پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاپەت __ دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى .
 Sj]k5(&   ;>QED  ‹ئاز ئازدىن ئىقتىساد ئىلمى ئۆگىنەيلى › نىڭ داۋامى .
 -}`ES]   daf$`  تەرجىمە قىلغۇچى :م.ئى.خۇدۇيۇم
 `*cT79  2008-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىسلاندىيە زۇڭلىسى خارد تىلىۋىزىيەدە نۇتۇق سۆزلەپ پۈتۈن مەملىكەتكە چىقارغان ئاگاھلاندۇرىشىدا «قېرىنداشلار بۇ بىر ھەقىقى خەتەر، ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىسلاندىيەنىڭ خەلق ئىگىلىكى ، ۋە بانكا سېستىمىسى ئوخشاش بىر قاينامغا كىرىپ قالدى ، نەتىجە دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ » دىدى .
 AWHB^}!}   بۇ ۋاقىتتا ئۆزى تۇرىۋاتقان ئىسلاندىيە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ گۈزەل ، پاكىزە ، پۇل مۇئامىلىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بۇرۇنقى جەننەتتەك بىر ماكان بولماستىن بەلكى ، 138مىلىيارت 3يۈز مىلىيۇن تاشقى قەرزگە بۇغۇلغان بىر دۆلەتكە ئايلانغان ئىدى .
 &,4]XT  بۇ دۆلەت پۇلىنىڭ قىممىتى شىددەت بېلەن تۆۋەنلەپ قارا ئۇتۇپىيەگە كىرىپ قالدى .
 oEbgyT	gB  ئادەتتە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ باياشات ۋە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى بېلەن بۈگۈنى تاپسا ئەتىگە يوقتەك قورقۇنۇشلۇق ھالەتكە كىرىپ قالدى .
 Ug_5INK  ئىسلاندىيەلىكلەرنىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسى 320مىڭ ، ئىلگىرى ئاساسلىق بېلىقچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى . 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە ، پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادى ئۇدا 10يىل تىز سۈرئەتتە ئېشىشتەك ئالتۇن دەۋىرگە كىردى . بۇ ېاقىتتا ئىسلاندىيەنىڭ بانكا سېستىمىسى تىز سۈرئەتتە كېڭىيىپ تەرەققى قىلدى .ئۇلار تېز سۈرئەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارماق بانكىلارنى قۇرۇپ ، كۆپ مىقتاردا قەرز تارقاتتى . شۇنىڭ بېلەن بانكا ئىسلاندىيە ئىقتىسادىدا ئەڭ كۈچلۈك تايانچقا ئايلاندى .
 8:;_MBt	  2008-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگە كەلگەندە ئىسلاندىيەنىڭ ئۈچ چوڭ بانكىسىنىڭ ئۇمۇمى مۈلكى 14تىرلىيۇن 400مىلىيارت كۇرۇنا ، تەخمىنەن 128مىلىيارت دوللار بولغان . شۇنىڭ بېلەن تەڭ 2007-يىلى ئىسلاندىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى (GDP) بىر تىرلىيۇن 300مىلىيارت كۇرونا بولغان .
 jXvGL  بانكا مۈلكىنىڭ كۆپ مىقتاردا جۇغلىنىشى ئىسلاندىيەلىكلەرگە ئابدانلا نەپ ئېلىپ كەلگەن . شۇنىڭ بېلەن بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان (GDP) سى دۇنيادىكى 4 – ئۇرۇنغا چىقىدۇ . بۇ دۆلەتنى پاكىزە گۈزەل مەنزىرىسى ، ئىنتايىن يۇقىرى بولغان پاراۋانلىق سىياسىتى بۇ جاينى پۈتۈن دۇنيا كىشىللىرى ئىنتىلىدىغان بەخىتلىك بىر ماكانغا ئايلاندۇرغان .
 XIh2Y\33ys  بىراق بۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ زەربىسى باشلىنىشى بېلەن بۇ دۆلەت شۇنى بىلدىكى ئۇلار ئەسلىدە بافىت ئېيتقاندەك «يالىڭاچ سۇ ئۈزگۈچى» بۇلۇپ قالغان .
 xy>wA   زۇڭلى خارد ئېتىراپ قىلىپ شۇنداق دىدى : ئىسلاندىيە بانكا سانائىتىنىڭ ئۈزۈل كىسىل كىرزىسقا پېتىش سەۋەبىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە تەۋرىنىشىنى كۈچەيتىۋېتىش بېلەن تەڭ ئىسلاندىيە دۆلىتىنى گۇمران بۇلۇش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى .
 vA@Kb3,  بىز ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا دائىم مەلۇم شىركەت ياكى كارخانا ۋەيران بوپتۇ ، تاقىلىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلايتۇق ، لىكىن ئەزەلدىن دۆلەت گۇمران بوپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدۇق ، لىكىن بۇخىل ھادىسە ھەقىقەتەن پەيدا بولدى . ئىسلاندىيە پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنى كۈچلۈك تەسىرىدە ۋەيران بۇلۇغ گىردابىغا بېرىپ قالدى .
 zqfv|3-!}  ئامرىكا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ۋەيران بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان دۆلەتلەر كۆپىيىپ كەتتى . دۇنيادىكى ئىناۋەتلىك باھالاش ئورگانلىرىنىڭ باھالاش دوكىلاتىدا يەنە بىر قاتار دۆلەتلەر «گۇمران بۇلۇش » گىردابىغا بېرىپ قالغان .
 Y,RED5]t  ئەلۋەتتە دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلۇش ئۇقىمى باشقىدەك ئۇنچە بەك قاتتىق ئەمەس ئالاھىدە بىرخىل بۇلىدۇ . نەزىرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، بىر ئىقتىسادى ئورگان كىچىكتە بىر ئائىلىدىن ، بىر دۆلەتكىچە ، مۈلۈك ، قەرزىنى قامدىيالمىسا گۇمران بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ . لىكىن دۆلەت بېلەن باشقىلار ئوخشاش بولمايدۇ . دۆلەتنىڭ قۇلىدا بىرىنچىدىن باج يىغىش ھوقوقى بار ، ئىككىنچىدىن قەغەز پۇل تارقىتىش ھوقوقى بار ، ئۈچۈنچىدىن قەرز ئېلىش ھوقوقى بار ، بۇ ئۈچ ھوقوقنىڭ بولغانلىقى ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى گۇمران بۇلۇشىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، لىكىن غەرىپتىكى دۆلەتلەردە بۇ ئاللا قاچان ئەمەلىيەتكە ئايلاندى ، بۇ ھالەت يەنى ھۆكىمەتنىڭ ئالمىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 wH=  مۇنداقچە ئېيتقاندا دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
 rs
{e6  بۇنىڭغا قارىتا ئاتاقلىق ئىقتىسادشۇناس شۈدۇڭخۇا : ئاتالمىش دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەت ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ نۆۋەتتىكى تەسۋىرى دەپ تۇنۇشقا بۇلىدۇ . دەيدۇ .
 ,Q4U<`ds!  ئۇ يەنە : دۆلەتنىڭ گۇمران بۇلىشى -بىر دۆلەتنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلدىكى ئىقتىسادى ئەھۋالىدا ئالدى بېلەن سودا قىزىل رەقىمى پەيدا بۇلۇپ ئاندىن كۆپ مىقتاردا مالىيە قىزىل رەقىمى پەيدا بۇلىدۇ ، يەنە كۆپ مىقتاردىكى تاشقى قەرزگە بۇغۇلغان بۇلىدۇ .ئەڭ ئاخىردا بۇ دۆلەت تاشقى قەرز ئارقىلىق تۇلۇقلاش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان بۇلىدۇ ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنى ياخشىلاش ئىمكانىيىتى تۈگەيدۇ .مانا بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا بۇ دۆلەت گۇمران بۇلغان بۇلىدۇ . دەيدۇ .
 2K 
كەينى كەينىدىن ۋەيران بۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قانداق قىلىپ قۇتقۇزۇپ قېلىش قاش بېلەن كىرپىكنىڭ ئوتتۇرسىدا قالغان بىر ۋەزىپە بۇلۇپ قالدى . )tR5JK} AV  
ئەڭ بۇرۇن 2000-يىلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى كىلوگىر خانىم بىر ھەل قىلىش مىخانىزىمىنى ئوتتۇرغا قويغان . بۇنىڭدا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى IMFيادرولۇق ئورۇننى تۇتقان . بۇ لاھىيە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان . 0}Rxe  
ئىككى يىلدىن كىيىن IMF يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتكەن لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويغان .بۇنىڭدا IMF پەقەت كىسىم قىلىش ۋە نازارەت قىلىش رولىنى ئۆتىگەن . r@FdxsCnGM  
ئەينى يىللىرى ئارگىنتىنانىڭ قەرز كىرزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامرىكا ھۆكىمىتى يۇقىرقىدەك لاھىيەنى ئوتتۇرغا قويدى .لىكىن ئۈنۈمى تازا دىگەندەك بولمىدى . _6" vPN  
داڭلىق مۇتەخەسىس ساۋفىڭچىڭ مۇنداق دەيدۇ : } Uki)3(  
بىرىنچىدىن ، خەلقئارادىن قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىش كېرەك ، مۇشۇ قېتىم ئىسلاندىيە روسىيەدىن قۇتقۇزۇش قەرزى تەلەپ قىلغاندەك .خەلقئارا ياردەم ئارقىلىق بېسىمنى يىنىكلىتىش كېرەك . `?LQd2p  
ئىككىنچىدىن سۆھبەت ئارقىلىق قەرز كەچۈرۈم قىلىشقا ئېلىپ بېرىش كېرەك . جەنۇبى ئامرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قەرز كىرزىسىدەك . a(Ka2;M4J  
ئۈچىنچىدىن دۆلەت ئىچىدىكى پۇخرالارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ قىيىنچىلىقتىن بىرلىكتە ئۈتۈشكە سەپەرۋەر قىلىش كېرەك . kB1]_v/  
مانا مۇشۇنداق ھەر تەرەپتىن ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بۇلىدۇ .  .z&V!2zp  
 q9o =,[  
ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلايمەن. ئاراڭلاردىن تېزرەك كارخانىچىدىن يەنە بىرسى چىقىشىنى تىلەيمەن. خۇدايىم بىزنى كارخانىچىسى جىق مىللەتلەردىن قىلغاي.بىزمۇ ھەم شۇنىڭغا تىرىشقايمىز! %y.9S=,v,  
 FP 
تېخمۇ كۆپ ئىقتىسادى بىلىملەر ، پۇل تېپىش تۇرلىرى ۋە يوللىرى باي دادام تور خاتىرىسىدە بار. 2uFaAAT  
 hnZI{2XzBE  
مەنبە : باي دادام تور خاتىرىسى /+4Dq4{t)  
 nR4L4tdS  
http://baydadam.net 1Lz`.%k`:  
 UXD?gK1   
[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-08-17 09:24 AM دە  ]