مەن بىر كۈنى ئىشخانىدا نورمال خىزمىتىمنى قىلىۋاتاتتىم بىر ئايال يىغلامسىرىغىنىچە ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى،دە ئۆزىنى يولدىشىنىڭ قاتتىق ئۇرغانلىقىنى يولدىشىدىن ئاجىرشىپ كىتىدىغانلىقنى ،سوت مەھكىمىسىگە ئالاقە چىقىرىپ بىرىشىمنى ئىيىتتى .بىزنىڭ خىزمەت تەرتىۋىمىزدە بىر ئايال يولدۇشۇمدىن ئاجىرشىپ كىتىمەن دىسە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇقۇپ كىملەرگە مۇناسىۋەتلىك بولسا شۇلارنى چاقىرىتتۇرۇپ كىلىپ ئۆز ئارا مۇرەسسە قىلىمىز ،ئۇلار مۇرەسسەگە كەلمەي پەقەت ئاجىرشىپ كىتىشنىلا تەلەپ قىلسا ياكى بىز ياراشتۇرۇپ قويغاندىن كىيىنمۇ يەنە بىرگە ئۆتەلمەي بىر بىرىگە بىسىم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتسەك ئاندىن بىز سوتقا مۇرەسسە ئاھۋالىدىن يازما ئالاقە چىقىرىپ بىرىمىز . بىز شۇ تەرتىپ بويىچە بۇ ئايالنىڭ يولدىشىنى ئىشخانىغا چاقىرىتتۇرۇپ كەلدۇق ھەم ئايالىنى ئۇرغانلىقىنى ،ئايالىنىڭ ئاجىرىشىپ كەتمەكچى ئىكەنلىگىنى بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى ئىيىتتۇق .ئۇ ئەر ئالدىرىماي ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن «ھەر نىمە بولسا ئاياللارنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسى بار ئىكەن بىزلەرنىڭمۇ ئەرلەر بىرلەشمىمىز بولغان بولسا مەن بۇ خوتۇننىڭ ئالدىدىراق بىرىپ ئەرىز قىلىپ بولاتتىم »دىدى-دە ماڭا دەرت ئىيتىشقا باشلىدى .1.بۇ ئايال مىنىڭ پەرزەنىتلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەپ بىرەلمىدى ،مىنىڭ قىزىم بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردى لىكىن قىزىمنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرى كىندىكى ئىچىلىپ قالغۇدەك دەرىجىدە قىسقا ئۇزۇنلىرىمۇ تىزىدىن ئاشمايدۇ ،يىڭىنىڭ قىسقىلىقىدىن قۇلتۇقى ئىچىلىپ قالغان ياكى يىڭى يوق ،كىيىۋالغان نىيۇزەي ئىشتانلىرىنىڭ تارلىقىدىن ھىلى پارتىلاپ كىتىدىغاندەك ھەتتا بىر قىتىم ئويگە كەلسەم بىر يىگىتنى باشلاپ كەپتۇ ئانىسىدىن ئاڭلىسام ماڭا كۇيوغۇل بولىدىغان بالىكەن ئانىسى خىيالىدا يوق ئويگە كەلگەن مىھمان ئۈچۈن تاماق ئىتىپ بىرىۋىتىپتۇ.نىمە ئۈچۈن ئۇ ئانا تۇرسا قىزىمىزغا «قىزىم كىيىم كىچەك كىيىشكە دىققەت قىلىڭ بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كىچەك كىيىش ئادىتىمىزدە بۇنداق قىسقا كىيىملەرنى كىيسەك بولمايدۇ ،سىزنىڭ يىشىڭىز تىخى كىچىك بۇ يىشىڭىزدا مۇھەببەتلەشسىڭىز بولمايدۇ »دەپ تەربىيە قىلمايدۇ .بىز دىھقان بولغاندىن كىيىن ئۆزىمىزگە يارىشا كىيىملەرنى كىيىشىمىز كىرەك ئەمەسمۇ .2.مىنىڭ ئايالىم كىر يۇسا يۇغان كىيىملەرنى سىمغا بىر ئىلىۋەتسەقۇرۇپ توپىلار چۈشۈپ كەتسىمۇ ئىلىپ ئۆيگە ئەكىرىپ قويمايدۇ ماڭا كىيىم ئالماشتۇرۇش توغرا كەلسە سىمدىنلا ئىلىپ كىيىمەن نەچچە كىيىملىرىمنىڭ رەڭگىمۇ ئۆڭۈپ كەتتى مەنمۇ باشقا ئاياللاردەك چىرايلىق قاتلاپ قويغان يەردىن كىيىم ئىلىپ كەيسەم بولمامدۇ دەيدۇ.3.مىنىڭ ئايالىم مەن سىرىتتىن پۇلغا ئىشلەپ ھىرىپ ئىچىپ قايتىپ كەلسەم(يولدىشى سىرىتتا كۇنلۇك ئىشلەيدۇ ئايالى ئويدە )مىنىڭ ئىشىكتىن كىرگىنىمنى كۆرۈپ ئاندىن «نىمە تاماق ئىتىمەن نىمە يەيسىلەر »دەيدۇ بۇ چاغدا مىنىڭ ئاللىقاچان قوسۇغۇم ئىچىپ ئاران تۇرسام بۇ تاماق مىنىڭ ئالدىمغا قاچان پىشىپ كىلىدۇ،مىنىڭ قانداق تاماققا ئۆچ قانداق تاماققا ئامراقلىقىمنى بۇ خوتۇن ھازىرغىچە بىلمەيدۇ ،ئۆيلىرىم قاچان قارىسام قالايمىقان ئۆيدە بىر ئايال،قىز بالا باردەك ئەمەس مەن ئۆيدە بىر ئايال كىشىنىڭ راھىتىنى كۆرمەي ئۆتۈپ كىتىمەن ،بەزىدە ئاچچىغىمغا چىدىماي ئايالىمنى ئۇرۇپمۇ سالىمەن لىكىن مەن شۇنىڭلىق بىلەنمۇ ئاجىرشىپ كىتىشنى ئويلۇمۇدۇم .ئايالىم ئاجىرىشىپ كىتىمەن دىگەن بولسا مەنمۇ ئاجىرشىپ كىتىمەن مەنمۇ ئۇنداق ئايالغا تويدۇم .دىدى مەنمۇ ئايالىدىن شۇنداق ئىشنىڭ بار يوقلىغىنى سورىغىنىمدا بەزىلىرىنى ئىنكار قىلسىمۇ كۆپ قىسمىنى بوينىغا ئالدى .بىز ئايرىم ئايرىم ئايالىغا ۋە يولدىشىغا تەربىيە ئىشلەپ بىلدۈرۈشكە تىگىشلىك بەزى ساۋاتلارنى بىلدۈردۇق يولدىشىغا بولسا ئايالىنى ئۇرۇشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىگىنى بۇنىڭ ئائىلە زوراۋانلىققا كىرىدىغانلىقىنى بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىش كىرەكلىگىنى ئىيتىپ چىرايلىق ياراشتۇرۇپ چىقىرىۋەتتۇق. ئەمدى گەپنىڭ قىسقىسى مەن بۇ ئىشنى مىسال قىلىش ئارقىلىق بەزى ئاياللىرىمىزغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ ، يولدىشىڭىزنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىقى قانداق بولدى؟ياخشى ناشتا قىلىپ ماڭدىمۇ ياكى ناشتا قىلماي ئاچ قورساق ماڭدىمۇ ؟ ئەتىگەندە ياخشى ناشتا قىلىپ ماڭغاندا چۈشتە سىز يولدىشىڭىزغا قانداق تاماق ئىتىپ بىرىسىز ؟ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ناشتىلىقنى ياخشى قىلىپ بەرمەي ئاچ يولغا سىلىپ قويغىنىڭىز ئۈچۈن يۈرۈگىڭىز ئىچىشامدۇ يوق ؟ئۇنداقتا چۈشلۈك تامى
قىنى قانداق ئىتىپ بىرىسىز؟.چۈشتە بەرگەن تام
ىقىڭىزغا ئاساسەن كەچلىك تاماقنى قانداق ئىتىپ بەرمەكچى؟يولدىشىمىزنىڭ كىيىم كىچەكلىرىنى بولسا ئايرىپ قۇرۇق يۇيۇش ئورنىغا بىرىدىغان كىيىملەرنى قۇرۇق يۇيۇش ئورنىغا،قولدا يۇيىدىغان كىيىملەرنى قولىمىزدا ئاندىن كىرئالغۇدا يۇيىدىغان كىيىملەرنى رەتلەپ يۇيىمىز كىرلەر يۇيۇلۇپ بولغاندىن كىيىن چىرايلىق قاتلاپ بولسا خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى چىچىپ قويۇپ قويىمىز .يولدىشىمىز ئىشىكتىن ھىرىپ ئىچىپ كىرسە ئاۋال ئەھۋال سوراپ تاماق ئىتىۋاتقان بولساق تامى
قىمىزنىڭ ۋاختى بولسا چاي دەملەپ ئۇششاق چۈششەكلەردىن ئەكىلىپ بىرىپ تامى
قىمىزنىڭ ۋاختى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇپ ئاندىن تامى
قىمىزنى ئەتسەك، ئەگەردە تامى
قىمىز پىشىپ قالغان بولسا ئەھۋال سورىۋىتىپ تامى
قىمىزنىڭ پىشىپ قالغانلىقىنى ھازىرلا داستىخاننىڭ تەييار بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويساق بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىقىدىن قۇتۇلۇپ قالىمىز ،يولدىشىمىز بىزنىڭ يولباشچىمىز ،ھايات شامىمىز ،ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈگى ئۇلارنىڭ خوشاللىقى بىزنىڭ خوشاللىقىمىز .ئۇلار بىز ئۈچۈن ،ئائىلىسى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرىدۇ شۇڭلاشقا ئۇلارغا قىزغىن بولىشىمىز ،بارلىغىمىزنى يولدىشىمىز ئائىلىمىز پەرزەنىتلىرىمىزگە بىغىشلىشىمىز لازىم .ماختاش ۋە مۇكاپاتلاشقا پەقەت ئاياللارلا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالماستىن ئەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئىھتىياجلىق .
2kFP;7FO قىنى خانىم قىزلار كۆز ئالدىمدا بۇنداق ئەمىلى مىساللار كۆپ بولسىمۇ ئەمما قەلەم قۇۋىتىم ئانچە كۈچلۈك بولمىغاچقا بەزى سۆز ئىبارىلەرنى ياخشى ئىشلىتەلمەي قالغان جايلىرىم بولسا پىكىر بىرەرسىلەر
[ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-08-16 06:19 PM دە ق ]