مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2437 
  •    ئىنكاس 
       0 

ئىسرائىلىيەدىكى نامايىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى قاراشلار

قەۋەت ئاتلاش
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906744 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11854
 سائەت
دەرىجىسى:
11854 سائەت 386 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
— بۇ يازما jahanger تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-08-16) —

ئىسرائىلىيە «دۆلەت زېمىنى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ 14-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۈز مىڭغا يېقىن ئادەم 13-ئاۋغۇست يۇقىرى مال باھاسىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋە جەمئىيەت ئادىللىقىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدىكى چوڭ نامايىشقا قاتناشقان. گەرچە قاتناشقانلارنىڭ سانى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن نامايىش دائىرىسى ئەسلىدىكى ئېروسالىم ۋە تىل-ئاۋىف قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن پۈتۈن ئىسرائىلىيە تەۋەسىدىكى 12 ئاساسلىق شەھەرگە كېڭەيگەن. ,M !tm7  
UO`;&e-DB  
بۇ قېتىمقى پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان نامايىش ئۈچ ھەپتە بۇرۇن باشلانغان، شۇ چاغدا بىر قىسىم ياشلار پايتەخت تىل-ئاۋىفتىكى روسچىلىد كوچىسىغا چېدىر تىكىپ، ئۆي باھاسى ۋە ئىجارە ھەققىنىڭ ئۆرلىشىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن. ئارقىدىن نامايىشچىلار ئۆزلۈكسىز كۆپەيگەن، يەتتە مىليون 500 مىڭلا نوپۇسى بار ئىسرائىلىيەدە 6-ئاۋغۇستتىلا 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار ئوتتۇرىغا قويغان كونكرېت تەلەپلەر-ئۆي باھاسى ۋە ئىجارە ھەققىنى بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دائىرىدە تىزگىنلەش، كۆپەيمە قىممەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش، مائاش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈرلىرىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. !%mAh81{&/  
qKS;x@  
ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيەنىڭ كىرىم تەقسىمات سىستېمىسىدا قۇرۇلمىلىق زىددىيەت پەيدا بولغانلىقتىن، پۇقرالار خەلق تۇرمۇشىنىڭ قىيىنلىقى تۈپەيلىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى، چوڭ مونوپول سودا تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە كىرىم تەقسىماتىدىكى غايەت زور ھاڭ-پۇقرالارنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇردى.  
4\t1mocCSN  
ماكرولۇق ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ بىر نەچچە يىللىق تەرەققىياتى يامان ئەمەس بولغان. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئەھۋالدا، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئاساسەن %4تىن %5كېچە بولغان ئارىلىقنى ساقلاپ كەلگەن، 2009-يىلىلا %0.8 تۆۋەنلەپ قالغان. سېتىۋېلىش كۈچىگە ئاساسەن ئۆلچىسەك، ئىسرائىلىيەنىڭ كىشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2010-يىلى 29 مىڭ 800 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ئىشسىزلىق نىسبىتى پەقەت %5.7 بولغان. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈنۈمسىز تۇپراق ئۈستىدە زامانىۋىلاشقان سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ چىققان، بۇنىڭ ئىچىدە ئالماس پىششىقلاپ ئىشلەش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسپى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى-ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىدىكى ئۈچ چوڭ تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلانغان. Uh}seB#mJj  
vEM(bT=H  
vQVK$n`  
txql 2  
ھالبۇكى، سەرخىل ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ نەتىجە دەپتىرى-كىرىم تەقسىمات سىستېمىسىدا ساقلانغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى يوشۇرۇپ قالدى. ئىسرائىلىيە مەركىزىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتقان نوپۇس پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %23.6نى ئىگىلەيدىكەن، بۇ-تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر كۇلۇبى دەپ ئاتالغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ناھايىتى نورمالسىز ئەھۋال ئىكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ جىنى سانى 2008-يىلى 0.392گە يېتىپ، 0.4لۈك قىزىل سىزىققا قىستاپ قالغان. }0 hL~i  
vY|^/[x#B  
ئىسرائىلىيە مەركىزىي بانكىسى بۇلتۇر ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، ئىسرائىلىيەدە تەخمىنەن 20 سودا گۇرۇھى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى بازارلىرىدىكى تاۋار ئوبوروت سوممىسىنىڭ %50نى مونوپول قىلغان. چوڭى ئاپتوموبىلدىن كىچىكى كىيىم-كېچەك، ئاياغقىچە بولغان ھەر بىر تاۋار-ياساش سودىگىرى ياكى ئىمپورت سودىگىرى ئارقىلىق، بۇ مونوپوللۇق سودا تەشكىلاتلىرىنىڭ ئوبوروتى بىلەن ئىستىمالچىلار قولىغا تەگكۈچە باھاسى ئاز دېگەندە بىر ھەسسە ئاشىدىكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ كىشى بېشى ئايلىق مائاشى ئامېرىكىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن، لېكىن زىيادە پۇل پاخاللىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى بېجى سەۋەبىدىن نۇرغۇن تاۋارلارنىڭ ئاخىرقى باھاسى ئامېرىكىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇندىن باشقا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت يېرىنىڭ %93نى مونوپول قىلغان، ھۆكۈمەت يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش جەھەتتە نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ، ئۆينىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ قولىغا بارغان چاغدىكى باھاسى ئاسمان-پەلەك بولۇپ كېتىدۇ. TjK{9A  
l7(!`NPbC  
«دۆلەت زېمىنى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ يېقىندا بىر مەخسۇس كومىتېت تەشكىللىگەنلىكىنى جاكارلىغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئالىم، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ئەربابلار ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئامما بىلەن سۆزلىشىشكە مەسئۇل بولىدىكەن. نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسىگە كەسكىن، مەسئۇلىيەتچان مۇئامىلە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار تېخىمۇ كۆپ دۆلەت يەرلىرىنى چىقىرىپ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سېلىش، ئاممىۋى قاتناش تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىمپورت تاۋارلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش، دۆلەت ئىچىدىكى مال باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋەرلىشىش مىنىستىرى موسى كاھرون مەن باجنى ئازايتىش ھەم چوڭ مونوپول سودا تەشكىلاتلىرىنى ئايرىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم دېدى. bSwWszd~  
tqPx$s  

تېما تەستىقلىغۇچى : jahanger
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-16, 00:23
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...