مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       4497 
  •    ئىنكاس 
       15 

ئۇيقۇسىز چۈش     (  ھېكايە)    

قەۋەت ئاتلاش
lalizar0902
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21499

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   209 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4270 (سوم)
 ياخشى باھا:   332 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   364  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1922
 سائەت
دەرىجىسى:
1922 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-09
ئاخــىرقىسى:2011-10-27

  مەن قومۇل دىيدارىدىن چىققان يازغۇچى ئارسىلان تالىپنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.  مەن مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن "ئۇقۇسىز چۈش" ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىكى شۇ ناملىق ھېكايىسىنى سۇندۇم. )#8g<]q  
6bc\ )n`  
ئۇيقۇسىز چۈش  
zfE8=d8U  
ھېكايە
t1U+7nM  
ئارسىلان تالىپ
1og+(m`BL  
    تاق، تاق، تاق... 122s 7A  
   تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن مەخسوس ئېچىلغان بۇ كېسەلخانىدىكى جىمجىت كارىدوردا تونۇش ئاياق ئاۋازى ئاڭلاندى. پولغا سۈنئى گىلەم سېلىنغان بۇ ئاۋاز شۇ قەدەر تەكشى ھەم رېتىملىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ ئاۋاز 223- نومۇرلۇق ياتاقتىكى نەفىسەگە شۇنچە تونۇشلۇق ئىدى. 5y 5Dn!`  
   تاق،تاق،تاق... b1cVAfUP  
   ئاياق ئاۋازى يېقىنلاپ كەلگەنچە نەفىسەنىڭ يۈرەك رېتىمى تېزلەشمەكتە، تاغ تېزمىسىدەك چوقچىيىپ تۇرغان كۆكسى ھېلىلا پارتىلايدىغاندەك چىڭقالماقتا. ئاق سېرىق يۈزىچۇ تېخى، چىلاندەك قىزىرىپ، تونۇر تەپتىدەك ھارارەت تارقاتماقتا. كۆزىگە سايە تاشلاپ تۇرغان قايرىما كىرپىكلىرىلىكىلداپ، قاشلىرى يىمىرىلىپ، بېسىپ بولماس ھاياجاننىڭ تەسىرىدىن پۈتۈن بەدىنى خۇددى كۈز غازاڭلىرىدەك يېنىك تىترىمەكتە. مانا بۇ مەسئول دوختۇرنىڭ نەفىسەنىڭ كىسەللىكىنى كۈنىگە بىر قېتىملىق تەكشۈرەش، كېسەللىك ئارخىپىنى يېزىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان چاغدىكى ئاياغ ئاۋازىنىڭ تەسىرى. بۇ ئاۋاز نەفىسە ئۈچۈنئەنەشۇنداق قۇدرەتلىك، بۇ نەفىسە ھېسىياتىنىڭ بىر ھازا توقۇناقلىشىشىدىن كىيىنكى ھالسىرىشى، ئەسەبىلىك ئىچىدە قايمۇققان نىمجان يۈرەكنىڭ يات جىنىسقا بولغان تەلپۈنىشىنىڭ ئاداققى چېكى. me{u~9&  
   نەفىسە ئۆزىنىڭ قۇلاق بېزى ياللۇغىنى ئوپىراتسىيە قىلغان دوختۇر مۇھەممەتنى ئوپىراتسىيەدىن كېيىن- ئۇ ئاغزىدىن ماسكىنى ئېلىۋەتكەندىلا  تونۇپ، ھەيرانلىقتا ۋاقىرىۋەتكىلى تاسلا قالغان ، ئەسلىدە ئۇ ئوپىراتسىيە دوختۇرىنى ئەللىك ياشلار چامىسىدىكى ئۆزىنى توختاتقان، تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن، ئېغىر- بېسىق بىر مۆتىۋەر دەپ پەرەز قىلغانىدى. ئەمىليەتتە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغىنى ئەمدىلا يېگىرمە نەچچە ياشقا كىرگەن يىگىت بولۇپ چىقتى. ئۇنىڭدىكى چىراي، قاببىليەت، كەسپى ئىلغارلىق نەفىسەنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلىۋەتتى. ئۇ بۇ تاسادىپىلىقتىن دەمىلاتىن ھەيران بولسىمۇ، بارا-بارا تەقدىر -قىسمەتنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاپىرىن ئوقىماي تۇرالمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاىىرى ئۆز مەقسىتىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشغا، كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىشكە ئىشەنچ تۇرغۇزدى. @{q<"hT  
   " خۇدايىم نىسىپ قىلسا سۇلايماندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دوختۇر ئېلىپ چىقىپ، سۇلايماننى ئېغىر دەرتكە قويىمەن". بۇ نەفىسەنىڭ تۈركىيەدىن مېڭىش ئالدىدا ئاتىسىغا ئېيتقان يۈرەك سۆزى. " مانا مۇھەممەت ھەر جەھەتتىن سۇلايماندىن ئۈستۈن تۇرىدىكەنغۇ، سۇلايمان ناھايىتى بىر تېڭىق دوختۇرى، مۇھەممەتچۇ؟ تاشقى كېسەللەر بويىچە ئۇستا ۋىراچ. تىببىي ئىلىم ساھەسىدە يوقۇرى مەلۇمات ئالغان..." :b(W&iBWhI  
   لېكىن چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ. مۇھەممەتنىڭ رايىنى سىناش، كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئۆزىگە مايىل قىلىش نەفىسەنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشى ئىدى. قېرىشقاندەك مۇھەممەت ئۇنىڭ چىرايىغا، مال- مۈلكىگە، يوقۇرى ئابرويىغا تازا قىزىقمىغاندەك تۇراتتى. بۇ ھالەتكە رەللە بولۇپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە ئۇ مۇھەممەتنىڭ ئۆيلەگەن يىگىت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بىر بالىسىنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ قالدى. بۇ خەۋەر ئۇنى روھسىزلاندۇرۇپ، كۈچ -مادارىنى خۇددى سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈكتەك بىراقلا يوقىتىپ، ئۇنى كارۋاتقا قايتا چاپلىۋەتتى. " خوتۇنى بار ئەر" بۇ سۆز ئۇنىڭ كاللىسىنى قۇچىۋەتتى. لېكىن، نىمە ئۈچۈندۇر موشۇ تونۇش ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا قايتا جانلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھال ئۇنى شېرىن خىياللار بۆشۈكىگە بۆلەپ، نازۇك سېزىم تەسىرىدە ئەللەيلىتەتتى." سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ" دېگەن سۆزنى يادىغا ئېلىپ ئكزىنى تۈزەشتۈرەتتى. لېكى بەزىبىر ئىشلاردا ئاجىز كېلىپ ئۈمىدسىزلىنىپ قالاتتى. 0IdA!.|  
   _ بۈگۈن قانداقراق تۇرىسىز نەفىسە؟! A)3H`L  
   نەفىسە چۆچۈپ كەتتى. باياتىن بېرى زەڭگەر كۆزلىرىنى كىرپىكلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تەگسىز خىيالغا غەرق بولۇپ كەتكەچكە، مۇھەممەتنىڭ كارۋات يېنىدا پەيدا بولغىنىنى تۇيمىغان ئىكەن. كۈندىلىك ئادەت سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ سۇئال بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كىرپىكلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان زەڭزەر كۆزى خۇددى بۇلۇت ئارىسىدىن شۇڭغۇپ چىققان ئايدەك جامال كۆرسەتتى. بۇ كۆزلەر مۇھەممەتنىڭ ئىپادىسىز كۆزلىرىگە مىختەك قادالغىنىدا مۇھەممەت كۆزىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبور بولۇپ، كارۋات يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتتى. 0+$gR~^^  
   ئوتلۇق قولدىن تارقىلىۋاتقان ھارارەت، تومۇر-تومۇرلاردىن سىرغىپ كېلىۋاتقان نازۇك سېزىم نەفىسەنىڭ بېغىشى ئارقىلىق پۈتۈن بەدىنىگە تاراۋاتاتتى. نەفىسە بۇ سېزىمگە بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك كۆزىنى يۇمدى. rD4 umWi  
   تونۇش سۇئال، تونۇش ئاھاڭ، تونۇش ھەركەت، بۇلارنىڭ ھەممىسى نەفىسەنى ئازاپلايتتى.بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن نەفىسە شۇ خىل تونۇش ھەركەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئېلىنغان. ئۇ چاغدا نەفىسە ئۆزىنىڭ بۇ دەرىجىدە سېھىرلەنگەنلىكىنى، بەدەنلىرىنىڭ نازۇك سېزىم ئىلكىدە يېنىك تىترىگەنلىكىنى ھېس قىلالمىغان. لېكىن ئەينى چاغدا، ئۇ تڭىق دوختۇرى سۇلايماننىڭ گەپ قىلغاندا ئۇنىڭ كۆزىگە يەۋەتكىدەك تىكىلگەنلىكىنى، ئاخىرىدا " سىزگە كۆيۈپ قالدىم نەفىسە"  دىگەنلىكىنى چۈشىدىكىدەك ھېس قىلالىغان. ئەمدىچۇ، مۇھەممەت بۇ گۈزەل قىزغا ئىپادىسىز قاراۋاتىدۇ. سۇلايمانغا ئوخشاش ئۇنىڭ كۆزلىرىنى، قوڭۇر رەڭ چاچلىرىنى، پىچاق بىسىدەك قىرلىق بۇرنىنى، كۈلگەندىلا پەيدا بولىدىغان زىناقلىرىنى ماختا تۈگۈل شۇ گۈزەللىكلەردىن ئازراق بولسىمۇ ھوزۇرلىنىشنى، " كۆزىنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈش" نى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايۋاتىدۇ. ئەجەبا گۈزەللىكمۇ  ئېتىبارسىز، ئىپادىسىز قاراشلارغا دۇچار بولامدىغاندۇ؟! ئۇ، " بىراۋنىڭ كۆزىگە تېكىلىش ئاشىقلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ھال ئۇزاق داۋاملاشسا ئاشىقلىقنىڭ ئاخىرقى چەككە يەتكەنلىكى بولۇپ، ئاشىقنىڭ روھى ئازاپ ئىلكىدە قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى، تىكىلىپ قاراشقا پەرۋاسىزلىق قىلىش كېشى روھىيىتىگە بېرىلگەن ئېغىر زەربە" دېگەن سۆزلەرنى سۇلايماندىن ئاڭلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، سۇلايمان ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئوتلۇق  قاراشلىرى بىلەن نەفىسەنى يەڭگەن، كۆڭلىنى ئۇتقان، سۇز تىترەك ئۇلىشىپ تۇرغان قوللىرىنى ئۇنىڭ تومۇرى ئۈستىگە قويۇپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ئولتۇرۇش ئارقىلىق يىگىتلىك ھارارىتىنى ھېس قىلدۇرغان؛ ئاخىرقى ھېساپتا نەفىسە بىلەن توي قىلىپ تۇركىيەگە كەتكەن ئىدى. T]Ai{@i  
   _ قىزىتىپ قالغاندەك تۇرىسىز نەفىسە. 5qW>#pTFVV  
   نەفىسە ئېسىگە كەلدى، مۇھەممەت ئۇنى ئېغىر خىيال قۇچىقىدىن قايتا سۈزىۋالغانىدى. ئۇ كۆزىنى لاپپىدە ئاچتى. پاھ، نىمە ئىش بۇ،  مۇھەممەت مانا ئەمدى ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ، خۇددى يا ئوقىدەك كۆزلىرىنى ئۇنىڭ قىزارغان چىرايىغا بەتلەپ تۇرىدىغاندۇ؟! بۇ ھەقىقى ئاشىقلارچە تىكىلىش ئەمەسمۇ؟ بۇ ، ئاشىقلارچە قاراش، ۋىسال پەيتىنى ئىزدەش دەقىقىلىرى ئارىلىقىدا زەرەتلىنىدىغان ئوتلۇق تېكىلىش، بۇ كۆزلەردىن ۋىسال پەيتىدىكى ئىنتىلىش، ھېجران ئازابىدا يۈرىكى ئۆرتەلگەن غېرىپ ئاشىقنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئالدىدىكى تەلپۈنۈش، ئاشىقلارغىلا مەنسۈپ بىرخىل ئوتلۇق قاراش چاقناپ تۇرغىنى نىمىسى؟! كۆزۈم خاتا كۆرۈۋاتامدۇ ياكى بۇ بىر خىل خىيالى چۈشمۇ؟! ياق، ياق، كۆزلەردىن سۆيگۈ نۇرى چاقنىماقتا. مانا بۇ كېسەلخانا كارۋىتى، ئەنە223- نومۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىشىكى، چايدان، ئىستاكان... ھەممىلا نەرسە ئۆز پېتىچە تۇرسا چۈش كۆرگىنىم نىمىسى، بۇ رېئاللىق، مۆجىزە، مېنى ئارمىنىمغا يەتكۈزىدىغانداغدام يولنىڭ تۇنجى بېكىتى. ئاھ، جانغا ئارام، تەنگە ھوزۇر بېرىدىغان ئاشۇ كۆزلەر، سەندىكى سىرنى ئەمدى چۈشەندىم. راستىنلا كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى ئىكەنغۇ؟! نەچچە كۈندىن بۇيانقى ئىچكى ھاياجاننى ئىپادىلەپ تۇرغان كۆزلۈرۈم ئاىىر مەقسىدىنى ئۇقتۇرغان ئوخشىمامدۇ؟! ياق، سۇلايمان " سىز كۆزىڭىزنى يۇمسىڭىز تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كىتىسىز " دېگەن ئەمەسمىدى، دېمەك، مۇھەممەت مېنىڭ مىنۇت ئارىلىقىدىكى ئاشۇ گۈزەللىكىمدى ھوزۇرلانغان ئىكەن-دە. K)! ^NT  
   _ مۇھەممەت، سىز نىمە دىگەن ياخشى-ھە!_ تىترەڭگۈ ئاۋازدا ئېيتىلغان بۇ سۆزلەر جىمجىت كېسەلخانىنىڭ قېلى دۇخاۋا پەردىلەرەە ئورالغان دېرىزىسىدىن ئەكس سادا چىقاردى. زەڭگەر كۆزلەر مۇھەممەتنىڭ چىرايىدىن پاناھلىق تېلىگەندەك ئۈمىدلىك تېكىلدى. مۇھەممەت بۇ ماختاشتىن، بۇ ئوتلۇق قاراشتىن خىجىل بولغاندەك كۆزلىرىنى نەفىسەدىن يەنە قاچۇردى. xlJWCA*>  
  _ بۈگۈن بەزى دورىلارنى يەڭگۈشلىمىسەك بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ،_ مۇھەممەت قولىدىكى قاتتىق تاشلىق كېسەللىك ئارخىپىنى ۋاراقلاپ بىر نەرسە يېزىشقا تۇتۇندى. ئۇنىڭ خەت يېزىۋاتقان قولى تىترەۋاتاتتى. دېمىسىمۇ گۈزەللىك ئاىر غەلبە قىلغانىدى. dd 
   _ روھىيەتنى داۋالاش قولىڭىزدىن كەلمەمدۇ مۇھەممەت ئەپەندى،_ نەفىسەنىڭ كۆزلىرى يەنىلا مۇھەممەتنىڭ چىرايىدىن بىرەر ئىپادە تاپماقچى بولغاندەك بىر نىشانغا قادالدى،_  تېنىمنىڭ قىزىقلىقى قۇلاق بېزى ياللۇغىنىڭ تەسىرىدىن بولمىسا كېرەك... |u^S}"@3sU  
   -گېپىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم نەفىسە،  روھ ئىنسان ۋۇجودىدىن ئايرىلغان، تەندىن مۇستەسنا بىر ئۇقۇمغۇ. قارىغاندا سىز مېنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىيالمىغانلىقىم سەۋەپلىك راۋىرۇس ساقىيالمىغان ئوخشايسىز. e%L[bGW'  
  _ ياق، مەن ساقايدىم، پۈتۈنلەي ساقايدىم، مېنى بۇنچە تېز ساقايتقىنىڭىزغا ئاپىرىن، لېكىن مەن روھى كېسەللىككە مۇپتىلا بولۇپ قالدىم، بۇ كېسەللىك نىمە بىلەمسىز، بۇ دەل ئاشىقلىق كېسەللىكى. ئەمدى سىز موشۇ كېسەللىكىمنى داۋالاپ ساقايتىشىڭىز كېرەك. بۇ كېسەللىك ئېغىرلاشسا قۇلاق بېزى ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن مۇھەممەت ئەپەندى،_ نەفىسە كۆكرىكىنى يېپىپ تۇرغان يوتقاننى پەسكە سۈرۈپ ياستۇققا يۆلەنگەن ھالدا ئۆرە بولدى. ئۇنىڭ يېرىم ئوچۇق كۆكسى ھاياجاندىن لەرزىگە كەلگەن بولسا كېرەك، دەم كۆتۈرلۈپ، دەم پەسىيىپ تۇراتتى. 'UWkJ2:!  
   مۇھەممەت گاڭگىراپ قالدى، ئۇ بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي تۇراتتى. چۈنكى، نەفىسەنىڭ ئوتلۇق تېكىلىشلىرى، گەپ قىلغاندىكى قىزىرىشلىرىدىن بۇ ئىشنىڭ شەپىسىنى سەزگەن، گەپ -سۆزلەردىكى تىترەك تاۋۇشتىن نازۇك تۇيغۇلارغا ئەسىر بولغان، بىراق، غەيرى خىياللاردا بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى نەفىسە ئۆز كۆڭلىنى ئوچۇقلا ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ. دىمەك، ئۇنىڭ قەلبىدە بۇرۇقتۇم بولۇپ تۇرغىنى ھېسىيات جەھەتتىكى غەيرى تەلپۈنۈش ئەمەس، بەلكى ھەقىقى مۇھەببەت رىشتىگە باغلانغان مەشۇقنىڭ چىن ھېسىيات ئىلكىدىكى تەلپۈنۈش ئىكەن-دە. SU4i'o  
   _ جاۋاپ بېرىڭ مۇھەممەت ئەپەندى، بۇ كېسەللىكنى داۋالاش قولىڭىزدىن كېلەمدۇ؟! _  نەفىسەنىڭ قايتا قويغان سۇئالى مۇھەممەتنى ئېسىگە كەلتۈردى. ئۇ نەفىسەنىڭ چىلاندەك قىزارغان يۈزىگە تىكىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تەشنالىق، ئىنتىلىش ئىلكىدە چاقناپ كەتكەن ئىدى، سۇز گىرىم بېرىلگەن لەۋلىرى تەشنالىق ئىلكىدە تىرەۋاتاتتى. `62v5d*>a  
   _ ھېجران پەقەت ۋىسال ئارقىلىق مەزمون تاپىدۇ، لېكىن، بۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ نەفىسە، بىلەمسىز نەفىسە، مەن توي قىلغان ئادەم، ئوماققىنە بىر بالام بار، يەنە... bI|G %  
   _ مۇھەببەت  بالا، ئايال دېگەن توساقلاردىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغان يۈگەنسىز ئات، مۇھەببەتنىڭ كۈچى تەڭداشسىز، سىز ھېچ بولمىغاندا مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىزنى ېتىراپ قىلىشىڭىز كېرەك. 'xj5R=V  
   _ ئامالسىزمەن نەفىسە، _ مۇھەممەت بېشىنى ساڭگىلاتتى،_ سىز ئارام ئېلىڭ، كېسىلىڭىزنى ئوبدان داۋالىتىڭ، بايىقىدەك خىياللارنى كاللىڭىزدىن سۈگۈن قىلىپ ياخشى ئارام ئېلىڭ. r>peKo[X(  
   مۇھەممەت نەفىسەنى يالغۇز قالدۇرۇپ چىقىپ كەتتى. نەفىسە يوتقانغا چىڭ يۆگىنىپ ئاۋازىنى ئىمكان بار سىرتقا چىقارماي بوقۇلداپ يىغلىدى. يىغا ئادەتتە ئاياللارغا كۆپرەك تەقسىم قىلىنغان بولسا كېرەك، ئۇلار ئازراق روھى زەربىگە ئۇچرىسىلا كۆزىدىن ياش تۆكىدۇ. لېكىن، سۇلايمانمۇ تۇنجى قدتىم تەلىپى رەت قىلىنغاندا يىغلىغانغۇ؟! ئۇنىڭ يىغىسى ھەتتا ئاياللارنىڭ يىغىسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. `qs}L  
   _ دورىڭىزنى ئىچىۋېلىڭ،_ قاچانلاردىدۇر ياتاققا كىرىپ كارۋات بېشىدىكى تومپۇچكىغا دورا قويغان سېستىرا نەفىسەگە ئەسكەرتىش بەردى. ئۇنىڭسىزمۇ ئويغاق ياتقان نەفىسە ئۆز خىياللىرىغا مۇلاقەت بەرەەن سېستىراغا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي جىممىدە يېتىپ قالدى. مۇھەممەتنىڭ بايا بەرگەن روھى زەربىسى ئۇنىڭغا خېلىلا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. " ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى" دېسەم بولماس، نەفىسە ئالدىدىكى سېستىراغا تېكىلدى. ئاپپاق خالات، تەبەسسوم يېغىپ تۇرغان چىراي، كۈلكە ئويناپ تۇرغان كۆز نەفىسەنى جەلىپ قىلدى. سېستىرا قىزنىڭ ياردىمى بىلەن يېرىم ئۆرە بولغان نەاىسە ياستۇققا يۆلەنگىنىچە مۇھەممەت بۈگۈن ئالماشتۇرغان تابلېتكىلارنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن يۇتىۋەتتى. o>,r<  
   _ مۇھەممەتنىڭ نىمە ئۇنۋانى بار؟ _ دورىنى ئىچىپ بولغان نەفىسە سېستىرا قىزدىن سورىدى. سېستىرا قىز تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالنى چۈشەنمىگەندەك تۇرۇپ قالدى. Dk^AnMx%_  
   _ مېنىڭ مەسئول دوختۇرۇم مۇھەممەتنىڭ نىمە ئۇنۋانىبار دىمەكچىمەن. ;Go^)bN ;  
   _ ھە، مۇھەممەتكامنى دەمسىز؟ _ سېستىرا ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ سۆزلىگىلى تۇردى،_ مۇھەممەتكامنىڭ ۋىراچ ئۇنۋانى بار، تاشقى كېسەللىكلەر بويىچە ئۇستا دوختۇر دەڭە، يىراق-يېقىندىكى شەھەر- يېزىلاردىكى كىشىلەر ئاتايىن ئىزدەپ كېلىدۇ. نىمىلا دىگەن بىلەن مەخسوس تەربىيلەنگەن دوختۇر دىگەن باشقا بولىدىكەن. مىجەزىنىڭ ياخشىلىقىنى دىمەيدىز تېخى، پەقەت ھاكاۋۇر ئەمەس... ga%\n!S  
   سېستىرانىڭ كېيىنكى گەپلىرى نەفىسەنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيلا قالدى. ئۇ يەنە ئاللىقاچان شېرىن خىياللارغا ئەسىر بولغان ئىدى. " ئاللا  ماڭا يار-يۆلەك بولسا مانا موشۇ ۋىراچنى تۈركىيەگە ئېلىپ كىتىمەن، بۇ يولدا  ھەر قانداق قۇربانلىقلارنى بېرىشكە رازىمەن" ئۇ ئىچىدە ئۆزىگە ئاشۇنداق قەسەملەرنى بەردى. IoLi7NKw  
   _ جىق گەپ قىلىپ سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويدۇممۇ قانداق، _ سېستىرا مۇھەممەت توغرىسىدىكى بايانلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى،_ بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ياخشى، تالا- تۈزگە چىقىپ، ساپ ھاۋادا ئازىراق سەيلە -ساياھەت قىلىپ كەلسىڭىز بولارمىكىن، خانىم. \Dq'~ d  
   _ بپولىدۇ، _ دېدى نەفىسە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، _ مۇمكىن بولسا بىللە ئايلىنىپ كەلسەك قانداق؟ N~8H\   
   _ بولىدۇ خانىم، بولىدۇ. e7@ m i  
j@z IJ  
M@.S Q@E  
   نەفىسە بۈگۈن تولىمۇ خوشال، دېمىسىمۇ ئۇ ئاىىر مۇھەممەتنى ئۆزىنىڭ  سۆگۈ تورىغا ئېلىندۇرغانىدى. ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن چىراي-شەكلى جايىدا، لاتاپەت- قىياپەتتە نۇقسانسىز، كىرىستالدەك سۈزۈك بەدەنلىك بۇ نازىنىنغا كىمنىڭمۇ ھەۋىسى كەلمىسۇن؟! تۈركىيىنىڭ چوڭ شەھرى ئىستامبول كوچىلىرىدا شەخسى دوختۇرخانە ئېچىش، نام-شۆھرەت، مال- دۇنياغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئاداققى چېكى مۇھەممەتنى نەفىسەە تىكىلىپ قارايدىغان، كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرەپ كىرگەندە ئۇنىڭ يېنىدا يېرىم سائەتلەپ ئولتۇرۇپ قالىدىغان ھالەتكە كەلتۈگەن ئىدى. ئەمدى نەفىسە ھەممىدن خاتىرجەم بولۇپ ، گىدىيىشكە باشلىدى. بۇ خۇددى " قاچقاننى قوغلا، قوغلىغاندىن قاچ" دىگەندەكلا بىر ئىش ئىدى. موشۇنداق چارا ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قىزىقىشىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش مۇمكىنلىكىنى نەفىسە خېلى ئوبدانلا چۈشىنەتتى. سۇلايمان نەفىسەنى خېلىلا قوغلاپ ، ئاندىن قولغا چۈشۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە نەفىسە مۇھەممەتنى ھارغىچە قوغلىدى. كىيىن قوغلاش نۆۋىتى مۇھەممەتكە كەلدى... ياق ، بۇنى قوغلاش دېگىلى بولماس، چۈنكى ئۇ نەفىسەنى چۆرگىلەپ كىتەلمىگەن بىلەن كۆڭلىدىكى گېپىنى ئوچۇق قويالمايۋاتاتتى. H575W"53  
   _ ئەتە بالنىستىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرسىڭىز بولىدۇ نەفىسە، _ دېدى مۇھەممەت بىر دۈشەنبە كۈنى روسىزغىنە، _ كېسەللىكىڭىز مۆلچەردىن خېلىلا بۇرۇن ياخشىلىنىپ كەتتى. /_qq(,3  
   _ مەن تېخى تولۇق ساقايمىغان تۇرسام، _ دېدى نەفىسە كارۋاتتا يېنىچە يېتىپ، _ روھى كېسەللىكىم تېخى ساقايمىدى. FHr)xqo=~  
   _ چاقچاق قىلماڭ نەفىسە، سىز ساقايدىڭىز، تامامەن ساقايدىڭىز، بىراق مەن... tjx8 UgSi  
   _ ئۇنداقتا  ياخشى ، مەن چىقاي، سىز ھەقىقەتەن ئۇستا دوختۇر ئىكەنسىز، لېكىن ھەدىدىن زىيادە ئېھتىياتچان ئىكەنسىز. ھە، راست مۇھەممەت ئەپەندى، ناۋادا مالال كەلمىسە مۇھاجىرلار مېھمانخانىسىغا تېلفۇن بېرىپ ماڭا ياتاق ئۇقۇشۇ[پ بەرەەن بولسىڭىز، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ماڭا 223- نومۇرلۇق ياتاق كېرەك. BeVDTk :  
   _ نىمىشقا؟  80@\e  
   _ ئۆزۈم بىلىمەن. W|>jj$/o  
   _ ئەگەر ئۇ ياتاققا ئادەم ئورۇنلۇشۇپ بولغان بولسىچۇ؟ ,w#lUg p  
   _ 323- نومۇرلۇق بولسىمۇ بولىدۇ. قايسى قەۋەتتە بولۇشتىن قەتئىنەزەر 23-ياتاق بولىشى كېرەك. ?CQE6ch  
   مۇھەممەت ھەيران قالدى. بۇ " غەلىتە زاكاز" ئۇنى ئويغا سالدى. شۇ ئەسنادا ئۇ كېسەلخانە ئىشىكىدىكى "223" كە زەن سالدى-دە، بىر ئىشنى پەملىگەندەك پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى. " دىمەك، ئۇ موشۇ ياتاقنىڭ نومۇرىنى مېھمانغانىغا كۆچۈرمەكچى ئىكەن-دە، بۇ ئۇنىڭ نىمە قىلغىنىدۇ. موشۇ ياتاقتا داۋالانغانلىقىنى ئەسلەش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانمىدۇ ياكى..." G)?*BH  
   _ بولىدۇ، _ دېدى مۇھەممەت ئىشەنچ بىلەن، _ مەن چوقۇم 223- نومۇرنى زاكاز قىلىمەن. )_jboaNzwI  
   مۇھەممەت چىقىپ كەتتى، نەفىسە بۇ شەرتلىك نومۇر ئارقىلىق ئۇنىڭغا يۈرىكىنىڭ ھارارەتلىك سوقۇشتىن توختاپ قالمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەردى، ئاخىرقى ھېساپتا ئۇنىڭغا سالغان كوزۇرنىڭ ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا داغدام يول ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدى. V pnk>GWD  
AfTm#-R  
~][~aEat;V  
   تۇيۇقسىز قىرىڭلىغان تېلېفۇن ساداسى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئارام ئېلىپ ياتقان نەفىسەنى چۆچىتىۋەتتى. ]\xt[/?{  
   _ ۋەي ، سىز كىم؟ eVfD&&@  
   _ مەن مۇھەممەت، ئۇيقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزگىنىم ئۈچۈم كەچۈرۈڭ، سالامەت تۇرغانسىز؟ z[c8W@OJ  
   _ ناھايىتى ياخشى، قانداق ئەپەندىم، ئۆزىڭىز ياخشى تۇرغانسىز؟ شۇنچە ئالدىراپ تېلېفۇن بەرگىنىڭىزگە قارىغاندا بىرەر رەسمىيىتىم كەم قالغان ئوخشىمامدۇ؟ KY  
   _ ئۇنداق ئەمەس نەفىسە، ياتاقتا بىر كىتابىڭىز ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ، دەرىزە تەكچىسىدە تۇرىدۇ. ]2@(^x'=  
   نەفىسە مېيىقىدا كۈلۈپ قويدى، ئۇنىڭ بىر كىتاپنى ئەتەي دەرىزە تەكچىسىدە قالدۇرىشى مۇھەممەتكە قويغان ئەپچىل قارماق ئىدى. نەفىسە، " مەن بالنىستىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مۇھەممەت بۇ ياتاققا چوقۇم  كىرىۇد، ئادەمسىز كارۋاتقا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ مېنىڭ ھىدىم سىڭىشكەن ياتاكتىن ھوزۇرلۇنۇپ، قولۇم تەككەن جايلارنى مەقسەتسىز تۇتۇپ باقىدۇ" دەپ پەملىگەن ئىدى. چۈنكى، نەفىسە بالنىستىن چىقىش ئالدىدا مۇھەممەت ئۇنىڭدىن  " بۇ شەھەردە يەنە قانچە ۋاقىت تۇرىسىز. تۇركىيەگە قاچان قايتىسىز" دەپ زېغىرلاپ سوراپ كەتكەن ئىدى. pWRdI_  
   _ نەفىسە گەپ قىلمايسىزغۇ؟! كىتابىڭىزنى انداق قىلىسىز؟ 9A.NM+u7  
   _ خاتالاشمىغانسىز، مېنىڭ كىتاپلىرىم تولۇققۇ، نىمە كىتاپكەن ئۇ؟ uQW)pD{_  
   _ " سۆيگۈ چاقىرماقتا"  دېگەن كىتاپكەن. -NwG' U~  
   _ " سۆيگۈ چاقىرماقتا"، توغرا ، شۇنداق بىر كىتابىم بولىدىغان، مالا كەلمىسە مېھمانخانىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىڭىز. fxcE1=a  
   _ يەتكۈزۈپ بىرەي خانىم. @o0HDS  
   _ خانىمىڭىزنى قويۇڭ، ياتاق نومۇرىنى بىلىسىزغۇ، ئۆزىڭىز زاكاز قىلغان. ئۇنتۇپ قالماڭيەنە، ياتاق نومۇرى 223. Eg`~mE+a  
   _ ئۇنتۇپ قالامدىغان. ,9ueHE  
D=a*Xu2zq  
wnX;eU/n  
   " سۆيگۈ چاقىرماقتا" ناملىق كىتاپنى مېھمانخانىغا يەتكۈزۈپ بىرىش سەپىرى مۇھەممەتنى باشقا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ 223- نومۇرلۇق ياتاقتىكى كۈچلۈك ئەتىر پۇرىقىدىنمەستخۇش بولۇش بىلەن بىرەە نەفىسەنىڭ نازاكەتلىك ھەركەتلىرى، تارتىنچاقلىق ئىچىدىكى نازلىق قاراشلىرى، خۇددى بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاشلىرىدەك يېقىملىق ئاۋازى ئالدىدا ئاجىز كەلدى. سۈترەڭ كۆڭلەك ئىچىدە مانا مەن دەپ تۇرغان كرىستالدەك بەدەن ئۇنىڭ ئىشىق- ھەۋىسىنى قوزغىۋەتتى. شۇ دەقىقىدە ئۇ ئۆزىنىڭ نەفىسەنىڭ ئىلكىدىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، نەفىسەدىن ئايرىلىپ قالسا بىر ئۆمۈر داغدا قالىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايتتى. 0e8  
   شۇندىن كىيىنكى بىرنەچچە قېتىملىق ئۇچرىشىش، تېلاۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈشلەر ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى  ئىسپاتلاپ تۇراتتى. مۇھەممەت بارا-بارا نەفىسەنىڭ ياتىقىدا قونۇپمۇ قالىدىغان، ئۆيىگە كەمدىن-كەم بارىدىغان، بۇنىڭ سورىقىنى قىلغان ئايالىغا ئورۇنسىز تىل سالىدىغان قەھرىمانغا ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ^N 
   شۇنداقتىمۇ بۇ ئائىلىدە ئارتۇقچە دە-تالاش بولمىدى. ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن دەسلەپتە تىل-ھاقارەت قىلىشقان بولسا كىيىنچە ئوخشاشلا سۈكۈتكە چۆمدى. ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىگە مۇپتىلا بولۇپ قالغان ئائىلىدەك گەپ -سۆزلەر يىتەرلىك كېمەيدى. بۇ ئىشلارنى كۈزىتىپ تۇرغان تۆت ياشلىق مۇختارمۇ ئويۇن-كۈلكىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بىر چەتتە بويۇن قىسىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىشقا تەييارلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئاجرىشىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىۋاتاتتى. سەۋەپ، ئۇلار ھەر ئىككىلىسى مۇختارنى تالىشاتتى. ئاخىرقى ھېساپتا گۈلپىيە ھەقلىق بولۇپ چىقتى. " بىر يۈزسىز خوتۇننىڭ ئازدۇرىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ۋاپاسىز ئەرنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى خارلاپ قويىشى تۇرغان گەپ. مەن ئوغلۇمنى بىر يۈزسىز خوتۇننىڭ قولىغا تاشلاپ بېرەلمەيمەن. يات بىر ئەلگە ئەۋەتىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ" گۈلپىيەنىڭ بۇ قارارى مۇھەممەتنى مەڭدىتىۋەتتى. ئۇ ئوغلىغا راستىنلا چىدىيالمايتتى. بالا گەرچە تۆت ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، كوچىلارغا چىققاندا كۆتۈرىۋالاتتى ياكى بوينىغا مىندۈرىۋالاتتى. ئىشتىن قايتىپ كېلىپ ئوغلى بىلەن يېرىم سائەت پومداقلىشىپ ئوينىشىش ئۇنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر ئايرىلىپ كېتىش مۇھەممەتكە ھەقىقەتەن ئېغىر كېلەتتى. ]  & ]G  
   نەفىسە مۇھەممەتنىڭ بۇ ئارامسىزلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ: ئاياللارنىڭ نازۇك كىلىدىغانلىقىنى، بالىغا چىدىمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سۇلايماندىن بولغان ئوغلى مۇستاپانى تالىشىپ ئاجرىشىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرگەنلىكىنى، ئاخىردا يەنىلا ئۆزىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى سۆزلەپ، گۈلپىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، بىرنەچچە يىلدىن كېيىن مەخسوس پاسپورت ئەۋەتىپ مۇھەممەتنىڭ ئوغلىنى چەتئەلگە قايتۇرۇپ چىقىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. = cxO@Fu  
   سۇلايمان بىلەن ئاجراشقان ئاشۇ كۆڭۈلسىز مىنۇتلارنى ئەسلەش نەفىسە ئۈچۈن شۇنچە ئازاپلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ قاباھەتلىك چۈشنىڭ ۋەھىمىسىدىن تېخىچە مۇستەسنا بولالمايۋاتاتتى. F4\: 9ws  
   شەمسىيە_ بۇ تولىمۇ چىرايلىق، لېكىن نەفىسە ئۈچۈن ئەڭ نەپرەتلىك ئىسىم ئىدى. ئەمدىلا ئون يەتتىنىڭ قارىسىنى كۆرگەن شەمسىيە ئىسىملىك بۇ ئەركە- نايناق قىز نەفىسەنىڭ ئائىلىسىگە ئۈچىنچى شەخس بولۇپ كىرگەن ئىدى. بۇ شەھەردە داڭلىق مىليونېر- سەئىد ئەخمەتنىڭ بۇ ئەركىسى سەل چۆچۈپ كەتكەن پۇتىنى داۋالىتىش سەپىرىدە نايناقشىپ سۇلايماننى ئازدۇرغاچقا نەفىسەمۇ ھازىرقىدەك بىوۋنىڭ ئائىلىسىگە بۆسۈپ كىرىشكە جۈرئەت قىلغان ئىدى. ئۇ ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق چاغنى ئەلەملىك ئەسلىدى. @-)S*+8  
   سەئىد ئەخمەتنىڭ بۇ شىپاخانىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان سۇلايمان دەرھال ئۇنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى. ئۇ سەئىد ئەخمەت  بىلەن قىسقىچە سالاملىشىپ قىزنىڭ يېنىغا باردى. ODu/B'*  
   _ سۆڭەكتە چاتاق يوق، _ دېدى سۇلايمان قىزنىڭ يارىلانغان پۇتىنى بوش ئۇۋىلاشتىن كېيىن ئرنىدىن تۇرۇپ، _ سەل چۆچۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ، بىر تېڭىقتىلا سەللىمەزا ساقىيىپ، بەش كۈندە يەرگە چۈشۈپ تايچاقتەك سەكرىيەلەيدىغان بولۇپ كىتىدۇ. O;VqrO  
   _ رەھمەت سىزگە سۇلايمان ئەپەندىم، _ دېدى سەئىد ئەخمەت ئاخىر بىر قارارغا كەلگەندەك سۇلايمانغا تىكىلىپ، _ ئەگەر مۇمكىن بولسا بۈگۈن كەچلىك تاماقتا بىللە بولساق قانداق، تاماقنى شەھەر سىرتىدىكى داچامغا ئورۇنلاشتۇرىمەن، ۋاقتىڭىز يېتەرمۇ ئەپەندىم. rrU(>jA!  
   _ سىز بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولۇش مەن ئۈچۈن شەرەپ ئەپەندىم، _ دېدى سۇلايمان شۇ ھامان ئىپادە بىلدۈرۈپ، _ كەچتە چوقۇم بارىمەن. :j+E]|d(~6  
   سەئىد ئەخمەت بىلەن سۇلايمان تەڭلا شەمسىيەگە تىكىلدى. تېڭىقتىن كېيىنلا چىرايى ئەسلىگە  كەلگەن شەمسىيە شۇ تاپتا ناھايىتى ئوماقلىشىپ كەتكەندەك تۇراتتى. ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى تېخى سەبىلىكىنى يوقاتمىغان چىرايىغا ماس كەلمىگەن ھالدا سۇلايمانغا قورقۇمسىز تىكىلىپ تۇراتتى. =&pR=vl  
   شەمسىيەنىڭ بەش كۈندە ساقىيىش مۇمكىنچىلىكى بولغان پۇتى بەش ئايغىچە ساقايمىدى. سۇلايمان ئىككى كۈندە بىر قېتىم بېرىپ قىزنىڭ پۇتىنى تېڭىش ئۈچۈن ماشىنىسىنى ئۆزى ھەيدەپ كېتىپ قالاتتى. " تۇنجى قېتىم خاتا دىئاگنوز قويۇپتىمەن نەفىسە، ئەسلىدە ئۇنىڭ ئوشۇقى چېقىلىپ كەتكەن ئىكەن، كېسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك، پۇتىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا بولاتتى بىچارە" دەپ ھەسرەت چەككەن ئىدى سۇلايمان شەمسىيەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سورىغان نەفىسەنىڭ بىر قېتىملىق سۇئالىغا جاۋاپ بىرىۋېتىپ. ^kNVQJiZyG  
   نەفىسە  دەسلەپتە بۇ ئىشقا ئانچە دىققەت قىلمىدى. لېكىن ۋاقكىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گۇمانسىراشقا باشلىدى." گۇمان ئىماننى قاچۇرۇپتۇ " دىگەندەك بىر كۈنى نەفىسە سۇلايمان قىزنىڭ پۇتىنى قايتا تېڭىش ئۈچۈن ماڭغاندا ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشتى. سۇلايماننىڭ ماشىنىسى تېز سۈرئەتتە مېڭىپ بىردەمدىلا سەئىد ئەخمەتنىڭ شەھەر سىرتىدىكى ھەيۋەتلىك داچىسىغا يېتىپ كەلدى. داچىنىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان دەرۋازىسى ئالدىدا، خۇددى نارسىدە قىزلاردەك قىسقا يەڭلىك ئاق كوپتىسى ئۈستىگە قىزىل شايىدىن سارپان كىيگەن شەمسىيە بىلىكىگە كىچىككىنە گىرىم سومكا ئاسقان ھالدا شەھەر يولىغا قاراپ تۇراتتى. " ھۇ ئۆلگۈر، ساقايمىدى دېگىنىنى قارا" نەفىسە يىراقتىنلا ماشىنسىنى توختىتىپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. A&1EOQ=N  
   سۇلايماننىڭ ماشىنىسى قىزنىڭ يېنىدا توختىدى، ئىشىك ئېچىلدى، لېكى قىز باتنىغاندەك تەتۈر قارىۋالدى. ئاخىر سۇلايمان ماشىنىسىدىن چۈشۈپ شەمسىيەنىڭ نازۇك بېلىدىن قورۇپ تۇتتى-دە، بىرنى سۆيۈپ ماشىنىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى.  قىز ماشىنا ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن سۇلايمان ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ ئۆز ئورنىغا ئولتۇردى. لېكىن بۇ ماشىنا ھېچ قوزغىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. تۇيۇقسىز ماشىنا يېنىك چايقىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ماشىنىدا پومداقلىشىۋاتاتتى. نەفىسەنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىگەن بۇ كۆرۈنۈش بەش مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ۋۇجودى قاتتىق ئازاپ ئىلكىدە سۇس تىترەۋاتاتتى. قوللىرى ماشىنا رولىنى سۇندۇرىۋېتىدىغاندەك قاماللايتتى. كۆزىدىن ئىختىيارسىز كەلگەن ياش ئېتىكىنى ھۆل قىلىۋەتكەنىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزىگە ھەممىلا نەرسە خىرە كۆرۈنەتتى. ئالدىدىكى ماشىنىمۇ، قويۇق يېشىللىق ئىچىدە چوقچۇيۇپ تۇرغان داچىمۇ، تاغ باغرىدىكى ئېقىنغا بارىدىغان يولمۇ خىرەلىشىپ كىتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز شۇ خىرەلىك ئىچىدىن سۇز قارا رەڭ قىمىرلاپ قالدى. نەفىسە يېشىنى سۈرتۈپ كۆزىنى يوغان ئېچىۋىدى، سۇلايماننىڭ ماشىنىسى ئورنىدىن قوزغۇلۇپ تاغ باغرىدىكى ئېقىنغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ئايان بولدى. غەزەپتىن تىترىگەن نەفىسە ماشىنسىنى زىۋېت قىلىپ ئۇنىڭ كەينىدىنلا تاپ باستۇرۇپ ماڭدى. ھازىر ئۇنىڭغا ھەممىلا نەرسەبەرىبىردەك كۆرۈنەتتى. يۈزسىز ئەرنىڭ ئۆزىنى بۇنداق ىورلىشى ئۇنىڭ ئەقىدىسى ئۈچۈن رەھىمسىز كاچات ھېساپلىناتتى. ئاران كۈن ئېلىۋاتقان بىر تېڭىقچىنى موشۇنچىلىك ئابروي-دۆلەتكە ئېرىشتۈرگەن نەفىسەنى يادىدىن چىقارغان بىر بايۋەتچە ئۇنىڭ ئالدىدا كىچىككىنە بىر قىزنى قولتۇقىغا قىسىپ ئېقىن سەيلىسىگە كېتىۋاتاتتى. بۇ نىمە دىگەن ئېغىر ئازاپ-ھە!؟ توساتتىن نەفىسەنىڭ كۆڭلىگە قورقۇنۇچلۇق بىر ئوي كەچتى: " توغرا، بۇ ئىككىسىنى ئالدىدىكى ئاشۇ تىك قىيادىن دومىلىتىۋېتىش كېرەك". 7x`$ A  
   نەفىسە ئالدىدىكى ماشىنىغا تېزلا يېتىشىۋالدى. ئۇ ماشىنىنى يانداپ كېلىپ قارىغىنىدا شەمسىيە سۇلايماننىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئولتارغان ئىكەن." ئىپلاسلار" ، نەفىسەنىڭ نەپسى توختاپ قالغاندەك بولدى. ئۇ كۆزلىرىگە قان تولغان ھالدا ماشىنىنىڭ رولىنى ئوڭغا ئۇرىۋىدى، سۇلايماننىڭ ماشىنىسىغا دوققىدە سوقۇلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ ئىككىلا ماشىنا سىلكىنىپ كەتتى. نەفىسە شۇ ئارىلىقتا سۇلايماننىڭ رولنى سەللا ئۇرۇپ ماشىنسىنى ئاجراتقانلىقىنى ۋە نەفىسەگە ئەنسىزلىك بىلەن بىر قاراپ ماينى بولىشىغا بېسىپ ئۆزىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. 53uptQ{   
   _ ئىپلاسلار، ھۇ نائەھلى تۇزكورلار، سىلەرنى ئۆلتۈرىۋەتمىسەم... MDa[bQ NM  
   نەفىسەنىڭ تىلى خۇددى موشۇ بىرنەچچە سۆزگىلا كۆندۈرۈلگەندەك شۇنىلا تەكرارلايتتى. ئۇ ماشىنىنى ھەدەپ قوغلايتتى. سۇلايمانمۇ ماشىنىنىڭ تېزلىكىنى بارغانسېرى ئاشۇرماقتا ئىدى. f|~'(~Sr  
   جىرىڭ، جىرىڭ، جىرىڭ، ui8$F "I*  
   تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلېفۇن ئاۋازى نەفىسەنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى. ئۇ تۇرۇپكىنى قولىغا ئالغىنىدا تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى. \Yp"D7:Qi  
   _ ياخشى تۇردىڭىزمۇ نەفىسە، مەن مۇھەممەت. hK4ww"-  
   yT%<  t  
   _ ياخشى، ئۆزىڭىزچۇ؟! _ نەفىسە تېزلا ئەسلىگە كەلدى. ~xam ;]2  
   _ ناھايىتى ياخشى، سىزگە خوش خەۋەر يەتكۈزەي، مەن بۈگۈن ، مانا ھازىرلا ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بېجىردىم. ئەمدى سىز پۈتۈنلەي ماڭا تەئەللۇق بولدىڭىز نەفىسە. \zcSfNE  
   _ ياخشىغۇ، بالىنى  قانداق قىلدىڭىز؟ dh}"uM}a  
   _ گۈلپىيە ئالدى، ئۆينىمۇ شۇ ئالدى. ئەمدى مەن پۈتۈنلەي گاڭسا- جىسا بولدۇم. ياتاقتا ياتىدىغان بويتاققا ئايلاندىم، نەفىسە. X%!?\3S  
   _ باشقا يەردە ياتىمەن دەپ  يۈرمەڭ، _ دېدى نەفىسە سەل ئېسىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، _ مەن موشۇ مېھمانخانىدىن ياتاق تېزىملىتىپ قويىمەن. كەچتە قايتىپ كىلىڭ ئامرىقىم. مەسلىھەتلىشىدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار تېخى. LVP6vs  
   _ بولىدۇ ، ھازىرلا بارايمىكىن دەيمەن. 9[{q 5  
   _ كېلىڭە ئەمىسە، كۆرۈشكىچە خوش. z 4. |N  
   كىيىنكى ئىشلار ئاسانلا يۈرۈشۈپ كەتتى. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا مۇھەممەت بىلەن نەفىسە توي قىلىش گۇۋانامىسى، مۇھەممەتنىڭ پاسپورتى، خىزمەتتى چېكىنىش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ، ئايرۇپىلان بېلىتىمۇ زاكاز قىلىنىپ بولدى. ViOXmK"  
   خەلقئارالىق ئايرۇپىلان مېھمانلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا، پاكىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە ماڭىدىغان ھەر خىل ئېرىقتىكى كىشىلەر ئالدىراشلىق بىلەن رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەكتە. HU +27 1A8  
   ئېغىر-يېنىك سومكا-چامىدانلىرىنى زاكاز قىلىۋەتكەن مۇھەممەت بىلەن نەفىسە كىملەردىندۇر ئۆزلىرىنى قاچۇرۇۇۋاتقاندەك دېلىغۇللۇق ئىچىدە ئالدىغا ئۆتۈپ، ئايرۇپىلانغا ھەممىدن بۇرۇن چىقىپ ئۆز ئوتۇنلىرىدا ئولتۇرۇشتى. مۇھەممەت ئايرۇپىلان دېرىزىسىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ بۇ ئايرۇدۇرۇمغا ئاىىرقى قېتىن نەزەر ئاغدۇرماقتا. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قۇلىقىغا نەفىسەنىڭ خوشاللىقتىن قەۋەتلا ئېچىلىپ كەتكەننەفىسەنىڭ كۈلكىلىرى، بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىشىدەك سۈزۈك ئاۋازىمۇ كىرمىگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭدا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن بۇ تۇپراقتىن ئايرىلىش تۇيغۇسى ئاچچىق بىر سېزىم پەيدا قىلىپ ئازاپلاۋاتقاندەق قىلاتتى. ئۇ شۇئان كاللىسىغا " كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغىچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتان بول" دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز شۈركۈنۈپ كەتتى. ئۇ ئايرۇپىلانغا چىقىپ دېرىزىدىن شەھەر مەنزىرىسىگە تىكىلگىنىچە،" ئەمدى مەن يۇرتۇمنى تاشلاپ كېتىدىغان بولدۇم-ھە! توغرا، مەن كېتىمەن، بۇ ھەرگىزمۇ خىيال ئەمەس، يەنە ئون بەش مىنۇتتى كىيىن ئايرۇپىلان ھاۋاغا كۆتۈرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرت، ۇرۇق-تۇققانلار، دوست- بۇرادەرلەر، كەسىپداشلار، ئوغلۇم مۇختار تولىمۇ يىراقتا قالىدۇ. كىم بىلىدۇ موشۇ كەتكەنچە قاچان كىلىمەن" دېگەندەك چېگىش خىياللار ئاسارىتىدە قالدى. شەھەرنىڭ ئايرۇپىلان  كۆزنىكىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر بۆلىكى شۇ تاپتا تولىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەندەك تۇراتتى. توساتتى ئۇنىڭ كۆزىگە يىغا ئۇلاشتى. V[44aN  
   _ يىغلاۋاتىدۇ دادا، قارىڭە دادا، يىغلاۋاتىدۇ. ]w)uo4<^J  
   بۇ ئاۋاز مۇھەممەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بەش ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالا ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئۆرە تۇرىۋېلىپمۇھەممەتكە قاراپ كۈلىۋاتاتتى. $43CNnf3N  
   _ مۇختار ، بالام مۇختار، ئوغلۇم! 10dK%/6/O  
   ئۇ قولىنى ئالدىغا سوزدى. كۈلىۋاتقان بالا شارتتىدە كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئانىسىغا چاپلاشتى. |c]L]PU  
   _ نىمە بولدىڭىز، ئۇ مۇختار ئەمەس، _ نەفىسە مۇھەممەتنىڭ قولىنى ئاستا  تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى. k3 '5Ei  
   _ نىمە ، مۇختار ئەمەس؟! _ ئۇ دەرىزىدىن سىرتقا قارىدى. نۇرغۇن كىشىلەر يولوچىلارنى ئۇزۇتۇش سۇپىسىدا ئايرۇپىلانغا قاراپ تۇرىشاتتى. گۈلپىيە كىشىلەر توپىنىڭ چېتىدە يىگانە تۇراتتى. ئۇنىڭ بوينىغا چىگىۋالغان قىزىل شايى ياغلىقى بوشقىنە لەپىلدەپ تۇراتتى. مۇختار ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئېھتىمالىم ئانىسىغا چىڭ چاپلاشقان ھالدا ئايرۇپىلانغا قاراپ تۇراتتى. [eF|2:  
   يۈرەككە ۋەھىمە سالىدىغان بۇ كۆرۈنۈش مۇھەممەتنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بۇزۇپ، بېجىرىم نېرۋىسىنى كاردىن چىقاردى، ئۇ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. jN+2+P%OL  
   _ ئوغلۇم مۇختار، مېنىڭ ئوغلۇم مۇختار، _ ئۇ كىشىلەرگە ئۇرۇلۇپ -سوقۇلغىنىچە چىقىش ئىشىكىگە قاراپ ماڭدى. )A;jBfr  
   _ توختاڭ مۇھەممەت، ساراڭ توختاڭ دەيمەن. ئايرۇپىلان قوزغىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، چىقماڭ،_ نەفىسە مۇھەممەتنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. &M\qVL%w  
   كۈتكۈچىلەرنىڭ توساقلىرى، يولوچىلارنىڭ ھەر خىل كاشىلا قىلىشلىرى  كارغا كەلمىدى. مۇھەممەت ئايرۇپىلاندىن ھېچ توسالغۇسىزلا يەرگە چۈشتى. بېلەت تەكشۈرگۈچى خادىمئۇنىڭدىن گەپ سوراشقا تەمشەلگەندە ئۇ قولىدىكى بېلەتنى ئۇنىڭغا بەردى-دە ئالدىغا يۈگۈردى. a'G[ !"  
   _ ئوغلۇم، مۇختار... مۇختار...، _ كۈتۈش سۇپىسىغا قاراپ يۈگۈرگەن مۇھەممەت قاتتىق بىر دۆگجۈپ يەنە ئورنىدىن تۇردى. 2Q/V D,yU  
   ئايرۇپىلان پەلەمپىيىدىن ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يەرگە چۈشكەن نەفىسە موككىدە ئولتۇرۇپ قالدى، ئۇ ھوشىدىن كېتەي دەپلا قالغاچقا كۈتكۈچىلەر يۆلىۋالغان ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ كىتىۋاتقان مۇھەممەتكە گاڭگىرىغان ھەم تېڭىرقىغان ھالدا قاراپ تۇراتتى. VDy_s8Z#  
   يولوچىلارنى ئۇزۇتۇش سۇپىسىدىكى گۈلپىيە ھوشىنى يوقاتمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىلىپ بولماس گاراڭلىق ئىسكەنجىسىدە قالغان ئىدى. ئۇمۇ ئۆزى تەرەپكە يۈگۈرۈپ كىلىۋاتقان مۇھەممەتكە قاراپ تۇراتتى. /P{'nI  
   _ مۇختار، ئوغلۇم مۇختار...، _ مۇھەممەت يۈگۈرۈپ كىلىۋېتىپ ھەدەپ توۋلايتتى. SMm$4h R  
   دادىسىنى يىراقتىنلا تونۇغان مۇختار ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ يەرگە چۈشۈپ رىشاتكىغا چاپلاشقان ھالدا ھەدەپ ۋاقىراشقا باشلىدى.   oA ]F`N=  
   _ دادا، دادا... 7mS_Cz+cB  
   بۇ قوش ئاۋاز ئايرۇدۇرۇمنى لەرزىگە سالدى     Gc!&I+kd  
  1992- يىل ماي . قارىماي. |i'w"Tz4  
  مەنبە: ئارسىلان تالىپنىڭ " ئۇيقۇسىز چۈش" ناملىق كىتانىدىن ئېلىندى (7P VfS>;  
y{qKb:~wv  
$5yH8JU  
YcuHYf5  
[ بۇ يازما ئارقۇ تەرپىدىن 2011-07-31 02:07 PM دە قاي ]

تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-31, 14:08
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
tanha.bala
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48782

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   166 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1178 (سوم)
 ياخشى باھا:   288 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1684
 سائەت
دەرىجىسى:
1684 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

ئاخىرى ئەجەپ تەسىرلىككەن دىسە   ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن.
 
ئۇيغۇرسەن پاك ياشا
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1420 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10648 (سوم)
 ياخشى باھا:   2057 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4758
 سائەت
دەرىجىسى:
4758 سائەت 192 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

ھەجەپ تەسىرلىك  ھىكايە ئىكەنغۇ بۇ ،ئادەمنى يىغلىتىۋەتىڭىز دىسە ،گەرچە بۇ بىر ھىكايە بولسىمۇ ،ھازىرقى جەمىيەتتە يەنىلا مەۋجۇت
 
bestboy918
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11754

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   152 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5484 (سوم)
 ياخشى باھا:   254 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   363  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4342
 سائەت
دەرىجىسى:
4342 سائەت 298 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

  ياخشى ، mKPyM 
ئاخىردا بولسىمۇ ئەقلىنى تېپىپتۇ
 
كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
بىرەر ئىش قىلىشقا باغلىسا بەلنى، تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.


ھەممىباب تېخنىكا ئوقۇتۇش تەتقىقات توپى    102045634
aimihar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6407

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   109 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5688 (سوم)
 ياخشى باھا:   261 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   355  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 786
 سائەت
دەرىجىسى:
786 سائەت 114 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-15
ئاخــىرقىسى:2011-09-13
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

بەك ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن !
 
aksaray007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46806

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   238 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1197 (سوم)
 ياخشى باھا:   239 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1048
 سائەت
دەرىجىسى:
1048 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-05
ئاخــىرقىسى:2011-10-17
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

راسلا نوچى ھىكايىكەن،مىنى قىزىقتۇرالىغاندىكىن
 
پۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇنۇتماڭ، ھەم ئۇنىڭ نىجىسلىقىنى بىلىۋىلىڭ!!!!!
yeglemayman0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48019

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   568 (سوم)
 ياخشى باھا:   182 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   149  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 155
 سائەت
دەرىجىسى:
155 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-08-14
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-01

ئۆزىڭىنىڭ ئېرىنى خەق تارتىۋالغاندا شۇنچىلىك ئازاپلانغان ئادەم مەن خەقنىڭ ئېرىنى تارتىۋالسام قانداق بولار دەپ ئويلىماپتا،توۋا '}\{4Q st  
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ بولۇپمۇ ئاخىرى شۇنداق تەسىرلىك چىقىپتۇ
 
ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش،
ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش.
ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش.
قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.
مەلىكە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.90

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1910 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4201 (سوم)
 ياخشى باھا:   550 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   583  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6231
 سائەت
دەرىجىسى:
6231 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-01

بۇنداق ئاياللارنى تىرىك تۇرۇپ ئۈسىتىگە بىنزىن چىچىپ كۆيدۈرۋىتىش كىرەك. مۇختەرگە ئوخشاش ئىرادىسى بوش، پايدا-مەنپەتنى دەپ خوتۇنىدىن ، بالىسىدىن يۇز ئۆرۈيدىغان مەسئۇليەتسىز ئەرنىمۇ يىرىم جان قىلىپ قويۇش كىرەك، شۇندىلا جەمىئەتتە ئەخلاق، نىكاھ كىرىزىسى يۈز بەرمەيدىغان بولىدۇ.
 
ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!
ηěRiㄒǔ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48304

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   152 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1318 (سوم)
 ياخشى باھا:   376 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   395  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 885
 سائەت
دەرىجىسى:
885 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-01

ياخشى  چىقىپتۇ. بەك تەسىرلىككەن
 
مەن  سۆيۈملۈك ئاچامدىن پەخىرلىنمەن.
gunqa721
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6279

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   596 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8736 (سوم)
 ياخشى باھا:   545 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   590  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4723
 سائەت
دەرىجىسى:
4723 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-01

نەتىجسى بەكلا ياخشى چىقىپتۇ، ئاتىلىق مۇھەببەت ئاخىرى ھەممىنى بېسىپ چۈشۈپتۇ.
 
بلىملىكلەر مەدەنىيەتنى ئەدەب-ئەخلاق، بىلىمدىن ئىزدىسە، مەدەنىيەتسىز چاكىنىلار كىشىلەرنىڭ ئۈستىبېشىدىن ئىزدىشىدۇ.
NAZLI806
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30798

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1890 (سوم)
 ياخشى باھا:   226 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   249  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1831
 سائەت
دەرىجىسى:
1831 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-01

تۇرمۇش دىگەن ھەرخىل ئەگرى-توقايلىققا تولغان بولىدىكەن،مىنىڭ تۇرمۇشۇممۇ  يېقىندىلا باشقا بىر قىز تەرىپىدىن نابۇت بولدى،لىكىن بۇنى ئۇ قىزدىن كورمىدىم ،بىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر-بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۈشكەن.....ماڭىمۇ بۇ ئىش خۇددى بىر چۈشتەكلا بىلىنىدۇ ،مەنمۇ ئۇلارنىڭ  بىللە تۇرغان ھالىتىنى كۆرگەندە قانچىلىك ئازاپلانغىنىمنى پەقەت بۇ ئىش بېشىغا كەلگەن ئادەملا ھېس قىلالايدۇ............ |Q`}a %  
مىنىڭچە بىر ئايال كىشىگە بۇ ئىشتىنمۇ ئارتۇق خورلۇق بولمىسا كېرەك..........
 
قاراڭغۇنى تىللاۋەرگۈچە،ماڭ بېرىپ بىر تال شام ياق!!
雪莲花
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38987

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   605 (سوم)
 ياخشى باھا:   124 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2405
 سائەت
دەرىجىسى:
2405 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-03

تەسىرلىككەن،ياخشى يىزىپسېز رەخمەت سىزگە............
 
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر ،ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى