JU17]gQ UN'n~d@~ چۈمپەردە يىغلىمىسۇن !
1 !_p
خىزمەت بىسىمىدىن چارچاپ، ھىچ ئارامىمنى تاپالمايۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،ساۋاقداشلار يىغىلىشىنىڭ خەۋىرى بولۇپ قالدى . نىمە دىگەن ياخشى! كونا ساۋاقداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ ،ھال -مۇڭ بولۇپ بۇرۇنقى بىغۇبار ،خۇشال چاغلارنى ئەسلىۋالالايمىزدە! بۇنداق پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيىتتىم. بۇقىتىم شەنبە ناھايىتى تەستە كەلدى .
@<P2di ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، تەييارلىقىمنى قىلىپ ئۆيدىن چىقتىم . كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى، شۇڭلاشقىمۇ مەنزىلگە بىردمدىلا يىتىپ بارغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم . مەن بالدۇر كەلدىممىكىن دىسەم باشقىلارنىڭ ھەمىسى كىلىپ بولۇپ مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . ئۇلار بىلەن ناھايىتى خۇشال كۆرۈشتۈم .
%W~w\mT دىيىشىۋالغىنىمىز بويىنچە ،مەلۇم بىر تاماقخانىنىڭ ئايرىم خانسىغا كىرىپ ئولتۇردۇق .تاماقلار بۇيرۇتۇلۇپ، قىزغىن پاراڭلار باشلانغاندا ،ساۋاقدىشمىز خالمۇرات :
KRL.TLgq) - خەپ -شۈك كۆپچىلىك ، مەن ھازىر بىر ئىشنى بايقاپ قالدىم، سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى-دەپ سورۇننى تىنىچلاندۇردى . ھەممەيلەن ئۇنى نىمە دەركىن، دەپ ئېغىزىغا قاراپ تۇرغاندا،ماڭا قاراپ تۇيۇقسىزلا : - بىشىڭدىكى ياغلىغىڭنى ئىلىۋەتسەڭ بوپتىكەن،كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى -، دىدى . مەن ھەيرانلىقتا ئۇنىڭغا قاراپ داڭ قىتىپ تۇرۇپلا قالدىم. ھەممەيلەن بىردە ماڭا ،بىردە خالمۇراتقا قاراپ تۇراتتى، ئۇنىڭغىچە خالمۇراتنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان ساۋاقدىشىمىز ئەسقەر :
SE\?8cs]- - ۋاي ئاداش ، تىخى بۇيەرگە كىرىپ بىر ئوتلام سۇمۇ ئىچمەي تۇرۇپ تەڭشىلىپ قالدىڭمۇ نىمە ؟ نىمانداق گەپ قىلىسەن ؟- دەپ خالمۇراتنى نوقىدى. خالمۇرات :
AJ%E.+@=r - مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن ،مەن ناھايىتى سەگەك ،گەپنى ئويلۇشۇپ دىدىم -، دىدى .
A1/@KC"&{G مەن سەل ئەكسىمگە كىلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم :
!64Tx - مىنىڭ ياغلىق چىگىشىم سىنىڭ بىرەر ئىشىڭغا تەسىر يەتكۈزدىمۇ ؟
{_N9
- مىنىڭغۇ تەسىر قىلغىدەك ئىشىم يوق ، بىلىمەن سەن بۇرۇندىن ياغلىق چىگەتتىڭ ،ئۇچاغلاردا بۇ بىرخىل ئەدەپ -ئەخلاقنىڭ،ئىماننىڭ ،ئومومەن مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ قائىدسىدىن بولغان،بىراق ھازىر ئۇنداق ئەمەس - دىدى خالمۇرات . j Mn,N9Mf
- ئۇنداقتا ھازىر قانداق ؟- سورىدىم مەن . خالمۇرات ئالدىدىكى چايدىن بىر ئوتلاپ گىلىنى قىرىپ گىپىنى باشلىدى : KhND
pwO"
- ماڭا قارا ھازىر بۇنداق ياغلىق چىگىدىغان ،چۈمپەردىگە ئورىنىۋالىدىغانلاردا ئىشەنىچ يوق ، بىر قارىساڭ بىر خىل ،يەنە قارىساڭ بىر خىل بولۇپ نەلەردە چۆرگىلەپ يۈرىدۇ .ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى بۇ سورۇندا دەپ يۈرگىلى بولماس . |OJWQU![by
بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى . bg Ux
&3
- سەن نىمە دىمەكچى ؟ مىنى سەنمۇ شۇنداق دىمەكچىمۇ ؟ مىنىڭ ئۇنداق نەلەردە يۈرىدىغان ئادىتىم يوق ،كۆڭلۈممۇ ھەم كۆتۈرمەيدۇ ، بەش يىل ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ بىرەرىنىڭ بىشىڭدىكى ياغلىقنى ئال دىگىنى ئاڭلاپمۇ باقماي ئەمدى سەندىن ئاڭلاۋاتىمەن.بۇ بەك كۈلكىلىك گەپ بولدى .ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ بولدۇڭغۇسەن؟ =dPokLXn
خالمۇرات ئۆزىنى سەل توختىتىۋىلىپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى. |^l_F1+w
- قارا ،مەنمۇ بىلىمەن، ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، لىكىن ھازىر كىشىلەر كوچىدا شۇنداقلارنى كۆپ ئۇچراتقاچ ،سىنىمۇ شۇ قاتاردا ساناپ بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىقى تىپىپ بەرمىسۇن دەپ كۆڭۈل بۆلۈپ شۇنداق دىدىم . G$f%]A1
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن كۆڭلۇم شۇنداق يىرىم بولدى . ئەمدى ئولتىرىۋىرىشكە ھەم كۆڭلۈممۇ چىدىمىدى . سومكامنى ئىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە خالمۇراتقا : kL1
- بۇنداق نەسىھىتىڭنى ئۆيۈڭدىكى قىزچاقلارغا دەپ بەرگىن ،قىنى ئۇلار نىمە دەيدىكىن ؟- دىدىم ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىمغا- كەچۈرۈڭلار مەن قايتاي ، ئاللا نىسىپ قىلسا يەنە كۆرۈشەرمىز -دەپلا ئىشىككە قاراپ ماڭدىم ،قىز -ئوغۇل بولۇپ نەچچە ساۋاقداش بىراقلا يولۇمنى توستى . l^	d
- قارا بۇنداقلا كەتسەڭ قانداق بولىدۇ ،بولدى خالمۇرات سەندىن كەچۈرۈم سورىسۇن -دىدى ئۇلار . %]Z4b;W[Y
مەن خالمۇراتقا قارىدىم ،ئۇيەرگە قاراپ جىممىدە ئولتۇراتتى .مەن ئۇلارنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋىتىپ چىقىپ كەتتىم . qA GjR!=^
يولدا كىتىۋاتىمەن . كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم . شۇنداق كۆڭۈللۈك بولىدۇ دەپ ئارزۇلاپ كەتكەن ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا بۇنداق گەپنىڭ چىقىشىنى ئويلىمىغان بولغاچ ماڭا ھار كىلىۋاتاتتى . MoFM'a9
E<\$3G-do
O=3/qs6m
m}'_Poc
*** *** *** HOA
ئۆيگە كەلسەم ئاپام تۇققىنىمىزنىڭ قىزىنىڭ تويىغا بىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ئولتۇرغان ئىكەن ،مىنى كۆرۈپ : ?z1v_Jh
-ۋوي بالدۇرلدلا كەپسىزغۇ؟ ساۋاقداشلار يىغىلىشى تۈگىدىمۇ ؟ r""rJzFz'
مەن گەپ قىلمىدىم ،ئاپام كەيپىياتىمدىكى ئۆزگۈرۈشنى كۆرۈپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.مەن كىيىم ئالماشتۇراي دەپ تۇرسام : 96^aI1:
- ئالماشتۇرماڭ ، تويغا بىللە بىرىپ كىلەيلى- دىدى . رەت قىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ بىراق كۆڭلۈم كۆتۈرلۈپ قالار،دىگەن مەخسەتتە ئاپام بىلەن ماڭدىم .بىز تاكسىغا چىقتۇق.بارىدىغان يىرىمىزنى شوپۇرغا دىسەم ،شوپۇر ئارقىغا ئالاھىدە بۇرۇلۇپ ئاپام ئىككىمىزگە قاراپ قويدى .مىنىڭ شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى. مەنزىلگەكەلگەندە،پۇلنى بىرىپ ئىشىكنى قاتتىق يىپىۋەتتىم . ~`AB-0t.u
ئاپام ئىككىمىز باغاقتا يىزىلغان بويىنچە xx بىنا 3- قەۋەتكە ماڭدۇق .ئالدىمىزدا ھوشۇققا چۈشكىدەك كۆينەك ،كىيىپ قولىنىڭ دۈمبىسىدىن باشقا يەرلىرىنى چۈمپەردىدە پۈتۈنلەي ئورىۋالغان ئۈچ قىز بىز كىرىدىغان بىناغا كىرىپ كەتتى . ئاپام ئۇلارغا قاراپ ھەۋەسلىنىپ كەتتى. -UkK$wP5
مەن ئاپامغا ؛ 6axxyh%
- ئاپا تويى بولغان قىزنىڭ دوستلىرى ئوخشايدۇ ، مەن قانداق قىلارمەن ؟- دىدىم. ئاپام مىنىڭ گىپىمنى چۈشىنىپ : 59oTU
- قىزىم سىز ئىشلەيسىز ئامال يوق ، كۆينىكىڭىزمۇ قىسقا ئەمەس ،بىشىڭىزدا ياغلىق بار، خىجىل بولماڭ - دىدى .شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمچە خۇدىكسىرەپ ماڭدىم . A5Hx$.Z
بىنانىڭ 2- قەۋىتىدىن ئۈستىگە شۇنداق قايرىلىپ ئاپام ئىككىمىز تەڭلا توختاپ قالدۇق . !Axe}RD'
كۆرۈڭ بۇ كارامەتنى ! 'u
بايىقى چۈمپەردىلەنگەن ئۈچ قىز پەللەمپەيدە تۇرۇپلا كىيىملىرىنى يىشىشكە باشلاپتۇ .ئاپام ئىككىمىز نىمىش قىلاركىن دەپ تۇرساق ، ئۇلار كۆينەكلىرىنى بىشىدىن شۇنداق ئارتىلدۇرىۋىدى ئالۋاستىغىلا ئۆزگىرىپ قالدى . {c*$i^T
چاچلىرى رەڭمۇ -رەڭ بوياقلىق ، قاپلىشىپ كەپ قالغان پادىچىلار ئىشتىنى ، كىندىكى كۆرۈنۈپ قالغان مايكا ، ya&=UoI
يۈز -كۆزلىرىدىكى كىملىكىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولمايدىغان بوياقلار ........ b23A&1X
ئۇلار كىيىملىرىنى قوللىرىدىكى ئىككى ياشلىق بوۋاقمۇ بىمالال سىغقۇدەك سومكىسىغا سىلىپ ، رەڭلىك چىراقلار بىلەن < xxدسكو كۇلۇبى > دەپ بىزەلگەن ئىشىكتىن مەغرۇر قەدەملەر بىلەن كىرىپ كەتتى . U(f@zGV
ئاپام ئىككىمىز نىمە قىلىشىمىز ،نىمە دىيىشىمىزنى بىلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ ئاستا كەينىمىزگە قايىتتۇق . %!\=$ s}g
پەسكە چۈشۈپ باشقىلاردىن سوراپ توي ئورنىنىڭ باشقا بىنادا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق .بىراق تويغا كىرىشكە كۆڭلىمىز تارىتماي ئۆيگە قايىتتۇق. "zcAYg^U
نىمە بوپكەتتى بۇجاھان ؟ aE'nW_f
بۇلارنىڭ ئويناشقا باشقا دەسمايە تاپالماي چۈمپەردىنى دەسمايە قىلغىنىنى .....
)3CM9P'0
باشقىلارنىڭ چۈمپەردىگە گۇمانلىق قارىشى ئەسلى مۇشۇنداقلارنىڭ سەۋەبىدىن بولىدىكەندە ! &MpLm&
بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا دىگەن شۇ كەن ئەسلى . ^dpM2$J
ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئىسلام قىزلىرىمىز ھايا،نومۇس، ئەڭ موھىمى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن نامەھرەمدىن قىچىپ يۆگىسە، ئازساندىكى قىزلار ،يامان ئىشىنى باشقىلار كۆرۈپ، تونۇپ قالماسلىق ئۈچۈن يۆگەيدىكەن ئەمەسمۇ ؟ *B3f ry
بۇنداقلار گەرچە ئازساندا بولسىمۇ لىكىن يەنىلا يامان تەسىرى ھەقىقىي چۈمپەردىنىڭ ئوبرازىغا داغ بولۇپ ، چۈمپەردىنى يىغلىتىۋىتىپتۇ . 1vo3aF
مىنىڭ ئاشۇنداق شەكىلگە يۆگەپ تاماشىنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقانلارغا مۇنداق دىگۈم بار : sR/Yv
~a_hOKU5
cI[i
v
-چۈمپەردە يىغلىمىسۇن ! .gif)
D N!V".m`J
s#5#WNzP
|$/#,Dv7
h.?<(I
مەنبە ؛ ئۆز قەلىمىم گۈلنازى[ بۇ يازما moghal تەرپىدىن 2011-08-19 12:27 PM دە قا ]