مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1140 
  •    ئىنكاس 
       6 

«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى تۈركچىمۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
yipek-yoli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15628

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7589 (سوم)
 ياخشى باھا:   721 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1157  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 192
 سائەت
دەرىجىسى:
192 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-29
ئاخــىرقىسى:2011-07-28

«دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى تۈركچىمۇ؟ {?mQqoZ?.  
ئوسمان فىكرى سېرتقايا (`]*Y(/2G  
( ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى) !NYM(6!(  
M6'C3,y0  
«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» 1917- يىلىدىن 1919- يىلىغىچە تۈركىيىدە تۇنجى نۆۋەت بېسىلغاندىن بۈگۈنگە قەدەر بولغان 90 يىل ۋاقىت ئىچىدە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە بار بولغان 6730 سۆز ھەققىدە تۈرك ئالىملىرى ئىچىدە ”ئەگەر بىرەر سۆز «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە ئۇچرايدىكەن، ئۇ سۆز چوقۇم تۈركچىدۇر“ دىگەن بىر سۆز مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، شۇڭا بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئويلىدىم. VMIX$#  
پارسچە "شەھەر" سۆزى ئاسىيا تۈركچىسى ۋە قەدىمقى تۈركچىدە – ھ – تاۋۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن شار شەكلىدە كىرگەن، تۈركىيەدىكى شاركۆي، شارقىشلاق قاتارلىق ئىسىملاردا بۇ سۆز كۆرۈلىدۇ. R 2O.}!'  
پارسچە "شەھەر" سۆزى تۈركىيە تۈركچىسىگە شەھەر سۈپىتى بىلەن كىرگەن ۋە تۈركچىلەشكەن، ئەنقەرەنىڭ " باش شەھەر " دەپ ئاتىلىشى، ئاقشەھەر، بايشەھەر، كوناشەھەر، قىرشەھەر، نەۋشەھەر قاتارلىق ئۆزلەشكەن ئىسىملاردا شەھەر سۆزى ئۇچرايدۇ. !e'0jf-~  
30- يىللاردىكى " تۈركچىلەشتۈرۈش ھەركىتى "دىن كېيىن "شەھەر" سۆزى "كەند – كەنت" سۆزى بىلەن تۈركچىلەشتۈرۈلدى، مەسىلەن " باش شەھەر " سۆزى " باش كەنت " (پايتەخت مەنىسىدە ـــ تەرجىماندىن) دەپ تەرجىمە قىلىنماقتىدۇر. يېڭى ناملانغانلاردىن ئوردۇكەنت، بىلكەنت قاتارلىقلار كۆرۈلمەكتىدۇر. %W4aKb?BT  
قەدىمقى تۈركلەردە "شەھەر" سۆزى بالىق سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، خانبالىق، ئوردۇبالىق، بەش بالىق قاتارلىق ناملاردا كۆرۈلىدۇ. بەشبالىق شەھىرىنىڭ سوغدىچە ئاتىلىشى پەنجىكەنت بولۇپ، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى، تەشكەنت ھېلىھەم شۇ نام بىلەن ئاتالماقتا. N+M& d3H`  
يەنە بىر ئۆرنەك " بۇلبۇل " سۆزىدۇر. )6>|bmpU  
70- يىللاردا تۈركىيە نېفىت ۋەقپىنىڭ باشلىقى بولغان مەرھۇم فەتھى گەمۇئى ئوغلى تۈركچىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش بىلەن ئۆيىگە چاقىرتتى، مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە رەھمى ئورۇچ گۈۋەنچ نەي چېلىۋاتقان ئىكەن، بىرلىكتە ئاڭلىغاندىن كېيىن " بۇلبۇل كەبى چالدىغۇ ھە ئەپەندى " دەپ سورىغاندىن كېيىن، " بۇلبۇلنىڭ ئەسلى تۈركچىسى ساندۇۋاچتۇر، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە قەشقەرلىق مەھمۇت شۇنداق دەپ يازغان " دەپ چۈشەندۈردى. EotwUT|  
شۇ چاغلاردا ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن بىرلىكتە «قۇتادغۇ بىلىك» ھەققىدە ئىشلەۋاتقان ئىدىم، تەتقىقات گۇرۇپپامدا روسىيەدە بېسىلغان «قەدىمقى تۈرك تىلى لۇغىتى» ۋە سېر گىرارد كىلاۋسوننىڭ «9- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك تىلىنىڭ  ئېتمولوگىيىسى» دىگەن ئەسىرى بار ئىدى، « قۇتادغۇ بىلىك »تىكى بۇ ئىككى سۆزنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇردۇم، بۇ ئىككى لۇغەتتە "ساندۇۋاچ"نىڭ سوغدىچە سۆز ئىكەنلىكىنى يازغان ئىكەن. |R;l5ZKvV  
تۈركچىدە قوللىنىۋاتقان " بۇلبۇل " سۆزى ھىندىچە سۆز بولۇپ، سانسىكىرىتچە شەكلى "بۇلبۇلا"دۇر. بۇ سۆز سانسىكىرىتچىدىن پارسچىغا "بۇلبۇلا" ياكى "بۇلبۇل" شەكلىدە كىرگەن بولۇپ، پارسچىدىكى بۇلبۇل سۆزىنىڭ ئەسلى پارسچىسى "ھازار"دۇر. بۇ بۇلبۇل سۆزى يەنە پارسچىدىن (ياكى سانسىكىرىتچىدىن) ئەرەپچىگە كىرگەن بولۇپ، ئەرەپ تىلى گىرامماتىكىسىدا " بېلابىل " (بۇلبۇللار) شەكلىدە كۆپلۈك شەكلى ئۇچرايدۇ، ئەرەپچىدىكى بۇلبۇل مەنىسىدىكى سۆز بولسا "ئاندەلىب" دىگەن سۆزدۇر. zZ9<4"CIk  
بۇندىن باشقا يەنە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە موڭغۇلچە، خەنزۇچە، ھىندىچە (سانسىكىرىتچە)، خوتەنچە، خوتەن ساكچىسىچە، كەنجەكچە، توخارچە، سوغدىچە، گېرىكچە، پارسچە ۋە تىبەتچە قاتارلىق تىللارغا تەۋە بولغان 258 سۆز بولۇپ بۇ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تىكى 6730 سۆزنىڭ %3.83 نى تەشكىل قىلىدۇ، دادىللىق بىلەن قىلىنغان پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا %4 كە يېقىنلىشىدىغان بۇ سۆزلەرنىڭ سىرتتىن كىرگەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. XU_,Z/Yw_  
شۇڭا «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى "11- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى تۈرك دۇنياسىدا قوللىنىلغان تۈركچە ۋە تۈركچىگە باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ ئېنىسكىلوپىدىيىلىك لۇغىتى" دەپ ئاتاش بىرقەدەر مۇۋاپىق. @mx$sNDkL  
«دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە سىرتتىن كىرگەن سۆزلۈكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى خەنزۇچە ئاتالغۇلار بولۇپ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە جەمئىي 71 خەنزۇچە سۆزلۈك ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن باشقىلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا موڭغۇلچە سۆزلۈك 57، ھىندىچە (سانسىكىرىتچە) سۆزلۈك 9، خوتەنچە ۋە خوتەن ساكچىسىچە سۆزلۈك 26، كەنجەكچە ۋە قەشقەرچە (قەشقەرنىڭ يەرلىك شىۋىسىنى كۆرسەتسە كېرەك) سۆزلۈك 22+ 6، توخارچە سۆزلۈك 6، سوغدىچە سۆزلۈك 21، گېرىكچە سۆزلۈك 5، پارسچە سۆزلۈك 27+3، تىبەتچە سۆزلۈكلەر 3، ئەرەپچە سۆزلۈكلەر 2. BY*2y p}7  
تەرجىماندىن ئىزاھات: ئاپتور گەرچە يۇقۇرىدىكى سانلاردا مىسال ئېلىنغان سۆزلۈكلەرنى شۇ تىللارغا تەۋە دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن مىسال ئاخىرىدا ھەر بىر سۆزلۈك ھەققىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق پوزىتسىيە بىلەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئارىسىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئەسلى تۈركچىدىن شۇ تىللارغا كىرگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. قىزىققۇچىلار ئەسلى ئەسەردىن ئوقۇغاي. ;}WtJ&y=M  
)@, 90Vhh  
بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ 2008- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن " مەھمۇد كاشىغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى "غا تەييارلىغان ۋە شۇ يىغىندا ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ قىسقارتىلمىسىدۇر.
xIQ/$[&v  
)Ig+uDGk  
http://kashgheri.blogbus.com/logs/52623525.html
تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-28, 18:47
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
لىككاكى
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9262

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   410 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   485 (سوم)
 ياخشى باھا:   258 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   278  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1749
 سائەت
دەرىجىسى:
1749 سائەت 141 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
 
yipek-yoli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15628

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7589 (سوم)
 ياخشى باھا:   721 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1157  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 192
 سائەت
دەرىجىسى:
192 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-29
ئاخــىرقىسى:2011-07-28
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

مەھمۇد قەشقىرى 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرنىڭ ئوپال كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇ بىر ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ،تىلشۇناس ۋە ئەدىب .900نەچچە يىلدىن بېرى ئالىمنىڭ ئىسمى ئۇنىڭ ئۆچمەس ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن بىرلىكتە دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ كەلمەكتە . I=K!)X$  
)~ 0}Et l  
مەھمۇد قەشقىرى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان .قاراخانىلار سۇلالىسنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى گۈللەنگەن دەۋردە قەشقەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەمدە ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغان . كىيىن ئۇ ئۇزاق مۇددەت تۈركلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى ئايلانغان ،باغداتتا مۇھاجىر بۇلۇپ تۇرغان .ئۇ تۈركلەرنىڭ نۇرغۇن شىۋىلىرىنى پىششىق بىلىپلا قالماستىن ،يەنە ئەرەب ۋە پارس تىللىرىنىمۇ مۇكەممەل ئىگەللىگەن ئىدى . ~xGoJrF\  
*~ p (GC  
مەھمۇد قەشقىرى باغداتتا مۇھاجىر بۇلۇپ تۇرغان مەزگىلدە ئەينى چاغدا باغداتنى مەركەز قىلغان ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنى ۋە ئۇنىڭ تىلىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش تەلىۋىنى قاندۇرۇش ،ئىسلام دۇنياسىغا تۈرك مەدەنيىتىنى تۇنۇشتۇرۇپ  ،تۈركىي تىللار شىۋىسىنىڭ موللىغىنى كۆرسىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن 1072-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ 1074-يىل 2-ئايغىچە تۆت قېتىم تۈزىتىش ئارقىلىق ئەرەب  تىلدا ئىزاھلانغان تۈرك تىلىنىڭ  «تۈركىي تىللار دىۋانى »نى يېزىپ چىقتى .مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»يېزىپ چىقىش ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن ،ئۇ «كىرىش سۆز»دە :«مەن تۈركلەرنىڭ بارلىق يېزا قىشلاق ۋە يايلاقلىرىنى  ئارىلاپ چىقتىم ، تۈركلەر ،تۈركمەنلەر ،ئوغۇزلار ،چىگىللار ۋە قىرغىزلارنىڭ شېئېرىي ئەسەرلىرنى تامامەن ئىسىمدە ساقلىۋالدىم ،.....ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشتىن كىيىن مەن ئەڭ ئەۋزەل شەكىل ۋە ئەڭ ئېنىق تىل بىلەن بۇ كىتاپنى تاماملىدىم .»دىگەن . 7vn%kW=$  
qG<7hr@x]  
«تۈركىي تىللار دىۋانى» پۈتۈن كىتاپنىڭ تۈزۈلىشى مۇكەممەل تەركىبى ئوچۇق بولۇپ  ،زېھىن قۇيۇپ تۈزۈلگەن بىر كاتتا ئەسەر  بولۇپ ھېساپلىنىدۇ  . ^ eQFg>  
bS.s?a  
«تۈركىي تىللار دىۋانى » ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ،مىللەت ، قەبىلە ۋە ئۇرۇق ،ئەمەل ۋە ئۇنۋان ،ئاسترونومىيە ۋە كالىندارچىلىق ،دىن ۋە مەمۇرىيەت ،ھەربىي ئىشلار ۋە تەنتەربىيە ،دەريا ۋە تاغ تىزمىلىرى ،ئۈسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار ،يىمەكلىك ۋە تازىلىق ،كىسەللىك ۋە تىبابەت ،مىتال ۋە مەدەنلەر ،تارىخى شەخسلەر ۋە ئەپسانىدىكى ئادەملەر ،ئۇيۇن ۋە كۈڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارغا ئائىت زور مىقداردىكى سۆزلەر ۋە ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . *?/tO, R?  
7R}9oK_I  
«تۈركىي تىلار دىۋانى»نىڭ ئەڭ گەۋدىلىك بىر يېرى شۇكى :ئاپتۇر بىرمۇنچە تارماقلار  ئىچىدە ،سۆزلەرنى چۈشەندۇرۇش ئىھتىياجى بىلەن ،نۇرغۇنلىغان قوشاقلار،ھىكمەتلىك سۆزلەر ۋە ماقال تەمسىللەرنى نەقىل كەلتۈرگەن .بۇ قوشاقلار ئۈمىتۋار  ،مەزمۇت، ساپ بۇلۇپ ،تۇرمۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن تولغان ؛بۇ ھىكمەتلىك سۆزلەر ۋە ماقال –تەمسىللەر ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق ،پەلسەپىۋى قائىدىلەرگە ئىگە بۇلۇپ ،ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن . ,LD m8   
\v+u;6cx_  
ئۇندىن باشقا «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا يەنە بىر پارچە چەمبەر شەكىللىك خەرىتە بار بۇلۇپ ،ئاپتۇر شۇ چاغدا ئۆزىگە  تۇنۇشلۇق بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنياسىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن . C|MQ $~5:w  
8WL8/  
«تۈركىي تىللار دىۋانى »تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى ،تارىخى ،جۇغراپىيىسى ،ئۆرپ ئادىتى ،ئەدەبىياتى قاتارلىق نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىكى  تۇنجى چوڭ قامۇس .ئۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق بايلىقى ،شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى گۆھەر .بىز مەھمۇد قەشقىرىدەك بۇنداق ئۇلۇغ ئالىمىمىزدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ھىس قىلىمىز . ]hA,LY f  
+oI3I~  

 
toxkanjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18610

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   796 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2763 (سوم)
 ياخشى باھا:   471 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4548
 سائەت
دەرىجىسى:
4548 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

مەھمۇد قەشقەرى دىمەك ئۇيغۇر دىمەك،تۈركى مىللەت دىمەك.
 
ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.
oghuzkhan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47896

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   112 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2290 (سوم)
 ياخشى باھا:   373 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   447  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2763
 سائەت
دەرىجىسى:
2763 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-29

بۇلبۇل سۆزىنى ئېنگىلىزلارمۇ  پارىسچىدىن قوبۇل قىلغان ئىكەندە . 1b=lpw 1}  
bulbul
 
مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.
Suchi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24820

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   539 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9312 (سوم)
 ياخشى باھا:   309 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2973
 سائەت
دەرىجىسى:
2973 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-29

خەنزۇچىدىن كىرگەن سۆزلەرنى بىلىپ قالساق بوپتىكەن.تېما ئىگىسى بۇ تېمىنىڭ تولۇقىنى يوللىغىلى بولماسمۇ؟
 
ھازىر تۆۋبە قىلسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز!
soygum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37634

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4171 (سوم)
 ياخشى باھا:   614 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1565
 سائەت
دەرىجىسى:
1565 سائەت 135 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

ماڭا خەنزۇچە - قازاقچە ئۇيغۇرچە لۇغەت كېرەك
 
كۈچلەن ئىجادىيەت بىلوگى(سۆيگۇم ئامبىرى).  ئادىرىسى:http://kuxlan.blogbus.com/
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى