xJ{r9~ بىز ھە دىسە ، قىزلار ئۇنداق ، قىزلار مۇنداق ، يېرىم يالىڭاچ ، مايماق پاقالچاق ... دىگەندەك يامان سۈپەتلەر بىلەن ئەتراپىمىزدىكى ، جەمئىيەتتىكى قىز - ئاياللارنى بولىشىغا تىللاپ سۆكىمىز ، بولۇپمۇ مۇشۇنداق مۇنبەر يۈزىگە شۇ توغۇرلۇق تېما يوللانسا بەكلا قىززىپ كىتىدۇ .
"
o`?-bQ: ئۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ خىلمۇ - خىللىقى بىر قارىسا شۇ تۈركۈمدىكى قىز - ئاياللارغا بىرىلگەن تەنبىھ بولسا يەنە بىر ھىساپتا ئۇلار ئۈچۈن بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .
a5t&{ajJ چۈنكى بىز يازغان تېما ، ئىنكاسلارنى ئۇلارنىڭ كۆرۈپ تەسىرلىنىپ كىتىشى ، ۋە ياكى ئۇياتقۇسى كىلىپ يامان يولدىن قايتىشى ئوننىڭ ئىچىدە بىرگىمۇ يەتمەسلىكى مومكىن .
.W~XX پەقەت مىھرىبان ئاللاھ تائالاھ ۋە ئىسلامىيەتنىڭ پاك ۋۇجۇدى بەندە قەلبىگە سىڭىپ كىرگەندىلا ئاندىن ھەقىقى تۈردە ئۆزگىرىپ ، ئۆزىنىڭ يارالغانلىقىغا لايىق ياشىيالايدۇ دەپ قارايمەن .
,.ivdg(/ مىنىڭ ئىسلامىي بىلىمىم تولىمۇ كەمچىل بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلىيەلمەيمەن ھەم كۆپ سۆزلەپ قويۇپ خاتالىشىپ قېلىشىمدىن ، ئۆزۈم ئەمەل قىلالماسلىقىمدىن ئەنسىرەيمەن ، گەرچە بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويۇلۋاتقىنى قىز - ئاياللار توغرىسىدىكى مۇلاھىزە بولسىمۇ لىكىن شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتىشىمگە توغرا كىلىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ قىز - ئاياللارغىلا ئەمەس بەلكى بىز ئەر - ئوغۇللارغىمۇ ئەخلاق ، ئىسلام قىز - ئاياللاردىنمۇ بەكىراق مۇھىممىكىن دەپ قالدىم .
K\%\p$ZD بۇ يەردە مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار كىچىككىنە بىر تۇرمۇش كارتىنىسىنى تەسۋېرلەپ بەرمەكچىمەن . B2]52Fg-" تۈنۈگۈن كەچ ئىشلىرىم تۈگىمەي قېلىپ ئۆيگە قايتالمىدىم شۇنىڭ بىلەن ئىش ئورنۇمدا يېتىشقا توغرا كەلدى ، ئەتتىگەننىڭ تەييارلىقىنى قىلىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى كەچلىك يىمەك - ئىچمەك بازىرىغا ئازراق يىمەكلىك ئالغىلى ماڭدىم .
WM|G/'q يولدا ئادەملەر ئۇيان - بۇيان كىتىشىپ باراتتى ، يول چىراقلىرىنىڭ نۇرىنى يول بويىدىكى يوغان چىنارلار گاھ توسىۋالسا گاھ ئالا - پاساق چۈشۈرۈپ قىيا مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىكەن .
*w*K&$g - خېنىم ئويناپ كىلەمدۇق ؟ ... بۇ گەپنى كىمنىڭ ئېيىتقىننى ۋە كىمگە قارىتىپ ئېيتىلغىنىغا كۆز يۈگۈرتۈپ بولغۇچە، ياندىكى كىچىك يولدىن تويۇقسىز بىر قىز چىقىپ كەلدى ، ئۇنىڭدىن باشقا موتسىكلىتنى ھەمقەدەمدە ئاستا ھەيدەپ كىلىۋاتقان ئىككەيلەن بار ئىكەندۇق .
d"?"(Q_8n قىزنىڭ قەدەملىرى تولىمۇ ئىتتىك ھەم چاققان ئىدى ، ھېلىقى ئىككەيلەن يەنىمۇ قىزغا سۆز قىلىۋەردە قىز بولسا ھىچبىر ساداسىز ...
Yh1nXkA!V - ھوي ، خان ... زۇۋانىڭىز پۈتۈپ قالمىغان بولسا گەپ قىلمامسىز ؟...-
*Oy*
\cX2[ ...
E`JW4)AH - قانداق كالا مىجەز خېنىم ماۋۇ ؟...-
6~0kb_td ...
?:`s
E" شۇ گەپنىڭ ئاخىرلىشى بىلەن تەڭلا قىز پىيادىلەر يولىدىن تىزلىكتە كىسىپ ئۆتۈپ چوڭ يولغا قەدەم تاشلىدىيۇ ئەمما بىر ئېغىزمۇ سۆز قايتۇرمىدى .
:]F66dh+ ئۇنىڭغىچە ھېلىقى ئىككەيلەنمۇ موتسىكلىتقا بولىشىغا ماي بىرىپ نەلەرگىدۇر كىتىپ قېلىشتى ، مەن بولسا كۆز ئالدىمدىكى بىردەملىك كىنو لىنتىسدەك پەيدا بولۇپ ، غىل - پاللا يوقاپ كەتكەن بۇ كۆرىنىشنى كۆردۇميۇ لىكىن نىمىشلىقىنى ، ئىشنىڭ تىگىنى بىلىپ بولغىچە ئۇلار غايىپ بولۇشتى .
wg)Bx#>\L: مەن ئۇ كۆرىنىشنى كاللامدا مۇلاھىزە قىلغاچ يولۇمنى داۋام قىلدىم ، ئۆز خىيالىمدا مۇنداق ئىشلارنى كاللامدىن كىزىشكە باشلىدى .
6T4DuF - ھەقىچان ئۇ قىز بالا كەچتە بىرەر رىستۇرانغا ۋە ياكى باشقا بىر جايلارغا كۆڭۈل ئاچقىلى ماڭغان بولسا ، ئاۋۇلار كەينىگە كىرىۋالغاندۇ ۋە ياكى ئۇلارغا قاش ئوينىتىپ قويغان بولسا ، چوڭ كوچىغا چىقىپ ياۋاشلاپ قالغاندۇ ... مانا مۇشۇنداق بولمىغۇر خىياللار ئىچىدە كەچلىك بازارغا كىلىپ قاپتىمەن .
meV Z_f/ كاللامدىن ھېلىقى كۆرىنىشنى ساقىت قىلغاندىن كىيىن ئازراق قورساق تويغىزىۋىلىپ ، ئالىدىغان كىرەكلىك يىمەكلىكنى ئېلىپ بولۇپ ، بىردەم ئىچىملىك ئىچكەچ قويىلىۋاتقان ‹ شىياڭگاڭ › نىڭ ھېكايە فىلىمى ‹ مەسىت گۇمپىسى › غا ئاشنا بولۇپ كىنو ئاخىرلاشقۇچە كۆرۈپ ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن . كىنو ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يېنىمدىكى بەزىلەرنىڭ قوپۇپ قايتىشقانلىقىنى كۆرۈپ مەنمۇ تەڭلا قايتىشقا يول ئالدىم .
-j<E_!t ئىچىمدە يەڭگىل غىڭشىپ قايتىپ كىلىۋاتاتتىم ، نەخ ھېلىقى قىز چىققان كوچىغا يىقىنلا قالغان يول بويىدىكى مەسچىد تىن ھېلىقى قىز چىقماسمۇ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، ئۇ قىز چىقىپلا ئەتراپقا يىنىك قارىۋەتكەندىن كىيىن قايتىشقا ئاتلىنىۋىدى مىنىڭ قەدەملىرىممۇ ئۇنىڭغا يىتىشىپ قالدى ، مەن بىر قايمۇقۇش بىر ئەيمىنىش ئىلكىدە قىزدىن سۇئال سوراپ بېقىش قارارىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن يىنىڭ ئاۋازدا سۇئال سورىدىم ئۇمۇ سۇئالىمغا جاۋابەن ئازراق پاراڭلاشتى :
Rq+7&%dy - سىزدىن گەپ سورىسام بولامدۇ ؟
7P3/Ky@6 - بولىدۇ ، سوراڭ ... RYvcuA)
- بايامقىلار كىم بولىدۇ ، نىمىشقا كەينىڭىزگە كىرىۋالدى ؟ 9O&gR46. - كىملىكىنى مەنمۇ ئۇقمايمەن ، ئۆيدىن چىقىشىمغىلا ئەگىشىۋىلىشتى ، شۇنىڭ بىلەن يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە قەستەن ئۆتۈپ كەتتىم . o%j?}J7y - يولنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كىتىشىڭىزنىڭ نە ھاجىتى ؟ VOr:G85*s - چۈنكى ، مەن ئۆتكەن بىلەن ئۇلار ئۆتەلمەيدۇ ئەمەسمۇ ... LYYz=oZOE! - ھازىر قارىسام مەسچىد تىن چىقىۋاتىسىز ، سىز قىز بالا تۇرۇپ ؟ ... a_+3, fP - شۇنداق ، مەن بايام ئۆيدە ناماز خۇفتەن نى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن سىرىتقا چىققان ئىدىم ، مەسچىدنىڭ ھويلىسىنىڭ خالىي يېرىدە تۇرۇپ ئىمامنىڭ رامزانلىق پەندىھ - نەسىھەتلىرىنى ئاندىن يەنە رامزانلىق دۇئايى - تەگبىرلەرنى ئاڭلاپ بولۇپلا قايتىپ چىقتىم . ~:{ mKc - ھە ، ئەسلى مۇنداق ئىكەندە ، ئۆيىڭىزدە دادىڭىز ۋەياكى ئاكىڭىز يوقمۇ ؟ o9|
OL - دادام تۈگەپ كەتكىلى تۆت ئاي بولدى ، مەن پەقەت بىرلا بالا ، دادام تاكى تۈگەپ كەتكەنگە قەدەر كۆز يېشى قىلىپ ‹‹مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان بىرەر ئوغلۇم يوق ، تۇپراق بېشىم يىتىمسىراپ قالارمۇ ›› ؟ دەپ داتلانغان ئىدى ، شۇڭا مەن قىز بالا بولساممۇ ئوخشاشلا ئوغۇللۇق بۇرچۇمنى ئادا قىلىشنى ئويلاپ شۇڭا دادام ئۈچۈن ئاز تولا دۇئا - تىلاۋەت قىلايمىكىن دەپ ... iTdamu`L - مەن ئۇ قىزنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم ھەم تىلىمغا باشقا گەپمۇ كەلمىدى ، ئۇنىڭچە بىز ھېلىقى قىز چىققان كوچىغا كىلىپ قالدۇق ، قىز كوچىغا قايرىلىپ ئۆيىگە ماڭدى ، مەنمۇ ئۇدۇللا قايتىپ كەلدىم .
+`"Tn`O قايتىپ كىلىپلا قىزنىڭ سىرىتقى قىياپىتىنى قايتا تەسەۋۋۇر قىلىپ چىقتىم :
HP*{1Q@5 كىيىنىشى بەكلا ئاددى ، يۈز - كۆزلىرىنى زىيادە ئورىۋىلپ ، تاپىنىغىچە يەكتەك كىيگەنمۇ ئەمەس ، ياغلىقنى ئىڭىكىدىن ئورىۋالغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا باشقا يەرلىرى ئادەتتىكى يېزا قىزلىرىغا ئوخشىشىپ كىتەتتى .
nl(GoX$vRQ مەن ئۇ قىز ئۈستىدە جىق ئويلىنىشنى خالىمىدىم ، پەقەت ئۇ قىزنىڭ مەن قىلالمىغان ھەم قىلىش خىيالىمغا يەتمىگەن ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىغا قاراپ بەكمۇ خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇشقا باشلىدىم .
/8]K}yvR بىر قىزبالا - مەن بولسام بىر ئوغۇل بالا . ئۇنىڭ يېشى يا 20 ، ياكى 21 ۋە ياكى 22 - مىنىڭمۇ ھەم شۇنداق ، ئىككىمىز ھەمتەڭلىك ...مىنىڭچە ئۇ قىزنىڭ تۇرمۇشى بەك باياشاتمۇ ۋە ياكى بەك نامراتمۇ ئەمەس بولىشى مومكىن ، مىنىڭمۇ ھەم شۇنداق ... ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن شۇ قىز بالا قىلغاننى مەن قىلمىغاندىمەن ؟ 1l)j(,Zd* رامزان ئېيىنىڭ باشقا ئايلاردىن پەرىقلىنىدىغان يېرى شۇ ئەمەسمۇ ؟
NL|c
5y
مۇشۇ خىياللار ئىچىدە ھېلىقى يېرىم يالىڭاچ ، ئىچىدىغان ، چىكىدىغان خېنىملار ... قانداقتۇر كاللامدىن غايىپ بولۇپ ، ئاشۇ قىزنىڭ ئوبرازى قەلبىمگە ئورنىدى . RgH 6l2
جەمئىيەتتىكى يامان سۈپەتلىك قىز - ئاياللارنىڭ پەقەت قىسمەن ساننى ئىگەللەيدىغىننى ، ئاشۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلاقلىق ، بىلىملىك ، ياخشى قىز - ئاياللارنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ چىقتىم .
k1g-%DB
بۇ تېمىنى ئوقىۋاتقان ھەر بىر ئەركەكلەر ، ئوغۇللار ... ئاغىنىلەر ... سىلەرمۇ ئاز تولا ئويلىنىپ بېقىڭلار ! بىز ھە دىسە قىز - ئاياللارنى تىللىمايلى ، ئۇلاردىن نارازى بولمايلى ، بىزلەر قىز - ئاياللارغا نەزەر سېلىشتىن - ئۇلارغا باھا بىرىشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تازا بىر تەكشۈرۈپ ، دىئاگنوز قويۇپ چىقايلى ! aUa+]H[
ئۆزىمىزدىن مۇنداق بىر قاتار سۇئاللارنى سوراپ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرىشكەندىن كىيىن ئاندىن قىز - ئاياللار توغۇرلۇق ئويلىنايلى ، چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلالمىغان ، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئىشىنەلمىگەن ھالەتتە قىز - ئاياللار توغرىسىدا مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كەتسەك بۇ قانداقتۇر پەندىھ - نەسىھەت ئەمەس بەلكى غەيۋەت - شىكايەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مومكىن . MaPhG
I_Lm[
- مىنىڭ ئەخلاقىم زادى قانچىلىك ؟ مىنىڭ ئىسلامىي بىلىمىم زادى قانچىلىك ؟ مەن ئەتراپىمدىكىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزەلىدىممۇ ؟ ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن ئىناق ئۆتەلىدىممۇ ؟ ... p)Q5fh0-
5ad@}7&
مەنبە : ئۆز ئوي پىكىرىم 3TjyKB *!
[ بۇ يازما Misranim2 تەرپىدىن 2011-08-05 10:46 AM دە ]