-
تىزىم نۇمۇرى:44376
-
- تىزىم ۋاقتى:2011-06-14
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-11-08
- تور ۋاقتى:4175سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
—
بۇ تېمىنى hokumran مىسرانىم تور ئەسەرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-08-12)
—
|
|
|
|
دوغا تىكىش $>s@T( v%~ViO
gL\ سەمەتنىڭ 3D ئويناپ 750000يۇئەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى بىر ھەپتىگە قالمايلا بۇ كىچىك ناھىيە بازىرنىڭ بارلىق پاراۋانلىق لاتارىيىسى سېتىش نۇقتىلىرىدىلا ئەمەس، ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىلىرىدىكى ھەممە ئادەملەرگە تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سەمەتنىڭ بۇرۇنقى سەزگۇزەشتىلىرىنى سۆزلىشەتتى. سىرتلاردا ئۇنى كۆرسە ئۆزلىرىنىڭ پىر ئۇستازى سۈپىتىدە ھۆرمەتلەپ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى سورىشاتتى. QAnf
xt6 شۇ قاتاردا ھوشۇرمۇ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنى ئۈچۈن سالغان مەبلەغلىرىنى ھىساپلاپ، كۆڭلى يىرىم بولغان ھالدا باشقىلارنىڭ سەمەت ھەققىدىكى گەپ-سۆزلىرىگە ئاساسەن مەبلەغ سىلىش ئۇسۇلىنى يىڭىلاپ 3D ئىلىپ ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنىدا تارتقان زىيانلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلاپ قالدى. ZO6bG$y64 ھوشۇر ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى.دەسلەپتە زىرىكىشلىك تۈپەيلى بىر خىزمەتدىشىنىڭ باشلىشى بىلەن يەر ئاستىغا جايلاشقان ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق شەھەرچىسىگە كىردى. بۇ يەردە ئادەم بەكلا كۆپ بولۇپ ئويۇن ئويناۋاتقانلاردىن قاراپ تۇرغۇچىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. خىزمەتدىشى ئويۇن ئويناش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرغاچ باشقىلارنىڭ ئوينىغىنىنى كۆرسىتىپ ھەدەپ ھوشۇرغا بۇ ئويۇننىڭ قائىدىلىرىنى چۈشەندۈردى. بىردەمدىلا ئورۇنمۇ بىكار بولدى. خىزمەتدىشى ھەش-پەش دىگىچە ئوزى ئىلىپ كەلگەن 2000يۈئەننى قۇرۇغداپ ھوشۇردىن يانچۇقىدا قانچە پۇل بارلىغىنى سورىدى ۋە 500يۈئەن بىرىپ تۇرۇشىنى ئۆتۈندى. ھوشۇر شۇ زاماتلا خىزمەتدىشىغا 500يۈئەننى بەردى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەتراپتىكىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ھوشۇرنىڭ خىزمەتدىشى 1400يۈئەن ئۇتۇۋالدى ۋە خوجايىن خەنزۇنى چاقىرىپ 1000يۇئەن پۇلنى نەقلەپ بىرىپ قالغىنىنى داۋاملىق تىكىدىغانلىقىنى دېدى.500 يۈئەننى ھوشۇرغا قايتۇرۇپ بىرىپ يەنە داۋاملىق دو تىكىشكە باشلىدى. خىلى ئۇزۇن تىركىشىشتىن كېيىن باشقىلارنىڭ تاپا-تەنە قىلىشى بىلەن يەنە يانچۇق كوچىلاپ ماشىنىغا پۇل قاچىلاتقۇزۇپ تېخىمۇ قىزىقىپ كۇنۇپكىلارنى زەردە بىلەن بىسىشقا باشلىدى. ئاخىرى خىزمەتدىشى ئويناپ ھاردىمۇ ياكى يانچۇغى قۇرۇغدالدىمۇ ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ سىرتقا چىقىشتى. بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۈپ ئۇلارنىڭ قورسىقىمۇ ئاچلىقتىن كوكىراپ تۇراتتى. خىزمەتدىشى تاماق يىگەچ بايىقى ئويۇننىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرىنى ھوشۇرغا سۆزلەپ بۈگۈن تەلىيىنىڭ ئوڭدىن كەلمىگەنلىكىدىن قاخشاپ بەردى. aYCzb7 ھوشۇر مانا مۇشۇنداق قىزىقچىلىقتا بو كوچىغا قەدەم باستى. دەسلەپتە كىچىك-كىچىك دو تىكىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدا بولغان بولسا، كېيىنچە ئەتراپىدىكىلەرگە قاراپ خىجىلچىلىق ھېس قىلىپ خىلى چوڭ تىكىدىغان بايۋەتچىلەردىن بوپ قالدى. دەسلەپكى بىر يىلدا بۇرۇن ئىقتىساد قىلغان بانكىدىكى بارلىق پۇللىرىنى ئۇتتۇرۇپ تۈگەتتى. ئۇنىڭچە بولغاندا بۇ پۇللارنى مۇشۇ يول بىلەن تۈگەتكەچ يەنىلا مۇشۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ كەلمىسە بولمايتتى. شۇڭا ئۇ بانكىدىن قەرز ئىلىپ دەسمايىسىنى يىڭىلاپ بۇ جەڭگە قايتا ئاتلاندى. شۇ جەرياندا ناھىيە ئىچىدىكى بارلىق يەر ئاستى ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنخانىلارنىڭ ھەممىسىدە ئۈلپەتلىرى بىلەن كېچە-كىچىلەپ دوست تارتىشىپ بىر-بىرىگە ھال-مۇڭ بولۇشتى. ئۆزئارا تەجرىبە تونۇشتۇرۇپ قانداق قىلغاندا بۇ قىمار ماشىنىلىرىدىن غالىب كېلىش ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىشاتتى. لېكىن تەقدىر ئۇنىڭ بىلەن قىرىشقاندەك كۈندىن-كۆنگە رويى چۈشۈپ بۇرۇن سالغان دەسمايىسىنى قايتۇرۇپ كىلىشتە يوق يېڭىدىن سالغان مەبلىغىمۇ ئازلاپ بېرىۋاتاتتى. ئۇ شۇنچىلىك ئاسان پۇل تاپىدىغان بۇ يولنىڭ ئەلمى-تەلمىنى تىخىچە ئىلىپ بولمىغىنىغا بەكمۇ ئۆكۈنۈۋاتاتتى. مۇرەككەپ ئەمەس شۇ ئىككىلا كۇنۇپكا بىرنى باسساڭ ئۇتىسەن، يەنە بىرىنى باسساڭ ئۇتتۇرىسەن. ئاخىرى بانكىدىن ئالغان قەرز پۇلنىڭ قۇيرىقىنىمۇ قوم باسقان ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەمدى بۇ يولدىن قايتسا كۈنلىرىنى قانداق ئوتكىزىدۇ؟ ئايلىق ئىش ھەققىنى بانكا ئۇدۇللۇق تۇتۇۋېلىۋاتسا، يەنە كىلىپ بۇ قەرزلەرنى قايتۇرۇپ بولۇشقا يەنە بىر يىلدىن ئۇزۇن ۋاقىت تۇرسا. ئۇ شۇنداق قىلىپ دەسلەپتە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن پۇل قەرز ئالدى، كىيىنچە ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى تونۇش بىلىشلىرىدىن يالغان گەپ قىلىپ قانچىلىك بەرسە شۇنچىلىك قەرز ئىلىپ، بۇ مۇقەددەس جېڭىنى داۋام قىلدى. ئاخرى قەرز ئىلىشقا ئادەم چىقىش تۈگۈل يول ماڭسىمۇ بۇلۇڭ پۇشقاقلاردىن ماڭمىسا پۇل ئىگىلىرى قەرز سۇيلەپ ئارام بەرمەيدىغان ھەتتا ئۆيىگە بېرىپمۇ قەرز سۈيلەيدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەزىدە ئۆيىگىمۇ بارالماي شۇ ئويۇنچۇقخانىلاردا تۈنەيدىغان بولۇۋالدى، بۇنداق چاغلاردا ئايالى ئىككى بالىسىنى ئىلىپ ئۇنى ئىزدەپ كىلەتتى ۋە بىچارىلارچە يالۋۇرۇپ ئاران دىگەندە ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىلەتتى. بىر كۈنى ئۇ باشقىلاردىن قەرز ئالغان ئازغىنە پۇلىغا قىمار ئويناپ تۈگۈتۈپ تۇرىشىغا يىنىدا بىرسىنىڭ ‹‹پۇل لازىممۇ مەن بىرىپ تۇرىمەن›› دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ خۇشلۇقىدا ئۇنىڭدىن دەرھاللا 5000يۇئەن قەرز ئالدى، قەرز بەرگۈچى ئۇنىڭغا قەغەز بىلەن قەلەمنى تەڭلەپ ھۆججەت يېزىپ بىرىشنى ئېيتتى، ھوشۇر بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەزەلدىن قەرز ئالغانلارغا ھۆججەت يېزىپ بىرىپ باقمىغاچقا قەرز ئىگىسىنىڭ كۆزىگە تىكىلدى، لېكىن قەرز ئىگىسى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ،-مەن سىزنى تونۇغان بولغاچقا قەرز بىرىپ تۇرۋاتىمەن، لېكىن بۇنى بىكاردىنلا بەرگىنىم يوق، سىز بۇ قەرزنى قاچان قايتۇرماقچى؟-دېدى.ھوشۇر قەرزنى بىر مەيدان ئويناپ بولۇپلا قايتۇرىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئويۇنىغا ئالدىراپ ھەش-پەش دىگىچە بۇ پۇلنىمۇ ئۇتتۇرۇپ تۈگەتتى. قەرز ئىگىسى ئۇنى يەۋېتىدىغاندەكلا قاراپ تۇراتتى. ھوشۇر ئامال يوق قەرز ھۆججىتىگە 6000 يۈئەن قەرز ئالدىم، 15كۈندىن كېيىن قايتۇرىمەن دەپ ئىمزا قويدى. شۇنداق قىلىپ بۇ 15كۈنمۇ بەكلا تىز توشتى. قەرز ئىگىسى ئۇنى ئىزدەپ مەكتىۋىگە كەلگەن ئىدى. ھوشۇر ئۇنىڭ دەرۋازىدىن كىرىۋاتقىنىنى كۆرۈپلا ئالدىراپ ئالدىغا چىقتى. قەرز ئىگىسى گەپ قىلمايلا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، ھوشۇردا ئۇنىڭ قەرزىنى دەمالىققا قايتۇرغۇدەك پۇل بولمىغاچقا قەرز سۈرۈكىنى ئارقىغا سۈرۈپ بىرىشنى ئۆتۈندى. قەرز ئىگىسى مۇلايىملىق بىلەن،- چاتاق يوق لېكىن قەرز ھۆججىتىنى يىڭىلاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ -دېدى. ھوشۇر ئالدىراپ ھۆججەتنى قايتا يىزىشقا باشلىدى. قەرز ئىگىسى ئەسكەرتىپ بۇداقى ئۆسۇمى بۇرۇنقىدىن يۇقىرى بولىدۇ ھەم كىملىكىڭىزنى ماڭا بىرىسىز دېدى. ھوشۇردا ھازىر قايتۇرغۇدەك پۇل بولمىغاچقا ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە 8000 يۈئەن قەرز ئالدىم 15كۇندىن كېيىن قايتۇرۇمەن دەپ ئىمزا قويۇپ كىملىگىنى قوشۇپ بەردى. ئارىلىقتا مائاش تەڭشەش بولۇپ جۇغلانما پۇل تارقىتىلدى. لېكىن ئۇنىڭغا 3000دىن كۆپرەك پۇل كەلگەن بولۇپ، شۇ زامات ئويۇنچۇقخانىغا چاپتى. مەقسەت بۇنى دەسمى قىلىپ ھېلىقى قەرزدارنىڭ پۇلىنى ۋاختىدا بېرىۋەتمىسە بولمايتتى. شۇڭا بەكلا ئېھتىيات بىلەن دو تىكىشكە باشلىدى. تەلىيىگە بۈگۈن ئامىتى ئوڭدىن كىلىپ بۇ پۇل 6000يۇئەنگە بارغاندا ئۆزىنى توختىۋىلىپ قايتىپ بىرىپ ئايالىدىن 2000يۇئەن سوراپ ئىلىپ قەرزدارنىڭ پۇلىنى تەل قىلدى. (ئايالىغىمۇ ئوخشاشلا جۇغلانما ئىش ھەققى كەلگەن ئىدى)ئەتىسى ئىشتىن چۈشۈپ يەنە شۇ قىمارخانىغا ئاتلاندى. لېكىن بۈگۈن ئۇ قەرزدارنى ئۇچرىتالمىدى. شۇڭا ئۇنى ساقلىغاچ بىردەم ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىشنى مەقسەت قىلىپ ئاز-ئازدىن تىكىپ ئوينىدى. خىلى بىر چىققىچە ساقلىغان بولسىمۇ قەرىزدار تىخىچە كۆرۈنمەيتتى. بۈگۈنچە كۆڭلىگە ئىنساپ بىرىپ كۆپ تىركەشمەيلا قايتىپ كەتتى. لېكىن بۇ پۇلمۇ بىر ھەپتىگە بارمايلا قەرز ئىگىسىگە قايتماي ئويۇنچۇقخانىنىڭ تاۋكالىرىدا تۈگەپ كەتتى. ئاخىرى قەرزنىڭ مۆھلەت ۋاقتى توشۇپ قەرز ئىگىسى يەنە ئۇنىڭ مەكتىپىدە پەيدا بولدى، ھوشۇر ئۇنىڭغا قانچە چۈشەندۈرسىمۇ يەنىلا پايدىسى بولمىدى. پۇللىرىنى ئالالمىغان قەرز ئىگىسى ھوشۇر ئىشتىن چۈشكىچە ساقلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھوشۇرنىڭ ئويىگە باردى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ھوشۇرنىڭ ئايالى نېمە قىلارىنى بىلمەي ئاچچىقتىن يىرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى. قەرز ئىگىسى ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغاندىن كېيىن ئەتە كەچكىچە پۇلنى تاييار قىلمىسا مەكتەپ مەسئۇلى بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىنى دەپ قايتىپ كەتتى. ھوشۇرنىڭ ئايالى بو خورلۇققا پەقەت چىدالمايلا قالدى، ئايالىنىڭ بارلىق ئىقتىسادىنى تۈگۈتۈپ ئىش ھەقىنى بانكا قەرىزگە تۇتىۋالسا، بۇ ئۆينىڭ بارلىق خىراجەتلىرىنى ئۆزىلا ئۈستىگە ئىلىپ كېلىۋاتسا، تېخى بۇنى ئاز دىگەندەك ئارلاپ-ئارلاپ ھوشۇر ئۆينى تاپالمىغاندا ئەنسىرەپ ئىزدىمىگەن يەرلىرى قالماي پاي-پىتەك بولۇۋاتسا، بۇلارنى ئويلىغانسېرى بۇنداق تۇرمۇشقا پەقەت چىدىيالماي ئاخىرى بۇ ئەھۋاللارنى قىينىئاتىسىغا دىيىشكە مەجبۇر بولدى. ئەتىسى كەچتە ھوشۇرنىڭ دادسى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدى، دەل شۇ چاغدا ھېلىقى قەرز ئىگىسىمۇ ئۆيدە پەيدا بولدى. ھوشۇر دادىسىنى كۆرۈپ ئازراق خىجىل بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشتىن باشقا ئامالى بولمىغاچقا يۈزىنى داپتەك قىلىپ دادىسىدىن بۇ قەرزىنى تۆلەپ بېرىشىنى، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئويۇننى قەتئى ئوينىمايدىغانلىغىنى دەپ قەسەم قىلىپ يالۋۇردى. دادىسىنىڭ دەرغەزەپ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ ئالدىدا چاندۇرماي قەرز ئىگىسىنى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئۆزىگە تېلېفون قىلىشىنى دەپ يولغا سالغاندىن كېيىن، كېلىنىدىن بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى سوراپ ھەممىنى بىلدى. =0fx6V ھوشۇر بىر مەزگىل ئۇ سورۇنغا بارمىغان بولسىمۇ ئاران بىر ئايچە چىداپ ئاخىرى يەنە كونا يولىنى تېپىۋالغان ئىدى. پۇلى بولسۇن، بولمىسۇن شۇ يەرگە بارمىسا ئىچى تىتىلداپ قولى ئىشقا بارمايدىغان ھالەتتە ئىدى. مانا ھازىر سەمەتنىڭ 3D ئويناپ شۇنچە كۆپ پۇل مۇكاپات ئالغانلىقى ئۇنىڭ بۇندىن بۇرۇن سالغان دەسمايىسىنى بىراقلا تاپالايدىغان ياخشى يولدەك بىلىندى. ئۇ سەمەتنىڭمۇ بۇرۇن دەل ئۆزى باسقان يوللارنى بىسىپ ئاخىرى تەۋەككۈل قىلىپ ئويۇننىڭ خوتىنى يۆتكەپ مانا ھازىرقىدەك كاتتا مۇكاپاتقا ئىرىشىپ پۈتۈن قەرزلىرىنى تۈگەتكەندىن سىرت ئېگىز قەۋەت بىنادىن بىر يۈرۈش ئۆي ۋە ئېسىل ماشىنىدىن بىرنى ئىلىپ ھەيدەپ يۈرۈۋاتقىنى قىل سىغماس ھەقىقەت ئىدى. ھوشۇرمۇ دەسلىۋىدە كۈندە كەچلىرى شۇ جايغا بىرىپ باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ نومۇر تاللاپ تەلىيىنى سىناپمۇ باقتى. ھەر قېتىم ئالغان نۇمۇرىدىن ئىككى نومۇر ئوخشاپ چىقىپ بىرلا نومۇرنى ياخشى تاللىيالمىغانلىغى ئۈچۈن تەلىيى ئوڭدىن كەلمەيۋاتاتتى. لېكىن ئەتراپىدىكىلەر ئېرىشكەن مۇكاپاتىغا شۈكۈر قىلمىغاندەك ‹بەكلا ئاز ئاپتىكەنمەن، ئالىدىغانغا كۆڭلۈمگە كەلگەن، بىرقانچە يۈز ھەسسە ئالىدىغان ئىشكەن. بوپتۇ ھامان خۇدانىڭ بەرمەسكە ۋەدىسى يوق، سەمەتكە چىققان مۇكاپاتمۇ چوقۇم بىزگىمۇ چىقىدۇ›دەپ ئۆز-ئۆزى تەسەللى بېرىشەتتى. بىر قېتىم ھوشۇرمۇ بىرسىنىڭ تەۋىسىيە قىلىشى بىلەن يانچۇقىدىكى ھەممە پۇلىغا ئاران ئون ھەسسە قىلىپ بەش نومۇر ئالدى. كەچتە نومۇر ئېلان قىلىنغىنىدا ئۇنىڭغا راستىنلا 10000يۇئەن مۇكاپات چىققان ئىدى. شۇ خوشلۇققا نومۇر تەۋسىيە قىلغان ئادەمگە 1000يۇئەننى سوۋغا قىلدى. شۇ كىچىسى پەقەت ئۇيقۇسى كەلمەي بۈگۈن 100يۇئەننىڭ بىراقلا 10000يۇئەنگە ئىشلىگەنلىگىنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالدى، چۈشىدە ئۇ دەل ئۈچ نومۇرنى چۈشىدى. لېكىن ئەتىسى ئويغانغاندا بولسا ئىككى نومۇرنىلا ئەسلىيەلىدى. بىر نومۇرنىڭ رەت تەرتىۋىنى قانچە قىلىپمۇ ئىسىگە ئالالمىدى. oOSyOD قارىغاندا ئۇ مەنزىلىگە يېقىنلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئون نومۇردىن ئۈچ نومۇرنىلا تاللاش نېمە دېگەن ئاددى، رەت تەرتىپىنىلا ئورۇنلاشتۇرۇۋالسىلا مۇكاپات دېگەن ھەرگىز قىچىپ قۇتۇلالمايتتى. D)cwttH ھوشۇر شۇ خىياللار بىلەن كالىسى ھەرقانچە ئىشلىسىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق مەبلەغ بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆيىنىڭ مۇلۇك كىنىشكىسىنى بانكىغا رەنە قويۇش شەكلى بىلەن يەنە بىر قېتىم قەرز ئىلىش پىلاننى پۇختا تۈزۈۋالغاندىن كېيىن، بۆ ئەقلىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە ئاتلاندى. x&b-Na | |