مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2772 
  •    ئىنكاس 
       0 

ئـوسـامـا بـېـن لادىـن

قەۋەت ئاتلاش
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906744 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11854
 سائەت
دەرىجىسى:
11854 سائەت 386 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
— بۇ يازما ئارقۇ تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-08-05) —

2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا ۋاقتى سائەت 8دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى بىناسىغا بىر ئايروپىلاننىڭ قاتتىق سوقۇلىشى ئەتراپتىكى كىشىلەرنى پات-پاراقچىلىققا سالدى. بۇ كۈنكى كۆرۈنۈشلەر ھېلىھەممۇ پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن. تېرورچىلارنىڭ بۇلىشىغا ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ سوقۇلىشى بىلەن، 100 قەۋەتتىن ئېگىز ئىككى بىنا بىر سائەت ئىچىدە گۆمۈرۈلۈپ چۈشتى. ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە 30 يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قوشكېزەك بىنا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە خارابىلىككە ئايلاندى. بىراق ئىشلار بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىگەندەك قىلاتتى. شۇ كۈنى سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنامۇ بىر ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. سائەت 10 بولغاندا، پېنسىلۋانىيە شىتاتىدا پېتىسبۇرگنىڭ شەرقى جەنۇبى قىسمىغا 130 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى. بىر يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، 19 تېرورچى ئامېرىكىنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيىسى ئايروپىلانىدىن تۆتنى بۇلىغان بولۇپ، ئايروپىلان خادىمى ۋە يولۇچىلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان 246 كىشىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، يەر ئۈستىدىكى 2600 دىن ئارتۇق كىشى بۇ ۋەقەگە ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى. ئىقتىسادى زىيان نەچچە يۈز مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ۋەقە يۈز بەرگەن بۇ كۈنى ۋال كوچىسى پايچېكى بازىرى بازارنى توختاتتى. فېدىراتسىيە ئاۋىئاتسىيىسى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقاش ئۇقتۇرىشىنى چىقاردى. مانا بۇ پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «11-سىنتەبىر تېرورلۇق» ۋەقەسى ئىدى. HpUJ_pZ  
MZA%ET,l,<  
دۇنيا سەھنىسىدە ئەڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئامېرىكا ئۆز تەۋەلىكىدە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھۇجۇمغا ئۇچرىغانىدى. بۇ قېتم تەڭرىم ئامېرىكىنى ئامان ساقلىيالمىغاندەك قىلاتتى. ;$$w`LyP  
' Gx\  
2001-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەرشارى خاراكتېرلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سۆيۈنچە بېرىپ، بىر كىشىنى قولغا چۈشۈرمەكچى بولدى. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى بېن لادىن ئىدى. QFhyidm=]  
YbWz!.WPe  
ئامېرىكا چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئامېرىكا فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم جايلىرىغا ھۇجۇم قىلغان بۇ باش جىنايەت گۇماندارىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەنىدى: C9k"QPE  
(~F}O  
«ئوساما.بېن لادىن، 1957-يىلى تۇغۇلغان، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق، بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىر 93 سانتېمېتىردىن 1 مېتىر 98 سانتىمېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 73 كىلوگىرام بولۇپ، سەل ئورۇقراق كەلگەن. چېچى ۋە كۆزى قوڭۇر رەڭدە، تېرىسىنىڭ رەڭگى زەيتۇن رەڭگىدە» /J!hKK^k  
H D$`ZV  
بۇ تۇتۇش بۇيرۇقىدا يەنە، بېن لادىننىڭ سولخاي بولۇپ، يول ماڭغاندا ھاسا تايىنىۋالىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەنىدى. 5OO XCtIKf  
:AuKQ`c  
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بېن لادىن ئامېرىكا تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق تېرورلۇق پارتىلىتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ يېنىدا قورال بار، ناھايىتى خەتەرلىك شەخس» دېدى. rXTdhw?+  
3y:),;|5  
بېن لادىن نېمىشقا ئامېرىكىغا بۇنچىۋالا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟ ئۇ زادى قانداق بىر كىشى؟ I7'v;*  
|r+hj<K  
ماتىرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بېن لادىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر مەرتىۋىلىك جەمەتتە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ باي بىناكارلىق ئۇستىسى ئىكەن. بېن لادىننىڭ ئانىسى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ 10-ئايالى بولۇپ، بېن لادىن 57 پەرزەنتنىڭ ئىچىدىكى 17-سى ئىكەن. Sw[*1C8  
PIQd=%?'  
ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىپ باققانلار بېن لادىننى تارتىنچاق، بوش ئاۋازدا گەپ قىلىدۇ، دېيىشەتتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بېن لادىن ياش ۋاقتىدا كاراتى جامباشچىلىقى تېمىسىدىكى كىنولارنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، لى شياۋلۇڭ بېن لادىن ناھايىتى قىزىقىدىغان شەخسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.  w `#9Re  
2AxKB+c1`  
بېن لادىن 18 ياش ۋاقتىدا توي قىلغان بولۇپ، ئونىۋېرسىتېتتا ئاساسلىقى ئىقتىساد باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئىگىلىگەنىدى. ئۇ نېفىت ۋە بىناكارلىققا تايىنىپ بېيىغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە غەرب ئەللىرىدە نۇرغۇن شىركەتلىرى بار بولغاچقا، شەخسى بايلىقى نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنىدى. ?&U~X)Q  
6BXZGE  
1979-يىلىنى بېن لادىننىڭ ھاياتىدىكى بىر زور بۇرۇلۇش بولغان يىل دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، بېن لادىن 4 ئايالى ۋە 15 بالىسىنى ئېلىپ، راھەت-پاراغەتلىك ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئافغانىستانغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. مانا مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بېن لادىن ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس جەڭ» قىلىش يولىغا قەدەم قويغانىدى. P{2ED1T\  
G(hnrRxn  
ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل ئاجرىتىپ، ئافغانىستاندا نۇرغۇن مەشىق بازىلىرىنى قۇرۇپ، جەڭگە قاتنىشىدىغان قوراللىق خادىملارنى تەربىيلىدى. بۇ خىل بازىلار ئافغانىستاننىڭ تاغلىق رايونلىرىغا قۇرۇلغان بولۇپ، مەشق جەريانىدا بېن لادىن «گۆھەر» دەپ ھېسابلايدىغان سوۋېت ئىشلەپ چىقارغان AK-47 تىپلىق مىلتىقنى ھەرقاچان يېنىدىن ئايرىمايتتى. +tYskx/  
{;JFoe+  
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدىن باشلاپ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئافغانىستاندىكى ئۆزىنىڭ قوراللىق قىسمى ئۈچۈن، يىلىغا 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت ئاجرىتاتتى.  jgYe\dinM  
 {qH+S/  
1988-يىلى، بېن لادىن يەنە بىر يېڭى «مۇقەددەس جەڭ» تەشكىلاتى «ئالكايدا»نى قۇردى.بۇ سۆزنى تەرجىمە قىلغاندا «بازا تەشكىلاتى» دېگەننى بىلدۈرەتتى. }:b) =fs  
6WLq>Jo  
1990-يىلى 8-ئايدا لىمان ئۇرۇشى پارتىلىدى. بېن لادىن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى شېرىن سۆزلەر تۈگەپ، ئۆچ-ئاداۋەتلىشىپ قالدى. بېن لادىن يەنە بىر قېتىم ئافغانىستانغا قايتىپ كەلدى. بۇ مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئايلىنىپ، مەخپىي ھالدا نۇرغۇن شىركەتلەرنى قۇردى. بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس جېڭى» ئۈچۈن مەبلەغ ھازىرلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بېن لادىننىڭ ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ناھايىتى داغدۇغىلىق تەربىيىلىگەندىن سىرت، يەنە بىر قاتار تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى پىلانلىدى. P2U[PO  
yfA h=  
1994-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان بېن لادىننىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى. 1996-يىلى سۇدانمۇ بېن لادىننى دۆلەت تەۋەلىكىدىن قوغلىدى. بۇ چاغدىكى بېن لادىن ئامېرىكا بىلەن غەرب ئەللىرىنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىدى. ئۇ كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان تېرورلۇق ھەرىكىتى تورىنى شەكىللەندۈردى. تېررورلۇق ئۇنىڭ دۇنيا بىلەن قارشىلىشىشىدىكى ۋاستىسىگە ئايلانغانىدى. pr1>:0dg  
 
خاتىرىلىنىشىچە، بېن لادىن 50 نەچچە دۆلەتتە بازا تەشكىلاتى قۇرغان بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق تېرورچىنى تەربىيىلەپ چىققان. %#lJn.o  
3 k)P*ME#  
بېن لادن قۇرغان «ئالكايدا» ناھايىتى پۇختا، ئېھتىياتچان ۋە مەخپىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ناھايىتى مۈشكۈل بىر ئىش ھېسابلىناتتى. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنىڭ سىناقلىرىنىڭ ھەممىسى نەتىجىسىز بولدى. 1tCe#*|95  
`g(r.`t^  
«بازا تەشكىلاتى» قوللانغان ئالاقە قورالى ناھايىتى ئىلغار بولۇپ، بېن لادىن سۈنئىي ھەمراھ تېلفۇنى ۋە ئېنتىرنىت قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بازا تەشكىلاتلىرى بىلەن مەخپىي ئالاقە قىلاتتى. بازا تەشكىلاتىنىڭ تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى ناھايىتى ۋەھشىي ئىدى. گەرچە بېن لادىننىڭ ئوق-دورا ئىسكىلاتىدا مىناميوت، راكېتا، باشقۇرىلىدىغان سىنارەد قاتارلىق قوراللار بار بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ دائىم ئىشلىتىدىغىنى قارىماققا ناھايىتى ئىپتىدائىي كۆرۈنىدىغان ـــ ئۆزلىرى ياسىغان بومبا ئىدى. بازا تەشكىلاتى بۇ خىل ئۆزلىرى ياسىۋالغان بومبىغا تايىنىپ، 1992-يىلىدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ قېتىم ئارقا-ئارقىدىن تېرورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، نەچچە ئون مىڭلىغان بىگۇناھ خەلقلەرگە زىيانكەشلىك قىلدى. W -5wjc  
0tN/P+!|  
پاۋلو 2 نى قەستلەش بىلەن ئامېرىكىنىڭ «كول» ناملىق ھەربىي پاراخوتىنى پارتىلىتىش ۋەقەسى بۇ تېرورلۇق ۋەقەلىرىگە تىپىك مىسال بولالايتتى. «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىنى، بازا تەشكىلاتى پىلانلىغان ئەڭ ۋەھشىي تېرورلۇق ۋەقەسى دېيىشكە تامامەن بولاتتى.   k'1i quc#u  
D{, b|4  
ئەمەلىيەتتەە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېن لادىننى قوغلاپ قولغا چۈشۈرۈش ھەرىكىتىنى 1993-يىلىلا باشلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا پاكىستانلىق كاسىي ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئىككى نەپەر خىزمەتچىنى ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، چېگرىدىن قېچىپ كەتتى.كېيىن ئۇ ئافغانىستاندا يوشۇرۇن قولغا ئېلىندى. 53?B.\  
ئاخبارات ئىدارىسى ئىز بېسىپ قوغلاش ئارقىلىق ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى باش پىلانلىغۇچىسنىڭ بېن لادىن ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.بېن لادىننىڭ خەتەرلىك ئۇنسۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئامېرىكا ئاخبارات ئىدارىسى 1996-يىلىنىڭ بېشىدا بېن لادىننى قوغلاپ تۇتۇش مەخسۇس گۇرۇپپىسى قۇردى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەخپىي نامى «ئاگرېكو ئاخبارات پونكىتى»بولۇپ، ئىچكى قىسىمدا «مانسون جەمەتى» دەپ ئاتىشاتتى. rqi|8gKY  
qM mhmH)Gp  
1997-يىلىغا كەلگەندە بېن لادىن ئامېرىكىغا تۈرلۈك خەتەرلىك تەھدىتلەرنى سېلىشقا باشلىدى. كۈنسېرى ھەددىدېن ئېشىپ كېتىۋاتقان بېن لادىندىن ئىبارەت بۇ كۆزگە سانجىلغان مىخنى يوقىتىش ئۈچۈن، «مانسون جەمەتى» گۇرۇپپىسى ئافغانىستاندىكى ياللانما قوشۇن ئارقىلىق بېن لادىننى تىرىك قولغا چۈشۈرۈشنى پىلانلىدى. ئۇلار ئاۋۋال ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا ناھايىتى مەخپىي بولغان بىر تاغ ئۆڭكۈرىنى ئىزدەپ تېپىپ، بۇ يەرنى بېن لادىننى قامايدىغانغا ۋاقىتلىق تۈرمە قىلماقچى بولدى. ئاندىن ئامېرىكا ئالاھىدە قوراللىق قىسمى ئايروپىلانلىق كېلىپ بېن لادىننى ئېلىپ كېتىشنى پىلانلىدى. dWDf(SS  
XZ1 
1998-يىلى ئەتىيازدا ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ئۇزۇن مەزگىل ئىز قوغلاش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بېن لادىننىڭ قەندەخار ئايرودۇرۇمىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان «تارناك» قورۇقىغا يوشۇرۇنغانلىقىنى ئېنىقلىدى. بۇ قورۇقنىڭ كۆلىمى 100 گېكتار كېلىدىغان بولۇپ، تۆت ئەتراپى 3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تام بىلەن قورشالغان، ئىچىدە 80 دىن ئارتۇق ئايرىم ئۆيلەر بار ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بېن لادىن ئۆزىنىڭ ئاللىمۇقاچان ئامېرىكىنىڭ نازارەت قىلىشى ئاستىدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسلا ھېس قىلالمىغانىدى. ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت بىر قانچىلا قوغدىغۇچىسى بولۇپ، دائىم ناھايىتى بىغەم ھالدا سۈنئىي ھەمراھ تېلىفونى ئارقىلىق قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشەتتى. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا ناھايىتى ئاسانلا بېن لادىننىڭ ئىزىغا چۈشتى ھەمدە سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق بېن لادىن تۇرۇشلۇق بۇ قورۇقنىڭ كونكېرت يەر تۈزۈلۈش ئەھۋالىنى سىزىپ چىقتى. 7T9Mo .  
'0E^th#u-0  
ئامېرىكىلىقلار ئافغانىستاننىڭ 30 نەپەر ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى خادىمىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ، قورۇققا كىرىپ، بېن لادىننى قولغا ئېلىشىنى پىلانلىدى. پىلاننىڭ تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇلىشى مۇنداق ئىدى: ^CQVqa${]  
oi/bp#(fa  
بىرىنچى كىچىك گۇرۇپپا سەھەر سائەت 2دە قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ، قورۇققا يوشۇرۇن يېقىنلىشىدۇ. يىلاننى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، بۇگۇرۇپپىدىكىلەر يەر بېغىرلاپ ئىلگىرىلەپ، ئاۋۋال مىنا رايونىدىن ئاستا بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن سۇ چىقىرىۋېتىش ئېرىقى ئارقىلىق قورۇققا كىرىدۇ. W .bJ.hO*  
g{$F;qbkO  
ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر ئىككى جېپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، قورۇقنىڭ چوڭ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاۋازسىز تاپانچا بىلەن دەرۋازىدىكى قوغدىغۇچىنى ئۆلتۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر بېن لادىننىڭ ياتاقخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ ئېگىز بويلۇق، بومبۇر ساقال سەئۇدىلىقنى ئىزدەپ تاپىدۇ. ئاندىن چاقماق تېزلىكىدە 50 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھېلىقى ئالدىنئالا تەييارلاپ قويغان تاغ ئۆڭكۈرىگە بېرىپ، بېن لادىننى قاماپ قويىدۇ. a2`|6M;  
LuUfdzH  
[%yCnt  
   ~OQ/ |ws  
ئاڭلىماققا بۇ پىلان ناھايىتى مۇكەممەل، نۇقسانسىز ئىدى. بىراق مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى قىسمەن ئەمەلدارلار ئافغانىستاننىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىگە باشقىچە كۆز قاراشتا ئىدى. ئۇلار:«ئافغانىستاننىڭ بۇ ئەسكەرلىرى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدۇ، يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ. بىراق كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بەرسە، كۆپ سانلىق بىگۇناھ خەلققە زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن، ئەگەر بۇنداق بولسا، بېن لادىننى تۇتۇۋالغان تەغدىردىمۇ، ئاق ساراي پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ» دەپ قاراشتى. IA?v[xu  
$ -n?q w  
1998-يىلى 6-ئايدا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تېنېت بېن لادىننى بۇ خىل قولغا ئېلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلدى. ھازىر قارايدىغان بولساق تېنېت ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى يېنىكلىك قىلغانىدى. تېنېت ئۆزى قويۇۋەتكەن بۇ كىشىنىڭ زادى قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئويلاپ يېتەلمىگەنىدى. ئۇ بۇ كىشىنىڭ بىر قانچە يىلدىن كېيىن، قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئويلاپ يېتەلمىگەنىدى. u'Ua ++a\  
~xaPq=AH  
مانا بۇ مەخپىي ھەرىكەت بىكار قىلىنىپ، ئەمدىلا 2 ئاي ئۆتۈشىگە، بېن لادىن ئەۋەتكەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلاتقۇچى ئامېرىكىنىڭ كېنىيەدە ۋە تانزانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى پارتىلاتتى. ئىككى قېتىملىق پارتىلاشتا جەمئىي 224 كىشى قازا قىلدى، 4000 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. HOrD20  
WT9 k85hqj  
ۋەقەدىن قاتتىق غەزەبلەنگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ ئاينىڭ 20-كۈنى ئافانىستان ۋە سۇدان تەۋەلىكىدىكى تېرورچىلارنىڭ تايانچ پونكىتىغا تۇنجى قېتىم باشقۇرىلىدىغان سىنارەد بىلەن ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بېن لادىننى كۆزدىن يوقىتىش ئويىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى. n%Gk {h5  
c$[cDf~  
ئامېرىكا پۇشايمان قىلدى، بىراق ئۇلار تولىمۇ كېچىككەنىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ داڭلىق تېرورچى خۇددى شامالغا ئوخشاش ئىز قالدۇرماي ھەرىكەت قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەمدى سۈنئىي ھەمراھنى قەتئىي قوللانماس بولغانىدى. XrD@ q  
ES&"zjr$  
ئارخېپلاردا خاتىرىلىنىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ 1998-يىلىدىكى ماتىرىيالىدىلا بېن لادىننى ئامېرىكىغا تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغاش ئېھتىماللىقى بار باش گۇماندار دەپ يېزىلغان. %RF9R"t$  
hs  m%o\  
قەتئىي مەخپىي بۇ ھۆججەتتە، ئاخبارات خادىملىرى بېن لادىننى ئامېرىكىدا تېرورلۇق ۋەقەسى قوزغاشنى پىلانلاۋاتىدۇ، دەپ قارىغانىدى. دوكىلاتتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: «بېن لادىن ۋە ئۇنىڭ بازا تەشكىلاتى ناھايىتى يوشۇرۇن ھالدا تېرورچىلارنى تەربىيىلىمەكتە، ئۇلار پۇرسەت كۈتۈپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايروپىلانى ياكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلىماقچى». .Q^8 _'ZG  
CHPu$eu  
ئامېرىكا بۇ دوكىلاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، يۈرىكىگە ئاغرىق ئېلىپ كەلگەن بۇ كىشىنى تېزدىن كۆزدىن يوقاتماقچى بولدى. 1998-يىلى كىلىنتون زۇڭتۇڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرىلىدىغان سىنارەد ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى تېرورچىلارنىڭ مەشق بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئەمما باشقۇرىلىدىغان سىنارەد نىشانغا قويۇپ بېرىلگىنىدە، بېن لادىن ئاللىمۇقاچان بۇ يەردىن قېچىپ كەتكەنىدى. xmI!N0eta  
ya^zlj\`0e  
1999-يىلى ئامېرىكا تۇنجى قېتىم ئافغانىستاندا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئادەمسىز چارلاش ئايروپىلانىنى ئىشلەتتى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ چارلاش ئايروپىلانى راستىنلا بېن لادىننى بايقىيالىغانىدى. بىراق ئايروپىلاندا ھېچقانداق قورال بولمىغانلىقتىن، بېن لادىننى يوقىتىشنىڭ بىر ياخشى پۇرسىتى قولدىن كېتىپ قالدى. K4\#b}P!  
8 qY\T0  
2000-يىلى ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم قورال قاچىلانغان ئادەمسىز چارلىغۇچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ تاغلىق رايونىدا بازا تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىن ئېچىۋاتقان مەيدانىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. بىراق ھەربىي قىسىمنىڭ ئىككىلنىپ قېلىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى چارلاش يەنىلا نەتىجىسىز ئاياغلاشتى. بۇ قېتىم بېن لادىن خەۋپتىن قۇتۇلۇپ، نەچچە ئايدىن كېيىن، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان «11-سېنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسى» يۈز بەردى. «11-سېنتەبىر» تېرورلۇق ۋەقەسىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بوش ئامېرىكىنىڭ ھەرقانداق بەدەل تۆلەپ، مەيلى تىرىك ياكى ئۆلۈك بولسۇن، ھامان بېن لادىننى قولغا چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. %kRQ9I".  
@d]a#ypU  
«11-سېنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېن لادىن قاتار خالۋۆ تلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېكرانىدا پەيدا بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ «11-سېنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوچۇقئاشكارا ھالدا ئىنكار قىلدى. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئافغانىستاننىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى بېن لادىننىڭ «11-سېنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسى»گە مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق ئۇلار بېن لادىننى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. !l eLOi2T  
mrgieb%  
2001-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا ھەربىي يۈرۈش قىلىش نىشانىنى بېن لادىن يوشۇرۇنغان ئافغانىستانغا قارىتىپ، بېن لادىننى ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.  XpLK0YI  
Jbrjt/OG#I  
ئامېرىكا-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئافغانىستاننى كەڭ كۆلەملىك مۇھاسىرىگە ئالدى. بارلىق گۇمانلىق جايلارنىڭ ھەممىسىنى بومباردىمان قىلدى. ئەمما ئافغانىستان تاغلىق رايونىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، بېن لادىن بولسا ئۇزۇن يىل تاغلىق رايوندا ئۇرۇش قىلىپ، بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى ئالاھىدىلىكلىرىگە ناھايىتى پىششىق بولغاچقا، گەرچە بازا تەشكىلاتى ئامېرىكا-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما بېن لادىن يەنىلا ساق-سالامەت قېچىپ كەتتى. ^-yEb\\i  
4._ U  
ph;ds+b   
10-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئافغانىستانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن، بېن لادىن يەنە پەيدا بولدى. ئۇ خاۋۆ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېكرانىدا يەنە سۆز قىلدى. ئامېرىكىنىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرىشىگە قارىتا بېن لادىن «ئامېرىكا ئەمدى خاتىرجەم كۈن كەچۈرەلمەيدۇ» دېدى. drr n&y  
 
بېن لادىننىڭ ئوچۇق ئاشكارا تەھدىت سېلىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىز قوغلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. sKvz<7pag  
X 
2001-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئامېرىكا 1500 دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىم ئەسكىرىنى ئافغانىستانغا ئەۋەتىپ، بېن لادىننىڭ قۇرۇقلۇق ۋە سۇ يولى ئارقىلىق قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن يەرگە تور سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى مەخسۇس گۇرۇپپىسى، ياللانما قوشۇن ۋە خۇسۇسىي رازۋېدكىلار ئافغانىستاندا بېن لادىنغا قارىتا ئىز قوغلاپ يوقىتىشنى باشلىۋەتتى. ئۇنداقتا يوشۇرۇنۇش ۋە قېچىشقا ناھايىتى ماھىر بۇ تېرورچى بۇ قېتىملىق قوغلاپ يوقىتىشتىن قېچىپ قۇتۇلالارمۇ؟ bh9!OqK9K  
8hK\Ya:mP  
2001-يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە ئاساسەن، ئاخىرى بېن لادىن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر يوشۇرۇنغان جاينىڭ ئافغانىستاندىكى تورا-بورا تاغلىق رايونىدا ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇردى. شۇ يەرلىكتىكى پۇشتۇ تىلىدا «تورا-بورا»نىڭ مەنىسى تۇل خوتۇن دېگەن مەنىدە ئىدى. ناھايىتى تېزلا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «دېلتا» ناملىق ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىدىكى 50 ئەسكەرنى بۇ تاغلىق رايونغا ئەۋەتتى. بۇ 50 كىشى تاللانغان كەسپىي قاتىللاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرلا ۋەزىپىسى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ، بېن لادىننى ئۆلتۈرىۋېتىش. بۇ ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ قوماندانىنىڭ يالغان ئىسمى دالتون. فرىتىز ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يالغان نىقابلىنىدىغان بۇنداق تۇرمۇشقا خېلى بۇرۇنلا كۆنۈپ قالغان. VKjDK$  
Y] ZNAR  
2001-يىلى 11-ئايدا ئۇ ۋە «دېلتا» ناملىق ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ قالغان 50 نەپەر ئەسكىرى ئافغانىستانغا كەلگەندە، ئۇلار ئافغانىستاندىكى يەرلىك كىشىلەرگە ئوخشاش ياسانغانىدى. ئامېرىكىدىكى بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئىلگىرى بۇ قومانداننى زىيارەت قىلغان. بىراق ئۇ زىيارەت قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنى باشقىچە پەردازلىۋالغاندىن سىرت يەنە، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلغانىدى.  :j}]nS  
+EtL+Y (U  
«دېلتا» ناملىق بۇ ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىگە ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىدىغىنى ئافغانىستان شىمالى ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىق خادىملىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ قوماندانى ئالى ئىدى. ئالى فرىتىزغا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: v7i5R !  
Hkcr+BQ  
«مېنىڭچە سىلەر تورا-بورا تاغلىق رايونىنى بىر تەرەپ قىلالمايسىلەر، بۇ كەڭ كەتكەن تاغلىق رايوندا بازا تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرىگە ھەرگىز تەڭ كېلەلمەيسىلەر». errT7&@,A  
S-M| 6fv  
گېنىرال ئالىنىڭ بۇنداق دېيىشىدىمۇ ئاساس بار ئىدى. تورا-بورا رايونى ئافغانىستاننىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4200 مېتىر كېلىدۇ. نۇرغۇن چىگىش ۋە مۇرەككەپ تەبىئىي ئۆڭكۈرلەر بار بولۇپ، جۇغراپىيىلىك ئورنى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ھۇجۇم قىلىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتىنىڭ مىڭغا يېقىن ئادىمى مۇشۇ ئۆڭكۈرلەردە ناھايىتى پۇختا قوغدىنىش قۇرۇلمىسى تۈزۈپ، ھەرۋاقىت بېن لادىننى قوغداپ تۇراتتى. z2Pnni7Ys  
?\ qfuA9.  
2001-يىلى 12-ئايدا «دېلتا» ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى مەخسۇس گۇرۇپپىسىدىكىلەر يەرلىك كىشىلەر سىياقىدا ياسىنىپ، بۇ تاغلىق رايونغا كىردى. تەپسىلىي چارلاشتىن كېيىن، قوماندان دالتون. فرىتىز كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جەڭ پىلانىدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. C;u8qVI  
> O{[w'sWa  
بارلىق كىشىلەرنىڭ ئوكسىگىن سۈمۈرۈش ئەسۋابىنى ئېسىپ، پاكىستان بويىدىكى ئېگىز تاغدىن ھالقىپ، بېن لادىن تۇرۇشلۇق جايغا يېتىپ كېلىشى بۇ پىلاندىكى ئەڭ خەتەرلىك مەسىلە ئىدى. بىراق بۇ پىلان ھەربىي قوشۇندىكى ئالىي ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى. دالتون. فرىتىز ئارقىدىنلا يەنە بىر ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، پىلاندا: ئاۋۋال تورا-بورا رايونىدىكى بېن لادىننىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە ھاۋادىن مىنا تاشلاپ كۆمۈپ، بېن لادىننىڭ قېچىپ كېتىش يولىنى توسۇش، ئاندىن ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ئۇدۇلدىن ھۇجۇم قىلىپ، بېن لادىن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى مىنا كۆمۈلگەن رايونغا قىستاپ بېرىش بەلگىلەنگەنىدى. بىراق بۇ پىلاننىڭمۇ ھەربىي ئەمەلدارلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغانىدى. بۇ چاغدا دالتون. فرىتىز ئەترىتىنىڭ پەقەت بىرلا تالىشى قالدى، يەنى بازا تەشكىلاتى ۋە تالىبانلار بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇرۇش قىلىش ئىدى. #~ :j< =o  
 KKfC^g  
دالتون. فرىتىزنىڭ «دېلتا» ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى مەخسۇس گۇرۇپپىسىدىكىلەر تورا-بورا تاغلىق رايونىغا كەلگەن تۆتىنچى كۈنى، رادىيو دولقۇنىلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق بېن لادىننىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغان ئالاقىلىشىش سىگىنالىغا ئېرىشتى. يوشۇرۇنچە ئاڭلىغۇچى خادىم سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بېكىتىش سېستىمىسىغا ئاساسەن، بېن لادىن تۇرۇشلۇق كونكېرت جاينى بېكىتتى. بۇ جاي تاغ ئومۇرتقىسىنىڭ كەينىگە جايلاشقان بولۇپ، ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قوشۇنىغا 2000 مېتىر كېلىدىغان ئورۇندا ئىدى. ئامېرىكىلىقلار خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي قېلىشتى. دالتون. فرىتىز بارلىق زېھنى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. ھۇجۇم باشلىناي دېگەن ۋاقتىدا، دالتون. فرىتىزنىڭ قول ئاستىدىكى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ئۆزلىرىگە ھەمكارلىشىۋاتقان ئافغانىستان شىمالى ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىق خادىملىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، ئەڭ ياخشى ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى. ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ئېسىنى يىغىپ، ھۇجۇمنى باشلىغىنىدا كېچىككەنىدى، چۈنكى بېن لادىن بۇ جايدىن قېچىپ كەتكەنىدى. lHV&8fny  
b"au9:F4@7  
دالتون. فرىتىز يۇقىرى ھەسسىلىك دوربۇن ئارقىلىق يىراقتىكى تاغ چوققىسىدا بىر توپ بازا تەشكىلاتى قوراللىق ئادەملىرىنىڭ بىر تاغ ئۆڭكۈرىگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالاچىپار ھەربىي مەشىق كىيىمى كىيگەن ئېگىز بويلۇق بىر كىشى بولۇپ، بۇ دەل بېن لادىننىڭ ئۆزى ئىدى. nK@RFU6  
BD)5br].  
ۋاقىت ناھايىتى قىس ئىدى، دالتون. فرىتىز دەرھال ھاۋادا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان ئامېرىكا كۈرەشچى ئايروپىلانىغا ھېلىقى تاغ ئۆڭكۈرىگە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقىنى بەردى. يېقىن ئەتراپتىكى ھاۋا تەۋەلىكىدە تۇرغان بارلىق ئامېرىكا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ جايغا كېلىپ، بۇ تاغ ئەتراپىدىكى جايلارنى بىر قانچە سائەت بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۇ تاغ ئومۇرتقىسى تەۋەلىكىدە تالىبان ياكى بازا تەشكىلاتىنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنىڭ كۆلەڭگىسىنى ئۇچراتقىلى بولمىدى. ئۇلارنىڭ سىمسىز ئالاقىسىمۇ جىمىپلا كەتكەنىدى. «دېلتا» ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ۋە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى بېن لادىن ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ بۇ ئۆڭكۈردە جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئىشىنەتتى. چۈنكى بۇنداق كۈچلۈك بومباردىمان قىلىشتا ھېچقانداق نەرسە بىتچىت بولماي قالمايتتى. ZQZBap"  
>O{U4_j@(  
كېيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى تورا-بورا تاغلىق رايونىدىكى بۇ جايلاردا چارلاش ئېلىپ باردى. ئۇلار بېن لادىننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇلار ئەپيۇنگۈلى بىلەن لىق تولغان بۇ جايدا نۇرغۇن تالىبان ۋە بازا تەشكىلاتى ئادەملىرىنىڭ جەسىتىنى بايقىدى. بىراق جەسەتلەرنىڭ DNA تەكشۈرىشىدىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرى ئېرىشمەكچى بولغان كىشى بېن لادىننىڭ جەسىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدى. N W/RQ(  
$_j\b4]%  
بېن لادىن زادى قانداق بىر ئۇسۇل ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى تاغلىق رايوننى ئالا قويماي بومباردىمان قىلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلغاندۇ؟ بېن لادىننىڭ قېچىپ كېتىشىگە ئائىت نۇرغۇن گەپلەر بولۇندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىق بولغىنى تۆۋەندىكى ئىككى خىل قاراش ئىدى: b'D|p/)m0S  
sHk,#EsKH  
بىرى، دېڭىز ئارقىلىق قېچىپ كەتتى دېيىش بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسى تورا-بورا تاغلىق رايونىنى مۇھاسىرىگە ئالغان شۇ قىشتا، ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى ماقالىسىدە «بېن لادىن سۇ يولى ئارقىلىق قېچىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن،» دەپ يېزىلدى. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مۇنداق ئاساسى بار ئىدى: بېن لادىننىڭ ئىلگىرى بىر سودا كېمىسى بار بولۇپ، ئەرەب دېڭىزى ۋە پارس قولتۇقى ئەتراپىدا كۆپ قېتىم قاتنىغان، بۇ كېمە بېن لادىننىڭ تېرورچىلار ئىمپىرىيىسىگە نۇرغۇن ئىقتىساد توپلاپ بەرگەندىن سىرت، ئەرەب دېڭىزى بويىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بېن لادىننىڭ ئالاقە تورىنى پەيدا قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تورا-بورا تاغلىق رايونىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن تۇتىشىدىغان مەخپىي يوللار بار بولۇپ، ھەتتا دېڭىز يولى ئېغىزىمۇ بار ئىدى. xKilTh_.6  
 d"E@e21  
يەنە بىرخىل قاراشتىكىلەر ئۇنى ھىيلە ئىشلىتىپ قېچىپ كەتتى دېيىشكەنىدى. ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېن لادىن 2001-يىلى تورا-بورا تاغلىق رايونىغا قاپسىلىپ قالغىنىدا، بىر يېقىن قوغدىغۇچىسىغا ئۆزى دائىم ئىشلىتىدىغان سۈنئىي ھەمراھ تېلىفونىنى تۇتقۇزۇپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ دىققىتىنى بۇرىغان، ئۆزى بولسا يوشۇرۇن يوللار بىلەن قېچىپ كەتكەن. كېيىن ئۇنىڭ بۇ قوغدىغۇچىسى قولغا ئېلىنىپ گۋانتانامو تۈرمىسىگە سولانغان. سوراق جەريانىدا بۇ قوغدىغۇچى ئۆزىنىڭ بېن لادىننىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىگە ياردەم قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. E3pnu.;U:_  
Dr;-2$Kt/&  
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ قېتىملىق بومباردىماندا بېن لادىننىڭ بىلىكى راستىنلا يارىلانغانىدى. c.-/e u^|  
`zr%+  
ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئەينى ۋاقتىدا ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىگە قوماندانلىق قىلغان دالتون. فرىتىز يەنىلا ناھايىتى غەمكىن يۈردى. ئۇ: «بىز بېن لادىننى قولغا ئالغان ۋاقتىمىزدىلا، ئەينى يىللىرى تورا-بورادىكى ئازابلىق ئەسلىمىلىرىمنى ئۇنتىيالايمەن. مەن ئىزچىل بۇ كۈننىڭ تېزراق يېتىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتىمەن» دەيتتى. UDJ{ iZ  
Jj<UtD+  
«دېلتا» ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى ئاخبارات مۇتەخەسىسى گارى.بېينپېتىرسىن قوماندانلىقىدىكى «ئۇۋىتىش ماشىنىسى» ناملىق ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، يەنە بىر قېتىم ئافغانىستانغا بېن لادىننى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتتى. ^)r^k8y'  
rf2+~B{$,  
بېينپېتىرسىن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىدىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بىر جاسۇس بولۇپ، ئىلگىرى «ئىلغار خەۋەرچى» ۋە «خەۋەر يۇلتۇزى» ئوردېنىغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ ئامېرىكىدا ئەسكەرلىككە قاتناشقان بولۇپ، ئەرەب تىلىنى ناھايىتى پىششىق سۆزلەيتتى. 1992-يىلى ئۇ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بېن لادىننى تۇتۇش گۇرۇپپىسىغا قاتناشىپ، تېروررىزىم ۋە بېن لادىن ھەققىدىكى ئىشلارنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى. 6x1 !!X+)+  
C%s+o0b  
2000-يىلى ئۇ ئافغانىستانغا كەلگىنىدە، بېن لادىننىڭ ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىدىن خەۋەر تېپىپ بولغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا ئۇ يۇقىرى سوممىلىق مۇكاپات پۇلىنى تەسىس قىلدى. ھەربىر مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ھەرىكەت گۇرۇپپىسى ئەزاسىغا 3 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات پۇلى بېرىش بەلگىلەندى. CM}1:o< 
B{\ cV-X$0  
2001-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بېينپېتىرسىن باشچىلىقىدىكى ھەرىكەت گۇرۇپپىسى بازا تەشكىلاتى رادىيوسىدىن بېن لادىننىڭ ئاۋازىنى ئېنىق ئاڭلىدى. بېن لادىن ھايات ئىدى، يەنى تورا-بورا تاغلىق رايونىدا ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى. ھەرىكەت گۇرۇپپىسى تېز سۈرئەتتە بېن لادىن قاپسىلىپ قالغان جاينى ئېنىقلىدى ھەمدە دەرھال 800 نەپەر ئەسكەرنى ياردەمگە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق ئامېرىكا ئارمىيىسى مەركىزىي قوماندانلىق قىسمىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش قوماندانى بېينپېتىرسىنغا «بۇنچىۋالا كۆپ ھەربىي كۈچنى يۆتكەشكە بىر قانچە ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر تۈزۈلىشى بۇنداق مۇرەككەپ بولغان تاغلىق رايوننىڭ شارائىتى ئەسكەرلەرگە نۇرغۇن خەۋپ تۇغدۇرىدۇ» دېدى. ~$#"'Tl4J  
o80"ZU|=  
ياردەمچى قوشۇننىڭ كېلىشىنى كۈتكەن بېينپېتىرسىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىدى. شۇنداق قىلىپ بېن لادىن يەنە بىر قېتىم يولۋاس ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. كېيىنكى ئىككى يىلدا بېينپېتىرسىن ئۆزىنىڭ ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ئافغانىستاندىكى بۇ تاغلىق رايوندا كۈن بويى چارلاپ يۈردى. ئۇ ئۆزىنى چارچىتىپ ھالىنى قويمىغان بېن لادىندىن ئىبارەت بۇ ئوۋغا تېزراق يولۇقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق ئۇ ھەر قېتىم بىر قەدەم كېچىكىپ قالاتتى. ئۇلار تاغ ئۆڭكۈرىدە تېپىۋالغان خاتىرە كومپىيوتىر ۋە يانفوندىن بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدى. ئۇلار تورا-بورا تاغلىق رايونىدا بېن لادىننىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار بىر ئۆيىنى تاپقانىدى. بىراق ئۇ ئېگىز بويلۇق سەئۇدىلىقنى ئەسلا ئۇچرىتىپ باقمىدى. ئۇنداقتا بېن لادىن زادى قەيەرگە يوشۇرىنىۋالغاندۇ؟ W/(D"[:l%  
G_GPnKdd  
ئۇنى يەنىلا ئابا چېگرىسى بويىدىكى قەبىلە رايونىدا يوشۇرىنىۋاتىدۇ دېگەن ئۇچۇرلارمۇ كەلدى. يەنە بەزى خەۋەرلەردە بېن لادىننى ساقىلىنى ئېلىۋېتىپ، غەربلىكلەردەك ياسىنىپ، ئافغانىستاندىن قېچىپ كېتىپتۇ دېيىلدى. بىراق ئامېرىكا ئاخبارات خادىملىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرەز، بېن لادىن يەنىلا ئافغانىستاندا دەپ قارىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەكۈنىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، گىئولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، بىر قىسىم سىنئالغۇدىكى تاغ تاشلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەھلىل قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر گېرمانىيە قۇش تۈرى مۇتەخەسىسىنى تەكلىپ قىلىپ، سىنئالغۇدىكى قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى تەھلىل قىلغۇزدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى بېن لادىن يوشۇرىنىۋالغان جاينى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇلار مانا مۇشۇنداق تازا ئاۋارە بولىۋاتقىنىدا بېن لادىن ئۆلۈپتۇ دېگەن خەۋەر تارقالدى. پاكىستان «كۆزەتكۈچىلەر گېزىتى» بېن لادىننىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە بېن لادىننى تورا-بورا تاغلىق رايونىدا ئۆپكە كېسىلى تۈپەيلى ئۆلدى دېيىلگەنىدى. ھەر خىل گەپ-سۆزلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، راست-يالغانلىقىنى پەرق ئېتىش تەس ئىدى. :r?gD2q  
 
2004-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سايلام ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگىنىدە، بېن لادىن يەنە پەيدا بولدى. قاتار خالۋۆ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بېن لادىننىڭ ئەڭ يېڭى سىنئالغۇسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى سىنئالغۇدا بېن لادىن ئۆزىنىڭ «11-سىنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسى» نىڭ پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلغانىدى ھەمدە ئامېرىكىغا يەنە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. Nm{\?  
)E--E+j  
بېن لادىننىڭ قايتىدىن پەيدا بولۇشى ئامېرىكىلىقلارنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. شۇ يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بوش بۇيرۇق چۈشۈردى. ئىلگىرىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىرلىشىپ، بېن لادىننى تۇتۇش ئالاھىدە بىرلەشمە قوماندانلىق شىتابىنى قۇردى.  [>5<&[A  
Kjw4,z%\94  
بۇ بىرلەشمە قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى پودپولكوۋنىك سىتانلى ئىدى. ئۇ غەرب ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ بېن لادىننى تۇتۇشقا ئىشەنچى بار ئىدى. كېيىنكى 6 يىل جەريانىدا ھېچقانداق بىر ئامېرىكىلىق بېن لادىنغا پودپولكوۋنىك سىتانلىدەك يېقىنلىشىپ باقمىغانىدى. بۇ جەرياندا ئۇ كۆپ قېتىم بېن لادىنغا يېقىنلاشتى. VR86ok  
"N"$B~W*  
2007-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى نەشىر قىلىنغان ئامېرىكا «خەۋەرلەر ژۇرنىلى» دا: 2005-يىلى قىشتا ئافغانىستان ۋە پاكىستان چېگرىسىدا چارلاۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيىسى ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان تۇتماقچى بولغان ئوساما.بېن لادىنغا يېقىنلاشتى. دەپ خەۋەر قىلىندى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: \8Mn[G9TL  
gbb2!q6p  
بىر مىسىرلىق بازا تەشكىلاتى ئەزاسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بېن لادىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ھايات تۇتۇۋېلىنسا بولمايدىغانلىقى ئېيتقان بولۇپ، ئەگەر قېچىپ كېتەلمەسلىك ئېھتىماللىقى %99 كە يەتكەندە، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئاندىن ھەممەيلەن بىرلىكتە كوللىكتىپ ئۆلۈۋېلىش قارار قىلىنغانىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار مىلتىق تەپكىسىنى بېسىشقا تەمشىلىپ بولغان بولۇپ، يەنە تۇيۇقسىز توختاپ قالغان. چۈنكى ئۆزلىرىگە يېقىنلىشىپ كەلگەن ئامېرىكا ئارمىيىسى تۇيۇقسىز يەنە بىر يۆنىلىشكە قاراپ كېتىپ قالغانىدى.  `Gct_6  
I r8,=  
كېيىن بۇ ئەھۋال سىتانلى تەرىپىدىنمۇ ئىسپاتلاندى. ئۇ ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ رايوندىكى بارلىق زىچ ئورمانلىق ۋە تاغ ئۆڭكۈرلىرىنى ئاختۇرغىنىمىزدا، نۇرغۇن يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەنىدۇق. ئاياغ ئىزى، ئەرەب تاماكىسى قالدۇقى قاتارلىقلارنى ئىزدەپ تاپقانىدۇق. شۇڭا بېن لادىننىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۇق، بىراق ئۇنى ھېچ تاپالمايتتۇق». ]Gk;n/! B  
iD*%' #u  
~0}gRpMW  
ئەمەلىيەتتە بۇ سىتانلى بېن لادىنغا يېقىنلاشقان نۇرغۇن قېتىملار ئارىسىدىكى بىر مىسال خالاس. بىراق سىتانلىغا بېن لادىننى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ھەتتا ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ خۇددى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتەك تۇيۇلدى. 4o+SSS  
"r!>p\.0O  
1998-يىلى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بېن لادىندىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بەرگەندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بېن لادىننى ئىزدىگىنىگە 10 يىلدىن ئاشتى. خۇددى بوش ئېيتقىنىغا ئوخشاش، بۇ بىر مەيدان جەڭ ئىدى، يەنى بىر دۆلەت بىلەن بىر ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ ئىدى. vrRbUwL!  
C5}c?=#bdf  
گەرچە بېن لادىن بۇ يىللاردا تولا چېپىپ، ھالسىراپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكىمۇ ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك بەدەللەرنى تۆلىگەنىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيانقى زور مىقداردىكى ھەربىي خىراجەتنى ئېيتمايلا قويايلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2001-يىلىدىن باشلاپ ئالدىنقى سەپتىكىلەرگە بەرگەن مۇكاپات سوممىسىلا 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. بېن لادىننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوللانغىلى بولىدىغان ۋاستىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللاندى. t=,ZR}M1`  
]><K8N3Z  
2004-يىلى 2-ئايدا ئاق ساراي ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنادا بېن لادىننى تۇتۇشتىكى يېڭى بىر پىلان ماقۇللاندى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بېن لادىن ۋە باشقا بازا تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىلەن زىچ ئالاقىسى بولغان مىڭغا يېقىن كىشىنى رەتلەپ چىقتى. ئامېرىكا ئارمىيىسى تىزىملىكتىكى بۇ كىشىلەرنى قاتتىق نازارەت قىلدى ۋە بەزىلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ سوراق قىلىش ئارقىلىق بېن لادىننى قولغا چۈشۈرمەكچى بولدى. بىراق يەنىلا نەتىجىسىز بولدى. $Hw w  
lk.]!K$}  
ئامېرىكا بېن لادىننى تۇتۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىر قاتار يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق قوراللارنى ئىشلەتكەنىدى. ئۇلار كۆپ قېتىم ئادەمسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئافغانىستاننى چارلىدى ۋە بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق بازا تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىنى يوقاتقانىدى. بىراق كېيىن بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئاۋازدىن پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋالغان بولۇپ، بۇ خىل ئادەمسىز ئايروپىلاننىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاندى. 2007-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا سائەتلىك سۈرئىتى 6400 كىلومېتىر بولغان X-51A تىپلىق شىتامپىلىق باشقۇرىلىدىغان سىنارەدنى ياساپ چىقتى. ئامېرىكا ئارمىيىسى بۇ يېڭى كەشپىياتى بىلەن، بېن لادىن تۇرۇشلۇق ئافغانىستاننىڭ تورا-بورا تاغلىق رايونىنى بومباردىمان قىلدى. بىراق ئۇرۇش ئاخىرلاشقىنىدا بېن لادىننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى. (`W_ -PI  
 ?cG~M|@  
«11-سېنتەبىر تېرورلۇق ۋەقەسى» بېن لادىننى خەلقئارا سەھنىگە چىقاردى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ھوقوقى چەكسىز خان شەمشىرىگە ئېرىشتۈرگەنىدى. بىراق كىشىلەر ئامېرىكىغا ئوخشاش بۇنداق ناھايىتى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئاددىغىنا بىر بېن لادىننى قولغا چۈشۈرەلمەيدىغانلىقىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىشاتتى. بىراق قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكىنىڭ بېن لادىننى تۇتۇش ھەرىكىتى يەنە داۋاملاشماقتا ئىدى. xq6 eu 9   
#$5"&SM  
2007-يىلى ئامېرىكا بېن لادىننى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە بېرىدىغان مۇكاپات سوممىسىنى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈردى. يالغۇز ئافغانىستاندىلا ئەمەس، ئېران، ھىندىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىمۇ نۇرغۇن جاسۇسلار بېن لادىننى تۇتۇش ئىشىغا كىرىشكەنىدى. rJjNoY  
=`MxgK +  
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بىر مەزگىل تىنجىپ كەتكەن بېن لادىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ گازادىكى توقۇنىشى سەۋەبلىك يەنە قايتا پەيدا بولدى. ئۇ بىر تور بېكىتىدە ئۆزىنىڭ ئۈنئالغۇغا ئېلىنغان سۆزىنى ئېلان قىلدى. بېن لادىن مالىيە كىرزىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش ئەللەرگە يېڭى ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تەھدىت سالدى. tTjadnX  
/M,C%.-  
بۇ كۈنى يېڭىدىن زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلەنگەن ئوباما بارلىق كۈچى بىلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى توسۇيدىغانلىقىنى ھەمدە بېن لادىننى ئىزدەشنى توختىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 1K* `i(  
8v<802  
دېمەك، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدە بىلەن بېن لادىن باشچىلىقىدىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ توقۇنىشى تېخى تۈگىمىگەندەك قىلاتتى. ojc m%yd  
1bz%O2U-(  
ئامېرىكىنىڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئارزۇسى 2011-يىلىغا كەلگەندە ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇزۇن يىل ساراسىمگە سالغان شۇنداقلا چارچىتىپ ھالىنى قويمىغان بېن لادىننى ئاخىرى ئېتىپ ئۆلتۈردى. MG}rvzn@  
GhJ 
ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغىنىغا ئاز ۋاقىت قالغان ئامېرىكا يەنىلا بېن لادىننى ئىزدەپ تېپىش ھەلەكچىلىكىدە ئىدى. 2010-يىلى 8-ئايدا بېن لادىننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىدىن ھالقىپ، پاكىستانغا بارغانلىقى پەرەز قىلىندى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاخىرى بېن لادىننىڭ پاكىستاندا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشتى. كېيىن، بېن لادىننىڭ پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا يوشۇرۇنغانلىقى ھەققىدە يىپ ئۇچىغا ئىگە بولدى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بېن لادىن ئامېرىكىنىڭ مۇھاسىرىسى ۋە قاتتىق ھۇجۇمىدىن كۆپ قېتىم قېچىپ كەتكەچكە، ئامېرىكا بۇ قېتىم تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولدى. ئۇلار بارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق جەڭ قوراللىرىنى تەييارلىغاندىن سىرت، پاكىستان چېگرىسى ئەتراپىغا ياردەمچى قوشۇن ئورۇنلاشتۇردى. D'8xP %P  
AjYvYMA&  
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ بۇيرۇق چۈشۈرىشى بىلەن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ھۇجۇمنى باشلىۋەتتى. بېن لادىن ئاخىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىندى. كىشىلەر بۇ خەۋەردىن ھەم خۇشال بولۇشتى ھەم گۇمان قىلىشقانىدى. s![Di  
ts:YJAu+F  
ئەتىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاق سارايدا نۇتۇق سۆزلىگىنىدە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى ناھايىتى يوشۇرۇن بولۇپ، قىلچە شەپە چىقارمىغانىدى. ئامېرىكا ئاخىرى بۇ تېرورچى ئۈستىدىن غالىب كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى كىشىلەر بۇ خەۋەردىن تەنتەنە قىلىشتى. يەنە بىر قىسىم جايلاردىكىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىشىدىن تېخىمۇ ۋەھىمىگە چۈشكەنىدى. .5^7Jwh  
Y 9}ga4  
شۇنداق، ئامېرىكا نۇرغۇن يىل ۋاقىت، ھەربىي كۈچ ۋە ھەربىي خىراجەت سەرپ قىلىپ ئىزدىگەن ئادەم ئاخىرى ئېتىپ، يوقىتىلدى. بىراق بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈشى تېرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ تامامەن ئاخىرلىشىشىدىن بىشارەت بېرەمدۇ-يوق، بۇنىسى بۈگۈنگە قەدەر كىشىلەر دائىم مۇنازىرىلىشىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانىدى. ixvF `S9  
c{"qrwLA  

تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-05, 21:36
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...