بازار نېمە ئۈچۈن ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالدى؟
kj]m@mS[ شىنجاڭ گېزىتى
iNG =x ئۆلچەملىك پور شىركىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك كىرېدىتدەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن دۇنيا بازىرىنى ۋەھىمە قاپلىدى، پەقەت ئالتۇن بىلەن ئامېرىكا زايومىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالىدى. 8 – ئاۋغۇست ئامېرىكا زايومىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ، پايدا نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئەڭ يېڭى ئون يىللىق ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى %2.34كە چۈشتى، بۇ، بۇ يىلقى ئەڭ تۆۋەن نىسبەت.
y*vg9`$k wfq}NK; قائىدە بويىچە، ئامېرىكىنىڭ كىرېدىت دەرىجىسى تۆۋەنلىسە ئامېرىكا زايومىنىڭ باھاسى چۈشۈپ، پايدا نىسبىتى ئۆرلىشى كېرەك ئىدى. ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى نېمە ئۈچۈن تۆۋەنلەيدۇ؟ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا زايومى ھازىرچە يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر مۈلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىناۋىتى دۇنيادا يەنىلا ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدىكەن، ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي قەرزى ۋە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ سېلىشتۇرمىسى ياپونىيە ۋە ياۋرو رايونىنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا قەرزىنىڭ بازار كۆلىمى 9 تىرىليون 300 مىليارد دوللارغا، كۈندىلىك سودا مىقدارى 580 مىليارد دوللارغا يەتكەن، مۇشۇنداق ھەرىكەتچانلىق بولغاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلار ھەر ۋاقىت سېتىۋېلىش ۋە سېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن، دۇنيادا بىخەتەرلىك ۋە ھەرىكەتچانلىق جەھەتتە ئامېرىكا زايومىغا سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ئىككىنچى خىل مۈلۈك يوق.
8!|LJI ئامېرىكا زايومىنىڭ ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك يېرى يوق تۇرۇقلۇق، ئۆلچەملىك پور شىركىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكى دۇنيادا نېمە ئۈچۈن ۋەھىمە پەيدا قىلدى؟
n<3{QqF بىرىنچىدىن، ياۋروپا قەرز مەسىلىسى داۋاملىق كۈچەيدى. ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيە كىرىزىسقا پېتىپ قالدى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئىككى دۆلەتنىڭ زايومىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى، پۈتكۈل ياۋروپا قەرز مەسىلىسى تۈپەيلى ساراسىمگە چۈشتى. كىشىلەر ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ ھەرىكىتى ‹‹يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم›› دەپ دو تىككەنلىك، ناۋادا گىرېتسىيەنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن ئىتالىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كەلسە، ياۋرو رايونى ھالاكەتلىك زەربىگە ئۇچرايدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىشماقتا.
3!Ca b/T ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىختىلاپى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. ئامېرىكىنىڭ قەرز تۆلەشكە قۇربى يەتمەيدۇ ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ قەرز تۆلەش ئارزۇسى كۈچلۈك ئەمەس، خالاس. ئەمەلىيەتتە، مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن ئەزەلدىن ھەقىقىي گۇمانلانغان ئەمەس، پارلامېنتتا قەرزنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىدە ناھايىتى كەسكىن تالاش – تارتىش ۋە بەس – مۇنازىرە بولغان چاغلاردىمۇ زايومنىڭ پايدا نىسبىتى يەنىلا تۆۋەنلەپ ماڭدى. ھازىرقى %2.34 پايدا نىسبىتى بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇنقى %4لىك ساپ پايدا نىسبىتىدىن خېلىلا تۆۋەن.
6e4A|< بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئىقتىسادى ئانچە تېز جانلانمىدى. ئىككىنچى قېتىملىق خىيىم – خەتەر كۈچىيىۋاتىدۇ. ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكى باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۆلچەملىك پور شىركىتى ئامېرىكىنىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن باشلانغان ئەمەس، ئامېرىكا پاي چېكىدوگلاس – جونىس پېيىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە %10 تۆۋەنلىدى، بۇ، ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىدىن بۇيان ئانچە كۆپ كۆرۈلمىگەن يۈزلىنىش.
q?=_{oH9 ئۈچىنچىدىن، جۇڭگو قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە پۇل پاخاللىقى بېسىمى ئۈزلۈكسىز زورايدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلاش ئالامەتلىرى روشەن بولدى، ئىچكى ئېھتىياجنى قوزغىتىش ۋە قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش داۋاملىشىۋاتىدۇ، دۇنيادا تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسى ھەل بولمىدى.
,ek0)z. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىي چوڭ مۇھىتىدا ئامېرىكىنىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەنلىكى ۋە ئامېرىكا زايومى مەسىلىسى پىلىك بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۆزى ئۇنچىلىك قورققىدەك ۋە قايغۇرۇپ كەتكۈدەك مەسىلە ئەمەس. جۇڭگو ئوتتۇرا، قىسقا مەزگىلدە، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى دوللار زاپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگىلا ئەمەس، ئەكسىچە دۇنيا ئىشەنچ كىرىزىسى ئەكس ئەتتۈرگەن چوڭقۇر قاتلاملىق ئىقتىسادىي مەسىلە ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە قارىتىشى لازىم.
8ps1Q2| ھازىر ئاگاھ بولۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئامېرىكا ئىقتىسادى يەنە پەسكويغا چۈشۈپ قالسا، ھەتتا ئىككىنچى قېتىم خارابلاشسا، ياۋرو رايونىدا قەرز مەسىلىسى داۋاملىق كۈچەيسە، ھەتتا تىزگىنسىز قالسا، دۇنيا ئىشەنچى بازارنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولالمىسا، تاشقى خەۋپ – خەتەر پۇل مۇئامىلە، سودا ۋە ئىشەنچتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يول ئارقىلىق جۇڭگو ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
Np>0c-S EE,C@d!*k7 پۇل مۇئامىلە قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادى داۋاملىق پەسكويغا چۈشسە، ئامېرىكا قوشما ئىشتات زاپاس ساقلاش كومىتېتى تېخىمۇ كۆپ كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتى ئېلان قىلىدۇ، بۇنداق ھەرىكەتنىڭ پۇل پاخاللىقى ۋە قىزىق پۇل بېسىمىنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقى تۇرغان گەپ. سودا جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قېلىشى تاشقى ئېھتىياجنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن تاشقى سودا كارخانىلىرى ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، دۇنياۋىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بازار ئىشەنچىنىڭ ئۆزئارا يېتەكچى بولۇشى كۈنسېرى روشەنلەشمەكتە، دۇنياۋى پاي چېكى ئاپىتىدە مۆجىزە يارىتىلارمۇ؟
nna boD بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر بىر قېيىققا چىقتى. ھازىرقى كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىككىلەمچى كىرېدىت كىرىزىسىدىن كېيىن قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرغىنىغا ئوخشاش ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەقىقىي ھەرىكەتكە كەلگەندىلا ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى تېز قوللانغاندىلا، بازاردىكى ۋەھىمىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى
ROj9#: a
@i?E0Fr مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
[ بۇ يازما Misranim2 تەرپىدىن 2011-08-11 07:38 AM دە ]