مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2136 
  •    ئىنكاس 
       4 

ئەگىشىش

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   120 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9780 (سوم)
 ياخشى باھا:   462 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   682  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 851
 سائەت
دەرىجىسى:
851 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-11-08

ئەگىشىش
ھېكايە
ياقۇپجان يۈسۈپ
pF Rg?-  
ئالى مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان بىر يۇرتدېشىم بار ئىدى. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇ شەھەردە قالدى. مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمغا قايتتىم. تۇرمۇش، خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزاققىچە كۆرىشەلمىدىم. بەش يىلنىڭ ئالدىدا بىز مائارىپ ئىدارىسى ئۇرۇنلاشتۇرغان بىر قېتىملىق تەربىيەلىنىشتە دىدارلىشىپ قالدۇق. شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا ناھايىتى چوڭ داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلدى. تۇنجى ئۇچراشقاندا مەن ئۇنى تونىيالمايلا قالدىم. ئۇ مېنى ئاۋال تونۇپ ماڭا تونۇشلۇق بەردى. بىز خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق. تۇرمۇش، نىكاھ، ئائىلە، خىزمەت، جەمئىيەت... توغرىسىدا قىزغىن سۆزلەشتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنى، شارائىتتىكى ئەۋزەللىك، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە قاراپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. \(Y\|zC'0$  
-نېمە تىڭشاۋاتىسەن؟ قارىسام ئۈچ كۈندىن بېرى نائۇشنىكنى قۇلىقىڭدىن ئالمىدىڭ،-دەپ سورىدىم بىر كۈنى ئۇنىڭدىن. Yqi4&~?db  
-خەنزۇتىلى ئۆگىنىۋاتىمەن. قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشمىساق بولمايدۇ-دە؟-دېدى ئۇ قولىدىكى تىز ئۆگىنىش قوللانمىسىنى كۆرسىتىپ. cH?B[S;]  
-تىل-ئەدەبىياتنى قوش تىلدا ئۆتمەيدىغانسەن؟ كەسپىڭنى ئۆزگەرتتىڭمۇ-يا؟ -دەپ چاقچاق قىلدىم. es& vMY  
-كەسپىمنى ئۆزگەرتمىدىم، بىراق يېقىندا ئاڭلىسام، ئەدەبىياتنىمۇ قوش تىلغا ئۆزگەرتكۈدەك... f;gw"onx8F  
-گېپىڭنى تازا چۈشەنمىدىمغۇ، سېنىڭ دېگىنىڭ بويىچە بولغاندا ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئەمەلدىن قالامدۇ؟ h+&OQ%e=8  
-ئانا تىل بىلەن ئەدەبىيات ئايرىۋېتىلىدىكەن، ئەدەبىيات خەنزۇتىلىدا تۈزىلىدىكەن. v`zJb00DT  
-بىز نېمىش قىلىمىز؟ بىزنى مەكتەپتىن ھەيدىۋەتمەس؟ hB>oJC  
-ئاز بىرقىسمىمىز ئانا تىل دەرسى ئۆتىمىز. قالغانلىرىمىز مانا مەندەك قوش تىلدا ئەدەبىيات ئۆتۈش ئۈچۈن تىرىشىمىز. A}N?/{y)G  
شۇ قېتىملىق تەربىيەلىنىشتە ئۆزۈم ھەققىدە، كەسپىم ھەققىدە كۆپ ئويلاندىم.   قورقۇنۇچلۇق بىر مەخلۇق ماڭا قاراپ يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدىم. ئاخىرى «سۇ كەلگىچە توغام سال» دەپ مەنمۇ خەنزۇتىلى ئۆگىنىش قارارىغا كەلدىم. دېگەندەك شۇ يىلى يېزىمىزدا قوش تىلدا ئوقۇتۇش يولغا قويۇلۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى ئوقۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. مەكتىپىمىزدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش، خەنزۇتىلى ئۆگىنىش بەكرەك تەكىتلەندى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ بەكرەك تىپىرلاپ قالدىم. «ھە» دەپ خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتتۇم. 15يىل قۇدۇققا چۈشكەن پاقىدەك سەھرادىن چىقماي ئىشلىگەچكە، ھەم خەنزۇتىلىنى ئەمەلىي قوللانمىغاچقا خەنزۇتىلى سەۋىيەسىم خېلىلا تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى. شۇڭا ئۇنى قايتىدىن ئۆگىنىش بەكمۇ تەس كەلدى. شەھەردە ئىككى يىل «خەنزۇ تىل» كۇرسىدا ئوقۇدۇم. ئۈچ يىلدىن كېيىن ھېلىقى ساۋاقدېشىم بىلەن مائارىپ ئىدارىسى ئالدىدا ئۇچرۇشۇپ قالدىم. P} SCF  
-نېمىش قىلىۋاتىسەن؟-دېدى ئۇ ماڭا. $gy*D7  
-سېنى دوراپ خەنزۇتىلى ئۆگىنىۋاتىمەن،-دېدىم مەن پەخىرلىنىش ئىلكىدە. =&2 Lb  
-21-ئەسىردىكى ساۋاتسىزلار ئۆلچىمىنى بىلەمسەن؟ -دېدى ئۇ مەغرۇر ھالدا. khrb-IY@  
-بىلمەيدىكەنمەن... قانداق ئۆلچەمكەن؟ /! $c/QZ  
-بىرىنجى دۆلەت تىلىنى بىمالال بىلمەيدىغانلار. ئىككىنجى كومپىيوتېر مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالمايدىغانلار، ئۈچىنجى ھەر خىل ئۇچۇر، بەلگىلەرنى، شەرتلىك رەسىملەرنى چۈشەنمەيدىغانلار. f[a}aZ9)  
-ئەمىسە بىز ساۋاتلىقمۇ؟ L=8 
-بىز تېخى ساۋاتلىق ھېسابلانمايمىز. شۇڭا مەن كومپىيوتېر كۇرىسىغا تىزىملاتقىلى كەلدىم. قانداق، سەنمۇ قاتنىشامسەن؟-دېدى ئۇ مېنى دەيدەيگە سېلىپ. 0#&5.Gr)  
-مەن ئازراق تىنىۋالاي، تېخى بۈگۈنلا خەنزۇتىلى كۇرىسىنى تاماملىدىم،-دېدىم ئارىسالدا بولۇپ. t&CJ% XP  
-كونىلار: «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما» دەپتىكەن، ئوبدانراق ئويلىنىپ بىر ئىش قىلارسەن،-دېدى ئۇ خوشلىشىۋېتىپ. #Xb+`'  
مەن يەنە ئويلىنىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېگەنلىرى توغرا ئىدى. خەنزۇتىلى ئۆگىنىشتە قانچىلىك قىينالغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان. تېخىچە ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايۋاتىمەن. ئۈچ يىل تىرىشىپ كۆرگەن ماتىرىيالنى ئۆز تىلىمىزغا ئۆرىگىدەك بولالمىدىم. ھازىرغىچە كومپىيوتېرنىڭ كونۇپكىسىنى تۇتۇپ باققىنىم يوق. بۇ ساھەدە مەن يەنىلا ساۋاتسىز. ئاخىرى «بوپتىلا، ئۆگەنسەم ئۆگىنەي، ياش ۋاقتىمدا كۆپرەك بىرنەرسە ئۆگەنگىمىمنىڭ زىيىنى يوققۇ؟» دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن خەنزۇتىلىنى تاشلاپ كومپىيوتېر ھەۋەسكارىغا ئايلاندىم. ئاۋۋال كورۇستا ئوقۇپ دەسلەپكى ئاساسنى ئېگەنلەپتىمەن. كېيىن كومپىيوتېردىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدىن قوپمايدىغان بولدۇم. كومپىيوتېر ئۆگىتىش يۇمشاق دېتاللىرنى سېتىۋېلىپ بىر باشتىن ئۆگەندىم. دەرسلىك دېتالى تۈزىشتىن، رەسىم تەھرىرلەش، ئېلان لاھىيەلەش، فىلىم ئىشلەشكىچە ھەممىنى قىلىپ باقتىم. كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا تولا ئولتۇرۇپ كۆزۈممۇ ئاجىزلاپ كەتتى. ئامالسىز ئۆزۈمگە ياراشمىسىمۇ كۆزئەينەك تاقىدىم. كۆزئەينەكنى تاقىۋېلىپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتىم. ئويۇن ئوينايتىم، مەن ئويناپ باقمىغان ئويۇنمۇ قالمىدى. توپ تېپەتتىم. ماشىنا ھەيدەيتىم. كوت-كوتتا پاراڭلىشاتتىم. تورغا، كومپىيوتېرغا زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغاندەك خۇمار بولۇپ قالدىم. يېقىندىن بېرى تور ئارىلاپ مۇنبەرلەرگە كىرىدىغان، ئانچە-مۇنچە ئەدەبىيات سالۇنلىرنى ئارىلايدىغان، ئاندا-ساندا ئىنكاس يېزىپ قويىدىغان بولدۇم. خوشۇم تۇتۇپ قالسا تورداشلار بىلەن مۇشائىرىگە چۈشۈپمۇ قالىمەن. بىراق، يازغان مۇشائىرەمدىن پىستان چېقىپلا تۇردى. كەسپىمگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەرگىمۇ قاتناشتىم، لىكىن بىرەر ئېغىز ئىنكاس قايتۇرالمىدىم. مەن كەسپىمنى ئۇنتۇشقا باشلىغانىدىم. كېيىنچە تور ئەدەبىياتى مېنى جەلىپ قىلدى. توردىمۇ شۇنچە ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ بارلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. ياخشى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىمدا ئۆزۈمنىڭمۇ بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ئۆز ۋاقتىدىكى ھەۋەسكار ئىكەنلىكىم ئېسىمگە كېلىدىغان بولدى. ئەمدىلىكتە بىرەر كوپلىت شېئىر يازالمايۋاتقانلىقىمدىن ئەپسۇسلاندىم. ئۆز كەسپىمنى تاشلاپ قويغىنىمغا، 40ياشقا يېقىنلاشقان بىر ئادەم تۇرۇپ تېخىچە  ئېنىق بىر ئېتىقاد ۋە مۇقىم بىر مەيدان، قارىشىمنىڭ يوقلىقىغا قاتتىق ئېچىندىم. MIoEauf  
ئۆز كەسپىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىش بولىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھېلىقى ساۋاقدېشىم بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ قالدىم. qI 
-ئەمدى نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟-دەپ سورىدىممەن بۇ قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن. &L Vn6zAba  
-قانۇننى تەتقىق قىلىۋاتىمەن. ئادۋۇكاتلىق كېنىشكىسى ئالدىم. بىرقانچە قېتىم ئاقلىغۇچى بولۇپ، سوتقا چىقتىم،-دېدى ئۇ كۆزىنى قىسىپ قويۇپ،-سەنچۇ؟ سەن نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟-دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. `gb5 "`EZ  
-مەنما، پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. lM{ +!-G,  
-نېمىگە پۇشايمان قىلىسەن؟- ھەيران بولۇپ سورىدى ساۋاقدېشىم. "xHgqgFyO  
-ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ گېپىڭ بىلەن خەنزۇتىلى ئۆگەندىم، بىراق ھازىرغىچە ھېچكىم ئەدەبىياتنى قوش تىلغا ئۆزگەرتمىدى. ئەكسىچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئانا تىل دەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. كومپىيوتېر ئۆگەندىم، ئەپسۇس، تېخىچە باشقىلار تۈزگەن پروگىراممىلارنى ئۆگىنىپ بولالمايۋاتىمەن، ھەم ھەممىنى ئۆگىنىشىمنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوقكەن. بۇنى كېيىنچە ھىس قىلدىم. ئويلاپ باقسام ھېلى ئۇنى ئۆگىنىمەن، ھېلى بۇنى ئۆگىنىمەن دەپ بەش يىل ۋاقتىمنى زايە قىپتىمەن. كەسپىمنى تاشلاپ قويۇپتىمەن. ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ، باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپتىمەن. ئېسىت ۋاقىت... ئېسىت كەسپىم... مانا مەن يېگەن پۇشايمان،-شۇنداق دېگىنىمچە كېتىپ قالدىم. ?1$fJ3  
ساۋاقدېشىم نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرغان ئورنىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. d'$T4yA  
C #6dC0  
مەنبە: ئالتۇن بۆشۈك
c8>hc V  
تەھرىردىن :ئەسەر مىسرانىم مۇنبىرىگىلا خاس ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز يۆتكەپ ئىشلىتىشكە قەتئى بولمايدۇ !! $8[r9L!  
[ بۇ يازما altunboxuk تەرپىدىن 2011-07-25 11:55 PM د ]

تېما تەستىقلىغۇچى : jahanger
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-26, 00:22
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
parhatjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3538

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   69 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5803 (سوم)
 ياخشى باھا:   273 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   364  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3500
 سائەت
دەرىجىسى:
3500 سائەت 270 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

ھەقىقەتەت بەك مەنىلىك،كېرەكلىك ئەمەلى،ياخشى ئەسەر يېزىپسىز قېرىندىشىم. WJ9 cZL  
بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك، بولۇپمۇ بۈگۈنكى دەۋىردە بىلىم پارتىلاپ كەتتى،ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ،ئۇلارنىڭ ھەممىنى ئۆگىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ،كېرەكلىك بىلىم ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
 
@SAHRAKIZI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39297

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   109 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   483 (سوم)
 ياخشى باھا:   73 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 649
 سائەت
دەرىجىسى:
649 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-01
ئاخــىرقىسى:2011-08-30
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

رەخمەت قېرىن دىشىم  ....بىر ئەقىل گە ئىگەبولدۇم
 
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4326 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55393 (سوم)
 ياخشى باھا:   2683 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1681
 سائەت
دەرىجىسى:
1681 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

   تېمىىڭز  تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن يۇغۇرۇلۇپتۇ، مەزمۇنى ئادەمنى ئويغا سېلىپ قويغۇدەك.... pBC 
  ‹‹ئۆزۈڭ بىلگەن يولنى ئاتاڭغا بەرمە››دېگەن  مەزمۇن ياخشى ئەكس ئېتىپتۇ....
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
erol
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30923

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1791 (سوم)
 ياخشى باھا:   224 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2701
 سائەت
دەرىجىسى:
2701 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-06

تورداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى يازغۇچى بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ ھەممەيلەننىڭ يازغان ئەسەرلىرى نېمانچە بىر -بىرىدىن ئېسىل. ئوقۇسا-ئوقۇسا يەنە ئوقۇغۇسىنى كەلتۈرۈپ ئادەمنىڭ.
 
خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ،ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىگىدىن ئاغرىنىدۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى