سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ
|(l]X
r&O /t`|3Mw ئەسسالام ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام،مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسىتىم ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى چۈشۈنۈپ بېقىش ئۈچۈن،يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدە بولۇپمۇ قىزلار توغۇرلۇق تېمىلار كۆپرەك يوللىنىۋاتىدۇ ھەم چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ كۆپ،بەزىدە تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارمۇ چۈشتى ھەم يەنە شۇ تېما توغۇرلۇق قورساق ئۇرۇشى بولۇپ قالغانلارمۇ كۆپ ئالدى بىلەن شۇنداق تېما يوللىغانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن،تېما يوللىغاندىن كېيىن سىلەرنىڭمۇ كۆڭلۈڭلەرگە ياققۇدەك ئىككى ئېغىز ئىنكاسنى يازغان بىرەسىنى كۆرگۈڭلار باردۇ،لېكىن ئۇنداق بولمىدى بەزىلەر سوقۇشۇپمۇ قالدى.بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمىز ئويلۇنۇپ باقساق.
9_==C"F ئىنسانلار بەرپا بولغان نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان مەيلى ئادەملەر بولسۇن،مەيلى جەمىيەت،تەرەققىيات بولسۇن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە،ئەتراپىمىزغا ئوبدان قاراپ باقساق ھازىرقى ياشلىرىمىزدىلا ئەمەس ئاتا-ئانىلىرىمىزدىكى ئۆزگۈرۈشمۇ شۇنداق چوڭ.
b5MU$}: مەسلەن:بۇرۇنقىلار توي-تۆكۈن،مەشرەپلەر بولسا يىغىلىپ مىللىيچە ئۇسۇللارنى ئويناپ خوشال كۈلەتتى،ھازىرقىلار ئۇنداق ئەمەس ئاتىلىرىمىز بولسا ئاغىنەم دەپ مېھمان قىلغىلى چىقىپ كېتىۋاتقان،ئانىلىرىمىز بولسا سەپ تارتىپ چاي ئويناۋاتقان،باللىرىمىز بىر بولسا بىر بۇلۇڭدا شۈمشىيىپ ئولتۇرغان يەنە بىر بولسا ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق بولۇپ ئاتا-ئانام ئوينىسا بولىدىكەنيۇ مەن ئوينىسام نېمە بولىدۇ-دەپ يېشىغا ماسلاشمىغان يەرلەردە يۈرگەن. بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ،جاپا تارتقان ئادەمنىڭ ئېچىلىپ يېيىلىپ ئوينىۋالغۇسى كەلمەمدۇ،ئېچىلىپ يېيىلىشىڭىز خاتا ئەمەس لېكىن شۇ ئېچىلىپ يېيىلىشنى قانداقتۇر باشقا بىر كىشىلەر بىلەن رېستۇرانلاردا ئۆتكۈزمەي شۇ يەردىكى ۋاقتىڭىزنى باللىرىڭىزنىڭ ئۆگىنىشگە ياردەملەشىشكە ئاجراتسىڭىز،شۇ يەردە يېگەن تاماقتىن كۆرە ئۆز قولىڭىز بىلەن ئوخشۇتۇپ بىر لىگەن پولو ئىتىپ يولدىشىڭىزنىڭ باللىرىڭىزنىڭ ئالدىغا قويۇپ كۈلكە چاقچاق بىلەن ئولتۇرۇپ يەۋالسىڭىز ئۇنىڭدىن ئارتۇق بەخىت ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئېچىلىپ يېيىلىشلار بولماس.ئويۇن-تاماشاغا بېرىلگەن ئاتا-ئانىلىمىز ئاز بولمىغاندەك، يولدىشىنىڭ گېپىدىن چىقماي ئىسلامىي قائىدىلەرنى تۇللۇق بەجا كەلتۈرىۋاتقان ئانىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس،ئايالىغا ساداقەتمەن بولۇپ كەيىپ ساپا يولىغا ماڭماي باللىرىنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقان ئاتىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.
