‹‹مۇھەببەت مۇئەييەن ئىقتىساد ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەكمۇ؟››
R8mL|Vb| 5nk]{ G> V ئۇيغۇر تورچىلىقى تەرەققى قىلىپ بىر قېتىملىق ئۈزۈلۈشتىن كېيىن قايتا تەرەققى قىلىشقا باشلىدى،ئەلۋەتتە بىر قىسىم چايخانىلارمۇ قايتا ‹ئىش باشلاپ›تەرەققى قىلىشقا باشلىدى،لېكىن شۇ چايخانىلارنى ئارىلاپ ھىس قىلدىمكى بۇقۇل ناخشا قويۇشتىن باشقا ھىچقانداق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلمايدىكەن،يەنى ‹ئۈزۈلۈش›تىن بۇرۇنقى چايخانىلارغا سېلىشتۇرغاندا تەرەققىياتى بەكمۇ ئاستا ۋە يىراقتا ئىكەن،ھىچ بولمىسا ئىككى كۈندە بىر ئوبدان تېمىلار تاللىنىپ مۇنازىرە ئېلىپمۇ بېرىلمايدىكەن.سەۋەبى ماڭا نامەلۇم.
kw!! 5U;7 مەقسەتكە كەلسەك ئىلگىرىكى چايخانىلاردا ياخشى تېمىلاردا مۇنازىرىلەر دائىملىق ئېلىپ بېرىلاتتى،شۇ چاغلاردا‹شەبنەم›چايخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق مۇنازىرە ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.چۇشتىن كېيىن ئىشقا چىقىپ چايخانىنى ئاچقان ۋاقتىمدا نەق مۇنازىرە بولېۋېتىپتىكەن،ئالا-ھەزەل بىرەر سائەتلەچە بولغانمىكىن ئاۋاز قاتىدىغانلار رەت تەرتىپىدە نوۋەت ساقلاۋاتقانلارمۇ ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن،شۇ قېتىملىق مۇنازىرە يېرىم كۈندىن ئارتۇق داۋاملاشتى ،ھە توغرا تېمىسى ‹‹مۇھاببەت مۇئەييەن ئىقتىساد ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەكمۇ؟››،مۇشۇ كۆز قاراشنى قوللىغانلارمۇ بولدى،رەت قىلغانلارمۇ بولدى،تۆۋەندە مۇشۇ توغرۇلۇق پىكىرىمنى دىگەچ سىللەرنىڭمۇ پىكىرىڭلارنى ئاڭلاپ باقماقچى .
O)&V}hU* ‹‹مۇھاببەت مۇئەييەن ئىقتىساد ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەكمۇ؟››مەن بۇ كۆز قاراشنى قوللىمايمەن،چۇنكى مۇھاببەت پۇل ئۈستىگە ئەمەس ھەقىقى چىن ساداقەت ئۈسىتىگە قۇرۇلۇشى كېرەك،ئۇنداق بولمىغان مۇھاببەت پەقەت بىر قېتىملىق سودىدىن ئىبارەتتۇر خالاس.چۇنكى چىن ساداقەت ئۈستىگە قۇرۇلمىىغان مۇھاببەتنىڭ ئۇزۇن داۋام ئېتىشى ناتايىن،ياق مەڭگۇ داۋام ئەتمەيدۇ.
WXJ%bH ئەگەر سىز بىر ئايال كىشى بولدىڭىز دەيلى سىز ئۆزىڭىزدىن ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بىرى بىلەن مۇھەببەتلەشتىڭىز ياكى ياتلىق بولدىڭىز دەيلى،ئەمما سىزنىڭ مۇھاببىتىڭىز قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى ،ئىمتىيازىنى كۆزلىگەن بولسا،ئەمىلى تۇرمۇش جەريانىدا ئۇنىڭدىنمۇ پۇلى كۆپ ،ئىمتىيازى يۇقىرى بىرىگە يۇلۇقسىڭىز قانداق قىلىسىز ؟ ئەگەر شۇ يولدىشىڭىزنىڭ ئىنساۋى،ۋىژدان-غورورى بولسىغۇ مەيلى ،ئەگەرشۇنداق بولماي قېلىپ شۇ پۇلىنىڭ تۈرۈتكۈسىدە نەزىرى ئۈستۈن بولۇپ سىزنى ئۆزىنىڭ خاس ‹‹مەھرىمى››قاتارىدا كۆرۈپ مۇئامىلا قىلسىچۇ؟يەنى سىز ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بالا تۇغۇپ بېرىدىغان ،كىر-قېتىنى يۇيىدىغان،خالىسا ئانچە-مۇنچە كۆڭلىنى ئاچىدىغان كىشىسى بولۇپ قالسىڭىزچۇ؟ئەلۋەتتە ئۆيۈڭلار ئۇنىڭ ئۈچۈن كەچتە قايتىپ كېلىدىغان قونالغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ قالىدۇ،چۇنكى ئۇنىڭدىمۇ ئائىلىسىگە نىسبەتەن مۇھاببەت يوق.
w'}b 8m(L خوش ،سىز بىر ئەركىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقىلارنىڭ پۇلىنى كۆزلەپ بىرى بىلەن مۇھاببەتلەشتىڭىز ،توي قىلدىڭىز ،ئەگەر سىزگىمۇ پۇلى ئول قىزچاقتىنمۇ پۇلى كۆپ ،ئىمتىيازى يۇقىرى بىرى يولۇقۇپ قالسىچۇ؟قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىز؟ ئەگەر شۇ يۇرىۋاتقان ياكى توي قىلماقچى بولىۋاتقان قىزىڭىزنىڭمۇ ۋىژدان-غورورى دۇرۇس بولمىسىچۇ سىزنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ؟سىز شۇ ‹مەزلۇم›دىن كۆپىرەك ئىقتىساد تاپمىسىڭىز،يۆلىنىپلا ئۆتسىڭىز كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنەرسىزمۇ؟ئەگەر سىزنى بېقىۋاتقانلىقىنى پەش قېلىپ،ئۆزى خالىغان يەردە يۈرسە سىز ئۆي ئىشلىرىنى يەنى تاماق ئېتىش ،كىر يۇيۇش بالا بېقىش ،ئۆي تازلاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلامسىز؟،ئەر كىشىگە بۇنىڭدىن ئارتۇق زۇلۇم بولماس،چۇنكى ئايال كىشىنىڭ تاپقىنى ئىشىككە ئېسىلغان توقماق دىگەن كونىلار ،ئۆيدىن چىققۇچە،كىرگۈچە ئۈسسىگىنىڭىز ئۈسسىىگەن.
R+P1 +5 ئەگەر مۇھاببەت ئىقتىساد ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك دەپ قارايدىغان بولساق،ئۇنداقتا پۇللۇقلار بىلەن پۇللۇقلار،مۇھاببەتلىشىشى كېرەك دىگەن يەكۈن كەپ چىقىدۇ،مېنىڭچە بۇ بىر بولمىغۇر قاراشتۇر .شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاببەت مەيلىق قارشى تەرەپ مەيلى نامرات ياكى باي بولسۇن ھەقىقى چىن ۋاپا ،ئۈزۈلمەس رىشتەۋە چىن ساداقەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندىلا بۇنداق مۇھاببەت مەڭگۈلۈك داۋام ئېتىدۇ ،ھاياتىڭىز كۆڭۈللۈك ،مەنىلىك ئۆتىدۇ شۇنداقلا بىر بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ چىقالايسىز،ئىقتىساد مەسلىسىگە كەلسەك ،مۇھاببەت ساداقەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندىلا ،ئىككى تەرپ بىر-بىرىنى چۈشىنىدۇ،قوللايدۇ ،بارغا شۈكرى قىلىدۇ شۇنداقلا ئائىلە ئىقتىسادىنى ياخشىلاشقا تەڭ كۈچ چىقىرىدۇ،ئىقتىساد مەسلىسىدىن كېلىپ چىققان بىر قىسىم زىدىيەتلەرنى توغرا ھەل قىلالايدۇ،دىمەك بۇنداق مۇھاببەت ئورۇن ئالغان ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزىلىنىدۇ.شۇڭا ھەممىمىزنىڭ مۇھاببىتى چىن ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغاي،،شۇنداقلا ھەممىڭلار ساپ ،چىن مۇھاببەت يار بولغاي.
Nl0*"}`I_ Z[ys>\_To خوش مەن مۇشۇنچىلىك پىكىر يۈرگۈزۈپ باقتىم قېنى قالغانلارمۇ ئۆز پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ بېقىڭلار،
[ بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرپىدىن 2011-08-17 03:18 PM ]