-
تىزىم نۇمۇرى:47689
-
- تىزىم ۋاقتى:2011-07-13
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-11-08
- تور ۋاقتى:1026سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
|
|
|
|
ئىزدىنىش ۋە بايقاش _?~%+Oz/ j
"qND=15 ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ،تورداشلار،ۋۇجۇدى يېڭى بىلىم ۋە ئۇچۇرلارغا ئىنتىلىۋاتقان،ئۇيغۇر ئىلىم - پەن ساھەسىنىڭ گۈللىنىشى ۋە كېڭىيىشى ئۈچۈن ئىزدىنىپ تىرىشىۋاتقان ئىلىم سۆيەر دوستلار ،مەن جەمىئىتىمىزنىڭ ئاددى بىر ئەزاسى،شۇنداقلا تور بېكىتىمىزنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،مۇنبەر مەزمۇنىنى بېيىتىپ،دوستلارنىڭ ئىزدىنىش ۋە تەپەككۈر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ،يېڭى شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە قارىتا ئويلىنىش ، مۇلاھىزە قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدە،مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 10-يۈرۈش قانىلىدا كۆرسىتىلىۋاتقان ‹‹ئىزدىنىش ۋە بايقاش›› پىروگراممىسى ئاساسىدا مەزكۇر كۆپ قىسىملىق تور سەھىپىسى (يېزىقچە نۇسخىسى) نى ئىشلەپ دوستلارنىڭ مۇلاھىزە ھوزىرىغا سۇنۇشنى ئىختىيار قىلدىم،خىزمەت ئالدىراشلىغى ۋە ۋاقىت قىسلىغى سەۋەبىدىن ھازىرچە ھەرئايدا بىر سان (قىسىم) ئىشلەپ يوللاشنى پىلان قىلدىم،ياراتقان ئىگەم جېنىمنى تېنىمدە ئامان قىلسا ۋە ئىمكانىيەت يار بەرسە تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى تەييارلاپ يوللاشقا تىرىشىمەن. كەڭ دوستلارنىڭ ئورتاق مۇلاھىزە قىلىشىپ،سەمىمى تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى،ئىملا يېزىقتا خاتالىق كۆرۈلسە توغىرلاپ ئوقۇپ چۈشىنىپ كېتىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىت قىلىمەن. r:H]`Uo'r ئاخىردا ئۇلۇغ ئاللاھدىن بارلىق قەۋم-قېرىنداشلارنىڭ ئىمان - ۋىجدانىغا پاكلىق، تېنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىغا بەخت،خىزمەت كەسىپلىرىگە نەتىجە تىلەيمەن،شۇنداقلا مۇنبەردىن ئىبارەت بۇ ئىللىق،رەڭگاھرەڭ ئائىلىدە مەنىۋىيىتىمىزنىڭ كۈنسىرى بېيىپ،نەزەر دائىرىمىزنىڭ كېڭىيىپ ،دوستلۇغىمىزنىڭ بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئارزۇ قىلىمەن. g
b_Y]U "_WN[jm ھېكمەت ئېلى $[|(&8
+7 OC=&
!< *[si!e% 1-بۆلۈم: سىرلىق تاشقى دۇنيا مەدەنىيىتى U=n7R
Pw Q %o@s3~O بىز ياشاۋاتقان بۇ يەرشارى بولسا چەكسىز ئالەم بوشلۇغىدىكى ساناقسىزپلانت-سەييارىلەرنىڭ كىچىككىنە بىر ئەزاسى بولۇپ،ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار بايقىغان بىردىن-بىر ھاياتلىق مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان ۋە جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان پىلانت ھېساپلىنىدۇ. بىراق 1897-يىلى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا يۈز بەرگەن ئاۋرورا ۋەقەسىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ خىيال-تەسەۋۋۇرىدا تاشقى دۇنيا ياكى تاشقى پىلانت قارىشى ھەمدە تاشقى پىلانت ئادەملىرى توغرىسىدىكى ئۇقۇملار پەيدا بولدى ۋە تارقالدى. يەر شارىدىن باشقا پىلانت - سەييارىلەردىمۇ جانلىقلار،جۈملىدىن ئەقلى ئىقتىدارغا ئىگە جانلىقلار مەۋجۇتمۇ؟ بۇ تالاي يىللاردىن بويان ئىنسانلار قىزىقىۋاتقان ۋە ئالىملار ئىزدىنىۋاتقان مۇھىم مەسلە بولۇپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر بۇتوغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان كۆز - قاراشلىرى ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بەزىلەر ھەتتا يالغان ئاخبارات - ۋەقەلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ كەلدى،بىراق يەر شارىدىكى تا ھازىرغىچە سىرى ئېچىلماي كېلىۋاتقان بىرقىسىم مەدەنىيەت - مىراسلىرى ۋە ھادىسىلەر يەنىلا ئىنسانلار تەپەككۈر ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى تاشقى پىلانت مەدەنىيىتىگە زىچ باغلاپ كەلمەكتە،شۇڭا مەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار ۋە فىلىملەردىن پايدىلىنىپ بۇ تېمىنى تەييارلىدىم، كەڭ تورداشلارنىڭ تەپەككۈر- مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!! a"jE\OZ{+s 1-قىسىم:ئاۋرورا ۋەقەسى :v^/k]S كۆرگۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە: 1897-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەردە ئامېرىكا تېكساس شىتاتىنىڭ ئاۋرورا بازىرىدا كىشىلەر بىر سېگارت شەكىللىك كۆمۈش رەڭلىك ئوچار جىسىمنىڭ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ كېلىپ،پىلوكھىت دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بىر شامال چاقپىلىكىگە سوقۇلۇپ پارتىلاپ كەتكەن. Ta?J;& كىشلەر دەرھال بۇجايغا يېتىپ كېلىپ،نەق مەيداندا پارتىلاشتا پاچاقلىنىپ كەتكەن بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ سۇنۇق-پارچىلىرىنى ۋە پارتىلاشتا كۆيۈپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن بىر نامەلۇم جەسەتنى كۆرگەن،كىشىلەر تەپسىلى تەكشۈرۈش ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ جەسەتنىڭ بىز ياشاۋاتقان يەرشارىغا تەۋە ئەمەس ئىكەنلىگىنى بايقىغان.ۋەقەدىن كېيىن كىشىلەر ئۇچار جىسىم پارچىلىرىنى شۇ جايدىكى بىر كونا قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن،نامەلۇم جەسەتنى بولسا خىرىستىيان دىننى قائىدىسى بويىچە شۇجايغا دەپنە قىلغان،قەبرە تېشىغا بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم ۋە تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ تەقلىدى تەسەۋۋۇر شەكلىنى ئۇيۇپ قالدۇرغان. ` Ig5*X4| ئەتىسى ئامىرىكا ‹‹داللاس گېزىتى›› بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغان،شۇندىن ئېتبارەن كىشىلەرنىڭ دىققەت – نەزىرى چۈشمەي كەلگەن بۇ كىچىككىنە بازار پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىزىقىش نوقتىسىغا ئايلانغان،ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئاڭ-خىيالىدا تاشقى پىلانت ۋە تاشقى پىلانت ئادىمى ئۇقۇمى پەيدا بولغان (ئىلگىرى تار دائىرىلىك تاشقى پىلانت ئادىمى نەزىرىسى مەۋجۈت ئىدى) . h@%Xy(/m' C~En0 G1 ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندە يەنى 1973- يىلى خەلقئارا تەشكىلاتى مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ بۇجايغا كەلگەن،ۋە ئەھۋال ئىگەللىمەكچى بولغان،بىراق يەرلىكلەرنىڭ قاتتىق قارشلىقىغا ئۇچرىغان،يەرلىك خەلق قەبرىنى ئېچىش دىننى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ دەپ ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلغان ھەم قەبرە تېشىنى يۆتكىۋەتكەن،شۇ سەۋەپتىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇلار شۇ يەردىكى ئەينى چاغدىكى شۇۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنى ئىزدەپ زىيارەت قىلغان،لېكىن ئارىدىن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتكەچكە ئېنىق بىلىدىغانلىرى ئاساسەن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ پەقەت ئۈچ كىشىلا بۇۋەقەنى ئەسلىيەلىگەن. f+Y4~k مارى ئىۋاننىس ئىسىملىك بىر ئايال مۇنداق دېگەن: شۇچاغدا مەن سەككىز ياشتا ئىدىم،بىزنىڭ ئۆيىمىز دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئىدى،ۋەقە يۈزبەرگەن كۈنى مەن ئۆيدە ئاپام بىلەن ئولتۇراتتىم،تۇيۇقسىز قاتتىق پارتىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق ،شۇنىڭ بىلەن مەن ئاپام بىلەن شۇ جايغا باردىم،قارىسام ھەقىقەتەن بىر نەرسىنىڭ پارتىلاپ پاچاقلىنىپ كەتكەن پارچىلىرى تۇراتتى،ئەتراپنى قۇيۇق ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەن ئىكەن،ئوزۇن ئۆتمەي ئاپام مىنى ئۇجايدىن كەتكۈزىۋەتتى، ئەتىسى بىز قانداقتۇر بىر سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادەمنى دەپنە قىلغانلىغىنى ئاڭلىدىم دېگەن. e9LX0= چارلىز ستېۋىنس ئىسىملىك بىر كىشى : شۇ چاغدا مەن ئون ئىككى ياشلاردا ئىدىم،بىز دېھقانچىلىق مەيدانىغا يېقىن جايدا ئەمگەك قىلىۋاتاتتۇق،تۇيۇقسىز بىر نەرسىنىڭ قاتتىق پارتىلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق،ۋە دېھقانچىلىق مەيدانىدىن قۇيۇق ئىس – تۈتەك كۆتۈرۈلگەنلىگىنى كۆردۇق، بىز بىللە شۇجايغا بارساق ھەقىقەتەن بىر كۆمۈش رەڭلىك بىر جىسىمنىڭ پارتىلاپ پاچاقلىنىپ كەتكەن پارچىلىرىنى كۆردۇق، چوڭلار پارچىلارنى كونا قۇدۇققا تاشلىۋەتتى،ئەتىسى بىز قانداقتۇر بىر سالاھىيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئادەمنى دەپنە قىلغانلىغىنى ئاڭلىدۇق دېگەن. 7H Har'=T
روبى ھاننىس ئىسىملىك بىر كىشى تەكشۈرگۈچى خادىمغا : شۇيىلى بازار دا شۇنداق بىر غۇلغۇلا بولغىنى راست،مەن سەككىز - توققۇز ياشلاردا ئىدىم،ئېنىق ئىسىمدە بار ،لېكىن قانداقتۇر تاشقى پىلانت ئادىمى،ئۇچار جىسىم دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يوق گەپ،بۇ دېگەن شۇ جايدىكىلەرنىڭ (ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ) ئويدۇرمىسى دېگەن. =$'>VPQ
بۇ كېشىنىڭ بايانىنىڭ ئاساسى شۇكى ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ بازارنى سىرتتقا تۇنۇتۇش، ۋە سىرت بىلەن بولغان ئىجتىمائى ئالاقىنى كۈچەيتىپ ئونۋېرسال تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى ئويدۇرۇپ چىققان.شۇ ئارقىلىق بۇ بازارنىڭ جەلىپكارلىغىنى ئاشۇرغان.( كېيىن بۇ ئاساس نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن)كىشىلەر بۇخىل كۆزقاراشنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ،ۋە بۇۋەقەنى چوڭ ئالدامچىلىق دەپ تەشۋىق قىلغان. gVG^R02# لېكىن شۇجايدىكى % 80 كىشىلەر بۇ ۋەقەنىڭ ھەقىقىيلىكىگە ئىشىنىدۇ.بەزى ئانالىزچىلار بۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئەينى چاغدا ياسالغان ئايرۇپىلان ياكى دېرژابىل بولۇشى مۇمكىن دېگەن،بىراق ئېنىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندائاكا-ئۇكا رايىتلار ياسىغان تۇنجى ئايرۇپىلانمۇ بۇ ۋەقەدىن 6 يىل كېيىن يەنى 1903-يىلى ئۇچۇرۇلغان،دېرژابىلنىڭ كىشىلەر بايان قىلغىنىدەك ئۇنداق تېز سۈرئەتتە ئۇچالىشى مۇمكىن ئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ ئايرۇپىلان ياكى دېرژابىل بولۇشى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس،شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى :ئەگەربۇ ۋەقە ھەقىقەتەن راست يۈز بەرگەن بولسا ئۇ نامەلۇم ئۇچار جىسىم ۋە ئادەمنىڭ يەر شارى سىرتىدىن كەلگەنلىكى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. Pe%[d[k تەكشۈرگۈچى خادىملار يەنە بۇ جايدىن بىرپارچە مېتال پارچىسى تېپىۋالغان بولۇپ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ماددىنىڭ تۆمۈر ئىكەنلىگىنى،بىراق ئېغىرلىقىنىڭ تۆمۈرنىڭ 2\1 گە توغرا كېلىدىغانلىقىنى،ماگىنىت تۇتمايدىغانلىقىنى بايقىغان. j yHa}OT بىروللى ئوۋىز ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ئو ھېلىقى كونا قۇدۇقنىڭ يېقىن ئەتراپىدىن بىر باسما قۇدۇق ئورناتقان ھەم سۈيىنى ئىچكەندىن كېيىن قولى ئېغىر دەرىجىدە قاپارتما ئۆرلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان،نۇرغۇنلىغان دوختۇرلارغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ بۇ كېسەللىكنىڭ تىپى ۋە پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى ئىنىقلاپ چىقالمىغان. qk& F>6<9* شۇنداق قىلىپ بۇۋەقە ئۇزاق تارىخى جەرياندا كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ياكى بۇرمىلىنىپ راست بىلەن يالغاننىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىپ بارغانسىرى سىرلىقلىشىپ كەتكەن.بىراق شۇندىن ئېتبارەن شۇنىڭغا ئوخشاش نامەلۇم ئۇچار جىسىم ۋە تاشقى پىلانت ئادىمى ھادىسىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرغان. كۆپ قىسىم دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر – ئاخبارات ۋە ئارخىپ ھۆججەتلەرنى مۇتلەق مەخپى تۇتقاچقا كىشىلەرنىڭ بۇ توغۇرلۇق ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىش دائىرىسى كېڭىيەلمىگەن ۋە ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىشى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا تاشقى دۇنيا مەدەنىيىتى تا ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە. بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى بىز ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشى ۋە تىرىشىشى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ سىرلارنى يېشىشكە تۈرتكە بۇلالايدۇ. )qxt< '?rR>$s مەنبە:CCTV-10 vXKL< | |