مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3050 
  •    ئىنكاس 
       13 

دەۋرىمىز ھەقىقى ئەينەكلەرگە موھتاج

قەۋەت ئاتلاش
alzaman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1691

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   727 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15070 (سوم)
 ياخشى باھا:   618 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   880  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 401
 سائەت
دەرىجىسى:
401 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-24

X;6X K$"  
C}00S{nAZ  
     SnXYq 7`t  
$}\. )^[}  
YEZ"BgUnbp  
PMTyiwlm  
مېنىڭ تۇنجى قىتىم ئۇقۇغان كىتابىم ‹‹ئۇيغۇر مىللىتىدىكى پىسخىك ئاجىزلىقلار››دېگەن كىتاب ئىدى ،مەن بۇكىتابنى ئۇقۇغاندىن كېيىن ،مىللىتىمىزنىڭ شۇۋاقىتتىكى ھالىتىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ چۈشكۈنلەشكەنىدىم ،كېيىن بۇقېتىمقى ئىللەت قىزىشقا سەۋەبكار بولغان ‹‹يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام››دېگەن ئەسەرنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم،لېكىن بۇ ئەسەر مەندە چۈشكۈنلىشىشنىڭ ئورنىغا ،ئاچچىق ئىزتىراپ ،ئېتىراپ قىلىش،يازغۇچىغا بولغان قايىللىق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلدى . kwyvd`J8  
بۇ ئەسەردە 90-يىللاردا شۇ دەۋىرگە نىسبەتەن زور تەسىر قوزغىغان ئەسەر ھىسابلىنىدۇ ،بۇ ئەسەرنىڭ ئىجتىما ئى رولى ھىلىھەممۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە ،بۇ ئەسەردە شۇ دەۋردىكى مىللىتىمىز كىشىلىرى ئارىسىدا ساقلانغان ،نادانلىق ،مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئارقىدا قىلىش ،قارىغۇلارچە ئەگىشىش پاش قىلىنسا ئادىمىيلىك بىلەن ئىنسانلىق خىسلەت ،مەدەنىيىلىك پاكىزلىق بىلەن ،چۈشكۈنلۈك بىلەن قاششاقلىق ئارىسىدىكى سىلىشتۇرما ،ئىستانبۇل،مەككەسەپەرلىرىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ دىيارىمىزدىكى شۇ ۋاقىتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى ،مىللەتكە بولغان چەكسىز مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن  خەلقىمىزگە سۇنۇلغانىدى . sX**'cH  
بۇ ئەسەر 90-يىللاردىكى مىللەتنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى چىنلىق بىلەن ئىپادىلىگەچكە خەلقىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغانىدى .ھەم ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى تۇنجى ئاۋازلىق ئەسەر (مېنىڭ بىلىشىمچە ئابدۇقېيۇم ئىمىن ئاۋاز بەرگەن ئۈنئالغۇ لىنتىسى )بولۇپ تارقالغانىدى ،بۇ ئەسەر مەيلى زىيالى ئوقۇغۇچى بولسۇن ،مەيلى دېھقان سودىگەر بولسۇن ،ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ پۈتكۈل قاتلىمىغا سىڭىپ كېرىپ ئۆز -ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ،ئىللەتلەرنى ‹‹قىزىش››‹‹ئىللەتچىلىك دولقۇنى ››كۆتۈرۈلدى شۇ قىتىمقى دولقۇندىن كېيىن يازغۇچى زىيالىيلىرىمىز ‹‹بارچە قۇشلار بەس-بەستە سايراپ ››بۇ دولقۇننى تېخىمۇ قىزىتتى . ZAiQofQ:2  
بەزى مەسئۇلىيەتسىز يازغۇچىلىرىمىز ،مىللەتنىڭ كىچىككىنە ئەيىبى ياكى نوقساننى كۆپتۈرۈپ پۈۋلەپ مىللەتنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىقىلىپ كۆرسەتتى ،‹‹ئۇيغۇر دېگەن قوي گۆشى يىگەچكە قويدەك يۇۋاش ،نادان مىللەت ئەمدى بۇ مىللەت تۈگەشتى ››دېگەندەك مىللەتنىڭ ھالىدىن ئومۇميۈزلۈك زارلايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى ،بۇ قىتىمقى دولقۇندىن كېيىن مىللىتىمىز ئارىسىدا مىللەتنىڭ ھالىتىدىن چۈشكۈنلىشىش ،زارلاش تەدرىجى يىلتىز تارتتى . TI*uNS;-  
