مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1737 
  •    ئىنكاس 
       5 

دولان مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى — ئادىل مۇھەممەت

قەۋەت ئاتلاش
yipek-yoli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15628

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7589 (سوم)
 ياخشى باھا:   721 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1157  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 192
 سائەت
دەرىجىسى:
192 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-29
ئاخــىرقىسى:2011-07-28

Acq>M^ E3  
E]eqvTNH  
تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش تەتقىقاتچى ئادىل مۇھەممەت 1967 – يىلى 8 – ئايدا مەكىت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1986 – يىلىدىن 1991 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ 1995 – يىلىغىچە مەكىت ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلىگەن. 1995 – يىلى 9 – ئايدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش – باشقۇرۇش ئورنىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 2000 – يىلى 7 – ئايدىن 2003 – يىلى 8 – ئايغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 2003 – يىلى 8 – ئايدىن تا ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات ئىدارىسى ئوقۇش – تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، مۇدىرى ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ . :AE;x&  
N>6yacTB  
ئادىل مۇھەممەت تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى 1990 – يىلى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تارىخ ، ئارخېئولوگىيە ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ، مەدەنىيەت – سەنئەت، ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان . Zz)oMw  
i;'X}KW  
ئادىل مۇھەممەت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى بولغان «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ساقلىنىشى ، ۋارىسلىق قىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى» (2001 — 2003 – يىللىرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن مەكىت ناھىيىسى ھەمكارلاشقان تەتقىقات تېمىسى «شىنجاڭ مەكىت ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئېچىش توغرىسىدا تەتقىقات» (2005 — 2006 – يىللىرى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك (غەربىي قىسىم) نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرى «شىنجاڭ مەكىت ناھىيىسىنىڭ شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدا تەتقىقات» (2005 — 2006 – يىللىرى) قاتارلىق تەتقىقات تېمىلىرىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى-قەدىمكى ئىزلار ئومۇمىي مەجمۇئەسى» ناملىق ئىلمىي ئەسەرنى ئىشلەش ئىلمىي ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەزكىرىسى تۈزۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، «ئاپاق خوجا مازىرى» ناملىق تارىخىي، سۈرەتلىك مەخسۇس ئەسەرنىڭ باش مۇھەررىرى قاتارلىق ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېي ساھەسىدىكى بىر قاتار خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن 2000 – يىلى مەملىكەت بويىچە «مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان. hzPB~obC  
b{|/J 
ئادىل مۇھەممەتنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «قەشقەردىكى قەدىمكى ئىزلار»، «مەكىت تارىخىدىن تېزىسلار»، «قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخ – جۇغراپىيىسى» (1) ، «باياۋاندىكى مەڭگۈلۈك ناخشا — دولان»، «مەكىت تارىخ – مەدەنىيىتى» (ئۈچ قىسىم) ، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، «قەدىمكى خوتەن»، «قەدىمكى قەشقەر»، «قەدىمكى كۈسەن»، «قەدىمكى كروران»، «قەدىمكى ئىلى›› قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى نەشىر قىلىندى . «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى» (ئىككى قىسىم)، «جۇڭگو ۋە چەت ئەل سەيياھلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى خاتىرىلىرى»، «مەدەنىيىتىمىزگە تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر شەخسلەر»، «شىنجاڭ ئاخبارات – نەشرىياتچىلىقى»، «قەشقەر» (بۇ 12 قىسىملىق ئۇنىۋېرسال مەجمۇئە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى توققۇز قىسىمىنى مۇستەقىل ئىشلىگەن) قاتارلىق تارىخ – جۇغراپىيە، ئارخېئولوگىيە، مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىككە ئائىت ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتور «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت مەجمۇئەسى» (بۇ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق – ئارخېئولوگىيە ۋە مۇزېي ساھەسىگە ئالاقىدار بولغان 41 قىسىملىق مەجمۇئە بولۇپ، ئاپتور بۇنىڭ ئىچىدىكى 10 قىسىمنى ئۆزى مۇستەقىل ئىشلىگەندىن سىرت، قالغان قىسىملىرىنى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن) ناملىق ئىلمىي ئەسەرنى نەشرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا. E5[]eg~w%{  
komxot[[  
ئادىل مۇھەممەت ھازىر جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو مۇزېيشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى. HAUTCX  
K"6+X|yxE  
كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى O 
  مەنزىل: http://www.radioxj.com/show.aspx?id=7288&cid=3  

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-27, 23:24
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   626 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8716 (سوم)
 ياخشى باھا:   442 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6020
 سائەت
دەرىجىسى:
6020 سائەت 270 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

تارىخ قانچە قازغانسىرى شۇنچە روشەنلىشىدىغان ئىلىم .ئۇنىڭ يېزىلغانلىرىنى كونا كېتاپلاردىن ،يېزىلمىغانلىرىنى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزدىن ئىزدەيمىز .ھىچ ئامال بولمىغاندا ئەجداتلارنىڭ قەبرىلىرىنى قېزىپ بىقىشمۇ توغرا كېلىدۇ .بۇ تەتقىقاتچىمىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۈچۈن تۆككەن تەرىگە رەھمەت .
 
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
ramu
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15527

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   249 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6985 (سوم)
 ياخشى باھا:   256 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   253  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3939
 سائەت
دەرىجىسى:
3939 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

دولان دىگىنى زادى نىمە گەپ؟ zd 4y5/aoS  
بىلدىغانلار بىلىمىڭلارنى ئايمىساڭلار! بىلىۋالساق بۇلاتتى.رەخمەت!
 
yadikar-
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41067

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7897 (سوم)
 ياخشى باھا:   591 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   948  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 756
 سائەت
دەرىجىسى:
756 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-28

ئادىل مۇھەممەت تۇران ئەپەندى بىز مەكىتلىكنىڭ يەنەبىر پەخىرلىك ئوغلانى.
 
UYGHURAAA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3750

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1092 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11995 (سوم)
 ياخشى باھا:   616 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   511  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 265
 سائەت
دەرىجىسى:
265 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-29

تورداشلارنىڭ تەڭرىتاغ تورىدىن تۈرلۈك-تۈمەن تىمىلارنى تىنماي، توختاتماي تارتىپ تۇرۇشى تورىمىزغا توشۇپتۇ.
 
ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك.

ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
kayetmas
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21151

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   314 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4770 (سوم)
 ياخشى باھا:   442 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   430  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2031
 سائەت
دەرىجىسى:
2031 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-21

ئادىلكام ئېسىل ئادەم.مۇشۇ تېمىنى ئاران نەچچە ئادەم كۆرگىنىدىن ھەيرانمەن.
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى