مىسرانىم مۇنبىرى يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ سەرخىل تېمىلىرى،ھەۋەسكارلارنىڭ قىزغىنلىقى بىلەن رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئانا تىلدىكى مۇمبەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ،ھەمدە بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولغۇسى . بۇنى كەڭ مىسرانىم يازغۇچىلىرى ۋە جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار ھەمدە قۇرغۇچىنىڭ ئەجرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە!.
Aj)Q#Fd[ بىراق يېقىندىن بۇيان مۇنبېرىمىزنىڭ كەيپىياتى سۇسلاپ كېتىۋاتىدۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن
d=PX}o^ كۆپچىلىكنىڭ توغرا بولسا قوبۇل قىلىشىنى بولمىسا پىكىر تەلەپلىرىنى بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
R
qtBz3v 1-يېقىندىن بۇيان مۇنبېرىمىزدە بىر قىسىم 'چوماقچىلار' پەيدا بولۇپ قالدى يەنى ئۇلار ئۆزى تۈزۈك بىر نەرسە يازالمايدۇ ،شۇنداق تۇرۇغلۇق باشقىلار يازغاننىڭ ئەيىپىنى ئىزدەيدۇ ھېچبولمىسا ئىملاغا دىققەت قىلىڭ دىگەندەك تېتىقسىز ئىنكاسلارنى يازىدۇ.مەسىلەن قايسى ئىملاغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئەسكەرتىش بەرمەيدۇ چۈنكى ئۇلار چالا ساۋاد شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق ئادىتى.
;^5k_\ 2.يەنە بىر قىسىم تېتىقسىز تورداشلىرىمىز ماقالە ئەسەرنى ئوقۇغان بىلەن چۈشىنەلمەيدۇ شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇلار مۇنبەر پۇلى ئۈچۈن قاملاشمىغان ئىنكاسلارنى يازىدۇ .مەسىلەن بىر ئاپتور ئۆز ئەسىرىدە مۇنداق يازغان:
IHni1 مەن يولنىڭ چېتى بىلەن ھەر خىل خىيالارنى سۈرۈپ كېتىپ باراتتىم تۇيۇقسىز بىرىنىڭ.
XP:A"WK" -ۋوي ئوغلان!ۋوي ئوغلان دەپ چاقىرىشى بىلەن خىيال كەپتەرلىرىم قايتاقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى -دە،زەردە بىلەن ئارقامغا قارىدىم.
wSN9`
" بۇنىڭغا بىرى مۇنداق ئىنكاس قايتۇرغان
.9rYBy بىزدە بىرسىنى ‹‹ھەي ئوغلان!›› -دەپ چاقىرسا، ئاچچىقى كېلىپ، زەردە بىلەن كەينىگە بۇرۇلىدىغان ئىش يوقمىكىن دەيمەن.
#wI}93E دىمەك بۇ يەردە ئاپتور زادى نىمىشقا شۇنداق يازىدۇ بۇنى ئوقۇرمەن چۈشىنەلمىگەن ،بۇندىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئىنكاسلاردا جەنۇبلۇق شىماللىق دىگەن گەپ-سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىققان مىنىڭچە ئاپتور ئەسىرىدە جەنۇبلىق ياكى -شىماللىق دىمىگەن ئۇنىڭ ئۇنداق مۇددىئاسىمۇ يوق ئەمىسە نىمىشقا شۇنداق تېتىقسىز ناچار ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟سەۋەب زادى نەدە يەنىلا شۇ مۇنبەر پۇلىنى دەپ پۇچەك ئىنكاس يازىدىغان تورداشلىرىمىزدا.‹‹كونىلاردا ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ،ئويلاپ سۆزلە›› دەيدىغان ھېكمەت بار شۇنداق تۇرۇغلۇق ئاشۇنداق پۇچەك ئىنكاسلارنى يازسساق قانداق بولۇر؟تور بىر مەۋھۇم دۇنيا ئۇ تېز سۈرەتتە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ بىزنىڭ تىلىمىزنى بىلىدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ئاشۇ خىلدىكى پۇچەك ئىنكاسلارنى كۆرسە نىمە دەپ قالار؟...
Yv5H41o" دىمەك يۇقارقىدەك سەۋەبلەردىن بىزنىڭ بىر قىسىم تور يازغۇچىلىرىمىز نىڭ ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يېتىپ مول مەزمۇنلۇق ئەسەرلىرىنى يازمايدىغان بولۇپ قالدى.
V4n~Z+k 3.بىر قىسىم تورداشلار بەزى تېمىلارنى كۆرسە قىز -ئوغۇللارنىڭ غەيۋىتى قىلىندى دەپ ئەيىبلەشكە باشلىدى شۇ سەۋەبلىكمۇ مىللىتىمىز ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ناچار ئىللەت -يامان كەيپىياتلار قامچىلىنىدىغان ئەسەرلەر ئازلاپ كەتتى. بىزگە شۇ ئايدىڭ بولۇشى كېرەككى 'ئىللەت ئوڭشالمىسا مىللەت ئوڭشالمايدۇ'نۆۋەتتە ئىللىتىمىز كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان مىللى كىملىكىمىزدىن بارغانچە چەتنەۋاتقان ،مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى كەسكىنلىشىۋاتقان شارائىتتا كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ تىرىشىپ ئىللەتلىرىمىزنى تۈگەتمىسەك كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىگانلارنىڭ ئاقىۋېتىگە قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ شۇ تۈپەيلى بىز ئەنە شۇنداق يامان ئىللەتلەر ئاچچىق قامچىلانغان ئەسەرلەرگە مۇھتاج ئىدۇق شۇندىلا بىز ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئىللەتلەرنى ئوڭشىيالايتۇق دىگەن قاراشتا مەن چۈنكى ‹‹ئۆزۈمنىڭ ؟ئۆزۈمگە بىلىنمەپتۇ،كۆتۈمنىڭ كۆزۈمگە››دەيدىغان ھېكمەت بار شۇ تۈپەيلى بىز باشقىلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت كۈزىتىش ئارقىلىق بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن بىر قىسىم يامان ئىللەتلەرنى ئېغىر ئالماي ھېچ بولمىغاندا دىققەت قىلساق ،ئاغزىمىزغا كەلگەننى قالايمىقان سۆزلەۋەرمىسەك دىگەن قاراشتا مەن.
q 84*5- 4.نۆۋەتتە تورلىمىزدا مۇھەببەت،ناخشا-مۇزىكا سەنئەتكارلارغا ئائىت ئەسەرلەرنىڭ بازىرى چىقىۋاتىدۇ .توغرا ياشلار مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئىدىم .لېكىن نۇقۇل ھالدا مۇھەببەتكىلا ئېسىلىۋاساق بولمايدۇ ،مۇھەببەت كىشىگە ئۈمىد ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە كىشىلەرنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ
:V(LBH0 چاھار دەرۋىش دىگەن ئەسەرنى ئوبدان ئوقۇپ بېقىڭ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىش ئۆز لايىقىدا بولغىنى تۈزۈك دەپ قارايمەن گەپنى يىغىنچاقلىسام
^#HaH بىز باشقىلارنىڭ بىكارلىق ئەمگىكىگە ئازدۇر -كۆپتۇر ھۆرمەت قىلساق ،ئۆزىمىز يازالمىغاندىن كېيىن ئاغزىمىزغا كەلگىنىنى سۆزلىمىسەك،چۈشىنەلمىگەن بولساق باشقىلاردىن سورىساق ھېچ بولمىغاندا ئوقۇپ -چۈشىنىش ئىقتىدارىمىز بولمىسا ئوقۇمايلا قويساقمىكىن دەيمەن.تورداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىپ قويدۇم شۇ سەۋەبلىك ئەپۇ سورايمەن خەير -خوش ئاللاھقا ئامانەت زورى ئايلىرىڭلارغار مۇبارەك بولسۇن تەنلىرڭلار سالامەت بولسۇن! ئاللاھ ھەممىمىزگە بىلىم ،ئەقىل ئاتا قىلسۇن!بىزگە بىرلىك،ئۆملۈك مەگۈ يار بولسۇن !(مەنبە ئۆزۈم)
[ بۇ يازما پادىشاھ تەرپىدىن 2011-08-06 09:07 PM دە ق ]