مازارغوجام بازىرى ‹‹كۆسەن ئەلنەغمە سەنئىتى يۇرتى››دېگەن نامغا ئېرىشتى
s,z~qL6& 4-ئاۋغۇست مەن شايار ناھىيە مازارغوجام (ھۆكۈمەت دەپتىرىدىكى يېڭى ئىسمى قىزىل بايراق )بازىرىنىڭ تاللىققوتان كەنتىدىكى بىر دېھقاننىڭ گۈل-گۈياھ،تال باراڭلىق ئازادە ھويلىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان مېھمان كۈتۈش مەشىرىپىگە قاتناشتىم.بۇ مەشىرەپ ئۈرۈمچىدىن تۇغقان يوقلاپ كەلگەن مېھمانلارنىڭ شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ،مەشىرەپتە مازارغوجام بازىرىدىكى ئەلنەغمىچىلەر كۆسەن ئەلنەغمىللىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ بەردى.مەشىرەپكە كەلگەن قېرى-ياش ئۇرۇغ-تۇققان،خولۇم-قوشنا،يۇرت ئەھلى ئەلنەغمىگە تەڭكەش قىلىپ زوق-شوخ بىلەن ئۇسۇلغا چۈشۈپ ،ئۆزلىرىنىڭ دوستلۇق ،ئۇرۇغ-تۇققاندارچىلىق مېھرى-مۇھەببىتىنى،خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ،مەشىرەپ سورۇنىنى ئاجايىپ قىزىتىۋەتتى. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مېھمان تۇنساگۈل ياسىن بۆگۈن بەكلا خۇشالدەك كۆرۈنەتتى.ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرغا چۈشۈپ يۇرتداشلىرى بىلەن ئۇسۇل،چىلىم ئوينىدى.
R9J!}az' مەن تۇنساگۈلدىن ‹‹بۆگۈنكى ھېسىياتىڭىز قانداقراق؟››دەپ سورىغىنىمدا ئۇ مۇنداق دېدى؛بۇ قېتىم يۇرىتىقا تۇغقان يوقلاپ كەلگەن ،بۇگۇن بۇ مەشرەپ پائالىيتىگە قاتنىشىپ ئۆزۇمنى شۇنداق بەخىتلىك ھېس قىلدىم .ھازىر نۇرغۇن جايلاردا بۇنداق ساپ يەرلىك مىللىيچە ئەلنەغمە پائالىيەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ .يۇرتۇمدا بۇ خىل ئەلنەغمە پائالىيتنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ بەك خۇرسەن بولدۇم .بۇنىڭدىن كىيىنمۇ بۇ خىل مەدەنىيەت سەنئەت پائالىيتىمىزنىڭ داۋاملىق ئۆتكۇزۇلۇپ تۇرۇشىنى ئۇمىد قىلىمەن .
=sJ?]U مازارغوجام بازىرى قەدىمدىنلا ئەلنەغمە-مەشىرەپ ئۇيۇنلىرى ۋە باشقا ئاممىۋىي ھەم ئەنئەنىۋىي پائالىيەتلەر بىر قەدەر كۆپ ئېلىپ بېرىلىدىغان كۇچا ناھىيەسى بىلەن بىر گەۋدە قوشنا بولغاچقا،بۇ بازار خەلقى قەدىمىي كۆسەن دىيارىدىكى خەلقلەر بىلەن تارختىن بۇيان قۇيۇق تۇققاندارچىلق ،ئەل-ئاغىينىدارچىلىق قىلىش جەريانىدا ،بۈيۈك كۆسەن ئەلنەغمە-سەنئىتىنى ئۆز مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى قىلىپ، ئىزچىل ھالدا كۆسەن سەنئىتى ئۇسۇلۇبىنى ساقلاپ كەلگەن.
R9XU 7_3B مازارغوجام بازىرىدىكى ئەنئەنىۋى ئەلنەغمە-مەشىرەپ پائالىيىتى ئاساسەن ئاممىۋى سۇرۇن سەنئىتى بۇلۇپ، مەخسۇس مەشىرەپلەر ــ نۇرۇز مەشىرىپى، چىلاق مەشىرىپى،توي مەشىرىپى،مېھمان كۈتۈش مەشىرىپى ،چېلىشش مەشىرىپى،ئوغلاق مەشىرىپى قاتارلىق 10 خىلغا يەتكەندىن باشقا ، ئۈژمە سەيلىسى،ئۈرۈك سەيلىسى،قۇغۇن سەيلىسى،ھاردۇق چېيى، تۇنۇشۇش چېيى،ئۇزۇتۇش چېيى،ئۆي چېيى، ھېيتلىق چاي قاتارلق نۇرغۇن چوڭ-كىچىك يىغىلشلارنىڭ ھەممىسى ئەلنەغمە- مەشىرەپلەر ئارقىلىق باشلىنىدۇ ۋە خۇلاسىلىنىدۇ.
Kk3+ ]W< يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ،رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ناھىيەلىك پارتىكوم،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ،قوللىشى نەتىجىسىدە،غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش،قېزىش،رەتلەش،ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى.مازارغوجام بازىرىدىكى بۇ ئۆزگىچە غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئەلنەغمە-مەشىرەپلەرنى قېزىش،رەتلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئەلنەغمە-مەشىرەپ پائالىيەتلىرىگە ئىزچىل قاتنىشىپ،ماھارەت كۆرسۈتۈپ كېلىۋاتقان 188 نەپەر دېھقان مۇزىكانت،ناخشىچى،ئۇسۇلچىلارنى تىزىملاپ چىقتى. بازارلىق پارتىكوم،خەلق ھۆكۈمىتى2002-يىلى بازارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،رادىيو-تېلېۋىزىيە مەركىزى تەركىۋىدە 11 نەپەر خەلق ئەلنەغمىچىسىدىن تەركىپ تاپقان ‹‹مازارغوجام بازارلىق ئەلنەغمە سەنئەت ئەتىرتى ››قۇردى.سەنئەت ئەتىرتىدىكى ئەلنەغمىچىلەرنىڭ مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى بېكار قىلغاندىن باشقا،يىلدا 1200يۈەندىن1500يۈەنگىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى.ئۇلار بوش ۋاقىتلىرىدا رېپىتىس قىلىش،قوشنا يېزىلاردىكى ئەلنەغمىچىلەر بىلەن تەجىربە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق،ئەلنەغمەلەرنى تېخىمۇ تولۇقلاپ ئۆگۈنۈپ،قېلىپلاشتۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى .ئەلنەغمە سەنئىتىگە قىزىقىدىغان 10نەچچە ياشنى كۆسەن ئەلنەغمىسى بۇيىچە تەربىيلىدى ۋە تەربىيلەۋاتىدۇ.يىلدا بازار مەركىزى ۋە ھەر قايسى كەنتلەردە 80مەيدانغا يېقىن ئويۇن قويۇپ ۋە ئەلنەغمە-مەشىرەپ پائالىيىتى ئويۇشتۇرۇپ،خەلقنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كەلدى ھەمدە ناھىيەنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت ،ساياھەت پائالىيەتلىرىدىمۇ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
I"Oq< _ مازارغوجام بازىرىدىكى ئەلنەغمىچى ئېزىز مامۇت مۇنداق دېدى؛بازىرىمىز تەۋەسىدە بۇرۇندىن مىللىي ئەلنەغمە- مەشرەپ پائالىەتلىرى كۆپ .بازاردا ئەلنەغمە سەنئەت ئەتىرتى قۇرۇلۇپ بىزنىڭ رولىمىزنى جارى قىلدۇرشىمىزغا ،تەرەققە قىلىشىمىزغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاندى .ۋىلايەت-ناھىيەدە ئۆتكۇزۇلگەن دېھقان -چارۋىچىلار سەنئەت كۆرەكلىرىدىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۇق . بىز يەنە ئىزباسار تەربىيلەشنى چىڭ تۇتۇپ ،ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ ئەۋلادمۇ –ئەۋلاد داۋاملىششىغا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشىمىز .
H 4<"+7 بۇ بازار مەدەنىيەت –سەنئەت خىزمىتىدىكى نەتىجىسىگە ئاساسەن2005- يىلىدىن بۇيان ناھىيە،ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت تارماقلىرى تەرپىدىن «يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيىتى پائالىيىتىدىكى ئىلغار ئۇرۇن» ، «ئاممىۋى مەدەنىيەت خىزمىتىكى ئىلغار يېزا-بازار»دىگەن شان-شەرەپلەرگە ئىرشتى.يېقىندا يەنە ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرپىدىن ‹‹كۆسەن ئەلنەغمە سەنئىتى يۇرتى››دېگەن نامغا ئېرىشتى.
wJp
ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ،رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كېرەم قاسىم مۇنداق دېدى؛مازارغوجام بازىرى ناھىيە بۇيىچە ناخشا- ئۇسۇل، ئەلنەغمە پائالىيتى ئومۇملاشقان ماكان ،بۇ يەردىكى خەلق قەدىمدىن تارتىپ ناخشا- ئۇسۇل، ئەلنەغمە - مەشرەپ پائالىيتىگە ناھايىتى ئامراق . بالىلىرىغا ئەۋلادمۇ –ئەۋلاد ئۆگۇتۇپ ماڭىدۇ . يېزا-كەنت ،مەھەللە ھەتتا ھەر بىر ئائىلىدە سەنئەت ،ئەلنەغمىنى بىلىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ .بۇ بازار بۇ يىل ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك ‹‹كۇسەن ئەلنەغمە سەنئىتى يۇرتى ››دەپ ئەنگە ئېلىندى . بىز بۇ ئەلنەغمە سەنئىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت دەرىجىلىك ‹‹كۇسەن ئەلنەغمە سەنئىتى يۇرتى ›› نامىنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرشىمىز . ,i>`Urd
مەنبە:ئۆزۈم[ بۇ يازما hasalharisi تەرپىدىن 2011-08-07 11:29 PM ]