مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3208 
  •    ئىنكاس 
       0 

بېن لادىننى ئۆلتۈرگەن ئالاھىدە ئەسكەرلەر تالاپەتكە ئۇچرىدى

قەۋەت ئاتلاش
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906744 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11854
 سائەت
دەرىجىسى:
11854 سائەت 386 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
— بۇ يازما Azizim تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-08-10) —

بېن لادىننى ئۆلتۈرگەن ئالاھىدە ئەسكەرلەر تالاپەتكە ئۇچرىدى
yfQE8v+  
TVwYFX  
 
5-ئاۋغۇست كېچىدە، تالىبان قۇراللىق كۈچلىرى ئامېرىكىنىڭ تىكئۇچارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، 31 ئامېرىكا ئالاھىدە ئەسكىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلانغان ئون يىلدىن بۇيانقى بىر قېتىملىق تالاپەت ئەڭ ئېغىر بولۇش رېكورتى يارىتىلدى. 7-ئاۋغۇست بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى يەنىلا داۋاملاشتى، ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسى قازا قىلغان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ 22 ئەزاسى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قىسىم دەل بۇ يىل 5-ئايدا بېن لادىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىپ تاشلىغان ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ سەرخىل قىسمى ئىدى. خەلقئارا ھەربىي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى شۆبە ئەترىتىنىڭ تولۇق ھالاك قىلىنىشى-ئىستراتېگىيەلىك تەسىر پەيدا قىلىپ، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش ئەندىزىسىگە ئېغىر زەربە بولىدىكەن، ھەتتا ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانى بىلەن ئافغانىستاننىڭ پۈتكۈل سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. |3ETF|)?  
[zEP|  
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى ئىشخانىسىنىڭ 6-ئاۋغۇست ئالدى بىلەن ئاشكارىلىشىچە، كېچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 38 ئادەمنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 31 ئەسكىرى، ئافغانىستاننىڭ يەتتە ئالاھىدە ئەسكىرى بار ئىكەن. تالىباننىڭ باياناتچىسى زۇبەير مۇجاھىد ئارقىدىن تالىبان قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئېغىر تىك ئۇچارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ئايروپىلاندىكى 38 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئارقىدىن ئامېرىكا تىك ئۇچارىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ 38 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى تەڭلا ئىسپاتلىدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى ئېتىپ چۈشۈرۈلگىنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئېغىر تىك ئۇچارى ئىكەن، ئايروپىلاندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 25 ئالاھىدە ئەسكىرى، بەش ئايروپىلان خىزمەتچىسى، بىر تەرجىمان، ئافغانىستان ئالاھىدە قىسمىنىڭ يەتتە ئوفىتسېر-ئەسكىرى، بىر ئاپشاركا بار ئىكەن. ھالبۇكى، بەش بۇرجەكلىك بىنا 7-ئاۋغۇست ئىسپاتلىغان «6-ئاۋغۇست قازا قىلغان 31 ئامېرىكىلىقنىڭ 22سى ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكىرى» دېگەن خەۋىرى دۇنيانى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. بىراق، 7-ئاۋغۇستقىچە، بەش بۇرجەكلىك بىنا بىلەن ئاقساراي قازا قىلغان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ كونكرېت تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى يەنىلا خالىماي، تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى يەنىلا تەكشۈرۈلمەكتە دېدى. QPE.b-S  
%[m1\h"1  
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ 22 كىشىنىڭ ھەممىسى بۇ يىل 5-ئايدا بېن لادىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆلتۈرگەن دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى 6-تارماق ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە قازا قىلغان ئامېرىكا تېننېسى شىتاتىدىن بولغان ئاللۇن كارلسون ۋانگونىڭ ئۆيدىكىلىرىمۇ ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى 6–تارماق ئەترىتىنىڭ نامىنى ئىسپاتلىغان. دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى 6-تارماق ئەترىتىنىڭ تولۇق نامى «ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى تەتقىقات چوڭ ئەترىتى» بولۇپ، دېلتا قىسمىغا تەۋە ئىكەن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىدىكى سەرخىللارنىڭ سەرخىلى دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ يىل 5-ئايدا، بۇ مەخپىي قىسىم پاكىستانغا يوشۇرۇن كىرىپ بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجىگە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن «لادېننى ئوۋلىغۇچىلار» دەپ ئاتالدى ھەم پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ شەخسەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئارىدىن پەقەت ئۈچ ئاي ئۆتۈپلا، بۇ قىسىم ئافغانىستاندا تولۇق ھالاك بولدى. cLC7U?-  
;NeEgqW "  
دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى 6-تارماق ئەترىتىنىڭ ئادەم سانى قىسىم قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ساننى قوشقاندا ئۈچ مىڭدىن ئاشمايدۇ، شۇڭا، بۇ قېتىم قازا قىلغان 22 ئەسكەر بۇ قىسىمنىڭ تالاپەت تارىخىدا رېكورت ياراتتى. ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ قوماندانى جون ئاللىن 6-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن «بۇ قېتىمقى ئېچىنىشلىق زىياننى تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ» دېدى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 38 ئوفىتسېر-ئەسكىرىنىڭ قازا قىلىشىدەك ئېغىر زىيان پۈتۈن ئامېرىكىنى قاتتىق چۆچۈتتى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 6-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى بىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئېغىر بەدەل تۆلىگەنلىكىنى سەمىمىزگە سالدى، ئۇلارنىڭ روھى بىزنى ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن داۋاملىق تېرىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ دېدى. tdF[2@?+  
>Fk `h=Wd  
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتامۇ مەن بۇنداق ئېغىر زىياندىن چوڭقۇر قايغۇردۇم، لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بۇرچىنى داۋاملىق ئادا قىلىدۇ دېدى. ئامېرىكا شىتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ رەئىسى، گېنېرال پولكوۋنىك ماللۇن تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىشتىن بۇرۇن يەكۈن چىقىرىشقا ئالدىرىماسلىقىمىز كېرەك، چوقۇم قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىم. ئامېرىكا چوقۇم ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ دېدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى جون بېرنال 6-ئاۋغۇست تەنقىدلەپ: بۇ-ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ زۇلمەتلىك ئۇرۇشتىكى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر كۈن بولدى، بىز ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك دېدى. ئاۋام پالاتاسىدىن بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى پېلوسىمۇ بۇ-بىر دۆلەتنىڭ بالايى-ئاپىتى دېدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قازا قىلىشى ھەققىدە مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم بەلگىلەنگەن پىلاندا چىڭ تۇرۇشىمىز، بولۇپمۇ ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن ئافغانىستان خەلق ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە رايوننى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ,s&~U<Z  
q|l|mO  
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 6-ئاۋغۇست قازا قىلغان ئەسكەرلەرگە تەزىيە بىلدۈردى. بان كىمون شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: مەن قازا قىلغۇچىلارنىڭ بالا-ۋاقىلىرى ۋە دوستلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن ھەم ھال سورايمەن شۇنداقلا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بۇ ئەسكەرلەرگە بولغان تەزىيەمنى بىلدۈرىمەن. '$-,;vnP0  
X>8?p'*  
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما ئافغانىستان ئۇرۇشىدا غايەت زور غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەم ئافغانىستاندىن پىلان بويىچە قوشۇن چېكىندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى جاكارلىغان پەيتتە، دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى 6-تارماق ئەترىتىنىڭ تولۇق ھالاك بولۇشى-ئافغانىستاننىڭ پۈتكۈل ئۇرۇش ئىشلىرىغا مۇنداق ئۈچ چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن: FD+PD:cQn  
[=3tAPpzK  
1-تالىبان قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئۆسۈپ، كابۇلغا قىستاپ كېلىشى مۇمكىن. 6-ئاۋغۇستتىكى تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بىلەن ئافغانىستاندىكى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى قازا قىلغان ئەسكەرلەر سانى 365كە يەتتى. تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جەڭگىۋارلىق روھى ئۇرغۇغان تالىبان قۇراللىق كۈچلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كابۇلغا قىستاپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. K(f LqXE%  
jZ,[{Z(N   
بۇ يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى كابۇلنىڭ شەرقىدىكى ئىككى ئۆلكىدىكى نۇرغۇن ئالدىنقى سەپ قاراۋۇلخانىلىرىنى تاقاپ، ئالدىنقى سەپتىكى قىسمىنى چوڭ بازىلارغا قايتۇرۇپ كەلدى. بۇ قېتىمقى دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋارداق ئۆلكىسى كابۇلنىڭ شەرقىگە 72 كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، تالىبان قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن بازا تەشكىلاتى كابۇلغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاپ كېلىۋاتقان مۇھىم جاي. ئېھتىمال شۇ جايدا تالىباننىڭ مۇھىم شەخسلىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات تاپشۇرۇۋالغانلىقتىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى 5-ئاۋغۇست دېڭىز يىلپىزى زەربىدارلار ئەترىتى 6-تارماق ئەترىتىنى ئىشقا سالغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن تولۇق ھالاك بولدى. v/.h%6n?  
rGGepd  
ۋارداق ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلى قاسائى ناھايىتى ئەندىشە قىلغان ھالدا: بۇ يىل 4-ئايدىن تارتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ جاينىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ئافغانىستان خەلق ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئويلاپ كەلگەن، لېكىن خەلق ئارمىيەسى بىلەن ساقچىلارنىڭ بۇ رايوننى تىزگىنلەشكە ئەسلا مادارى يەتمەيدۇ. ھازىر ھەتتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ سەرخىل قىسمىمۇ زەربىگە ئۇچرىدى، مەن تالىبانلارنىڭ بۇ يەردىكى بوشلۇقنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، كابۇل رايونىغا يەنىمۇ تەھدىت سېلىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن دېدى. ^6y4!='ci  
RTBBb:eX  
2-ئامېرىكا ئارمىيەسى چوڭقۇر ئۈمىد باغلىغان كەلگۈسى ئۇرۇش ئەندىزىسىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ. بەش بۇرجەكلىك بىنا بېكىتكەن پىلانغا ئاساسەن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن زور كۆلەمدە قوشۇن چېكىندۈرگەن ھامان، ئافغانىستاندىكى ئاساسلىق ئۇرۇش ۋەزىپىسى ئافغانىستان خەلق ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىغا تاپشۇرۇلىدۇ. بولۇپمۇ بېن لادىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە قىسىمغا ئەھمىيەت بېرىشىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل 4-ئايدىن 7-ئايغىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمى كېچىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ 2941 جىنايەت گۇماندارىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئالغان، 834 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، بۇ-2010-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى ئۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ قېتىم تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى بەش بۇرجەكلىك بىنانى بىئارام قىلىۋەتتى، كەلگۈسىدە ئافغانىستاندا ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنى ئىشلەتسە زادى بولامدۇ-بولمامدۇ؟ ئەگەر ئالاھىدە قىسىمنىڭ كۈچى يېتىشمىسە، ئۇنداقتا ئەسكەر چېكىندۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتامدۇ-قانداق؟ 0W%}z}/ N  
mKQST ]5  
3-ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى يەنە بىر قېتىم گۇمانغا ئۇچرايدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا، بېن لادىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوباما بۇ ئۇرۇشنىڭ جەريانىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قارار قىلغانلىقتىن، دۆلەت ئىچى، سىرتىدا ئېغىر گۇمان پەيدا قىلدى، نۇرغۇن تەھلىللەر ئامېرىكىنىڭ ئون يىللىق تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ زور نەتىجىسىنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈۋەتتى. بۇ قېتىمقى تىكئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە، ئوباما ھۆكۈمىتى يەنە قازا قىلغان ئەسكەرلەرنىڭ تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى كەينىگە سۈرۈۋەردى، شۇڭا ھىندىستان بىلەن پاكىستاندىكى نۇرغۇن ئاساسلىق تاراتقۇلار 7-ئاۋغۇست بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، نېمە ئۈچۈن لادىننى ئۆلتۈرگەن قىسىم تولۇق ھالاك قىلىنىدۇ؟ ئوباما ھۆكۈمىتى بىر نەرسىنى يوشۇرۇۋاتامدۇ-قانداق دېدى. aX'g9E  
#Y>%Dr&  
ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىناسى 7-ئاۋغۇست بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، قازا قىلغان زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ 22 ئەزاسى گەرچە بېن لادىننى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بىر قىسىمدىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بىلەن بىر تۈركۈمدىكى ئەسكەرلەر ئەمەس دېدى. بىراق تەھلىلچىلەر ئوباما بۇ نۇقتا توغرىسىدا ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى، شۇڭا بۇنداق مىش-مىش گەپلەر تېزدىن تۈگىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ-ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ كۆرسەتتى. X+E\]X2  
+ >gbZ-S  
qTh='~m4[  

تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-10, 00:31
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 7 پارچە مۇنبەر پۇلى +252
muxawi مۇنبەر پۇلى +20 08-13 خۇشخەۋەر جۇمۇ باللا ئەلھەمدۇلىللا
جاھان مۇنبەر پۇلى +20 08-12 شەرقچە مىش مىش پاراڭ
Janpolat مۇنبەر پۇلى +100 08-11 لادىن جاللاتنى ئۆلتۈرۈپ ياخشى قىلغان
atazat مۇنبەر پۇلى +1 08-11 -
samsaq مۇنبەر پۇلى +1 08-10 مىنىڭ بىلگىنىمچە،ئۆلەىنى32لا ئەمەسكە
kugul مۇنبەر پۇلى +100 08-10 ئومدان بوپتۇ!تىخى نى كۈنلەرنى كۆرىدۇ..
Kunduz^_^ay مۇنبەر پۇلى +10 08-10 اللاھ جاجىسىنى بىرىپتۇ!!!
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...