ئەلۋەتتە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئاقىلانىلىك ئەمەس ،خوراز بىلەن قاغىنىڭ سايرىشىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن ،شاتۇت مىڭ بۇلبۇلنى دوراپ سايرىسىمۇ يەنىلا دورامچۇق شاتۇت ،شۇڭا ھەقىقى زىيالى بىلەن نام چىقارغۇچى زىيالىينى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم . s\ ~r 8  
ئۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن ‹‹رېستوران ئىنقىلابى ››ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كېرىشكە باشلىدى ،بۇ ئىنقىلابنىڭ تەسىرى سۈپىتىدە كۈنسېرى ئەۋج ئىلىۋاتقان مەيخورلۇق ،ئىسراپچىلىق ،ھەشەمەتچىلىك ھەم شۇنىڭغا يانداشقان بىر قاتار مەسىلىلەر پاش قىلىندى ،ئىسىمدە قىلىشىچە شۇ دەۋىردىكى ‹‹رېستوران ئىنقىلابى ›،تەنقىد قىلىنغان ‹‹قىرى يىگىتنىڭ تويى ››دېگەن داراممىدا   : 0%V:B  
كىتابنى چاڭ باستى ،قەلەملەرنى دات ، zb9$  
بىزدىكى ئوي بۈگۈن توي بىلەن داستىخان ....... RQh4RUm  
دېگەن مىسرالار ناخشا بولۇپ توۋلانغانىدى ،بۇ بىر تەرەپتىن ‹‹رېستوران ئىنقىلابىنىڭ ››ساداسى ئەكس ئەتسە ،بىر تەرەپتىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىدىن كېيىن بىر مەزگىل تاشلىنىپ قالغان ئىلىم ساھەسىنىڭ ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولسا كېرەك . #=zh&`  
D vK}UAj=  
يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان بىزنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ساياھەت ۋە ئوقۇشقا بىرىشقا سەۋەبلىك بۇ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشتى ،شۇ سەپەرلەرنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە نادىر ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تۇتتى ،مەسئۇليەتچان زىيالىيلىرىمىزدىن ئەسئەت سۇلايمان ،ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىلارئۆز گە مىللەتنى ئۆزگە دۆلەتنى بىزگە تونۇتۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىچىپ بەرگەچ بىزنىڭ مىللى كىملىك ئىگىمىزنى بىخلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى .يەنە ئەختەم ئۆمەر ،يالقۇن روزى ،نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇنىدەك يازغۇچى زىيالىيلىرىمىز ،جەمىئيەت، تۇرمۇش،ئەرلىك غورۇر ،مىللى كىملىك .....قاتارلىق ئاممىباب مەسىلىلەردە ئۆز كۆز-قاراش پەندى -نەسھەتلىرىنى توختىتىپ قويمىدى ،ئۇلارنىڭ ئەمىليەتنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يازغان ماقالە ئوبزورلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ ،بىزنى دوپپىمىزنى ئالدىمىزغا ئىلىپ قويۇپ ئۆزىمىزنى ،كىملىكىمىزنى ،ھەقىقى ھالىمىزنى ئويلىنىشقا ئۈندىدى . QU\|RX   
q'1rSK  
مانا مۇشۇنداق قىزىش  ئويلاندۇرۇشلار نەتىجىسىدە ھازىر مىللىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆز-ئۆزىنى تونۇش ،ئۆزگەرتىش مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايدىغان ئاڭ تەدرىجى شەكىللەندى . mT)iN`$Y@  
شۇنىڭ بىلەن تەڭ بەزى ئاشقۇنلۇقلارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى ،‹‹دۇنيادا ئۇيغۇردەك ئېسىل مىللەت يوق ،ئەجدادلىرىمىز ئۇنداق قىلغانەي بۇنداق قىلغان ››دەپ ئەجدادلىرىنىڭ تونىدا تەرلەيدىغانلار . 3 D+dM0wM  
ۋەيا بۈگۈنكى ھالىتىنى خاتالىقى سەۋەنلىكى پۈتۈنلەي شۇ ئەجداد ئۈستىگە ئارتىپ ‹‹بىزنى مۇشۇ كۈنگە قويغان ئاشۇلاردەپ شۇلارنىڭ گىپى چىقسا قەبرىلىرىنى جوتو بىلەن قىزىپ ئىسكىلىتلىرىنى سىرتقا  چىقىرىپ قويۇشلار . m+V'*[O{  
ئۇيغۇرنىڭ شۇنداق گىپى چىقسىلا پىچاق كالتەك كۆتۈرۈشۈپ مىللەتنى قوغدايدىغان نوچىلار . cl{;%4$9  
‹‹ئىللەتسىز ئۇيغۇر››بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئەتراپىمىزدىكى باشقا مىللەتلەرنى ئۆزىگە تەڭ قىلماي ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا كۆز يۇمۇپ يوققا چىقىرىپ مىللەتنىڭ ئىللەتلىرىنى يىپىپ يوقۇتۇپ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇنماقتا . G-T:7  
