مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3814 
  •    ئىنكاس 
       14 

قىمارنى «قىلما» دەيدۇ

قەۋەت ئاتلاش
kapsiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.393

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1456 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6 (سوم)
 ياخشى باھا:   652 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   388  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1254
 سائەت
دەرىجىسى:
1254 سائەت 96 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-07

 
m5O;aj* i  
تۇرمۇشتا ھەرخىل قىزىقىش ۋە قىزىقتۇرۇشلارغا دۇچ كېلىدىغىنىمىز ئېنىق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار، ناۋادا سىز ئەنە شۇ قىزىقتۇرۇشلار ئىچىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ كەينىگە كىرىپلا قالىدىكەنسىز، ئاقىۋىتىڭىزنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى ئېنىق، ئىچكىرىدىكى بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بىر ئوقۇتقۇچى ئەنە شۇنداق قىزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ياشلىق باھارىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، سىز بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمىگە قىزىقىپ قالغانلىقىنى بىلگىڭىز كېلىۋاتقاندۇ؟ H%,jB<-.A  
m/,.3v  
ئەكبەرنىڭ تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقىنىغا 11يىل بولدى، ئۇ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى، ئۇ ئەسلىدە مەملىكەت ئىچىدە خېلى داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز يۇرتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغانىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنىپ بولالمىغان قانۇن دەرسلىكىنى تۈرمىدە ئاڭلاۋاتىدۇ. .ZuRH_pI  
R,mOV8y"W[  
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ھەقىقەتەنمۇ شەرەپلىك ھەم ئۇلۇغ كەسىپ، چۈنكى ئۇ ئادەم تەربىيەلەيدىغان كەسىپ، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشقان، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ كەسپىنى ئىنتايىن قىزىقىپ ئىشلىدى، كەسپى ئىقتىدار جەھەتتىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەت تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلغان ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈپ دەرس بەرگەن. ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىنى سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: #;9I3,@/Y  
 ~H[  
-بۈگۈنكى كۈندە مەن شۇ ۋاقىتتىكى روھى ھالىتىمنى ئويلىسام، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يېڭى خىزمەتكە قاتناشقان مەزگىلدە، گەرچە ئۆزۈمنىڭ كەسپىگە نىسبەتەن قىزىقىش بولسىمۇ، روھى ھالەتتە پىسخىكا جەھەتتىكى ساغلاملىققا نىسبەتەن سەل قارايدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ جەريانلارنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىكى بىر قىسىم ئىش-ھەرىكەتلەرنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، پىسخىك ساغلاملىقى بولمىسا تەن ساغلاملىقىنىڭ زۆرۈرىيىتى چوڭ ئەمەس دەيمىز، مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھاياتىمدا بىر تەرەپتىن دەرسنى ئۆگىنىشتىن باشقا، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئانچە-مۇنچە قارتا ئويناش، ماجاڭ ئويناش قاتارلىقلارغا قىزىقىش شەكىللىنىپ قالغان، چۈنكى مەن شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىن بولۇپ، ئائىلىۋى ئىجتىمائىي ئورنۇم بىر قەدەر تۆۋەن، ماجاڭ ماڭا نىسبەتەن بىر يېڭىلىق، مەن ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ماجاڭ بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەت ھېسابلىناتتى، لېكىن بۇ پائالىيەتكە قىزىقىش، كېيىنكى مەزگىلدە بارا-بارا مېنىڭ كەسپىمگە ئايلىنىپ قالدى، نېمە سەۋەبتىن دېگەندە، مېنىڭ شۇ پائالىيەتكە نىسبەتەن چەك قويۇش ئىقتىدارىم يوق، ئادەتتە ئۆيدە بىر قانچە دوست بىر يەرگە كېلىپ قارتا ئوينىسا بولىدۇ، ئۇنى قىمار خاراكتېرىدىكى پائالىيەتكە ئۆزگەرتىۋەتكىلىمۇ بولىدۇ، بۇ يەردىكى گەپ نېمە دېگەندە، شۇ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ ئىچكى روھىيىتىدىكى كىشىلىك ھاياتقا، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى شۇ كىشىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتتىن، بۈگۈنكىدەك جىنايەتچىگە ئايلىنىپ قېلىشىمدا يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر بار. :n'$Txf  
v-zi ,]W  
yc4?'k!  
F`/ -Q>Q  
ماجاڭ ئويناش ئەسلىدە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەت ئىدى، ئەمما ھازىر خېلى بىر قىسىم كىشىلەر بۇنى قىمارنىڭ بىرخىل شەكلى قىلىۋالدى، ئەكبەر ماجاڭ ئويناشنى 90-يىللىرىلا باشلىغان بولۇپ، تارىخىي بىر قەدەر ئۇزۇن ئىدى، ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىنمۇ بۇ ئويۇندىن قول ئۈزەلمىگەنلىگى توغرىسىدا سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: 8>T#sO?+  
|Ai/q6u  
-مەن ماجاڭ ئويناش چوڭ ئىش ئەمەسقۇ، مەلۇم نۇقتىدا توختىتىۋالسام بولىدىغۇ دەپ، بىر قىسىم يامان ئىللەتلەرگە نىسبەتەن سەل قاراپتىمەن، ئىككىنچىسى، مەن ئۆزۈمنىڭ كەسپى ئىقتىدارىمغا ئىشىنىپ، ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىگە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق بولسىمۇ، ئۈزلۈكسىزلىك كەمچىل، بەلكىم ھازىر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەردىمۇ ماڭا ئوخشاش روھى پىسخىكا بولغان بولىشى مۇمكىن، چۈنكى مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۈم، ھەممە ئىش تامام بولدى دېيىشى مۇمكىن، بۇ يەردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش، بىر كىشىنىڭ ئۆمرىدە قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس، ئەلۋەتتە مۇشۇ ئىشلارنى بۇرۇن ئويلىيالىغان بولسام، بەلكىم بۈگۈنكىدەك ھالەتكە چۈشۈپ قالماستىم، ئىچكى روھىيەتتىكى بىر خىل سۇسلۇق بىلەن يامان ئىللەت ئۆزئارا بىرىكىپ، بارا-بارا ئىللەتنىڭ كۈچى مېنى تارتىپ كەتتى، 1999-يىلىغا كەلگەندە قىمار ئويناپ قەرز بولۇپ قالدىم، قانداق قىلىش كېرەك؟ قەرزنى قايتۇرۇش كېرەك، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئانامنىڭ گېپى ئېسىمگە كەلدى، ساۋاتسىز ئانام ساۋاتى بار بالىغا تەربىيە بەرسە، كۆڭلۈمدە سەن ساۋاتسىز، سەن ھېچنېمە چۈشەنمەيسەن، مەن ئۆزۈمنى كونترول قىلالايمەن، دېگەن روھى-ھالەت مەندە بىر قەدەر ئېغىر، مۇشۇ روھى ھالەتنىڭ تۈرتكىسىدە 1999-يىلىغا كەلگەندە، ئۆزۈم قىلغان ئىشنى ئۆزۈم يىغىشتۇرالمىدىم، ساۋاتسىز ئانىنىڭ دېگىنى توغرا بولدى، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ تىجارەت قىلىش كېرەك. مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، شاڭخەيدە ئازدۇر-كۆپتۇر تىجارەت قىلىپ ئۆز خىراجىتىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە شاڭخەينىڭ ھەممە يېرى ماڭا تونۇش بولغاچقا، مەن تىجارەت قىلىش نىيىتىدە شاڭخەيگە باردىم، دەسلەپتە باغچىدا يېتىپ ، بىرەر-ئىككى كۈن تاماق يېمەي ، چىملىقلاردا يىتىش ئارقىلىق، قىيىنچىلىق بىلەن ئىككى يېرىم يىل تىرىشتىم، بۇ تىرىشىش جەريانىدا، ئەمەلىيەتتە ئىچكىرىدە نۇرغۇنلىغان پۇلدار تىجارەتچىلەرمۇ بار، مەن يول بىلمىسەم، يول كۆرسەتتى، ئىجارە ئېلىش، رەسمىيەت بېجىرىش ۋە باشقا ئۇششاق ئىشلاردا ئۇلارغا ياردەملىشىپ، بارا-بارا يەل يىمىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق، ئىككى يېرىم يىل تىرىشتىم. ~}uv4;0l]  
.YV{wL@cB  
ئۇ شاڭخەيگە بارغاندىن كېيىن، ئىككى يېرىم يىل قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تاپتى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا قەرز بولۇپ قالغان 230 مىڭ يۈەننى قايتۇرۇپ بولۇپمۇ، قۇلىغا يەنە پۇل ئاشتى، بۇ ئاشقان پۇل ئۇنى يەنە قانداق ۋەسۋەسىلەرگە سالا؟ مۇشۇ بويىچە ھالال ئەمگەككە كىرىشىپ كىتەرمۇ ياكى ئۇنىڭ ھېلىقى يامان كېسىلى قايتا قوزغىلارمۇ؟ ^?pf.E!F`  
{WBe(dc_%  
ئۇنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ بەركىتى بولمىدى، چۈنكى قىماردىن ئىبارەت بۇ ئىللەت ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى پۈتۈنلەي سورۇپ توزىتىۋەتتى، ئويلاپ باقايلى، مانا مۇشۇ ئىشنى قىلىپ كىم ياخشى كۈن كۆرۈپتۇ؟ ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىۋاتىمەن دېگەن گېپى تېخىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ، قېنى بۇ ئويۇن ئۇنى زادى قەيەرگە ئېلىپ بارىدىغاندۇ؟ ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: |u r/6{Oj1  
 {{hp;&x  
-پۇل بولمىسا، ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىسىۋالمىقى بەك تەسكەن، ئۆمۈر بويى بىر كۈن ئۆتسە، بىر كۈن ھېساب دەپ، تاپقىنىڭىزغا قاراپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەنسىز، تۇيۇقسىزلا قولىڭىزغا ئازراق پۇل كىرىپ كەينىدىن بىراقلا يوقاپ كەتسە، روھى-ھالەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش تەسكەن، كېيىن ئامالسىزلىقتىن كېتىپ قالغان پۇلۇمنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، خېروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللاندىم، بىراق بۇ يولدا ئۇزۇن ماڭا-ماڭمايلا تۇتۇلۇپ قالدىم، گەرچە شۇ ۋاقىتتا خېروئىن ئەتكەسچىلىكىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ، يەنە مۇشۇ يولغا ماڭدىم... [I*)H7pt}  
قىلغان قىلمىشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ قىلىپ ساپتۇ دېگەننى بىلمەپتۇ دېسەك ، بىلىپ تۇرۇپ قىلغاننى نېمە دېگۈلۈك؟ ھازىر جەمئىيىتىمىزدىكى ياشلار ئارىسىدا ھەتتا دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، قىمار ئويناپ ياشلىق باھارىدىن، خىزمىتىدىن ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلۋاتقانلارنىمۇ كۆردۇق، ئاڭلىدۇق، ئۇندىن باشقا مانا مۇشۇ قىمار سەۋەبلىك ئاجرىشىپ، بىگۇناھ پەرزەنتلەرنى تىرىك يىتىم قىلىۋاتقان ئائىلىلەرنىمۇ ئۇچراتتۇق، مېنىڭچە قىمار سىزنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇكى ھەرگىز ھالاۋەت يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇڭا ئۆزىمىز، ئاتا-ئانىمىز، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ، قىمار سورۇنىدىن دەرھال ئايرىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز... H1?t2\V4  
}ufzlHD  
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3.i$lp`t  
to2; . ~X  
mS\ gh) 
r6.`9  
[ بۇ يازما kapsiz تەرپىدىن 2011-08-12 01:14 PM دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Aytugh
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-12, 14:42
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +1
bikaqila مۇنبەر پۇلى +1 08-12 ئەسەر ھەكىكەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ .
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئاتاڭنـــڭ ئىززىتىنى قىل،
ئاناڭنــــڭ خىزمىتىنى قىل.
musas
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45130

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   197 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5247 (سوم)
 ياخشى باھا:   1385 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2042  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1289
 سائەت
دەرىجىسى:
1289 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

رەھمەت ، ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .
 
كارۋان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.79

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2467 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17093 (سوم)
 ياخشى باھا:   1613 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1451  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 478
 سائەت
دەرىجىسى:
478 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

كەپسىز قارى قىماردا ئوتتۇرۇپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟نىمانچە سەت ئۈمچەرەيسىز. 6%MM)Vj+u  
TV K*l*  
fr&K^je\  
ھېلىمۇ قاما دەپ ئېتى بىركەن بولمىسا قانچىلىك قىلار بولغىيتى بۇ قىمارۋازلار.قىمارۋاز ئوزرى يانچۇقچىلارنىڭ قوللىرنى چانىۋېتىدىغان قانۇن چىقسا بولاتتى،ئۇنى دىسىغۇ مەنمۇ باشلانغۇچتىكى چاغدا بىر تال ۋاراقلەدىن پاخ-پاخ دەپ بىر نىمە بار ئىدى شۇنى ئوينايتتىم.كۈندە بىر دەپتەرنىڭ ۋارىقىنى ئۇتتۇرۇپ ئۆيگە بارسام ئاكامدىن تاياق يەپ.ئەتىسى يېڭى دەپتەر ئېلىپ بەرسە يەنە ئويناپ توۋا شۇ چاغلارنى دەيمەندە..
 
ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
Kunduz^_^ay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3630

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1424 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17878 (سوم)
 ياخشى باھا:   1386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3604  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5181
 سائەت
دەرىجىسى:
5181 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

بۇ قىمار دىگەن نەرسە ئادەمنى ھەر كويغا سېلىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ....ئەسلى بۇ بالا ئالدىدا بىر چىرايلىق سودا قىلىپ قەرىز بۇلۇپ قالغان پۇللىرىنى قايتۇرغاندىكىن...كىين قول ئۈزسىمۇ بۇلاتتىكەن...بىراق قىمارنىڭ تارتىش كۈچى بەك كۈچلۈك ئوخشىمامدۇ...ئاخىرى جىنايەت يولىغا كىرىپ كىتىپتۇ... oot kf=  
w +HKvOs5c  
بىزنىڭ مەھەلىدە قىمارغا بىرىلىپ كىتىپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئاتىلار خېلى بار. قوشنىمىزنىڭ يولدىشى توردا قىمار ئويناشقا كۆنۈۋېلىپ، ئائىلىسىنى توزىتىۋەتتى. بىچارە ئايالى كۈندە يىغلاپ كىرىدۇ بىزنىڭ ئۆيگە. { 
Efu/v<  
يەنە ئىككەيلەن توردا قىمار ئويناپ يۈرۈپ بەك جىق قەرىزگە بۇغۇلۇپ كىتىپ، بىرى ئېسىلپ ئۆلىۋالدى، بىرى ئۆزىگە ئوت قۇيۇپ ئۆلىۋالدى. ھەر ئىككىسىنىڭ خۇتۇن بالىلىرى بار ئىدى. نىمە قىلىدۇ دەيمەن بۇ قىمار دىگەن نىمىنى ئويناپ. ئۆزىغۇ ئاشۇنداقلا قۇتۇلىدىكەن. بىراق بىچارە بالىلار ، ئاياللارغا بەكلا ئۇۋال بۇلۇپ كىتىدىكەن. اللاھ ئەرلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .
 
سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!
raddiya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16348

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   77 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4816 (سوم)
 ياخشى باھا:   248 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 235
 سائەت
دەرىجىسى:
235 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-05
ئاخــىرقىسى:2011-08-18
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

ھەي قىممار ، ھەي قىممار قانچىلىغان ئادەمنىڭ بېشىغا چىققانسەن ھە ! rv %^2h<&  
سېنىڭ تۇتقۇدەك سېپىڭ بولغان بولسا ، سېنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ ئۇيان چۆرۈپ ، بۇيان چۆرۈپ، چىڭ دەسسەپ ، بوش دەسسەپ ، ئاستا دەسسەپ ، تېز دەسسەپ ، تازا ۋايجىنىڭنى چىقىرىپ تېنچ ئوكياننىڭ ئاستىغا تاشلىۋېتەتتىم . S{JBV@@tC  
كونىلار ‹‹ قارىغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار ، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى›› دەپ بىكار ئېيتمىغاندە .
 
kapTalis
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25474

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2021 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28 (سوم)
 ياخشى باھا:   1008 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   266  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5023
 سائەت
دەرىجىسى:
5023 سائەت 247 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

قىمارنى «قىلما» دەيدۇ لېكىن ئويناپ باققان ئادەملارنىڭ بەكمۇ قىلغۇسى كىلىدۇ.
 
ئابدۇ.....
apirida
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45094

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   248 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3074 (سوم)
 ياخشى باھا:   530 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2531
 سائەت
دەرىجىسى:
2531 سائەت 219 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

رەھمەت ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز  ، ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ! ?<-ins  
قىمار ئوينىغان ئادەم ياخشى كۈن كومەيدۇ .
 
ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.
firawin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50838

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   115 (سوم)
 ياخشى باھا:   21 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5
 سائەت
دەرىجىسى:
5 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-07
ئاخــىرقىسى:2011-08-26
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
 
apirida
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45094

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   248 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3074 (سوم)
 ياخشى باھا:   530 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   498  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2531
 سائەت
دەرىجىسى:
2531 سائەت 219 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

مەن كورگەن ، شىجىكاڭنىڭ قانداق سەزگۈرەشتىنى ، قىمارۋاز  دادىسىنىڭ  قانداق كۈن كورگەنلىكىنى سىزمۇ كورگەنسىز ئەزىز ، ياخشى كورگەن قىزىنى قايسى كۈنگە قويغىنىنى كورگەنسىز .يەنە نۇرغۇن ئېچىنىشلىق سەرەۈرەشتىلەر .. 3!V$fl0  
ئامانلىق ، تىنىچلىق ، ياخشىلىق ئاساسىدا قولغا كەلگەن شەرەپ ھەقىقى شەرەپتۇر . AZTn!hrU  
گەرچە باش قەھرىمان ئىجابى ئوبراز بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ تاللىغان يول  ياخشىلىق يولى ئەمەس .
 
ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.
ayziba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5049

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   242 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5915 (سوم)
 ياخشى باھا:   356 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 306
 سائەت
دەرىجىسى:
306 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

شەيتان بىلەن ئاداش بوپسىزدە ئەكبەر.
 
JAWLAN622
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19684

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   322 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4066 (سوم)
 ياخشى باھا:   498 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   523  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5783
 سائەت
دەرىجىسى:
5783 سائەت 157 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

قىمار ئۇيناپ ئۇتىۋالغان پۇلمۇ جىم ياتقۇزمايدۇ.ئاقىۋەت ئۇنىمۇ ئۇيناپ ئۇتتۇرۋىتىدۇ.ھازىرقى ئىلىكتىرونلۇق قىمارغۇ ئالدامچىلىققلا . )).;p_nLZ  
ھىلىقى شىر توشقان ئايلىنىپ كىلدىغان نەرسىنى دەيمەن .ھەممە يەردە بار ئوخشايدۇ بۇ شىر توشقان
 
دۇست كۇلدۇرۇپ ئېيتار.دۈشمەن يىغلىتىپ ئېيتار .
firawin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50838

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   115 (سوم)
 ياخشى باھا:   21 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5
 سائەت
دەرىجىسى:
5 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-07
ئاخــىرقىسى:2011-08-26
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-12

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى