مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       4698 
  •    ئىنكاس 
       22 

ئۇ ھاياتمىدۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
ak.kaptar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49611

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   157 (سوم)
 ياخشى باھا:   34 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 66
 سائەت
دەرىجىسى:
66 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-29
ئاخــىرقىسى:2011-08-19

ئۇ ھاياتمىدۇ؟ >'lte&  
|P]>[}mD  
بۇ 2003-يىلى زىمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدىكى تاساددىپى تونۇشۇش ئىدى، ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ شۇ كۈنى مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ ئۆيدە بىر ياقتىن رادىئو تىڭشىغاچ، بىر ياقتىن ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتاتتىم. رىياسەتچى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن خوتەننىڭ چىرا ناھيىسىدىكى بىر تىڭشىغۇچىنىڭ شۇ پروگىراممىغا يازغان تەسىرلىك خېتىنى ئوقۇۋاتاتتى، ئاڭلاۋېتىپ قىلىۋاتقان ئىشىمدىن توختاپلا قالدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئىنتايىن ئاددى ھەم يەڭگىل تىل بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدى، بەدىنىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان، كىچىكىدىن مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى ئەسلا بىلمەيدىغان بىر ئىنساننىڭ كۈنبويى كىتاپ ئوقۇش، ھۆسنىخەت يېزىش، رادىئو ئاڭلاش، ھەمرا تېپىلسا شاھمات ئويناش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۇنىڭ غەيرەت-جاسارىتىگگە قايتا-قايتا ئاپىرىن ئېيتتىم. مەن ئۇنىڭ خېتىنىڭ ئاخىرىدا ئېيتىلغان ئادىرىس بويىچە ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت يازدىم، راستىمنى ئېيتسام جاۋاپ خەت كىلىشىگە  تازا ئىشەنچ قىلمىغان ئىدىم، خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن جاۋابىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. خەتنىڭ يېزىلىشى ۋە سۆز-ئىبارىللىرىدىن ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنىڭ ياخشىلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، شۇ تۇنجى پارچە خەتتىن مەلۇم بولدىكى ئۇ رادىئودىن دوستلىشىش توغرىسىدىكى ماقالىسى ئېلان قلىنغاندىن كېيىن ئويلىمىغان يەردىن شۇ بىر مەزگىل ئىچىدىلا ھەر كۈنى دېگۈدەك نەچچە ئون پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئاپتۇ، بۇ خەتلەرنى بىر بىرلەپ ئوقۇپ، جاۋاپ خەت قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇ خېلى كۈچ سەرىپ قىلىپتۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئوڭ قولى ۋە بېشىدىن باشقا ئەزالىرى سېزىمچانلىقىنى يوقاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەن يازغان خەت ئۇنىڭغا ئالاھىدە تەسىر قلىپتۇ، (مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئوپراتسىيە بولۇپ يېرىم يىلغىچە ماڭالماي ئۆيگە سولىنپ يۈرگەن ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم). ئۇنىڭچە بۇ خەت تاپشۇرىۋالغان باشقا خەتلەردىكىدەك تەسەللى ۋە ئاپىرىن سۆزلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى ھەقىقى دوستلۇق قولىنى سۇنغاندەك تۇيۇلۇپ، خەتنى ئايرىپ ئېلىپ قويۇپ، كېيىن قايتا ئوقۇپ جاۋاپ خەت يزىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئارىمىزدا خەت ئالاقىسى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ تۇردى. 4h~o>(Sq  
ئۇ يەتتە بالىنىڭ كەنجىسى شۇنداقلا يالغۇز ئوغۇل بولۇپ، كىچىڭ ۋاقتىدا ئاغرىپ قالغىنىدا، يېشى چوڭىيپ قالغاندا ئاندىن ئۇزۇندىن بېرىقى ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆرۈش ئارزۇسىغا يەتكەن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى داۋالىتىشقا قۇربى يەتمەي، ئۇدا داۋاملاشقان يۇقۇرى قىزىتمىدا ئىككىلا پۇتى پالەچ بولۇپ قېلىپ، مېڭىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولۇپتۇ. ئۇ مەكتەپكە ماڭغان قۇرداش بالىلارغا قاراپ ئىچ-ئىچىدىن ھەسرەتلىنىپتۇ، لىكىن چۈشكۈنلەشمەپتۇ، ئۆزى تىرىشىپ يۈرۈپ ساۋادىنى چىقىرىۋاپتۇ، كىتاب ئۇنڭغا ھاياتنىڭ گۈزەل سەھىپىللىرىنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى تونۇتۇپتۇ، ئۇ يەنە ھۆسنىخەت يېزىش، شاھمات ئويناش قاتارلىقلارنىمۇ ئۈگۈنىۋاپتۇ، ئۇنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن چۆرىللىرىگە نەقىش ئىشلەنگەن بىر پارچە ھۆسنىخەت ئەسىرىنى كۆرگىنىمدە ھەيرانلىق ۋە پەخىرلىنىش ئىلكىدە ئەتراپىمدىكىلەرگە كۆرسەتكەن ئىدىم. بۇ بىر شىئىر ئىدى: c`&<"Us  
دوستقا دوست كۆيۈنۈپ ئۆتسە، )W/ mt[;  
چىن دوستلۇق مىھرىدىن سۆيۈنۈپ ئۆتسە. uD''0G\  
رازىمەن دىلىمدىن ئەشۇنداق دوستقا، ZK@ENfG  
ھەتتاكى يۈرۈگۈم يېرىلىپ كەتسە. qG%'Lt  
ئۇ دائىم خەتنىڭ ئاخرى ياكى ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىگە كارتونغا ئوخشاپ كىتىدىغان رەسىملەرنى سىزىپ قوياتتى. بىر پارچە خەت ئاخىرىغا سىزىپ قويۇلغان رەسىم كۆڭلۈمنى ناھايىتى يېرىم قىلدى. سۈرەتتە پۇت-قوللىرى جانسىز ساڭگىلاپ تۇرغان، دۈمبىسى چوقچىيىپ چىققان بىر ئوغۇل بالا ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتقان كەپتەرگە قاراپ قاتتىق ئورۇندۇقتا مۇڭلىنىپ ئولتۇراتتى، سۈرەتنىڭ ئاستىدا «ھەجىۋى ئادەمگە ئوخشامدىكەنمەن؟» دەپ يېزىقلىق تۇراتتى. _ZfJfd~  
مەن ئۇنىڭغا نىمە قىلىپ بېرەلەيدىغدانلىقىم توغرىسىدا ئۇزاق ئويلاندىم، مەن شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىم: خوتەنگە بېرىپ ئۇنى ئاشۇ تۆت تام ئىچىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۈمدۈرسەم، بىر ماشىنام بولسا دالىلارغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇ تېخى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان گۈزەل تەبىئەتنىڭ جۇلالىق ھۆسنىدىن بەھىرلەندۈرسەم......ئەپسۇس، مەن ئۇنداق قلالمىدىم، مەن ئۇنڭغا ھىچنىمە قىلىپ بېرەلمەي ئاخرىغىچە قاراپلا تۇردۇم خالاس. ئۇ ئاخىرقى قېتىم يازغان خېتىدە بەدىنىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى، ھەركەت قىلالايدىغان بىردىنبىر ئەزاسى بولغان ئوڭ قولىنىڭمۇ ماغدۇرسىزلىنىپ ھەركەت قىلىشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. كەينى-كەينىدىن يازغان خەتلىرىم جاۋاپسىز قالدى، شۇ مەزگىللەردە ئۇ 20-21 ياشلاردا ئىدى. مەن كۆڭلۈمدىكى گۇماننى ئىتراپ قىلىشنى خالىمايتتىم، ھەر خىل ئىھتىماللىقلارنى پەرەز قىلاتتىم، تا ھازىرغىچە ھەر قېتىم ئەشۇ ھۆسنىخەت ئەسىرى قولۇمغا چىققىنىدا شۇ بىر سۇئال ئەتراپىمدا ئەگىيدۇ- ئۇ ھاياتمىدۇ؟؟؟ Z;QbqMj  
~sSlfQWMzy  
                                   مەنبە: ئۆزۈم j9YI6X"  

تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-30, 12:21
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1486 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8894 (سوم)
 ياخشى باھا:   532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3358
 سائەت
دەرىجىسى:
3358 سائەت 142 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

بەلىكىم ئۇ ھايات بولىشى مۈمكىن. كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. ئۈمۈتۋار ۈۇلۇڭ. تېخى بۇ كەمگىچە ساللىمازا ساقيىپ كەتتىمۇ تېخى.
 
yuzbexi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45349

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   46 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   394 (سوم)
 ياخشى باھا:   47 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 499
 سائەت
دەرىجىسى:
499 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-23
ئاخــىرقىسى:2011-10-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

نىمىلا بولمىسۇن بۇنداق كىشىلەر قەلبىمىزدە مەڭگۇگە ھايات .
 
gvllala
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47051

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   121 (سوم)
 ياخشى باھا:   20 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 76
 سائەت
دەرىجىسى:
76 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

كۆڭلىڭزنى يېرىم قىلپ ئولتۇرغىچە خوتەنگە بېرىپ كۆرۈپ كەلسىڭز بولدۇ ئەمەسمۇ؟
 
篮球美女
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26880

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   828 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1123 (سوم)
 ياخشى باھا:   799 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   704  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1181
 سائەت
دەرىجىسى:
1181 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

ئورۇن ئىلىپ قويۇپ ، چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ئوقۇپ تىمىغا ئىنكاس تەھىرىلەي .
 
تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .
يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1420 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10647 (سوم)
 ياخشى باھا:   2057 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4752
 سائەت
دەرىجىسى:
4752 سائەت 198 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

ھاياتلىقنىڭ قەدىرىنى ،ساغلاملىقنىڭ قەدىرىنى بىلمەيدىغان ،پۇتۇن ئەزاسى بىجىرىم بولسىمۇ ،ئۇگۇنۇشنى خالىمايدىغانلار،مۇشۇنداق جىسمى ئاجىز بولسىمۇ،روھى ساغلام كىشلەردىن ئۇگەنسە بولىدۇ.بەلكىم ئۇ يىگىت ھاياتتۇ ،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ،جەمىيىتىمىزدە بۇنىڭغا ئوخشاش يىگىت-قىزلىرىمىز يەنىلا مەۋجۇت ،شۇڭا ھەمىمىز بىرلىكتە ياردەم قۇلىمىزنى سونۇپ ،دوسلۇقتىن ئىبارەت ،مىھرى-مۇھاببەت بىلەن ئۇلارغا مىيىپلىقىنى ھىس قىلدۇرمايلى .
 
!yulgun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49132

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   63 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   350 (سوم)
 ياخشى باھا:   64 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 339
 سائەت
دەرىجىسى:
339 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

ئۇنىڭگا يەنە بىر قېتىم خەت يازسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۇچو قۇم ھايات!
 
chaqmaq137
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7140

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   251 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6167 (سوم)
 ياخشى باھا:   295 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 266
 سائەت
دەرىجىسى:
266 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-06
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ھە .......
 
چاقماق
esma0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16129

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1321 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14343 (سوم)
 ياخشى باھا:   1326 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   900  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8348
 سائەت
دەرىجىسى:
8348 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

شۇنداق كۆڭلۇم يىرىم بولدى.
 
nazila998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37842

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   729 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5317 (سوم)
 ياخشى باھا:   1156 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1021  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2296
 سائەت
دەرىجىسى:
2296 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

ئىسىمدە قىلىشچە نەچچە يىل بۇرۇن ياشلار ژورنىلىدا مۇشۇ ھەقتە بىر ماقالە ئوقۇغانتىم ،شۇ چاغدا بۇ ياشقا مىنىڭمۇ بەك ھىسداشلىغىم كەلگەن،بەلكىم ئۇ يىگىت ھاياتتۇ.سىزدە ئادرىسى باكەن ئەمەسمۇ ،شۇ بويىچە سۈرۈشتە قىلىپ باقسىڭىز بەلكىم دىرىكى بوپ قالا.
 
كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
@SAHRAKIZI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39297

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   109 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   483 (سوم)
 ياخشى باھا:   73 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 649
 سائەت
دەرىجىسى:
649 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-01
ئاخــىرقىسى:2011-08-30
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

ئاللاھ ئىگەم مۇمبەر دىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن  ئىلاھە ئامىن .....
 
turkinaz0992
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36864

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   696 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5624 (سوم)
 ياخشى باھا:   653 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   475  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3518
 سائەت
دەرىجىسى:
3518 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

               ئىنسانلارغا خاس بولغان  ئاقكۆڭۈللۈكنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم ، EK8E  
مۇشۇنداق ئاقكۆڭۈللۈكلا  قەلىبلەرنى مېھىر - مۇھەببەتكە چۆمدۈرەلەيدۇ ...
 
ئەقىل ئىگىلىرىنى ئىككى ئىش ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .بىرسى ،قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆز كەسپىگە قويماسلىق ، يەنە بىرسى قابىلىيەتسىز كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەش .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى