مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1669 
  •    ئىنكاس 
       7 

ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس كېچە

قەۋەت ئاتلاش
pain
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50251

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2471 (سوم)
 ياخشى باھا:   126 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   199  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 39
 سائەت
دەرىجىسى:
39 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-03

ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس كېچە
Dwfu.ZJa  
كېچىنىڭ سىرلىرى بار RdR p.pb8  
GDiBl*D  
تۈن پەردىسى جاھاننى قاپلاپ ئالەم قاراڭغۇلۇق چۆمگەن تالاي كېچىلەرنى ئۆتكۈزەر ئىنسان بىشىدىن،كېچىلەرنىڭ سېھرى لەززىتىگە چۆمۈپ باقمىغان  ئىنسان بارمىدۇ؟! كېچە قوينىدىكى بىپايان كۆك دېڭىزىدا يۇلتۇز كەبى ئۈزۈپ باقمىغان خىيال بارمىدۇ؟! ئاشىقلار مەشۇقىنىڭ كۆزلىرىنى يۇلتۇزلاردىن ئىزدەپ  ئاينى ئۇلارنىڭ چېھرىگە قىياس قىلىپ مەيىن شاماللاردىن ھېدىنى ئىزلەپ تۈننى تاڭغا ئۇلايدۇ، قوياشنىڭ ئاچچىق نورلىرى ئۇلارغا چەكسىز بىر ئىزتىراپنى  ھېس قىلدۇردۇ تالغان كۆزلەرمادارسىز يۇمۇلۇشقا باشلايدۇ.. شائىرلار بۇ كېچىلەردە ئوت بولۇپ يانىدۇ،ئاي كەبى نورلۇنۇپ يۇلتۇز كەبى چاقناپ شاماللارغا دەرت-ئەلەملىرىنى مۇھەببەت- نەپرەتلىرىنى تۈكۈشكە باشلايدۇ..شاماللار ئۇنى يىراق-يىراق تامانلارغا ھەيدەپ تەشنا لەۋلەرگە يامغۇر قىلىپ چاچىدۇ..ئاھ ئابىدلار! ئۇلارنىڭ ئىدراك سەۋىيىمىزدىن ھالقىغان ئاجايىپ روھانى لەززەتلىرى بارئۇ كېچىلەردە..ئۇلارنىڭ قىيام، رۇكۇ،سەجدىلىرگە ،تازا كۆزياشلىرىغا، مەپتۇن بولغان يۇلتۇزلارنىڭ تۈن قوينىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ.ئابىدلارنىڭ روھلىرى غەيىپ ئالىمنىڭ ساماۋى كۆكىگە ئۆرلىگەنسىرى ئۇلارنىڭ گەۋدىسى شۇنچىلىك تۈۋەنلەيدۇكى ئىختىيارسىز سەجدىگە يېقىلىدۇ..ئۇلار سەجدىدە قانچىلىك تۇردىكىن-تاڭ يۇلتۇزلار كۆزى قېيمىغان ھالدا قوياشقا ئورۇن بوشىتىپ بېرىۋاتاتتى..شاماللار تەسبىھ ئېيتقىنچە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى سىيپايتتى..تاڭ قۇشلىرى يېقىملىق  ھەمدۇ-سانالار بىلەن پاك بىر قوياشنى كۆيلەۋاتاتتى..قوياش ئالەمگە بەركەت ياغدۇرغۇچى سېھىرلىك نورىنى سەپكىنىچە تەنتەنىلىك ھالدا يېتىپ كەلدى. L>4"(  
كېچىلەردە ئۈمىد lchPpm9  
قانچىلىغان ئاياللارئالتۇن قەپىزىدە ھاياتىدىكى ئەڭ ئەزىزى-دەپ بىلگەن ئۆمۈرداشلىرىنىڭ ئامان-ئىسەنلىگىنى تىلەپ يوللىرىغا بىتاقەتلىك بىلەن تەلمۈرۈپ  ئۆتكۆزگەندۇ؟! يەنە قانچىلىغان ئېسىل ئەرلەر نالىخانىنىڭ كۆتۈش زاللىرىدا دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان ئۆز پۇشتىدىن تامغان يېڭى مېھمانىغا بولغان قاتتىق تەلپۇنۇشنى بىسىپ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە تەييار تۇرىۋاتقان قەدىناسلىرىنىڭ ساقلىقىنى تىلەپ تىت-تىتلىق ئېچىدە تاڭ ئاتقۇزغاندۇ؟! ou{2@"  
كېچىلەردە ئازاپ +*/Zu`kzX  
كىسەلخانىلەردىكى ئاغىرىقلار ئۈچۈن تۈن بەك ئۇزۇندۇر،ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان يۇرتلاردىكى كېچە زۇلۇمدۇر،ئاچارچىلىقتا قالغانلار ئۈچۈن ئۇ بىر ئۆلۈمدۇر،ھەپسىخانىدىكىلەر ئۈچۈن دەھشەتلىك قاباھەتتۇر..ھەي ئاغىرىقخانىدىكى سەبىلەرنى كۆرسەتمىسۇن ئىلاھىم، ئۇلارنىڭ بىغۇبار چېھرىدىكى تۇمان كۆندۈزنى ھەم تۈن قىلار. fSvM(3Y 
سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ئۇنتۇلماس كېچە بولغانمۇ؟ u^ 8{Z;mm  
يا-ياق ئالدىرماڭ ، مەن ئۇ كېچىلەرنى دېمىدىم.. ئۇشۇنداق بىر كېچىدۇركى ئەقىللەر يەتمەس ئۇنىڭ سېھرىگە، ئىبارىلەر تەمتىرەيدۇ ئۇنىڭ تەرىپىگە.. ئۇنىڭ نورانىلىقى، لاتاپىتىگە، تۈنلەر قالسۇنكى كۈنلەر رەشىك قىلار.. ھەيھات-ھەيھات شۇ كېچىگە ئاشىق بولمىغانلارغا.. ئۇنىڭ نورىدا قەلبىنى يۇيۇپ روھىنى پاكلىمىغانلارغا.. :emiQ  
بەزى چاغلاردا قۇلاق كۆزدىن ئىلگىرى ئاشىق بولارمىش، كىلىڭ بۇ كېچە نېمە دەيدىكىن ئۆزى توغىرىسىدا قۇلىقىمىزنى ياقايلى:
_H7x9 y=  
مەن  
جىمى مەدھىيەلەر مېنى ياراتقان مېنى باشقا كېچىلەرنىڭ سەركىسى قىلىپ تاللىغان، خالىغىننى قىلغۇچى،خالىغىننى ئارتۇق قىلىپ خالىغىنىنى تۈۋەن قىلالايدىغان  ھېچ ئىشىدىن سورالمايدىغان، بۈيۈك سەلتەنەت ۋە تەڭداشسىز قۇدرەت ئېگىسى بولغان جانابى ئاللاغا بولسۇن! مەن يەنە شۇ سىلەرگە قىلىنغان سان-ساناقسىز نېمەتلەر ئېچىدىكى بىرئالاھىدە نېمەتمەن،پۇرسەت ھەم بەركەتمەن. بۈيۈك ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مەندە كائىناتتا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.مەن شۇنچىلىك ئۇلۇغ كېچىمەنكى مىنىڭ ئىسمىمنى ئاللانىڭ قويغانلىقىنىڭ ئۆزىمۇ بۇشەرەپكە يېتىپ ئاشىدۇ،مىنىڭ مۇبارەك نامىم ‹‹قەدرى كېچىسى›› مىنىڭ بۇنداق ئاتىلىشىمدا نۇرغۇن ھېكمەتلەر بار..چۈنكى مەندە ئىنسانلارنىڭ رىزقى ، ئەجىلى، ۋە ھېكمەت تەقەززاسى بۆيچە قىلىنغان بارلىق ئىشلار تەقدىر قىلىنىدۇ..يەنە مەندە پەرىشتىلەر رەھمەت- بەركەت خەيرىيەتلەربىلەن چۈشىدۇ، تىلغا ئىلىپ ئۆتۈش زۆرۇركى يەنە تىخى پەرىشتىلەرنىڭ سەركىسى بولغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالاممۇ چۈشىدۇ..مەندە قىلىنغان مەقبۇل  ئىبادەت مىڭ ئايدىن( يەنى سەكسەن ئۈچ يىل تۆت ئاي) قىلىنغان ئىبادەتتىن كۆپرەكتۇرھەم ئەۋزەلدۇر.مەندە، بۈيۈك كىتاپ، ئۇلۇغ پەيغەمبەرگە، شەرەپلىك ئۈمممەتكە نازىل قىلىندى،مىنىڭ شەرىپىمگە ئايەتلەرلا ئەمەس قىيامەتكىچە تىلاۋەت قىلىنىپ تۇردىغان پۈتۈن بىر سۈرە نازىل قىلىندى.  ئەجەبا مەن ئۇلۇغ كېچە ئەمەسمىكەنمەن؟! مۇشۇ ئىلاھى ئارتۇقچىلىقىلىرىم بىلەن ئاشىق بولۇپ ئىزدىشىڭلارغا، كۈتۈشىڭلارغا،ئىنتىلىشىڭلارغا، قوغلىشىشىڭلارغا لايىق ئەمەسمىكەنمەن؟! بۇ ئايەتلەرنى يۈرىكىڭلار بىلەن ئوقۇپ بىقىڭلار ئاندىن ماڭا جاۋاپ بىرىڭلار! gu.}M:u  
o~y;j75{.*  
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.( بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق، شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ شەبى قەدرى(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر، پەرىشتىلەر ۋە جىرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋاردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا ئاللا تەقدىر قىلغان ) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇكېچە تاڭ يورىغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ-ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر)‹‹97-سۈرە قەدر›› ^ EQ 
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.(حا، مىم، رۇشەن قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن، بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە(يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق.ئۇكېچىدە ھەربىر ھېكمەتلىك(يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەزاسى بويچە قىلىنغان) ئىش( يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى ، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ)‹‹44- سۈرە دۇخاندىن›› h_,i&d@(  
دېمەك ئەقىل ئېگىسى بولغان بەندە ‹‹ھەئە›› - دەپ جاۋاپ بىرىدۇ- ئەلۋەتتە. . ئەي مېنى سۆيگەنلەر!  مەن يىلدا بىرلا قىتىم كىلىمەن، بۇ قىتىم دىدارلاشقانلار بىلەن كىلەر مەرتەم دېدارلىشالامدىمەن؟! بىلمەيمەن، بۇ ئاللانىڭ تەقدىرى-سىرلىرىغا باغلىق مۇقەررەر. ماڭا ئىنتىلىڭلار! مەن بار ئاينىڭ ۋىسالىغا تەلپۇنۇپ ئۇنىڭغا يەتكۈزۈشكە دۇئا قىلىشنى ئالتە ئاي بۇرۇن باشلايدىغان، ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەي كىتىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ زارۇ- زار ياشلارنى تۆكىدىغان نى- نى سەلەف - سالىھلار ئۆتكەن بۇ ئالەمدىن..ئۆرنىكىڭلار بولسۇن ئۇلار، گۈل قانچە گۈزەل بولغانسېىرى بۇلبۇلنىڭ كۆيى كۆككە يىتىدۇ..ئەي ماڭا ئاشىق بولغانلار! مەن يولدا، كېلىۋاتىمەن،،مېنى قۇچاق ئىچىپ كۈتىۋالدىغانلارغا ئاللانىڭ سالاملىرى بولسۇن! مېنى بۇ مۇبارەك رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈننىڭ تاق كۈنلىرىدىن ئىزدەڭلار! مېنى قانداق كۈتىۋالساق بولار -دەپ ئارتۇق غەم يەپ كەتمەڭلار ئىمانىڭلارغا ئازراق ‹‹توك›› قاچىلىساڭلارلا بولدى . كىلىڭلار مېنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ھەزرىتىى رەسۇلۇللا قانداق كۇتىۋالغان ۋە سالىھلارچۇ؟ ئېيتىپ بېرەي: 0)e\`Bv  
-ئىتكاپ 9`X\6s  
رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتكاپتا ئولتۇرۇش رەسۇلۇللانىڭ ئادىتى ئىدى،ھە راس سىلەر بەك ئالدىراش ، ئون كۈن ئولتۇرالمىساڭلارمۇ ئىككى ئۈچ كۈن بولسىمۇ ئولتۇرىۋىلىڭلار،كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشچە ھېچ بولمىغاند بىر كۈن بولسىمۇ قولدىن بەرمەڭلار. >7T'OC  
-دۇئا a:OQGhc=  
دۇئانىڭ كۈچىگە  سەل قارىماڭلار ئىجابەت قىلىنغان بىر دۇئانىڭ خاسىيتىدىن ئومۇمى خەلىققە بەركەتلەر يېغىپ جەبر-زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ پاراۋانلىققا يۆز تۇتۇشى شەكسىزمۇھەققەقتۇر. تېلىگىن خىجىل بولما، سورىغانغا خوش بولدىغان بەرگىنى ئۈچۈن خەزىنىسىدىن زەررىچە شەيئى كېمىيىپ قالمايدىغان ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مۇلكى پادىشاھلىقى ئۆز ئىلكىدە بولغان ساخاۋەتلىك رەببىڭ تۇرسا نېمە ئۈچۈن سورىمايسەن؟! تۇزغا چاغلىق نەرسىنىمۇ ئاللادىن سوراڭلار دەيدۇ- رەسۇلۇللا. پەرزەنتىڭ بولمىسا ياخشى پەرزەنت سورا، ئايالىڭ بولمىسا سالىھ ئايال سورىغىن، ئېرىڭ بولمىسا مەرت ئەر سورىغىن، پۇلۇڭ بولمىسا ھالال رىزىق سورا.. كىسەل بولساڭ شىپالىق تىلە، مۇسىبەتتە بولساڭ سەبىر تىلىگىن! بۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەتلىك، خەيرىيەتلىك،مۇستەھكەم ئىمان، ياخشى مەقبۇل ئەمەل، ياراتقۇچۇڭنىڭ رېزاسى ھەم جەننەتۇل فىردەۋسنى تىلە!!!رەسۇللۇللا خانىمى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھۆرمەتلىك ئائىشەگە-ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن- ئۆگەتكەن بۇ دۇئانى ئوقۇشنى ئۇنتۇمىغايسەن‹‹ ئىلاھىم!سەن ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىسەن، ساخاۋەتلىكسەن،كەچۈرۈم قىلىشنى ياخشى كۆرگۈچىسەن،بىزنى كەچۈرگىن!›› تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئاددى ھەم يەڭگىل ئەمما نەقەدەر كۆچلۈك دۇئا-ھە!؟ 0{p#j~ZhC  
-كالامۇللانى تەپەككۇر قىلىش (Y?gn)*t  
بۇ ئون كۈندە ئاللانىڭ سۆزى بولغان مۇقەددەس دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىمنى، كاللاڭنى سېلكىۋىتىپ قايتا بىر تەپەككۇر قىلىشقا ۋاقىت ئاجرات، قەسەم قىلىمەنكى ئۇنىڭ تەپسىرىنى تۇرمۇشۇڭدىن بايقايسەن! )e=D(qd  
-كېچە نامازلىرى |tMWCA  
رەسۇلۇللا، ئاللاغا ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاپنى ئۈمىد قىلغان ھالدا قەدىر كېچىسى قىيامدا تۇرغانلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ-دەپ خۇش بىشارەت بېرىدۇھەدىس شەرىفلەردە.پەرىز نامازلىرىڭنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش بىلەن بىرگە روھىڭنىڭ يۆكسىىلىشى ئۈچۈن رەسۇللانىڭ كۆرسەتمىسى بويچە ئىلىپ بېرىلىدىغان نەپلە نامازلارغا مۇھەببەت باغلا!بولۇپمۇ كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى قولدىن بەرمە ئۇ رەببىڭ دۇنيا ئاسمىنىغا چۆشۈپ:ماڭا دۇئا قىلدىغانلار بارمۇ؟ ئىجابەت قىلىمەن ،مەندىن سورايدىغانلار بارمۇ؟ بىرىمەن، مەندىن گۇناھىنى سورايدىغانلار بارمۇ كەچۈرۈم قىلىمەن- دەيدىغان ئاجايىپ مۇقەددەس ۋاقىتلاردۇر. vm7z,Ff N  
گۇناھلاردىن ساقلىنىش n& qg;TT  
بۇ كۈنلەرنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلا، ئاللانىڭ ئەزىز ئېتبارلىق قىلغان ئاي كۈن- تۈنلەرنى ئۇلۇغلاش ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلماسلىق قەلبلەرنىڭ تەقۋالىقىدىندۇر.ئاللانىڭ غەزىپىنى كەلتۇرۇپ قويدىغان سۆز ھەركەتلەردىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىگەيسەن. CMG&7(MR  
- خەيرى-ساخاۋات DIfaVo/"  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساخاۋەلىك ئىدى، رامزاندا تىخىمۇ قولى ئوچۇق بولۇپ كىتەتتى. ساخاۋەتلىك بول، ئاجىزلارنىڭ بىشىنى سىيلا، كەمبەغەل ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭنى يۆلىگىن.ھېچ بولمىسا بىر يۆن بولسىمۇسەدىقە قىلىپ قوي مۇبادا ئۇ مەندە (قەدىرى كېچىسى) بولۇپ قالسا،مەقبۇل بولۇپ قالسا ، قانداق قالتىس ئىش قىلغىنىڭغا قاراپ باقە30295يۆندىن ئارتۇقراق سەدىقە قىلغان بولىسەن مەرھەمەتلىك رەببىڭنىڭ نەزىرىدە،،ئەگەر ئىككى يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يۈز يۈەن قىلساڭچۇ؟! c&?m>2^6  
ئائىلەڭدىكىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈز *-=(Q`3  
- باللىرىڭ ھەيران قالسۇن، ئاياللىرىڭ سۆيۈنۈپ كەتسۇن، رەسۇلۇللا، سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئەھلىگە ياخشى بولغانلاردۇر- دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۇنى كېرگەندە ،ئىبادەتلەر ئۈچۈن بىلىنى مەھكەم باغلاپ ئاياللىرىدىن يىراق تۇراتتى ئۇلارنى كېچىلەردە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئويغىتاتتى..سىزمۇ ئەھلىڭىزنى ئويغۇتۇڭ، ئاياللىرىڭىزغىمۇ ئازراق بەدەل تولىسىڭىزمۇ ئىبادەتكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىڭ. PI:4m%[  
  - مەن يولدا، مەن كېلىۋاتىمەن..بۇنى ئوقۇغانلاردىن قانچىلىغان كىشلەر مىنى كۈتىۋالالايدۇ يەنە قانچىلىغانلار كۈتىۋالالمايدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن..بۇ يىل دىدارلاشقانلار بىلەن كىلەر يىلى دىدارلىشالامدىمەن ئۇنىمۇ ئۇقمايمەن، تەۋسىيەم مىنى قولدىن بىرىۋەتمەڭلار،  ئالى سوت كۈنىدە نامە-ئامال دەپتىرىڭلاردا كۆرۈش بىلەن يۈزۈڭلار نورلىنىپ كىتىدىغان ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك بولغان كېچىنى بەرپە قىلىش ئۈچۈن قىنى ئالغا! رېقابەتلىشىدىغانلار مۇشۇنىڭ ئۈچۈن رىقابەتلەشسۇن! ):68%,  
[ بۇ يازما oychan تەرپىدىن 2011-08-18 12:46 AM دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : oychan
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-18, 00:47
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +999
oychan مۇنبەر پۇلى +999 08-18 esilېesilسesilېesilڭesilېesilسesilېesilلesilېesilسesilېesilڭesilېesilسes
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
more pain more gain
MIGBIRKIQA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21504

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   148 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6079 (سوم)
 ياخشى باھا:   409 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   596  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4036
 سائەت
دەرىجىسى:
4036 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-17

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم! Uu10)/.LC  
مۇشۇنداق تىمىلار بولمىسا ھەرگىز چىمەيتىم ماۋۇ مۇنبەرگە!
 
مەندىن كۆپ يىراقتا سەن
bexrik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38507

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   125 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   644 (سوم)
 ياخشى باھا:   43 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   4  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1941
 سائەت
دەرىجىسى:
1941 سائەت 149 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-17

يائاللا نەك ياخشى قىپسىز جۇمۇ بۇ تېمىنى يوللاپ  بەك خوش بولدۇم بۇ نى كۈرۈپ   شۇ ئون كۈنلىك پۇرسەتنى قولدىن بەمەسلىك  ئىررادەم يەنىمۇ چىڭىپ قالدى  رەھمەت ...
 
ھەي بۇدۇنيا كەڭ ئەمەس بەلكى بەكمۇ تار ئىكەن
ياخشىلارغا بىۋاپا يامانلارغا يار ئىكەن
ئىپارە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33575

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   201 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2266 (سوم)
 ياخشى باھا:   260 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   154  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1550
 سائەت
دەرىجىسى:
1550 سائەت 150 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-12
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-17

مەنمۇ ھەر كۇنى كىچىسى ئوزۇم بىلگەنچە تاراۋى نامىزىنى ئوقۇۋاتىمەن.    ئەڭ ئاز دىگەندە  2رەكەت. كوپ دىگەندە 20 رەكەت ئوقۇساق بولىدىكەن.
 
ayixa520
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51037

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   35 (سوم)
 ياخشى باھا:   5 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 564
 سائەت
دەرىجىسى:
564 سائەت 86 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-09
ئاخــىرقىسى:2011-09-11
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-18

ئاللاھ  رەخمەت قىلسۇن،  مۇشۇنداق  تىمىلار  ئۇزۇلۇپ قالمىغاي
 
adiba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2866

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   553 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8067 (سوم)
 ياخشى باھا:   351 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   283  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11613
 سائەت
دەرىجىسى:
11613 سائەت 137 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-18

DUA LARNI YADLIWALAY,I ILAHIM SAN HAKIKATAN APU KILGUQISAN,SAHAWATLIKSAN,,KAQURUXNI YAHXI KORGUQISAN,MINI KAQURGIN..
 
nima︿japa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43372

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   324 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3968 (سوم)
 ياخشى باھا:   1029 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1241  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1017
 سائەت
دەرىجىسى:
1017 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-19

رەھمەت ئەھمىيەتلىك تىما بۇلۇپتۇ.
 
مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ
yawakaptar000
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46464

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   185 (سوم)
 ياخشى باھا:   43 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1009
 سائەت
دەرىجىسى:
1009 سائەت 31 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-03
ئاخــىرقىسى:2011-08-29
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-20

ھەقىقەتەن ئېسىل ئەسەر بوپتۇ.  تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقۇرىكەن،  رەھمەت سىزگە!
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى