مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2964 
  •    ئىنكاس 
       12 

يوقالغان گۆھەر

قەۋەت ئاتلاش
oztekin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4278

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   529 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18752 (سوم)
 ياخشى باھا:   443 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   543  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 659
 سائەت
دەرىجىسى:
659 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-18
ئاخــىرقىسى:2011-10-26

يوقالغان گۆھەر .GuZV'  
_R;+}1G/  
ھېكايە MKr:a]-'f~  
#*;Nb  
} bEu+bZ  
پەرھات تۇرسۇن شەيدائى
%M;{+90p>t  
dW hF[q"  
fa;GM7< e)  
ئىشخانا ئىچى ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن لەيلەپ يۈرگەن تاماكا ئىسلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ جىددى ۋە كەسكىن كەيپىياتقا تولغانىدى. يېزا باشلىقى بىلەن يېڭىدىن كەلگەن مۇئاۋېن يېزا باشلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن مۇنازىرە ھەممەيلەننىڭ دېمىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى ئىدى. چوڭ-كىچىك بۆلۈم باشلىقلىرى ۋە قىسمەن كەنت سېكرىتارلىرى ئىشتىراك قىلغان بۇ دەتالاشنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بۈگۈن بەش كۈن بولدى. ئۇزۇن يىل مەمۇرى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ پېشقەدەم سانالغان يېزا باشلىقى بىلەن يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ياش ئىقتىدارلىق مۇئاۋېن يېزا باشلىقى تالىشىۋاتقان مەسىلە بەش كۈننىڭ ئالدىدا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى تاش يولغا تاشلاپ قويۇلغان بىر پارچە تاشنى يولدىن ئېلىۋېتىش، ئېلىۋەتمەسلىك توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش ئىدى. jY5BVTWnV  
دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سوتسىيالىستىك يېڭىچە يېزا بەرپا قىلىش چاقىرىقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللاپ مەبلەغ سېلىشى ئارقىسىدا پۈتۈن يېزا-قىشلاقلار ۋە مەمۇرى كەنىتلەر تاشيول بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتۈدىغان تار، كونا، كاتاڭلىق يول كەڭ-كۇشادە، سۈپەتلىك تاشيولغا ئۆزگەرتىلگەنىدى. ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ۋىلايەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى قۇرلۇش پۈتكەندىن كېيىن قۇرلۇش سۈپىتى ۋە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە سۈپەتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن بەش كۈن ئاۋۋال يېزىغا قەدەم تەشرىپ قىلغانىدى. ئاپتۇنۇم رايۇندىن كەلگەن ئېگىز بويلۇق بىر باشلىق يول قۇرلۇشىنىڭ پۈتۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرىۋېتىپ، يول ياقىسىدىن قوش مۇشىت چوڭلۇقىدىكى بىرتال ئاق سوقا تاشنى قولىغا ئېلىپ خېلى ئۇزۇن ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ-چۆرۈپ، سىيلاپ، ماشىنىسىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. 8Zvh"Z?  
ئەلبەتتە خىزمەت تەجىرىبىسى مول، پىشقان پېشقەدەم يېزا باشلىقى ۋە شۇ باشلىق بىرنەچچە يېزا ئورگان كادىرىنىڭ ئۆتكۈر نەزىرى بۇ جەرياننى ئىنچىكە كۆزىتىپ تۇرغانىدى. كىم ئويلىغان، ئېگىز بويلۇق ئۇ باشلىق نەق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ماشىنىسىنى توختىتىپ، ماشىنىدىنمۇ چۈشمەستىن ھېلىقى تاشنى يەرگە تاشلىغاچ يېزا باشلىقىغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ، داستىخانغىمۇ توختىماستىن ئالدىراپ كېتىپ قالدى. مەسئۇلىيەتچان يېزا باشلىقى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ دەرھال قوراللىق بۆلۈم مۇدېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككى نەپەر خەلق ئەسكىرىنى ئاجرىتىپ، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاشنى قاشالاتتى ۋە تاشنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئى قوغداش ھەققىدە كەسكىن بۇيرۇق بېرىپ ياندى. قوراللىق بۆلۈم مۇدېرى خەلىق ئەسكەرلىرىگە تاشنى نۆۋەت بويىچە قوغداش، ھېچقانداق بىر كىشىنى تاشقا يېقىن يولاتماسلىق ھەققىدە تۈزۈم تۈزۈپ بېرىپ ئىشىغا ماڭدى. ۋە دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىشنى تاپىلاشنى ئۇنۇتمىدى. vh6#Bc)i%w  
شۇ كۈنىلا بۇ ئىش ياش مۇئاۋېن يېزا باشلىقىنىڭ دېققىتى تارتتى ۋە بېرىپ تاشنى كۆرۈپ باقتى. تاش سىلىق، سوقىچاق ئاق تاش ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئالاھىدىلىكىنى بايقىيالمىغاندىن كېيىن سۈرۈشتۈرۈپ بۇ ئىشقا يېزا باشلىقى قاتارلىق بىرنەچچەيلەننىڭ يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارىغىنىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئارتۇق بىرنېمە دېمەي كېتىپ قالدى. نېمىلا بولمىسۇن ئۇ تېخى يېڭى، يەنە كېلىپ يېزا باشلىقى شۇنچە ئېتىبار بىلەن قىلغان ئىشنى ئۆز ئالدىغا بۇزىۋەتسە ئۇنىڭ كۆڭلىگە كېلىشى مۇمكىن شۇڭا ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئاقىلانىلىك. ]<\; -i)  
ئەتىسى ئەتىگەنلىك يوقلامدىن كېيىن ئۇ يېزا باشلىقىغا بۇ ئىشنى ئېيتتى. 9 TILrK  
−ئەمدى شاڭجاڭ، بۇ ئىشنى يوغىنىتىۋەتمەي ئاستا بولدى قىلىپ، تاشنى ئېلىۋېتەيلىمىكىن، بېكاردىن يولنى ۋە ئىككى ئادەمنى كاشىلا قىلغانغا چۇشلۇق ئىش بولماي قالغۇدەك. [EV}P&U  
−ئۇكام، سىزنىڭچە مەن بۇ ئىشنى يوغىنىتىپ، پاخپايتىپ كۆككە كۆتۈرۈپتىمەندە، −دېدى يېزا باشلىقى نارازىلىقىنى ئۆڭگەن چىرايى بىلەن ئوچۇق ئىپادىلەپ، موخوركىسى كۈچەپ تارتىپ. –سىزچە بولغاندا قانداق قىلغۇلۇق، خوش... 3a#j&]  
−ياقاي، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس شاڭجاڭ، ئىش قىلىپ ھېچ بىر ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى قىممىتى بولمىغان، ماھىيەتتىن ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق بىر تاشنى يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا قويۇپ قويۇش، يەنە كېلىپ ئۇنى مەخسۇس ئادەم قويۇپ قوغداش تازا مۇۋاپىق بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەن. L8j#l u  
−قىممىتى يوق دېسىلە ئۇكام...−يېزا باشلىقى قارامتۇل چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۇنى تۇنجى قېتىم «سىلى» دەپ ئاتىدى. –ئۇ تاشنى پۇلغا ئالسا قىممىتى بار ھېسابلايمىزمۇ؟ پۇلغا يارىمىغان ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتى بولمامدۇ؟ ld*RL:G  
−ياق شاڭجاڭ، مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، پەقەت زۆرۈرىيىتى بولمىغان بىر تاشنى يولنىڭ ئوتتۇرىسىنى كاشىلا قىلىپ تۇرمىسۇن دېدىم شۇ. Ig6>+Mw  
−ئاپتۇنۇم رايۇندىن كەلگەن، سىز-بىزدەك نەچچەمىڭ شاڭجاڭ، شۇجىنى باشقۇرىدىغان بىر باشلىقنىڭ قىلغان ئىشى سىزگە يارىماپتۇ-دە. ئۇ ئادەم ئۇ تاشنىڭ يولنى كاشىلا قىلىدىغىنىنى بىلمەيدىكەندە؟ 5CuK\<  
−ئاپلا شاڭجاڭ، مەن ئۇنداق دېمىدىم، پەقەت شۇ ئەتە-ئاخشامدا بىرەر ھادىسىگە سەۋەب بولۇپ قالارمىكىن دەيمەن، يەنە كېلىپ مەكتەپنىڭ ئالدى دېسىلە، بىرەرسى ماشىنسىنى تاشتىن قاچۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا تېگىپ كەتسە، ئىشنىڭ چاتىقى بولارمىكىن دەيمەن. ]]Da/^K=Z  
−خاتىرجەم بولسىلا ئۇكام، مەكتەپ باللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كەينىدە بىردىن مەلىمى بار، يەنە كېلىپ ئىككى ئادەم قاراۋاتقان تاشنى يىراقتىن كۆرمەي قالىدىغان قارىغۇغا ھېچكىم كېنىشكە بېرىپ شوپۇر قىلمايدۇ. بولدى، مېنىڭ ئالدىراش ئىشىم باتتى. مەن ماڭاي. U-EX)S^T[{  
يېزا باشلىقى چىقىپ كەتتى. مۇئاۋېن يېزا باشلىقى غەش ۋە تە بولدى. ئۇنىڭچە بۇ كېرەكسىز تاشنى يولدىن ئېلىۋېتىش، ئاۋۇ ئىككى ئەسكەرنى تېخىمۇ زۆرۈر بولغان ئىشقا قويۇش، يولنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك ئىدى. ئەلبەتتە بۇ تەكلىپكە يېزا باشلىقى دەرھاللا قوشۇلىشى كېرەك ئىدى، بىراق ئۇ...ھەي... _A .?:'-  
يېزا باشلىقىمۇ بۇ سۆھبەتتىن تېرىكتى. تېخى بىرەر مەزلۇمنىمۇ باشقۇرۇپ باقمىغان بىر سويمىنى نەچچە ئون مىڭ نوپوسى بار چوڭ بىر يېزىنى باشقۇرىسەن دەپ تىكلەپ قويغان باشلىقنىڭ ئەقلىدىن ئۆرگىلەي. بۇ شۇم نېمىنى بىلەتتى، باشلىق دېگەننىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپماق تەس، بىز تاش سانىغۇچە ئۇلار قۇم سانايدۇ. بەزىلىرى مېۋىلىك باغلارنى ئارىلاۋېتىپ، كۆزىگە سىغقان بىرەر تۈپ كۆچەتنىڭ غولىغا شاپىلاقلاپ قويىدۇ. بەزىلىرى چارۋىدارلارنىڭ مال-ۋارانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىۋېتىپ، بوغاز ساغلىقلىرىنىڭ دۈمبىسىنى سىلاپ، ماختاپ قويىدۇ. بەزىلىرى ئۈزۈم-كاۋا باراڭلىرىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ، تامىقىنى چاكىلدىتىپ قويىدۇ. ئەلبەتتە ئۇلارنىڭ ئەشۇ ئۇششاق ھەركەتلىرىدە مەلۇم مۇددىئا  بولىدۇ. ئۇنى بايقاپ، جايىدا بەجا كەلتۈرۈش ئۆزىدەكلەرنىڭ ئىشى، شۇڭلاشقا ئۇ نەچچە ئون يىلدىن بېرى بىرەر باشلىقنىڭ ئالدىدا ساغرىپ، تاتىرىپ باقمىدى. بىرەر پاقلان، بىرەر-ئىككى يەشىك يەل-يېمىش باشلىقلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدۇ، كۆڭلىنى قىلمىسا خوتۇنلىرىنى خوش قىلىدۇ. جاھان دېگەن شۇ. قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ، دېگەن شۇ. #UH7z 4u  
ئۈرۈمچىدىن كەلگەن كاتتا بىر باشلىقنىڭ ئۇ تاشنى ئاتايەن ئەكىلىپ مەكتەپنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇشى، ئۆزىگە قاراپ كۈلۈپ قويۇشى بېكاردىن بېكار بولغان ئىشمۇ؟ گەرچە ئۇ بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ ئەتە-ئۆگۈن مەنىسىنى بىلىۋالىدۇ-دە، ئىشنى تاققىدە ئوڭشايدۇ. ئاۋۇ سويما ئاق-قارىنى پەرىق ئەتمەي «ئېلىۋېتىمىز» دېسە. «ئېلىۋېتىمىز» دېگەن بىلەن ۋاقتى كەلگەندە، بىرەر ئىش بوپ قالسا، جاۋابىنى كىم بېرىدۇ؟ شۇڭا ئۇ تاشنى مىدىرلاتماي ياخشى قوغداش ۋە مەنىسىنى يېشىش كېرەك. >AW=N  
چۈشتىن كېيىنكى يېغىندا بۇ توغرىسىدا ھېچ كىم بىر نېمە دېمىدى. ئەمما ئەتىسى ئەتىگەنلىك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىشىدىن كېيىن مۇئاۋېن يېزا باشلىقى قوراللىق بۆلۈم مۇدېرىنى بىر چەتكە چاقىرىپ تاشنى ئېلىۋېتىپ، يولنى راۋانلاشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ  بەردى. قوراللىق بۆلۈم مۇدېرى «ماقۇل»دەپ، يېزا باشلىقىدىن مەسلىھەت سورىۋىدى، يېزا باشلىقى ئاچچىقلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن تاش جايىدا تۇرىۋەردى. ئۇ كۈنىمۇ تاش مىدىرلىمىدى. kM?p>V6  
ئەتىسى يېزا باشلىقى بىلەن مۇئاۋېن يېزا باشلىقى بۇ مەسىلە ئۈستىدە خېلى ئۇزاق تالىشىپ قالدى. يېزا باشلىقىنىڭ پىكىرى كۆپ سانلىق كىشىلەرگە ياققان بولدى. چۈنكى ھېلىقى باشلىقنىڭ بۇ تاشنى نەچچە مىڭ تاشنىڭ ئارىسىدىن تاللاپ ئاتايەن ئەكىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇشى بىھۇدە ئەمەس ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ باشلىق تاشنى نەچچە سائەت تەتقىق قىلدى، ئۇنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغان جايى نەق مەكتەپنىڭ ئالدى. يەنە كېلىپ تاشنىڭ رەڭگى، شەكلىمۇ نۇرغۇن يۇشۇرۇن مەنالارغا ئېگە ئىدى. ئۇ تاشنىڭ داغ-دۇغ يوق ئاپئاق بولىشى يېڭى يولدا قاتنايدىغان يولۇچىلار ۋە قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئاق يوللۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش مەنىسىگە ئېگە ئىدى. تاشنىڭ قوتۇر-چوماق بولماستىن سىلىق پاكىزە بولۇشى يول قاتنىشىنىڭ راۋان، سىلىق بولىشىنى ئۈمىد قىلغانلىق ئىدى. تاشنىڭ يۇمىلاق بولماي سوقا بولىشى بولسا ئۇ تاشنىڭ شۇ يەردە مەڭگۈ قېلىشىنى ئويلىغانلىق ئىدى. تاش يۇمىلاق بولسا دۇمىلاپ كېتىپ ئۇيەردە تۇرمايتتى. V ;)q? ZHg  
يېزا باشلىقىنىڭ يۇقارقى ئاساسلىرى ھەممەيلەننى قايىل قىلدى بولغاي، ھەممىسى باش لىڭشىتىپ، گۇدۇڭلىشىپ توغرا تاپتى. مۇئاۋېن يېزا باشلىقىنىڭ، «ھېلىقى باشلىق ئۇ تاشنى مەقسەتسىزلا ئۇ يەرگە تاشلاپ قويغان، بۇ يۇرتتىن قاشتېشى چىقىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ تاشنى قاشتېشىغا ئوخشىتىپ ئېلىۋالغان، كېيىن كېرەكسىز ئىكەنلىكىنى بايقاپ، تاشلىۋەتكەن بولىشى مۇمكىن، ئەجىبا بىر يۇرتنىڭ قاتنىشىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشى شۇ تاشقا مۇناسىۋەتلىكمۇ؟ ئەجىبا ئۇ تاش يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرسا قاتناش ۋە خەلق-ئاممىسىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلمەسمۇ؟» دېگەندەك ئاساسسىز گەپلىرى پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئاۋېن يېزا باشلىقى مۇنازىرىدىن ۋاز كەچتى. تاش مىدىرلىمىدى. Z qg(\  
ئەتىسى چۈشتە تاش سەۋەبلىك جېدەل چىقتى. يەنى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر ئوقۇغۇچى خەلق ئەسكەرلىرى تاماق يەۋاتقان پۇرسەتتە ئۆز تەبىئىتىدىكى قىزىقىشقا بوي بېرىپ، قاشادىن سەكرەپ چۈشۈپ تاشنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ باقتى. بۇنى كۆرگەن قاراۋۇل چاچراپ كېلىپ ئۇنىڭ قولىدىن تاشنى يۇلۇپ ئالدى-دە، ئاۋايلاپ ئورنىغا قويغاندىن كېيىن ئۇ ياغاچ قۇلاق ئوقۇغۇچىنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قوغلىۋەتتى. بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان يېزا باشلىقى ئوتتۇرا مەكتەپكە بوراندەك كىرىپ مەكتەپ مۇدېرى ۋە باشقىلارنى تىللاپ ۋەتىۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىپ قايتىپ چىقىپ، قوراللىق بۆلۈم مۇدېرىغا تاپىلاپ يەنە ئىككى قاراۋۇل كۆپەيتىپ، تاشقا قارىغانلاردىن بەش يۈەن، تۇتقانلاردىن ئەللىك يۈەن جەرىمانە ئېلىش بۇيرۇقىنى بەردى. يېزا باشلىقىدىن بېكارلا ئاھانەت ئىشتكەن مۇدېر ھېلىقى ئوقۇغۇچىنى ئىشخانىسىغا ئەكىلىپ ئەدەپلىگەندىن تاشقىرى سىنىپ مۇدېرىغا ئىككى يۈز يۈەن جەرىمانە قويۇپ نەق مەيداندا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «خورازنى ئۆلتۈرۈپ، مايمۇنغا ئىبرەت» قىلدى. شۇنىڭ بىلەن تاشنىڭ سېھرى كۈچى ۋە جەلىپكارلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئالدى بىلەن مەكتەپتە، ئەتىسىدىن باشلاپ پۈتۈن يۇرتتا تاش ھەققىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەر توقۇلدى. كىشىلەر تاشقا تولىمۇ قىزىقىشتى. بىر-بىرىدىن سوراشتى. ھەرخىل تەبىرلەر بېرىلدى. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاسماندىن بىر خاسىيەتلىك گۆھەرنىڭ چۈشكەنلىكى، ئۇ گۆھەرنىڭ تولىمۇ سىرلىقلىقى، ئۇنى بىر كۆرگەن كىشىنىڭ نەچچە ياش ياشىرىپ كېتىدىغانلىقى ۋە يېزا رەھبەرلىرىنىڭ تاشنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىشكە ئامال قىلالماي، شۇ يەردە كېچە-كۈندۈز قوراللىق قوغداۋاتقانلىقى پۈتۈن يۇرتقا پۇر كەتتى. يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ئۇيان ئۆتسە بەش مىنۇت، بۇيان ئۆتسە بەش مىنۇت تاشنى تاماشا قىلىشقا، تاشنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يولدا توسۇلۇپ قالغان ماشىنا، موتسىكلىت، ئېشەك ھارۋىسى قاتارلىقلار يۈز مېتىرچە يىراقلىققا سوزۇلدى. بۇھال كەچتە بېسىقتى. 5!*5mtI  
ئەتىسىدىن باشلاپ يۇرتنىڭ ھەريەر-ھەر يېرىدىن كەلگەن نەچچە مىڭ كىشى تاشنى كۆرگىلى يىغىلدى. ئەمما يېزا باشلىقى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تاشنى قارا دۇخاۋا بىلەن يۆگىۋەتكەچكە توپلاشقان كىشىلەر ھەرقانچە كۆپەيسىمۇ تاشنى كۆرەلمەي قالدى. بۇ جەرياندا،«سەن مېنى ئىتتەردىڭ»، «پۇتۇمغا دەسسىدىڭ»، «كۆزۈمنى توسۇۋالدىڭ» بىلەن نەچچەيلەن پومداقلىشىپ سوقۇشۇپ، كاللا-قاپاق يېرىلدى، ساقچىخانا ۋە دوختۇرخانىلارغا خېلى كۆپ ئادەم يىغىلدى. مۇئاۋېن يېزا باشلىقىنىڭ «تاشنى ئېلىۋېتىپ، بۇ بالانى تۈگىتىش» تەلىپى ھەرقانچە قىلسىمۇ قوبۇل قىلىنمىدى. ئىشنىڭ ئەڭ يامىنى ئەتىسى يۈز بەردى. e+F5FAMR68  
ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ھايتاق ئوقۇغۇچىسى قاراۋۇلنىڭ ھەيدىگىنىگە كۆنمەي بېزىرىپ تۇرىۋىدى، قاراۋۇل ئۇنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتەردى. ئوقۇغۇچى يەنە كۆنمىۋىدى، كاچىتىغا بىرنى سالدى. ئوقۇغۇچى «جالاپنىڭ بالىسى»دەپ، تىللىدى. بۇنى كۆتۈرەلمىگەن قاراۋۇل كونا بەتىنكىسىنىڭ ئۇچىنى ئۇنىڭ كۆتىگە توغرىلاپ تېپىۋىدى، دېگەن يەرگە تەگمەي، ئوقۇغۇچى جان يېرىنى قاماللاپ، يەردە دۇمىلىدى. باشقىلار ئۇنى كۆتۈرۈپ دوختۇرغا ئېلىپ كېتىشتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى، قەۋىم-قېرىنداشلىرى يۇپۇرلۇپ كېلىپ ھېلىقى قاراۋۇلنى دۇمبالاپ چالائۆلۈك قىلىپ قويۇپ كېتىپ قېلىشتى. ساقچىخانىنىڭ كونا «سانتانا»سى ھۇشقىيتىپ يۈرۈپ ئادەم ئۇرغانلارنى مىڭ تەستە تۇتۇپ سولاپ بىرتەرەپ قىلىپ بولىۋىدى، تاشنىڭ يېنىدا يەنە جېدەل چىقتى. توپلاشقان ئالامان ئىچىدە پۇل-پىچەك، قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلىرىنى يوقاتقانلار، كىچىك، نارىسىدە بالىلىرىنى يوقاتقانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇ ئىش ساقچىخانىنىڭلا ئەمەس، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭمۇ بېشىنى ئاغرىتتى. شۇ سەۋەبلىك يېزا باشلىقى بىلەن مۇئاۋېن يېزا باشلىقى قىزىرىشىپ، تاراڭ-تۇرۇڭ بولۇپ قېلىشتى. ?s5zTT0U>$  
يېزاباشلىقى مۇئاۋېن يېزا باشلىقىنى، «تۈكى چۈشمىگەن سويما، ئاساسى قاتلام خىزمىتىدىن خەۋىرى يوق، يالتىراق زىيالى، ئومۇمنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدىغان شەخسىيەتچى قوڭالتاق. » دەپ تىللىدى. مۇئاۋېن يېزا باشلىقىمۇ كىچىكلىكىنى قىلىپ، پېشقەدەم باشلىقنى ئاياپ قويمىدى. «قارا قورساق، مۇتەئەسسىپ ھاماقەت، خوشامەتچى تەخسىكەش، مۇستەبىت گالۋاڭ. » دەپ تىللىدى. يېزا باشلىقى موخوركىسىنى شوراپ جىمىپ كەتتى. تارازىنىڭ قايسى تەرىپىگە دۇمىلاشنى كۈتۈپ تۇرغان كۆپسانلىق كىشىلەر جىمجىت ئولتۇرۇشتى. يېزا باشلىقىغا ئىشەنچ قىلغان بىرتۈركۈم كىشىلەر ئاشكارا ھالدا مۇئاۋېن يېزا باشلىقىغا قارىشى قوپتى. ياش ئەمەلدارنىڭ پىكىرىنى قوللىغۇچىلار ئۇچقۇن قورقاققا يولۇقۇپ، پېيىنىڭ قىرقىلىشىدىن قورقۇپ بىر نېمە دېيەلمىدى. 9Yowz]')  
چۈشلۈك تاماق ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەچكە كۆپىنچىلەرنىڭ تائام سېغىنغان قورساقلىرى ناغراچېلىشقا كىرىشكىلى خېلى بولغانىدى. ئەمما ئەمىلى چوڭلار مىدىرلىماي ئولتۇرغان يەردە، كىممۇ بىرنېمە دېيەلىسۇن؟ ھەممەيلەن بۇ تالاش-تارتىشنىڭ نېمىلا بولمىسۇن تېزرەك ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈشەتتى. 8E Y< ^:  
يېزا باشلىقى بىر نېمە دەي دەپ، ئاغزىنى ئۆمەنلەپ تۇرىۋىدى بىر قاراۋۇل يۈگرەپ كىرىپ، ئالاق-جالاق سۆزلەشكە باشلىدى. _|Ml6;1aZ  
−ئالدىرىماي سۆزلىگىنە گاچا، كەينىڭدىن ئىت قوغلىمىغادىنكېيىن! –دەپ زەردە قىلدى، تېرىككەن يېزا باشلىقى ئۇنىڭغا ئالىيىپ. 6mBX{-Z[  
−ئا...ئا...تاش...ھەممەيلەن...سوقۇشۇپ كەتتى... b~b(Ed{r  
−ساقچىلارچۇ؟ خەلق ئەسكەرلىرىچۇ؟ −سورىدى قوراللىق بۆلۈم مۇدېرى كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ. = sIR[V'(  
−كىشىلەر بەك جىق، تاش...  #~.i\|VL  
−تاشقا نىمبولدى؟! –يېزا باشلىقى ئورنىدىن قانداق تۇرۇپ كەتكىنىنى بىلمەستىن ۋارقىراۋاتاتتى. *ft J(  
−تاش يوقاپ كەتتى. ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق. ) ZOmv  
−نېمە؟! –يېزا باشلىقى لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى. يىغىن زالى گۇدۇ-گۇدۇڭ بىلەن تۇنجى قېتىم قىززىدى. يېزا باشلىقى تېلىفۇنىنى قۇلىقىغا يەملەپ ۋارقىرىغاچ چىقىپ كەتتى. $#@4i4TN-  
−ۋەي! ياسىن سوجاڭ، ساقچىخانىدىكى ۋە قوراللىق بۆلۈمدىكى بارلىق ئادەملەرنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن يېزىنى قېزىپ بولسىمۇ ئەتە سەھەردىن بۇرۇن تاشنى تېپىڭ... .tN)H1.:B  
ئۇ يەنە بىر نېمىلەرنى دېگەنىدى، مۇئاۋېن يېزا باشلىقى ۋاراڭ-چۇرۇڭدا ئاڭلىيالمىدى. ئۇنىڭ پەمىچە بۈگۈن كېچە ساقچىخانىنىڭ سوراق خانىسىدا قىيامەت قايىم بولاتتى. تاش تېپىلاتتى. ئەمما يوقىلىپ كەتكەن قانداقتۇر بىر گۆھەر مەڭگۈ تېپىلمايتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئېچىشتى...
S53%*7K.  
0 \LkJ*i  
2a=WT`xf ?  
2010-يىلى11-ئاينىڭ9-كۈنى vEzzdDwi6  
|k/;.  
\-s) D#Y;r  
B@zJ\Ir[  
قارقاش . ياۋا
@?B=8VHR  
y-n\;d>[(  
مەنبە:قەلەم
تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-30, 22:14
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ھېچ ئىش قىلمىغان كىشى خاتالاشمايدۇ.
0998.erpane
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26436

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2185 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22136 (سوم)
 ياخشى باھا:   1532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1840  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5299
 سائەت
دەرىجىسى:
5299 سائەت 301 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

تاش  نەگە يوقاپ كەتكەندۇ ||
 
ئىبراھىىمجان ئىرپانى
xiwas1-
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13794

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   985 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   188 (سوم)
 ياخشى باھا:   1195 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1454  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 679
 سائەت
دەرىجىسى:
679 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

  بەزى تەخسىكەش ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەل تۇتۇش پىرىنسىپىنى تولىمۇ مەسخىرىلىك ھالدا يۇرۇتۇپ بىرىپسىز ،ھەقىقەتەن ئاپتورنىڭ مەزمۇن ئىپادىلەشتىكى ئەگىتمىلىرى تەتبىق لىرىگە قايىل مەن .
 
qin-turk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48530

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   115 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   872 (سوم)
 ياخشى باھا:   127 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 959
 سائەت
دەرىجىسى:
959 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-20
ئاخــىرقىسى:2011-09-02
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

بىر قىسىم ساپاسىز  قۇل مىجەز ،  ئىتپاقلىشىپ بىر ئىش قىلشىنى ئوقماي ، بىر تال ئادەمىگە خۇسامەتچىلىك قىلىدۇ بىزنىڭ نۇرغۇن كادىرلىرىمىز .
 
zohrabibi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38379

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   233 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3826 (سوم)
 ياخشى باھا:   1037 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1446  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2662
 سائەت
دەرىجىسى:
2662 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋىلىپ ۋاقىت چىقىرىپ  ئوقۇي
 
مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولىشىنىڭ سەۋەبى نادانلىق ،نائىتتىپاقلىق ،تەپرىقە ۋە خىلاپتۇر.        ئابدۇقادىر داموللا
!yulgun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49132

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   63 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   350 (سوم)
 ياخشى باھا:   64 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 339
 سائەت
دەرىجىسى:
339 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

ياخشى يېزىپسىز!
 
qolyigiti
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49637

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   125 (سوم)
 ياخشى باھا:   25 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 57
 سائەت
دەرىجىسى:
57 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-29
ئاخــىرقىسى:2011-10-13
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

يىزىلاردا ھىلىمۇ تىخى مۇشۇنداق مۇتەئەسسىپ  ئەمەلدارلار بار ،  بەك تەسىرلىك ئىكەن.
 
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1486 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8894 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3358
 سائەت
دەرىجىسى:
3358 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

راستىنلا ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن. بۇنىڭدا يېزلاردىكى بىر قىسىم قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بىراق تۈۋەننى بېسىپ يۇقۇرنى ئالداپ جان تالشىۋاتقان رەھبەرلەرنى قاتتىق قامچىلاپسىز. مۇشۇنىڭدەك ئىبرەتلىك يازمىللىرىڭىز مىسرانىمدىن .ئۈزۈلمىگەي.
 
zulpikar801
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41152

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   27 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   445 (سوم)
 ياخشى باھا:   165 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   249  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 367
 سائەت
دەرىجىسى:
367 سائەت 73 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-18
ئاخــىرقىسى:2011-10-17
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

مىنىڭ ئەڭ كۆزۆمگە سىغمايدىغىنى ئاشۇنداق مۇتەسسپ، خوشامەتچى، سامان قورساق باشلىقلار. ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز.
 
arkin.jan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.23611

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   877 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6979 (سوم)
 ياخشى باھا:   283 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3201
 سائەت
دەرىجىسى:
3201 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

بەك ياخشى يىزىپسىز دىمىسىمۇ بىرقىسىم جايلارداشۇنداق ئەۋاللارھازىرمۇساخلانماقتا.
 
hazibay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27072

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   279 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3260 (سوم)
 ياخشى باھا:   216 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3248
 سائەت
دەرىجىسى:
3248 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

دوپپىسىنى دىسە بەلنىڭ ئۇستىدىنلا ئالىدىغان باشلىق كەن بۇ،
 
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1420 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10648 (سوم)
 ياخشى باھا:   2057 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4758
 سائەت
دەرىجىسى:
4758 سائەت 192 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

مىنىڭ دىمەكچى بولغانلىرىم .يۇقارقىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش.
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى