e}uK"dl( uY5|Nmiu ئۇ يەنە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ” سەپىرى “ ئۇزاققا بارمىدى ،ئۆيدىن چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاكىسى ئۇنى تۇتىۋالدى،ئۇ ئاكىسىغا شۇنچە يالۋۇرغان بولسىمۇ ئاكىسى ئۇنى قويۇپ بېرىدىغاندەك قىلمايتتى .ئاكىسى ئۆيدە بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن بىخەۋەر بولغاچقا ، سىڭلىسىنىڭ نىمىشقا قېچىپ كېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى.
g7zl5^o3j _ ئاۋال مەن بىلەن ماڭ ، قالغان گەپنى ئۆيگە كىرىپ دېيىشەيلى ، _ دېدى ئاكىسى ئۇنىڭ قولىنى كۈچەپ تارتىپ .
Xe_ <]| _ ياق ، ئۆيگە كىرمەيمەن ، ئەمدى ئۇ ئۆيگە قەدەم باسقۇم يوق ، _ ئۇنىڭ قولى ئاغرىپ كەتتىمۇ قانداق ، قارشىلىق كۆرسىتىپ ئاكىسىنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ قېچىپ كەتمەكچى بولاتتى .لېكىن ئۇ ئاكىسىغا قانداقمۇ تەڭ كېلەلىسۇن ؟!
}h^
fX ئاكىسى ئۇنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان قاپقارا كۆزلىرىگە ، بىچارە قىياپىتىگە قاراپ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ باققۇسى كەلدى .
FDl/7P`b( _ ئېيتە ، زادى نىمە ئىش بولغانتى ئۆيدىن چىقىپ كەتكۈدەك ؟
76w[X=Fv ئۇ ھازىرلا ئېقىپ چۈشەي دېگەن كۆز ياشلىرىنى يۇتىۋېتىپ ، يەرگە قاراپ سۆزلىدى :
S(PV*e8 _ ئاكا ، ئاپام مېنى ساڭا ياتلىق بولىسەن دەيدۇ ، ئېيتقىنە ، بىز ئاكا -سىڭىل تۇرساق ، توي قىلىشىمىز مۇمكىنمۇ ، مەن ئالدىنقى قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇنلا ئاپام ماڭا بۇ ئىشنى دېگەن ، ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ بىر مەزگىل قارشىلىق كۆرسەتسەم ، بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئالماسمىكىن دەپتىمەن ، ئەپسۇس ، ئەمدىلا قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ يەنە بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئېلىۋاتىدۇ ، ئاكا ، دېگىنە ، قانداق قىلاي ، ماڭا ياردەم قىلغىن ، ئاپامنى سەن گەپكە كىرگۈزگىن بولامدۇ ، ئاكا ؟
!gkr?yhE ئۇ يېلىنىش ھەم سوئال نەزىرىدە ئاكىسىغا قارىدى ، كۆڭلىدە ئاكىسىنىڭ ماقۇل بۇلۇشىنى ، ئاپىسىغا نەسىھەت قىلىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى ، چۈنكى ئاپىسى ئاكىسىنىڭ گېپىنى ئۆزىگە قارىغاندا بەكرەك ئاڭلايتتى .
6y^
zC? ئاكىسى سىڭلىسىنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن ھەيران قالغاندەك قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىدە خۇشال بولاتتى. چۈنكى ئۇ سىڭلىسى بىلەن ئۆزىنىڭ قاندش ئاكا - سىڭىل ئەمەسلىكىنى بىلگەن كۈندىن تارتىپ ، ئۇنى بىلىپ بىلمەي ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى .
~<_#%R! بۇ ئىككىسىنىڭ ئاتا - ئانىسى توي قىلغان چاغدا ، سىڭلىسى ئىككى ياش ، ئاكىسى بولسا ئۈچ ياشتا ئىدى . شۇڭا خېلى چوڭ بولغىچە ئۇلار بىر - بىرىنى ئۆز ئاكام ، ئۆز سىڭلىم دەپ يۈرەتتى . نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇلارنىڭ دادىسى كېسەل سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي ئاپىسى ھەقىقي ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتتى ،دەسلەپتە ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ ھاڭ - تاڭ قېلىشتى ،شۇنىڭدىن باشلاپ ئاكىسى سىڭلىسىغا قارىتا بەزى گەپ - سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلەردە دىققەت قىلىدىغان بولدى ،كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئاكىسى سىڭلىسىنى بىر كۈن كۆرمىسە ھالەتكە يەتكەنىدى .ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشىلىق مېھرىنىڭ يات جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتكە ئۆزگىرىپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز ؟
Dl/ C?Fll سىڭلىسى ئاكىسىنىڭ گەپ قىلماي ھاڭۋېقىپ تۇرغان ، خىيال دەرياسىغا غەرق بولغان ھالىتىنى كۆرۈپ بىرنى نوقۇپ قويدى ، ئاكىسى دەرھال خىيالدىن ئۆزىنى تارتىۋالدى .ئاكىسى ھەيران قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ :
LgF?1? _ بۇ ئاپام نېمىنى ئويلايدىغاندۇ زادى ؟ ئاۋال ئۆيگە كىرىپ قالغان گەپنى ئۆيدە دېيىشەيلى ، كەچ بوپ كەتتى ، ھاۋا سوغۇق ، ئاغرىپ قالىسەن .
*
P' X[z _ ئاكا ، ئاۋال مەڭە ماقۇل بول ، بولمىسا ئۆيگە ھەرگىز كىرمەيمەن ،_ سىڭلىسى قەتئىيلىك بىلەن دېدى .
hF-QbO ئاكىسى ماقۇل بولغاندەك قىلىپ ، سىڭلىسىغا قاراپ بېشىنى يېنىك لىڭىشىتتى ، ئۇلار ئۆي تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
P*"c!Dn FsqH:I4O * * * * * * *
~3s?.[}d _قىزىم ، ناماز ۋاقتى بولدى ، قوپۇڭ ئەمدى .
RFbf2s\t ئاپامنىڭ نەچچە رەت تەكرار توۋلىشى بىلەن كۆزۈمنى يىرتىپ ئېچىپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم .نامىزىمنى ئوقۇپ بۇلۇپ بايىقى چۈشۈمنى ئەسلەشكە باشلىدىم . ” ھەي ، ئاجايىپ چۈش كۆرۈپتىمىنا ، خۇددى كىنو كۆكرگەندەكلا ، كىنو كۆرۈشكە ئامراقلىقىمدىن ئوڭۇمدىلا ئەمەس ، چۈشۈمدىمۇ كىنو كۆرۈپتىمەن دېسە “ . ئۆينى بىرە قۇر تازىلاپ ، يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بايىقى چۈشنىڭ ئاخىرنى كۆرەي دەپ يەنە ياتتىم ، لېكىن ھېچ ئۇيقۇ كېلەي دېمەيۋاتاتتى . بىردمدىن كېيىن ئاپام يېنىمغا كىرىپ :
I;@q`Tm _ يەنە ئۇخلاۋاتامسىز ، ئۇخلاپ قانمىدىڭىزمۇ ؟_ دېدى كايىغان قىياپەتتە .
. gy:Pl]w مەن ئاپامغا كۆرگەن چۈشۈمنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم ھەمدە شۇ چۈشنىڭ ئاخىرىنى كۆرەي دەپ ياتقانلىقىمنى ئېيتتىم .
N #v[YO`. ئاپام مىيىقىدا كۈلۈپ دېدى :
Kii@Z5R_? _ ۋاي ئەخمەق قىزىم ، ئەمدى ئۇ چۈشنىڭ ئاخىرىنى كۆرمىكىڭىز تەس ، ئۇ چۈشنىڭ ئاخىرىنى مەنلا سىزگە سۆزلەپ بېرەي ، ئۇ ئىككىسى يا توي قىلىدۇ ، يا توي قىلالمايدۇ ، مۇشۇنىڭدىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ...سىزنىزە ...
Pjh;;k|V مەن ئۈمچەيگەن قىياپەتتە ئاپامغا قارىدىم . ئشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن بىر ئۇخلاپ باقاي ، يا كۆرەرمەن ، يا كۆرمەسمەن ... كۆرۈپ قالسام تەلىيىم ، كۆرمەي قالسام كەڭ تورداش دوستلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ - پىكىرلىرىگە تايىنارمەن .
o135Xh$_>' _7N?R0j^9N بۇ مېنىڭ تۇنجى ئەسىرىم ، شۇڭا نۇرغۇنلىغان كەمتۈكلىكلەر بۇلۇشى مۇمكىن ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەرقانداق تەكلىپ - پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
[ بۇ يازما ئارقۇ تەرپىدىن 2011-08-02 07:45 AM دە قاي ]