بەزى ھەقىقى يازغۇچى زىيالىيلىرىمىز بىلەن بىلەرمەن مەنمەنچىلەر بىر تاياقتا ھەيدىلىپ بەزى ياشلىرىمىزنىڭ ئىددىيىسىدە ھەقىقى مىلەت سۆيەر يازغۇچىلىرىمىزمۇ مىللەتنى سۆككۈچى مىللەتنىڭ يېغىرىغا تۇز سەپكۈچى دەپ قارىلىپ قالماقتا . 0A|.ch  
ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ ،ياخشى يامان،يورۇق قاراڭغۇ،گۈزەل كۆرۈمسىز ،مەدەنى مەدىنىيەتسىز ،....ئۇيغۇر جەمىيىتىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ،نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى ىاراكتىرىمىز بولغاندەك بەزى سەۋەنلىكلەردىن خالى ئەمەسمىز مەيلى ئۇ دۇنياۋى مەسىلە بولسۇن ،ياكى زامان ماكاننىڭ بىزگە مەجبۇرى يۈكلىگەن يۈكى بولسۇن چوقۇم ئۇ بىرلا كىشىدە ئەمەس مەلۇم توپقا تېخى بەزىلىرى ئومۇمى مىللەت ئارىسدا ئىغىر ئەۋج ئالغاندۇر . QPdhesrd-  
بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز(ھەقىقى يازغۇچىلىرىمىز )مۇ ماقا لە، ئوبزور ،شىئېر يازغانلىرىدا ئومۇمى مىللەتنى ئەمەس مەلۇم شۇ كىشىلەر توپىنى تەنقىدلەپ تۇرۇپ يىزىشىدۇ ،بۇ پەقەت ھەممەيلەن شۇنداق دېگەنلىك ئەمەس ،شۇ نۇقسان ئەيىب بارلار ئىبرەت تەربىيە ئالسۇن ،يوقلار تېخىمۇ تاكامۇللاشسۇن دېگەنلىك . vu1F  
ئەگەر ئىللەت مەلۇم بىر كىشىدىلا بار دېيىلسە جەمىئيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرى شۇ كىشىگىلا قارىتىلسا ئۇ ھالدا بۇ ئەكسىچە تەسىر بەرمەسمۇ ؟ 4GaF:/  
بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە يىقىندا تورداشلىرىمىز ئابدۇكىرىم ئابلىز ئاكنىڭ مەسىلىلىرىنى ئوچۇق ئاشكارا توردا كۆرسىتىشىتى (بۇ بەلكىم راست ئابدۇ كېرىمكامدا ساقلانغاندۇر ؟ۋە يا ....)لېكىن شۇ مەسىلىلەر يالغۇز ئابدۇكېرىمكامدىلا ساقلانغانمىدۇ ؟باشقا سەنئەتچىلەر ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردە يوقمىدۇ؟ Nno*X9>~  
شۇنداق ھارماي قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملاردىن ئابدۇكېرىمكام زېرىكىپ قالماسمۇ؟ rbs:qLa%  
ئەلۋەتتە دۇنيادا نوقسانسىز ئادەم بولمايدۇ ،مەن ھەممىمىز ئابدۇكېرىمكاممۇ شۇنداق . Joe k4t&0<  
بىزنىڭ ئاشۇ سۆكۈشلىرىمىز ‹‹ئۆلۈك بولسا گۆردە ،تىرىك بولسا توردا ››تىللاپ دېگەندەك مىللەتنىڭ پىسخىكىسىنى ئۇستىلىق بىلەن قىزىپ خەلقىگە مەنىۋى زوق بېغىشلاشقا تىرىشىۋاتقان ئوت يۈرۈك ياشنىڭ قەلبىگە سوغۇق سۇ سەپكەن بولىشى مۇمكىن .بىز شۇڭا بۇنداق ئىللەت ۋە مىللەت توغرىسىدا سۆز قىلغىنىمىزدا ئۇ دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال ،مەن بىز دېگەننى كوپرەك ئىشلەتسەك ،بۇ مەسىلىلەردە نورماللىق ۋە ئومۇملۇق نوقتىسىدا تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشساق . n Hy|  
ھەقىقى زىيالى قانداق بولىدۇ ؟ھەقىقى زىيالى شۇ ئۆزىگە تەۋە بولغان خەلقنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ ،كۈلكىسىگە كۈلۈپ خەلقى بىلەن ھەمنەپەس تەقدىرداش بولالىسا ،مىللىتىنىڭ ئىللىتىنى قوشۇپ سۆيەلىسە ،شۇ ئىللەتلەرنى كۆرگەندە ئاغزىدا ئەمەس چىن يۈرىكىدىن ئاچ ئۇرۇپ ھەسرەت چىكەلىسە شۇنىڭغا دەرمان ئىتىشسە مانا بۇ زىيالىينىڭ ئاددى شەرتى بولسا كېرەك . {bl^O  
ئۇنداقتا ھازىرقى زىيالىيلىرىمىز كىمنىڭ زىيالىسى ؟ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ 80پىرسەنتى ھېلىمۇ  دېھقان شۇ ئۆزىنى زىيالى تونۇغان كىشى مۇشۇ 80پىرسەنت خەلق قونىغا سىڭەلىدىممۇ ؟شۇ ئاددى خەلقىمنىڭ كۆڭلىگە يارىغۇدەك بىرەرئىش قىلالىدىممۇ ؟دەپ ئويلىشى كېرەك ھەرگىزمۇ يالغۇز ئۆيگە بىكىنىۋىلىپئۈستەل ئۈستىدە ئەمەس ،تۆۋەنگە چۈشۈپ دېھقاننىڭ چالمىلىق ئۆيىدە ،توپا-چاڭلىق يولىدا ،ئىش قاينىغان ئېتىزىدا دېھقاننى ھەقىقى چۈشىنىشى كېرەك . r1xN U0A  
ئۆز ۋاقتىدا بىر نەچچە زىيالى كۈدە بىلەن بۇغداينى پەرقلەندۈرەلمەي بۇغداينى ئورۇپ تاماق ئەتمەكچى بوپتىكەن ،شۇنىڭ بىلەن داھىمىز ماۋزېدۇڭ زىيالىيلارنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ چىنىقتۇرۇش لازىملىقىنى تونۇپ يىتىپ زىيالىيلارنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش سىياسىتى قوللىتىپتىكەن ،شۇڭا ئۆزىنى زىيالى سانىغۇچىلار بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا ئەمەس ،يىراقنى تۆۋەننى بەكرە چۈشەنسە ئاندىن ھەقىقى زىيالى بولالايدۇ . :X/j%m*  
بەزى زىيالىيلىرىمىز بولسا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ چەتئەلنىڭ قىممەت قاراش ئىدىيىلىرىنى بىلىپ بىلمەي مىللىتىمىزگە ئىلىپ كېردى ،مىللىتىم قايسى ئىدىيىدە قايسى ئېتىقاد قايسى يولدا دېگەنلەرنى ئويلىشىپ قويۇشمىدى ،ھەتتا پىشقەدەملىرىمىزنىڭ بىر ئۆمۈر جان كۆيدۈرۈپ قىلغان ئەمگەكلىرىنى نولگە چىقىرىپ ئۆز ئىدىيىلىرىنى پەردازلاپ تۆرگە چىقىشقا ئۇرۇندى ،ئۇلار تۆرگە چىقىشقا ئالدىرىمىسىمۇ خەلقىگە يارىغۇدەك ئىش قىلالىسىلا ھامان خەلق ئۇنى قەلب تۆرىگە چىقىرىدۇ ،چەتئەلدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندەك ‹‹ئات ئۈستىدە گۈل كۆرۈپ ››ىەلقمىزنى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىن ياتلاشتۇرماقچى بولغانلار چوقۇم شاللىنىپ تاشلىنىدۇ ،بىزگە ئامېرىكىلىق ياكى چەتئەللىكنىڭ باھاسىدىن ئۆزىمىزنىڭ پېشقەدەم يازغۇچى ئەدىبلىرىمىزنىڭ بەرگەن باھاسى بەكرەك مۇھىم . ?r#e  
پېشقەدەملەر ھەرقانچە دەۋرنىڭ ‹‹ئارقىدا ››قالغان بولسىمۇ ئۇ ئىيتقان سەپسەتىلەرنىڭ ‹‹ۋاقتى ئۆتكەن ››بولسىمۇ شۇ پېشقەدەملىرىمىز نىڭ ئۆزى ياشىغان شۇدەۋرگە مۇئەييەن تەسىز كۆرسىتىپ مىللىتىمىزگە ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقانلىقىدەك پاكىتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك . Ll%[}C?~]?  
ئۇلارنىڭ جەمىيەتكە بەرگەن باھاسىنى سۆككۈچى دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ ئاتىلارچە قىلغان پەند-نەسھەتلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمىسا چوقۇم جەمىيىتىمىزدە ياشلار بىلەن پىشقەدەملەرنىڭ ئارىسىدا ھاڭ شەكىللىنىدۇ .پىشقەدەملىرىمىزنىڭ كۆيۈنۈش،مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان سۆزلىرى ياشلارنىڭ ئاتىكاچىلىقى ئالدىدا يوقىلىپ جەمىئيەتنىڭ مەسئۇل بولۇش روھى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ،شۇڭا پېشقەدەملىرىمىزنىڭ  ھۆرمەت ،ئىززەت ئېتىبارغا ئىگە بولۇشىنى ئۇنتۇپ قالسام بولمايدۇ . @'s^  
9:IVSD&"Rf  
تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق ،ئۆزى ياشىغان جەمىئەتتە،مىللەتتە ،دۆلەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، سىياسىينىڭ رەزىللىكى ،جەمىئيەتنىڭ ئادىلسىزلىقى ......ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ ھەققانىيەت يولىدا جان بەرگەن شائىر يازغۇچىلار ئاز ئەمەس . &8z`]mB{t  
مىللىتىمىزگە قاراپ باقساق 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاپئاق خوجا ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ دارغا ئىسىلغان بابارەھىم مەشرەپ . X^eTf-*T  
20-ئەسىرگە قارايدىغان بولساق مىللەتنى ‹‹ئويغان ››دېگەن سادا بىلەن ئويغىنىشقا ،قاراڭغۇلۇقتىن نادانلىقتىن كۆزىنى ئىچىشقا ئۈندىگەن ،مىللىتىنىڭ ئىللىتىنىمۇ سۆيۈپ ئۆزىگە ‹‹ئۇيغۇر ››نامىنى تەخەللۇس قىلغان ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۆز ئەقىدىسى ،مىللىتىنى روناق تاپقۇزۇش يولىدا يازغان مىسرالىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆلۈم يولىنى تاللىدى . J9zSBsp_  
p,Qr9p3y  
يىقىنقى دەۋرىمىزگە قارايدىغان بولساق ھەقىقى مىللەت سۆيەر ،دېھقاننىڭ زارىنىڭ جارچىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى مەرھۇم روزى سايىت ئاكىدەك ئاتىلىرىمىز ئۆزى يازغان شېئىرلىرىدا دېھقاننى ،دېھقاننىڭ مۇڭ-ئارزۇسىنى ،كەڭ جەمىئەتتە مىللەت ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى پاش قىلىپ خەلقنىڭ ھەقىقى شائىرى دەپ ئاتىلىپ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى . uL\ B[<:  
ئۇ ئۆزىنى ‹‹ئاھ مېنىڭ مىللىتىم ››دېگەن شىئېرىدا ‹‹ئۆزىنىڭ مىللىتىنى يەرگە ئۇرماس ھىچ كىشى زىنھار ،مېنىڭ بۇ ‹‹تىللىشمدا ››تەكتى ھۆرمەت ،ئىززىتى باردۇر ....››دېيىش ئارقىلىق يازغان شېئرلىرىدا مىللەتنى سۆكۈش ،چاۋىسىنى چىتاقا يىيىش ئەمەس ،ئۆزىنىڭ مىللىتىنى سۆيۈش مىللەتكە بولغان ئاتىلارچە مەسئۇلىيەتچانلىق ،ھۆرمەت ئىپتىخارىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىگەن . #\_N-bVu  
k$j>_U? P  
ھازىرقى دەۋرىمىزدە بولسا ئاتا ئىزىنى باسقان ،ئەختەم ئۆمەر ،يالقۇن روزىدەك ھەقىقى مىللەت سۆيەر زىيالىيلىرىمىز جەمىئەتتە ئەكس ئېتىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھادىسلەرنى چىن ،ناھايىتى قايىل قىلارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلاپ خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى ،ئۇلارنىڭ يازغان ماقالىلىرى بىزنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ ئاچچىق ھەسرەت چىكىشكە ئۈندەيدۇ . :]v%6i.  
بىز ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ چىنلىق ،تەبىئىيلىك چۈشىنىشلىك ،سەمىمىيلىك بىلەن يىزىلغان ماقالە ئەسەرلىرى ھەممەيلەنگە روھى ئوزۇق بېغىشلاپ كېلىۋاتىدۇ . @~qlSU&  
ئەنە شۇ بىر تۈركۈم‹‹سۆككۈچى ››زىيالىيلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سۆكۈش روھى ئەمەس ،بەلكى سۆيۈش روھى ،كۆپتۈرمە ئەينەك ئەمەس ،ھەقىقى ئەينەكلىك مىللەتكە كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ،ئادەمنى كىچىكلىتىپ ۋە يا چوڭايتىپ بىرىدىغان ئەمەس ئۆز سىياقىنى ۋۇجۇدىنى ئەينەن كۆرسىتىپ بىرىدىغان ھەقىقى ئەينەكلەر . py6 |uGN  
$0~H~ -  
ئۇلار شۇ ئۆز مىللىتىنى ‹‹سۆكۈپ››ئەسەر يىزىۋاتقان چىغىدا ۋىجدانى ئازابلانماسمۇ؟ھەسرەت چىكىپ بىسىم ھېس قىلىپ قالماسمۇ ؟ئەلۋەتتە ھېس قىلىدۇ .ئەگەر دوختۇر بىمارنىڭ ئوپراتسىيە قىلىنمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئوپراتسىيە قىلمىسا شۇ بىمار چوقۇم ئۆلۈپ كېتىدۇ ،گەرچە ئوپراتسىيە قىلىنغۇچى ئاغرىق ئازابى تارتسىمۇ ئوپراتسىيە قىلىنسىلا بەلكىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالا . 5IE2&V  
بىزنىڭ ھەقىقى ئەينەكلىرىمىزمۇ ئەنە شۇ ئوپراتسىيە پىچىقىنى قولغا ئىلىپ ئۆسمە كەسمەكچى بولغان دوختۇرلار . P4-` 
*/;[ -9  
ئەختەم ئاكا سىزنىڭ چىن ھېسلارغا تويۇنغان ،سەمىمى ،سەھرانىڭ توپىلىرى ئۇچۇپ تۇرىدىغان ئەسەرلىرىڭىزنى يەنە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن ،ئۆسمىنى داۋالىغۇچى دوختۇرغا ئوخشاش سىزمۇ مىللەتنى داۋالىغۇچى قەلەمنى قولىڭىزغا ئىلىپ بىزگە ئېسىل ئەسەرلەرنى سۇنۇپ تۇرغايسىز . u^8:/ ~8K  
بۇ سۆزلىرىمنى تىيىپجان ئىليۇف ئاكنىڭ مۇنۇ شئېرى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي . BqC!78Y/e  
XCc /\  
مېغىزى شاكىلى بار ھەرنەرسىنىڭ ، SV0E7qX  
ئەي ئەقىل شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ . =UE/GTbl  
ئاشىدۇ مىللەتنىڭ پەزىلىتى ، (A|Gb2X  
تونۇسا ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ . a|Io)Qhr  
XkLl(uyh  
مەنبە :ئۆزۈم
aw&:$twbM  
y !)  
[ بۇ يازما alzaman تەرپىدىن 2011-08-15 08:50 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Eltekin
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-15, 23:16
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +30
kamran مۇنبەر پۇلى +30 08-15 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم،
قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .
uytag
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36142

