دەرستىن چۈشۈپ مەھەللىگە يىغىلىپ قالساقلا مۆكۈشمەك ئوينايتتۇق، مەن دىمەتلىك بالىلار جىق بولغاچقىمۇ مەھەللىنى بىشىمىزغا كىيەتتۇق، نەتىجىدە نىجاتنىڭ قاپىقى يامان دادىسى چىقىپ نىجاتنىڭ قۇلاقلىرىنى سوزۇپ ماڭغاندىلا ھەممىمىز چۇرقۇرىشىپ ئۆيلىرىمىزگە قاچاتتۇق. بۈگۈنمۇ مەھەللىنى بىر ئىلىپ مۆكۈشمەك ئوينىدۇق، خىلى بىر ۋاقىتتىن كىيىن مەن يىڭىلىپ قىلىپ باشقىلار مۆكۈپ بولغۇچە ساناق سانايدىغان بولدۇم. بىشەملىكىمدىنمۇ قانداق تولىسى بالىلارنى مۆكتۈرۈپ قويۇپ ئىزدەپمۇ قويماي، ئۆيۈمگە كىرىپ كىتەتتىم. ئەلۋەتتە بۈگۈنمۇ ساناقنىمۇ ساناپ بولمايلا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. كۈندىلا ئۈستەل ئالدىدىن كەتمەي كىتاپ تەھرىرلەپ ئولتۇرىدىغان دادام يوق. ئاپامدىن سورىدىم، بىراق ئاپامنىڭ كۆزلىرى نەملىشىپ قالغانىدى. چۆچۈپ كەتتىم.
#cqI0ny?G -نىمە بولدى ئاپا؟ دادام قىنى؟
|u+!CR -ھە، ئارقا بىنادىكى پولات ئاكاش تۈگەپ كىتىپتىكەن، ئەرلەر تۇپراق بىشىغا چىقىپ كەتتى.
dQy K4T
-كىمۇ ئۇ؟
'%y;{,g* -سىلەر كەچكىچە ساراڭ دەيدىغان ھىلىقى ئاكاش....
r'MA$PiS' ۋاي توۋا، شۇنچە يىل بىر مەھەللىدە ئولتۇرۇپمۇ ھازىرغىچە ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن دىسە...
QSOG(}w ئىسىمنى بىلگەندىن تارتىپ مەھەللىمىزدە شۇنداق بىرى بولىدىغان، ئۈستى بىشى قاچانلا قارىسا توپا بىسىپ كەتكەن، قاچانلاردا ئۇچىسىغا چىقىپ قالغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان شۇ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن كىيىم، تىللىسىمۇ، ئۇرسىمۇ كۈلۈپلا تۇرىدىغان، ھەتتا قارشىلىقمۇ قىلمايدىغان شۇ «ساراڭ»، ئۇنى كىچىكىمىزدىن تارتىپ چوڭىدىن كىچىككىچە ھەممىمىز شۇنداق ئاتىغاچقىمۇ ئىسمىنى سوراپمۇ باقمىغانىكەنمەن.
}d%Fl}.Ez مەھەللىمىزگە قاچانلاردىن كەلگىنىنىمۇ بىلمەيمەن، لىكىن ئاپاملارنىڭ دىيىشىچە ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى تۈگەپ كەتكەن بىر خوشنىمىزنىڭ يىراق تۇغقىنىمىش، ئۇ خوشنىمىز تۈگەپ كەتكەندە ئۆيىنى شۇ ساراڭغا قالدۇرغانىكەن.
DTHWL مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ گەپ قىلىپ باققىنىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم ۋە بەلكىم ئۇ بىر گاچىدۇ...
|^"0bu" كۈندە مەھەللىدىكى چوڭ كىچىك مەكتەپ، خىزمەتلىرىگە ماڭسا ئۇمۇ قولىغا بىر خالتىنى ئىلىۋىلىپ مەھەللىدىكى ھەممە ئەخلەت چىلىكىنى بىر ئاختۇرۇپ چىقاتتى، شۇ ۋاقىتلاردا دوستلىرىم بىلەن ئۇنى تە قىلىپ، پالانچى نومۇرلۇق ئەخلەت چىلىكىگە بىرى بىر خالتا پۇل تاشلاپ قويۇپتۇ دىسەك شۇ ھامان يۈگرەپ كىتەتتى. بىزمۇ بىكارلىق تاماشىدىن تىلىقىپ كۈلۈپ كىتەتتۇق.
h=B=
J بەزىدە مەھەللىمىزدىكى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن بەكرەك باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىغان خوشنىلىرىمىز ئۇنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈپمۇ ئۈلگۈرەتتى. ھەتتا ئۇنى ئۆيلەپ قويۇشنىڭ مەسلىھەتىگە چۈشۈپ، مۇۋاپىق قىزلارنىڭ تەرىپىنى قىلىپ بىرلىككە كىلەلمەي ھەتتا قىزىرىشىپمۇ قالاتتى، بۇ ئىشلار بىزگە بەكمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلاتتى، چۈنكى كۆپىنچىمىزنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ بۇنداق ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇشى بەكلا غەلىتە ئىش ئىدى. ئاددىيسى ئۇنى ھىچكىم بىر نورمال ئادەم دىمەيتتى...
:TkMS8 مانا ئەمدى ئاشۇنداق ھىچبىر ئىگە چاقىسىز بىرى بۇ دۇنيادىن كەتتى، ئۇ ئىلگىرى قانچىلىك ئاددىي ياشىغان بولسا ئۆلۈمىمۇ شۇنچە ئاددىي، جىمجىتلا ئۇزاۋاتتى.
<(i5hmuVd ئۇ يەرلىككە قويۇلۇپ ئۈچىنجى كۈنى مەھەللىمىزدىكى چوڭلارنىڭ پىكرى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاددىي بولسىمۇ نەزىر بەردۇق،بىراق دەل شۇ كۈنى ئۇنىڭغا تۇنجى قىتىم ئىگە چىقتى...ھەممىمىز ھەيرانلىقتا ئاغزىمىزنى ئىچىپلا قالدۇق.
`4g}(- قار يامغۇر تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتقان بۇ ئايال قارىماققا بەك چوڭمۇ ئەمەس ئىدى، 40 لارغا كىرگەن بولسا كىرەك، كىيىنىشى خىلى ئىسىل سۈپەت ئايال ئىدى. مەھەللىدىكىلەر قايتا قايتا سوراپ ئاخىرى «ساراڭ» توغۇرلۇق ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك ئۆتمۈشكە ئىرىشتۇق...
L+}
ئۇ ئايال بىر ئورۇنغا جايلىشىۋىلىپ ئۆتمۈشىنى قىسقىلا بايان قىلدى... 5GGO:
-ئۇ مىنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىم، بىز ئاجرىشىپ كەتكىلى 10 يىل بوپتۇ، ئەلۋەتتە ئاجرىشىش مىنىڭ سەۋەبىمدىن بولغان، ئۇ بىر ئاددىي تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، بەكلا يۇۋاش ئىدى، مەن ئۆزۈم باياشات ئائىلىدە چوڭ بولغان، شۇڭا تۇرمۇش قۇرۇپ ئۇنىڭ ئىككى تۆت تال پۇلىغا قاراپ ئولتۇرغۇم كەلمىدى. كىيىن دوستلىرىم بىلەن سورۇنلاردا يۈرۈپ چوڭ خوجايىنلاربىلەن تونۇشتۇم، كىيىن بالام 4 ياشقا كىرگەندە ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتىم ۋە بىر خوجايىنغا ياتلىق بولدۇم. زىيان تارتقىنى پولات بولغاچقا بالىنى ئۇنىڭغا بەردىم. لىكىن ئاپاملارقارشىلىق قىلىپ تۇرىۋىلىپ پولاتنى مۇئاشى تۆۋەن دىگەن باھانە بىلەن بالامنى ئاپاملار ئىلىۋالدى ھەم پولات يەتكۈدەك پۇل تاپالىسا بالىنى قايتۇرۇپ بىرىش شەرتى بىلەن بالامنى ئىلىپ باشقا شەھەرگە كۆچۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن پولاتقا بالىنى كۆرۈش مۇمكىن بولمىدى. كىيىن ئۇبالىنى ئەكىلىۋىلىش ئۈچۈن خىزمىتىنى تاشلاپ سودىغا كىرىشىپتۇ...بىراق شۇ يۇۋاشلىقىدىن ھەممە پۇلىدىن ئايرىلىپتۇ. كىيىن ئۇنىڭ ئىز دىرىگىنى قىلالمىدىم. ئۇ بىر يىتىم بالا، يىقىندا مۇشۇ مەھەللىدىكى ھاممىسىنىڭ ئۆيىدە دەپ ئاڭلىغانتىم، تۆنۈگۈن بۇ خەۋەر كەلدى.... Y(R.
بارلىق مىھرىنى بالام، ئائىلەم دەپ سەرپ قىلغان، كىچىككىنە بالىىسىنىمۇ ئۆزىدەك يىتىم بولۇپ قالمىسۇن دەپ تۆمۈر تاۋاقتىن ئايرىلىپ ھالال، ھارام ئايرىلماس شۇ سەھنىدە بارلىقىنى يوقىتىپ ھەممىدىن قۇرۇق قالغان، بايلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان دادا، ئەسلىدە ھۆرمەتلىنىشكە تىگىشلىك بولسىمۇ يەنە پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلانغان شۇ ئايال ئالدىدا تىترەپ تۇرغان ئەر، ھەتتا بىزدەك ئاق قارىنىمۇ پەرق قىلالمايدىغان ئادەم ئۇۋاقلىرى تەرىپىدىن «ساراڭ»ئاتىلىپ قىلچە قەدرى قىلىنمىغان بىچچارە ئادەم...توڭ قىشتىمۇ شۇ يۇپقا كىيىم بىلەن يۈرسىمۇ بىزدەك «ئاقكۆڭۈل»خوشنىلىرىنىڭ ئىسىگىمۇ كىرىپ چىقمىغان، ئاخىرى شۇ سوغۇق ئۆپكىسىنى كاردىن چىقىرىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ كەتكەن قەدىرسىز ئادەم... : [7O=[pk
ھەممىمىز پۇلنى تىللىدۇقيۇ ئۇنىڭ مىھرىدىن كىچەلمىدۇق، پۇلنى ئۆزىمىز كەشىپ قىلدۇقيۇ يەنە پۇل بىزنىڭ بوينىمىزغا زەنجىر سىلىۋالدى... %`YR+J/V
3 FV -&Y
مەنبە: ئۆزۈم[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-08-17 10:01 AM دە ]