ئۇزۇن چاچلىق ئەپەندىلەر
! WQEv_G@ 1tfm\/V}ho بېكەتكە كىرەي دەپ ئىشىك ئالدىغا كېلىشمگە ئىچىدىن بىر ئۇزۇن چاچ ئەر كىشى چىقتى. مەن ئالدىراش ئىچىگە كىرىپ كەتتىم ، كېيىن بېلەت ئېلىپ بولۇپ، ئاپتۇبۇسنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتى يەنە يېرىم سائەتتەك بولغاچقا ساقلاپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. بىردەمدىن كېيىن ھىلىقى ئادەم كىرىپ مېنىڭ ئۇدۇلۇمدا دىگۈدەك بىر يەردە ئولتۇردى. باياتىن دىققەت قىلماپتىمەن ئۇ ئادەمنىڭ چىرايى بىزدىكى نامى ئانچە چىقىپ كەتمىگەن ئۇزۇن چاچ قۇيىدىغان ناخشىچىنىڭىكىگە ئۇخشايدىكەن. تازا سەپسىلىپ قارىسام ئەمەسكەن.
%"{SGp شۇنىڭدىن كېيىن ئويلاپ قالدىم، (ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئازراق ئويلىغان) سەنئەتكارلار ئىچىدە ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ قۇيىدىغانلىرى خىلى بار ئىكەن. ئەڭ كونا ھەم ئەڭ داڭلىقى ئەسقەر خۇيلاڭ(كۆكبۆرە) مىكىن دەپ ئويلايمەن. ئۇ مەملىكەت ھەتتا خەلقئاراغىمۇ تۇنۇلغان بىر سەنئەتكار. ئۇنىڭدىن باشقا قەھرىمان يەنە مەن ناخشىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ئەركىن ئابدۇللا ( ئۇنىڭ چىچى بەك ئۇزۇن ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئۇزۇن چاچقا كىرىدۇ.) يەنە شىرئەلى ئابدۇرىشىت، ئەلى كىروران. تۇرسۇن شەيىخ، ئۇنىڭدىن باشقا روسىيە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مۇرات ناسىروف (ۋاپات بولدى) قاتارلىقلار ئۇزۇن چاچ قۇيىدۇ. قايسىدۇر بىر يەردە تۇرسۇن شەيىخ ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن چاچ- يەلىكىگە قۇيۇلغان چاچ چەكسىز ئەركىنلىكنىڭ ئىپادىسى دىگەنلىكنى كۆرۇپ قالغانىدىم. شۇنداق بىر قاراش قەدىمقى ئەجدادلىرىمىزدا بۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن ئاڭلاپ باقماپتىمەن.
X4
xnr^ سەنئەت ساھەسىدىكلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ قۇيۇشى بەلىكم بىزگە بېيجىڭدىن كىرگەن بۇلۇشى مۇمكىن چۇنكى دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم كىنولىرىدىمۇ رەسسام، فوتۇگىراف، ناخشىچى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسلارنىڭ ئۇزۇن چاچ بىلەن چىققانلىقىنى كۆرۇپ قالىمىز. يەنىمۇ بەكرەك تەكشۇرسەك ئەلۋەتتە بۇ غەرپتىن كىرەەن بۇلۇشى تىخىمۇ مۇمكىن. لىكىن بىلىمىز بۇرۇن ئۇزۇن چاچ قويغان سەنئەتكارلاردىن چىچىنى مۇۋاپق قىسقارتىۋالغانلىرىمۇ بار. مەسلەن داڭلىق ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرىھىم( ئۇنىڭ سىرلىق تۇمان دىگەن ناخشىنى ئورۇنلىغان ھالتىگە قارسىڭىزلا بىلسىز.) ئىتوت كۈلدۇرگە ئارتىسى ئابدۇكېرىم ئابلىز( ئۇنىڭ گاچا كۈيئۇغۇلنىڭ قىينئاتىسىنى يۇقلىشى دىگەن ئىتوتىنى كۆرگەنسىز) ئۇنىڭدىن باشقا شىياڭگاڭ داڭلىق كنو ئارتىسى چىڭلۇڭمۇ بۇرۇنقى ئۇزۇن چىچى بىلەن خوشلاشتى.
UF0PWpuO مەن بۇلارنىڭ چىچىنى قىسقارتىۋىتىشىنى مۇنداق ئىككى سەۋەبتىن دەپ ئويلىدىم.
B(E+2;!QF 1. خەلىققە تىخىمۇ يىقىن تۇرۇش. ئەلۋەتتە ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ بۇلۇشى خەلق بىلەن يىقىن تۇرۇشغا دەخلى قىلمايدۇ، ئەمما مەيلى ئۇيغۇر خەلقى بولسۇن ياكى خەنزۇلار بولسۇن ئۇخشاشلا بىر قەدەر ئەنئەنىۋىي قەۋىم، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر جەمئىيتى بۇ جەھەتتە تىخىمۇ ئەنئەنىۋىي جەمىيئەت، شۇنداقلا بۇنى ئاياللارغا ئۇخشىۋالغانلىق دەپ قارايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا ئۇزۇن چاچلىق ئەپەندىلەر سەل غەيرى تۇيۇلىدۇ، بۇلۇپمۇ ياشانغان بىر ئەۋلاتلارغا تىخىمۇ شۇنداق.
+AXui|mn 2. پىشىپ- يىتىلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. ئۇزۇن چاچ قۇيۇشنى مودا، قىزىقىش دىگەندەك ياشلىق ھەۋەسلىرى سەۋەبىدىن قۇيۇۋالغان سەنئەتكارلار يىشنىڭ چۇڭىيىشىغا ئەگىشىپ تىخىمۇ بەكرەك ئەمەلىيەتكە يۈزلنىپ بۇرۇنقى ياشلىقتىكى قىزىققانلىقنىڭ ئورنىنى ئېغىر –بىسىقلىق ئىگلەپ مەسىللەرگە بولغان پۇزىتسىيسىدە ئۆزگىرىش بولدى. رېئاللىققا تىخىمۇ بەكرەك يىقىنلاشتى.
l? 7D0
,@(lYeD" يۇقىرىقىلار مەن ئويلىغان ، ئويلىيالىغان سەۋەبلەر، باشقا سەۋەبلەرمۇ بۇلۇشى مۇمكىن.
|"\A5v|1 ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ قۇيۇشى ، خۇددى ئاياللارنىڭ چىچىنى قىسقا قىلۋالغىنىدەكلا شەخىسنىڭ ئەركىنلىكىگە تەۋە بىر ئىش. بەزىلەر ئەيىپلەيدۇ بەزىلەر قارىشى تۇرۇشىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا سۈكۈتتە تۇرۇشىدۇ. ئەلۋەتتە بۈگۈنكىدەك جەمئىيەتتە ھەركىم ئۆزى خالىغاننى قىلىدۇ.
_?mu2!X kOeW,:&65 مەنبە: ياسىن ئەبەيدۇللا
KN_3]-+B ?3"lI,!0 [ بۇ يازما Eltekin تەرپىدىن 2011-08-05 11:53 PM دە ق ]