مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5065 
  •    ئىنكاس 
       26 

يۈز تۇرانە ئىمتىھان تەسىراتلىرى

قەۋەت ئاتلاش
tasawwur138
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21373

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3729 (سوم)
 ياخشى باھا:   329 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   462  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 897
 سائەت
دەرىجىسى:
897 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-08
ئاخــىرقىسى:2011-10-27

مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقىلى بىر قانچە ئاي بولۇپ قالدى، كۈنلىرىم ماتېرىيال كۆرۈش، يادلاش بىلەن ئۆتتى، لېكىن بۇنداق ئۆگىنىشنىڭ ئاساسەن ئۈنۈمى بولمىدى، مەن تىزىملاتقان ئورۇنغا 1 ئادەم ئالىدىكەن، مەن 2-بوپتىمەن،يېزىقچە ئىمتىھاندا بىرىنچىلىكنى ئالغان رەقىبىم ناھايىتى مەغرۇر كۆرۈنەتتى، چۈنكى ئۇ مەندىن 9 نومۇر يۇقىرى ئالغان ئىدى. مەن بىر ئاز ئۈمىدسىزلەندىم، شۇنداقتىمۇ ۋاز كەچمەي ئۇرۇنۇپ بېقىش نېيىتىگە كەلدىم. سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئاخىرلىشىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا 5 كۈن ۋاقىت قالغاندا مەن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا بىر خەنزۇ پروفېسسور ئاچقان يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش كۇرسىغا قاتناشتىم، كۇرس ھەققى ناھايىتى قىممەت، 5 كۈنلۈكى 1200 يۈەن ئىكەن، كۈنلىرىم غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ ئوقۇش پۇلىنى ئاران جايلاپ تاپشۇردۇم. تەلىيىمگە يارىشا كۇرستا مېنىڭ رەقىبىم كۆرۈنمەيتى، بەلكىم ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولسا كېرەك. j* ZU}Ss  
بىزنىڭ سىنىپتا ئاران 30 كۇرسانت بار ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 5 ئۇيغۇر بار ئىدۇق. كۆپىنچىمىز ئۇزاقتىن بۇيان خەنزۇتىلىنى ئىشلەتمىگەچكە ئوقۇتقۇچىمىز سورىغان سوئالغا خەنزۇ ساۋاقداشلارنىڭ مەسخىرىلىك قاراشلىرى ئىچىدە دۇدۇقلاپ ئاران جاۋاب بېرەتتۇق. ئوقۇتقۇچى بىزنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن بىزنى كۆپرەك سۆزلىتەتتى، كىچىككىنە ئارتۇقچىلىقىمىز ئۈچۈنمۇ بىزنى ماختاپ ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تۇرغۇزۇشقا تېرىشاتتى، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تېرىشىپ ئۆگىنىشكە كىرىشتۇق، ھەر كۈنى 10 سائەت ئولتۇرۇش ئادەمگە ئېغىر كېلىدىكەن. بىز ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قىلىپ، ساۋاقداشلار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ ئۆگىنىشتە تېز ئىلگىرىلىدۇق. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىزنىڭ تېرىشچانلىقىمىزغا، ئۆگىنىش ئىرادىمىزگە، تەپەككۇرىمىزنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە ئوقۇتقۇچىمۇ خەنزۇ ساۋاقداشلارمۇ قايىل بولۇشتى. ئاخىرقى بىر كۈندە ئوقۇتقۇچى يۈرۈش تۇرۇش، كېيىنىش، ئەدەب قائىدە بىلىملىرىنى ئۆگەتتى، ھەمدە بىر قېتىم تەقلىدىي ئىمتىھان ئېلىپ، ساقلانغان مەسلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزنى ئۆزىمىزگە ئىشىنىشكە، چوقۇم غەلبە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. @DNwzdP  
يۈز تۇرانە ئىمتىھان باشلاندى. ئىمتىھان باشلانغان كۈنى ئىمتىھانغا كېچىكىپ قېلىپ مەيدانغا كىرەلمەي ھۇشىدىن كەتكەنلەرمۇ، زار زار يىغلاپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغانلارمۇ بولدى. رەقىبىمگە قارىدىم، ئۇ يەنىلا ناھايىتى مەغرۇر كۆرۈنەتتى، مەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاق كۆينەك، قارا شىم كېىيىپ، گالىستۈك تاقاپ كەلگەن ئىدىم، بىراق رەقىبىم ئالىچىپار كۆينەك، پادىچىلار شىمى كېيىپ كەپتۇ. : 5X^t  
مەن 4-نۆۋەتتە كىردىم. مەن ئىشىكنى چەكتىم، ئىچىدىن كىرىڭ دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.  ئىمتىھان مەيدانى ناھايىتى سۈرلۈك ئىدى، ئىمتىھان ئالغۇچىلار، نازارەتچىلەر، نومۇر خاتىرىلىگۈچىلەر ھەيۋەت بىلەن ئولتۇراتتى، بىراق مەن كۇرستا دائىم پىكىر بايان قىلىپ،  تەقلىدىي ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ پىشىپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئازراقمۇ تەمتىرىمىدىم. ئالدى بىلەن باش ئىمتىھان ئالغۇچىغا ئۆزۈمنى مەلۇم قىلدىم:«3-نومۇرلۇق ئىمتىھان بەرگۈچى كەلدى، يوليورۇق بەرگەيسىز! » باش ئىمتىھان ئالغۇچى ئولتۇرۇڭ دېدى، مەن يۇقىرى ئاۋازدا رەھمەت ئېيتىپ، خەنزۇلارغا ئوخشاش يادەك ئېگىلىپ سالام قىلدىم (چۈنكى ئوقۇتقۇچى چوقۇم مۇشۇنداق سالام بېرىشنى تاپىلىغان ئىدى). ئاندىن چاققانلىق بىلەن ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم. قارىسام چورنىۋاي قەغەزمۇ، قەلەممۇ كۆرۈنمەيتى، بوپتىلا دېدىم،  باش ئىمتىھان ئالغۇچى ماڭا كۆرسەتمە بەرگەندىن كېيىن سوئاللارنى ئوقۇشقا باشلىدى: «1-سوئال ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر دۆلەت مەمۇرلۇقنى تۆمۈر تاۋاق دەيدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر دۆلەت مەمۇرلىرىنى بىكارچىلار، قىلىدىغان ئىشى يوق دەيدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلەيدۇ دەيدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» ئېنىقكى بۇ ئىمتىھان بىرىش مەقسىتىنى ئېىنقلاش ۋە ئۆز ئۆزىنى تونۇش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان سوئال ئىدى، مەن ئوقۇتقۇچىمىز ئۆگەتكەن تەپەككۇر يولى بويىچە جاۋاب بېرىشكە باشلىدىم:بىر قىسىم كىشىلەر دۆلەت مەمۇرلىرىنى تۆمۈر تاۋاق دەۋالدى، چۈنكى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ خىزمىتى مۇقىم، جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى، لېكىن دۆلەت مەمۇرلۇقىنى تۆمۈر تاۋاق دەپ قاراش توغرا ئەمەس، دۆلەت مەمۇرلۇق خىزمىتى دۆلەتنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان خىزمەت، لېكىن مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن ئېغىر، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقنى، يۇقىرى ساپانى تەلەپ قىلىدۇ، تۆمۈر تاۋاق دەپ قارايدىغانلار ئېنىقكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت مەمۇرلۇق ھەرگىزمۇ تۆمۈر تاۋاق ئەمەس. بىر قىسىم كىشىلەر دۆلەت مەمۇرلىرىنى بىكارچىلار، قىلىدىغان ئىشى يوق دەيدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، مەسىلەن ج خ ئورۇنلىرى، يېزا بازار ئورگانلىرىنىڭ خىزمەتلىرى ئىنتايىن جاپالىق، دەم ئېلىشى يوق دېيەرلىك، بىر قىسىم ئورۇنلار قارىماققا ئىش ئازدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خىزمەت تەرتىپى، خىزمەت ۋەزىپىسى بار، شۇڭا دۆلەت مەمۇرلىرىنى بىكارچىلار، قىلىدىغان ئىشى يوق دېيىش توغرا ئەمەس. يەنە بىر قسىىم كىشلەر دۆلەت مەمۇرلىرىنى باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلەيدۇ دەپ قارايدۇ، « يولداش خۇجىنتاۋ مۇنداق دېگەن: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن باشقا دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى يوق» بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى دۆلەت مەمۇرلىرى باشقىلارغا پايدا يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى باشقىلار ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىدۇ، شۇڭا ھەر بىر دۆلەت مەمۇرى ئۆزىدە توغرا بولغان ھوقۇق قارىشى، مەسئۇلىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشى، پىرىنسىپ بويىچە ئىش بېجىرىشى، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتماسلىقى لازىم. ئەگەر مەن بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ دۆلەت مەمۇرى بولالىسام مەن چوقۇم رەھبەرلەردىن، خىزمەتداشلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، تەشكىل ئىشىنىدىغان، رەھبەر خاتىرجەم بولىدىغان، ئامما رازى بولىدىغان مۇنەۋۋەر دۆلەت مەمۇرى بولىمەن، جاۋابىم تۈگىدى. f<{f/lU@  
باش ئىمتىھان ئالغۇچى رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ 2-سوئالنى ئوقۇشقا باشلىدى: -N'wKT5  
«ھازىر شىنجاڭدا ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇپ چىقايلى تېمىسىدىكى تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ » 6U0BP  
(بۇ ئۈنۋىرسال تەھلىل قىلىش سوئالى، ئاساسلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ مەسلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ) >B<#,G  
ھازىر شىنجاڭدا ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇپ چىقايلى تېمىسىدىكى تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. vdcPpj^d5  
بىرىنچىدىن، پارتىيە ھۆكۈمەت رايونىمىزغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، نامراتلارغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىپ بېرىۋاتىدۇ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆيى، ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆي بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى بىر كەچۈرۈم ئىككى تولۇقلىما سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. قىسقىسى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن قىلىپ بېرىۋاتقان ياخشى ئىشلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇپ چىقايلى تېمىسىدىكى تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ چەكسىز مېھىر شەپقىتىنى ئۈنۈملۈك ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. %a?\y_a=b  
ئىككىنچىدىن بۇ پائالىيەت ھەر مىللەت خەلق ئامىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىجىتمائىي مۇقىملىقى قوغداشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ،خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى كۈچلۈك بولغاندىلا دۈشمەن كۈچلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگىلى بولىدۇ. }BUm}.-{u,  
ئۈچىنچىدىن بۇ پائالىيەت ئارقىلىق كادىر، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەۋزەل شارائىتنى قەدىرلەپ، ئۆز خىزمىتىنى تېرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ۋەتەنگە، پارتىيە ھۆكۈمەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرغىلى بولىدۇ. O I0N(V  
بۇ پائالىيەتنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق قىلىش كېرەك: PfsUe,*  
بىرىنچىدىن شەكىلۋازلىق قىلماسلىق،شەكلى رەڭدار، مەزمۇنى مول بولغان تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پائالىيەتنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش، قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، زور داغدۇغا پەيدا قىلىش، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. y=aWSb2y'  
ئىككىنچىدىن ئىشنى ئالدى بىلەن بالىلاردىن باشلاش كېرەك، بالىلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسىدىكى ئىگىلىرى، شۇڭا مەكتەپلەر بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇپ چىقايلى تېمىسىدىكى تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. t2iQ[`/?~  
جاۋابىم تۈگىدى. |)C #  
«3-سوئال: باشلىقىڭىز سىزنى ناھايىتى ئەتىۋارلايدۇ، دائىم سىزنى باشقىلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، خىزمەتداشلىرىڭىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن نارازى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟» ck b(+*+l  
(بۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سوئالى، كىشىلىك مۇناسىۋەت قابىلىيىتىنى سىنايدۇ، بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە باشقىلارنى ئەيىبلەشكە، ئۆزىنى ئاقلاشقا قەتئىي بولمايدۇ، چوقۇم كوممۇنىزىمچە روھ بويىچە ئۆزىنى قاتتىق تەنقىدلەپ جاۋاب بېرىش كېرەك) Ifokg~X~G  
رەھبەر ۋە خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇھىم،چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك بولىدۇ، ئەمەلىي خىزمەتلەر داۋامىدا مەن ھامان رەھبىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ قوللىىشى ۋە ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايمەن، شۇڭا بۇ مەسىلىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ، ناھايىتى ئەپچىل ھەل قىلىشىم كېرەك. 0CvGpM,  
ئالدى بىلەن مەن ئۆز خاتالىقىم ئۈستىدە ئويلىنىمەن، باشلىقىمنىڭ مېنى ئەتىۋارلىشى، دائىم مېنى باشقىلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن: ilXKJJda  
1.بەلكىم مەن ئۆزۈمنى كۆرسىتىشكە ئامراقتۇرمەن، شۇ سەۋەبتىن باشلىقىم مېنى ئەتىۋارلىغان، خىزمەتداشلىرىم نارازى بولغان بولۇشى مۇمكىن. pss e^rFg  
2.بەلكىم مەن دائىم باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە ئورۇنسىز چات كېرىپ ئارىلىشىۋالغاندىمەن.  LJ;&02w@  
3. بەلكىم باشلىقىم مېنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىمنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى ئېنىق بىلمىگەندۇر، بۇنى باشلىقنىڭ سەمىگە سېلىپ قويمىغان گۇناھ مەندە. P3IBi_YyG1  
4. بەلكىم باشلىقىم مېنى باشقىلارغا ياردەمگە ئەۋەتكەن بولسا مەن خىزمەتداشلىرىمغا ئەھۋالنى ئېىنق چۈشەندۈرمەي ئۇلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغاندۇرمەن. بەلكىم مەن ئۇلارغا ياردەم قىلماي ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىپ سالغاندىمەن. F!phTu  
قىسقىسى بۇ ئىشتا پۈتۈنلەي مەن ئەيىبلىك، مەن ئالدى بىلەن مۇۋاپىق پۇرسەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشلىقنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە، مېنى قوللىغانلىقىغا مېنى ئەتىۋارلىغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئاندىن باشلىقىمدىن يوليورۇق سورىغان تەلەپپۇزدا ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى قىلسام خىزمەتداشلار ئارىسىكى ئىتتىپاقلىققا تەسىر يېتىپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا نىسبەتەن باشلىقىمنىڭ مۇۋاپىق يوليورۇق بېرىشىنى سورايمەن. ھەمدە ئۆز سەۋەنلىكلىرىمنى بوينۇمغا ئېلىپ باشلىقتىن كەچۈرۈم سورايمەن. ئىشىنىمەنكى باشلىقىم مېنى چوقۇم توغرا چۈشىنىپ مۇۋاپىق كۆرسەتمە بېرىدۇ. ?lfyC/  
ئاندىن مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ مېنى قوللىغانلىقىغا، مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئاندىن خاتالىقلىرىمنى بىر بىرلەپ بوينۇمغا ئېلىپ، ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئېگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەپتۇ دەپتىكەن، ئىشىنىمەنكى ئوتتۇرىمىزدىكى ئۇقۇشماسلىقلار چوقۇم تۈگەپ،ئۇلار بىلەن ئەپلىشىپ قالىمەن، چۈنكى مەن كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر. <CB%e!~.9  
مەن بۇ ئىشتىن قاتتىق ساۋاق ئېلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر داۋامىدا خىزمەتداشلار ۋە رەھبەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن، مەيلى نېمىلا ئىش قىلاي ئالدى بىلەن خىزمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىمەن، باشقىلار بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ پىكىر ئالماشتۇرىمەن، بۇنداق ئىشنىڭ قايتا كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن. 5JEOLPS  
جاۋابىم تۈگىدى. -L4G)%L\  
«4-سوئال: سىزنىڭ ئىدارىدە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، سىز بۇ پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن پەقەت بىرنىلا تەسىس قىلغان، لېكىن 2 ئادەم بىرىنچى بولدى، بۇ چاغدا سىز قانداق قىلىسىز؟ »  
(بۇ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان سوئال، سوئال چىقارغۇچى ئەپچىللىك بىلەن قىلتاق قۇرۇپ،قانداقتۇ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى دېگەن مەزمۇنلارنى قېتىپ قويغان،خېلى كۆپ قىسىم ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بۇ قىلتاققا دەسسەپ، ناخشا مۇسابىقىسىنى تەشكىللەش ئىشلىرىنى سۆزلەپ، تېمىدىن چەتنەپ كەتكەچكە نومۇر ئالالمىغان، بىراق مەن بۇنداق قىلتاققا چۈشمەيمەندە! چۈنكى مەن بۇنداق قىلتاقلارغا تەييارلىق قىلىپ قويغان.  ) h-|IZ}F7  
بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا مەن ھەرگىز جىددىيلەشمەيمەن، سوغۇققانلىق بىلەن ئۆزۈمنى بېسىۋىلىپ، ئەپچىل بىر تەرەپ قىلىمەن. zRd.!Rv  
ئالدى بىلەن مەن ۋاقىتقا قاراپ باقىمەن، ئەگەر ۋاقىت يار بەرسە دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ مۇكاپاتتىن يەنە بىرنى تەييارلايمەن. pKpB  
بۇ ئارىلىقتا مەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پارتىيە تارىخى، پارتىيىگە كىرىشنىڭ ئەھمىيىتى، پارتىيىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقى توغرىسىدا مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەپ قەستەن ۋاقىتنى سوزىمەن. #t;]s<  
ئەگەر بۇنىڭغا ۋاقىت يار بەرمىسە مەن دەرھال ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، كومپىيۇتېردا تەقدىرنامە باستۇرۇپ، ئۈستىگە تامغا بېسىپ، شۇنى مۇكاپات قىلىپ تارقىتىمەن، ئەلۋەتتە، ماددىي مۇكاپاتنى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرىمەن. |5%T)  
ئەگەر بۇنىڭغىمۇ ئىمكانىيەت بولمىسا مەسىلەن ۋاقىت ئىنتايىن قىستاپ قالسا، تەقدىر قەغىزىمۇ يوق، كومپىيۇتېرمۇ يوق، توكمۇ يوق بولۇپ قالسا پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ بېرىمەن. ھەمدە نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئەتە مەخسۇس تەقدىرلەش چوڭ يىغىنى ئېچىپ ئايرىم مۇكاپاتلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرۇپ قويىمەن. ئىشىنىمەنكى كۆپچىلىك بۇنىڭغا قارشى تۇرمايدۇ. OF={k[  
بۇ ئىشتىن كېيىن مەن تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۆزۈمنىڭ خاتالىقى، بىپەرۋالىقى ئۈستىدە ئويلىنىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەندە باھالاش ئۆلچەملىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئادەم ئىككى بولۇپ قالىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن. =PQ4S2Q  
جاۋابىم تۈگىدى. Qu,R6G  
باش ئىمتىھان ئالغۇچى رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ دېدى، مەن دەرھال چىقىپ كەتمىدىم، بەلكى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئىمتىھان ئالغۇچىلارغا  ئۈنلۈك ئاۋازدا :«كۆپ جاپا چەكتىڭلار، رەھمەت سىلەرگە!» دېدىم، ھەمدە ئۇلارغا خەنزۇلارنىڭ پەدىسىدە يادەك ئېگىلىپ سالام قىلىپ، چىقىپ كەتتىم. > e& L"  
بىر دەمدىن كېيىن نەتىجەمنى ئېلان قىلىپ بەردى، 80 ئاپتىمەن. پۈتۈن مەيدان بويىچە مېنىڭ نومۇرۇم ئەڭ يۇقىرى ئىكەن، مەن كۈچلۈك چاغلىغان خەنزۇلارمۇ 60، 70 ئېلىپ ئاران ئۆتۈپتۇ، رەقىبىم 70.4 ئاپتۇ، ئېنىقكى مەن يېڭىپتىمەن. خۇشاللىقىمغا ۋارقىرىۋەتلىكى تاسلا قالدىم. خۇدا تېرىشقان ئادەمنىڭ ئەجرىنى يەردە قويمايدىكەن، بىر چاغدا ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقتۇق، رەقىبىم ئاتا ئانىسىنىڭ ئالدىدا يىغلىغۇدەك بولۇپ، تىرناق تاتىلاپ تۇراتتى، گەرچە يەڭگەن بولساممۇ بىراق كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ]{# =WTp]  
تۈگىدى. #R:&Irh  
مەنبەسى:ئۆزۈم
تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-14, 15:35
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +20
karakax2 مۇنبەر پۇلى +20 08-14 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
rihat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   442 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6919 (سوم)
 ياخشى باھا:   229 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   319  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5476
 سائەت
دەرىجىسى:
5476 سائەت 124 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

راست ئىشلارمۇ يا ؟ مەنمۇ يۈز _ تۇرانە ئىمتاھانغا قاتناشقان ، لىكىن بۇنداق سۇئاللار ئۇچرىمىغانىدى . بىراق مەن ئالدىنقى يىلى قاتناشقان . قارىغاندا تىخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كىتىپتۇ  دە . تىما ئىگىسىگە رەھمەت . تورداشلارغا سۇئال يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ قويۇپسىز ...
 
asrari
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5434

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1732 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7387 (سوم)
 ياخشى باھا:   860 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   844  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3678
 سائەت
دەرىجىسى:
3678 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-26
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

پىكىر قىلىش يۇلىڭىز بوپ قۇيىدىكەنغۇ؟ ئەگەر سىز بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئىشقا چۈشۈپ تۇيۇقسىز ئاغرىپ يېتىپ قالدىڭىز،زادى بالنىستا ياتمىسىڭىز بولمايدىكەن،سىز بۈگۈن خىزمەتكە چۈشۈپ ئەتىسىلا رۇخسەت سورمايدىغانسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسەل كۆرپىسىمۇ بۇ دەپ ئاتىلىشنىمۇ خالىمايسىز ئەلۋەتتە؟ بىر تەرەپتە خىزمەت،بىر تەرەپتە جان ،قانداق قىلىش كېرەك؟
 
قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر.
________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
rihat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   442 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6919 (سوم)
 ياخشى باھا:   229 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   319  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5476
 سائەت
دەرىجىسى:
5476 سائەت 124 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  asrari كە 2011-08-14 03:58 PMئەۋەتىلدى  : .a*?Pal@@  
پىكىر قىلىش يۇلىڭىز بوپ قۇيىدىكەنغۇ؟ ئەگەر سىز بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئىشقا چۈشۈپ تۇيۇقسىز ئاغرىپ يېتىپ قالدىڭىز،زادى بالنىستا ياتمىسىڭىز بولمايدىكەن،سىز بۈگۈن خىزمەتكە چۈشۈپ ئەتىسىلا رۇخسەت سورمايدىغانسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسەل كۆرپىسىمۇ بۇ دەپ ئاتىلىشنىمۇ خالىمايسىز ئەلۋەتتە؟ بىر تەرەپتە خىزمەت،بىر تەرەپتە جان ،قانداق قىلىش كېرەك؟ `fBQ?[05.  
8 1,N92T5  
تىما باھانىسىدا مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ قالساق قانداق قىلىمىز ؟ قېنى بىر مۇنازىرلىشىپ باقايلى ...
 
urhunbaturi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14553

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5407 (سوم)
 ياخشى باھا:   262 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1645
 سائەت
دەرىجىسى:
1645 سائەت 55 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

پىكىر يۇلىڭىز ناھايىتى ئىنىق ، ھەم ئۇلارغا ياققىدەك جاۋاپ بىرىپسىز، مۇشۇنداق بىلىملەردىن كۆپرەك خەۋەردار بۇلۇپ تۇرساق ، كەلگۈسىدە بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەندە ئەسقاتىدۇ ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر~ سىزنى قۇتلۇقلايمەن ~!
 
ئۆزەڭنى ھەقىقىي ئىنسان دىيىشتىن بۇرۇن،ئۆزەڭدىن باشقىلارغا ھېچقانداق مەقسەتسىزلا ياردەم قىپباقتىممۇ دەپ سورا
tasawwur138
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21373

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3729 (سوم)
 ياخشى باھا:   329 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   462  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 897
 سائەت
دەرىجىسى:
897 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-08
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  asrari كە 2011-08-14 03:58 PMئەۋەتىلدى  : =~s+<9c]  
پىكىر قىلىش يۇلىڭىز بوپ قۇيىدىكەنغۇ؟ ئەگەر سىز بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئىشقا چۈشۈپ تۇيۇقسىز ئاغرىپ يېتىپ قالدىڭىز،زادى بالنىستا ياتمىسىڭىز بولمايدىكەن،سىز بۈگۈن خىزمەتكە چۈشۈپ ئەتىسىلا رۇخسەت سورمايدىغانسىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كىسەل كۆرپىسىمۇ بۇ دەپ ئاتىلىشنىمۇ خالىمايسىز ئەلۋەتتە؟ بىر تەرەپتە خىزمەت،بىر تەرەپتە جان ،قانداق قىلىش كېرەك؟ UZsvYy?  
RKzO$T  
سالامەتلىك بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ دەسمايىسى، كونىلاردا تەن ساقلىق زور بايلىق دېگەن گەپ بار، بىز سالامەتلىكىمىزگە دىققەت قىلىشىمىز، كېسەل بولۇپ قالساق ۋاقتىدا داۋالىنىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا كېسەل بولۇپ قېلىش تۈپەيلىدىن ئىمكانقەدەر خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىمىز، ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كېسەللىك ۋە خىزمەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.  شۇندىلا پارتىيە ھۆكۈمەتكە، خەلق ئاممىسىغا، جەمئىيەتكە يۈز كېلەلەيمىز. ?9?A)?O 
بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا چوقۇم سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، ئەپچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىمەن. 4'3;{k$z  
1.ئالدى بىلەن دوختۇردىن كېسەلنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى سورايمەن. يەنى ئوپراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىكمۇ ئەمەسمۇ، جىددىي كېسەلمۇ سوزۇلما كېسەللىكمۇ، يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالىغىلى بولامدۇ، داۋالاشنى كەچتە ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ دېگەندەك. =84EX 
ئەگەر دورا ئىچىش، ئوكۇل ئۇرۇش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ۋاقتىنچە پەسەيتكىلى بولسا ھەمدە كېيىنكى داۋالىنىشقا تەسىر يەتمىسە دورا ئىچىپ، ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ بولۇپ خىزمەت ئورنۇمغا ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بارىمەن. كېسەل بولۇپ قالغانلىقىم تۈپەيلىدىن روھىمنى چۈشۈرمەي يەنىلا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خىزمەتكە كىرىشىمەن. كەچتە ئىشتىن چۈشۈپلا دوختۇرخانىغا بېرىپ بالنىستا ياتىمەن. ئەتىسى يەنە ئىشقا چىقىمەن. بۇ جەرياندا خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاسىتىدا باشلىقىمنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ، خىزمەت ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت ئورنۇمدىكى ياكى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋاملىق داۋالىنىپ تۇرىمەن. nGX3_-U4  
ئەگەر كېسىلىم نىسبەتەن ئېغىر، دوختۇرخانىدا يېتىپ جىددىي داۋالاشقا، ھەتتا ئوپراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك بولسا بولسا باشلىقىمغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، رۇخسەت سورايمەن، خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خىجىل بولغانلىقىمنى، سەل ياخشىلانساملا چوقۇم ئەڭ تېز سۈرئەتتە خىزمەتكە چىقىدىغانلىقىمنى، خىزمەت تەرتىپى ئىمكانىيەت بەرسە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ساقايغاندىن كېيىن تولۇقلاپ ئىشلەيدىغانلىقىمنى ئېيتىمەن. ئىشىنىمەنكى باشلىقىم مېنى چوقۇم توغرا چۈشىنىدۇ، بۇ تۈپەيلى ماڭا باشقىچە كۆز قاراشتا بولمايدۇ. VZ IY=Q>g  
ساقايغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن باشلىقىمغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئىمكانىيەت يار بەرسە چالا قالغان خىزمەتلىرىمنى تولۇقلاپ ئىشلىۋېتىمەن، ئىمكانىيەت يار بەرمىسە باشلىقتىن ماڭا ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەش پۇرسىتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە داۋاملىق ئىشلەپ ئىدارەمنىڭ ماڭا داۋالىنىش پۇرسىتى بەرگەن ياخشىلىقىنى قايتۇرىمەن. مېنىڭ خىزمەتلىرىمنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىشلىگەچ تۇرغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ مېنى قوللىغانلىقى، ماڭا ياردەم قىلغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر داۋامىدا رەھبەرلەر ۋە خىزمەتداشلىرىمدىن كۆپرەك ئۆگىنىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپى، تەنقىدلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ئالغا باسىمەن، تېرىشىپ ئىشلەپ مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولۇپ، رەھبەرلىرىمدە ۋە خىزمەتداشلىرىمدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلىمەن. l(x0d  
بۇ ئىشتىن كېيىن مەن تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۆز خاتالىقىم ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىمەن. مەن نېمە ئۈچۈن كېسەل بولۇپ قالىمەن؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەلۋەتتە ئۆزۈمدىن ئىزدەيمەن، بەلكىم مەن يېمەك ئىچمەك تازىلىقىغا دىققەت قىلماي مەينەت نەرسە يەۋالغاندىمەن، بەلكىم مەن ھاراقنى كۆپ ئىچىۋېلىپ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ قالغاندىمەن، بەلكىم مەن چېنىقىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ بەدىنىمنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەندۇر، بەلكىم مەن ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى ئۆگەنمەي ساقلىقنى ساقلاشقا دىققەت قىلماي كېسەل بولۇپ قالغاندۇرمەن. E"[p_ALdC  
بۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم داۋامىدا ئالدى بىلەن ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرىنى تېرىشىپ ئۆگىنىپ، بۇ جەھەتتىكى ساپايىمنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن، دائىم چېنىقىپ تۇرىمەن، شۇنداقلا قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، پەيدا بولغان كېسەللەرنى بىخ ھالىتىدە ساقايتىپ، ساغلام تەن جۇشقۇن روھ بىلەن خىزمەتكە ئاتلىنىمەن. \{Q_\s &)  
جاۋابىم تۈگىدى.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
asrari مۇنبەر پۇلى +10 08-15 ئۆزىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.رەھمەت
 
tasawwur138
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21373

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3729 (سوم)
 ياخشى باھا:   329 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   462  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 897
 سائەت
دەرىجىسى:
897 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-08
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  rihat كە 2011-08-14 03:58 PMئەۋەتىلدى  : jTg~]PQ^  
راست ئىشلارمۇ يا ؟ مەنمۇ يۈز _ تۇرانە ئىمتاھانغا قاتناشقان ، لىكىن بۇنداق سۇئاللار ئۇچرىمىغانىدى . بىراق مەن ئالدىنقى يىلى قاتناشقان . قارىغاندا تىخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كىتىپتۇ  دە . تىما ئىگىسىگە رەھمەت . تورداشلارغا سۇئال يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ قويۇپسىز ...   hi$AZ+  
PCL ;Z  
بۇنىڭ ھەممىسى راست دوستۇم، قىلچىمۇ يالغىنى يوق. بۇلار 7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چىققان سوئاللار
 
Hacker
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11677

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   532 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1532 (سوم)
 ياخشى باھا:   293 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   253  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4593
 سائەت
دەرىجىسى:
4593 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ جۇمۇ ،مەيلى قانداقلا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار بولسۇن نەپ تىگىدىغان تىمىكەن
 
ياشاش ھەر بىر نەپەس بەدىلىگە ھىساب بىرىشتۇر
karakax2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46559

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1328 (سوم)
 ياخشى باھا:   337 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 601
 سائەت
دەرىجىسى:
601 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-01
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

ناھايتى ئەھىمىيەتلىك بىر تېما بوپتۇ مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا تەييەرلىق قىلۋاتقانلار  تۇلۇق كۆرسە بولغۇدەك .
 
سەمىمىي راستچىل بول.ئالدامچى كاززاپ بولما.
kapitan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.236

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   314 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   32 (سوم)
 ياخشى باھا:   229 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   288  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2951
 سائەت
دەرىجىسى:
2951 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

قايسى ئورۇنغا تىزىملاتقان ؟   قىزىقىپ  قالدىم !
 
يېزىپ  قويغىن  قەبرە  تېشىمغا  ،
ھەق  ئۈچۈن ئۆلدى دەپ پەقەت !
zapar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1766

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4602 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29780 (سوم)
 ياخشى باھا:   823 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   477  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5383
 سائەت
دەرىجىسى:
5383 سائەت 217 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. ياخشى ئىشلەڭ ھە!
 
باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!
tasawwur138
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21373

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3729 (سوم)
 ياخشى باھا:   329 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   462  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 897
 سائەت
دەرىجىسى:
897 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-08
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-14

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  kapitan كە 2011-08-14 07:32 PMئەۋەتىلدى  : CX|W$b)%  
قايسى ئورۇنغا تىزىملاتقان ؟   قىزىقىپ  قالدىم ! 2W,9HSu8  
4^F[Gp?  
يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتكە تىزىملاتقان.
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى