قىزىقىش ۋە ھاسىلى كالام ھەققىدە
55mDLiA (زوھۇرلۇقتىن كېيىنكى ئېلھاملار)
myR}~Cj;q $@ous4& ئاپتورى: _(سۆيگۈم) <9BM% {J?#KHF'| بىغۇبار بالىلىق دۇنيارىمىز قانداقتۇر ئىرادىگە ئەمەس،ھەۋەسكە،شەيتاندىن خالىي ۋەسۋەسىگە تولغان بولىدۇ. تەبئىەت دۇنياسنىڭ قوينىدا يېتىلگەن گۆدەكلەرچە قىزىقسىنغان كۆزلىرىمىز ئۇنىڭ ھەر بىر مۆجىزىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا چاقنىغان ئۇچقۇنلىرى بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەپەككۇرىمىزنى يېنلجتىپ تۇرىدۇ. قىزىقىشنىڭ ئۆزى تەپەككۇرىمىزنىڭ خېمىتۇرچى.كەلگۇسىدە قانداق ئادەم بولۇشمىز كېينىكى تەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ لېكىن بالىلىقتىكى ئەشۇ ساپ تۇيغۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگەن ياكى بۆشۇكىدىلا بەربات بولغان -بولمىغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئېينشىتىين :‹مېنڭ ئالىم بولالىشمدىكى بىردىنبىر سەۋەب شۇكى مەن بالىلىق چاغدىكى قىزقىشمنى تا ھازىرغىچە ساقلاپ قالالىغانلىقىمىدا›دەيدۇ.باشقا نۇرغۇن ئالىملار مەشھۇر شەخسلەرمۇ بالىلىق دەۋرىدىكى قىزىقشى توغرسىدا مەخسۇس توختالغان. قىزىقىش تەبئىي ھالدا شەكىللەنسىمۇ لېكىن ئۇنى ۋايىغا يەتكۇزدىغان كۈچ بالىلارنىڭ ئۈستىدىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇستازلاردا.
c`F~vrr)X بىزنى ئېمتىپ باققان ئانمىز،كۆيۇمچان دادلىرىمىزنىڭ نەسىھەتلىرى بىلەن قارا دوسكا ئالدىدا بور توزانلىرىنى سۈمۇرۇپ قاقىلىپ- ھۆتۇلىپ دەرس ئۆتكەن جاپاكەش ئۇستاز -مۇئەللمىلەرنىڭ جاپالىق مېھنەت تەرىدە يېتىلگەن ئەقىلمىز ۋە ئالغان بىلمىمىز بىزنىڭ كېيىنكى ھەقىقى ئادەم بولۇش ،ئالىم بۇلۇشقا تەسىر قىلىدۇ . بىز بۇ يەردە ئاشۇ قەدىردانلارغا بولغا يۈكسەك ھۆرمەت ھەم قەرىزدارلىق بۇرچىمىزنى يادىمىزدا چىڭ تۇتمىز ۋە مەڭگۇ ئەستىن چىقارمايمىز.
zFR=inI بىز پەرزەنتلەر تەربىيەنىڭ ھەممسىنى قوبۇل قىلدۇق. شۇڭلاشقا تاكى ئوقۇپ ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرگىچە بىزنىڭ تولىمۇ كۆيۇمچان ئۇستاز ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىز ھەتتاكى ئاخىرقى تىنقىلىرى قالغۇچە بىزنىڭ ھەممە ئىشلرىمزغا ئارلىشدۇ. ھەتتا بىزنىڭ نېمگە قىزىقشمىز،نېمنى ئۆگۇنشىمىز، قايسى كەسپنى تۇتۇشمىز،قانداق خوتۇن ئېلشلىرىمىزغىچە،نەدە ئۆي تۇتۇشقىچە ئارلىشپ بىزنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ، قارار چىقىرىش ھوقۇقىمىزنى دەخلىگە توسقۇنلۇققا قاتتىق ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ. ساددا ئاتا- ئانا ۋە ئۇستازلارنىڭ نېيىتى،كۆڭلى ياخشى بولسمۇ ئىلمىيلىكتىن سەل يىراقلاپ قالغان. بۇخۇددى كىچك ۋاقتىمىزدا سورىغان يۇچۇن بىر سوئالمىزنىڭ ئاتا- ئانمىزنىڭ :
h
rksPK"s2 ‹-ماڭ بېرىپ تاپشۇرقىڭنى ئىشلە! ياكى ئوينىڭنى ئوينا ›دەپ تەنقىد تەربىيە بېرشلىرى بىلەن بەربات بولغاندەك. ھېلىھەم بەزى چاغلاردا ئاتا ئانىلار بىزنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى مۇستەقىل ياشاش ھوقۇقىمىزغا ئۆزلىرى بىلىپ- بىلمەي، ئاڭسىزلىق بىلەن توسقۇن بولۇپ قالماقتا..
:k-(%E]( كوپىراتسىيە دەۋرىدە ياشىغان، شۇ دەۋرىلەردىكى داش قازان تامقىغا ئادەتلەنگەن تەشىكل ئېڭى يۇقىرى ئاتا-ئانىلار ھازىرقى زامان بازار ئىگلىكى ئۈستىگە تۇغۇلغان بالىلىرنىڭ ئەركىن سودا قىلىشغا قېتلمايدۇ. جەمئىيەتتىكى خېيىم-خەتەردىن ھەرقاچان ئاگاھلاندۇرۇپ ئىدرا-ئورگانلاردا تۆۋەن مائاش بولسمۇ يەنىلا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۇردۇ.ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگلىك تىكلەش ئارزۇسىغا قارىشى چىقىدۇ.تەۋەككۇلچىلىك،ئۆز كۈچىگە تايىنشتەك ئىلغار ئىدىيەلەر بالىلارغا يەتكۈزلۇمىسە قانداقمۇ ھازىرقدەك دەۋردە ياشىغلى بولسۇن؟!
Tej&1'G بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا دوستلىرىم ئىچىدە شۇپۇرلۇق پراۋۋىسى ئېلىش قىزغنىلىقى پەيدا بولۇپ ھەممەيلەن پراۋا ئالدى. ھەتتا قىزلارمۇ ماشنىلارنى ھەيدەپ يۇرۋاتقان ۋاقىتتا مەن ئاتا-ئانامغا پراۋا ئېلىش ئارزۇيۇم بارلىقىنى ئېتيسام: ‹شۇپۇرلۇق مەن بىلەن ئۆتۈپ كەتسۇن بالام.،،،،بۇ كەسىپكە يېقىن يولىما. كادىرلىقڭنى قىل›دېدى. دادامنىڭ سۆزىنى مىزان بىلىپ كەلگەن مەندەك پۇقراۋى بالىلار ئۇچۇن ئارتۇق سۆزلەش بىھاجەت ئىدى...ئۇنىڭ 30نەچچە يىللىق جاپالىق شوپۇرلۇق تۇرمۇشدىن ئالغان تەجربىسدىن يەكۇنلەنگەن شۇ سۆزى ماڭا خۇددى دانالارنىڭ قەدىمدىن كەلگەن ئۇگۇتلىرىدەك دەرھال تەسىر قىلدى .شۇنىڭ بىلەن تا ھازىرغىچە قوڭالتاق ۋىسلپىتتە ئىشقا بېرىپ كېلىۋاتمەن. دوستلىرىمنىڭ پراۋىلىرى يىل ئۆرۇلۇپ ھەرخىل ماشىنلارنى ھەيدىگلى تۇردى.. ئىقتسادىم بار تۇرۇپ نېمشقا مەن ئا.ئۇيغۇرنىڭ ‹باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ،سۇدا ئۈزۇپ كەتتى يىراق،مەن مىسال يالاڭئاياغ دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.›دېگەن مسىرالىرىدەك كۈندە قالدىم. چۈنكى مەندە مۇستەقىل پىكىر بولسىمۇ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ قالدى. بىر ساغلام قىزىقىشم ھېلىقىدە ھاسىلى كالام تەربىيەتنىڭ توسقۇنلىقى بىلەن تۇنجۇقۇپ قالدى.دانا تەجرىبە،باشتىن ئۆتكەن كەچۇرمىشنى بالىلىرنىڭمۇ كەچۇرۇپ ھايات سىناقلىرىدا ئادەم بولۇش ،پىشىپ يېتلىشنى ئۆز يولىنى ئۆزى تېپشقا ياردەملىشىش ئەمەس،ئۆزى كۆرگەننى بالىلارغا كۆرسەتمەسلىك،ئۆزى بىلەنلا ئېلىپ كېتىش، بالىلارنىڭ قىزىقشىغا ئېتىبار بەرمەسلىك ،قىزىقشىنى ھېس قىلالماسلىق قاتارلىقلار ئاتا كەسىپگە مەجبۇرلانغانغا ئوخشاشلا تەربىيلەشتكى خاتا خاھىشلار ئىدى. بىزنىڭ قەدىمكى ئاتا بۇۋىلىرىمىز ھەر ھالدا ھازىرقى ئاتا ئانىلاردىن دانا ئىكەنتۇق. يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ تەرجىمالى بىلەن مەھمۇد قەشىقىرىنىڭ ئۆز ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئادەمنىڭ ھەۋىسنى قوزغايدۇ مەھمۇد بۇۋىمىز:
مەن ئۇلارنىڭ ئىچدىكى ئەڭ ئۇستا قىلچۋاز،چەۋەندازلاردىن،ئوۋغا ئەڭ ماھىرلىرىدىن ئىدىم.دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى ۋە ئۇستازلىرى پەرزەنت شاگىرتلىرىنى ھەم ئەلەمدە ھەم قەلەمدە كامالەتكە يەتكۇزۇپ ئاندىن ئۆزۇڭنىڭ قىزىقىشغا قويۇپ بەرگەن. قىزىقشىغا ھۆرمەت قىلىپ توغرا يول بولسىلا دەخلى قىلماسلقى بىزنىڭ ھازىرقىدەك ساپا مائارىپىدا يېتىلۋاتقان بولسمۇ لىكىن كېچسى قورقماي تالاغا چىقىپ سىيەلمەيدىغان بالىلار ئۈچۈن بىر رۇشەن ۋە ئاچچىق سىلشتۇرما.
bnm3
cR:h" بىز چوڭ بولۇپ تاكى ھايات يولىمىزنى ،كەلگۇسىمىزنىڭ خەرىتسىنى مۇستەقىل سىزىپ چىقىپ ئۆزىمىزنىڭ خاھشى بويىچە ئىلمىي پىلان تۇزۇپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىزدىكى ئىقتىساد ،شارائىت توسالغۇسى (بۇلارنى تامامەن يېڭىپ كېتەلەيمىز)غا قارىغاندا يۇقارىقىدەك چەكلەش كۈچىگە ئىگە بەزىدە روشەن دىكتاتورلۇق تۈسكە ئىگە ئۇگۇتلەر ،باشتىن ئۆتكەن ھاسىلى كالاملار تەسىر قىلىدۇ. ئەقىللىق بالىلار ساددا ئاتا-ئانىلارغا ئۆزلىرنىڭ نېيتىنى چۈشەندۇرۇپ بولالماي ئاۋارە. شۇنىڭ بىلەن بىر قسىملار بەلنى قويۇپ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرۋالغان ماڭقۇرتلارچە ياشاپ قالغان. مېنڭچە ياشلاردىكى قسىمەن چۈشكۈنلۇك ۋە بۇرۇختۇرملىقنىڭ ئىچكى سەۋەبلىرىنى ئىزدەپ قېدرىپ چىقىدىغان بولساق ئاشۇنداق ھاسىل كالاملارنىڭ تەسىرىنى روشەن بايقايمىز.
NIzxSGk| ئەسىلىدە ھاسىل كالاملارنىڭ ئۆزى باشتىن ئۆتكەن بىۋاستە تەجرىبىلەر بولغاچقا قىممەتلىك ئۈگۇت. دەل شۇنداق بولغاچقا ئۇنى بىزگە يەتكۈزۇگۇچى،تەربىيۋى ئەھىميتى بار دەپ قارىغان ئۇستازلار،ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭدىكى خيېىم -خەتەرلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىللە مېغىزنى ئېلىپ بىزگە سۆزلەپ بېرىش بىلەن تەمنى تېتىپ بېقشىقا سۇنسا توغرا بولاتتى. چۈنكى ئۇلار تەجربىگە ئىگە بولغاچقا بۇ جەرياندىكى بەزى خاتالىقلارنى كۆرسىتپ بېرىش سالاھيتىگە ۋە ساپاسىغا ئىگە ئىدى. ئەپسۇسكى بۇنداق مەنىۋىي بايلىقلار ئەكىسچە ئۆزنىڭ جاپالىق كەچمشى بىلەن يۇغۇرلغان بولغاچقا ئۇلاردا خاتالىقلارنىڭ تەكرارلىنىش تەشىۋىشى بىلەن قانداقتۇر قورقۇنچلىق ئەپسانىدەك ،يىراق تۇردىغان، يىقىن يولمايدىغان خەتەرلىك نەرىسلەرگە ئايلىنپ قالغان .بۇمۇ بىر خاتا ئاڭدىن تۇغۇلغان ئەلۋەتتە. لىكىن بىز ياشلار ھەرگىزمۇ بۇنداق ئۆزىمىزنى بۇرۇختۇرملىققا،نابۇت قىلنىشقا تاشلاپ بەرمەسلىكمىز دادىل، ئاقىلانە ۋە سوغۇققان بولىشمىز كېرەك. ھۆرمەتلەش بىلەن بىللە ئۆزىمىزنىڭ توغرا يولىنى چوقۇم بېسشىمىز كېرەك. مەن ئەمدى ھېلىقى پراۋىىنى ئالمىسام بولمايدۇ. چۈنكى ماۋۇ دەۋر مەندىن كېنشكاڭنى چىقار دەپ تەلەپ قىلىۋاتىدۇ! ئەمدى مەنمۇ ئىقتىساد توپلاپ ماشىنامنى ھەيدەپ ئانچە مۇنچە ئاغىرپ قىلۋاتقان دادامنى ماشنامغا چىرايلىق ئولتۇرغۇزۇپ ساياھەت قىلىدۇرۇپ ئۇنىڭغا : ماشىنغا ئولتۇرغاندىكى راھەتنى،كەڭ تەبئىەتنى كۈزىتىپ ئۆزنىڭ ئۆتمۇشىنى بالىلىرى بىلەن بىللە ھېس قىلدۇرغىنىم ئانچە -مۇنچە چاقچاق ۋە خوشامەت قىلىپ بولسىمۇ ئۆتمۇش تەسىراتنى سۆزلەتكىنىم ياخشىراق.
9rCvnP= 0zL7$Q#c . 2011.8.9 ئەتىگەندە يېزلىدى.
[ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-08-09 01:37 PM دە ق ]