ئەمەل-ئىنئامغا ئېرىشتىم BIbcm,YQ
(چاتما سۆز ئويۇنلىرى) :XBeGNI*#
ئەڭ ئاۋۋالقىسى: kZ`60X%wE
ئىگەمگە ئىلتىجا
(« ئ »ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان)
ئىنسانغا ئەقىلنى ئاتا ئېتىپ، ئەھلى ئالەمدە ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا ئېرىشتۈرگەن، ئاسمانغا ئاينى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۇزۇقلىنىشىمىز ئۈچۈن ئېسىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرگەن، ئۆز ئاۋازىمىزنى ئۆزگىلەرگە ئاڭلىتالىشىمىز ئۈچۈن ئېغىزنى ئورۇنلاشتۇرغان... ئالەملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھقا ئۇشبۇ ئېغىزىم ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئەلھەمدۇلىللا ئېيتىمەن!
]ueq&| ئىنسانلارنى ئاخىرەت ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئازغۇنلۇقتىن ئىسلام ئادالىتىگە ئېرىشتۈرگەن ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەڭ ئۇلۇغ ئەلچىسى، ئۈممەتنىڭ ئاتامانى ــ ئىنجىلدا ئەھمەد ئاتالغان ئەلەيھسالامىمىزنى ئۇنتۇيالمايمەن. ئۇشبۇ ئەلەيھسالام ــ ئىبراھىم ئەلەيھسالامنىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھسالامنىڭ ئەۋلادىدۇر. ئۇنىڭ ئاتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىپ، ئانىسى ئامىنەدۇر. ئۇنىڭ ئەقىدىسى، ئىبادەت ئۇسۇلى، ئەخلاقى... ئىنسانلارغا ئەڭ ئېسىل ئۈلگىدۇر.
N;-+)=M,rf ئىسلامغا ئەڭ ئاۋۋال ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان، ئەلەيھسالامىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئىسلامنىڭ ئادالىتىنى ئاسىيادىن ئافرىقىغىچە ئاپارغان ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئاتامانلىرى ــ ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلىلەرنى، ئادىللىقى ئارقىلىق ئۈممەتكە ئامەت ئەكەلگەن ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى، ئاخىرەتكىچە ئىسلامغا ئەگەشكەن، ئۆزىنى ئىسلامغا ئاتىغانلارنى ئىبادەتلىرىمدە ئەسلەيمەن. ئاللاھ ئۇلاردىن ئۆز ئەپۇسىنى ئايىمىغاي!
e#kPf 'gL ئى ئۇلۇغ ئىگىمىز، ئىلمىمىزنى ئاشۇرغىن، ئىتىقادىمىزدىن ئاداشتۇرىۋەتمىگىن، ئىبلىسنىڭ ئالدىشىغا ئۇچراتمىغىن، ئەپۇ ئىشىكلىرىڭنى ئېتىۋەتمىگىن، ئاخىرەتتە ئازابقا ئاپارمىغىن! ئۇيغۇرلاردىن ئۆز ئىنئامىڭنى ئايىمىغىن، ئارىمىزدىن ئالىملارنى ئاۋۇتقىن، ئۇيغۇرنى ئىلىملىك، ئىلغار ئۈممەتكە ئايلاندۇرغىن! ئى ئاللاھ، ئىلتىجالىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن!
fRaVY`|wK --------------------------------------------------
|%&WYm6 ئەسەرنىڭ ئالدىدا ئۈستىدىكىدەك ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى، ئۇنىڭ ئەسھابىلىرىنى، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئەسلەش ئاۋۋالقى ئۆلىما- ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئومۇملاشقان ئىش ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئالدىلىرىدا ئىجادلانغان ئىلغار ئەسەر
«ئەمىنىيە»**مۇ ئۈستىدىكىدەك ئۇسلۇبتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇشبۇ ئەسەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاشۇ ئۇسلۇبلارنى ئۈلگە ئالدىم.
"M_X9n_
ئىككىنچىسى:
ئوقۇرمەنلەرگە
(« ئ »ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان)
7ou2SL}k /o8`I
m ئۇشبۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئولتۇرغانلارغا ئالىي ئىھتىرام!
A8c'CMEm ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوقۇرمەنلەر! ئەھۋالىڭلار ئوبدانمۇ؟ ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇقمۇ؟ ئائىلەڭلاردىكىلەرنىڭ، ئەتراپىڭلاردىكىلەرنىڭ، ئىدارەڭلاردىكىلەرنىڭ ... ئەھۋالىمۇ ئوبدانمۇ؟ ئاللاھ ئەھۋالىڭلارنى ئىلگىرىكىدىنمۇ ئوبدانلاشتۇرغاي، ئاغرىقلارنى ئامانلىققا، ئىككى ئالەملىك ئامەتكە ئېرىشتۈرگەي!
K.l?R#G`,F ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتسام، ئۆزۈممۇ، ئائىلەمدىكىلەرمۇ، ئەتراپىمدىكىلەرمۇ ئىنتايىن ئوبدان. ئۇرۇشماي، ئاداۋەتلەشمەي، ئىناق- ئىتتىپاق، ئۆم- ئىجىل ئۆتۈۋاتىمىز. « ئۇيغۇر» نىڭ ئېنىقلىمىسى «ئويۇشقۇر» ئاتالغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپىمدىكىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتىلىۋاتىمەن. ئاللاھ ئىشلىرىمىزغا ئاسانچىلىق ئاتا ئەتكەي، ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۈممەتنى ئۆز- ئارا ئۇيۇشتۇرغاي!
_a15R/S ئۆزۈم ئالىي ئوقۇلنىڭ ئادەتتىكىدەك ئوقۇغۇچىسى. ئالتىنچى ئاينىڭ ئاخىرى ئىمتاھانلىرىمىز ئۇتۇقلۇق ئاياغلىشىپ، «ئازاتلىق» قا ئېرىشتىم. ئەمدىلىكتە، ئۆيدە ئىكران ئالدىدا ئىجادىيەت ئۈچۈن ئولتۇرىۋاتىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاستىدىكى ئەسەرلەرنى ئالدىرىماي ئوقۇشىنى ئارزۇلايمەن.
qYsu3y)*N ئۈچىنچىسى:
ئەمەل-ئىنئامغا ئېرىشتىم
(« ئ »ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان)
:8Q6=K87 ئىنئامغا ئېرىشىش:
"~d)$]+ ئالدىنقى ئايدا ئۇشبۇ ئورۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىجادىيەتچىلەر ئىمتاھانىغا ئەسەر ئەۋەتكەنىدىم، (
ئۇ ئەسەرنى ئۇشبۇ ئورۇندىن ئوقۇۋېلىڭ ) ئۇ ئەسەر ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن، ئوقۇغانلار ئوبدان ئىنكاسلارنى ئەۋەتىشتى. ئەسەر ئىلغاش ئەترىتىمۇ ئۇ ئەسەرنىڭ ئوبدان ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ئىنئاملاشنى ئويلىشىپتۇ. ئاخىرى ئۇ ئەسىرىم «ئۇيغۇرچە ئىقتىدارلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكىنىسى»گە ئېرىشتى. ئۆيدىكىلەر ئۇشبۇ ئىشنى ئۇقۇپ ئوغلىدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلاندى. ئۆزۈممۇ ئۇشبۇ ئىنئامغا ئېرىشتۈرگەن ئاللاھقا ئەلھەمدۇلىللا ئېيتتىم. (ئۇ ئۈسكىنىنى ئۆيدىكى ئاكام ئوبدان ئىشلىتىۋاتىدۇ). ئىنئامغا ئېرىشكەنلىكتىن ئىجادىيەت ئىلھامىم ئىلگىرىكىدىنمۇ ئاشتى. ئۇشبۇ ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىمۇ ئاشۇ ئەسەرگە ئوخشىشىدۇ.
9l{r&]
ئەمەلگە ئېرىشىش:
xOTm-Cm9L ئۆلۈشكۈن ئىكراندا ئاتامانىمىزنىڭ ئەمەلدار ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، ئىنكاس ئەۋەتكەنىدىم. ئالدىنقى ئاخشىمى ئاتامانىمىز ئەمەلگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈستىدە ئۇچۇر ئەۋەتىپتۇ. ئىلگىرى ئەمەلدارلىق ئىشىنى ئانچە ئويلىمىغان ئىدىم، ئەمدىلىكتە ئۆزۈم ئانچە ئارزۇلىمايدىغان ئۇشبۇ ئىشقا ئۇچراشتىم.
{r'#(\ ئويلايمەنكى، ئەمەلدارلار ئەمىلىنى ئۆز ئامىتى ئۈچۈن ئىشلەتمەي، ئەل ئۈچۈن ئىجدىھاتلىق ئىشلىسە، ئۆزىنى ئەمەلدار ئەمەس ئاددىي ئىشچى ئورنىدا ئويلىسا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۆزگىلەرگە ئوخشاشلا ئاددىي ئاۋام ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىسا، ئاندىن ئۇنىڭ ئېرىشكەن ئەمىلى ئۆزى ئۈچۈنمۇ، ئۆزگىلەر ئۈچۈنمۇ، ئەل ئۈچۈنمۇ ئوبدان ئاقىۋەت ئەكىلىدۇ، ئۇنداق ئەمەل ئىنتايىن ئوبداندۇر. ئەكسىچە ئەھۋالدا، ئەمەلدارنىڭ ئاقىۋىتى ئوبدان ئەمەس!
wQM(Lm#Q ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئەمىلىمنىڭ ئۆزۈمگە ئەسكى ئاقىۋەت ئەكىلىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەيمەن. ئۆزۈمنى ئۆزۈڭلارغا ئوخشاشلا ئاددىي ئادەم ئورنىدا ئويلاپ، ئاۋام ئۈچۈن ئۈنسىز ئىشلەش ئۈمىدىدىمەن.
apGf
@b ئەگەر ئازراقلا ئېشىۋالسام ئايىماستىن ئىنكاس ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرغايسىلەر. ئېغىرراق ئېشىۋالغان ئەھۋالدا، ئۇشبۇ ئىشىمنى ئاتامانغا ئېيىتقايسىلەر. ئېزىشتىن، ئەگرىلىكتىن ئاگاھلىنىپ ئەل ئۈچۈن ئىشلەش ئۈمىدىم ئەمەلگە ئاشقاي.
$G*$j! تۆتىنچىسى:
تىرىشچانلىق تاغنىمۇ تالقانلايدۇ
(« ت »دىن تۈزۈلگەن)
g%4|vA8
lpSM p تور-تېلىگىراف تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى تۇرمۇشىمىزدىكى توسالغۇلارنى توزۇتۇپ تاشلاپ، تېرىپولىدىكى تۆنۈگۈنكى تەرتىپسىزلىكلەرنىمۇ تېلىكامىرادا تارتىپ، تۆنۈگۈنلا توردا- تېلىۋوزۇردا تونۇشتۇردى، تاجىكىستاندىكى تۇغقانلارنىمۇ تېلىفوندىلا تويىمىزغا توۋلىيالايمىز. (تەرەققىياتنىڭ تەتۈر تەسىرى ــ تارخاننى تونۇيمىز، تۈۋىمىزدە تۇرغان توختاخۇننى تونۇمايمىز).
4
!/{CGP تورنىڭ تەرەققىياتى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەپەككۇرنى توختاتمىغانلىقىدىندۇر. تەپەككۇر تەبىئەتتىكى تىلسىماتلارنى تونۇتىدۇ. تەرەققىياتىمىزنى تېزلىتىدۇ.
P_&2HA,I تىرىشچانلىق تاغنىمۇ تالقانلايدۇ. تەڭرى تېغىدا تەر تۆككەن تەدبىرلىك، تىرىشچان تاغىلىرىمىز تارىمنىڭ تاشيولىنى تاشكەنتكە تۇتاشتۇرغانىدى.
/:U\U_j تارىخمىزنى توغرا تونۇشقا تىرىشايلى. تەكلىماكاننىڭ تەكتىدىكى تىلسىماتلارنى تاپالىساق، تەرەققىياتىمىزنىڭ توسالغۇلىرىنى تۈرتۈپ تاشلىيالايتتۇق.
YdE$G>&em توغرا تەلىم- تەربىيە تەپەككۇرنى توغرىلايدۇ. تېلىۋوزۇردىكى تەتۈر تەشۋىقاتلارنىڭ تولىلىقىدىن تېنىم تىترىمەكتە. تەشۋىقاتلىرى تولىمۇ تېتىقسىزلاشماقتا، توختىماي تىللىۋەتسەم.......
/7P4[~vw تەشۋىقاتلىرىنى توختىتىپ، تەتقىقات تېمىلىرىنى، تەبىئەت تىلسىماتلىرىنى، تېخنىكىلارنى....تەشۋىقلىسا تەرەققىياتىمىز تېزلەشمەسمىدى؟ توختىۋالايچۇ، تۆرەلگىنىمگە تويغۇزىۋەتمىسۇن..........
G+\2Aj
بەشىنچىسى:
بۇرادەرلەرگە بىلدۈرگۈ
(« ب » بىلەن باشلانغان)
"hs`Y4U
6PvV X
*5T
بايانلىرىمنى بىسمىللا بىلەن باشلايمەن. =$b^X?x
بۇ باغچىغا باغلانغىنىمدىن بېرى، بۇ باغچىدا بىر - بىرىدىن بىلىملىك بالىلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ بالىلارنىڭ بىھۇدە بايانلاردىن، بىكارچىلىقتىن بىزارلىقىنى، بىلىمنى بۈيۈك بىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بۇنداق بولۇش بەكمۇ بەلەندۇر. بىراق، بىھايا، بۇزۇق، باشقۇرغۇچىلارغا بىھۆرمەت بولىدىغان بىلىمسىزلەرمۇ باركەن. بارلىق بۇرادەرلەرگە بىلدۈرمىسەم بولمايدىغان بەزىبىر باغاقچىلىرىم بار: NbG3^(
باشقىلارغا بىئەدەپ بولمايلى، بىئەدەپ بولۇش بىلىمسىزلىكنىڭ بەلگىسىدۇر. بىر -بىرىمىزنى بوھتان بىلەن بۇلغىمايلى، بوھتانچىلىق بۇزۇقلۇقنىڭ بىشارىتىدۇر. بىھايا بولمايلى، بىھايالاردىن بەكمۇ بىزارمەن. /0"Y.
@L
بىغۇبار بالىلىرىمىزنىڭ بەڭباش، بىلىمسىز، بىۋاپا، بېزەڭ، بېقىندى، باتۇرلۇقنى بىلمەيدىغان بىئەقىللەردىن بولماستىن، بىلىملىك، بارلىقىنى بېغىشلىيالايدىغان باتۇرلاردىن بولۇشى بىزلەرنىڭ باشلامچىلىقىمىزغا باغلىقتۇر، بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر. بالىلىرىمىزنى بىلىم بېغىغا باشلايلى! e-{k;V7b
بىز بالىلارنىڭ باشلامچىسى بولغىنىمىزدەك، بىزنىڭمۇ باشلامچىلىرىمىز باردۇر! بوۋىمىز بۇغراخان باشلىغان بەخىت بېغىدىن بۇرالمايلى. بۇنداق بولغاندا، بىھىساپ بايلىقلار بولغان، بېزەكلەر بىلەن بېزەلگەن باغۇ-بوستانلىقلار بولغان بۇلاق بويىغا بارالايمىز. +s1mm c
بۇرادەرلەرگە بۇنىڭدىنمۇ بەلەن باغاقچىلارنى بەرسەم بولاتتى. بىراق، بىلىمىمنىڭ بولۇمسىزلىقى، بىقابىللىقىم، بىكار بولالمىغانلىقىمدىن بەكمۇ بىچارىمەن. c5]^jUB6
ئالتىنچىسى:
ئىپتىخارلىق ئۇيغۇرمەن
(« ئ » ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان)
MlS
8~rD#8`6j
ئۆزۈمنىڭ ئىسلام ئىتىقادىغا ئىگە ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمدىن ئىنتايىن ئىپتىخارلىنىمەن. ئۇيغۇرلار ئىنتايىن ئۇزاق ئەسىرلەر ئىلگىرىلا ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئۇلۇغ ئىمپىرىيە ئورناتقان ئىدى. «ئوغۇزنامە»دە ئېيتىلىشچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇزخان ئىسىملىك ئالىي ئاتامانى ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەجەملەرنى ئۆزىگە ئەگكۈزۈپ، ئالتاي ئەتراپلىرىنى ئىگەللەپ، ئۇشبۇ ئورۇنلارنى ئالتە ئوغلىغا ئوقيا ئېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈلەشتۈرگەنىكەن. ئۇيغۇرلار، ئۆزبىكلەر... ئاشۇلارنىڭ ئەۋلادىدۇر. lh8`.sWk4V
ئونىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋالىدا، ئۇيغۇرلار ئوتنى ئۇلۇغلاشتەك ئازغۇن ئىتىقادىنى ئىسلامدىن ئىبارەت ئىلمىي ئىتىقادقا ئالماشتۇردى. ئاشۇنىڭدىن ئىتىبارەن، ئىسلامىيەت ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئېسىل ئۇتۇقلارغا ئېرىشتۈردى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئاجايىپ ئۇلۇغ ئالىملار ئەھيالاندى، ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئېتىراپلىشىغا ئېرىشتى. ئۇشبۇ ئالىملارنى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېغىزىمدا ئېيتىپ ئۈلگۈرەلمەيمەن. ئۆزۈمنىڭمۇ ئاشۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىمنى ئويلىسام ئالەمچە ئىپتىخارلىنىمەن. ئېھتىمال، ئۇشبۇ ئالىملارنى ئېغىزغا ئالغىنىڭلاردا، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئەسلىگەنلىرىڭلاردا ئۆزەڭلارمۇ ئىپتىخارلىنىدىغانسىلەر. ئەمما ئويلايمەنكى، ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىش ئارقىلىقلا ئىش ئاياغلاشمايدۇ. ئىسلامدا ئېنىق ئېيتىلدىكى، ئىنسانلار ئاخىرەتتە ئۆز ئىشىنىڭلا ئاقىۋىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۆزگىلەرنىڭ ئەمەل- ئىبادەتلىرى ئۇنىڭغا ئەسقاتمايدۇ. ئىپتىخارلىق ئالىملىرىمىزمۇ ئەتراپىدىكى ئەسكى ئادەملەرنىڭ ئاخىرەتتىكى ئازابىنى ئازلىتىشغا ئامالسىزدۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۆزىنى ئەپقاچالامدۇ؟ ئۇنىمۇ ئاللاھلا ئۇقىدۇ. ئالىملىرىمىزدىن ئېغىزىمىزدا ئىپتىخارلىنىپ، ئۆز ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىمىساق، ئۆزىمىزمۇ ئاشۇلاردەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدەنمىسەك، ئۆمرىمىزنى ئۇيقۇدا ئۆتكۈزسەك ئۇيغۇرلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىشىمىز ئىنتايىن ئەھمىيەتسىز ئىش ئەمەسمۇ؟ ho fZpM
ئۇيغۇر ئاتالغان ئىكەنمىز، ئۆمرىمىزنى ئۇيغۇردەك ئۆتكۈزەيلى. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىزىنى ئۇنتۇمايلى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئەھمىيەتسىز ئويۇنلارغا، ئىچىملىكلەرگە ئامراق ئەمەس ئىدى. ئاياللىرى ئەخلاقنى ئۇنتۇمىغانىدى، ئەرلىرىنىڭ ئامانەتلىرىنى ئوغرىلىمايتتى، ئوبدان ئاسرىغانلىقتىن ئوغرىغىمۇ ئالغۇزمايتتى. ئەنە ئاشۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئىپتىخارلىنىشى ئاقىللىقتۇر! ئۇيغۇرلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىشىمىز ئۈچۈن، ئەنە ئاشۇنداق ئېسىل ئەخلاقلارنى ئۆزىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز، ئىدىيىمىزنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈشىمىز، ئىتىقادىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئىلىم ئالىمىدىكى ئىلغار ئىنسانلارغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمىكىمىز ئۆزرىسىزدۇر. KQQR"[z&V
ئۇيغۇرىمىزنى ئاڭلىغانلىكى ئادەم ئىپتىخارلانغۇدەك ئېسىل ئۈممەتكە ئايلاندۇرايلى! oACuI|b
ئاخىرقىسى:
ئەزالارغا ئىككى ئېغىز ئەسكەرتمە
(« ئ » ئىبارىسى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان)
'i
Ufr@
'S@C,x%2,
ئۇشبۇ ئورۇننى ئارىلاش ئارقىلىق ئۇقتۇمكى، ئەزالار ئىچىدە ئالىي ئوقۇللارنىڭ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسىي ئورۇننى ئىگەللەيدىكەن. ئېلىمىزدىن ئايرىلىپ، ئۆزگە ئەللەردىكى ئالىي ئىلىم ئورۇنلىرىدا ئىلىم ئېلىۋاتقانلار، ئىشلەۋاتقانلار... مۇ ئانچە ئاز ئەمەس ئىكەن. ئېتىزلىقتا ئىشلەيدىغان ئاكىلىرىمىزمۇ، ئۈممەتنى ئويلايدىغانلارمۇ، ئويۇننى ئارزۇلايدىغانلارمۇ، ئىككىلىسىنى ئورۇنلايدىغانلارمۇ ئۇچرايدىكەن. Xm\tyLY
ئۆتكەندە ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ «inaqliq» ئاتلىق ئەسلى ئىتىقادىنى ئۇنتىغان ئىنساپسىز ئىنساننى ئۇشبۇ ئورۇندىن ئىتتىرىۋەتكەنلىكىنى، ئەمدى ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ئورۇنلىشىۋېلىشىدىن ئاگاھلىنىدىغانلىقىنى، ئەزالارنىڭ ئۇنداقلارنى ئۇچراتسا ئەمەلدارلارغا ئۇقتۇرۇشىنى ئېيتقان ئاڭلىتىشىنى ئوقۇپ، ئەمەلدارلارغا ئاپرىن ئېيتتىم. ئۇشبۇ ئۇقتۇرۇش ئاخىرىغىچە ئىناۋەتلىكتۇر. ئىسلام ئىتىقادىنى ئەيىبلەپ، ئۆزگە ئىتىقادلارنى ئۇچۇرىۋېتىدىغان، ئەقىلسىز ئىنسانلارنى ئۇچراتسام ئاياپ ئولتۇرمايمەن! N7}.9%EV
ئىلىم ئەھلىلىرىمىز ئارىسىدا ئىتىقادسىزلىشىش ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. ئەتراپىمدىكى ئايرىم ئوقۇغۇچىلاردا ئاجايىپ ئەخلاقسىز ئىشلار ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇشبۇ ئىشلىرىنى ئاتا- ئانىسى ئۇقمايدۇ. ئاتا - ئانىلىرى ئۆيىدە ئوغلىغا ئەۋەتىدىغان ئىقتىساد ئىزدەش ئۈچۈن ئاۋارە. ئۇشبۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەپ- ئەخلاقنى ئەسكەرتىدىغان ئىنسان ئۇچرىمايدۇ. ئۇلار ئىنتايىن ئەركىن- ئازادە ئويناۋاتىدۇ. 0=L:
8&m
ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇلارنى ئويلىمىسا، ئۇلار ئەسكىلىكلەرنى ئۆگىنىۋەرسە، ئۈممەتنىڭ ئەھۋالى ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ؟ ئېيتىمەنكى، ئۆز ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ئۇنتۇمايلى، ئۇلارمۇ ئۇيغۇردۇر، ئۇلار ئەسكى ئىشنى ئۆگىنىۋالسا ئۆزىنىڭلا ئەمەس ئومۇمىي ئۇيغۇرنىڭ ئابرويىنى ئۆلتۈرىدۇ. CKNH/[ZR,
ئۆزىمىزنىلا ئويلىمايلى، ئىقتىسادنىلا ئۇلۇغلىمايلى. ئىتىقادىمىزنى ئۇنتۇمايلى.ئىشىمىزنى ئەقىدىمزگە ئۇيغۇنلاشتۇرايلى. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئېشىۋالماڭ. ئۇنتۇماڭكى، ئۆزىڭىزمۇ ئۆزگىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان، ئادەم ئەلەيھسالامنىڭ ئەۋلادى! !Edc]rg7
ئۇنۋىرىستىتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاتىقىغا ئېرىشىۋېلىپلا، ئىتىقادىڭىزنى ئۇنتۇماڭ. ئالىم ئاتالسىڭىزمۇ ئاللانىڭ ئىمتاھانى ئالدىدا ئۇنۋانلىرىڭىز ئەسقاتمايدۇ. 9(ANhG
ئىلىم ئۆگۈنۈشنى ئىنكارلىماڭ! ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى ئايىتى : " ئىقرائ (ئوقۇغىن) دۇر. ئەمما، ئالىي ئوقۇلدىكى ئىلىمغىلا ئېسىلىۋالماڭ! ئىلىم ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئۆگىنىش ئەھمىيەتسىز ئىلىملەرمۇ ئۇچرايدۇ. ئۆگەنمىسە ئاللاھمۇ ئەپۇلىمايدىغان ئۇلۇغ ئىلىملەرمۇ ئۇچرايدۇ. ئۆزىڭىز ئەقلىڭىزنى ئوبدان ئىشلىتىپ، ئىككى ئالەملىك ئەزىزلىككە ئېرىشتۈرىدىغان ئىلىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆگەنگەيسىز! f=g/_R2$xN
---------------------- 4TC
!P}
m0XK?;\V
ئاستىدىكى ئەسەرنى ئۆلۈشكۈن ئەۋەتكەنىدىم:
(« ئ» ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىبارە ئويۇنى) U#d",s
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئادەم ئاتا ئەۋلادى،
ئوڭۇشلۇقمۇ ئىشلىرىڭ، ئەۋلادىڭنىڭ ئىقبالى؟
ئاتا –ئاناڭ، ئۆيۈڭنىڭ ئوبدانمىدۇ ئەھۋالى؟
ئوغلىدىدۇر ئاناڭنىڭ ئۇخلىسىمۇ ئەسيادى، AEOo]b*&d
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئاللاھ ئېيتتى ئايەتتە، ئۇنى ئوبدان ئاڭلىغىن: ) dwPD
ئاتا-ئاناڭ ئالدىدا «ئوھوي»نىمۇ ئېيتمىغىن،
ئۇخلىماستىن ئاخشىمى ئەمدۈرگەننى ئەسلىگىن،
ئەمدى ئاتا- ئاناڭنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن،
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى. /|`;|0/2

ئويلىساڭچۇ ئەي ئىنسان، ئەمەس ئاتاڭغا ئاسان، .+|G`*1
ئۆزۈڭ ئۇندا ئوينايسەن، ئاپاڭ ئالمايدۇ ئارام،
ئۆلگىنىدە ئېيتىسەن: ئانام، ئانام، ئاي ئانام،
ئۇندىن ئاۋۋال ئويلايتتىڭ، ئۆزۈڭ ئامان=ئۆي ئامان.
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئۆتتى ئۆمرى ئاتاڭنىڭ ئەۋلاد ئىشقى ئۈچۈنلا، <yE(p
ئۈمىدلىنەر ئوغلىدىن: ئېرىشسىكەن ئۇتۇققا، b3<<4Vf
ئايلانسىكەن ئالەمنى، ئاقكەپتەردەك ئۇچۇپلا،
ئەمما ئازغۇن ئوغۇللار ئۆلۈۋالدى ئۈسسۈپلا،
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئابروي- ئاتاق، ئامەتكە ئېرىشىشنى ئويلىماس، y<8)mw
ئازراققىنە ئاغرىساڭ، ئىچى ئاغرىپ ئۇخلىماس،
ئەزىيەتكە، ئازاپقا ئۇلارغۇ ئاز ئۇچرىماس،
ئەمما ئۇنتۇپ ئۆزىنى، ئەۋلادىنى ئۇنتۇماس،
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
ئاتا- ئانا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئىدى، ئەسلىغۇ، @,pO%,E6
ئويلىغاننى ئېيتىسام ئاياغلاشماس ئەتىمۇ،
ئادىمىيلىك ئۈستىدە ئويلانغانسەن ئەمدىغۇ؟ P[%
W[E<
ئانىلارنى ئىززەتلەش ئاللاھنىڭكى ئەمرىغۇ؟!
ئاتا-ئاناڭ ئۇلۇغدۇر، ئەزىزلىگىن ئۇلارنى.
) m%ghpX
pj?+cy
v~
ئەسلىدە ئىجادلاشنى ئويلىغانلىرىم ئۈستىدىكىدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئەمما، ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ ئارتۇقلىقىدىن ئەسەرنى ئۇشبۇ ئورۇندا ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز ئويلىغانلىرىنى ئەسەر ئاستىغا ئەۋەتىشىنى ئۈمىدلەيمەن. ئىنكاسلىرىڭلار ئارقىلىق ئاداشقان ئورۇنلىرىمنى ئېنىقلىۋالسام، ئەمدىكى ئىجادىيەتلىرىمدە ئوبدانراق ئاگاھلىنىپ، ئۆز ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىمەن. ('OPW&fRG
573wK~9oMh
ئەسەر ئىگىسى: ئۆزۈم (ئويچان) %n=!H
ئايرىم ئورۇنلىرى ئالتىنچى ئايدا، ئايرىم ئورۇنلىرى ئاخشام ئىجادلاندى. KFCuv15w,3
ئىزنىمنى ئالماستىن ئەسەرنى ئوغرىلىماڭ! ]cLpLA"
zPH1{|H+l
ئىزاھات: ** « ئەمىنىيە» بولسا موللا مۇسا سايرامى يازغان «تارىخىي ئەمىنىيە» نى كۆرسىتىدۇ. `
m`jX|`
[ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-07-26 06:02 PM دە ق ]