مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1941 
  •    ئىنكاس 
       3 

شەھەردىكى تۆگىنىڭ بايانى

قەۋەت ئاتلاش
nidayi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48230

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   364 (سوم)
 ياخشى باھا:   92 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 734
 سائەت
دەرىجىسى:
734 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-18
ئاخــىرقىسى:2011-09-16

نەسر
0zrZrl  
!/wR[`s9w  
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
(|_N2R!  
$G .w s  
(1)  
   3lT>C'qq  
9Bw.I h[Z  
    جاھان غەۋغالىرىدىن خالىي، ئاشۇ پايانسىز كەتكەن، تىلسىماتلىق قۇم بارخانلىرىدىن تۇغۇلغان مومايلارنىڭ سېھىرلىك چۆچەكلىرىنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم بولۇپ، تىرىكچىلىكنىڭ ۋاڭ–چۇڭى ئۆكسىمەيدىغان، ھاياتلىقنىڭ چىن مەنىسى يوقالغان بۇ ماكانغا ئېلىپ كېلىنگىنىمگىمۇ خېلى زامانلار بولدى. قانچىلىك زامان بولغانلىقىنى ھېسابلاشقىمۇ قادىر ئەمەسمەن. بەلكىم، بۇ ماكان بىنا بولۇشتىن خېلى زامانلار ئىلگىرىلا ئېلىپ كېلىنگەندىمەن. بۇ ماكاندىكى بارچە ھاياتلىق ماڭا تولىمۇ غەلىتە ھەم بىمەنە تۇيۇلىدۇ. جىمى مەۋجۇدات بىر خىل بىمەنە مەۋجۇدلۇق ئىچىدە توختاۋسىز تىركىشىۋاتقان، ئەتراپىمدا تۈرلۈك–تۈمەن مۆجىزىلەرنى پەپىلەپ ياتقان تىلسىملىق قۇم بارخانلىرىنىڭ ئورنىدا، ئېگىزلىكىدىن قۇشلارمۇ پەسرەك ئۇچۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، ئۇ يىلدىن–بۇ يىلغا قۇياش نۇرى چۈشمەيدىغان مۇز چىراي بىنالار سوغۇق سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. ئالدىمدىكى ماي پۇرايدىغان يولدا، جاھانغا مەشھۇر قەدىمىي يىپەك يولىدا قەدەم ئىزى قالغان تۆگە كارۋىنىنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچى سېھىرلىك كولدۇرمىسىنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ئەمەس، بەلكى ئۇياقتىن–بۇياققا شامالدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنا ۋە ئاللىقانداقتۇر بىر نېمىلەرنىڭ كۇھىقاپنىڭ بورىنىدەك سەت، بوغۇق ئاۋازلىرىنى ئاڭلاش سېزىمىمنى مەنىسىز غىدىقلايدۇ. مەن يەنە زامانىۋىلىق ئىچىگە قاپسالغان بۇ غېرىبانە ماكاننىڭ قانداقتۇر بىر مەنىسىز ئىش–ھەرىكەتلەر بىلەن ئالدىراش ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملىرىنىڭ جىڭغا توختىمايدىغان غەيۋەت–شىكايەت، پىتنە–پاساتلىرىنىڭ، قانداقتۇر بىر خۇشلۇقتىن كەلگەن ئەبجەش كۈلكىلىرىنىڭ ۋە يەنە قانداقتۇر بىر كۆڭۈلسىزلىكتىن كەلگەن مۇڭ–ھەسرەت، دەرد–ئەلەم ۋە ئەلەملىك ئىڭراشلىرىنىڭ شاھىدى بولۇشقا مەجبۇر بولىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر مەن ئۈچۈن گويا ئەلمىساقتىن تارتىپ شۇنداقتەك ياكى شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك تۇيۇلىدۇ. بەلكىم ئادەملەرگىمۇ شۇنداق تۇيۇلىدىغاندۇ. بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. تۆۋەندىكى ئەبجەش بايانلار مېنىڭ بۇ ماكاننىڭ ئادەملىرى ھەققىدىكى باش–ئاخىرى يوق خىياللىرىمنىڭ بىر قىسمىدۇر. c0Oc-,6J  
8nQj D<-  
(2)
h4lrt  
A0`#n|(Ad!  
   مانا بۈگۈن ئەتراپىمغا ھەرخىل رەڭ ۋە تىلدىكى نۇرغۇن ئادەم يىغىلغان، كۆزلەر بىر كارامەتلىك مەنزىرىگە تىكىلگەن. ھاۋايى-مۇئەللەققە تارتىلغان پولات سىمدا بېشىغا دوپپا كىيىپ، شاھزادە كەبىي ياسانغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيەتنى ئۆزىنىڭ ئەپچىل ۋەم خەتەرلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن، پەستىكى ھەيرانلىق باياۋانىنىڭ مۆمىن بەندىلىرىگە نامايەن قىلماقتا ئىدى. پەستە بۇ مەدەنىيەتنى تاماشا قىلىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى يىگىتنىڭ تەۋەككۈلچىلىك روھىغا ۋە يۇقىرى ماھارىتىگە ئاپرىن–تەھسىنلار ئېيتماقتا. يەنە بەزىلىرى ھەيرانلىقتىن ياقىلىرىنى چىشلىشىپ، قولىدىكى ئاپپاراتلىرىنى يىگىتكە توغرىلىماقتا. يىگىت تۇيۇقسىزلا بىرەر ئىنتايىن خەتەرلىك ماھارەتلەرنى كۆرسەتكىنىدە، بەزى يۈرىكى ئاجىزلىرىنىڭ يۈرىكى ‹‹قارتتىدە›› قىلىپ قالاتتى. يىگىت يەنە ئېسىل ماھارەتلەرنى كۆرسەتمەكتە. جىمى كۆزلەر بۇ كارامەتلىك مەنزىرىنىڭ ھەربىر سېكۇنتىدىنمۇ تولۇق بەھر ئالماقنى ئىستەپ، پۈتۈن ئەس–يادى بىلەن نەزەر كۆزلىرىنى يىگىتكە ئاغدۇرماقتا. شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ يېنىدا كىم بار،كىم يوق؟ ئەتراپىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟ بۇلارغا دىققىتىنى بۆلۈشكە زىنھار ۋاقتى يوق ئىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، پوزۇر بولمىسىمۇ خېلىلا ئېسىل كىيىنگەن، چاچلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈۋالغان كېلىشكەن بىر يىگىت ئۆزىنىڭ ‹‹يانچۇق قۇرۇقداش ھۈنىرى››نى ئەمەلدە كۆرسەتمەكتە ئىدى. ئۇ شۇ تەرزدە بەش–ئالتەيلەننىڭ يانچۇقلىرىنى قۇرۇقداپ بولۇپ، يولىغا راۋان بولدى. يانچۇقچى يىگىت بۇنداق مەنزىرىدىن ھوزۇر ئېلىشنى بىلمەمدۇ ياكى مۇشۇنداق كارامەت مەدەنىيەت مۇھىتى ياشاپ كۆنۈپ كەتكەچكىمۇ، ئىشقىلىپ بۇ كارامەتلىك مەنزىرىگە نەزەر سېلىپ قويماي كېتىپ بارماقتا ئىدى. دۇنيانىڭ ئىشلىرى مانا مۇشۇنداق. سىز ھەيران قېلىپ ياقىڭىزنى چىشلىگەن ئىشلار باشقىلارغا تولىمۇ ئادەتتىكىچە، بەئەينى ئەزەلدىن شۇنداقتەك ياكى چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك تۇيۇلىدۇ. باشقىلارنى ھەيرانلىق مەملىكىتىدە سەيلە قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئەس–يادىنى ئەسىر قىلىۋالغۇدەك دەرىجىدىكى ئاجايىب ئىشلارمۇ بىزگە گوياكى ئەزەلدىن شۇنداقتەك، ۋە ياكى بۇنداق ئاجايىب ئىشلارنى ھەممىلا ئادەم روياپقا چىقىرالايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. چۈنكى بىز مۇشۇنداق ئاجايىب سېھىرلىك مەدەنىيەت مۇھىتى ئىچىدە ياشاپ كۆنۈپ كەتكەن. ھېلىقى يانچۇقى قۇرۇقدىلىپ قالغانلار بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ نېمىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقلىرىنى پەقەتلا بىلمىگەندۇر. ھېلىقى چىرايلىق يىگىتمۇ ئۆزىنىڭ نېمىلەردىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولغانلىقىنى پەقەتلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەندۇر. NB[(O#  
f_qW+fN::s  
(3)
y8|?J\eRy  
5^7q 2".  
   مانا بۈگۈن قاش قارايغان مەزگىل. كوچىغا قارىتىپ ئالاھىدە بېزەلگەن سەھنىدە ئاسماندىن چۈشتىمۇ ئەيتاۋۇر، بىر توپ پەرىروي-سەنەملەر ئۆزلىرىنىڭ لەرزان ئۇسسۇللىرى بىلەن يۈرەكلەرنى ھاياجانغا سالماقتا ئىدى. كىشىلەر بىر كۆرۈشكە تەشنا بولىدىغان ئاتالمىش ‹‹دۇنيا گۈزەللىرى›› بۇ گۈزەللىك ئۈلگىلىرىنىڭ ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس ئىدى. ئەتراپتا بۇ گۈزەل مەنزىرىنى تاماشا قىلىۋاتقانلار ئۇلارنىڭ بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق زاھىر بولۇۋاتقان پىنھان سىرلىرىنى قەلبىنىڭ ئەڭ پاك، ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا مۇجەسسەملىۋېلىشقا تىرىشماقتا ئىدى. ھەتتا مەنمۇ ئىنسان بەدىنىنىڭ بۇنچىۋالا نازۇك ۋە پىنھان ھېسسىياتلارنىمۇ ئاجايىب جانلىق ئىپادىلىيەلەيدىغانلىقىغا ھەيران بولماقتا ئىدىم. ئۇلارنىڭ ھۆسن - جامالى، كىيىم - كېچىكى ھەتتا ھەربىر ئىنچىكە، نازۇك ھەرىكەتلىرىگىچە ھەممىسىدە بىز كۆرۈشنى ئىستىگەن گۈزەللىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى. جاھاندىكى جىمى گۈزەللىك بۇلارغىلا مۇجەسسەملەنگەندەك، بۇلارسىز جىمى گۈزەللىك ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدىغاندەك. [mJmT->  
#CYDh8X 
(4)
Z[pMlg6Z  
** !  
    مانا بۈگۈن ئادەملەر ئادەتتىكىدىن كۆپ يىغىلغان. لېكىن ئۇلار قانداقتۇر بىرەر مەنزىرىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن كەلمىگەن. چۈنكى، بۈگۈن ھاۋايى-مۇئەللەقتىكى ھېلىقى دارۋاز يىگىت بىلەن سەھنىدىكى ‹‹گۈزەللىك ئۈلگىلىرى›› كۆرۈنمەيتتى. ئېھتىمال بۈگۈن ئىنسانلارنىڭ بىرەر بايرام ياكى خاتىرىلەش كۈنى بولسا كېرەك. ئۇلار ئادەتتىكىدىن قىزغىن سالام-سائەت قىلىشىپ، بىر- بىرىدىن قىزغىن ئەھۋال سوراشماقتا ئىدى. ياش قىز- يىگىتلەر بىر-بىرىگە ئوتلۇق مۇھەببەتنىڭ سىمۋولى بولمىش قىزىلگۈللەرنى سوۋغات قىلىشماقتا ئىدى. بەزىلەر قۇلىقىغا تۇتۇۋالغان سۆزلىگۈچ ئارقىلىق ئاللىبىرلىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلاشماقتا. بەزىلەر خۇددى مېنى ھېچبىر ماكاندا كۆرۈپ باقمىغاندەك، ھەيرانلىق ھەم قىزىقىش ئىچىدە نەزەرىدە قاراپ قوياتتى. بەزىلەر قورسىقىمنى، تۇمشۇقىمنى سىلاپ، ئەركىلىتىپ ئۆز دوستلۇقىنى يەتكۈزەتتى. يەنە بەزىلىرى ھېچبىر ئەيمەنمەستىنلا ئۈستۈمگە مىنىۋېلىپ، تۆگە مىنىپ قۇملۇقتا كېتىۋاتقان قىياپەتلەرنى ھاسىل قىلىپ رەسىمگە چۈشۈش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ بىمەنە ھاياتىدىن ئەسلىمە قالدۇرۇشماقتا ئىدى. PGaYYc3X  
   ئەي، ئادەملەر! سىلەرنىڭ بۇ قىلغىنىڭلارنىڭ ماڭا نەقەدەر ھاقارەت بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ مەن نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالاقىسىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان، جاھانغا مەشھۇر قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ بەرپاچىلىرىنىڭ بىرىمەن. ئۈستۈمگە مىنگىنى ھەرگىزمۇ سىلەردەك زېمىنغا يۈك بولۇپ ياشايدىغان، بىكار-تەلەپ كىشىلەر ئەمەس ئىدى. بەلكى سىلەردەك ياشاشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنى تارقىتىشنى يۈكسەك مەنزىل قىلغان كىشىلەر ئىدى. ئۈستۈمگە ئارتىلغىنى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى بىر ئەسكى ساندۇق ياكى بوپا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەت روھىي تاكامۇللۇق دۇنياسىدا ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىۋاتقان ‹‹ئۇلۇغۋار ھەقىقەت›› ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەۋجۇتلۇق دەسمايىسى ئىدى. 3sy|pa  
W`2Xn?g  
(5)
fu]mxGPc  
{ICW"R lcs  
    ئەتراپىمدا ھەر زامان تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. مانا بۈگۈن ئالدىمدىكى كەڭرى كەتكەن بوشلۇقتا ئاتا - بالا ئۈچەيلەن سېرك ماھارىتى كۆرسەتمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل قىزىقارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن كىشىلەرنى ماھارەتلىرىنى ئاخىرىغىچە كۆرۈشكە قىزىقتۇرماقتا. ئۇلار ئادەملەر تازا كۆپەيگەن بىر مەزگىلدە، كۆرسەتكەن ماھارەتلىرى بەدىلىگە ئاز-تولا سەدىقە تەلەپ قىلاتتى. ئۇلارنىڭ سەدىقە تەلەپ قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرى شۇنچىلىك ئىلتىجالىق، شۇنچىلىك دوستانە، شۇنچىلىك قېرىنداشلارچە ئىدىكى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ سەدىقە بەرمەي كېتىپ قېلىشقا زىنھار كۆڭلى ئۇنىمايتتى. بۇ ئادەملەردىكى مېھرىبانلىقتىنمۇ ياكى .....، نېرى تەرەپتىكى يولدا بىر قاتار چوڭ-كىچىك مايلامچىلار ھەممىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئاياق مايلىماقتا. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا خېرىدارنىڭ ئايىقىنى مايلاپ پارقىرىتىشتىن بۆلەك، ھېچقانداق خىيال، ئارزۇ-ھەۋەس يوقتەكلا قىلاتتى. بۇ خىيالسىز بەندىلەرنىڭ كىچىكى يەتتە-سەككىز ياشلاردا، چوڭى 30-40 ياشلاردا ئىدى. بىراق بۇلارنىڭ روھى شۇنچىلىك كۆتۈرەڭگۈ ھەم جۇشقۇن ئىدىكى، بۇنداق روھىي ھالەتنى ھەتتاكى بۇ ماكاننىڭ ‹‹ئاتالمىش›› كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىشمۇ تەس ئىدى. %zCV>D  
4>I >y@^  
(6)
quGv q"Y>  
B=p6p f  
   يەنە شۇ قاتاردا ئادەملەر ئەڭ كۆپ ماڭىدىغان ھەم توپلىشىپ تۇرىدىغان دوقمۇشلاردا، ئاۋات، قايناق رەستە - بازارلاردا ئەر - ئايال، قېرى - ياش، ئۇششاق-چۈششەك تىلەمچىلەرنىڭ ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇد دۇنياسىدىن يوقاپ كەتكىلى تاس - تاماس قالغان ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق قىلىش، كۆيۈنۈش ھەم غەزەپلىنىش، نەپرەتلىنىشكە ئوخشاش ھېسسىياتلىرىنى قوزغايدىغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى بىچارە قىياپەتلىىرى بىلەن تىرىكچىلىكنىڭ غېمىدە ئالدىراش كېتىپ بارغان ئادەملەرنىڭ دىققىتىنى، جۈملىدىن، ھېسداشلىقىنى قوزغىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈش تولىمۇ ئادەتتىكى بىر ئىش ئىدى. ئەجەبا، ئۇلار قايسىبىر دانانىڭ: ‹‹باشقىلارنىڭ خەيرىھاھلىقىغا ئېرىشكىنىڭ سېنىڭ بەختىڭ ئەمەس، بەلكى تولىمۇ بىچارە ھەم پەسكەشلىكىڭدۇر. چۈنكى يارىماس، پەسكەشلەرلا باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەشنى ياخشى كۆرىدۇ››، دېگەن ھېكمىتىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ بۇلادا ئاۋۇ بالا مايلامچىلارچىلىكمۇ غۇرۇر، ۋىجدان، ئارزۇ، ماجال يوقمىدۇ؟ xq<3*Bcw  
   بۇ تىلەمچىلەرنىڭ بەزىلىرى ‹‹ئاللاھ››نىڭ مۇقەددەس كىتابى ھېسابلانغان ‹‹قۇرئان كەرىم››نى ئوقۇپ، تولىمۇ تەقۋادار ھەم مۆمىن قىياپەتتە ئولتۇراتتى. ئۆتكەن - كەچكەنلەر ئۇلارنىڭ بىچارە قىياپىتىگە ئېچىنىپمۇ ياكى قولىدىكى ‹‹مۇقەددەس كىتاب››نىڭ ھۆرمىتىدىنمۇ، ئىشقىلىپ ئاز-تولا سەدىقە بېرىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. بەزى تىلەمچىلەر شۇنچىلىك مەينەت، پاسكىنا، قاسماق ۋە بېزەڭ ئىدىكى، پاكىزلىقنىڭ، تەقۋادارلىقنىڭ، ھەقىقىي تىلەمچىلىكنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋۇجۇد دەپتىرىدىن ئاللىبۇرۇن چىقىرىپ تاشلىغانلار ئىدى. بۇلار بەزىدە جاي تالىشىپ، ئېغىزغا ئالغۇسىز، ئەپسانە تىللار بىلەن تىللىشىپ، ئۇرۇشۇپ كېتەتتى. يەنە بەزى شۇنداقمۇ ھىيلىگەر تىلەمچىلەرمۇ باركى، ھىيلىگەرلىكتە ئۆزىدىن بۇرۇنقى بارلىق ھىيلىگەر تىلەمچىلەرنىڭ ھىيلىگەرلىكى بىلەن ھىيلىگەرلىكنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان ھىيلىگەر تىلەمچىلەرنىڭ ھىيلىگەرلىكىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان دەرىجىدىكى ھىيلىگەر تىلەمچىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ يەتتە ئەزايى ساق، بېجىرىم ھالەتتە بولۇپ، كوچىلاردا گۈرسۈلدەپ مېڭىپ يۈرۈپ، سەييارە تىلەمچىلىك قىلاتتى. ئۇلار باشقا تىلەمچىلەرگە ئوخشاش كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا بىر جايىدا مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تىلەشنى نومۇس ھېسابلامدۇ؟ ئىشقىلىپ ئۆزلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالدىغا باراتتى. بۇ بەلكىم تىلەمچىلەردىكى ‹‹ئەلا مۇلازىمەت››تۇر. AZgeu$:7p<  
   بىر تىلەمچى ئايالنىڭ ئالدىدا پۈتۈن ئەزايى دېگۈدەك قان - يىرىڭ بىلەن ‹‹زىننەتلەنگەن›› يەتتە - سەككىز ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا گوياكى تۇغۇلغان چېغىدىلا شۇنداق تۇغۇلغاندەك ھەممىدىن بىخەۋەر، خاتىرجەم ھالدا ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئايالمۇ بالىنىڭ مەڭگۈ ساقايماي، ئۆزىنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشتىكى دەسمايىسى بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. يەنە بىر چەتتە، بىر ئايالنىڭ ئالدىدا پۈتۈن بەدىنىنى كىر - قاسماق قاپلىغان، بۇ دۇنياغا ئىككى قولسىز، ئىككى پۇتسىز، جۈملىدىن، ھايات نېمەتلىرىنى تۇتۇش ۋە ھاياتلىق يولىدا مەردانە قەدەملەر بىلەن مېڭىش بەختىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان، ئالتە - يەتتە ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا مەينەت كۆرپىنىڭ ئۈستىدە كىچىك بەگزادىلەردەك بەخرامان ياتماقتا. ئۇ بالا كۆرپىنىڭ ئۈستىدە بىردەم ئۈستىگە، بىردەم ئىككى يېنىغا ئىغاڭلاپ بىر خىل غەلىتە ھەرىكەتلەرنى قىلماقتا ئىدى. بالىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى گوياكى سۇدىن ئايرىلغان بىچارە بېلىقنىڭ نىمجان ھالىتىنى ئەسلىتەتتى. ئايالنىڭ قەلبىدە بالىغا بولغان مېھرى - مۇھەببەت، كۆيۈنۈشتىن ئەسەر يوقتەكلا قىلاتتى. ئۆتكەن - كەچكەنلەرنىڭ بەزىلىرى بالىنىڭ بەختسىزلىكىگە ئېچىنسا، بەزىلىرى ئايالغا نەپرەت ئوقلىرىنى ئېتىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. يەنە بىر دوقمۇشتا، پۈتۈن ئائىلە بويىچىلا تىلەمچىلىك كوچىسىغا كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ ئىلتىجالىرى، ئاھۇ - زارلىرى يۈرەكنى ئەزمەكتە ئىدى. كىشىلەر بۇلارغىمۇ ئۆز لايىقىدا سەدىقە بېرىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. `\vqDWh8-  
   ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، قايسىدۇر بىر يۇرتنىڭ ئادەملىرى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ھەتتا ھازىرقى زامانىۋى دەۋرلەرگىچە تىلەمچىلىك قىلىپ كەلگەنمىش. ئۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرى مەيلى باي بولسۇن، مەيلى گاداي، نامرات بولسۇن ھامان ھەر كۈنى تىلەشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغانمىش. مۇستەقىل ھالدا تىلەمچىلەك قىلىشنى بىلىش - بىلمەسلىكنى بىر ئادەمنىڭ ياراملىق ياكى يارامسىزلىقىنى سىنايدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى قىلغانمىش. تىلەمچىلىك قىلىشنى بىلمىگەنلەرنى ئەل-جامائەت ئارىغىمۇ ئالماسمىش. ھەتتا تىلەمچىلىك قىلىشنى بىلمىگەن يىگىتلەرگە قىزلارمۇ تەگمەسمىش. ئەتراپىمدىكى بۇ تىلەمچىلەر بەلكى ئاشۇ يۇرتنىڭ تىلەمچىلىرىدۇر. قارايدىغان بولسا ئۇ ياقتىمۇ تىلەمچى، بۇ ياقتىمۇ تىلەمچى. گويا بۇ ماكان تىلەمچىلەرنىڭ ماكانىدەك، ھەممە ئادەم تىلەمچىدەك بىر-بىرىگە تەلمۈرۈشۈۋاتقان. ھەقىقەت شۇكى، ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا جىمى مەخلۇقات تىلەمچى. ئىنساننىڭ جىمى ھاياتلىق مەشغۇلارتلىرى پەقەت ‹‹تىلەش›› ئۈچۈن بولۇنغاندۇر. :psP|7%|  
`{GI^kgJ9  
(7)
B2/d%B  
!`h^S)$  
   مانا بۈگۈن بىر دوقمۇشتىن ئاڭلانغان مۇڭلۇق ھەم يېقىملىق بىر كۈي يۈرەكنى ئەزمەكتە. ئاڭلىنىۋاتقىنى ساتارنىڭ داپ بىلەن تەڭكەش قىلىنغان زاماندىن زامانغا، ماكاندىن ماكانغا داۋام ئېتىپ، تومۇردىن تومۇرغا ئۈزۈلمەس ئېقىن ياساپ، يۈرەكتىن يۈرەككە ئەبەدىي سىڭىپ كەتكەن سېھىرلىك مۇڭى ئىدى. ئەجدادلىرىمىز بۇ كۈي بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، غايىلىرىنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەيتتى، بەختىيار ھاياتنى، شاد - خۇراملىقنى، پاك مۇھەببەتنى كۈيلەيتتى. غەم - قايغۇ، ئازاب - ئوقۇبەت، دەرد-ھەسرەتلىرىگە تەسەللىي تاپاتتى. ئىشقىلىپ بۇ كۈيدىن ھەممە نەرسە تېپىلاتتى. بۇ كۈيدىن ھەممەيلەن ئۆزىگە چۇشلۇق ھۇزۇرنى ئىزدەيتتى. ياشلار غۇرۇر، ۋىجدان، ساداقەت، چىن سۆيگۈ قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرنى ئىزدىسە، چوڭلار ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە ئەتە ھەققىدىكى تۈگىمەس تاتلىق خىياللارغا غەرق بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق كۈيلىرى بولغاچقىلا ئۆتمۈشىدىن پەخىرلىنەتتى، بۈگۈننىڭ قەدرىگە يېتەتتى، ئەتىسىدىن تېخىمۇ ئۈمىدلىنەتتى. بوۋاي بېشىغا تۇماق، ئۇچىسىغا ئۇزۇن يەكتەك، پۇتىغا ئۇزۇن قونجۇلۇق ئۆتۈك كىيىۋالغان بولۇپ، چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. ئۇ ساتارنى شۇنچىلىك بېرىلىپ چالاتتىكى، ئەتراپىدىكى ھېچقانداق بىر نەرسە ئۇنىڭ خىيال قەسىرىگە زىنھار كىرىپ چىقمايتتى. ئالدىدىكى كونا داستىخانغا چۈشۈۋاتقان پارچە - پۇرات پۇللارغىمۇ قىلچە قاراپمۇ قويمايتتى. بوۋاي پۈتۈن ئەس- يادى بىلەن ساتارنى ياخشى چېلىش بىلەنلا ئاۋارە ئىدى. ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇغان، ھايات - مامات ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. بوۋاينىڭ ھايات - ماماتىمۇ قولىدىكى ساتاردىن چىقىۋاتقان ئاشۇ مۇڭلۇق كۈي ئىدى. گوياكى ساتار چېلىنىشتىن توختاپ قالسا بوۋاينىڭ ھاياتىمۇ ئاخىرلىشىدىغاندەك. ئۇ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ساتارنى بىردەممۇ توختاتماي چېلىشقا تىرىشاتتى. يېنىدىكى سادىق ھەمراھىمۇ داپ بىلەن شۇنچىلىك بېرىلىپ تەڭكەش قىلاتتىكى، ئىككى قولى گوياكى داپ چېلىش ئۈچۈنلا يارالغاندەك. ئەتراپقا نۇرغۇن ئادەم توپلانغان، بەئەينى بۇ كۈيدىن سېھىرلەنگەندەك. ئالدىراش كېتىپ بارغانلارمۇ ئىختىيارسىز قەدىمىنى ئاستىلىتاتتى، بۇ كۈيدىن ئۆزلىرىگە تەسەللىي بېرىپ ئۆتمىسە، قانداقتۇر بىر مۇھىم نەرسىسىدىن مەھرۇم قالىدىغاندەك. =}1)/gcM  
Q 2mTu[tx  
(8)
d(X/N2~g  
|3{"ANmm'  
   ئىنسان دەرىجىدىن تاشقىرى مۇرەككەپ مەخلۇقات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنى چۈشەنمەك بەسىي مۈشكۈلدۇر. ئىنسانلار بەزىدە تىللاردا داستان بولغۇدەك ئۇلۇغ، ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلىپ، جاھاندىكى ئۇلۇغ مەدھىيە، ماختاشلارنىڭ ھەقلىق ئىگىسىگە ئايلانسىمۇ، يەنە بەزىدە ئىنسان تەسەۋۋۇرىغا ئەسلا سىغدۇرالمايدىغان رەزىللىك، ئىپلاسلىقلارنى قىلىپ، ھەممە نەپرەت كۆزى بىلەن قارايدىغان، ئىبرەتلىك ناملارنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. مانا بۈگۈن بۇ يەرگە بىر مۇنچە ئادەم توپلانغان. ئۇلار بىر ئېچىنىشلىق مەنزىرىگە، يەنى ۋاقىتسىزلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان، بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقان، 22- 23 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى قان ئىچىدە ياتقان بىر يىگىتكە قاراپ سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. ئەتراپتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى يىگىتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە تۈرلۈك قىياس، مۇلاھىزىلەرگە چۈشۈپ كەتكەنىدى. لېكىن ھېچقايسىسىنىڭ قىياسى توغرا چىقىش سىزىقىدىن تولىمۇ يىراق ئىدى. ئۇنداقتا يىگىت نېمە ۋەجىدىن ئۆلدى؟ ئۇنى قايسى مەلئۇن ئۆلتۈردى؟.... ئارىدىن بىرەيلەن يىگىتنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئېچىنغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يىگىت ئۆلتۈرۈلگەن نەق مەيداندا بارلىقىنى، ئۇنى باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، دەل بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسىنىڭ دادىسىدىن قالغان مىراسنى تالىشىپ، شۇنچە توسقىنىغا ئۇنىماي ئۆلتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى قىل سىغمايدىغان دەرىجىدە ئىشەنچ بىلەن ئېيتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغانلار ‹‹توۋا›› دەپ ياقىلىرىنى چىشلەشتى. ئۇ مەلئۇنغا دۇنيادىكى ئەڭ نەپرەتلىك تىللار بىلەن لەنەتلەر ئوقۇشتى. يىگىتنىڭ ئۆلۈمىنىڭ نېرىسىنى بىلىشكە بىزمۇ قادىر ئەمەسمىز. بەلكى ، ئۇنىڭ پېشانىسىغا شۇنداق ئۆلۈم پۈتۈلگەندۇر. پېشانىگە پۈتۈلگەن تەقدىر - قىسمەتتىن ھېچبىر مەۋجۇدات قېچىپ قۇتۇلغان ئەمەس. نىھايەتكى، ئىنسان ئەڭ رەزىل مەخلۇق. ئۇ دۇنيادىكى بارلىق رەزىللىكنىڭ مەنبەسى. i] I{7k  
M 8{J  
(9)
;b6h/* ;'  
q4y sTm  
    ئەي ئىنسانلار! بۇ ماكاندىكى تۈرلۈك - تۈمەن قىسمەتلىك مەنزىرىلەر مېنىڭ ئاشۇ بىپايان، تىلسىملارغا باي قۇملۇق ئانامغا بولغان سېغىنىشىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا. مەن قۇملۇقتا ئاپىرىدە بولغانمەن. قۇملۇق مېنىڭ ماكانىمدۇر. ئۇنىڭسىز ياشاش نەپەستىن قالغىنىمغا باراۋەردۇر. قۇملۇق – ئۇ ھايات-ماماتلىقتۇر، مېنىڭ ھاياتىم قۇملۇق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئۇ گويا بىر ئۈزۈلمەس رىشتە. قۇملۇق ھەققىدىكى قىممەتلەك بايانلار مېنىڭ ئاغزىمدىن چىقىدۇ. چۈنكى مەن قۇملۇق بالىسىمەن. ئىلگىرىمۇ شۇنداق، ھازىرمۇ ھەم شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق، بەلكى ئەبەدىي شۇنداق. ئەي ئىنسانلار! سىلەرگە ئىلتىجا قىلاي، مېنى ئۆز ئەركىمگە قويۇپ بېرىڭلار. مەن يەنىلا ئانا ماكانىم — بىپايان ، تىلسىملىق قۇملۇققا قايتىپ كېتەي! ئۇ يەردە مەن سىلەر ئۈچۈن يىپيېڭى بىر دۇنيا بەرپا قىلاي! Zk:_Yiki&  
L}M%z9K` h  
2007-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە يېزىلدى
UrRYK-g  

تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-17, 17:16
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
نىدائىي
سەبىجان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50476

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   155 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4594 (سوم)
 ياخشى باھا:   779 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1267  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 390
 سائەت
دەرىجىسى:
390 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-04
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-17

ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن
 
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بلەن باشلايمەن.!
qayanmijaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51835

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   78 (سوم)
 ياخشى باھا:   11 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-08-18
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-18

تۆگىنىڭ مازار بىلەن نېمە ئىشى
 
چىقىۋالسام چىشلىۋالسام زدھىرىمنى سانجىۋالسام
نۇر0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50923

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2448 (سوم)
 ياخشى باھا:   559 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   846  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1588
 سائەت
دەرىجىسى:
1588 سائەت 112 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-18

~EL3I  
ناھايتىن ياخشى چىقىپــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ Z)^1~!w0  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ !ay:h Iv  
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ 6D&{+;  
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــتۇ
، H _0F:e  

 
ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇق ئەركەكلەرچە ياشاپ مىللىتىمىزگە خەلقىمىزگە شان شەرەپ كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەممىمىز ئورتاق كۇچ چىقىرايلى !!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى