مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5341 
  •    ئىنكاس 
       26 

بىر ئايالنىڭ خېتى ( تۈركىناز )

قەۋەت ئاتلاش
turkinaz0992
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36864

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   696 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5624 (سوم)
 ياخشى باھا:   653 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   475  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3518
 سائەت
دەرىجىسى:
3518 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-05

                      بۈگۈن سەن كەتتىڭ  ، ئوغلۇم ئىككىمىزنى  كۆڭۈلسىز ، بىچارە ھالەتتە قالدۇرۇپ كەتتىڭ ،  گەرچە بەزىدە سەندىن ئايرىلىشنى  تالاي ئويلىغان بولساممۇ  بۇ ھالەتتە ئايرىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ھەم خالىمايتتىم . بۇ بىر قانچە يىللىق تۇرمۇش مۇساپىسىدە مېنى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز  غەم - قايغۇلارغا  ، كۆز يېشىغا بەنت قىلىپ ، پاراكەندىچىلىكلەرنى ، ئادالەتسىزلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولساڭمۇ ، بىزنىڭ قۇۋناق ئۆتكەن كۈنلىرىمىزمۇ بولغانىدى ، ئەڭ مۇھىمى 6 يىللىق تۇرمۇشىمىزنىڭ شاھىدى بولغان ئوغلىمىز بىزنى قانداقلا بولمىسۇن بىر - بىرىمىزگە باغلاپ ئەشۇ  چىدىغۇسىز ، كۆڭۈلسىز كۈنلەرنى بەرداشلىق بېرىپ ئۆتكۈزۈشكە مەدەت بېرىپ كەلگەنىدى ، ھېلىھەم ئوغلۇمنى مېنىڭ يالغۇزلۇقۇمنى بىلىندۇرمەس دەپ ئويلايمەن . ABD)}n=%c  
                           شۇنداق ، سەن كەتتىڭ ، ماڭا تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ، غەمنى سېلىپ قويۇپ كەتتىڭ . ئۇنىىڭسىزمۇ  مەن بەرگەن قۇربانلىقلار مېنىڭ يەلكەمنى ئىزچىل بېسىپ كېلىۋاتقانىدى !مەن چارچىغان ، قاتتىق چارچىغانىدىم ، بۇ خىل تۇرمۇش مېنى چارچىتىپ ھالىمدىن كەتكۈزگەنىدى  ، يېشىم تېخى ئوتتۇزغا بارمايلا تۇرمۇش ، خىزمەت بېسىمى بىلەن قوشۇلۇپ سېنىڭ بېغەم ، مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭ ، بىر ئەر ، بىر خوجايىن سۈپىتىدە ئۆزۈڭنىڭ تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىڭنى ئادا قىلىشنى ئويلاپمۇ قويماسلىقىڭ مېنى ھارغۇزغانىدى ... o 
                         ھەر قېتىم تۇرمۇشتىن بەزگەن چاغلىرىمدا ئازاپلىق تولغىنىپ  ئولتۇرۇپ ئىككىمىزنىڭ تويى ھەققىدە ئويلاپ قالىمەن . ?o81E2TJO  
                          مەن ئاتا- ئانامنىڭ ئارزۇلۇق قىزى  ئىدىم ، ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلاشلىرى مېنى قەرزداردەك ھېس قىلدۇراتتى ، شۇڭا ، قەلبىمدە بىخلاپ چىققان تۇنجى مۇھەببەتنى يەنە شۇ قەلبىمنىڭ قات - قېتىغا كۆمۈپ قويۇشقا  مەجبۇر قىلغانىدى ، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپ مېھرىمنى ئاتا قىلىپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش يولىنى تاللىغانىدىم . خىزمىتىمنى بېرىلىپ ئىشلەش ، ئاتا- ئانامنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى  ئۇلارغا ۋاپادارلىقىمنى بىلدۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى قىلىپ تاللىغانىدىم . Xq_5 Qv  
                                      تۇرمۇش ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىشكە ، ئويلاشقا ،چۈشىنىشكە مۇيەسسەر بولالماي تۇرۇپ ، دادامنىڭ پات - پات قوزغىلىپ قالىدىغان كونا كېسىلى ھەممىمىزنى يۈرەكئالدى قىلىۋەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئۆزۈمنى تويى بولىدىغان قىز ھالىتىدە كۆردۈم . بىزمۇ خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش كىيىنكى تۇرمۇشۇمنىڭ ئاچچىق مىنۇتلىرىغا ئوخشايدىغان تۇزلۇق ناننى يەپ ، چوڭلارنىڭ دۇئاسىغا پەلەككە يەتكۈدەك نەغمە - ناۋا كۈيىىنى قوشۇپ ياڭرىتىپ يۇرتتا كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بۇ ئۆمۈرلۈك مۇساپىنى باشلىۋەتتۇق . >8W P0 Qx/  
                              ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەيلا  تۇرمۇشىمىز مەنىسىزلىككە تولۇشقا باشلىدى ، سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئەتىگەندە تۇرۇپ تا كەچ بولغۇچە بىر توپ بىكار تەلەپ ئاغىنىلىرىڭ بىلەن ئىچىش ، كەيىپ - ساپا قىلىش بىلەن ، مەن بولسام خىزمەتنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋەردۇق . ئەمما ، سېنىڭ تالادىكى ئويۇن - تاماشالىرىڭ ئاز كەلگەندەك ، خۇدۇڭنى بىلمىگەن ھالدا تۇرۇپ ھەر خىل ، ھەر قىسما ئا غىنىلىرىڭنى قوندۇرۇشلىرىڭ ھەم  ئۇلارنىڭ سەن بار ۋە يوق جايلاردا قىلغان  تېتىقسىز چاقچاقلىرى قاتتىق زىتىمغا تەگكەچكە قېيىنئاپامنى ساڭا نەسىھەت قىلىپ قويار دېگەن نىيەتتە دېگەن سۆزلىرىمگە : « ئوغۇلبالا دېگەن ئىچىدۇ ، چېكىدۇ ، ئۇنى سىز تۇرماق مەنمۇ توسالمايمەن ، جەمئىيەتكە ئارىلاشمىغان ئوغۇلبالىنى ئوغۇلبالا دېگىلى بولاتتىمۇ ؟ » دەپ جاۋاپ بېرىشى مېنى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈرگەنىدى . سېنىڭ روھىيىتىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ئادەم ئىدىڭ ، سەندە نە بىر ئىشقا قىزىقىش ، ئىنتىلىش يوق ئىدى خۇددى ئۆزۈڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىڭنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ...مەن بۇ بىمەنە  ياشاشقا ، بۇ خىل بىمەنە تۇرمۇشقا خاتىمە بېرىشنى ئويلاپ قەتىئي نىيەتكە كەلگەن كۈنلەردە باشلانغان  سېزىكىم تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى ! قانداق قىلىش كېرەك ؟ سېنىڭ قايتا - قايتا يالۋۇرۇشلىرىڭ ۋە ئاتا -ئانامنىڭ « دادا بولغاندىن كېيىن تۈزىلىپ قالار » دېگەن ئۆتۈنۈشى بىلەن تۇرمۇشقا يەنە بىر قەدەم چۆكتۈم ... $$ Oey)*  
                     ئەمما  ، مېنىڭ تىرىشچانلىقىم ، ئوغلۇڭنىڭ ئوماق، سەبىي ھالىتى ، ئەڭ مۇھىمى دادا بولۇشتەك ئېغىر  ھەم شەرەپلىك مەسئۇلىيەتمۇ سېنى ئۆزگەرتەلمىدى. كېچە - كېچىلەپ مەس كىرىشلەر ، سەۋەپسىز نەرسە كېرەكلەرنى چېقىپ ، ئېتىپ چارچىغاندا ئۇخلاپ قېلىشلار داۋام ئېتىۋەردى ،  ھازىر ئويلاپ باقسام ئەشۇ كۈنلەرنى قانداق چىداپ ئۆتكۈزگەنلىكىمگە ھەيران بولىمەن ... $~VRza 8Q  
                   بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ئىلگىرىكى ئۇستازىم ، ھازىرقى خىزمەتدىشىم ئىسكەندەر مۇئەللىمنىڭ ھادىسە سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن كۈنى ئۆزۈمنى تۇتالماي ئوغلۇمغا : « ئوغلۇم ، سەن مەن بىلەن مەكتەپكە بارغان چاغلاردا ساڭا رەسىم سىزىشنى ئۆگەتكەن داداشنى توك سوقىۋىتىپ تۈگەپ كېتىپتۇ » دېدىم ئۆزۈمنى تۇتالماي . ئەشۇ كۈنى  ئىككى تىزىمنى چىڭ قۇچاقلىغىنىمچە كىرىسلۇدا ئولتۇرۇپ قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن . بىر چاغدا ئوغلۇم ئاستا يېنىمغا كېلىپ : -likj# Z  
                    -  ئاپا ، دادام  ئۆلۈپ كەتسە يىغلامسەن ؟  - دەپ سورىدى . تولىمۇ ھەيران بولغان ھالدا  بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ  سورىدىم : Xejo_SV&?  
                    - بۇ نېمە دېگىنىڭ ئوغلۇم ؟ x[h^[oF0  
                      -  دادام مەست كېلىپ سېنى بوزەك قىلغاندا ، ئاۋۇ تېلىۋىزورنى چېقىۋەتكەن چاغدا ئۇنى ئۆلۈپ قالسىكەن دەپ ئويلىدىم ئاپا ... - ئۇنى باغرىمغا مەھكەم باستىم ، ئاھ بىچارە بالام !  ئۇ قۇچىقىمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ دۈگىلەك كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇرۇپ : kYG/@7f/  
                       -  بۇنداق گەپ قىلسام يامان بولىدۇ ھە ، ئاپا ؟ #_6I w`0  
                  كۆردۈڭمۇ ، بۇ  سەبىي بالىنىڭ گېپىنى ! بىر سەبىي بالىنىڭ ئۆز دادىسى توغرىسىدا دېگەن گېپىنى!... gl\\+VyU  
                  ئەسلىدە  ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە -  تۇرمۇشتىكى بەخت ئىكەن . خىزمەت ھاياتنىڭ بىر قىسمى بولسا ، تۇرمۇش ھاياتنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىكەن .خىزمەتتىكى ئۇنداق ياكى مۇنداق نۇقسانلارنى سەۋەپ قىلىپ تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدىكەن ، بولمىغاندا ئارقا ئىشىك قىلىپ بولسىمۇ  ئوڭشىۋالغىلى ، ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغىلى بولىدىكەن . بىراق تۇرمۇشتىكى نۇقسانلارنى ، خاتا باسقان بىر قەدىمىڭنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرگىچە ئاللىبۇرۇن بۇ پاتقاققا پېتىپ بولغان بولىدىكەنسەن . ئەشۇ بىر قەدىمىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىكەنسەن ، چارچايدىكەنسەن  ، چارچىغىنىڭ چارچىغان ،ئۇپرىغىنىڭ ئۇپرىغان ، سۇنغىنىڭ سۇنغان بولىدىكەن . بىراق بىرەرسىگە ئارقا ئىشىك قىلىپ ئوڭشىۋالغىلى ، ھەممىنى باشتىن باشلىغىلى بولمايدىكەن . 9 Vkb>yFX'  
                       ئوغلىمىز ھەقىقەتەن سېنىڭ مېھرىڭگە قانماي چوڭ بولدى ، ئەسلىدە ئوغۇل بالا دېگەن دادىسى بىلەن كۆپرەك بىللە بولسا  مەردانىلىقنى ، باتۇرلۇقنى ، قىسقىسى ئەركەكلىكنى ئۆگىنەتتى . ئەمما ،  دەل ئەكىسچە ئۇنىڭ مەن بىلەن بىللە بولغان چاغلىرى كۆپ بولدى ... WY?[,_4U  
               مەن تالاي قېتىم كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئاجرىشىپ كېتىپ بۇنداق مەنىسىز ، ئازاپلىق ، بۇرۇختۇم تۇرمۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشنى ئويلىغان  .بىراق بىلەمسەن ،سىنىپىمدىكى ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بىر قانچە بالىنىڭ مىسكىن ، سۇلغۇن ھالىتىنى  كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا دەرھال بۇ خىياللىرىمدىن يېنىۋالاتتىم ۋە ئۆزۈمنى شەخسىيەتچىلىكتە ئەيىپلەپ كېتەتتىم . ھېلىمۇ ئېسىمدە ، تۇرمۇشىمىز يىرىكلەشكەن ھەتتا كېچىلىرى ئۆيگە كۈن - كۈنلەپ قايتماس بولۇپ كەتكەن كۈنلىرىڭنىڭ بىرى ئىدى . سىنىپمدىكى كۈندىن كۈنگە جىمغۇرلىشىپ كېتىۋاتقان ئالىيە ئىسىملىك قىز سەۋەپسىز لا 3 كۈن مەكتەپكە كەلمىدى ، ئائىلىسىنىڭ تېلىفۇنى ئېلىنماي پەقەت دېرىكىنى قىلالمىدىم  ، 4 - كۈنى ئەتىگەندە بۇ قىز كېچىكىپرەك سىنىپقا كىردى : `Aw^H !  
                      - نېمە بولدىڭىز ئالىيە نەچچە كۈندىن بېرى ؟ يەنە كېچىكىپ كەپسىز ...- ، دېيىشىم بىلەن تەڭ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ۋە : oW ::hB  
                       - مۇئەللىم ، ئاپام بىلەن دادام ئاجرىشىپ كەتتى ...- دېگىنىچە ئۆكسۈپ  سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى . ئالدىغا ئىتتىك  بىر قەدەم مېڭىپ  ئۇنى قۇچاقلاپ ، بېشىنى سىلىدىم ، بۇغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالغان يىغىنى تەستە يۈتۈپ ئارانلا : ar__ Pf6r  
                        - ئولتۇرۇڭ  ، - دېيەلىدىم .... A#.edVj.g4  
                         ئەشۇ قىزنىڭ ئەشۈ كۈنكى ھالىتىنى ۋە كېيىنكى كۈنلەردىكى ئۈمىدسىز تۇرقىنى ، گويا ئۇۋىسىدىن ئايرىلىپ تىنەپ قالغان ئاجىز قۇشتەك مۆلىلدەپ تۇرغان مىسكىن كۆزلىرىنى ھازىر  ئەسلىسەممۇ  مېنى يىغا تۇتىدۇ ! ,?>s>bHV  
                        ئاجرىشىپ كېتىش  ئەشۇ بىر جۈپلەر ئۈچۈن ( ھەر قانچە ئۆز ئارزۇيى بىلەن ئاجراشسىمۇ ) كۆڭۈلسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . چۈنكى ئاجرىشىش - تۇرمۇشتىكى بىر مەغلۇبىيەت .، بىر قېتىملىق يىقىلىش ، ئېغىر يىقىلىش ئىدى . ئەمما ، ئاتا - ئانىلار ئوتتۇرىسدا قالغان پەرزەنتى ئۈچۈن بۇ يىقىلىشنىڭ ، بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ قەلبىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىسا كېرەك . بالىلار ئىللىق ئائىلىگە، ئاتا - ئانا مېھرىگە مۇھتاج ، مەڭگۈ شۇنداق !  ئاجرىشىپ كېتىشنىڭ چۇقۇم سەۋەبى بولىدۇ . ئەمما ئويلايمەنكى ئىككى ئادەم ئوخشاش بولمىغان ئائىلىدە ، مۇھىتتا چوڭ بولۇپ ئوخشاش بولمىغان مىجەز - خاراكتېر ، تۇرمۇش ئادىتى ، كۆز قاراشلارغا ئىگە بولغان ئىككى ئادەمنىڭ  بىر ئائىلىدە مەڭگۈ بىرگە ئۆتمىكى ئاسان ئەمەس . ئەگەر ئىككىلا تەرەپ سەۋەنلىكنى ئۆزىدىن ئىزلىسە ، ئازىراق كەڭ قۇرساق بولسىلا چىقىشىپ كېتەلمىگۈدەك ئىش يوق دەپ قارايتتىم ھەم شۇڭا سېنىڭ كەچۈرۈم سوراشلىرىڭنى سۈكۈت ئىچىدە قۇبۇل قىلاتتىم ، گەرچە ۋەدىلىرىڭ بىر ھەپتىگە پايلىمىسىمۇ ئۈمىدۋار ئىدىم . سودىلىرىڭ يۈرۈشمەي قاق سەنەم بولغان چاغلىرىڭدىمۇ مەن سەندىن رەنجىمىگەن پەقەت مۇشۇ بىر ئىبرەت بولسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئۈمىدۋار ئىدىم .  سىرتلاردا قونۇپ قېلىپ غورۇرۇمغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ كەچۈرۈم سورىغىنىڭدىمۇ ئۈمىدۋار ئىدىم  . شۇنداق ، كۆپ ھاللاردا يەنىلا ئۈمىدۋار ئىدىم... مەيلى نېملا دەي ، نېمىلا قىلماي تۆلىگەن بەدەللىرىمنىڭ ھەممىسى تامامەن ئوغلىمىز ئۈچۈن ئىدى .ئوغلۇمغا بولغان مېھرىمنىڭ كۈچلۈكلىكى مېنى زىيادە مەسئۇلىيەتچان  چىداملىق قىلىۋەتكەن ئىدىكى ... 2oVSn"  
                              ئەشۇ كۈنى ئۈشتۈمتۈت كەلگەن تېلىفۇننى ئېلىپلا ئوغلۇم بىلەن يېنىڭغا باردىم ، قوللىرىڭغا كويزا سېلىنغان ھالىتىڭنى ئوغلۇمغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنى باغرىمغا ، ئېتەكلىرىم ئارىسىغا چىڭ باستىم . ئەشۈ كەيپ ، ئەشۇ ھاراق سەۋەپلىك تاساددىپىي  ھالدا بىرسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى ! fmU {  
                              شۇ تاپتا قولۇمدا ئاچچىق پۇشايمانغا تولغان خېتىڭ تۇرۇپتۇ . سەن خېتىڭدە مېنى ئۆزۈڭنى كەچۈرۈشۈمنى ۋە ساقلىماي ئاجرىشىش تەكلىپىگە قول قويۇپ تۇرمۇشۇمنى باشقىدىن باشلىشىمنى ئېيتىپسەن . ئەجىبا ، سېنىڭ مەشئۇلىيەتسىزلىكىڭ يەتمىگەندەك مەنمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشىم كېرەكمۇ ؟ ئوغلىمىز دۇنياغا  ئىككىمىزدىن مەسئۇلىيەتسىزلىكنى ، شەخسىيەتچىلىكنى ، ئەقىدىسىزلىكنى  كۆرۈش ئۈچۈن يارالغانمۇ ؟ ياق ، قېيىئاپامنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئېيتقان بىر ئېغىز سۆزى ئۈچۈن سەنلا ئەمەس ، مەن ۋە ئوغلۇم ئىككىمىز ئوخشاش بەدەل تۆلەۋاتىمىز . ئەشۈ ۋاقىتتا ئەشۇ سۆزنىڭ ئورنىغا ئانىلىق مەجبۇرىيىتى ئورنىدا ئىككى ئېغىز ياخشى تەربىيە بەرگەن بولسا ، رايىڭغا باقمىغان بولسا بەلكىم  ... CyS$|E  
                           بولدىلا ، كۈندىن كۈنگە تۈگىشىپ كېتىۋاتقان بىچارە ئايالغا قارىسام ئىچىم سېرىلىدۇ . ئوغلۇم مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن بولسىمۇ ئەقىدىنى ، ئېتىقادنى ، مەسئۇلىيەتنى ، ئادىمىيلىكنى كۆرۈشكە ھوقۇقلۇق ، مەن قىسقا بولمىغان بۇ جەرىياندا بارلىقىمنى ، زېھنىمنى ، ياشلىقىمنى ئوغلۇمنى تەربىيىلەشكە ، سېنىڭ يوقلۇقۇڭنى بىلىندۈرمەي ئۆتۈشكە تىرىشىمەن ، ئانىلىق مەجبۇرىيىتىمنى ۋە بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن ، سەن چىققان ۋاقتىڭدا ئۇ ھەر قايسى جەھەتلەردىن تولۇق يېتىلگەن  يىگىت بولۇپ ئالدىڭغا چىقىدۇ . ئەگەر راستىنلا پۇشايمان قىلىۋاتقان بولساڭ ، ۋۇجۇدۇڭدىكى چاڭ - توزانلارنى تازىلاپ ، روھىي دۇنيارىڭنى يېڭىلاپ قايتقىن . ھېلىمۇ، ياخشى دادا ، ياخشى ئەر بولۇشقا ئۈلگۈرىسەن !... Xe$I7iKD  
                             1 eS&&J5  
                       مەنبە : ئىجادىيەت             A)bWcB}U  
mk.9OhYY  
2BQ j  
                  2005  - يىل 20 - ئاپرېل    
تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-28, 16:51
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ئەقىل ئىگىلىرىنى ئىككى ئىش ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .بىرسى ،قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆز كەسپىگە قويماسلىق ، يەنە بىرسى قابىلىيەتسىز كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەش .
abdurxit29
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18426

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   431 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4955 (سوم)
 ياخشى باھا:   263 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   213  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1967
 سائەت
دەرىجىسى:
1967 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

جەمىيەتكە ئارلاشقانغا ئىچكەنگە- چەككەنگە ئارلاشقانغا تويۇپتۇدە. ئايالى بىلەن بالسىغا بوپتۇ بار ئۇۋالچىلىق ھەييييييييييييييييييييي
 
tatleh
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1670

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   595 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7928 (سوم)
 ياخشى باھا:   278 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   262  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2322
 سائەت
دەرىجىسى:
2322 سائەت 198 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

ئانا ! نىمە دىگەن كەڭ قورساق ، ئەپۇچان ، مەسئۇلياتچان!... 'v VQg  
تىمىدىكى ‹مەن› نىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار مەيلى تۇرمۇشتا ھەقىقى بولغان ۋەقە بولسۇن ،مەيلى تۇقۇلما بولسۇن مەزمۇنى شۇنچىلىك تەبىئى، چىن ، ئادەمنىڭ يۈرەك -باغرىنى ئەزگۈدەك  چىقىپتۇ ، ‹مەن›گە ھەسسىلەپ ھۆرمىتىم ئاشتى ، ئايال بولماق ، ئانا بولماقنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەقىقەتەن بەس مۈشكۈل.... D|lzGt  
قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن ! تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆككەندىلا مۇشۇنداق تۇرمۇشقا يېقىن ئەسەرلەر ۋۇجۇدقا كىلىدۇ . &SIq2>QA  

 
بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن،
ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن.
بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات،
قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.
paqat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34015

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   94 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1854 (سوم)
 ياخشى باھا:   206 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   199  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1394
 سائەت
دەرىجىسى:
1394 سائەت 126 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

بىر دوستۇم قان يىغلاپ تۇرۇپ ئىچمىگىن ، چەكمىگىن ... ئىچىپ قالساڭ ئۆيگە كىرمە ، ئۆيىڭگە ئەڭ يىقىن ئاغىنەڭنىمۇ مەس ھالەتتە قۇندۇرغىلى ئەكىرمە ، ئۆيىڭدە ئولتۇرۇش قىلىساڭ ئايالىڭ ئانىسنىڭ ئۆيىگە ياكى سىنىڭ چوڭ ئۆيىڭگە كەتسۇن دەپ نەسىھەت قىلغانىدى. 5(Cl1Yse=r  
ئۇنىڭ ئايالى ئاشۇ دوستۇمنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى بىلەن يىتىپ قالغاچقا ئىككىلىسىنى ئۆلتۈرۋىتىپ ھازىر تۈرمىدە...يوقلاپ بارسام دېگەن سۆزى شۇ . 'UkxS b  
ئىككىلىسى مەس كىرىپ دوستۇمنىڭ دوستى يىشىلىپ ئايالىغا پۇخۇرلۇق قىلغان ، ئۇنىمىسا ئۇرۇپ ئايلاندۇرۋەتكەن ئەتتىگىنى قارىسا ئىككىسى بىللە .... @M<|:Z %.@  
ھاراق ئىچمەڭلار ئەي جىنىم قىرىنداشلىرىم ... ئاللا كۆڭلۈمىزگە ئىنساپ بەرسۇن g(nPQOs$u  

 
نېمىشقا كەلتۈردۈڭ كۆلنىڭ قىشىغا،
ئۈزۈڭ ھەم كۆل قىشىغا كەلمىگەندىكىن.
نېمىشقا يىگۈزدۈڭ تۇزلىغان بىلىق ،
ئارقىدىن ئۇسسۇزلۇق بەرمىگەندىكىن.
kuklam1979315
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49384

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   83 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2098 (سوم)
 ياخشى باھا:   285 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   349  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1282
 سائەت
دەرىجىسى:
1282 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

قۇلىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن. بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئۈلمەس ئانىلىق رۇھىڭىزغا قايىلىمەن.كۈكلىسۇن ئانىلار رۇھى!!!....
 
دىل ئۆيۈڭنى يۇرۇتۇپ ئۆتسۇن،  
بەخىت بىرىپ بەختىڭگە كۈلكەم.  
چىن سۆيگۈگە قېنىپ ياشايسەن،   
ھاياتىڭغا رەڭ بىرەر كۆكلەم!...
mawhum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10854

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   84 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5568 (سوم)
 ياخشى باھا:   253 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   331  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3452
 سائەت
دەرىجىسى:
3452 سائەت 48 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىگە ھىچنىمە يەتمەيدۇ!ھەقىقەتەن تەسىرلىك چىقىپتۇ!!!
 
بەخىتلىك نىكاھ،كۇڭۇللۇك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى!!!
曲马多!
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48796

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   68 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2326 (سوم)
 ياخشى باھا:   588 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   894  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1634
 سائەت
دەرىجىسى:
1634 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-22
ئاخــىرقىسى:2011-09-12
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
 
mayinxamal302
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37256

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1553 (سوم)
 ياخشى باھا:   38 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 472
 سائەت
دەرىجىسى:
472 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-11
ئاخــىرقىسى:2011-09-27
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

ئايال بولماق بەك تەس...... T *I?9d{k  
مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ يېزىپسىز، لېكىن مىنىڭ يولدۇشۇم ئەسەردىكى ‹مەن›نىڭ يولدىشىدەك تۈرمىدە ئەمەس. مەنمۇ شۇكۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ھەم كەچۈرىۋاتىمەن. بۇ ئەسەردىكى ‹مەن›نىڭ يولدىشى ئەپۇسوراشنى خاتالىقىنى تۇنۇشنى بىلىدىكەن،گەرچە ئەمەل قىلالمىسىمۇ. لېكىن مىنىڭ يولدۇشۇم ئەپۇسوراشنى پەقەتلا بىلمەيدۇ. مەنمۇ شۇ قىزىمنى دەپ چىداپ كىلىۋاتىمەن. مىنىڭ قينىئاناممۇ ماڭا ئەشۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلغان، ھەم مىنى جېنى يوق خىنىمكەن ئوغلۇمنى ئوبدان باشقۇرغان بولسا بۇنداق يامان يوللارغا كىرىپ قالمىغان بولاتتى دىگەن گەپلىرىمۇ بار، كىلىن بولماقمۇ بەك تەسكەن. KECElK3uj  
ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئىگەم بارلىق ئەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، كىلىن بىلەن قېينىئانا ئوتتۇرسىغا مىھرى-مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت ئاتاقىلغاي. 3Wcy)y>2Ap  

 
كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ
tundikexabnam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31886

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   287 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2390 (سوم)
 ياخشى باھا:   198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   101  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2330
 سائەت
دەرىجىسى:
2330 سائەت 190 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-26
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

ئەسەردىكى«مەن»گە  راستىنلا  قۇل  قۇيدۇم
 
تۇندىكى   شەبنەم
honqa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44970

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   51 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1119 (سوم)
 ياخشى باھا:   313 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   449  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 831
 سائەت
دەرىجىسى:
831 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-05
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-29

ھەقىقەتەن ياخشى  يىزىپسىز ، ئەسەردىكى مەن بەك قەيسەركەن..
 
ئانا بىر قۇلىدا بۇشۇكنى تەۋەتسە،بىر قۇلىدا دۇنيانى تەۋىتىدۇ!!
سىز مۇشۇ نامغا لايىقمۇ؟؟
0997tumaris
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48438

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   20 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 12
 سائەت
دەرىجىسى:
12 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-19
ئاخــىرقىسى:2011-08-02
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-29

مەنمۇ بۇ تۇرمۇشنى باشتىن كەچۇرۋاتقىلى 10 يىلدىن ئېشىپتۇ. ھازىر پەقەت بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتىمەن. n `#+L~ X  
ئەمدى قانداق قىلىشىم كىرەك؟ `wV|q~  
ئانىنىڭ مەسئۇليىتى نىمە دىگەن ئېغىر ھە! j/`Up  
ئەسلىدە دادىنىڭ مەسئۇليىتى ئېغىر ئىدى.....
 
مائارىپنى قوللىغىنىڭىز، كەلگۇسىگە كۆڭۇل بۆلگىنىڭىز....
taxyaprak0996
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38300

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   99 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 727
 سائەت
دەرىجىسى:
727 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-31
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-29

ھازىرقى جەمىئەتتە  ئەر-ئاياللارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالدى،ئەرلەر مەسئۇلىيەتسىز بۇلۇپ كەتتى.ھەممىگە قادىر ئاللاھ ئىگەم ھەممىنڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى