ھاۋانىڭ تىنجىقلىقىدىن تىنغىلىمۇ بولمايتتى،بوۋاي-مومايلار بولسا سايە بولغۇدەك يەرلەرنى تېپىشىپ قىززىق پاراڭغا چۈشكەچ.
(0W)Jd[ -ئۇف ھەجەپمۇ قىززىپ كەتتى بۇ جاھان قىيامەت يېقىنلاپ قالدىمۇ نىمە؟دىيىشەتتى .
)GC9%mF; ھال -ئوقىتى سەل ياخشىراق كىشىلەر بولسا ماشىنىلىرىنى ھەيدىشىپ مەنزىرلىك،سالقىن جايلارغا بېرىپ ھاردۇقلىرىنى چىقىرىشىۋاتاتتى.ئايلىقچىلار شۇ كۈنلۈك ئايلىقىنى تولۇق ئېلىش ئۈچۈن ئىشخانىلىرىدا چوڭ-چوڭ قۇتىلارغا قاچىلانغان بىكارلىق قايناقسۇنى بولۇشىغا ئىچىشكەچ ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ،بىچارە مەدىكارلار بولسا شۇنچە ئىسسىققا قارىماي قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلىشەتتى،تىجارەتچىلەر بولسا كانايلىرى يىرتىلىپ كەتكۈدەك توۋۇلۇشۇپ خېرىدار چاقىرىشاتتى،قەلەندەرلەر ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە قوللىرىنى ئۇزارتىشىپ كۆزلىرىنى لۆمۈلدىتىشەتتى.مەنمۇ بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن چۈشۈپ كەچقۇرۇنلۇقى شەھەرنىڭ جەنۇبىيغا جايلاشقان بەيگە مەيدانىغا قاراپ يول ئالدىم.قاتار-قاتار سېلىنغان ئىككى،ئۈچ ،تۆت بەش قەۋەتلىك بىنالار تار كوچىلاردا ئۇيان -بۇيان قوغلۇشۇپ ئوينىشىۋاتقان بالىلار ،كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كىچىك -كىچىك دۇكانلار ۋە ئەمدىلا ماللىرىنى يېيىشىپ ئولتۇرۇشقان ئۇيششاق تىجارەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئالا-تاغىل توۋۇلاپ خېرىدار چاقىرىشلىرى كىشىگە تولىمۇ ھوزۇر بېرەتتى چۈنكى سىز بۇندىن باشقا يەرلەردە شۇنچىلىك كۆپ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئويناۋاتقان مەنزىرىسىنى كۆرەلمەيسىز...
%Xfy
.v مەن يولنىڭ چېتى بىلەن ھەر خىل خىيالارنى سۈرۈپ كېتىپ باراتتىم تۇيۇقسىز بىرىنىڭ.
Y:-O/X -ۋوي ئوغلان!ۋوي ئوغلان دەپ چاقىرىشى بىلەن خىيال كەپتەرلىرىم قايتاقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى -دە،زەردە بىلەن ئارقامغا قارىدىم.يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ماي دۇكىنىنىڭ ئالدىدا مەن تەرەپكە قول پۇللاڭلىتىپ تۇرغان بىرى كۆزۈمگە چېلىقتى.
LZ 3PQL -بۇ كىم بولغىيتى ئەمدى دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ ئىختىيارسىز شۇ تەرەپكە يول ئالدىم . ئەسلىدە مەمەت ئاتۇش ئىكەن ،مەن سەل يېقىنلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا:
LeTOVgjA| -ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئاكا قانداق ئەھۋالىڭ سالام بەردىم.سالام -سائەتتىن كېيىن ئۇ دۇكىنىدىن بىر دانە ئورۇندۇقنى ئېلىپ چىقتى-دە،ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .دىمىسىمۇ دۇكاننىڭ ئالدى خېلى سالقىن بولۇپ پاكىزە تازىلىنىپ سۇ چېچىپ قويۇلغانئىكەن.
>o_cf*nx -ھە ئۇكا بۇياقلارغا قەدىمىڭ يېتىپ قاپتۇغۇ؟ئۇزۇن بولدى سىنى كۆرمىگىلى خىزمىتىڭ ئالدىراش ئوخشىمامدۇ؟ئۇ خۇددى سوتچىلاردەك سۇئال ياغدۇرۇشقا باشلىدى.
M?QK4Zxb6U -بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق موشۇ كۈنلەردە دىدىم جاۋابەن.
8uD% -ھە تەتىلگىمۇ ئاز قالغاندۇر سورىدى ئۇ تەكرارلاپ .
.FWi$B'; -شۇنداق .
JMVh\($,x -مانا ماۋۇ سۇنى ئىچە دىگىنىچە توڭلاتقۇدىن بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇنى ئالغىنىچە ئۇزاتتى ئۇ.
E$1P H) -رەھمەت ئۇنىڭ قولىدىن سۇنى ئېلىپ ئەمدىلا ئىچەي دەپ تۇرۇشۇمغا بىر توپ بالىلار قىيا -چىيا قىلىشىپ بىر تار كوچىدىن بىر-بىرىنى قوغلاشقىنىچە چىقىپ كېلىشتى، ماشىنىلار سېگىنال بىلەن ئاستا يۈرمەكتە بالىلار بولسا پەرۋاسىز چوڭلارنىڭمۇ كارى يوق.شۇ ئەسنادا بىر شوپۇر ماشىنا ئەينىكىدىن بېشىنى چىقىرىپ :
Hph$Z1{ -چوڭلىرى يوقمىدۇ ماۋۇ بالىلارنىڭ ماشىنا يولىدىمۇ شۇنداق قوغلاشماق ئوينىغان بارمۇ؟ دىيىىشگە .
I/`\>Hk -نىمە دەيدۇ ماۋۇ بالىلار ئوينىساچۇ بېشىڭغا چىقىپ ئوينىمىدى كۆزۈڭگە بىر نىمە كىرىپ قالمىغاندىن كېيىن قايلاپ ھەيدىمەمسەن بىر نىمەڭنى
3Q\k!$zq خۇددى يوغان بىرنىڭمەڭ باردەك بولۇشىغا ھەيدىگىچە غالچا...دىگەن ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى ھېلىقى شوپۇر بولسا ئۈندىمەستىن كېتىپ قالدى .
W6Z3UJ- مەن ئاۋز كەلگەن تەرەپكە سەپ سېلىپ قارىغاندىن كېيىن كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم نېرى تەرەپتە يۈزىگە چىمبەل ئارتىۋالغان بىر ئايال ئۆز غەلىبىسىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا كۆپچىلىككە سۆزلەشكە باشلىغان ئىدى.
<#%kmYSL -بۇ بىر نىمىلەرچۇ يوغان نەرسىسى باردەك ماشىنىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشىپ بوراندەك ھەيدىشىدۇ قىيامەتتە سورىقى بارلىقىنى بىلىشمەيدۇ،بىزلەر بۇ دۇنياغا نەچچە كۈنلۈك مېھمان شۇڭلاشقا تاپقان پۇللىرىمىغا ماشىنا ئېلىشىپ كۆز-كۆز قىلماي غېرىب-غۇربالارنى يوقلىشىمىز سوۋابلىق ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك.ئۇ سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىناتتى باشقىلار ھەق-ھەق دىيىشىپ ئۇنىڭ سۆزىنى قوللىشاتتى .ئىچىمدە‹‹ توۋا خۇدايىم بۇ جاھان نىمە بولۇپ كەتتى ئەمدى.ئەگەر ھۆكۈمەت ئاشۇنداقلارغا ھوقۇق بېرىدىغان بولسا باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاشتىن يانمىغىدەك ››دېگەنلەرنى خىيال قىلغاچ سۇ ئىچىشكە باشلىدىم بىر ھازادىن كېيىن ھېلىقى ئايال كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ زىمىننىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەندەكلا غايىپ بولدى.بالىلار يەنىلا قوغلۇشۇپ ئويناشماقتا،ماشىنا ھەيدىگەنلەر سېگىنال بېرىپ قاقشاشماقتا بىراق كىمنىڭ پەرۋايى دەيسىز بەزىلەر ئارقىلىرىغا بۇرۇلۇشۇپ ‹‹يوغان نىمىسى باردەك››دىيىشسە يەنە بەزىلەر زەردە بىلەن ئالىيىشماقتا توۋا بۇ قانداق جاھان بولۇپ كەتتى ئەمدى شۇ خىياللار بىلەن تۇرغۇنۇمدا ،تۇيۇقسىز مەمەت ئاتۇش .
1}XESAX;0 -ھە مۇئەللىم بىزنىڭ بۇ بەيگە مەيدانى قىززىمدىكەن ؟سورىدى مەندىن.
bb}$7v`G -شۇنداق بەك قىززىيدىكەن دىيەلىدىم ئارانلا.
-بۇ يەرگە كەلگەن كىشى ئۆزىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەممە جايىغا بارغاندەك ھېس قىلىدۇ .چۈنكى بۇ مەھەللىدە ھەممە جايدىن كەلگەنلەر بار ،تولىسى نامراتچىلىقتا ياشايدۇ ،ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ ھەممىنى چۈشىنىسەن دوپپامدەك ئۆيدە بەش-ئالتە جان كىشى تۇرۇشىدۇ دىدى ئۇ ساقىلىنى سىللاپ تۇرۇپ.ئەتىراپتىكىلەرمۇ ئۇنى قولىغاندەك شۇنداق دىيىشتى .بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن . jk9/EmV*r
-بۇ بالىلار دىمىسىمۇ قورانىڭ ئىچىدە ياكى ماشىنا يوق يەرلەردە ئوينىسا بولمامدىغاندۇ؟دىيىشىمگە ئارىدىن بىرى. (*Fb/
-ئەسلىدىغۇ شۇنداق بولسا بولاتتى بىراق ئاتا -ئانا بولغۇچى بالىلارغا ئۇنداق تەربىيە قىلىشمايدۇ دىدى. O&@pi-=o
-نىمشقا سورۇدۇم مەن ھەيرانلىق بىلەن. ;oGpB#[zO
-ماشىنا سوقۇۋەتسە پۇل بېرىدۇ ،ئاياللىرىمىز ياش،ئۆيدە بىكار بولغاندىن كېيىن يەنە تۇغۇدۇ دىيشىدۇ ئۇلار دىدى.ئۇنىڭ بۇ سۆزى خۇددى قۇلاق تۈۋىمگە كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالغاندەك بىلىندى-دە،يەر جاھان چۆرگىلەۋاتقاندەك ھېس قىلدىم ۋە پەرىشان ھالدا ئەتراپىمغا قارىدىم . JthW"{E
-شۇنداق بۇ كىشى توغرا دەيدۇ سوقۇۋەتسە پۇل بېرىدۇ دىدى سۆزگە ئارىلىشىپ كىرلىشىپ كەتكەن شاپاق دوپپىنى قىڭغىر كېيىۋالغان بىرى. m>&:)K}m
توۋا دىگىنىمچە ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە،مەمەت ئاتۇشقا خۇش دىگىنىمچە ئۆيۈم تەرەپكە يول ئالدىم.(مەنبە ئۆزۈم)[ بۇ يازما پادىشاھ تەرپىدىن 2011-08-04 11:18 PM دە ق ]