبە: قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1989- يىلى نەشىر قىلغان،  «تارىختىن قىسقىچە بايانلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
[ بۇ يازما arman81 تەرپىدىن 2011-08-19 04:49 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-19, 18:20
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 3 پارچە مۇنبەر پۇلى +300
UYGHURAAA مۇنبەر پۇلى +100 08-21 رەھمەت.
toxkanjan مۇنبەر پۇلى +100 08-20 قەشقىرىمنىڭ گۆھىرى ھېيتگاھ
hakekat مۇنبەر پۇلى +100 08-19 ئىسىل بىرتىما يوللاپسىز
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئۇيغۇردەك ياشايلى!!!
tokmak036
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51752

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   100 (سوم)
 ياخشى باھا:   9 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9
 سائەت
دەرىجىسى:
9 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-15
ئاخــىرقىسى:2011-08-23
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
 
hakekat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30695

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   691 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6818 (سوم)
 ياخشى باھا:   1418 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2218  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2096
 سائەت
دەرىجىسى:
2096 سائەت 204 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

ئىسىل بىرتىما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.............
 
tahirbeg
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35342

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   141 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7677 (سوم)
 ياخشى باھا:   495 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   620  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1103
 سائەت
دەرىجىسى:
1103 سائەت 87 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

جۈمە تاھىر  ئىمام ئاخۇنۇم ئاپتونۇم رايۇن رەھبەرلىرىگە ھېيىتكانى كۆسەتمەكتە !!! _+PiaJ&'  
BrF/-F  
WLl_;BgN  

 
‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___
  سۈرە شەمسى 9_ئايەت
babur99
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18979

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   263 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5451 (سوم)
 ياخشى باھا:   428 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1654
 سائەت
دەرىجىسى:
1654 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

ھېيىتگاھ جامائەسى قەشقەرنىڭ سىمۋولى!
 
idrak0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51382

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   160 (سوم)
 ياخشى باھا:   42 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1171
 سائەت
دەرىجىسى:
1171 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

بەك ياخش تىمائ كەن
 
zapar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1766

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4613 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29805 (سوم)
 ياخشى باھا:   834 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   477  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5439
 سائەت
دەرىجىسى:
5439 سائەت 161 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

شۇنداق قەشقەر ھىېيتكاھ جامەئەسى ئىسىل يادىكارلىقتۇر.ئىككى تەرەپنىڭ نىمىشقا تەڭ ئەمەسلىكى چۈشەندۇرۇلگەن بولسا تېخىمۇ تۇلۇق بولاركەن. ^| b]E  
پۇرسەت بولسا ھېيىت ساماسىنى بىر كۆرسەم دېگەن ئارزۇدىمەن.
 
باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!
شەؤقىي
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6450

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   156 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5531 (سوم)
 ياخشى باھا:   236 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   322  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2900
 سائەت
دەرىجىسى:
2900 سائەت 90 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-15
ئاخــىرقىسى:2011-10-18
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

[img] ^'Z?BK  
سىزنىڭچە بۇلار ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىمۇ ؟  
 
شەۋقي ظىلانچىلىقى سىىزنىڭ ظىلانچىلىق ساەەسىدىكى توغرا تاللىشىڭىز!
dadil007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47111

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   417 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2784 (سوم)
 ياخشى باھا:   566 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   248  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2948
 سائەت
دەرىجىسى:
2948 سائەت 42 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  tahirbeg كە 2011-08-19 06:36 PMئەۋەتىلدى  : PO@b9O  
جۈمە تاھىر  ئىمام ئاخۇنۇم ئاپتونۇم رايۇن رەھبەرلىرىگە ھېيىتكانى كۆسەتمەكتە !!! `iZ){JfAH  
{4^NZTjd@  
# KgDOCQH  
{W11+L{8  
4^3lG1^YY  
O-,0c1ts  
Yj{-|2YzL  
بۇ جۇمە تاھىر داموللام  دىگىنى غەرىپكە ساياھەتتىكى بىرسىگە بەكلا ئوخشامدۇ قانداق ؟(چاقچاق جۇمۇ باللا)
 
قىزلاردىن شەرمى ھايانىڭ ،ئوغۇللاردىن مەردانىلىقنىڭ يۇقۇلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر ....
karwan21
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41753

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2257 (سوم)
 ياخشى باھا:   241 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1065
 سائەت
دەرىجىسى:
1065 سائەت 125 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

ئەزىزانە قەشقەر دىيارىدا-ھېيتگاھ جاماسى ئادەمنى نۇرغۇن ئوي -خىياللارغا باشلايدۇ،ئۇنىڭدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر تولىمۇ كۆپ،ئۇ ھېيتگاھ بۇلۇشى بىلەن يەنە،دۇنيادىكى ئىسلام ھەركىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان،ئۇ يەرنى مۇشۇ زامانغا ئەكىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن،ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە،قەشقەرنىڭلا سىموۋىلى بۇلۇپ قالماي،يەنە مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ دېيىشكە تامامەن ھەقلىق.قەشقەرگە كەلگەندە،ھېيتگاھ جامەسىگە كەلگەن ئادەم،كۈلپەتلىك تارىخ بورانلىرىنى ئەسلىيالىسا،كۆزگە ياش ئولىشىدۇ،يىغا تۇتىدۇ،بۇ تەۋەرۈك شەھەرنىڭ جەلپكارلىقى نەدە؟پەقەت ھېيتگاھ جامەسى،شۇ ئەتراپتىكى تار كوچىلارنىڭ ئەسكى تام-كېسەكلىرى،شۇ يەردىكى مېھماندوست ئۇيغۇر خەلقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.قەشقەر ئۇزاق تارىخقا ئىگە شەھەرلەرنىڭ بىرى.ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا بەزىبىر ئۇيغۇرلار يول ياقىسىدا ئولتۇرۇپ،تاماكىسىنى چېكىپ،مۇڭغا چۈشۈپ كېتىدىكەن،بۇ قاملاشمىغانلىق،بۇ قىلىقلارنى كۆرۈپ،نۇرغۇن خىياللار ئالدىمغا كەلدى.ھېيـتگاھ جامەسى-ئۆز نۆۋىتىدە بەيتۇللاغا ئوخشاپ كېتىدۇ،مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت قىلىشىمىز كېرەك،بۇ يەردىكى تەنتەنە ،ئىپتىخارلىق مەڭگۈ گۈللەپ ياشنايدۇ......
 
ھەقىقەتكە پەرداز كەتمەيدۇ!
tograk0088
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44132

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   37 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   282 (سوم)
 ياخشى باھا:   35 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 865
 سائەت
دەرىجىسى:
865 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-17
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

ئۇيغۇر ئۇلىمالارنى قالايمىقان ئوخشاتمايلى، چاخچاقنى چاغلاپ قىلىلى باللا سەت گەپ چىقىپ كاتمىسۇن ھە
 
MUSAPIR001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.29078

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   134 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2601 (سوم)
 ياخشى باھا:   174 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 21
 سائەت
دەرىجىسى:
21 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-04
ئاخــىرقىسى:2011-10-13
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

ھەيتگاھ ياخشى  جاي  لىكىن  ئاۋۇ دۈت موللامنى  دەيمە
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +50
janankoqa مۇنبەر پۇلى +50 08-20 خخخخخخخخخخووووووو
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى