Z,tHyyF?j ئىزدىنىش ۋە بايقاش :
g[*"LOw ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ،تورداشلار،ۋۇجۇدى يېڭى بىلىم ۋە ئۇچۇرلارغا ئىنتىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئىلىم - پەن ساھەسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە كېڭىيىشى ئۈچۈن ئىزدىنىپ تىرىشىۋاتقان ئىلىم سۆيەر دوستلار ،مەن جەمىئىيىتىمىزنىڭ ئاددى بىر ئەزاسى،شۇنداقلا تور بېكىتىمىزنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۇنبەر مەزمۇنىنى بېيىتىپ،دوستلارنىڭ ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا ئويلىنىش ، مۇلاھىزە قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 10-يۈرۈش قانىلىدا كۆرسىتىلىۋاتقان ‹‹ئىزدىنىش ۋە بايقاش›› پىروگراممىسى ئاساسىدا مەزكۇر كۆپ قىسىملىق تور سەھىپىسى (يېزىقچە نۇسخىسى) نى ئىشلەپ دوستلارنىڭ مۇلاھىزە ھوزورىغا سۇنۇشنى ئىختىيار قىلدىم، خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە ۋاقىت قىسلىقى سەۋەبىدىن ھازىرچە ھەرئايدا بىر سان (قىسىم) ئىشلەپ يوللاشنى پىلان قىلدىم، ياراتقان ئىگەم جېنىمنى تېنىمدە ئامان قىلسا ۋە ئىمكانىيەت يار بەرسە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى تاييارلاپ يوللاشقا تىرىشىمەن. كەڭ دوستلارنىڭ ئورتاق مۇلاھىزە قىلىشىپ، سەمىمى تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى، ئىملا يېزىقتا خاتالىق كۆرۈلسە توغىرىلاپ ئوقۇپ چۈشىنىپ كېتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
~{GTL_w ئاخىردا ئۇلۇغ ئاللاھدىن بارلىق قەۋم-قېرىنداشلارنىڭ ئىمان - ۋىجدانىغا پاكلىق، تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخت، خىزمەت كەسىپلىرىگە نەتىجە تىلەيمەن، شۇنداقلا مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ ئىللىق ،رەڭگا-رەڭ ئائىلىدە مەنىۋىيىتىمىزنىڭ كۈنسىرى بېيىپ، نەزەر دائىرىمىزنىڭ كېڭىيىپ ،دوستلۇقىمىزنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشنى چىن قەلبىمدىن ئارزۇ قىلىمەن.
cm0$v8 ھېكمەت ئېلى
"Zy:q'`o 1-بۆلۈم: سىرلىق تاشقى دۇنيا مەدەنىيىتى
I$ R1#s بىز ياشاۋاتقان بۇ يەرشارى بولسا چەكسىز ئالىم بوشلۇقىدىكى ساناقسىز پلانت-سەييارىلەرنىڭ كىچىككىنە بىر ئەزاسى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار بايقىغان بىردىن-بىر ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋە جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان پىلانت ھېساپلىنىدۇ. بىراق 1897-يىلى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا يۈز بەرگەن ئاۋرورا ۋەقەسىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ خىيال-تەسەۋۋۇرىدا تاشقى دۇنيا ياكى تاشقى پىلانت قارىشى ھەمدە تاشقى پىلانت ئادەملىرى توغرىسىدىكى ئۇقۇملار پەيدا بولدى ۋە تارقالدى.
(I`lv=R"j يەر شارىدىن باشقا پىلانت - سەييارىلەردىمۇ جانلىقلار، جۈملىدىن ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە جانلىقلار مەۋجۇتمۇ؟ بۇ تالاي يىللاردىن بويان ئىنسانلار قىزىقىۋاتقان ۋە ئالىملار ئىزدىنىۋاتقان مۇھىم مەسلە بولۇپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر بۇ توغرىلىق نۇرغۇنلىغان كۆز - قاراشلىرى ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزىلەر ھەتتا يالغان ئاخبارات - ۋەقەلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ كەلدى، بىراق يەر شارىدىكى تا ھازىرغىچە سىرى ئېچىلماي كېلىۋاتقان بىرقىسىم مەدەنىيەت - مىراسلىرى ۋە ھادىسىلىرى يەنىلا ئىنسانلار تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى تاشقى پىلانت مەدەنىيىتىگە زىچ باغلاپ كەلمەكتە، شۇڭا مەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار ۋە فىلىملەردىن پايدىلىنىپ بۇ تېمىنى تەييارلىدىم، كەڭ تورداشلارنىڭ تەپەككۇر- مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!
~MP |L?my 1-قىسىم:ئاۋرورا ۋەقەسى
XS
#u/!
كۆرگۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە: 1897-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ ئاۋرورا بازىرىدا كىشىلەر بىر سىگارېت شەكىللىك كۈمۈش رەڭلىك ئوچار جىسىمنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ كېلىپ، پىلوكھىت دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بىر شامال چاقپىلىكىگە سوقۇلۇپ پارتىلاپ كەتكەن. كىشىلەر دەرھال بۇجايغا يېتىپ كېلىپ، نەق مەيداندا پارتلاشتا پاچاقلىنىپ كەتكەن بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ سۇنۇق-پارچىلىرىنى ۋە پارتلاشتا كۆيۈپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بىر نامەلۇم جەسەتنى كۆرگەن، كىشىلەر تەپسىلى تەكشۈرۈش ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ جەسەتنىڭ بىز ياشاۋاتقان يەرشارىغا تەۋە ئەمەس ئىكەنلىگىنى بايقىغان. ۋەقەدىن كېيىن كىشىلەر ئۇچار جىسىم پارچىلىرىنى شۇ جايدىكى بىر كونا قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن، نامەلۇم جەسەتنى بولسا خرىستىئان دىننى قائىدىسى بويىچە شۇ جايغا دەپنە قىلغان، قەبرە تېشىغا بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم ۋە تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ تەقلىدى تەسەۋۋۇر شەكلىنى ئۇيۇپ قالدۇرغان.
D2GF4%| ئەتىسى ئامېرىكا ‹‹داللاس گېزىتى›› بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغان، شۇندىن ئېتبارەن كىشىلەرنىڭ دىققەت – نەزىرى چۈشمەي كەلگەن بۇ كىچىككىنەم بازار پۈتۈن ئامېرىكا خەلقنىڭ قىزىقىش نوقتىسىغا ئايلانغان، ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئاڭ-خىيالىدا تاشقى پىلانت ۋە تاشقى پىلانت ئادىمى ئۇقۇمى پەيدا بولغان (ئىلگىرى تار دائىرىلىك تاشقى پىلانت ئادىمى نەزىرىيسى مەۋجۇت ئىدى) .
R={#V8D~ ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندە يەنى 1973- يىلى خەلقئارا U F O تەشكىلاتى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ بۇجايغا كەلگەن، ۋە ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولغان، بىراق يەرلىكلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، يەرلىك خەلق قەبرىنى ئېچىش دىننى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ دەپ ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلغان ھەم قەبرە تېشىنى يۆتكىۋەتكەن، شۇ سەۋەپتىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار شۇ يەردىكى ئەينى چاغدىكى شۇ ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنى ئىزدەپ زىيارەت قىلغان، لېكىن ئارىدىن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتكەچكە ئېنىق بىلىدىغانلىرى ئاساسەن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ پەقەت ئۈچ كىشىلا بۇ ۋەقەنى ئەسلىيەلىگەن.
0@[*~H0{n مارى ئىۋاننىس ئىسىملىك بىر ئايال مۇنداق دېگەن: شۇچاغدا مەن سەككىز ياشتا ئىدىم، بىزنىڭ ئۆيىمىز دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئىدى، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى مەن ئۆيدە ئاپام بىلەن ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز قاتتىق پارتىلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاپام بىلەن شۇ جايغا باردىم، قارىسام ھەقىقەتەن بىر نەرسىنىڭ پارتىلاپ پاچاقلىنىپ كەتكەن پارچىلىرى تۇراتتى، ئەتراپنى قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن ئىكەن، ئوزۇن ئۆتمەي ئاپام مىنى ئۇ جايدىن كەتكۈزىۋەتتى، ئەتىسى بىز قانداقتۇر بىر سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادەمنى دەپنە قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم دېگەن.
;l1.jQh چارلىز ستېۋىنس ئىسىملىك بىر كىشى : شۇ چاغدا مەن ئون ئىككى ياشلاردا ئىدىم، بىز دېھقانچىلىق مەيدانىغا يېقىن جايدا ئەمگەك قىلىۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز بىر نەرسىنىڭ قاتتىق پارتىلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. دېھقانچىلىق مەيدانىدىن قويۇق ئىس – تۈتەك كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق، بىز بىللە شۇ جايغا بارساق ھەقىقەتەن بىر كۈمۈش رەڭلىك بىر جىسىمنىڭ پارتىلاپ پاچاقلىنىپ كەتكەن پارچىلىرىنى كۆردۇق، چوڭلار پارچىلارنى كونا قۇدۇققا تاشلىۋەتتى، ئەتىسى بىز قانداقتۇر بىر سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادەمنى دەپنە قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق دېگەن.
w3 kkam" روبى ھاننىس ئىسىملىك بىر كىشى تەكشۈرگۈچى خادىمغا : شۇ يىلى بازاردا شۇنداق بىر غۇلغۇلا بولغىنى راست، مەن سەككىز - توققۇز ياشلاردا ئىدىم، ئېنىق ئىسىمدە بار، لېكىن قانداقتۇر تاشقى پىلانت ئادىمى، ئۇچار جىسىم دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوق گەپ، بۇ دېگەن شۇ جايدىكىلەرنىڭ (ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ) ئويدۇرمىسى دېگەن.
<W>A }}q بۇ كېشىنىڭ بايانىنىڭ ئاساسى شۇكى ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ بازارنى سىرىتقا تونۇتۇش، ۋە سىرت بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىنى كۈچەيتىپ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى ئويدۇرۇپ چىققان. شۇ ئارقىلىق بۇ بازارنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرغان.( كېيىن بۇ ئاساس نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن)كىشىلەر بۇخىل كۆز قاراشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان، ۋە بۇ ۋەقەنى چوڭ ئالدامچىلىق دەپ تەشۋىق قىلغان.
ZyDNtX% لېكىن شۇ جايدىكى % 80 كىشىلەر بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىيلىقىغا ئىشىنىدۇ. بەزى ئانالىزچىلار بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئەينى چاغدا ياسالغان ئايروپىلان ياكى دىرىژابىل بولۇشى مۇمكىن دېگەن، بىراق ئېنىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئاكا-ئۇكا رايىتلار ياسىغان تۇنجى ئايروپىلانمۇ بۇ ۋەقەدىن 6 يىل كېيىن يەنى 1903-يىلى ئۇچۇرۇلغان، دېرژابىلنىڭ كىشىلەر بايان قىلغىنىدەك ئۇنداق تېز سۈرئەتتە ئۇچالىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ ئايروپىلان ياكى دىرىژابىل بولۇشى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى :ئەگەر بۇ ۋەقە ھەقىقەتەن راست يۈز بەرگەن بولسا ئۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم ۋە ئادەمنىڭ يەر شارى سىرتىدىن كەلگەنلىكى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
x.4z)2MO تەكشۈرگۈچى خادىملار يەنە بۇ جايدىن بىر پارچە مېتال پارچىسى تېپىۋالغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ماددىنىڭ تۆمۈر ئىكەنلىگىنى، بىراق ئېغىرلىقىنىڭ تۆمۈرنىڭ 2\1 گە توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ماگىنىت تۇتمايدىغانلىقىنى بايقىغان.
xticC> بىروللى ئوۋىز ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئىيتىشىچە ئو ھېلىقى كونا قۇدۇقنىڭ يېقىن ئەتراپىدىن بىر باسما قۇدۇق ئورناتقان ھەم سۈيىنى ئىچكەندىن كېيىن قولى ئېغىر دەەرىجىدە قاپارتما ئۆرلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، نۇرغۇنلىغان دوختۇرلارغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ بۇ كېسەللىكنىڭ تىپى ۋە پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى ئىنىقلاپ چىقالمىغان.
Mk0x#-F شۇنداق قىلىپ بۇ ۋەقە ئۇزاق تارىخى جەرياندا كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ياكى بۇرمىلىنىپ راست بىلەن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىپ بارغانسىرى سىرلىقلىشىپ كەتكەن. بىراق شۇندىن ئېتبارەن شۇنىڭغا ئوخشاش نامەلۇم ئۇچار جىسىم ۋە تاشقى پىلانت ئادىمى ھادىسىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرغان. كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر – ئاخبارات ۋە ئارخىپ ھۆججەتلەرنى مۇتلەق مەخپى تۇتقاچقا كىشىلەرنىڭ بۇ توغۇرلۇق ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىش دائىرىسى كېڭىيەلمىگەن ۋە ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىشى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا تاشقى دۇنيا مەدەنىيىتى تا ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى بىز ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تىرىشىشى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ سىرلارنى يېشىشكە تۈرتكە بۇلالايدۇ.
/ Y od مەنبە:CCTV-10
I`*5z;Q!%@ ئۆزەم
@HiGc^X( ?AD-n6 مۇناسىۋەتلىك سۆرەتلەر بار ئىدى بىراق يوللىيالمىدىم.كەچۈرۈڭلار..
NuSdN>8ll (1-قىسىم تامام)
/Jc{aw %#rtNDi [ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-08-03 01:52 AM دە ]