بىر ئانىنىڭ ھەسرىتى
0Cox+QJt ئەگەر ئانا ھەققىدە قەسىدە يېزىشقا توغرا كەلسە، قانچىلاپ كىتاپ يازساقمۇ ئەرزىيدۇ ھەم ھەر قانچە يېزىپمۇ ئۇلارنىڭ تەرىپىنى تولۇق تەرىپلەپ بولالمايمىز. ئانا، ئۇ بىر ئۇلۇغ ئىنسان. ئۇنىڭ باغرىدا يېڭى ھاياتلىق بۇ دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ. قۇچىقىدا تۇنجى ئادىمىلىك ھىدىنى ئالىدۇ. ئادەمدەك سۆزلەشنى، مېڭىشنى، ئادىمىلىكنىڭ چىن مەنىسىنى ۋە ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى، ئۇنىڭدىن، ئۇنىڭ شۇ مېھنەتسىز ئەجرىدىن، تىنىمسىز سۆيگۈسىدىن، ھەقىقى ئادەمگە خاس يۈرۈش-تۇرۇش گەپ- سۆزلىرىدىن ئۆگىنىدۇ... ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇ يېڭى بىر ھاياتلىقنى ئەنە شۇ ياراتقۇچىسىنىڭ ئالدىدىكى جاۋاپكارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە، ئۆزىنىڭ بارلىق سۆيگۈسىنى بېغىشلاش بەدىلىگە پەرۋىش قىلىدۇ. ئادەم، شۇنداق ئۇلۇغ ئانىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ، ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا كاتتا مەرتىۋە بىلەن يارىتىلىشتەك، قىممىتىنى نامايەن قىلالايدۇ.
*H"IW0I توغرا، ئىت مۆشۈكلەرنىڭمۇ ئانىسى بار. ھەتتا ئېشەكنىمۇ ئانىسى تۇغىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئانىسى، ئاسلانلىرىنى، كۈچۈكلىرىنى، تەخەيلىرىنى ئېمىتىپ چوڭ قىلىپلا، ئانا بالىلىقنى ئۇنتۇشىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئانىسىدن ئۆگۈنىدىغىنى، بىز ئىنسانغا سېلىشتۇرغاندا، بەكلا ئاز ۋە ئاددى. ئانىسى ئۇلارغا، ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بەزى ماھارەتلەرنى ئۆگەتسىلا بولىدۇ. ئۇلارغا ھاياتلىقنىڭ نەدىن باشلىنىپ، نەدە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ھاجەتسىز ھەم ئانىسىنىڭ بۇنىڭغا جاۋاپكار بولىشىمۇ بىھاجەت. چۈنكى ئۇلار يارىتىلىشتىن بۇ خىل جاۋاپكارلىقتىن مۇستەسنا يارىتىلغان.
F-\Swbx+ ئەمما، ئادەمگە نىسبەتەن، ئىش ئۇنداق ئاددى ئەمەس. بىر ئانىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، پەرزەنت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتى ئنتايىن ئېغىر بولغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ تەربىيەلەيدىغىنى، ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك ئىشلىرى، ھايۋانغا قارىغاندا، تولىمۇ كۆپ ھەم مۇرەككەپ بولغان، ئۆزىنىڭ نەدىن كېلىپ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلىشى چوقۇم ھەم زۆرۈر بولغان، ياراتقۇسىغا بۇنىڭدىن جاۋاپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغان، "ئادەم" نىڭ پۇشتى. ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقى دەل، مانا مۇشۇ قىيىن ھەم شەرەپلىك ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىدا. لېكىن، بۇ "ئۇلۇغلۇق " يەرگە ئۇرۇلىدىكەن، ئادەم، ئۆز يارىتىلىش قىممىتىنى يوقىتىدۇ، ھايات چاك چېكىدىن بۆسۈلىدۇ...
&=1Ag}l57 سەنمۇ بىر ئانا ئىدىڭ. سەنمۇ باشقىلاردەك، " پەرزەنتلىرىم ساغلام، چىرايلىق چوڭ بولدى؛ ئالى مەكتەپكە ئۆتتى؛ ئۇلارنى ياخشى تەربىيەلىدىم " دەپ ئويلايتىڭ. ئۆزەڭچە، "ئاشۇ مەكتەپلەر بالامغا ھەممىنى ئۆگۈتىدۇ" دەپ قارايتىڭ ھەم شۇنداق ئۈمۈت قىلاتتىڭ. ئەفسۇس، شۇ ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، كېلىشكەن يىگىت ۋە چىرايلىق قىز بولۇپ يېتىشىپ، سېنى سۆيۈندۈرىۋاتقان پەرزەنتلىرىڭ، نىمشىقىدۇر، ھەم سېنى ئۈمۈتسىزلەندۈرمەكتە ئىدى... ئوغلۇڭ ئۆيگە "ئەسسالام" دەپ كىرىشنى، "بىسمىللاھ" دەپ تاماق يىيىشنى، تاماقتىن كېيىن ئىككى ئېغىز دۇئا قىلىشنى، ھالال بىلەن ھارامنى پەرق ئېتىشنى بىلمىگەندە، ئىچىڭدە نىمىدىندۇر خۇرسىندىڭ... قىزىڭ ئۆز سالاھىيىتىنى، ئىماننىڭ قىز- ئاياللارغا نىسبەتەن نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ھايا قىلىشنى، بىرەر ۋاق ناماز ئوقۇشنى بىلمىگەندە، ئىچىڭ نىمىدىندۇر ئاچچىق بولدى...كىملەرگىدۇر سوئال قويغۇڭ ، كىملەردىندۇر ئۆزەڭگە جاۋاپ تاپقۇڭ، كەلدى...
L|y4u;-Q
شۇنداق، ئەڭ ئالدى بىلەن كۆز ئالدىڭغا مەكتەپ كەلدى. بىراق ئويلىمىدىڭكى، مەكتەپ ئۇ شۇنداق بىر باغ ئىدىكى، بۇ باغدىكى مۇنبەت تۇپراقتا، كۆچەتلەر ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈپ، خالىغانچە بوي تارتىپ، غول سېلىپ يوغىنايتى. باغۋەنلەر بولسا، پەقەت ئۇلارنى ئوغۇتلاپ، ئۇلارنىڭ شۇ ئوغۇتلارنى ھەزىم قىلىپ يوغىنىشىغىلا ياردەم قىلالايتى. كۆچەتلەردە بىخلىنىۋاتقان ھارام شاخلارنى ۋاقتى ۋاقتىدا چاتاپ تۇرۇشقا، ئەگرىرەك ئۆسۈپ قالغانلىرىنى تۈزلەپ قويۇشقا، چولىسى تېگىپ بولالمايتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى زامانىۋى مەكتەپلىرىمىزدە ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. شۇڭا بۇ باغدىن، تۈز ئۆسكەن كۆچەتلەرمۇ، ئەگرى ئۆسكەن كۆچەتلەرمۇ، ھارام شاخ بېسىپ كەتكەن، قارىماققا باراقسان كۆچەتلەرمۇ، ھارام شېىخى ۋاقتى ۋاقتىدا چاتاپ تۇرۇلغان، قارىماققا ئانچە باراقسان بولمىسىمۇ، لېكىن، تاتلىق، چىرايلىق مىۋە بېرىدىغان كۆچەتلەرمۇ يېتىشىپ چىقاتتى. .. شۇڭا، شۇنچە يىل ئوقۇپ بىلىم ئالغان پەرزەنتلىرىڭ، تېخى ئەقلى كام، ئىشتا چولتا، ھەقىقى بىلىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم ئىدى. تېخىچە سېنىڭ " ماۋۇ دىگەن تۈز يول، ئاۋۇ دىگەن كاتاڭ"؛ "ماۋۇ ئادەم بولۇشنىڭ يولى، ئاۋۇ ھايۋان بولۇشنىڭ"؛ "ماۋۇ دىگەن ئوت، تۇتساڭ بولمايدۇ؛ ئاۋۇ دىگەن پوق، يىسەڭ بولمايدۇ " دەپ بىر بىرلەپ ئۆگۈتۈشۈڭگە مۇھتاج ئىدى. چۈنكى سەن چوڭ بىلگەن، بالىلىرىڭغا ھەممىنى ئۆگۈتىدىغان شۇ مەكتەپلەر، بۇ ھەقتە ئۆگۈتۈپ بولالمايتى ھەم ئۆگەتمىگەن ئىدى...
Q}KNtNCpx سېنىڭ بۇرۇن، بۇ ھەقتە ئويلانغان چاغلىرىڭمۇ، نامازلىرىڭدا، پەرۋەردىگارىمىزدىن تىلىگەن چاغلىرىڭمۇ بولغان. .. لېكىن، ئەمىلى ھەركەتكە ئۆتۈشكە ئۇنچە كۆڭۈلشىپ كەتمىگەن، " جەمىيەت شۇنداق تۇرسا، نىمە ئامال؟ ؛ تېخى كىچىك، بارا بارا ئۆگىنەر؛ پالانچىنىڭ بالىسىدەك، زەھەر چەكمىگەندىكىن ؛ پالانچىنىڭ قىزىدەك، كېچەلەپ سىرتتا يۈرمىگەندىكىن، شۈكرى" دەپ سەل قارىغان ئىدىڭ... قىسقىسى، ئىمان چۈشەنچىسى بارغانسېرى مىللى كىملىكىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقان، ئوغۇللاردىن ئەركەكلىكنىڭ، قىزلاردىن قىزلىق لاتاپەتنىڭ ھىدى يوقاپ كېتىۋاتقان، زامانىۋى جەمىيتىمىزنىڭ "مەدىنىي" پەردىلىرى، كۆزلىرڭنى توسۇپ قويغان، "مەدىنى " جەمىيتىمىزنىڭ " ، "ھەممىنى توغرا چۈشىنىش "تەك، ئىلمىي" ئىدىيەلىرى، شۇ ئاجىزغىنە چاقناپ، يانغىنغا ئايلىناي، دىگەن ئىمانىڭنى، ئانىلىق بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇڭنى، شۇ ئورنىدىلا ئۇجۇقتۇرۇپ ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدى...
jWn!96NhlL مانا سەكراتتا يېتىۋاتىسەن. .. ساناقلىقلا كۈنلۈرۈڭ قالغانلىقىنى بىلدىڭ. كېسەل ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغان بۇ جىسمىڭ، قاتتىق ئاغرىقنىڭ دەستىدىن، كېسەل كارۋىتىغا چىڭ يېپىشىپ تۇرۇپتۇ. مەھكەم يۇمۇلغان كۆزلىرىڭ ۋە نۇرسىز چىرايىڭ، سېنى خۇددى كېپەنلىنىشكە تەييارلانغان جەسەتتكىلا ئوخشىتىپ قويۇپتۇ... قاتتىق بىر ئازاپتىن، بەدىنىڭ بىلىنەر بىلىنمەس تىترەپ كەتتى.. ئەسلى بۇ ئازاپ، يۈرىكىڭدىن، ئىمانىڭدىن، ئەزرائىلنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىدىن كېلىۋاتاتتى... يۈرىگىڭ ھەر بىر ئاجىز سوقۇشىدا ، ساڭا، "ئانا بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن، ئېگەڭنىڭ ساڭا تاپشۇرغان ئامانىتى بولغان پەرزەنتلىرىڭگە، نىمىلەرنى ئۆگۈتەلىدىڭ؟ ئانىلىق بۇرچۇڭنى ئادا قىلالىدىڭمۇ؟ جانابى ئاللاھنىڭ ئالدىغا "ئانا" دىگەن نامغا لايىق، پەرزەنت ساۋابىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەلەمسەن؟ " دەپ، خىتاپ قىلاتتى... كۆز جىيەكلىرىڭدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى، لەۋلىرىڭ تىترىەۋاتىدۇ... توغرا، سەن ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىڭدا رەببىڭنىڭ ساڭا پۇرسەت بېرىشىنى تىلەپ ئىلتىجا قىلىۋاتىسەن: " ماڭا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ يا رەببىم! بىر ئاي، ياق بىر ھەپتە... چالا قالغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بار ئىدى... شۇ پەرزەنتلىرىم مەندىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا نەپرەتلەنمىسۇن... يا رەببىم، يا رەھمان، يا رەھىم، مېنى مەغفىرەت قىلىڭ... شۇ سېسىق سۇدەك ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدىن بولسىمۇ، بىرەر سۈزۈك تامچە يالداما بولۇپ قالسۇن... ئۇنى سېسىقكەن دىمەي، تۇپراق قوينىغا ئالسۇن... ئۇنىڭدىن بىرەر تال رەيھان ئۈنسۇن...
,0'Yj?U> nkKiYr مەنبە: ئۆزۈم
^2gDhoO_