مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5133 
  •    ئىنكاس 
       40 

‹‹ساقىيار›› ماركىلىق دەھشەت ئۈنۈملۈك دورا

قەۋەت ئاتلاش
nidayi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.48230

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   364 (سوم)
 ياخشى باھا:   92 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 734
 سائەت
دەرىجىسى:
734 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-18
ئاخــىرقىسى:2011-09-16

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
     b[7 ]F  
   تېخى يېقىندىلا مەلۇم بىر دورا زاۋۇتى ئۈنۈمى مىسىلسىز يۇقىرى بولغان «ساقىيار» ماركىلىق بىر خىل دورىنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى. بۇ دورا بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر دورا ئورنىنى باسالمىغۇدەك دەرىجىدىكى دەھشەت ئۈنۈمى بىلەن سانسىزلىغان كېسەللىك ساھىبلىرىنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تاللىشىغا ئايلاندى. v LZoa-w:  
    «ساقىيار» ماركىلىق بۇ دورا بوۋاقلاردىكى تولا يىغلاش، ئانا سۈتىنى تاشلاپ بازاردىكى تۈرلۈك تالقانلارغا خۇمار بولۇپ قېلىش، ئورنىغا سىيىپ قويۇش، كىيىمىنى ئۆزى كىيەلمەسلىك، بويى ئۆسمەسلىك، كېچىدە بىر نەرسىنى كۆرەلمەسلىك، ئايىقىنىڭ بوغقۇچىنى ئۆزى چېگەلمەسلىك قاتارلىق ئاپەت خاراكتېرلىك كېسەللەرنى، ياشلاردىكى دەرسكە كېچىكىش، سىناقتىن ئۆتەلمەسلىك، مۇسابىقىدە ئارقىدا قېلىش، مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولۇش، مودا قوغلىشىش، پۇل تاپالماسلىق، ئاچقۇچ يۈتۈپ كەتكەندە ئىشىكنى ئاچالماسلىق، ئۇرۇشقاندا تاياق يەپ كېتىش، قىشتا توڭلاپ كېتىش، مۇزدا تېيىلىپ كېتىش، يازدا تەرلەپ كېتىش، خۇشال بولغاندا كۈلۈپ كېتىش، ئاجرىشىپ كېتىش قاتارلىق جاھىللىقتا گەپ توغرا كەلمەيدىغان زامانىۋى كېسەللەرنى، قېرى، ماك – ماكلاردىكى نەۋرە كۆرەلمەسلىك، ئېگىز بىناغا يۈگۈرۈپ چىقالماسلىق، 10 مىڭ مېتىرغا يۈگۈرەلمەسلىك، ئېغىر نەرسىنى كۆتۈرەلمەسلىك، چېچى ئاقىرىپ كېتىش، 200 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى كېسەللەرنى شۇنداقلا، ئۇلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان رىماتىزم، قۇلاقماتىزم، پاچاقماتىزم، دوگماتىزم، كۆزماتىزم، پراگماتىزم، سۆڭگەچماتىزم، رىمامەيدە، رىماقورساق، رىماكالپۇك، رىماقولتۇق، رىماتاپان، رىمابارماق قاتارلىق ئادەم خىيال قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان، زەھەرلىك بوغما يىلاندەك ھەتتاكى توپان بالاسىدىنمۇ خەتەرلىك ھەم قورقۇنچلۇق كېسەللەرنى ھېچقانداق دورا، ئوكۇل ۋە ياكى ئوپېراتسىيە پىچىقى ئىشلەتمەيلا بىر دورەمدىلا تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتالايدۇ. MfQ!6zE  
‹‹ساقىيار›› ماركىلىق بۇ دورا يەنە دۇنيادا تېۋىپلىقنىڭ، تېبابەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىشقا پېتىنالىغان، داڭدارلىقتا تەڭداشسىز ھەكىملەرمۇ تېخى ئىسىم قويۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەن،  جاھىللىقتا ئۆزىدىن بۇرۇنقى بارلىق مەشھۇر، جاھىل كېسەللەرنىڭ جاھىللىقى بىلەن جاھىللىقنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان، ئەبەدىي ساقايمايدۇ، دەپ ئەنگە ئېلىنغان جاھىل كېسەللەرنىمۇ تېخى  بۇ ئالەمگە ئىختىرا قىلىنمىغان تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن داۋالاپ، سىزنى ساقلىق دۇنياسىنىڭ ھەقىقىي سۇلتانىغا ئايلاندۇرىدۇ. fzA9'i`  
   ئەگەر سىز دوختۇرلارنى مالال قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان يۈرەك سانجىقى، مېڭىگە قان چۈشۈش، پويىزغا سوقۇلۇپ كېتىش، ئايرۇپىلاندىن يېقىلىپ كېتىش دېگەندەك تايىنى يوق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالسىڭىز ‹‹ساقىيار›› ماركىلىق دورىنىڭ تەشۋىقات ۋارىقىنى كۈندە ئۈچ قېتىمدىن بەش قېتىمغىچە پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ئوقۇپ بەرسىڭىز، ئىشىنىمىزكى بۇ كېسەللىرىڭىز سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ. =2 kG%9  
ناۋادا سىز قۇلاق ئاڭلىماسلىق، چىش ئاغىرىقى، خىزمەت تاپالماسلىق قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالسىڭىز ‹‹ساقىيار›› ماركىلىق دورىنىڭ رادىئودا بېرىلىۋاتقان ئېلانىنى كۈندە بەش قېتىمدىن يەتتە قېتىمغىچە جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ بەرسىڭىزلا سىزدىكى بۇ كېسەللەرمۇ ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە ساقىيىپ كېتىدۇ. = f i$}>\  
   مۇبادا سىزدە خوتۇنىڭىز تاماق ئەتمىگەندە ئاچ قالىدىغان، كۆزىڭىز بىر نەرسىنى ئېنىق كۆرەلمەيدىغان، دورا يېسە رېئاكسىيە قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە ‹‹ساقىيار›› ماركىلىق دورىنىڭ تېلېۋىزۇردا بېرىلىۋاتقان ئېلانىنى كۈندە يەتتە قېتىمدىن توققۇز قېتىمغىچە چەكچىيىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ بەرسىڭىز تۇيۇقسىزلا ساقىيىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز. ,(4K4pN  
ئەندىشىدە بولما، ئەي بىمار، HmwT~  
بۇ كېسىلىڭ بىر كۈن ساقىيار. R$Q.sE  
سېنى ساقكەن دەيدۇ ھەممىسى، T#)P`q  
يېنىڭدا گەر بولسا ساقىيار.
~,~eoW7  
   — سىزنى بىمارلىق ئالىمىدىن ساقلىق دۇنياسىغا باشلىغۇچى ئېسىل دورا — ساقىيار! U?=Dg1  
   ناۋادا سىزدە يۇقىرىقىدەك پەۋقۇلئاددە كېسەللەر كۆرۈلۈپ، بۇ دورىغا ئېھتىياجىڭىز چۈشسە بىر يۈز سەككىزىنچى، مىنوس ئىككىنچى يول ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، مەلۇم ئۇبۇرنىنىڭ يېنىدا چۈشۈپ قېلىپ، ئالدىڭىزغا ئەللىك مېتىر، كەينىڭىزگە بىر يۈز ئەللىك مېتىر ماڭسىڭىز يېتىپ بارىسز.   ((I%'   
@v B!u[{  
    سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ سۆز ئويۇنىنى مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يازغان ھەم مەكتەپنىڭ كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى پائالىيەتتە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئوقۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولغان، كېيىن يەنە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسدا، باس–باس تورى ‹‹قەلب كۆزنىكى›› رادىيو پىروگراممىسىدا، شۇنداقلا يەنە تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئوقۇلغانىدى. X|8c>_}  
   مەن يېقىندا بىرەيلەننىڭ مېنىڭ بۇ كىچىككىنە ئىجادىيىتىمنى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى سەنئەت رادىيوسى ‹‹شادلىق مىنۇتلىرى›› پىروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى سۈپىتىدە ئوقۇغانلىقىنى بىلدىم. بۇ باشقىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق ھەمدە نومۇسسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا يەنە مىسرانىم مۇنبىرىدە مېنىڭ بۇ سۆز ئويۇنۇم يوللىنىپتۇ، بىراق مېنىڭ ئىسمىم ئەسكەرتىلمەپتۇ. مەن بۈگۈن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇز سۆز ئويۇنىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى يوللىدىم. كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرلانغايسىلەر. #=v~8  

تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-27, 19:35
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
نىدائىي
yusupjan518
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.20997

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   138 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3721 (سوم)
 ياخشى باھا:   200 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   225  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3336
 سائەت
دەرىجىسى:
3336 سائەت 164 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

   ئەدەبىي ئەسەر  ئوغىرلىرى يۇقالسۇن !
 
ARAL52
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.42256

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   106 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1040 (سوم)
 ياخشى باھا:   280 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   347  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2051
 سائەت
دەرىجىسى:
2051 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

、ئالى مەكتەپكە ئۈتەلمگەنلەر ،مەرمۇرلۇققا ئىمتاھان بىرىپ ئۈتەلمىگەنلەر يىسىمىۇ شۇنداق مەنپئەت قىلامدۇ......ئۇرۇشقاقلار نى ئۇرۇشتىن توختىتىشقا پايدىسى بولسا مەن مىسىر غا ...ئىسرائىليەگە ئەۋەتەي ......
 
كۈچىمىز يەتمىگەنىگە سەل تۇرۋالساق پۇرسەت كىلىدۇ.ئەمما قىلالايدىغان ئىشنى كىچىكتۈرسەك چاتاق .......................
chaqmaq137
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7140

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   251 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6167 (سوم)
 ياخشى باھا:   295 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 266
 سائەت
دەرىجىسى:
266 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-21
ئاخــىرقىسى:2011-10-06
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

ھا ھا ھا ھا ھا ئۇقۇپ كۈلۈپ بولالماي تاس قالدىم يىقىلىپ قالغىلى ۋو ھا ھاھا ...
 
چاقماق
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4320 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55356 (سوم)
 ياخشى باھا:   2677 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1677
 سائەت
دەرىجىسى:
1677 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

قاتتىق دەھشەت دورىكەنغۇ بۇ كۆپ خىل كېسەللەرگە مەنپئەت قىلىدىغان.... 0,rTdjH7  
پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئوقۇپ بولغۇچە تولا كۈلۈپ  چىشىم چۈشۈپ كەتتى،چۈشۈپ كەتەكن چىشىمغىمۇ پايدا قىلارمۇ بۇ ‹‹ساقىيار ››دورىسى... 1YJC{bO  
قەلىمىڭىز  ھەقىقەتەن ئۆتكۈركەن....
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
دەقيانوس
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1971 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11587 (سوم)
 ياخشى باھا:   807 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   723  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4538
 سائەت
دەرىجىسى:
4538 سائەت 102 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

شۇ مەنمۇ ئاڭلىغان چىراي بۇنى، ئەمما قىزىقارلىق يىزىپتىكەنسىز.
 
abdurxit29
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18426

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   431 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4955 (سوم)
 ياخشى باھا:   263 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   213  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1967
 سائەت
دەرىجىسى:
1967 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

مەن بىرسىنىڭ تىلفۇنىدا ئاڭلاپ تازا كۈلگەن ئىدىم ھازىرمۇ تازا كۈلىۋاپتىمەن. x4#T G  
باشقىلارنىڭ ئىجادىيتىنى مىنىڭ دەيدىغانلارنىڭ يۇزى چويۇنمىدۇ؟؟؟؟؟
 
abdurxit29
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18426

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   431 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4955 (سوم)
 ياخشى باھا:   263 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   213  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1967
 سائەت
دەرىجىسى:
1967 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

چۆيۇن دىمەكچى ئىدىم
 
tagnur
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.77

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   3475 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   48769 (سوم)
 ياخشى باھا:   1974 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2226  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10154
 سائەت
دەرىجىسى:
10154 سائەت 186 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

مەن تېمىڭىزنىڭ بېشىدىكى بەزى كۈلكىلىك گەپلەرنى2011 يىللىق ‹ ئاتۇشتا نورۇز › پىروگىرامىسىدىكى ،يالقۇن قۇربان بىلەن بىر ئايال ئورۇنلىغان ، دىرىكتور تاللاش توغۇرلۇق ئىشلەنگەن ئىتۇتتا كۆرگەن . لىكىن ئۇ ئىتوتتىمۇ ئاپتۇرنى ئەسكەرتمەپتۇ .
 
ئانا تىلغا كەلگەندە خىرىس ،
ئۆزگە تىلغا بولغاندا ھىرىس  ،
شۇنچە يىللىق ئىسىل ئەنئەنە ،
داۋام ئىتىپ بولغاندا چىرىش .
ئاھ ! تىلىم دەپ يۈرەك يىغلايدۇ !؟
Kunduz^_^ay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3630

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1424 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17878 (سوم)
 ياخشى باھا:   1386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3604  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5181
 سائەت
دەرىجىسى:
5181 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

بۇ دورا دوختۇرلارنى ئىشسىز قىلىپ، دوختۇرلىنىڭ بازىرىنى كاساتلاشتۇرۋاتكۈدەك........
 
سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!
شاتمەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16159

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   735 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4664 (سوم)
 ياخشى باھا:   642 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   566  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6093
 سائەت
دەرىجىسى:
6093 سائەت 197 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

مەنمۇ بۇ تېمىنى باشقا توربەتلەردە كۆرگەنتىم . ئەسلى ئاپتورى سىزئىكەنسىز دە . ftDVxKDE?S  
مىسرانىم مۇنبىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا مۇبارەك . sxf}Mmsk  
يانا باشقا دەششەت ئۈنۈملۈك دورىللىرىڭىز بولسا ھەممەيلەن تالىشىپ سېتىۋالىمىز .
 
قىزلار كىرمەڭلار         http://xatman.blogbus.com
Kunduz^_^ay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3630

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1424 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17878 (سوم)
 ياخشى باھا:   1386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3604  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5181
 سائەت
دەرىجىسى:
5181 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27
4قەۋەتتىكى(musilina) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

راس چىشلىرىغۇ ئاللىقاچان چۈشۈپ كەتكەن مۇما. ئەمدى بۇ ئىلانغا كۈلۈپ قويۇپ مەن ئېلىپ بەرگەن ، چەتئەلدىن كىرگۈزگەن ئالماس چىشلىرىڭىمۇ چۈشۈپ كەتتىما.........ساقىيارنى ئەرىز قىلمىسام بولمىدى.
 
سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى