مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2275 
  •    ئىنكاس 
       0 

مۇبارەك قەپەسدە سوتلاندى

قەۋەت ئاتلاش
hasalharisi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5146

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2256 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23086 (سوم)
 ياخشى باھا:   2504 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3045  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5340
 سائەت
دەرىجىسى:
5340 سائەت 260 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
— بۇ يازما hokumran تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-08-07) —

دۇنيا خەلقى كۆرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۆمۈر قەپەس ئىچىدە بىر ئالاھىدە جىنايەتچى بار. يەنى، مىسىرنىڭ سابىق پىرېزدېنتى مۇبارەك. بۇ ئىلگىرى«تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەختتىن چۈشۈشنى ھاياتى بىخەتەرلىكىگە ئالماشتۇرغان ئوتتۇرا شەرقتىكى قالتىس ئادەم-ھازىر مىسىر خەلقىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىماقتا. ئۇ بەلكىم ئوتتۇرا شەرق رەھبەرلىرى ئىچىدە تۇنجى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغۇچى بولۇشى مۇمكىن. مۇبارەك بىلەن بىللە تۈرمىدە قامالغىنى ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە بىر قانچە سابىق ئەمەلدارلار، ئۇلار ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلەنمەكتە. مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشكىنىگە يېرىم يىل بولغان ۋاقىتتىكى بۇ مەنزىرە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دۇنيادا ھەرخىل كۆز قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئامېرىكا دىپلوماتىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسىسى سىتىفىن «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: رەھبەرلەرنى سوتلاش مىسىردا يۈز بەرگەندەك قىلمايتتى. ئۇلار فىرئەۋىنگە پىرامىدا ياساپ بەردى. لېكىن رەھبەرلەرنى سوتلىغاننى تېلىۋىزىيەدە بىۋاستە كۆرسەتمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئامېرىكا مىئامى ئاۋانگارتلار گېزىتىدە «بۇ مىسىرنىڭ ئەسىر سوتى» دېدى. ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»دە«بۇنى سوت ئويۇنى» دېدى. مەيلى بۇ سوت نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوتتۇرا شەرققە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى مۆلچەرلىگۈلى بولمايدۇ. :JI&ngWK  
7)FI_uW  
3-ئاۋغۇست سەھەردە، قوراللىق تىك ئۇچار مۇبارەكنىڭ داۋالىنىپ دەم ئېلىۋاتقان جايى شامشەيىخكە كېلىپ، دوختۇرخانىدىكى سابىق پىرېزدېنتنى قاھىرەدىكى ساقچى ئىنىستىتۇتىغا ئېلىپ كەلدى. بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆزگىرىشىدىنلا مىسىردا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ ئەسلى ئىسمى «مۇبارەك ساقچى ئىنىستىتۇتى» ئىدى. بۇ يىل 2-ئايدا مىسىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئىنىستىتۇتنىڭ نامىدىكى مۇبارەكنىڭ ئىسمى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئىنىستىتۇتنىڭ ئالدىدىكى زور ئېكراندا مۇبارەكنىڭ سوتلاش ئەھۋالىنى بىۋاستە تارقاتتى. ئىگىلىنىشىچە، مىسىر بۇ قېتىملىق سوت ئۈچۈن 8000 ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىمى، 50 تانكا ئاجراتقان. سوت ئېچىشتىن بۇرۇن، مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن قارشى تۇرغۇچىلار بۇ يەردە توقۇنۇشۇپ قالغان. بوتۇلكا، تاش ئاتقان. بىر تەرەپ«ئەگەر مۇبارەككە جىنايەت بېكىتىلسە، بىز تۈرمىنى كۆيدۈرىۋېتىمىز دېسە، يەنە بىر تەرەپ«ئەركىنلىك ئۆلمەيدۇ» دېگەن. Wh7}G   
$I$ B8  
دەل سائەت توققۇزدا مۇبارەك ساقچى ئىنىستىتۇتىغا ئەكىلىندى. مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى، سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە بىر قانچە سابىق ئەمەلدارنىڭ ئالاھىدە ياسالغان قارا تۆمۈر قەپەسكە سولانغانلىقى، قەپەس ئىچىدىكى مۇبارەكنىڭ كېسەل كارىۋىتىدا ياتقانلىقى ئېكراندا بىۋاستە كۆرسىتىلگەن. كانادا«مونتىرىيال گېزىتى» دە بۇ بىر ھاقارەت دېيىلدى. مۇبارەكنىڭ جىنايىتى چېرىكلىك، نامايىش قىلغۇچىلارنى قالايمىقان ئۆلتۈرۈش بولدى. ئۇنىڭ چىرايى تاتارغان، كۆزلىرى قىزارغان بولۇپ، بەزىدە سوتنىڭ جەريانىغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قوياتتى. بەزىدە قاپىقىنى تۈرگەندە چارچاپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. پۈتكۈل سوت جەريانى قالايمىقان بولۇپ، بىر قانچە قېتىم سوت توختىغان، بەزى ئادۋۇكاتلار قوراللىق قىسىم ئالىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى تەنتاۋى، باش شىتاب باشلىقى ئاننان قاتارلىقلارنى سوت مەيدانىغا چاقىرتىپ، مۇبارەكنىڭ ئۇلارغا نامايىش قىلغۇچىلارغا ئوق ئېتىش بۇيرۇقى بەرگەن بەرمىگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. >'MT]@vez  
]NRQM8 \  
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
[ بۇ يازما hasalharisi تەرپىدىن 2011-08-07 01:03 PM ]

تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-07, 13:07
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئادەم بولماق تەس