مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2179 
  •    ئىنكاس 
       4 

ھاياتلىق ئۆزنى قۇتقۇزالايدىغانلارغا مەنسۇپ

قەۋەت ئاتلاش
attila701
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27363

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   37 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3001 (سوم)
 ياخشى باھا:   401 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   603  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 25
 سائەت
دەرىجىسى:
25 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-22
ئاخــىرقىسى:2011-10-29

ئىنسانىيەت روھىيىتىنىڭخەزىنە ئىشىكىنى دادىللىق بىلەن ئېچىپ قارىغاندا، باراقسان كۆكلىگەن خۇشاللىقبىلەن كۈلپەت دەرىخىنىڭ سىماسىنى كۆرىمىز. بۇ دەرەخ بىپايان، قۇدرەتلىك دېڭىزدەك مەڭگۈلۈك ھەرىكەتتە تۇرمۇش ۋە تەپەككۇرنىڭ تىك قىيالىرىغا ئۇرۇلۇپ، ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشنىڭ سەلتەنەتلىگۈلزارىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. شادلىق- ئىنسانغا ئۆزىنىڭجەلپكار، قۇۋناق چېچەكلىرى ئارىسىدىن قانائەتلىنىشنىڭ يوشۇرۇن كۆلەڭگۈسىنىتاشلىسا، دەرد -ئەلەم - ئالىيجاناب تامچە سۈپىتىدە يۈكسەك چوققىلارغا پەرۋاز قىلىشنىڭ سېگنالىنى چالىدۇ. بۇ، ئويغانغان قەلبنىڭ كامالەت سەزگۈرلۈكىدىكى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا باغلىق. ئادەم بۇ دۇنياغا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، كامالەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەم ئۆمۈر مەنزىلىدە ئۆزىنىڭ روھىنى ئىزدەش ھوقۇقىغائىگە. بۇ ھوقۇقنى قەدىرلىمىگەندە، بىلمىگەندە چاقناش نۇقتىسىنى قولدىن بېرىپقويىدۇ. ھەقىقىي ئورنىنى تاپالمىغان روھ سەرسانلىق دالاسىغا قەدەم قويىدۇ. ئەنگلىيە مۇتەپەككۇرى سامۇئىل سمىلىس: «ئۆز ئورنىنى تاپقان روھ - شەخسنىڭ بارلىقھەقىقىي تەرەققىياتى ھەم ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە مەنبەسى، سىرتتىن كەلگەن ياردەم پەقەت ياردەم قىلىنغۇچىنى ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭدۇرىدۇ. ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزغۇچىنى گۈللەپ ياشنىتىدۇ» دەيدۇ. ئېنىقكى، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش سەپىرى روھىيەتتىن باشلىنىدۇ. ئىنساننىڭ مەنىۋىيەت چىراغلىرى ھەردائىم چاراقلاپ يېنىپ تۇرمىسا، ئىچكى (روھىي) ئالەم زۇلمەتكە غەرق بولىدۇ. زۇلمەتكە غەرق بولغان دۇنيادا جاھالەت دىۋىلىرى بەزمە قۇرۇپ، ئىنساننىڭتەڭداشسىز، ئەركىن قۇدرىتىگە قارشى ئاسىيلىق ۋە ئەقلىي ئەمالىق بورانلىرىنى ھۇۋلىتىدۇ، ماھىيەتنىڭ ئەسلىي نۇرلۇق جىلۋىلىرى ئۆچىدۇ. مۇستەقىل ھەرىكەت خاراكتېرىنى يوقىتىپباشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش- ئوبيېكتنىڭ كېلەچىكىنى زەبۇنلۇققا، خارابلىققا باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدا پەقەت ھەربىر ئىنسان ئۆزىگە ئۆزى بىردىنبىر ياردەم قىلغۇچىدۇر. ئۆزىگە ياردەم قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم مەھكۇملۇققا، قۇللۇققا، قەدىرسىزلىككە ھامىيلىق قىلغۇچىدۇر. بۇ، ھەرگىزمۇ شەخسىيەتچىلىكنىڭ زەئىپ ھاۋاسىدا پەرۋاز قىلىدىغان چاكىنا مەنپەئەتپەرەسلىك بولماستىن، بەلكى توغرا، ھالال ئەقىدىنى مىزان قىلغان، ئىنسان ماھىيىتىنى دولقۇنلىتىدىغان، يۈكسەكلىككەكۆتۈرۈلگەن ئالىيجاناب قۇتقۇزۇشتۇر. ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش - دەبدەبىلىك شوئارلار، بىردەملىك ھاياجانلىق چۇقانلار، ئەسەبىيلىكنى قۇترىتىدىغان رەڭۋازلىق ئۈستىگەقۇرۇلماستىن، بەلكى خالىس تىرىشچانلىق، ۋىجداننى نۇرلاندۇرىدىغان پاك-گۈزەل ئەمگەك ئاساسىدا، سوغۇققان ئەقىلنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسىدىن ئىبارەت ئۆزگىرىشچان رېئاللىقنىنادامەتتىن خالىي قۇۋۋەتلەندۈرۈشىدىن ھاسىل بولغان تۆھپىكار ھەرىكەتتۇر. نوقۇل شۆھرەت قۇچۇش ئۈچۈنلا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت ھەرقانچە يېقىملىق كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتەئۇ، ئادەمنى پۇچەكلەشتۈرىدۇ، شەرمەندە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىخەيرلىك ئەمەس. يەنە ھۇرۇن پارازىتلارغا ياردەم قىلىش بولسا پەقەت ئۇلارنى تېخىمۇكۆپەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.تەشەببۇسكارلىقنىڭ يىلتىزى قىرقىلغان جايدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ قېنىنى شورايدىغان تۇزكورلۇق ھۆكۈم سۈرىدۇ. غەپلەتتە ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى روھىي دۇنيا ئېتىزىدا يانتاق، خۇخا-تىكەن ئۈنگەن، ۋۇجۇدىنى شور باسقان ئادەملەردۇر. ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭماھىيىتىدە ئومۇملۇقنىڭ ئالىي پەللىدىكى تاكاممۇللۇقىنىڭ گۈلدۈرمامىسى ياڭرايدۇ. بىر مىللەتتە ئۆزىنىقۇتقۇزۇش ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئادەملەر كۆپەيسە، شۇ مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىتوختاۋسىز ئاشىدۇ. يەككە تاكامۇللۇق ماھىيەتتە ئورتاق گۈللىنىشنىڭ، مىللەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ جەڭگىۋار ساداسىدۇر. يۈزمىڭ پاتمان قۇرۇق ۋەز-نەسىھەتكە قارىغاندا، بىر تال ئۇچقۇن قالدۇرالايدىغان، زامانغا مىننەتتىنخالىي شولا چاچالايدىغان زەررىچە ھەرىكەت ئەۋزەلدۇر. ئىنسان ئۆز قىممىتىنىبىلجىرلاش بىلەن ئەمەس، سەمىمىي ھەرىكەت بىلەن تىكلەيدۇ. مەنزىلنى تىنىمسىزئىزدەيدىغان يېقىملىق ئەمگەك-بارلىق قۇتقۇزۇشنىڭ ئاساسى. چۈنكى ئۇنىڭ ئوق يىلتىزىدا قان بىلەن رەڭداش بولغان «ۋەتەن» دېگەن، ھېچكىم مۇكەممەل ئوقۇپ بولالمىغان ھارارەتلىك خەت لاۋۇلداپ تۇرىدۇ! ۋەتەن - ھەرىكەتتە. خەلق، مىللەت - ھەرىكەتتە، ئۆزىنىڭ روھىنى ئازاد قىلىش - ھەرىكەتتە؛ ئىجادكارلاردىن، ئىجتىھاتلىقپەرۋازكار كىشىلەردىن ھايات زېرىكمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ روھى، قاسراقلارنىڭئەرزىمەس جۇلالىسىدا چىرىمىگەن. تىرىكتاپلارنىڭ ئۆلۈۋاتقان روھى - دۇنياغا قارا سايىلەرنى پۈركۈپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي ھايات ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا، تاكامۇللاشتۇرۇشقاجۈرئەت قىلغان جەسۇر ئەزىمەتلەرگە مەنسۇپ . K;6K!6J:[  
 2WE   
مەنبە ؛ئرشات كىبىر V.Xz n  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-07, 10:15
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
SaN_Siz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11654

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   442 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9810 (سوم)
 ياخشى باھا:   596 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   792  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 233
 سائەت
دەرىجىسى:
233 سائەت 37 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-07

پايدىلىنىش قىممىتى بار، ياخشى يېزىلغان مۇھاكىمە ماقالىسىكەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك ....  رەھمەت دوستۇم ..
 
*ئادەمدە پاك ۋىجدان بولمىسا ئەگەر،
ئۇ بولۇپ قالمامدۇ مېغىزسىز شاكال.
قىممىتى بولمىغان ئۇنداق شاكالنى،
ئۇچۇرتۇپ كەتمەمدۇ قۇدرەتلىك شامال.
sidikr44
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48621

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   55 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   392 (سوم)
 ياخشى باھا:   55 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 934
 سائەت
دەرىجىسى:
934 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-21
ئاخــىرقىسى:2011-08-31
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-08

ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان تېما ۋە ياخشى يورۇتۇلغان پىكىر.
 
nima︿japa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43372

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   324 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3968 (سوم)
 ياخشى باھا:   1029 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1241  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1017
 سائەت
دەرىجىسى:
1017 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

ھەققىەتەن بولدىكەن ئادەمنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدىكەن .
 
مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ
erika
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49724

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   39 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   213 (سوم)
 ياخشى باھا:   39 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 488
 سائەت
دەرىجىسى:
488 سائەت 52 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

ئىنتايىن ياخشى يېزىلغان تېمىكەن...............
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى