قىزچاققا خىتاب 3oj' ytxN
ئابدۇۋەلى شەربەتى
8L=HW G!1 @(w@e\Bq سۆيۈملىك قىزچاق،سەن ئالدى بىلەن سۆيگىدىن باشقا سىنى بۇ كەڭ زېمىندا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان نەرسىگە ئېرىشىڭ كېرەك! ھازىر ئويلانساڭمۇ كېچىكمەيسەن، مەن ئەزەلدىن ئوقۇش تارىخىنى مۇھىم ھېساپلاپ باقمىدىم، تالانتمۇ ھەم شۇنداق،لىكىن بۇلار نەزەردىن ساقىت ئەمەس ئەلۋەتتە،ئالدى بىلەن سەن خام خىياللار قوينىدىن ئۈزۈپ چىقىشىڭ كېرەك، ئاستا-ئاستا ئەمەلىي تۇرمۇشقا سېڭىپ كىرىشىڭ كېرەك،خام خىيالنىڭ ئاخېرى چىقمايدۇ،بىلشىڭ كېرەككى ھەر قانداق مەزمۇن سىنىڭ يۈزەكى ئوقۇپ قۇيشىنىڭلا ئەمەس ،بەلكى مەنىسىنى ،ئىددىسىنى، ساڭا بولغان روھىي ۋە مەنىۋېي ئەقل جەھەتتىن چۈشنىشىڭنى مۇھىم دەپ بىلىدۇ .سەن بىلەن بىر يولدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە چۆكۈپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مەپتۇن بۇلۇپ ئۆزۈڭنى يوقتۇپ قۇيشىڭنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
@,
j*wnR قىزچاق ،مەن سىنىڭ ئىللىق،گۈزەل،ئىشەنچىلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر قەيسەر بۇلالايدىغانلىقىڭغا ئىشنىمەن،مەن سىنىڭ چۈشكۈنلىشىڭنى ،ئۆز-ئوزىڭنى نابۇت قىلىپ باشقىلارنىمۇ ئازااپلىشىڭنى خالىمايمەن.
G6Axs1a قىزچاق، ئالدى بىلەن ھېسياتىڭنى كونتۇرۇل قىلىشنى بىل!ئەمىلىي تۇرمۇش ئۇ بىر باشقا بىر دۇنيا،ھەرگىز مۇ ئالدىراپ ئۆزىنى باشقىچە قالتىس چاغلايدىغانلاغا كەڭچىلىك قىلمىغىن .باشقىچە قالتىس بۇلۋالدىغانلا ئەمىلىيەتتە قىلدىغانغا ئىش تاپالماي قالغانلارنىڭ ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىشىدىكى باھانىسى خالاس.ھەقىيقى قالتىسلىق قەلىبتە،ئۇنى سەن چىن قەلبىڭدىن ئىزدە،بۇنى ۋاقىت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.بىلشىڭ كېرەككى بۇ پەقەت جەميەتنى قاراڭغۇ مەينەت، سېسىق قاتلاملىرىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن دىيىلگەن گەپلىرىمدۇ.
5:[0z5Hww ZL&qp04} قىزچاق، سۆيگىنى قەدىرلە،تۇرمۇشنى سۆيگىن، ياشلىق بىر قىسقىنە ۋاقىت. ئاھ-!ياشلىقىم دەپمۇ ئۆكۈنمە،ئانچە مۇنچە توختاپ ئارام ئالغىنىڭمۇ ياخشى،لىكىن زوڭزىيىپ ئوتتۇرۋالمىغىن.قەدىم ئېلىپ مېڭىپ بولغان يولدىن قايتما،ئالدىڭغا قارا. ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ئۆزىڭدىن ‹‹مەن نىمە قىلۋاتىمەن ؟››دىگەن سۇئالنى سوراشنى ئۇنۇتما،ئازاپلانغان، قايغۇرغان ۋاقىتلىرىڭدا ئاۋازىڭنى قۇيۇپ بېرىپ قاتتىق يىغلىۋالغىن،لىكىن يىغاڭنى باشقىلار كۆرمىسۇن،دوست دۈشمەن كۆرۈپ قالسا سۆز-چۆچەك قىلىشتىن يانمايدۇ. ئېسىڭدە بولسۇن ھەرگىز كۆزۈڭنى ئۇۋلاپ تاشلىما.ئەتىسى قىزىرىپ ئىشىپ قالمىسۇن.ئۆزىڭگە ئۇلۇغ بىر نىشان بەلگىلە،ئېسىڭدە بولسۇنكى ھەر قېتىم ئۈمۈد بىلەن كۆككە قارىغان چېغىڭدا ،دەسسەپ تۇرغان كەڭ زېمىننى ئۇنۇتما.
h%na>G
T3.&R#1M8- قىزچاق، ھەرگىزمۇ بىر ئەرگە سىنىڭ كۆڭلۈڭنى ئىككى قېتىم ئاغرىتىشقا پۇرسەت بەرمىگىن،ئۆزىڭنىڭ ساپلىقى ۋە پاكلىقىغا كاپالەت قىلغىن. ھەرگىزمۇ ئەرلەرنىڭ ھاقارىتى ۋە دەپسەندىسىگە يول قويما.بۇنداق دىگىنىم ،سېنى ئەررلەرنىڭ بېشىغا دەسسە دىگىنىم ئەمەس،ھەممە ئىشنىڭ ئۆز يۇلى بىللەن بولغىنى ياخشى.
IxN9&xa hg]]Ok~cAs قىزچاق، سۆزۈمگە ئىشەن. ئالدىراپ دوستلىرىڭغا ئىشنىپ كەتمە،كونىلاردا ‹‹قىزچاقنىڭ دوستى يوق››دەپ ئېيتقانلىرى بىكار گەپ ئەمەس ،مەن دەيمەنكى ‹‹بۇ دۇنيانىڭ دوستلىقىنى بازارنىڭ تامىقىغا ئوخشاش ئاچچىق ھېس قىلسەن،كۆرنىشى گۈزەل ئەمما تەمى بەتتامدۇر››.شۇڭا دوست تاللىغاندا بەكمۇ دىققەت قىلىپ تاللىغىن (جىنىم ئاداش )دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا سىنىڭ دوستىڭ بۇلىۋەرمەيدۇ،چىن دوست تاپقاندا ئۇنىڭ قەدرىگە يەت،دوستۇڭدىن ئازار يىگەندە دوستلۇقىڭدىن گۇمان قىلما،لىكىن ساڭا ئاسىيلىق قىلماقچى بولغانلاردىن ھەزەر ئەيلە. تۇتقان دوستلىقىڭ مەڭگۈلۈك بولسۇن.
23eX;gL HXC ;Np قىزچاق، مۇھەببەتكە ئىشەنگىن،ياخشى يىگىتلەرنىڭ مەۋجۇدلىقىغا،توي قىلمىغان ئەرلەرنىڭ كىشلەر ئارسىدا تېخى سىنى ئىزدەۋاتقانلىقىغا، ھەرگىز ‹‹يىگىتلەرنىڭ بىرسىمۇ ياخشى ئەمەس››دىگەن گەپنى قىلغۇچى بولما، بۇنداق گەپلەر سىنى باشقىلارغا« قانچىلىك ئەسكى ئەر بىلەن ئارىلاشقاندۇ» دېگەن ئۇقۇمغا ئىگە قىلىدۇ. بىلگىنكى سۆيگۈ مەنىۋىي بايلىق، بۇ مەزمۇندا يازغۇچىلىرىمىز كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ مەن ساڭا ئازراق چۈشەندۈرەي.سۆيگۈمەنىۋىي بايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ماددى نەرسىلەر ئالدىدا ئۆز قىممىتىنى نامەيەن قىلالايدۇ.
Pl06:g2I 0cH`;!MZ قىزچاق! ئېسىل سائەت، ئېسىل ماركىلىق چىرايلىق كىيىملەر ساڭا گۈزەللىك ئاتا قىلالمايدۇ. گۈزەللىكنى پەقەت سەن ئۆزۈڭ يارىتالايسەن .ئەمگەكچى خەلقىڭنى سۆيگىن، دېھقان ئاتاڭنى ئۇنۇتما، ئەمگەكتىن نۇمۇس قىلما، بىر پۇڭنىمۇ ئاز كۆرمە، ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ بېرىپ تېپىپ باققىن. ئۇنتۇپ قالمىغىن ئادەم بۇلۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس. خوشال خورام،ئۇچۇق يورۇق، مۇلايىم، قەيسەر، ئىرادىلىك، كۈيۈمچان،ئوڭلۇق بولغىن.
@Ns Qd_e mfn,Gjt3O قىزچاق ،مەن سىنىڭ بەكمۇ ئېغىر بېسىق بۇلۇپ كېتىشىڭدىنمۇ ئەنسېرەيمەن، بەزى ۋاقىتلاردا دادىل بول،بوزەك بولغان ۋاقىتلاردا ئۇنى ئوڭشىغىن،لىكىن ئاداۋەت ساقلىما.چاكىنا ئادەملەر بىلەن تەڭ بولما،ئۇلارنى مەيلىگە قۇيۋەتكىن، بۇ سېنى تېخىدىنمۇ ئالىيجاناپ قىلىپ كۆرسىتىدۇ...
'?' l;#^i< (UD@q>c قىزچاق، ساڭا ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: سىنى مۇشۇ دۇنياغا ياراتقان، قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۈگەتكەن، رىزقىڭنى ئاتا قىلىپ تۇرۋاتقان ﷲ قا چەكسىز شۈكرىلەرنى ئېيتىشنى ئۇنۇتما، ھەمدە بەش ۋاق ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغىن، ئۇ سىنىڭ ئاخىرەتلىكىن ئۈچۈن ياخشى، ئاتا-ئاناڭنى رازى قىلىپ تۇرغىن ۋە ئۇلارنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمىغىن. ساڭا بەخىت ئامەت يار بولسۇن.!
oG?Xk%7&\ q-2Bt,Y مەنبە :ئىجادىيتىم.
V#$RR!X' `:KY\ باشقۇرغۇچىدىن: تېمىدا ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ ئىكەن. تېمىنى يوللاشقا بىرسى ئالدىراتمىغاندىكىن، قايتا كۆرۈپ چىقىپ، خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ ئاندىن يوللىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.[ بۇ يازما oychan تەرپىدىن 2011-07-25 04:26 PM دە قا ]