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   192 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   977 (سوم)
 ياخشى باھا:   144 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   114  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1675
 سائەت
دەرىجىسى:
1675 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

ئەلۋەتتە بىر مىللەتنىڭ زەئىپلىكىنى يوشۇرۇش نادانلىق ، زىيادە كۆككە كۆتۈرۈش ئەخمەقلىق! زوردۇن سابىرغا ئوخشاش مىللەتنىڭ ئەينىكى بولالايدىغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن!
 
ھايات مەخسەت ئەمەس ،بىر جەريان.
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1879 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14915 (سوم)
 ياخشى باھا:   1118 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   985  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 835
 سائەت
دەرىجىسى:
835 سائەت 65 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

   بىر  قىسىم  يازغۇچىلارنىڭ  ھەدىسىلا  ،  ئۇيغۇر  ئۇنداق  ،  ئۇيغۇر  بۇنداق  دەپ  ئۆزىمىزنى  كەمسىتىپ  7+] T}4;  
 قەلەم  تەۋرىتىشلىرى  ،  يەنە  بىرى  جەمىئەت  ۋە  كىشلەردىن   ئاغرىنىپ  ، ئايال  كىشى  ئېرىنى  باشقا  ئەرلەرگە  سېلىشتۇرغاندەك  ،  باشقا  مىللەتلەرگە  سېلىشتۇرۇپ  چەتكە  قېقىشلىرى )US|&> o8  
تازا  لايىقىدا  بولمىغاندەك  تويۇلىدۇ  . ئازراقلا  چەتكە  چىقىپ  جاھان  كۆرگەنلىرى  بولسا  ،  خەقنىڭكىنى  xR+=F1y  
 قوش  كۆرسىتىپ  ساياھەت  ،  ئەدەبىي  خاتىرلىرى  بىلەن  مەتبۇئاتلارنى  توشقۇزۋەتكەن . كىشلەر  بۇنى  توغرا قۇبۇل  قىلسىغۇ  قىلدى  .  تەنقىدنىڭ  ،  سۆكۈش - كەمسىتىشنىڭ  كىشىنى  ئۆزگەرتىش ،  توغرا  يولغا  باشلاشقا   W}B 4^l  
ھېچقانداق رولى  بولمايدۇ  . ئەكىسچە تېخىمۇ  يامان  تەسىر  بېرىدۇ  . ھېچكىم  ئۆزىنى  ئەسكى  دىمەيدۇ  .  bqY}t. Y&"  
 مەيلى  سىز ئەسكىلىكتە  ئۇچىغا  چىققان  يا  بولمىسا  تۈرمىدە  باسقۇنچىلىق  ،  ئوغۇرلۇق  ،  قاتىللىق  جىنايەتلىرىنى  7kpCBLM(}  
 سادىر  قىلغان  ئەبلەخلەردىن  سۇراپ  بېقىڭ  ! ئۇلارمۇ  ئۆزىنىڭ  خاتالىقىنى  ئاقلايدىغان  ئوبىيكىتىپ  Ycb<'M*jE  
 تۇيغۇسى  بولىدۇ .  شۇنىڭ ئورنىغابىزنى  ئېلھاملاندۇردىغان  ، ئۆزىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى  تونۇتۇپ   oH~ZqX.3  
 رىغبەتلەندۈردىغان  ،  يول  كۆرسىتىدىغان  ،  كىشلىك  مۇناسىۋەت  ،  سودا ـ  تىجارەت، بىزدە  كەم  بۇلۇۋاتقان  ئىقتىساد  ئىلمىي  دېگەندەك  ئەسەرلەرنى  يېزىشقا  كۈچەپ  باققىنى  9_IR%bm  
 تۈزۈكمىكىن ؟
 
دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس ، بەيگىگە كەلدىم
hansaray
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49845

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   905 (سوم)
 ياخشى باھا:   309 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   497  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1275
 سائەت
دەرىجىسى:
1275 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

مىنىڭچىمۇ  رۇھى غالىبىيەتچىلىق، ئازغۇنلۇقتىن  نىرىراق تۇرۇپ. `ZN@L 
Ndi'b_Sh\  
ئەمەلىيەتچىل .سۇغۇق قان بۇلۇپ كەمچىلىكلىرىمىزنى تۇنۇساق ، ]Ke|wRQD  
'DsfKR^ s  
y=9a2 [3Dz  
b Xq,iX  
،
 
سەن مىنىڭ ھەققىمدە نىمىنى ئويلىساڭ ئاللاھ ساڭا ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسنى بەرسۇن!
يۇسۇپ قەرداۋىغا ھۇرمەت بۇلسۇن!!!ساپالىق مۇسۇلمان بۇلايلى!
hoyuanjia
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.51532

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   82 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   800 (سوم)
 ياخشى باھا:   202 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   199  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1837
 سائەت
دەرىجىسى:
1837 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

نادانلىق ھەمممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ،ئۇيغۇر مىللتىمىز نادان ئەمەس،شۇ تىرىشمايدۇ خالاس
 
owqi555
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   401 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2803 (سوم)
 ياخشى باھا:   430 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   309  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1410
 سائەت
دەرىجىسى:
1410 سائەت 110 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

مىللەت توغرىسىدا گەپ قىلىش،باھا بىرىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس!!! *n[Fl  
ناھايتى يۇقىرى ساپا،ئەتراپلىق بىلىم  بولۇشى كىرەك!!!!!!
 
چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!
irpan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7064

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   667 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2235 (سوم)
 ياخشى باھا:   459 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   476  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7130
 سائەت
دەرىجىسى:
7130 سائەت 270 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

ئۇيغۇر مىللىتىدە ساقلانغان ئىللەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېرىش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ، يەنە شۇ ئىللەتلەردىن قانداق ساقلىنىش كېرەك، ناچار ئىش ۋە خاھىشلارنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىگى توغرۇسىدىمۇ ئويلىنىش كېرەك.
 
كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.
gittarmahiri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11419

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   26 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5364 (سوم)
 ياخشى باھا:   260 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 507
 سائەت
دەرىجىسى:
507 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  owqi555 كە 2011-08-15 05:40 PMئەۋەتىلدى  : H>f{3S-%  
مىللەت توغرىسىدا گەپ قىلىش،باھا بىرىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس!!! 2 H[a Y%1T  
ناھايتى يۇقىرى ساپا،ئەتراپلىق بىلىم  بولۇشى كىرەك!!!!!! _KVB~loT  
G3+a+=e  
   توغرا دەيسىز بىزلەردە بۇلۇپمۇ مەندە ئۇنداق ساپا تېخى يىتىلگىنى يوق ،بۇندىن كىيىنغۇ تىرىشىمەن ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن.ياشا ئۇيغۇرۇم!!!!!! ھازىرچە مۇشۇنداقلا دىيەلەيدىكەنمەن.
 
gittarmahiri
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11419

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   26 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5364 (سوم)
 ياخشى باھا:   260 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 507
 سائەت
دەرىجىسى:
507 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-24
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

مۇشۇنداق ئالتۇن گەپلەر كۆمۈلۈپ كىتىۋاتىدۇ ،مۇشتۇرقىدا باشقا ئويۇن ياكىqq توغرىسىدا گەپ بۇلۇنسا ئىنكاس ئۈستىگە ئىنكاس كۆرۈپمۇ بېشى قېيىپ قالىدىغان ......ھەي بولدىلا.
 
zapar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1766

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4602 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29780 (سوم)
 ياخشى باھا:   823 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   477  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5383
 سائەت
دەرىجىسى:
5383 سائەت 217 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

شۇنداق‹دوسىت يىغلىتىپ ئېيتار،دۇشمەن كۈلدۇرۇپ››. بىراق ئىللەتلەرنى تىللاۋەرمەي تۈزىتىش يولىنىمۇ تەڭ كۆرستىش كېرەك. /:Z~"Q*r  
قايتا بىر تەھىرىرلەپ چىقىڭ ئەسرىڭىزنى. ئىملا خاتالىقى ئېغىركەن.
 
باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!
جاھان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33546

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   81 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1350 (سوم)
 ياخشى باھا:   184 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   110  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1051
 سائەت
دەرىجىسى:
1051 سائەت 139 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-12
ئاخــىرقىسى:2011-08-31
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-15

بۇنىڭغا گۈلەن ئەپەندى ئۇيغۇر كىملەر بىلەن سېلشتۇرىلىۋاتىدۇ ماۋزۇ ئاستىدابەك ياخشى جاۋاب بەرگەن ،« ئىللەت شەخستە بولىدۇ مىللەتتە ئەمەس »دېگەن ئاجايىپ ھېكمەتكە تۇيۇنغان سۆزى شۇ ئەسىرىدە قوللىنىلغان،مەن شەخسەن ھېس قىلىشمچە تەنقىدچىلىك ئۇيغۇرنى تېخىمۇ چۈشكەنلەشتۈردى، بىز شۇنداق مىللەت ،ھالىمىز شۇ ،مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشمىز ھەق دەيدىغان قاراشلار،كىچىككىنە جېدەللەرنىمۇ مىللەت دەرىجىسگە كۆتۈرۋىلىك ئاھسىنىدىغان ھالەتلەر ئەۋج ئالدى...ئۇيغۇرنى سېلىشتۇرۇش توغرا كەلسە ئوخشاش مۇھىت ،ئوخشاش تۈزۈم ،ئوخشاش ئىقىتسادىي،تارىخىي توغرا كېلىدىغانلار بىلەن سېلىشتۇرۇش كېرەك،ئىشقىلىپ مېنىڭ نەزىرىمىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار يەنىلا ئاقكۆڭۈل ،ھېسداشلىق ،ئادىمىيىلىق تۇيغۇسى بار، باتۇر،قىزىققان بولسىمۇ ساددا، ئۆم خەلق...........كەمچىلىك ھەرقانداق توپتا بار،ئۇيغۇرنىڭكىدىن ئارتۇقى بىلەن تېپىلسا تېپىلىدۇكى ھەرگىز كام ئەمەس  ،لېكىن باشقىلار ئارتۇقچىلىق ئارقىلىق ئىلھاملاندرۇش،مىللىي  پەخىرلىنىش تۇيغۇسنى يېتىلدۈرۈشكە بەكرەك كۈچەۋاتىدۇ ،.ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمىمۇ كۆز ئالدىمىزدا ( 90 يىللاردىن ھازىرغىچە ).....
 
kapTalis
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25474

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2021 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28 (سوم)
 ياخشى باھا:   1008 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   266  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5023
 سائەت
دەرىجىسى:
5023 سائەت 247 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-16

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  owqi555 كە 2011-08-15 05:40 PMئەۋەتىلدى  : z;i4N3-:  
مىللەت توغرىسىدا گەپ قىلىش،باھا بىرىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس!!! ""co6qo#>  
ناھايتى يۇقىرى ساپا،ئەتراپلىق بىلىم  بولۇشى كىرەك!!!!!! \|CPR6I  
= 96G8hlT  
توغرا دەيسىز .
 
ئابدۇ.....
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى