ئاچارچىلىق قاپلىغان دادائاب
[E
a{); D}y W:Pi' 2011-08-09 16:49 شىنجاڭ گېزىتى
t/Io.d
كىرپىكىگە چاڭ – توزان قونغان ھۈسەيىن ئەدھەمنىڭ كېنىيەنىڭ شىمالىدىكى دادائاب مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئىف رايونىدىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزى ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقىنىغا 7 – ئاۋغۇست تۆت كۈن بولدى.
'9f0UtT|[ ھۈسەيىن ئەدھەم مۇساپىر سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتاتتى، چۈنكىمۇساپىر سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىلا، قەرەللىك نورما ئاشلىققا ئېرىشەلەيتتى.
N~$>| gn ھۈسەيىن ئەدھەم دادائابتىكى ئۈچ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزىدىكى ئۆچىرەت تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان، ئاچارچىلىقتا قالغان نەچچە ئون مىڭ مۇساپىرنىڭ بىرى. ئۇلار مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزىگە كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسىمىيىتىنى بېجىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ئاز دېگەندىمۇ 20 كۈندىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان مۇساپىر سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
C5dM`_3L ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى ئەفزەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دادائاب ئاللىبۇرۇن مۇساپىرلار بىلەن تولدى، ئەسلىدە بۇ مۇساپىرلار لاگېرىغا 90 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىنماقچى ئىدى، لېكىن ھازىر 400 مىڭغا يېقىن مۇساپىر توپلاندى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سومالىلىق مۇساپىر. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، زاكىدىكى نۇرغۇن بوۋاق دادائاب مۇساپىرلار لاگېرىغا كەلگەندىن كېيىن 24 سائەتكە قالماي ئۆلۈپ كېتىۋېتىپتۇ.
Hj{.{V تىزىمغا ئالدۇرغان مۇساپىر سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، قورساق تويمايتتى. مۇخبىر بۇ يەردە قىسقىغىنا بىر نەچچە سائەتتە ئاشلىق، ئەدىيال، يامغۇرلۇق قاتارلىق جىددىي كېرەكلىك ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغانلار قاتارىدا سومالىلىق ياشىنىپ قالغان ئىككى ئايالنىڭ ئاچلىقتىن ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن.
)^o.H~Pv دادائاب مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئىف رايونىدا تۇرۇۋاتقىنىغا سەككىز ئايدىن ئاشقان لالە ئىسھاق تىزىمغا ئالدۇرغان مۇساپىر ئىدى. ئۇ ئۆزى ۋە ئىككى بالىسىنىڭ نورما ئاشلىقىنى ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم ئالىدۇ، ھالبۇكى بۇ نورما ئاشلىقى ئادەتتە ئۇلارغا ئالتە كۈنلا يېتىدۇ. ‹‹كېيىنكى قېتىملىق نورما ئاشلىقى تارقىتىش كۈنى يېتىپ كەلگىچە بالىلىرىم بەرداشلىق بېرەلمەسمىكىن دەپ ھەمىشە دەككە – دۈككىدە يۈرىمەن›› دېدى لالە ئىسھاق.
"
7^nRJy لالە ئىسھاقنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، مۇخبىر لالەدىن بالىڭىزنى نېمە ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرسەتمەيسىز دەپ سورىغاندا: ‹‹ئۆچىرەت تەگمەيدۇ، ئۇ يەردە ئادەم بەك كۆپ››، دېدى.
Mn
,hmIz ئىف لاگېرىدىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزىگە يېقىن بىر بوش جايدا ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلات خەلقئارا بىۋاسىتە ياردەم تەشكىلاتى قۇتقۇزۇش ئاشلىقى تارقىتىۋاتاتتى. تىزىمغا ئالدۇرمىغان بىر قانچە مىڭ سومالىلىق مۇساپىر ئاشلىق تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئېتىلىپ كەلدى.
5]Rbzg2t پىدائىي مۇھەممەد ئۆمەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خەلقئارا بىۋاسىتە ياردەم تەشكىلاتى بىر ھەپتە ئىچىدە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان 3000 مۇساپىر ئائىلىسىگە ياردەم بەرمەكچى بولغان، يەنى ھەر بىر كىشىگە 25 كىلوگرام گۈرۈچ، ئون كىلوگرام شېكەر، ئون كىلوگرام پۇرچاق، ئالتە لىتىر كىرسىن تارقىتىپ بەرمەكچى بولغان، بىراق قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىشقا كەلگەن مۇساپىرلار سانى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، كېچىكىپ قالغانلارغا ھېچنېمە تەگمەسلىكى مۇمكىن.
Zu|NF
uFI بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دادائاب مۇساپىرلار لاگېرىدا تىزىمغا ئالدۇرغان %70 تىن كۆپرەك مۇساپىر سومالىدىن كەلگەن، ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى مۇقدېشونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش رايونى ب د ت تەرىپىدىن ئاچارچىلىق كۆرۈلگەن رايون دەپ جاكارلاندى. تىزىمغا ئالدۇرغان ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرغان مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان مۇساپىر ياشاش ئۈچۈن يۇرت – ماكانىنى تاشلاپ دادائابقا كەلگەن. ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئازاب – ئوقۇبەتتىن يەنىلا قۇتۇلالمىدى، ئەكسىچە يەنە بىر ھاياتلىق سىنىقىغا دۇچ كەلدى.
Vhv'
Z\ دادائابتا مۇساپىر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. دادائابتىكىلەر ئاچارچىلىق ئازابىنى يەتكىچە تارتماقتا.
EX_j|/&tZ مەنبە:تەڭرىتاغ تورى
7!AyL w kMVr[q,MEq