مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9796 
  •    ئىنكاس 
       66 

مەھمۇت قەشقىرى يۇرتىغا زىيارەت

قەۋەت ئاتلاش
alzaman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1691

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   727 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15070 (سوم)
 ياخشى باھا:   618 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   880  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 401
 سائەت
دەرىجىسى:
401 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-24
— تېما باشقۇرغۇچى ئۇدۇن ئوغلى تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-07-26) —

J78.-J5 j0  
غەربتىن چاقنىغان نۇر مېنى ئۆزىگە سېھىرلەپ تارتىپ بۈگۈن ئۇ سىھىرلىك نۇرنى كۆرۈشكە ئاخىرى نىسىپ بولغان بولسا كېرەك ،ھاۋامۇ مېنىڭ كۆڭلۈمگە ئوخشاشلا ئىنتايىن ئوچۇق ،مەن دوستلىرىم بىلەن كېلىشىپ قويغىنىم بويىچە بۇ ئۇلۇغ جۇمە كۈنىدە بۇ قۇتلۇق سەپەرنى باشلاش ئۈچۈن دوستلىرىمنىڭ يىنىغا چاپتىم ،دوستلىرىممۇ تەق بولۇپ تۇرغانىكەن تىنىچ -ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن بىز سەپىرىمىزنى باشلىدۇق . ow9a^|@a  
بىز بارماقچى بولغان مەنزىل 11-ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئالىم،تىلشۇناس ،‹‹تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ››يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقەرى مەقبەرىسى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە ئوپال يېزا ئازاغ كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 60كىلومىتىرچە كېلىدۇ . e%)iDt\j  
ماشىنا غۇيۇلداپ كېتىپ بارىدۇ ،لېكىن مېنىڭ كاللام بولسا كەڭرى ئانا تەبىئەتكە نەزەر تاشلىغاچ بۇگۈزەل زىمىن ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىپ كېتىپ بارىدۇ . eg/itty  
كونا شەھەر يەرلىك تىلىمىزدا تۇققۇزاق ناھىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ ،بۇ ئىسىمنىڭ كىلىپ چىقىشى توغرىسىدا خىلمۇ خىل قاراشلار مەۋجۇت ،بىرىنجى خىل قاراش مۇشۇ بىز ياشاۋاتقان زىمنىندا تۇققۇز پارچە مۇنبەت زىمىنى بار دېگەن مەنىدە بولۇپ توققۇز سۆزىنىڭ ئاخىرىدىكى ئاق مۇنبەت بىنەم دېگەن مەنىدە. c|.te]!ds  
ئىككىنجى خىل قاراش بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى شەرقى ساكلار ھاكىميەت يۈرگۈزگەن دەۋردە قويۇلغان ئىسىم دېگەن قاراش يەنى توققۇز ئاخىرىدىكى ساك ئۆزگىرىپ ھازىرساق قا ئۆزگەرگەن ھازىرمۇ ئاتۇش ،قەشقەر ،ئاقسۇ زىمىنلىرىدا ئاخىرقى بوغۇمى ساق قوشۇمچىسى كېلىدىغان يۇرت ئىسىملىرى بار ،مەسىلەن تۇققۇزاق ،ئوغۇساق ،سۇزاق ،ئىكىساق ،ساقساق ،بەيساق .....قاتارلىق ناملار . 50 Gr\  
ئۈچىنجى خىل قاراش ئوغۇزخان دەۋرىدە قويۇلغان توققۇز ئوق يەنى توققۇز قوشۇن دېگەن نامدىن ئۆزگەرگەن دېگەن قاراش  . $Ah p4oiE  
قانداقلا بولمىسۇن توققۇزاق يەنى كوناشەھەر تارىخى ئۇزۇن ،ئىسىل مەدىنىيەتلىك يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەرگە قوشنا شەھەر بولۇش ئەۋزەللىكى بىلەن‹‹ يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىتقا›› ئايلانغان . RBf#5VjOG!  
C lf;+G0  
Ygk_gBRiC  
كونا شەھەر ناھىيىسى يەنە مول سۇ بايلىقى، قۇياش نۇرى ئەۋزەللىكى ،مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ،ساياھەتچىلىك جەھەتلەردە زور ئەۋزەللىككە ئىگە ،ئىشچان كوناشەھەر خەلقى بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ قەشقەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى يېڭى سەي كۆكتات ،گۈرۈچ بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە مىللى چالغۇ ئەسۋابلىرىمىزنى ياساش تەرەققى قىلدۇرۇش تونۇتۇش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقارماقتا. (n7xYGfYS  
QD!NV*  
توققۇزاق يوللىرىدىن بىر كۆرۈنۈش &2u |7U.  
B1|nT?}J(  
u]NsCHKlT  
قىزىل دەرياسى ;&J>a8B$  
dj (&"P  
El9T>!Z  
#sCR}  
8m' f8.x  
MV$E_@pg  
@uyQH c,V  
خىياللىرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇم ،‹‹ئاتلىق بىرىپ ياندۇق پىيادە›› دېگەندەك ئەمدى سەپەرنى ئاپتۇبۇستا باشلاشقا توغرا كەلدى ،ئاپتۇبۇسقا چىقىپلا كوناشەھەر ناھىيىسىگە نەزەر تاشلىدىم ،مەن ئاپتۇبۇس ئىچىدە بولغاچقىمۇ ئالاھىدە بىرەر يەرنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىدىم شۇنداقتىمۇ ئاپپىراتنى قولۇمغا ئىلىپ مۇنۇ بىر پارچە سۈرەتنى تارتتىم . E va&/o?P|  
قارىغاندا خەلق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدى ئوخشايدۇ . @ xo8"kl  
@Un/,-ck  
يەنە ئالاھىدە كۆزۈمگە چىلىققۇدەك جايلار بارمىدۇ، دەپ ئەتراپقا نەزەر سىلىپ تۇرسام ئاپتۇبۇسقا يېڭىلا چىققان بىر سەپەرداشنىڭ قىلغان ئۆكتەملىكى جىنىمغا تىگىپ مېنى قاينىتىشقا مەجبۇر قىلدى ،ئۇ يولداش چىقىپلا مەن ئاخىرقى بىر ئورۇندا ئولتۇرغۇسى كەلمىدىمۇ تاڭ مەن دىرىزە يىنىدا ئولتۇراتتىم ماڭا دىرىزە يىنىدىن ئۇرۇن تىپىپ بەر بولمىسا چۈشۈپ كېتىمەن دەپ قىلغان نامۇۋاپىق گەپلىرى ئوغامنى قايناتتى. .?NfV%vv  
خوش بولە مۇشۇ ماشىنىنى ئالدىڭغا ئەكىلىپ بارار جايىڭغا ئاپىراي دېگەنگە دەپ ئىچىمدە بىرمۇنچە چىچىلدىم ، no-";{c  
ھەم شوپۇرنى ئالدىراتقاچ ئوپال سەپىرىگە تەقەززالىق بىلەن ئاتلاندۇق . ek5j;%~g1  
بىز سەپەر قىلىۋاتقان بۇ زىمىننىڭ كەڭرى ،بىپايانلىقى ،تۆت ئەتراپىنىڭ تاغلار بىلەن قورشانلىقىغا قاراپ ئاللا تائاللا ئاتا قىلغان بۇ چەكسىزلىككە مەدىھيە ئوقۇماي تۇرالمىدۇق .خۇددى زىمىننىڭ ھەممە يەرلىرى تاغدەكلا، تاغنىڭ زىمىننىڭ تۇتۇپ تۇرغۇچى قوۋزىقى قىلىپ يارتىتىلغانلىقىغا چىن دىلىمىدىن ئىشەندىم ،چەكسىز كەتكەن ،سايلىقلار ئارىسىدىكى بوستانلىق ،يىراقلاردىكى قار بىلەن قاپلانغان تاغلار ،يىقىن ئەتراپىمىزدىكى توپا تاغلار مېنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى .بۇ چەكسىزللىككە قاراپ چوڭقۇر خىياللار ئالىمىگە غەرق بولدۇم . Ynf "g#(  
dl=)\mSFjF  
 j7_,V?5z  
JQbaD-  
g~21|Sa$[  
ئاخىرى بىز كۆزلىگەن مەنزىل ئوپال دىيارىغا يىتىپ كەلدۇق ،مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىگە بىۋاستە بارىدىغان ئاپتۇبۇسنىڭ يوقلىقى ھەم،مەقبەرىگە بارىدىغان يولنىڭ  كىڭەيتىلىپ قايتا  ياسىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بىز سەپەرداشلىرىم بىلەن ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتقا ئولتۇرۇشۇپ يۈرۈپ كەتتۇق ،يىراقتىن ئېگىز تاغلار بىلەن قورشالغان ،ئىسىل بوستانلىق كۆرۈندى كۆپ ئۆتمەيلا مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسى ئالدىغا يىتىپ كەلدۇق تېخى خىلى بالدۇر بولغاچقا ئادەملەر ئاز ئىدى ،توكسىكىلىت ھەيدىگەن كىشىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە بىز ئاۋۋال يىقىن ئەتراپتىكى نۇرۇز بۇلاقنى ساياھەت قىلىپ جۈمەگە يىقىن مازارنى زىيارەت قىلغاچ ،جۈمە ئوقۇشنى قارار قىلىشتۇق ،مەن توكسىكىلىت ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئېگىز تاغلارغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ بىر قەدىمى مازارنى سۈرەتكە تارتتىم . 2d|^$$#`  
2|ee`"`  
$G0e1)D  
‹‹نۇرۇز بۇلاق››قىمۇ يىتىپ كەلدۇق بۇ جىمجىتلىق گۈزەللكتىن بەھىر ئالغاچ ئەتىگەن سەھەردە ناشتا قىلماي ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈن ناشتا قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە ئىچىلغان بىردىنبىر ئاشخانىغا قوللىرىمىزنى يۇيۇپ چوڭ ئىشتىھا بىلەن قەدەم ئالدۇق . lv] U)p  
ئالدىمىزغا چايدىن ئاۋۋال ئۇيقۇسىراپ تۇرغان بىرى چىقتى . +~F>:v?Rh  
قانداق تاماقلىرى بار ئۇستام ؟بىز چوقۇم بۇ خىلى چوڭ ساياھەت ئورنى بولغاندىكىن ئىسىل تائاملار بار دەپ زور ئۈمىد بىلەن سورىدۇق . IW n G@!  
تىخى تاماق چىقمىغانتى . tC1'IE-h  
ئۇ كىشىنىڭ بۇ جاۋابى بىلەن بىزنىڭ بىر ئاچقان قورسىقىمىز ئىككى بولۇپ شۈكلەپ قالدۇق . =zAFsRoD_B  
ئاخىرى مومىمۇ ھەتتا نانمۇ بۇ ئاشخانىدىن چىقمىدى .خۇددى ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ئىپىزوتىدەك بۇ قوللىرى چوناق ئاشپەزلەر بار ئاشخانىدىن سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىلىپ ئاچ قورساق ساياھىتىمىزنى باشلىدۇق . ) 
‹‹نۇرۇز بۇلاق ››قەدىمى سۆگەت تىرەك قاتارلىق دەرەخلەر بىلەن قورشالغان ناھايىتى ھاۋالىق ،سۇلۇق بىر يەر ئىكەن ،ئەپسۇس بۇلاق سۈيى ناھايىتى ئازلا قاپتۇ ،بۇلاق كۆزلىرىمۇ كىچىكلەپ بۇلاقلار قورۇپ كېتىشكە يۈز تۇتۇپتۇ ،ھەممىدىن يامىنى بۇيەر بىر ساياھەت ئورنىدىن ،كۆڭۈل ئىچىش،كەيپى ساپا بەزمە مەشرەپ ئورنىغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلاتتى ،ئەدىيال،گىلەم سىلىنغان سۇپىلار ئەتراپى ساپلا پىۋا، ھاراق سوغۇق ئىچىملىك شىشىلىرى بىلەن قاپلانغان ،ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇيەر كەچتە بەكلا قىززىيدىغاندەك قىلاتتى ،شۇڭا بايىقى چولاق ئاشپەزلەر بىزگە قىلىدىغان مۇلازىمەتنى كەچكە نىسى قويۇپتىكەندە بىز تۆتەيلەن بۇ ھاۋالىق ،گۈزەل مەنزىرىدىن ناھايىتى رازى بولغان بولساقمۇ چىچىلىپ ياتقان بوتۇلكىلارنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇق .ئەجدادلىرىمىز ھەريىلى يېڭى يىلنى تەبرىكلەيدىغان بۇ ئورۇننىڭ ھەلا بۇكۈندە بىزنىڭ .....ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىزدە 0?FJ ~pu  
بوتۇلكا دۆۋىسىدىكى بالا   Da! fwth  
s$f9?(,.Ay  
y 
.I{u[ "  
يىشىللىق بىلەن ئورالغان ‹‹نۇرۇز بۇلاق ›› dc emF  
56c3tgVF  
M4 ?>x[Pw  
بىز بۇلاقنىڭ يىنىنى بويلاپ يىنىمىزدىلا تۇرغان تاغقا يامىشىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىدۇق ،يىنىمىزدىلا بىر تاشلاندۇق كونا زاۋۇت تۇراتتى ،ھەيرانلا قالدۇق مۇشۇنداق چەت يەرلەردىمۇ زاۋۇت باركەن ھە !؟بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 -يىللىرىدا ئىشلەشتىن توختىغان كونا سىمىنۇت زاۋۇتى ياكى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بولسا كىرەك ،بىز بۇ كونا زاۋۇتنىمۇ ئالا قويماي ئايلىنىپ چىقتۇق . S~z$ =IiB  
زاۋۇتتىن بىر كۆرۈنۈش RigS1A\2l  
es69P)  
زاۋۇتتىن ئايرىلىپ كەڭرى كەتكەن جاڭگاللىققا چىققاندا شامال ئەۋجىگە چىقتى ،شورلۇق توپىلار يۈزۈمىزگە ئۇرۇلۇپ يىنىمىزدىلا كۆرۈنگەن بۇ تاغلارمۇ ئارقىغا يىنىپ كەتكەندەك بىلىندى .بۇ جاڭگال يولىدا بىر پادىچى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقاچ ماڭدۇق ،ئۇ كىشى ئالدىمىزنىڭ ئارقىسىدا ‹‹دۇلدۇل ئوقۇرى ››‹‹مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئاياغ ئىزى ››قاتارلىق پاراڭلارنى مەيلى راست بولسۇن مەيلى رىۋايەت بولسۇن سۆزلەپ بەرگەچ ماڭدى ،مۇشۇ تاغنىڭ ئارقىسىدا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئىتىنىڭ ئوقۇرى بارمىش راست مەھمۇت قەشقىرىلا ئەمەس ئەجدادلىرىمىز ئات مىنىشكە ھەقىقەتەن ماھىر بىر مىللەت بۇنداق تاغنىڭ ئۈستىدە ئات مىنىش ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئۇلۇغ خىسلەت . N- }OmcO]e  
بىز بۇ كىشىنىڭ پەقەتلا ئۈچ كالا ئون نەچچە قوينىلا بىقىپ يۈرگىنىگە قاراپ نىمىشقا كۆپرەك باقمىغىنىنى سورىدۇق . }7%ol&<@  
ئۇكىشى بولسا بۇ جاڭگاللىقنىڭمۇ سىتىلىپ كەتكىنىنى قوي باققنىنى قويمايدىغانلىقىنى ئىيىتىپ بەردى . 3M^`6W[;  
بۇ ۋاقىتتا ‹‹تارىخى ھەمىدىدىكى ››بىر ئىغىز جۈملە ئىسىمگە كەلدى . TgRG6?#^l  
بىز پادىچى بىلەن بىللە (Ze\ 
7 oYD;li$k  
قالغان ھەمراھلىرىم بىلەن تاغقا چىقىشتا بەسلەشتىم ،‹‹كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس››دەپ يىقىندىلا كۆرۈنگەن تاغ مېنى خىلى ھالسىراتتى قالغان ھەمراھلىرىم ساپ دېھقان پەرزەنتى بولغاچقىمۇ مەندىن خىلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى ،مەن يىرىملاشقان تاغ چوققىسىدىن شالاڭ قەبرە بىلەن قاپلانغان زىمىنغا نەزەر تاشلىغاچ دىمىمنى ئالدىم ،ھەمراھلىرىمنىڭ ئالدىرتىشى بىلەن يەنە تاغقا ياماشتىم بىز مۆلچەرىمىزدىكى تاغنىڭ ئەڭ ئېگىز يىرىگە چىقىپ بۇ مەھمۇت يۇرتى بوستانىغا چوڭقۇر نەزەر سالدۇق . sSiZG  
مەھمۇت يۇرتىغا بىر نەزەر \"yR[.Q?   
x1CMW`F  
su-0G?c  
چەشمە زىلال مەسچىتىنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈنىشى @X/-p3729  
SN QLEe  
Gv(n2r  
بىزھىلىقى كىشى ئىيىتقان ‹‹دۇلدۇل ئوقۇرى››تاپايلى دەپ ئويلاشتۇق يۇ لېكىن جۈمەنى مۇشۇ ئۇلۇغ ماكاندا ئوقۇيمىز دېگەنلىكىمىز ئۈچۈن تاغدىن يىنىپ چۈشۈشتۇق ،بۇ سىھىرلىك مەنزىرىلەردىن سىزمۇ ھوزۇر ئىلىڭ Uzn  
w6B`_Z'f  
KA`)dMWL  
)fT0FLl|1  
P_@ty~u  
Qbj:^{`>(  
|@ZyD$?  
ئەجدىرھا غارى k#@)gL  
0*u X2*  
ئەجدىرھا غارى ھەققىدە رىۋايەت   .aIFm5N3?  
0I.!  
ئالىم مەھمۇد قەشقەرى بەغدادتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ‹‹سۈزۈك بۇلاق ›› يېنىدىكى مەدرىسەدە دەرىس ئۆتۇپتۇ . ئۇنىڭ ئاكا -ئۇكا ئىككى ,!^w  
شاگىرتى بولۇپ ،بىرنىڭ ئىسمى ئىمام مالىك ئەكبەر ، بىرسىنىڭ ئسمى ئىمام مالىك ئەسقەر ئىكەن . بىر كۇنى بۇ ئاكا -ئۇكا ئىككەيلەن l_=kW!l  
كېچىسى سىرتقا چىقىپ قايتىپ  كېلىۋاتسا ، قوش ھەيدەۋاتقان بىر دىھقان يىگىت  ئۇچىراپتۇ .  ئۇنىڭ ئانىسى تاپ بېسىپ ئارقىسىدىن يىغلاپ -_Iuvw  
كېلۋاتقان ئىكەن .ئاكا -ئۇكا ئىماملار  ؛ ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلايكۇم ئانا ۋە يىگىت ، نېمىشقا مۇنداق كېچىدە يەر ھەيدەيسىلەر ۋە يىغلايسىلەر ؟ ›› *WXqN!:  
دەپ سوراپتۇ . ئەھۋال مۇنداق ئىكەن .شۇ ئەتراپتا بىر ئەجدىرھا بولۇپ ، ھەر يىلى دىھقانلارنىڭ  بىردىن  بالىسىنى  يەيدىكەن ، بولمىسا Jc9^Hyqu&  
يۇرتقا ئاپەت ياغدۇردىكەن . شۇ كۇننىڭ ئەتىسى ئەجدىرھاغا مۇشۇ يىگىتنى يىيىش نۈۋىتى كىلىپ قاپتۇ .شۇڭا يىگىت ئۆلۇش ئالدىدا ئانىسىغا o&:n>:im  
يەر تېرىپ بىرىش ئۇچۇن كېچىلەپ قوش ھەيداۋاتقان ئىكەن . ئىمام مالىك ئەكبەر بۇ مەخلۇقنى ئۆلتۇرۇشكە جەزىم قىپتۇ  ۋە ھەزرىتى  موللامدىن SVyJUd_  
ئىجازەت  سوراپتۇ . ھەزرىتى موللام ئىمام مالىك ئەكبەرگە بارماسلىقنى دەپتۇ ۋە   ئەجدىرھانى ئۆلتۇرۇشكە ئۆزى بىرىشنى قارار قىلىپ mc5$-}1V,  
ئىككى قىلىچنى ئېلىپ چىقىپتۇ . ئىمام مالىك ئەكبەر ھەزرىتى موللامنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ ‹‹ سىلى بولمىسىلا بىزنى كىم ئوقوتىدۇ ؟ يالماۋۇزنى يوقۇتىشقا مەن باراي››  دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۋاپتۇ . ھەزرىتى موللام نائىلاج ئۇنىڭغا يالماۋۇزنى يوقىتىشقا ئىجازەت قىپتۇ .  ئىمام مالىك ئاكبەر كۆك ~f%AbDye  
ئىنەكنىڭ سۇتىنى ئىچىۋىلىپ ئوڭ -سول بېقىنىغا ئىككى دانە قىلىچنى چىڭ تېڭىپ ئەجدىرھانىڭ ئالدىغا بىرىپتۇ . ئەجدىرھا دەم تارتىشى بىلەن K,GX5c5  
ئىمام مالىك ئەكبەر ‹‹ ئاللاھۇ ئەكبەر ›› دەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ ئىككى بېقىنىغا باغلانغان جۈپ قىلىچ بىلەن ئەجدىرھانى ئىككى پارچە 6NqLo^ "g  
قىلىپ تاشلاپتۇ . لېكىن ئىمام مالىك ئەكبەر  ئىچكەن سۇتكە سۇئارلىشىپ  قالغاچقا ،زەھەر قايتىماي ئۇچ كۇندىن كېيىن ۋاپات بولۇپتۇ . S{ !m})1?  
ھەزرىتى موللام ئستېداتلىق ۋارىسىم بولۇپ قالىدۇ ،دەپ قارىغان شاگىرتى ئىمام مالىك ئەكبەر ئۇچۇن قان يىغلاپتۇ ، بۇنى كۆرگەن ئەل -يۇرت جۇۋا تەلپەكلىرىنى تەتۇر كېيىپ ،كۆك تاياقتىن ھاسا تۇتۇپ ، يەتتە كېچە -كۇندۇز  ھازا تۇتۇپ يىغلاپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ، خالايىق ئىمام مالىك c l{x?i00tAS  
ئەكبەرنىڭ پىداكارلىق روھىنى ئۇلۇغلاپ دۇئا قىلدىغان ،ياد ئېتىدىغان بولۇپتۇ . 32V,25 (`5  
p}swJ;S  
#8jH_bi  
7dU7cc  
&U/~*{  
مەھمۇد قەشقىرى مەقبەرىسى كۆرگەزمىخانىسى =8fZG t  
(رەسىم تارتىشقا بولمايدىكەن ،ئەگەر بۇ رەسىملەرنى تورغا تارقىتىش قانۇنغا خىلاپ بولسا ئۆچۈرۋىتىلسە بولىدۇ ) ETVT.R8   
Swz1RT  
)p;gm`42oY  
KPA5 X]  
jQ31u  
K\ \U F  
E|.D  
_ ?2xIo  
4.dMNqU  
Ic/ 
|E]YP~h  
-}juj;IVv  
E|Grk  
+T^m  
Ec6{?\  
RGtUKr'  
.[Sv|;x"E  
^?xXP=/  
._tv$Gd@k  
$ 9DZ5"  
km<~H w>Z  
كۆرگەزمىخانىدىن ئايرىلىپ جۈمە ۋاقتى يىقىنلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن جۈمەگە تەييارلىق قىلدۇق ،ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن شۇنداق ئېگىز تاغ باغرىدىن ئىتىلىپ چىققان بۇلاق سۈيىدىن ئۇچۇملاپ ئىچىپ تاھارەت ئالدۇق ،شۇنداق بىر چوڭ زىيارەت ۋە ساياھەت ئورنىدا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تاھارەت ئىلىشقا بىرەر مۇستەھەپخانا ياسالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ بوستانلىق ئادەملەرنىڭ ئىغىر بۇلغىشىغا ئۇچراپتۇ گەرچە ئەتراپتا بىر يەردە ھاجەتخانا كۆرگەن بولساممۇ شۇنچىۋالا كۆپ ساياھەتچى ھەم تاھارەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن زامانىۋى بىرەر ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ياسالمىغانلىقى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى .ئامالسىز ئورمانلار ئارىسىدا تاھارەت ئىلىشقا مەجبۇر بولدۇق . L6A6|+H%E  
چەشمە زىلال مەسچىتى !P92e1  
{2:H`|x  
esu6iU@  
مەسچىتتىن چىقىپ بىردەم بىر شىماللىق ئوقۇغۇچى بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ قالدىم ،ئۆزىنىڭ يازلىق تەتىلدىن بىرى جەنۇبى شىنجاڭنى ساياھەت قىلىۋاتقانلىقى ئالدىدا ئاتۇشتىكى جايپەچچىمنى ساياھەت قىلىپ ھازىر مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ئىيتتى ،جايپەچچىمدىكى تەبى بۇلاق سۇلىرى ھەم ئۇ يەردە چۈشكەن رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسەتتى ،ئاخىرىدا بۇ يەردىكى بۇلاق سۈيلىرىنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەنلىكى تەمىنىڭمۇ غەلىتە بولۇپ قالغانلىقىنى ئىيتتى .راست نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بۇ بۇلاقلار ھازىر ھەقىقەتەن قۇتقۇزمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەنىدى مەنمۇ بۇلاق سۈيىنى ئىچتىميۇ بىرخىل ئۆزگەرگەن تەمدىم كۆڭلۈم غەش بولدى ،بۇلاق سۈيلىرىمۇ ئازلاپ كەتكەنىدى ،ئەسلىدىكى تەبىئى  بۇلاق سۈيى چىقىش ئىغىزى ھازىر سىمىنوت بىلەن يېڭىلانغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم تەم ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغاندۇ .كۆڭۈل غەشلىك ئىچىدەنەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ياشاپ ھازىرقى كۈندە بىلى سۇنغان بوۋايدەك بولۇپ قالغان ‹‹ھاي-ھاي ››تىرەكنىڭ يىنىغا كەلدىم ،بۇ تىرەكمۇ ئۇزۇن يىللارنى باشتىن كەچۈرگەچكە ھازىر شاخلىرى ئىگىلىپ تىرەپ قويۇلغانىدى .تىرەكككە ھەرخىل ئىسىملار خەتلەر ئويۇپ قويۇلغان تىرەك ئۆسكەن بۇلاقمۇ ئىچىملىك شىشىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ،سۇلىرى بولسا ئازىيىپ قارىداپ قالغاندەك كۆرىنەتتى ،ھەي تارىخىنىڭ شاھىدلىرى سىلەرنى قوغداش  بىزنىڭ قوغداش بۇرچىمىز ئىدى . dadMwe_l0  
ھاي -ھاي تىرەك 4GHIRH C%[  
{G{@bUG]p  
}5]s+m  
ھاي -ھاي تېرەك رىۋايىتى "+ Qh,fTt  
2.l nT{  
مەھمۇد قەشقەرى باغداتتىن قايتاشىدا ئۇستازىدىن ؛‹‹مىنىڭ ياتار جايىم قەيەردە بولىدىكەن ››دەپ  سورىغان ئىكەن ، ئۇستازى ؛ X)&Z{ V>  
قولىڭىزدىكى ھاسا قەيەردە كۆكلىسە، شۇ جاي  سىزنىڭ ياتا جايىڭىزدۇر دەپتۇ .  ئالىم مەھمۇد قەشقەرى يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ 1)PR]s:-m@  
‹‹ مەدرىسە مەھمۇدىيە ›› دىگەن مەدرىسنى بىنا قىلىپ ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلىپتۇ ، يىشى ئۇلغايغانسىرى تىنى ئاجىزلىشىپتۇ $cy:G  
، كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەھمۇد قەشقەرى نامازغا تاھارەت ئالغۇچە ھاسىسى سانجىپ قويغان يەردە بىخلىنىپ كۆكلەپتۇ . > s]&y\Z  
ئۇنىڭ تۆۋەن  تەرىپىدە كۆز يىشىدەك بۇلاق سۈيى ئېقىۋاتقىدەك ئالىم بۇنىڭدىن سۆيۈنۈپ ‹‹ھاي-ھاي بۇمۇ كۆكلەپ كىتىپتۇ ، 2b"5/$|6  
مىنىڭ ياتار جايىم مۇشۇ يەر بولغىدەك ›› دەپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن مەھمۇد  قەشقەرىنىڭ ھاسسىدىن كۆكلىگەن تېرەك  ‹‹ ھاي -ھاي تېرەك ›› , 88*RlxU  
بۇلاق ‹‹چەشمە زىلال ›› (سۇزۈك بۇلاق) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپتۇ . بۇ تېرەك شاخلىرى ئۆسۇپ، كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەھمۇد قەشقەرى ئالەمدىن } }mGD`5[`  
ئۆتۇپتۇ ئالىمنىڭ شاگىرتلىرى تېرەك شىخى قاراپ ئۆسكەن تەرەپ ئۇستىدىكى دۆڭلۈككە مەھمۇد قەشقەرىينى دەپنە قىلىپتۇ . 'q^Gg;c>+  
i| O7nB@  
6;b 'j\jG  
ھاي -ھاي تىرەك يىنىدا بىرنەچچە پارچە رەسىمگە چۈشۈپ ئەمدى ئاخىرقى نىشانىمىز مەھمۇت قەشقىرى مازىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن پەشتاق ئاتلاپ قەبرە ئىچىگە كېرىپ كەلدۇق ،ئىغىر سۈكۈنات ،چەكسىز ھۆرمەت بىلەن بۇ قەبرە ئەتراپىنى زىيارەت قىلدۇق ،دۇئايى سالاملار يوللاشتۇق ،تۈركى خەلىقلىرىنىڭ شانۇ -شەۋكىتىنى ئەقىل پاراسىتىنى جاھانغا يايغان بۇ ئالىمغا بولغان پەخىرلىك ھېسىياتىمىزنى مانا مۇشۇ دەقىقىلەردە چوڭقۇر ھېس قىلدىم قەبرە ئىچى ئىتىكاپخانا ،خاتىرە سارىيى قاتارلىق يەرلەرنى زىيارەت قىلدۇق . Gehl/i-  
مەھمۇت قەشقەرى قەبرىسى ,TtDCcjd%f  
^MW%&&,BL  
^0 l Pv!2  
'9dtIW6E  
ئىتىكاپخانا Ny'v/+nQ  
y~=hM   
S}f<@-16P  
مەھمۇت قەشقىرى خاتىرە سارىيى @(?4g-*E  
QX=;,tr  
NXNon*"  
@/(7kh +  
مەقبەرە يىنى Umt ia~x=&  
EM/+1 _u  
sr+mY;   
e:D"_B  
xm0#4GFUS  
مەقبەرىدىن ئايرىلىپ ئەتراپلىرىنى ئايلاندۇق بىردەم بۇ يىشىللىقلاردىن ھوزۇرلانغاچ سالقىندىدۇق ،كۆزىتىشىمچە مەھمۇت قەشقىرىنى زىيارەت قىلىشقا كىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى يىلىدىن يىلغان كۆپ ئىدى ،مۆلچەرىمچە كۈنلىكى 400ئادەم قىتىم ئۆپچۆرىسىدە دەپ ئويلىدىم لېكىن زىيارەتكە كېلىۋاتقانلارنىڭ يىرىمى دېگۈدەك شىمالدىن كېلىۋاتقانلار ئىدى نېمىشقا شۇ مەقبەرىنىڭ يىنىدا تۇرۇپمۇ يىلدا بىرە قىتىم دېگۈدەك چىقالمايمىز يەرلىك كىشىلەر نىمانچا ئاز .بەزى ئىشلارنى ئويلاپ كۆڭلۈم يىرىم بولدى ئىشىكتىن كېرىش بىلىتى ئوتتۇز يۇئەن گەرچە بۇ پۇل ئىنتايىن ئاز پۇل بولسىمۇ ئايدا بىرەر قىتىم گۆشكە ئىغىز تىگەلمەيۋاتقان بەزى كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بۇ خىلى كۆپ پۇل گەرچە مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسى بىر كۆرۈشكە تىگىشلىك ئەرزىگۈدەك يەر بولسىمۇ شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆيىدىن ئايرىلماي ياشاۋاتقان ئەشۇ بىچارە دېھقانلىرىمنى ئويلاپ كۆزۈمگە ياش كەلدى ، Z^6(&Rh  
بۇ بىزنىڭ مىللى غورۇرىمىزنى ئۇرغۇتىدىغان ،ئەۋلاتلارنى تەربىيلەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك بازىسى بولغاچقا خاسلا پۇل تىپىشنى مەقسەت قىلغان ساياھەت ئورنى بولۇپ قالمىسىكەن دەپ ئويلايمەن ،ھىچبولمىغاندا شۇ ساياھەت كىرىمىدىن كېرگەن پۇللارنى مەقبەرىنى رىمىنىۇت قىلىش ،ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاش ،مۇھىتىنى ياخشىلاش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلەتسە دەپ ئويلايمەن . @qy*R'+  
پىكىرلىرىمنى ئۈزۈپ مەقبەرىدىن ئۇزاپ چىقتۇق faOWhIG  
|I5?5 J\  
ئالدىمدا ھەيۋەتلىك تۇرغان مەھمۇت قەشقىرى ھەيكىلى خوش بالام دەپ بىزگە ئاقيول تىلەپ ئۇزىتىپ قويدى . }t3FAy(%  
c_bVF 'Bz  
مەنبە:ئۆزۈم e_c;D2' F  
_=*tDa  
%^5@z1d,  
   \}x'>6zr2  
!UMo4}Y  
7ITl3>  
[ بۇ يازما alzaman تەرپىدىن 2011-07-26 11:35 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-26, 23:41
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 7 پارچە مۇنبەر پۇلى +2076
ali202 مۇنبەر پۇلى +1 08-07 قالتس....
YuqunAdam مۇنبەر پۇلى +222 08-01 مەنىلىك سەپەر بوپتۇ
xugkari مۇنبەر پۇلى +99 07-27 -
kuzum مۇنبەر پۇلى +100 07-27 ئىسىل ئەسەر بوپتۇ
ئۇيغۇرشاھ مۇنبەر پۇلى +999 07-27 تارىخ...
karwan21 مۇنبەر پۇلى +100 07-26 -
زامانى مۇنبەر پۇلى +555 07-26 نادىرلىنشى ئۈمۈد قىلىمەن
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم،
قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .
ankar528
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46460

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   149 (سوم)
 ياخشى باھا:   36 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 15
 سائەت
دەرىجىسى:
15 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-02
ئاخــىرقىسى:2011-07-26
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر سەپەر بوپتۇ.
 
[img]http://img208.poco.cn/mypoco/myphoto/20110709/18/6130989820110709182409033.jpg[/img]
Nawruzay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30224

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   176 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1935 (سوم)
 ياخشى باھا:   231 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   205  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1594
 سائەت
دەرىجىسى:
1594 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

راستىنلا  بۇ زىيارەتگاھقا ھېچقانچە مەبلەغ سېلىنمىغانلىقى،مۇھىتى،كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.مەن بارغان چاغدا قاتتىق ھاياجانلانغان ئىدىم،قەلبىمنى ئاجايىپ بىر يىغا چۇلغاپ كەتكەنىدى..ھېلىقى سۆز قالدۇرۇش خاتىرىسىگە تەسىراتىمنىمۇ يېزىپ قويغانتىم تېخى.. m_+sR!\H8  
-------------------------------------- ZJPmR/OV_  
تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!
 
تۈنۈگۈن_تارىخ،بۈگۈن_پۇرسەت،ئەتە ئۇ بىر سىر.....
زامانى
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2839

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1179 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16427 (سوم)
 ياخشى باھا:   585 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   795  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1722
 سائەت
دەرىجىسى:
1722 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

ئەي ئوغلۇم مەندىن ئۆگۈت نەسىھەت ئال ZMel{w`n  
ئەدەپلىك ۋە تەرتىپلىك بول تاكى ئەل ئىچىدە ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ ئەدەپ ۋە ئىلىم ھېكمەت تارات.... p6;OL@ \~  
   DAXX;4  
ئالىمدۇر دۇنيانىڭ ئىنساننىڭ جېنى   Q\ 0cvmU  
ئالىملار ئالىمنىڭ بىللەر قەدرىنى،   {GQ^fu;q  
يۇرتىمىز ئالىمنىڭ ئەدىپنىڭ كانى،   iv4H#rJ  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى، , 4rLL[??  
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قەۋمى،   ]x(!&y:h  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى، ~XO Ts  
?`PvL!'  
شەرىق ئىلىم دۇنياسى ئىچرە يىگانە،   )8$=C#qC[  
بىر يۈلتۈز شۇنچە ساپ شۇنچە نۇرانە،   zd >t-?g  
ئەجىرىگە قايىلدۇر ئۆز ۋە بىگانە،   .nx 2";oi  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى،   nH[yJGZYSA  
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قەۋمى،   D=-SO +  
W *),y:  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى، 7`DBS^O]dG  
يۈلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا سەرۋەرى، o 
يۈلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا ھۈلكەرى،   hG12ZZD  
مۇبارەك ئىسمىدۇر<<مەھمۇت قەشقىرى>> Lh!J >  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى، 4NheWM6  
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى، قەۋمى،   Bg x'9p/  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى، KBx6NU?;PO  
Z`ID+  
تىل دىمەك بىر ئەلنىڭ ھايات بەلگۈسى،   A$Hfr8w1u  
مەھمۇددۇر شۇنچە زور بەلگە ئىگسى، jaII r06  
ئانا تىل سۆيگۈسى ۋەتەن سۆيگۈسى، cPyE 6\lN  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى، R3gdLa.  
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قەۋمى، 3no%E03p  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى، lb4Pcd j  
fg_4zUGM+g  
دىۋاندۇر تۈرۈك تىلى ئىرپان غەزنىمىز، 6-N?mSQU  
مىڭ يىل بۇرۇنقى بىلىم پەللىمىز،   BKCA <  
ئۆلچەنسۇن شۇ بىلەن دۇنيا غەزنىمىز،   X`kk]8 =  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى، ?GKb7Oj  
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى، قەۋمى، 9UdM`v)(  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى، k9sh @ENy  
F~R;n_IJ  
كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى، قەۋمى، s Ep"D+f  
پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى،

 
.......يېغىپلا تۇرسا مىھر يامغۇرى،
     يۈركى كىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس،
   ئىنساني سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك،
    قايسى بىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس،
مىھىر-مۇھەببەت قەلبىمىزگە،ھەممىمىزگە يار.
karwan21
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41753

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2257 (سوم)
 ياخشى باھا:   241 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1065
 سائەت
دەرىجىسى:
1065 سائەت 125 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

بۇ يەرنى باشقۇردىغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئىشنىڭ باش -ئاخىرىنى ئويلاشماي،پۈتۈن دۇنيانىڭ دېھقەت كۆزىگە ئايلانغان بۇ يەردە ھاراق بوتۇلكىلىرىنى سېتىشى قاملاشماپتۇ،قاراخانىلار دۆلىتى ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلدىغان بىر دۆلەت ئىدى،مەھمۇت قەشقىرى ئىسلام دىندىمۇ كامالەتكە يەتكەن ئالىم،بۇ يەرنى قوغداشتا ئاپتۇنۇم رايۇن رەھبەرلىرىنىڭ،قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئىشلارغا يول قويغانلىقى قاملاشمىغان ئىش،بۇ ئىشلارنى كۆرسە،ھەر قانداق ئادەمنىڭ غەزىپى قاينايدۇ،بىز بۇ ھاراق ئىچىدىغان،بۇ يەردە كەيپ قىلدىغان بۇ ئىشلارنى توسىشىمىز كېرەك،بۇنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى،مەدەنىيەت ئىدارىسىگە ئەرز قىلىش كېرەك،بۇ يەر ئىلگىركى 11-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئېدىلوگىيىسىنى تەسۋىرلەپ بېردىغان يەر تۇرسا،چەتئەللىك ساياھەتچىلەر،جوڭگۇ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ،بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرسە،ئۇيغۇر دېگەن شۇنداق كەيپ،خامۇش،سىگانلارنى ئۆرنەك قىلغان مىللەتكەن دەپ قالماسما؟مەھمۇت قەشقىرى باشقا مىللەت دەپ قويسا،ئاغزىمىزغا يوغان ئالەمنى ياپقۇدەك گەپلەر بىلەن دۇمبالايمىز،ئۇ يالغۇز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مازىرى ئەمەس،ئۇ يەردە نۇرغۇرن ئادەملەرنىڭ قەبرىسى بار،تارىخ ئۆز نۆۋىتىدە قىسمەتلىك بوران -چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن،نۇرغۇن ئىلمىي ئەسەرلەر مەخدۇم ئەزەم قاتارلىق سوپى -ئىشانلار ،ئاق تاغلىقلار مەزھىپىنىڭ ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن يوقىتۋاتقان،قالغان قىسمىنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يوقاتقان بولغاچقا،بۇ يەردە قانچە مىڭلىغان مەھمۇد قەشقىرىيدەك ئالىم  بار،قانچىلىك دىننىي ئالىملار بار،بۇنى تېخىمۇ بىلمەيمىز،ئەمما،ئۇيغۇرلارنىڭ 16-ئەسىردىن بۇيانقى كۈلپەتلىك تارىخىنى ئوقۇغان ئەقلى ئويغاق ئىنسان ئېگىسى بۇنى تەسەۋۇر قىلالايدۇ،بۇ يەردە قەبرە زىيارەت قىلماي،ئويۇن-تاماشا ئۈچۈن كەلگەن مۇناپىق گۇيلار ئۆزەڭنى بۇ يولدىن تېز تارت،يەنە قىلساڭ،دوزاق ئوتلىرىغا يەم بولغايسەن،ب د ت تەرەپكە يوللانغان،دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش لاھىسىگە كىرگۈزۈشنى ئويلىشۋاتقان بۇ يەردە ،شۇ خادىملار تەكشۈرۈپ،بۇ ئەھۋالنى كۆرسە،نېمىمۇ دەپ كېتە ھە؟بۇ ھاراق بۇتۇلكىلىرىنى كۆرۈپ،يۈرەكلىرىم ئېچىشىپ كەتتى،ھازىر ھەممە شەھەردە ئارامگاھ،قاۋاقخانا،رېستۇران ساماندەك تولا تۇرسا،بۇ يەردە بۇنداق ئىش قىپ يۈرسەك،ئاللا ،بىزنى يەنە قايسى قىسمەتكە دۇچار قىلار ھە؟گەپنى تولا قىپ كەتتىم،ئاخىرىدا دەيدىغىنىم،مۇنبەردىكى دوسلار،بۇ يەرنى يەنە بىر مەركەزلىك تۈزىمىسە،قايتا قائىدە-مىزانلارنى رەتلەپ چىقمىسا،ئۇيغۇرلارغا بۇ يەر بوپ بېرىدۇ،شۇڭا،ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ،ئۇ يەرلەرنى تۈزەشكە تەكلىپ-پىكىر،ئەرز-شىكايەت ھەل قىلساق بوپتىكەن،مەركەز،گوۋۇيۈەن،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى،پارتكوم بۇ يەرلەرنى ياساشقا نۇرغۇن خىراجەت،ئىقتىساد ئاجراتتى،بۇ يەرگە بارسا،كۆڭۈل سۆيۈنۈپ كېتىدۇ،ھېلىمۇ ،قەشقەر شەرىئەت مەھكىمىسىنىڭ قازىسى،قۇتلۇق شەۋقى ئوغلى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ھاجىم‹‹مەسنەۋى شېرىف››نى ساقلاپ،تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بۇ يەر مۇئەييەللەشتۈردى،ھۆكۈمەت بۇ يەرنى ئوڭشاش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىشلارنى قىلدى،تورداشلارنىڭ ۋاقتى يەتسە،ئىلگىركى مازار بىلەن ھازىرقى مازارنى سېلىشتۇرما رەسىمدىن كۆرۈپ باقساڭلار.....
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 4 پارچە مۇنبەر پۇلى +228
darman789 مۇنبەر پۇلى +10 09-18 ئسىل
barquk8 مۇنبەر پۇلى +20 07-30 ياخشى ئىنكاس
qoqas مۇنبەر پۇلى +99 07-28 -
alzaman مۇنبەر پۇلى +99 07-26 ئىسىل ئىنكاس
 
ھەقىقەتكە پەرداز كەتمەيدۇ!
mawjud_
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12913

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   342 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5074 (سوم)
 ياخشى باھا:   389 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   445  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 854
 سائەت
دەرىجىسى:
854 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-06
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

پەخىرلەن دۇنياغا  مەھمۇت ۋەتىنى.قەلىمىڭىز ھارمىغاي.تەشەككۈر
 
—مەۋجۇد
مۇرات
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1213

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1037 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1056 (سوم)
 ياخشى باھا:   277 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   272  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5504
 سائەت
دەرىجىسى:
5504 سائەت 96 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك سەپەر بوپتۇ...مېنىڭمۇ ئەزىزانە قەشقەرگە بىر بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، ئاللاھ خالىسا چوقۇم بېرىپ زىيارەتتە بولىمەن. 48J@C vU  
ئەجدىرھا غارى ھەققىدىكى رىۋايەتنى قايسى كۈنى ئاكام سۆزلەپ بەرگەنىدى.. HNb/-e ,"  
مەقبەرە ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ياخشىلاش، نامازخانلار ئۈچۈن تاھارەتخانا ھازىرلاش زۆرۈر ئىش ئىدى....ھازىرغىچە ئېتىبارغا ئېلىنمىغىنى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ!!!
 
خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن،
مېغىزى شېرىن ياڭاقنىڭ تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.
DOPPIQI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7420

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   488 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7076 (سوم)
 ياخشى باھا:   309 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   436  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6533
 سائەت
دەرىجىسى:
6533 سائەت 117 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

تېما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت! 6=kEyJT'  

 
قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!
ozuyghur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31074

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   327 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4109 (سوم)
 ياخشى باھا:   481 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   359  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3285
 سائەت
دەرىجىسى:
3285 سائەت 215 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

ياخشى سەپەر بولۇپتۇ.  ئەپسۇسكى شۇ تەۋەرۈك زىمىندا  ھاراق- شاراپلارنىڭ ئىچىلىشى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ھاجەتخانا، تاھارەتخانىلارنىڭ ياسالمىغانلىقى، بۇلاقنىڭ  تۈزۈك قوغدالمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ناھايىتى ئەپسۇسلاندىم.   C'G /AU  
خوتەندە ئادەتتىكى مازايى -ماشايىخلارنىمۇ كىشىلەر ئۆزلىكىدىن رېمىنۇت قىلىپ،ھاجەتخانا، تاھارەتخانىلارنى ياساپ قولايلىق يارىتىشىپ قويۇشىدۇ.  ئۇنداق تەۋەرۈك جايلاردا  ھاراق- شاراپ ئىچىشمەيدۇ. 1=r#d-\tR  
بەك تەرەققى قىلىپ كەتسە شۇنداق ئەھمىيەت بەرمەس بولۇپ قالامدۇ نىمە.
 
اللە  يىگىرمە تۆت سائەت بەرگەن
يىگىرمە ئۈچى بىزگە ھەدىيەدۇر
قېلىپ قالغان بىر سائەت
بەش ۋاقىتلىق نامازدۇر
xugkari
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32419

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   85 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4821 (سوم)
 ياخشى باھا:   337 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   475  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1461
 سائەت
دەرىجىسى:
1461 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

ئېسىل تېما ،  تېما ئىگىسىنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت ! R_(tjkT  

 
http://xugkari.com
toxkanjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18610

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   800 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2785 (سوم)
 ياخشى باھا:   475 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4548
 سائەت
دەرىجىسى:
4548 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھۆرمىتى ئەڭ يۇقىرى ئالىم.بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىش ئۆلگىمىز.ۋەتىنى ۋە كىنيكى ئەۋلادلارئۈچۈن،تۈركى مىللەتلەر ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان دانا يولباشچىمىز.
 
ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.
turkinaz0992
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36864

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   696 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5624 (سوم)
 ياخشى باھا:   653 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   475  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3518
 سائەت
دەرىجىسى:
3518 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-08
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

           ئالدى بىلەن بۇ ئەھمىيەتلىك سەپىرىڭىز بىلەن بىزنى ئەسرا قىلغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن . _z'u pb&  
      كارۋان 21 نىڭ  ئىنكاسى تولىمۇ ئورۇنلۇق بوپتۇ . قارا خانىيلار دۆلتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقى ۋە  مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلام دىنىدىمۇ كامالەتكە يەتكەن ئالىم ئىكەنلىكى ئېنىق ، شۇڭا بۇنداق پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن  ئۇلۇغ مەقبەرىدە ھاراق ئىچىشكە يول قويۇلۇشى جۇڭگو ۋە چەتئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ، بۇ جىددىي ئويلىشىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەن . مەسچىد ئەتراپىدا  تاھارەتخانا ۋە ھاجەتخانىنىڭ بولماسلىقى تېخىمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ ( بولۇپمۇ بۇ ئورۇندا ، ھازىرقى زامانىۋىلاشقان دەۋىردە.... )  . يوقۇرقىي ئەھۋاللارنى كارۋان 21 دېگەندەك پىكىر - تەلىپ ، ئەرىز - شىكايەت شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇلسا قىلچە ئورۇنسىز ئىش ياكى ئورۇنسىز تەكلىپ بولمايدۇ . ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى چوقۇم بۇ تەكلىپنى ئويلىشىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن... P/c&@_b  
  تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تېما يوللاپسىز ، ئارىمىزدا ھەر بىر قەدىمىنى مانا مۇشۇنداق مىللىتى ئۈچۈن ، خەلقى ئۈچۈن باسىدىغان، ئەقىل  بىلەن باسىدىغان  كىشىلىرىمىز كۆپەيسە ئىكەن دېگەن تىلەكتىمەن !...
 
ئەقىل ئىگىلىرىنى ئىككى ئىش ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .بىرسى ،قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆز كەسپىگە قويماسلىق ، يەنە بىرسى قابىلىيەتسىز كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەش .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى