مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1726 
  •    ئىنكاس 
       6 

مالىيە باشقۇرۇشتا مودا بولىۋاتقان يېڭى قاراشلار

قەۋەت ئاتلاش
tograk119
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6601

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   82 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6400 (سوم)
 ياخشى باھا:   582 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   900  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1414
 سائەت
دەرىجىسى:
1414 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-08

بۈگۈنكى دەۋىر ئىقتىسادى دەۋىر، ئىقتىسادى دەۋىردە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز ئەلۋەتتە كاللىمىزدا مالىيە باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىك بىلىم بولۇش تولىمۇ زۆرۈر. ھەممىمىزگە ئايان ئىلمىي مالىيە باشقۇرۇش، پىلانلىق بولۇش ئەقەللىي مالىيە باشقۇرۇش تەلىپى. دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىىشىگە ئەگىشىپ، مالىيە باشقۇرۇشقا دائىر بىلىملەرمۇ ئۆزلۈكسىز يىڭىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. مالىيە باشقۇرۇش ھەققىدىكى يىڭى قاراشلاردىن خەۋەردار بولۇپ، مالىيە باشقۇرۇش بىلىمىڭىزنى يۇقۇرى كۆتۈرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى قاراشلارغا دېققەت قىلىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. }gfs  
•بىرىنچى خىل قاراش: پۇل تېپىشتا ئاۋال بىلىم ئىگىلەش كېرەك. مەلۇم بىر ئەر خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مائاشىنىڭ ھەممىسىنى كىتاب سېتىۋېلىش ۋە ھەر خىل تەربىيىلىنىشكە قاتنىشىشقا ئىشلىتىپتۇ. كېيىن ئۇ MBA گۇۋاھنامىسى ئاپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ، مەلۇم بىر چەتئەل مەبلىغىدىكى شىركەتتە دېرىكتور بولۇپ ئىشلەپتۇ، ئىش ھەققىمۇ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرىلاپتۇ. دېمەك، بۇ “بىلىم- بايلىق دېمەكتۇر” دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي دەلىلى بولالايدۇ. ياش ۋاقتىدا پۇلنى داڭلىق ماركىلىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكىنىڭىزدىن، بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن سەرپ قىلغىنىڭىز ئەڭ دانا تاللاش ھېسابلىنىدۇ. /F3bZ3F  
•ئىككىنچى خىل قاراش: پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەشمۇ پۇل تاپقانغا باراۋەر. ناۋادا پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بولسا، ياخشىراق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ھەق تۆلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمغاندا، ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل چىقىم قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەقىللىق ئاتا- ئانىلار پەرزەنتىلىرىنىڭ تەربىيىلىنىش ھەققىنى بەكرەك ئويلايدۇ. ئۇلار پەرزەنتلىرىگە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىش، ھەر خىل كۇرۇسلارغا قاتناشتۇرۇش، پەرزەنتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا كۆپلەپ مەبلەغ سالىدۇ. پەرزەنتىمىزنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشى، كۆز ئالدىمىزدىكىنى ئېلىپ ئېيتساق، مەكتەپ تاللاپ ئوقۇش ھەققىنى تېجەپ قېلىشقا، كەلگۈسىنى ئېلىپ ئېيتساق پەرزەنتىمىزنىڭ كەلگۈىسى ئۈچۈن پايدىلىق. :k aHvf  
•ئۈچىنچى خىل قاراش: ئەر- ئايال ئائىلە چىقىمىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش. ئائىلە چىقىمىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش- يېڭى بىر خىل ئائىلە ئىقتىساد ئەندىزىسى بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ. بىرى، ئەر- ئايال ھەر ئىككىسى ئايدا قىسمەن پۇل چىقىرىپ، خوجۇلۇق ھەققى، سۇ، توك پۇلى، ئۆي ئىجارىسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئائىلىنىڭ ئورتاق چىقىمى ئۈچۈن ئىشلىتىش، قالغان ئېشىنغان پۇللىرىنى ئۆزىلىرى باشقۇرۇش. يەنە بىر خىلى بولسا مېھمان چاقىرىش، مال سېتىۋېلىش، قەرز تۆلەش قاتارلىق چىقىملارنى ھەر قايسىسى ئۆزلىرى چىقىرىش. پەقەت ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالغان قەرز، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق چىقىملارنى ئىككىسى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىشتىن ئىبارەت. بۇنداق مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا شەخسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى جارى قىلدۇرۇلغان بولۇپ، ئائىلىنىڭ مەبلەغ خېيىم-خەتىرىنى تارقاقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەر- ئايال ئوتتۇرىسدىكى مال- مۈلۈكنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش زىددىيىتىنى پەسەيتىشكە، شۇنداقلا ئائىلە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىقتۇر. 2&k5X-Y  
•تۆتىنچى خىل قاراش: سالامەتلىكىگە تايىنىپ پۇل تېجەش. گەرچە كىشىلەرنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، كېسەل كۆرسىتىش، بالىنىستا يېتىش خىراجىتىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى بىزگە زور بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە. بىزدە “تەن ساقلىق- زور بايلىق” دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار. پەقەت تېنىمىز ساغلام بولسىلا، تەبىئىي ھالدا پۇل تېجەپ قالالايمىز. ناۋادا ئۆزىنى ئاسراش، پۇل تېجەشنى بىلمىگەندە، شۈبھىسىزكى چوڭ خاتالىق كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن قىسمەن پۇللارنى سىرتقا ساياھەتكە چىقىش، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىش، مۇۋاپىق غىزالىنىش قاتارلىقلارغا چىقىم قىلىش لازىم. كېسەل بولۇش، بالىنىستا يېتىشنى ئازايتىشمۇ ئەمەلىيەتتە ئىلىمىي بولغان مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھېسابلىندۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ساغلاملىق ئۈچۈن كۆپرەك مەبلەغ سېلىش تولىمۇ مۇھىم. ساغلاملىق ئەڭ چوڭ تېجەش ھېسابلىنىدۇ. f"wm]Q59  
•بەشىنچى خىل قاراش: بىخەتەرلىكمۇ پۇل تاپقانغا باراۋەر. كىشىلىك تۇرمۇشتا بىخەتەرلىك بىر بەخت بولۇپلا قالماي يەنە پۇل تاپقانغا باراۋەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مالىيە باشقۇرۇشتا بىخەتەرلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش لازىم. بىزدە “بالا- قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، پۇت- قولىنى ساڭگىلىتىپ” دىگەن گەپ بار. سىرتقا چىققاندا، چوڭدىن- كىچىككىچە بىخەتەرلىككە دېققەت قىلىش، توك ۋە ئوت ئىشلەتكەندە، ماشىنا ھەيدىگەندە ۋە يول ماڭغاندا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، ۋېلىسىپىت، مۇنچا، گاز ئۇچاق ۋە ئۇنى مەنبەگە ئۇلايدىغان سۇلىياۋ تۇرىبا، توك سىمى قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىۋاستە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ماتىرىيال- سايمانلاردا ناۋادا ئۇپراش، كونىراش، ئىشلىتىش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، پۇل تېجەيمەن دەپ بىخەتەرلىككە سەل قارىماسلىق لازىم. RjOQSy3  
•ئالتىنچى خىل قاراش: پۇل تېپىشنىڭلا كويىدا يۈرمەسلىك شۇنداقلا بىھۇدە پۇل ئىسراپمۇ قىلماسلىق. ھازىر جەمئىيەتتە ئالدامچىلار ئىنتايىن كۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئالدامچىلارغا ھەر ۋاقىت يولۇقۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلار ھەر خىل ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئالدامچىلارغا ئۇچراپ قېلىشى كۆپ ھاللاردا ئەرزان بولۇشنى قوغلىشىش پىسخىكىسىدىن كېلىپ چقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، “ئۈزمە پىش ئاغزىمغا چۈش” دەپ ئولتۇرسا ھېچ نەرسىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، دۇنيادا ھەقسىز تاماقمۇ بولمايدۇ، بۇ ھەممە ئادەم بېلىدىغان ساۋات. بىز ئەرزان بولۇش پىسخىكىسىدە بولمىساق، تاشقى دۇنيانىڭ ئېزىقتۇرۇشىدىن ھەر ۋاقىت ئاگاھ بولساقلا، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنالايمىز. پۇلنى قالايمىقان خەجلىمەسلىكمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. C8J3^ ?7E  
•يەتتىنچى خىل قاراش: “تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالماسلىق”. شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا، بالدۇرراق ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆمۈر سۇغۇرتىسى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىلىرىغا قاتناشتۇرۇش لازىم.گەرچە بۇ خىلدىكى مەبلەغدە نەپ ئېلىپ كېلىش تەلەپ قىلىنمىسىمۇ ئەمما، بۇ پۇلنى كەلسە- كەلمەس خەجلىگەندىن مىڭ ياخشى. “كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىگە سۇنىدۇ” دېگەندەك، ناۋادا تاسادىبى بالا- قازاغا يولۇقۇپ قالغاندا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان بىلەن قاتناشمىغاننىڭ پەرقى ناھايىتى زور بولىدۇ. z;74(5?q  
•سەككىزىنچى خىل قاراش: ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇش، پۇل تېپىشنىمۇ خەجلەشنىمۇ بىلىش. ئىلگىرى، قورساق تويسا، كىيىم پۈتۈن بولسىلا بولدى، دەپ قارايتتۇق.ئەمما، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇش، پۇلنى قىسىپ خەجلەشتەك قاراش قاتمال قاراش بولۇپ قالدى. پۇل تېپىشنىمۇ، خەجلەشنىمۇ بىلىش ئەڭ مودا بولىۋاتقان مالىيە باشقۇرۇش يېڭى ئوقۇمىغا ئايلاندى. چوقۇم ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇل تاپقاندا ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئاكتىپ ئىستېمال ئۈچۈن ئىشلىتىش، شۇ ئارقىلىق پۇل تېپىش ۋە ئىستېمال ئېلىپ كەلگەن خوشاللىقتىن بەھرىلىنشنى بىلىش لازىم. جاپا تارتىپ پۇل تېپىپ، ئۇنىڭ ئاز- تولا راھىتىنى كۆرمىسەك ئۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن. شۇڭا، پۇل تېپىشنىمۇ بىلىش پۇلنى لايىقىدا خەجلەشنىمۇ بىلىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. 5z$>M3  
,z*-93H1  
مەنبە:ئۇيغۇرپايچېك تورى `2j \(N,  
LMV0:\>  
!.(%"  

تېما تەستىقلىغۇچى : tohtamux
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-25, 12:18
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
herzaman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44311

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   361 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1584 (سوم)
 ياخشى باھا:   348 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   51  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1367
 سائەت
دەرىجىسى:
1367 سائەت 153 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-14
ئاخــىرقىسى:2011-09-05
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-25

بەكلا مۇرەككەپلىشىپكىتىپتۇ ،ئازراق دىققەت قىلمىساق خىلى چوڭ  زىيانلار كىلىپ چىققۇدەك رەخمەت تىمىڭىزغا،،،،،،،،،
 
كۆيمەكتىمەن تىرىك پىتى .
nazila998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37842

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   737 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5849 (سوم)
 ياخشى باھا:   1164 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1021  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2326
 سائەت
دەرىجىسى:
2326 سائەت 194 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-25

ھەممىسى بىلىۋىلىشكا تىگىشلىك نەرسىلەركەن،بىراق 3-خىل قاراش ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئىختىسادنى بىر يەرگە يىغىپ ئائىلە ئىختىسادىنى ياكى ئايال ياكى ئەر  بىرى تۇتسا تىخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دەيمەن، چۈنكى بىزنىڭ ئائىلىدە شۇنداق قىلىمىز. ئۈنىمىمۇ ياخشى بولدىكەن.
 
كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كارۋان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.79

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2481 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17084 (سوم)
 ياخشى باھا:   1627 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1451  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 480
 سائەت
دەرىجىسى:
480 سائەت 60 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-25

مەن پەقەتلا چۈشەنمەيدىكەنمەن دىسە..
 
ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
orkixi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5555

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1415 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11685 (سوم)
 ياخشى باھا:   892 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   923  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8583
 سائەت
دەرىجىسى:
8583 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-25
3قەۋەتتىكى(كارۋان) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

‹‹خانامۇ خانىم ئاخىرى چۈشىنىدۇ ››... توي قىلغاندا ھەممىنى چۈشىنىسىز بۇرادەر ئۇكا ...
 
ھايات - كۆرەش دىمەكتۇر ! ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1893 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14857 (سوم)
 ياخشى باھا:   1132 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   985  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 839
 سائەت
دەرىجىسى:
839 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-25

مەن  خاتالاشماپتىمەن  ،  راستىنى  دېسەم :  قۇرسىقىمغا يېگىلى  ،  ئۇچامغا  كىيگىلى  چىدىمىغان  پۇللىرىمغا  ئىقتىساد ،  ئىگلىك باشقۇرۇش  ئىلمىنى VXXo\LQUU  
ئۆگۈنىۋاتىمەن .  لىكىن  بېلىمدىن  ،  كىتاب  ئۇقۇغاندىن  ھېچنىمە چىقمايدۇ  ، (G $nN*rlu  
مۇھىمى  ئەمەلىيەت...   تېمىڭىزغا  رەھمەت.  بۇ  دېگىنىم  بىلىمنى  چەتكە  قاققىنىمى  ئەمەس  جۇما  !  
 
دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس ، بەيگىگە كەلدىم
gulbaxikar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7639

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1343 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17609 (سوم)
 ياخشى باھا:   594 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4078
 سائەت
دەرىجىسى:
4078 سائەت 262 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-10
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-27

مەن مالىيە كەسپىدە دەسلەپ تىخنىكومدا ئىككى يىل ئۇقۇغان ، كىيىن ئۇ بۇ خىزمەتلەر بىلەن 3-4 يىلدەك ۋاقتىمنى بىكار ئىسراپ قىلىپتىمەن، قارىسام يا خىزمەتتىن رازى بولمىدىم، يا  2-3 مىڭ سۇم پۇل توپلىيالمىدىم، ياكى ئۈگەنگەن كەسپىمگە چۇشلۇق كەسپىي بىلىمگە پىششىق بولالماپتىمەن، ئەكسىچە كەسپىمگە ماس كىلىدىغان خىزمەت قىلماي، تايىنى يۇق خىزمەتلەر تۇقۇمىچىلىق فابرىكىسى، دىگەندەك يەرلەردە ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئۈگەنگەنلىرىمنىمۇ يەپ كىتىپتىمەن. 2003 - يىلىغا كەلگەندە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە پونكىتىغا ياردەمچى خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتكە ئېرىشىپ قالدىم،  شۇ چاغدىكى مائاشىم 400 يۈەن ئىدى، بىراق مەن پۇلنى پەقەت ئاز دىمەي ئۆز كەسپىمگە ماس يەردە ئىشلىگىنىمدىن خوش بولۇپ قاتتىق تىرىشتىم، بۇرۇن ئۈگەنگەنلىرىمنى بۇ يەردە قايتا ئۈگۈنۈشكە، ئىشلىتىشكە پۈرسەت تۇغۇلدى، ئەمەلىيەت دىگەن باشقىچىلا بىلىمكەن، مەن ياتاق تاماق ھەقسىز بولغان بۇ ئورۇندا 400 سۇمدىن ھەر ئايدا 100 سومنى پۇچتا كايىمغا  قۇياتتىم،  بەزى ئايلار قۇيالمىسام  بىر ئامال قىلىپ كىيىن قۇلۇمغا پۇل كىرگەندە تۇلۇقلاپ ماڭاتتىم، بۇ يەردە نۇرغۇن ئەمەلىي بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. ھەم يىللىق مۇكاپات دەپ 2000 سۇم پۇلغا ئىرىشتىم، بۇ پۇلغا ئۆزلىگىدىن ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ مالىيە كەسپىدىن تۇلۇق كۇرس سىنىپىغا تىزىملاتتىم، 2 يىلدىن كىيىن دىپلومنى قۇلۇمغا ئىلىپ قەلبىمنى ئالامچە خۇشاللىق قاپلىدى. [1Pw2MC<  
يىل ئۆتۈپ كاغا قۇيدىغان پۇلنى 200 سۇمغا كۆپەيتتىم ، يەنە تىخى كەلگۈسى بالامغا دەپ دەسلەپ 50 سۇمدىن كىيىن 100 سۇمدىن  ئايرىم پۇل قۇيۇۋاتىمەن،8 يىلدىن بېرى بۇ ئادىتىمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتىمەن،  تاما - تاما كۆل بۇلار دەپتىكەن، ھازىر شەخسى بىر شىركەتتە كاسسىرلىق ، قۇشۇمچە يەنە بىر شىركەتنىڭ بوغالتىرلىق باج ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىۋاتىمەن. يىللىق 4000 سۇملۇق سۇغۇرتىغا قاتناشتىم، يەنە 17 يىل يىلىغا 4000 سومدىن تۆلىسەم 55 ياشقا كىرگەندە يۈز مىڭ سومدىن ئۇشۇق ئىقتىساتقا ئىگە بولۇپ قالىدىكەنمەن، ئاندىن كىيىن ھەرەمگە بارغۇم بار،  ئاللا خالىسا  شۇ كۈنلەرنى كۆرۈشكە نىسىپ قىلار، ئويلاپ باقسام يۇقارقى تىمىدىكى 1- خىل قاراش ھازىرقى ياشلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمكەن. بىراق ئادەم خاتالىقتىن خالى بولالمايدىكەن، مىنىڭ بىر ئەسكى خۇيۇم بار،  بىرەر ئىشقا ئاچچىقلىنىپ قالسام ياكى بىرەرسىدىن كۈڭلۈم رەنجىپ قالسا ئاچچىقىمنى پۇلدىن چىقىرىمەن، قالايمىقان نەرسە سىتىۋالىمەن، بىر دەمنىڭ ئىچىدە 400-500 سۇمنى خەجلىۋىتىمەن، كىيىن  پۇشايمان قىلىمەن....... قالايماقان پۇل خەجلەش بەك يامان ئادەت ئىكەن، قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم ئىكەن. g a|RW0  
    شۇنى ھىس قىلىپ يەتتىمكى پۇلنى ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئىشلىتىش كۈڭۈلنى ئالامچە خوش قىلىدىكەن، ئۆز ئۆزىڭىزدىن پەخىرلەندۈرىدىكەن، ھازىر ئۆزەمنىڭ مالىيەگە بولغان چۈشەنچەمنىڭ خېلى ئۈسۈپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم، بىر ئىشقا نىيەت قىلىپ تىرىشسىلا نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. تىمىڭىزغا رەھمەت!
 
مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى