-
تىزىم نۇمۇرى:48414
-
- تىزىم ۋاقتى:2011-07-19
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-08-30
- تور ۋاقتى:83سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
|
|
|
|
ئاڭلىسام ھازىر نۇرغۇن چاشقانلار سەمرىپ مۈشۈكتەك بۇلۇپ قاپتىمىش، مۈشۈكلەر چاشقاننى كۆرسە «ئاكا» دەپ خۇددى پادىشاھلارنى كۈتكەن دىدەكلەردەك شۇ چاشقانلارنى كۈتەرمىش. بەزى قىزلارمۇ ھازىر ياز كەلدى دەپ يالغان كىيىملىرىنى تاشلاپ سىرتقا كۆرۈنمەس كىيىملەرنى كىيىپ چىققۇدەك، بازاردا ھازىر ئۇزۇن كىيىملەر ئەزانلىشىپ، قىسقا كىيىملەر قىممەتلىشىپ كەتكۈدەك. كىشىلەرمۇ سىرتقا چىققاندا قىسقا كىيىنىپ، ئۆيگە كىرگەندە ئۇزۇن كىينىۋالدىغان بوپتۇ، ئاڭلىسام بۇ بىر مەدەنىيەتمىش. بەزى نۇرغۇن يىگىتلىرىمىز قىزلىرىمىز ئۇنداق بۇلۇپ كەتتى، بۇنداق بۇلۇپ كەتتى دەپ قاقشاپ زار زار بۇلۇپ ئىشلارنى ئۆزلىرىدىن كۆرمەي ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قالغانمىش. نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتاپقا پايلىيالمىدۇق دەپ توڭلاتقۇغا يوتقان سېلىپ ياتقۇدەكمىش . | *>/w,E] مانا ئاڭلىغانسىز ھازىر نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولىمىز دەپ ھاراقلارنى رومكىلارغا تولدۇرۇپ قۇيىدىغان بۇلۇپ كىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەرلىرى ئاياللىرىنى توسماقتا يوق «خو خوتۇن» دەپ ماختاپ يۈرىيدىغانلار جىقكەن. نۇرغۇنلىرى تاپقان تەرگىنىنى سىرتقا خەجلەپ تۈگىتىپ، ئۆيگە كەلگەندە قورسىقىغا تاشنى تېڭىپ يۈرگۈدەك. مانا ھازىر تاشتىن سۇ چىقارغىلى بولدىكەن دىگەن گەپنى ئاڭلاپ تۇرغۇن كىشىلەر يەردىن تاشنى تېپىۋالسا خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك ئۆيلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشكابىغا سېلىپ نەچچە كۈن ئۇخلىماي قارايدىكەن. بىر نەچچە كۈن ھاۋا ئىسسپ كىتىۋىدى ماتاڭچىنىڭ ئاچچىغى كىلىپ دوغاپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ. ^F'~|zc"C مەن سىزگە دېگەندىمغۇ؟ زامان ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مەن سىزنىڭكىگە كىيىپ بارغان تۆت يانچۇقلۇق چاپىنىمنى ھازىر خۇتۇنۇم نان ياققاندا كىيىپ يۈرىيدۇ. يازغان ئەسىرىمنىڭ ژورنالغا بېسىلغىنىنى كۆرىپلا مانا بۇ كاستىيۇم بۇرۇلكىنى سېتىۋالدىم. چەتئەلنىڭ شىلەپىسىدىن بىرنى دەمسىز؟ ئادەمنىڭ بېشىدا گارشۇكنى دۈم كۆمتۈرتۈپ قويغاندەك تۇردىغان ئۇ نىمە بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق . ئادەملەر ئۇنى ياراشقىنىدىن كىيىپ يۈرىيدۇ، دەمسىز؟ مەن سىزگە ئېيتاي : چەتئەللىكلەر ھىلىغۇ شىلەپىكەن ، بېشىغا شاپاقنى كىيىپ كەلگەن بولسىمۇ «قاراڭلار ئۇ ئوبدانلا يارىشىدىكەن – ھە، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىز ئۇنى نىمىشقا كىيمىگەندىمىز» دەپ شۇنىمۇ كىيدىغانلار چىقاتتى. … سەپ سالغانسىز بەزىلەر ھازىر تۇي تۆكۈنلەردە تاۋاقتا ئازراق پولونى ئاشۇرۇپ قۇيۇشنىمۇ « مەدەنىيەت» دەپ بىلىدىغان بولدى. ئاڭلىدىڭىزمۇ ياپۇنلار سىناق قىلىپ ئاتقان بىر بومبا ئاسمانغا چىقىپ كېتىپ ، تېخى چۈشمەيۋاتقۇدەك، شۇڭا ھاۋا ئىسسىپ كېتىپ بارامدىكىن دەيمەن. قاراڭ ئىككىنچى ئاي كىرە كىرمەيلا ئىللىق شامال چىقىۋاتقىنىنى، بازار چۆگىلەپ يۈرگىچە مەلىڭىزدە لەگلەك چىقارسىڭىز بولمامدۇ؟.. e*}*3kw)T ئاڭلىدىڭىزمىكىن چەتئەلدىكى يازغۇچىلار كۈندۈزدە سودا قىلىپ ، كېچىسى ئەسەر يازىدىكەن . سىزگە ئوخشاش مۇھەررىرنىڭ ئىشخانىسىمۇ بولمايدىكەن ، يۈگۈرىپ يۈرىپ ئەسەر تەھرىرلەيدىكەن . شائىرلىرى « ھېسياتقا تەسىر يىتىدۇ» دەپ خۇتۇنمۇ ئالمايدىكەن …. قىزىق ئىشلارنى كۆرىمەن دېسىڭىز چەتئەلگە چىقسىڭىز بولىدۇ . بىر شەھەرگە بارسام ، پۇخرالىرى شۇنچە پۇزۇر كىينىۋاپتۇ ، شەھەر باشلىقى يالاڭ ئاياق يۈرىيدىكەن ، ئاياللىرى يالغان بۇرۇت قۇيۇپ، ئەرلىرى ئۇزۇن چاچ سالىدىكەن ؛ تاماقنى بازاردىن يەپ ، كېچىسى مېھمان خانىدا يېتىپ ، ئۆينى ئىجارىگە بېرىدىكەن ؛ قىزىق چايغا مۇز سېلىپ ئىچىپ، مارۇژنىنى ئىستىپ يەيدىكەن … ئۇقسام ئەسەر يازغانغا قارىغاندا تەرجىمە قىلغانلار كۆپ پۇل تاپقۇدەكقۇ؟ بۇمۇ بۇغداي تەرگەنلەر گادايلىشىپ بۇغداي ساتقانلار بېيىپ كىتىۋاتقاندەكلا بىر ئىش دەڭا… بۇلۇۋاتقان غەلىتە ئىشلارغا ئەقلىڭىز ھەيران قالىدۇ . بىزنىڭ مەھەلىدىكى ھىلىقى ئۆز ۋاختىدا بىلىكىگە قىزىل لاتىنى باغلىۋېلىپ ، مەسچىت ، پەشتاقلارنى بۇزۇپ، لوبو چامغۇر ساتقانلارنى قوغلاپ يۈرىيدىغان سەمىتاخۇننى تۇنۇمسىزكىن ؟ ھازىر ئۇ ئىشتانپايپاق ئېلىپ- سېتىپ بېيىپ كەتتى . بەيتۇل ھەرەمگە بېرىپ ئابدۇسەمەت ھاجىم بولۇپ كەلدى . يېقىندىن ب ىرى ئۇ : بىزنىڭ مىللى ئىنئەنىمىز نەگە كەتتى ؟ دەپ قايناپ، ماتادىن كۆڭلەك كىيىپ ، سەگەزدىن گىلاستۇك باغلاپ ، يېڭى ئالغان پىكاپنىڭ ئىچىگە بورا سېلىپ ھەيدەپ يۈرىيدۇ. | |