قازافى دەۋرىدىن كېيىنكى لىۋىيە
o5Qlp5`:u \19XDqf8 ئاپتورى: ئۆمەر ھوشۇر (ئەنگىلىيە)
bXC
0f:L v8pUt\m"
s|{K?s ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلار كىشىلەرگە ھەمىشە مۇبادا ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلسا قانلارنىڭ دەريا بولۇپ ئاقىدىغانلىقىنى، غەربنىڭ ئىشغالىيىتى، نامراتلىق، مالىمانچىلىق ۋە ئەل قائىد تەشكىلاتنىڭ قىرغىن قىلىشىدەك ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇ تەھدىت تۇنىس، مىسىر، يەمەن، بەھرەين، سۇرىيەلەردە ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى، لىۋىيەدە بولسا مەلۇم خىلدىكى قارا يۇمۇر شەكلىدە نامايەن بولدى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بارلىق ئامما شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، مۇستەبىت ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ بەدىلى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمران ۋاقتىدىكى زىيانكەشلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ئاز. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆرلۈك ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدۇ.
V?Nl% M[b 162qx R[
. لىۋىيەدە، ئىچكى ئۇرۇش/قەبىلىلەر ئۇرۇشى، ھەربىي ھۆكۈمرانلىق، «ئۆتكۈنچى مەزگىلدە توختاپ قېلىش» ھەمدە بۆلۈنىش قاتارلىق تۆت خىل شەكىل دېموكراتىيىلىشىشنىڭ كەلگۈسىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. لىۋىيەلىكلەر ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىگەنلىكتىن، بىز يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن كۈچىمىزنىڭ بارىچە ساقلىنىشىمىز كېرەك، يۇقىرى ئەھۋاللار راستىنلا كۆرۈلگەندە ئاندىن كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق.
zlFl{t `yC
R.3+ ئىچكى ئۇرۇش/قەبىلىلەر ئۇرۇشى شەك-شۈبھىسىزكى ئەڭ يامان ئەھۋال. مىسىر ئىنقىلابچىلىرى بۇ ئەھۋالغا قارىتا سەگەكلەرچە ئىشەنچىسى بار. ھۆسنى مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن دىننىي زوراۋانلىق پارتلىغاندا، ئىنقىلابچىلار ئىتتىپاقى «مۇبارەك، سېنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش پۇرسىتىڭ قالمىدى» دېگەن شوئارنى توۋلىدى.خەلقنى ئېزىدىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت ھۆرلۈك ۋە ئادىللىق ئۈستىن غەلبە قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئۇلار ئەسەبىي زوراۋانلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۆلەت، خەلق ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بولغان كونتروللىقىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
Q g"{F},4 w y
Le3 شۇنداق قىلىپ، غەلبە قازىنىش ئۈچۈن مۇئەممەر قازافى گېنرال بىر قېتىملىق خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قەستەن قوراللىق توقۇنۇشقا ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. مۇنداق قوراللىق توقۇنۇش مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتى خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىشىچە، بىر دۆلەتتە مۇستەبىتلىككە قارشى قوراللىق ھەرىكەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى %43 ئىكەن، ئەگەر دېموكراتىك ھەرىكەت زوراۋانلىققا چېتىلمىسا، ئىچكى ئۇرۇش پارتلاش نىسبىتى پەقەت %28 بولىدىكەن.
=BGc@:2 $B$=,^)3
b0KorUr ئوخشاشلا 1900-يىلدىن 2006-يىلغىچە بولغان 323 قېتىملىق قوراللىق ۋە قورالسىز قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئاساس قىلغان تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئۆكتىچىلەر قوراللىق ھەرىكەت قوزغاپ 5 يىل ئىچىدە دېموكراتىيەگە ئۆتۈشتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىش نىسبىتى پەقەت %3 بولىدىكەن، ئەگەر قوراللىق توقۇنۇش پارتلىمىسا، بۇ نىسبەت %51 بولىدىكەن.
~CM{?{z; T-5T`awf ئەلۋەتتە، لىۋىيە مۇستەبىتلىكتىن كېيىنكى ئىچكى ئۇرۇش سايىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ جەمەتلەر ۋە رايونلۇق بۆلۈنىشنى چەكلەش، يەنە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت ۋە ھەربىي كومىتېت ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار ئارىسىدىكى تىركىشىنى ياراشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.غەرب، شەرقتىكى قەبىلىلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، يەنە غەربتىكى بەزى قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ زوراۋانلارچە بۆلۈنىش ئەھۋالى كېلىپ چىقتى.
=,0E3:X^ |f zo$Bq مەسىلەن 6-ئايدا، ئارىلىقى 15 كىلومېتىر بولغان ئەل زىنتان توپىلاڭچىلىرى بىلەن راييانىيا كەنتى ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش پارتلىدى. بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى،بۇ كىشىلەرگە ئەگەر بازارلار بىلەن كەنتلەر ئارىسىدىكى زوراۋانلىق بۆلۈنىشلىرى داۋاملاشسا قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. لىۋىيەدە سىياسىيغا ئۆچمەنلىك قىلىش يېڭى ئىش ئەمەس، 120 نەچچە قەبىلە (بۇ قەبىلىلەر نوپۇسى كۆپ، بايلىقى مول 30 چوڭ قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن تەركىب تاپقان قوراللىق گۇرۇھلار ئىچىدە، قەبىلە ئۆچمەنلىكى ئېھتىمال ئىنتايىن خەتەرلىك بولىشى مۇمكىن.
s;5PHweWf oY0
*T9vv+ ھەربىي ھۆكۈمرانلىق يەنە بىر سەلبىي ئەھۋال. «ئەركىن ئوفىتسېرلار» تەشكىلاتىدىكى بىر قانچە شەخس مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. 1969-يىلدىكى پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈش دەل يۇقىرىدىكى تەشكىلاتنىڭ نادىر ئويۇنى. بۇ بىر قانچە كىشى ئابدۇل فاتاخ يۇنۇس گېنرال (يېقىندا قەستكە ئۇچرىدى)، گېنرال سولايمان مەخمۇد، پولكوۋنىك خەلىفە ھەفتار، مايور مۇھەممەد نەجىم ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىقى نەچچە كىشى 1969-يىلدىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈشكە قاتناشقانلىق سەۋەب بىلەن تارىخىي قانۇنلۇققا ئىگە، يەنە چۈنكى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى ئىنقىلابقا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەلىي قانۇنلۇققا ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار يەنە بىر قانچە چوڭ قەبىلىگە تەۋە، شۇنداق بولغاندا ئەگەر مىسىردىكىدەك ھەربىي كومىتېت ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلسا، ئۇنداقتا قەبىلە مەنپەئەتى كەڭ ۋەكىلگە ئېرىشەلەيدۇ.
WO}JIExy O-&n5
m,.d< ** مىسىر بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، مەيلى كىم لىۋىيە ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالسۇن، ھەممىسى ئۆزىنىڭ قانۇنلىقىغا تەھدىت سالىدىغان ھەمدە ئاممىۋى ئوبرازىغا بۇزۇغۇنچىلىق قىلىدىغان ئوسال ئىقتىسادىي ئەھۋالغا يۈزلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ ئېھتىمال بىر توپ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلارنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتنىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەگەر لىۋىيە ئىنقىلابى ھەربىي ۋاستىدىن پايدىلانسا غەلبە قىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. تىرىپولىدىكى ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ قازافى ۋە ئوغۇللىرىغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى ئېھتىمال توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما تۆھپە ۋە سىياسىي كاپىتال ھەربىي قوماندانلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
cF/FretoO OI`Lb\8pP ئەمما لىۋىيەلىكلەر 40 يىللىق ھەربىي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتىن جاق تويدى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى دۆلەت بايلىقى ياكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىدىن ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشىپ باققىنى يوق. ياۋروپا دۇچ كەلگەن ئىككى چوڭ مەسىلە تېرورلۇق ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىگە كەلگەندە، ئەرەب ھەربىي مۇستەبىت رەھبەرلىرىنىڭ ئانچە شانلىق بولمىغان تارىخى بار. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئالجرىيە دەل بۇ جەھەتتىكى ۋەكىل بولالايدۇ، غەرب ھۆكۈمىتى زۇلۇم سالىدىغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋانلىق مەنىۋى داھىيسى ۋە مۇساپىرلاردىكى يامان ئايلىنىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ.
_nTjCN625 B2,!
0Re «ئۆتكۈنچى مەزگىلدە توختاپ قېلىش» ئۈچۈنچى خىل ئەھۋال، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە، لىۋىيە پۈتۈنلەي دېموكراتىك بولمىغان ھەم پۈتۈنلەي مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقتا بولمىغان «يېرىم ئەركىنلىك» تىكى «كۈلرەڭ بەلباغ « قا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ مۇددەتلىك سايلام، دېموكراتىك ئاساسىي قانۇن، ئاۋام جەمئىيىتى ۋە سايلامدىكى كۆز بويامچىلىق، ئاممىنىڭ رايىنى بۇرمىلاش، ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش ۋە ئاممىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇشنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىدەك ئاقىۋەتتىن دېرەك بېرىدۇ. «ئۆتكۈنچى مەزگىلدە توختاپ قېلىش» ھەمىشە دېموكراتىك ئىسلاھات يۆلىنىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا كەڭ كۆلەملىك چىرىكلىك، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بىخەتەرلىكنىڭ كەمچىل بولىشى ئەكسىچە «مۇستەبىتلىك بىلەن پەرقى بولماسلىق» تەك ئەپسانىنى كۈچەيتىدۇ. ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ روسىيەدىكى ھۆكۈمرانلىقى دەل بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ ۋەكىلى.
Nq9(O#} HV?awc
WrD20Q$9Q كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، «دېموكراتىيە ژورنىلى» ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسى 1970-يىلدىن 2000-يىلغىچە «ئۆتكۈنچى باسقۇچتا تۇرغان» 100 دۆلەت ئىچىدە، پەقەت 20 دۆلەت (چىلى، ئارگېنتىنا، پولشا ۋە تەيۋەن) دېموكراتىيە ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدى. 5 دۆلەت دەھشەتلىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قايتىپ كەتتى (ئۆزبېكىستان، ئالجىرىيە، تۇركمەنىستان ۋە بلوروسىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، باشقا دۆلەتلەر ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا تۇرۇپ قالدى.
}& 1_gn15 :X$&gsT/, لىۋىيەنىڭ دېموكراتىيە تەجرىبىسى كەمچىللىكىنى ئويلاشقاندا، بەزىلەر توختاپ قېلىش قازافى دەۋرىدىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى نەتىجە دەپ قارىدى. ئەمما لىۋىيە مۇستەبىتلىكتىن دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتۈشتىكى ئاجىز ھەمدە قەبىلىلەر كۈچلۈك بولغان بىردىنبىر دۆلەت ئەمەس. ئالبانىيە، موڭغۇلىيە ۋە ھىندىستان تېخىمۇ مۇرەككەپ سىناقلارغا ئوڭۇشلۇق ئۇچرىدى، پايدىسىز شارائىتلاردا دېموكراتىيە ئۆتكۈنچى مەزگىلى ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلىدى.
5w1=j\oq h]zx7zt-
تۆتىنچى خىل ئېھتىماللىق بولسا بۆلۈنشكە چۈشۈپ قېلىش، بۇنىڭدا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغىنى سىرېنايكا (شەرق)، فاززان (جەنۇب) ۋە تىرىپولى (غەرب) لاردۇر. سىرېنايكا ئاساسىي جەھەتتىن قازافىنىڭ كونتروللىقىغا ئۇچرىمايدۇ، تىرىپولى بولسا قازافىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا، فاززان ئىنقىلابقا پۈتۈنلەي قاتناشمىدى. ئەمما يۇقىرىقى رايونلارنىڭ مەمۇرىي چېگرىسى ئەزەلدىن ئېنىق سىزىلغان ئەمەس ھەمدە 1951-يىلدىن باشلاپ ئاز دېگەندە 8 قېتىمدىن كۆپ ئۆزگەرتىلگەن. 2007-يىلى لىۋىيەنىڭ يەنە 22 مەمۇرىي رايونى (شابىيا) بار ئىدى، نۆۋەتتە پەقەت ئۈچىسىلا قالدى.
?`w ~1 wLgRI$_Dm بارلىق ئېھتىماللىقلار مىسىر ۋە تۇنىسنىڭ نەتىجىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. دېموكراتىيە ئۆتكۈنچى باسقۇچىدا، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئىسلاھاتى ھەمىشە دۆلەت ئىچىدىكى دېموكراتىيىلىشىشكە ياردىمى بولىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قانداق بىرى ھەربىي مۇستەبىتلىك ياكى ئىچكى ئۇرۇشنى توسىدى ھەمدى لىۋىيەگە مۇۋاپىقىيەتلىك بۇرۇلۇشتا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.
4 5Ql7~ #~#_)\l'F مەنبە: ئوكيان تورى، نەپرەت2009 تەرجىمىسى
yDyq. -Q http://news.okyan.com/View.aspx?ID=2772