7Cp/{l;d مەن مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتا مۇئەللىم چوڭلارنى ھۆرمەتلەش،كىچىكلەرنى ئىززەتلەش دەپ ئۆگەتكەندەك قىلىۋىدى لېكىن ھازىر بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ئەتراپىمىزدا بەك ئاز ئۇچرىتىمىز.
c|3oa"6T> مەسلەن:مېنىڭ ئۆيۈم دولان دەرياسىنىڭ بويىدا بىز بىر ئائىلىلىك تىجارەتچى بولغاچقا باشقىلارغا قارىغاندا بىزنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىمىز بەكرەك كەچ،كەچلىگى ئۆيگە قايتىۋاتقىنىمىزدا بىر –بىرىگە ئېسىلىپ تۇرغان قىز-ئوغۇللىرىمىزنى كۆرىمەن،يېنىدا دادىسى دېمەتلىك ئادەملەر مىڭىۋاتسىمۇ تەپ تارتماي قىلغان قىلىقلىرىغا قاراپ ئۇلار خىجىل بولماستا مەن خىجىل بولۇپ كېتىمەن،كەچلىگى ئادەم كۆرمەيدۇ دېسىغۇ مەيلىتى لېكىن كۈندۈزىمۇ شۇنداقلارنى كۆرمىسەم دەپ ماڭساممۇ كۆزۈمگە شۇنداقلا چېلىقىپ قالىدۇ،بۇلار ئاساسەن دېگۈدەك مەكتەپ باللىرى ،ئاتا-ئانلىرى بۇلارنى مۇھاببەتلەشسۇن دەپ جاپا تارتىۋاتمايدۇ بەلكى ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولارمىكىن دەپ بەزىدە كېچىنى –كۈندۈزگە ئۇلاپمۇ ئىشلەيدۇ،لېكىن باللىرىڭىز بۇنى بىلمەيدۇ بەلكىم بىر كۈنلەر كەلگەندە پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.
|X*y-d77W يەنە بىرى ھازىر مەيلى كىچىك بولسۇن مەيلى چوڭ بولسۇن ئۆز-ئارا پۇل خەجلەش،كىيىم كىيىش جەھەتتە بەسلىشىش خېلىلا ئېغىر.مەنمۇ بۇرۇن كۆزۈمگە چىرايلىقراق كۆرۈنگە نەرسە بولسا ئاپا مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم ماۋۇنىڭدەك كىيىم كىيىۋاپتىكە بەكلا يارىشىپتۇ ماڭىمۇ ئەپ بېرىڭە دەپ تۇرىۋالاتتىم،لېكىن ھازىر ئويلاپ باقسام مەن ئۇلارغا ئارتۇقتىن ئارتۇق تەلەپ قويۇپتىمەن ئەسلى ئىنسان ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن كۈنلىرىدىن مەمنۇن بولىشى ھەم شۈكرى قىلىشى كېرەككەن.بەزىدە بۇرۇن ئاتا-ئانامغا كىچىك بولساممۇ كىيىم كىيىش،پۇل خەجلەشتە باشقىلاردىن مەنمۇ قالمايمەن دەپ تۇرىۋالغىنىمغا بەكلا خىجىل بولىمەن،ئەگەر شۇ ۋاقىتنى كەينىگە قايتۇرۋالغىلى بولغان بولسا چوقۇم ئۇلار نېمە دېسە شۇنى قىلغان بولاتتىم دەپ ئويلايمەن لېكىن پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەنكەن.
LK4NNZf7 بۇرۇنقى ئاياللىرىمىز گىرىمنى ھەقلەپ نىكاھلاپ يولدىشىغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قىلاتتىكەن،لېكىن ھازىر سىرىتقا چىققاندا سەندىن مەن قالامتىم دەپ باشقىلارغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن قىلىدۇ،مودا يۈرگەن قىزلار ھەممىگە چىرايلىق ھەممىگە ئۇماق كۆرىنەمدىكىن تاڭ بىز ئەڭ ساپ دېگەن سەھرالاردىمۇ مانا مۇشۇنداق مودىلىق ئەۋج ئالغىلى تۇردى،بەزىدە يولدا كېتىۋېتىپ سەپ سېلىپ قالىمەن قىسمەن يىگىتلىرىمىز ئالدىدا ئالدىدىن بىر مودا ھەم چىرايلىق قىز كېلىۋاتقان بولسا ئالدىدىن قاراپ تويماي كەينىگىمۇ ئۆرۈلۈپ قارايدۇ، شۇنداق ۋاقىتتا تاسادىبىي بىر يېزىلىق كىيىمىلىرى كونا،گىرىممۇ قىلماي ئۆزىنىڭ سەبىي چىرايىنى ساقلاپ قالغان بىر قىز سوقۇلۇپ كېتىدۇ،لېكىن يىگىت بولسا ئۆزى كەينىدىكى مودىغا قارايمەن دەپ سوقۇلۇپ كەتكىنىنى ئۈستىگە ئالماي ئۇ قىزغا سەت بىرنى ئالىيىپ كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭ بولمامدۇ شە كۆرمىگەن سەرالىق دېۋىدى خەقنىڭ ئالدىدا ئۇ قىز يىۋەتمىدى يۇ،يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇپ كەتتى.بۇمۇ كۆز ئالدىمدا بولغان بىر ئەمەلىيەت.ئۆزىمىزنىڭ ھالىغا باقماي سەھرالىق دەيمىز،لېكىن ئاشۇ سەھرالىق بولمىسا بىزدەك شەھەرلىك نەدىكەن،ھەممە نەرسە بىر ياراتمىغان سەھرادىن كېلىدۇ.
Id^q!4Th9 جەمىيەت تەرەققىي قىلغانسىىرى كىشىلەرنىڭ سەۋىيسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى،سەۋىيە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن بىرگە خۇددى ھەممە ئادەم ئۆزلىشىپ كەتكەندەك يوللاردىمۇ قالايمىغان چاقچاق قىلىپ ئاۋازىنى قويىۋىتىپ كۈلۈپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغاندەك قىلىقلار خېلىلا كۆپ.يەنە شۇ سەۋىيە يۇقىرى كۆتۈرلىشى بىلەن بىرگە شەرمى-ھايا،ئىپپەت-نومۇسىنى قوغداش بىر چەتتە قالىدىغان ئىشلارمۇ بوپ قېلىۋاتىدۇ،بۇرۇن نۇرغۇن نۇرغۇن قىزلىرىمىز ئۆتكەن ئۆزىنىڭ ئىپپىتى ئۈچۈن جېنىدىن كېچەتتى،ھازىر جان ئۈچۈن ئىپپەتتىن كېچىدۇ.
8pf]M& بەزىدە مۇنبەردە قىزلارنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى توغۇرلۇق تېما يوللانسا بىر خىللا بولۇپ قالىمەن،چۈنكى مەنمۇ بىر ئۇيغۇر قىزى،بۇزۇلۇپ كېتىش جەريانىنى ئېلىپ ئېيىتساق چاۋاك بىر قولدى چىقمايدۇ،گۇناھ يالغۇز قىزلاردا ئەمەس ئوغۇللاردىمۇ بار،چۈنكى قىزلارنى قىزلار يولدىن چىقارغان بىلەن ئىپپىتىنى ئالالمايدۇ،يەنە شۇ قىزنىڭ ئىپپىتىنى ئالغۇچى بىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز،توغرا بەزى تورداشلىرىمىز دېگەندەك قىزلارنى ئوغۇللار پاتتاڭدىن سۆرەپ ئەپچىقمايدۇ،ئۆزى خالاپ چىققان بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى،ئاياللىق ھەم ئانىلىق سۈپىتىنى چۈشۈرۈپ كوچىغا چىقىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى بىزگە نامەلۇم،بەلكىم شۇلارنىڭمۇ ھېلىقى بىر پاھىشە قىزنىڭ مۇھاببىتى دېگەن ئاۋازلىق ئەسەردىكىدەك نۇرغۇن نۇرغۇن سەرگۈزەشتىلىرى بولىشى مۇمكىن لېكىن ئۇلار ھەر قانچە جاپادا قالسىمۇ ھالال پۇل تاپىدىغان يەرلەرمۇ جىققۇ،بىر ئاشخانىدا ھېچ بولمىغاندا بىر ئاي قاچا يۇيۇپ بەرسە ھازىرقى باھادا ئايلىقى 1000 يۈەندىن ئاشىدۇ،لېكىن نېمىشقا ئۇلار يەنىلا شۇ يولنى تاللايدۇ؟بەلكىم ئاشۇنداق قىزلىرىمىزنى يېنىدا بىللە ئېلىپ يۈرگەن يىگىتلىرىمىز تەربىيە قىلىپ شۇ يولدىن قايتۇرماقتىن يوق قوللاپ بەرگىنى ئۈچۈنمۇ؟ياكى شۇ يول بىلەن پۇلنى ئاسان تاپقىلى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟ياكى قېنى قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ھورۇنلىقتىنمۇ؟بۇنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز ھەم بىزگە نامەلۇم نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقى شۇلارنىڭ ئۆزى بىلىدۇ.
|Isn<|_ l?IeZisX سېلىشتۇرۇپ كەلسەك بۇ سېلىشتۇرۇش بەكلا ئاينىپ كېتىدىكەن،لېكىن ھەممىمىز مانا مۇشۇنداق بۇزۇلۇشلارنى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلساق،ئوغۇللىرىمىز ۋىجدان ۋە غورورىمىزنى،قىزلىرىمىز شەرمى-ھايا،ئىپپىتىمىزنى ساقلىساق،ئىشنى ھەم گەپنى ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلىساق ئاندىن باشقىلارغا تەربىيە بەرگىدەك ھوقوقىمىز بولىدۇ.
lO|LvJyx بىزنىڭ شىرەمراق بىر تۇققىنىمىز بولدىغان ئۆزى ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلدى،قىزى دوختۇرلۇقتا ئوقىدى،قىزىنىڭ تۇرقى ھازىرقى زامان مودا قىزلىرىدىن قېلىشمايدۇ،بىر ۋاقىتتا شۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا توغرا كېلىپ قېلىپ ئىشتان كىيىپ بېرىپتىمەن،ئۆزلىرىنىڭ گېپىنى قىلىشماي گەپ ماڭا چۈشۈپ كېتىپتۇ،ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ ئۈچىسىدا مەن كەيگەننىڭ يېرىمىچىلىك كىيىم يوق،ھاجىم دادىسىنىڭ ئالدىدىمۇ قىسقا يوپكىلارنى نېپىز بولسىمۇ ئىشتان كەيمەيلا كىيىۋالغان،ئۈستىدىكى مايكىسىنىڭمۇ يېڭى يوق دېيەرلىك،شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئىشتان كەيسە يامان بولىدۇ ياغلىقنى كەينىگە چەگمەي ئالدىغا چېگىڭ دەپ ماڭا چۈشۈپ كېتىدۇ،ئۇ مېنىڭ 16 ياش ۋاقىتلىرىم بولغاچقا ئاچچىقىم كېلىپ قانداق يۈرسەم يامان بولمايدۇ دېسەم،ئۇزۇن يوپكا كىيىڭ،ياغلىقىنى ئالدىڭىزدىن چىگىڭ دېدى،ئەمىسە قىزلىرىدەك يۈرسەممۇ بولامدۇ دېسەم سىز تېخى كىچىك دەيدۇ،قالغان گەپلىرىنى ئاڭلىماستىنلا ئاۋال قىزلىرىنى باشقۇرۇپ ئاندىن مېنى باشقۇرىمەن دېسىلە،ماڭا ئاپام بىلەن دادام يېتىپ ئاشىدۇ دەۋەتتىم.ئۆيگە كېلىپ نەچچە كۈنگىچە بۇ گەپ مېنى شۇنداق ئويغا سېلىۋەتتى،شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇزۇن يوپكا كىيمىسەممۇ قىسقىنى كەيدىم،ئىشتان ساتىدىغان يەرگە دەسسەپ باقمىدىم.بىر تۇرۇپ بۇ دېگەنلىرى خاتا ئەمەس دەپ ئويلىدۇم لېكىن كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى ئۆزىنىڭ قىزىنى باشقۇرالماي تۇرۇپ باشقىلارنى باشقۇرىمەن دېسە بۇ ھېچكىمنىڭ ئىدىيسىدىن ئۆتمەيدۇ.
0827z قىزلارنى ئوغۇللارنى سۆكۈدىغان تېمىنى يوللاپ ئۆزىمىزنى-ئۆزىمىز ئويغا سېلىپ،ئۆز مىللىتىمىزگە ئېچىنغىنىمىز بىكار،سىز شۇنداق بىر تېمىنى يوللاپ قويسىڭىز قالايمىقان يەردە يۈرۈيدىغان بىرەسى كىرىپ سىزنىڭ تېمىڭىزنى ئوقۇپ تۈزۈلۈپ قېلىشى ناتايىن،كەينىڭىزدىن تىللامدۇ تېخى بۇنى بىلمەيمىز،شۇڭا ئەڭ ئاۋال ئۆزىمىزنى ياخشى باشقۇرۇپ ئاندىن ئائىلىمىز ھەم ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىزغا،ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئىگە بولايلى،يامان يول يامان ئىشتىن ئۆزىمىزنى تارتايلى.
c2Z!Vtd &,8Q
e; ah
كەچۈرۈڭلار بۇ سېلىشتۇرۇشلار بەلكىم تەرەپلىمىلىكلا بولۇپ قالغاندۇ،بۇرۇنقىلارغا بولغان سېلىشتۇرمىدا مېنىڭ بىلىدىغانلىرىم ئاز چۈنكى مەن بۇ 18 ياشقا كىردىم،پەقەت ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىلا سىلەرگە بايان قىلىپ بېرەلىدىم.قاملاشمىغان يەرلىرى بولسا ئىنكاس ئارقىلىق دەۋەتسەڭلار بولىدۇ. a_/4 ^+
!4#qaH-Q
DazoY&AWE
مەنبە: ئۆزۈم [?:MIl#!
[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-08-13 02:16 PM دە ]