مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2136 
  •    ئىنكاس 
       0 

پۇتىن يەنە پىرېزىدېنت بولالامدۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906744 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11854
 سائەت
دەرىجىسى:
11854 سائەت 386 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
— بۇ يازما Azizim تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-08-13) —

C`\yc_b9Pf  
(سول تەرەپتىكىسى مىدىۋېدىف،ئوڭدىكىسى پۇتىن)
/Mw0<#  
!uhh_3RH  
غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىلگىرى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان مۇنداق بىر تەپسىلاتنى خەۋەر قىلغانىدى: «پۇتىن 2000-يىلى رۇسىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن، كىرېمىل سارىيىغا كىرىپ قىلغان تۇنجى چوڭ ئىشى ئىمپېراتور پېتىرنىڭ باش ھەيكىلىنى ئۈستىلىگە قويۇش بولغانىدى. پۇتىن ئىشخانىسىدىكى تامغىمۇ 300 نەچچە يىل ئىلگىرى قاتتىق قوللۇق بىلەن رۇسىيەنى گۈللەندۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ ھۆكۈمراننىڭ رەسىمىنى ئاسقانىدى». Cil1wFBb  
جۇڭگودىكى تاراتقۇلار شۇ چاغدا پۇتىننىڭ ئىمپېراتور پېتىرنىڭ سۆزىدىن نەق ئالغان «ماڭا 20 يىل ۋاقىت بەرگەن بولساڭلار، سىلەرگە مۆجىزىكار رۇسىيەنى سوۋغا قىلغان بولاتتىم» دېگەن مەشھۇر ھېكمىتىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلغانىدى. 6^TWY[z2%  
رۇسىيەنىڭ 2012-يىللىق پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر پۇتىننىڭ ئەمدىكى تاللىشىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى. رۇسىيە ئاساسىي قانۇننىڭ روھى بويىچە، ئەگەر پۇتىن يەنە پىرېزىدېنت بولماقچى بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئۇدا ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدۇ. ھەربىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىلدىن بولسا، ئۇ 2024-يىلىغىچە رۇسىيەگە رەھبەرلىك قىلالايدۇ. ناۋادا ئىشلار راستتىنلا شۇنداق بولسا، پىرېزىدېنت ۋە باش مىنىستىر بولۇپ رۇسىيەگە رەھبەرلىك قىلغان ۋاقتى 24 يىلغا يېتىدۇ. TWU1@5?Ct  
ھازىر مەيلى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدە بولسۇن، مەيلى يەرلىك ھۆكۈمەتتە بولسۇن، تايانچ ئەمەلدارلارنى ئاساس قىلغان بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسىدە پىرېزىدېنت سايلىمىغا ئائىت مەسىلىدە پارتىيەنىڭ رەئىسى پۇتىننىڭ قارارىغا بويسۇنۇش بىرلىككە كەلگەن قارار بولۇپ قالدى. رۇسىيەدىكى «نەزەر گېزىتى» يېقىندا بىرلىككە كەلگەن رۇسىيە پارتىيەسى مەركىزىى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى شۇۋالوۋنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق خەۋەر بەردى: «پارتىيە ئىچىدە پىرېزىدېنت نامزاتى مەسىلىسى تىلغا ئېلىنسا، بىز پۇتىننى 1-نامزات دەپ قارايمىز». رۇسىيەدىكى «ئىمتىياز» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا رۇسىيە كومپارتىيەسىدىن بولغان روكىچنىڭ مۇنۇ سۆزى بايان قىلىندى: «دۇمادىكى ئەزالار ئارىسىدا مۇنداق بىر قىزىق ھېكمەت بار:‹ئىش بولسا ئالدى بىلەن پىرېزىدېنتنى، ھەل قىلالمىسىڭىز باش مىنىستىرنى ئىزدەڭ». (o!i9)  
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گېلىشنىكوۋ مۇنداق دېدى: «پۇتىن پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن مۇنداق تۆھپىلەرنى ياراتتى: دۆلەت دۇچ كەلگەن ‹سىستېما خاراكتېرلىك كىرىزىس›نى پەسەيتتى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئاساسەن يۈكسەلدى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تۈپ نېگىزىدىن مۇقىملاشتى، يەنە پۇقرالارنىڭ دۆلەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇتىننىڭ ‹مىللەت داھىيسى›لىق ئوبرازى خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ ئەلۋەتتە رۇسىيەنىڭ پەۋقۇلئاددە دۆلەت ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك». )>!y7/3  
"=UhTE  
رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي تەتقىقات ئورنى 2007-يىلىدىن ئېتىبارەن رۇسىيەلىكلەرنىڭ «ئۆز-ئۆزىنى تونۇش» غا ئائىت كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغانىدى، بىر يىلدىن كېيىن ئېرىشىلگەن نەتىجىدە مۇنداق دېيىلدى: «‹ئەنئەنىچى› (كوللېكتىۋىزىمنى قوللايدىغان، جەمئىيەت شەخستىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ قارايدىغان) لارنىڭ نىسبىتى %41 تىن %47 كە ئۆرلىگەن. ‹مودېرنىست›(غەربنىڭ شەخسىيەتچىلىكىنى قوللايدىغان، ئالدى بىلەن ئۆزىنى، ئاندىن دۆلەتنى ئويلايدىغان) لارنىڭ نىسبىتى %27 تىن %21 كە تۆۋەنلىگەن». بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گۇرېيىن بېرگ مۇنداق دېدى: «كۆپىنچە رۇسىيەلىك‹قان شورىغۇچى چار پادىشاھ›دەك ھۆكۈمران بولغاندىلا، ئاندىن غەربكە يېتىشكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مەسلەن: ئىۋانرېد، ئۇلۇغ پېتىر، سىتالىنغا ئوخشاش». }SGb`l  
ئەمەلىيەتتە مەيلى رۇسىيە ياكى غەربتە بولسۇن، كىشىلەر نۇرغۇن قېتىم ئىمپېراتور پېتىر بىلەن پۇتىننى تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ. 2006-يىلى نوۋگورد شەھىرىدە بىر رەسسام ئىمپېراتۇر پېتىر بىلەن پۇتىننىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەڭگىنى قۇيغانىدى؛ ئاۋستىرالىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى كامىرون 2010-يىلى ئاخبارات ۋاستىسىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، يېلىتسىننىڭ پۇتىنغا ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقى ھەققىدە توختالغاندا، پۇتىننى «ئىمپېراتور پېتىردىن كېيىنكى رۇسىيەنىڭ ئەڭ بۈيۈك داھىيسى» دېدى. 86~q pN  
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە بولسا: «پۇتىننىڭ ئىرادىگە تولغان سۆزلىرى بىلەن غەربكە قارشى نەزەرىيەلىرى رۇسىيەلىكلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پۇتىن‹رۇسىيەنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ھىمايە قىلغۇچى، رۇسىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كەلگۈسىدىكى پاراۋانلىقىنىڭ كاپالىتى› گە ئايلاندى» دېيىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇدى، شۇڭا پىرېزىدېنت ئوباما پۇتىننى ئامېرىكىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. رۇسىيەدىكى «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتى مەركىزىنىڭ رەئىسى سايموسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئىشلاردىن مۇنداق چۈشەنچە كېلىپ چىقىدۇ: پىرېزىدېنت ئادەتتە باش مىنىستىرنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلمايدۇ، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەت پىرېزىدېنتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋالدا، رۇسىيە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈشكە ئاز قالغاندا، بۇ ئىشنى بىز ئامېرىكىنىڭ مەيدانى، دەپ چۈشەنسەك تامامەن بولىدۇ». - s0QEQ  
ئەنگىلىيەدىكى «يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى» كىرېمىل سارىيىدىكى بىر زاتنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنغان خەۋىرىدە: «شەك-شۈبھىسىزكى، مېدۋېدېۋ كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان رەھبەر. ئەگەر ئۇ داۋاملىق پىرېزىدېنت بولسا، بۇ رۇسىيە ئۈچۈن چوقۇم بىر ياخشى ئىش بولىدۇ. مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىننىڭ ئارىسىدا رىقابەت بارلىقى ئېنىق، لېكىن ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى ئەقىللىق كىشىلەر، ھەرگىز كەسكىن شەخسىي توقۇنۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالمايدۇ. ئىككى ئارىسىدىكى پەرق ناھايىتى ئاددىي: پۇتىن مېدۋېدېۋدىن ئورۇن بوشىتىشنى تەلەپ قىلالايدۇ، مېدۋېدېۋ خالىمىسىمۇ ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولىدۇ، بىراق مېدۋېدېۋ پۇتىننىڭ قايتا تەختكە چىقىشىنى توسۇيالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتىننىڭ يەنە پىرېزىدېنت بولغۇسى بار» دېيىلدى. بىراق پۇتىننىڭ «يېڭى ئىمپېراتور پېتىرغا ئايلىنىش چۈشى» نى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ياكى ئايلاندۇرالماسلىقىنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ، ئەلۋەتتە. 9w$+Qc  
d'b q#r  

تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-13, 00:54
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...