مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2581 
  •    ئىنكاس 
       6 

جىبراننىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى

قەۋەت ئاتلاش
tograk119
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6601

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   82 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6400 (سوم)
 ياخشى باھا:   582 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   900  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1414
 سائەت
دەرىجىسى:
1414 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-17
ئاخــىرقىسى:2011-10-28

ئەمگەكنى قىزغىن سۆي، ئەمگەك تەڭرى ئاتا قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ بەخت l,Fn_zO  
Q\>mg*79  
جىبران خېلىل جىبران %y7ZcH'  
=~5N/!  
سۆيۈملۈك ئوغلۇم: tEt46]{  
ئەمگەك بىر خىل يۈكسەك تۇرمۇش شەكلى. ئەمگەك بولغاچقىلا خۇشال ياشىغىلى بولىدۇ، ئەمگەك ئىنسانلارنى ۋە ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنى ياراتتى. 5~ZzQG  
ئىنسانلار ئابا-ئەجدادلىرىنىڭ پايدىلىق ئەمگەك مېۋىلىرىنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، ھېلىھەم ياۋايى ھالەتتە ياشاۋەرگەن بولاتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق قىلدى، تۈرلۈك قۇرال سايمانلارنى ئىجاد قىلدى، تۈرلۈك توقۇلما بۇيۇملارنى ياراتتى. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ ئەمگەكلەردىن ناھايىتى زور مېۋىلەرگە ئېرىشتى؛ ئۇلار سەنئەت بىلەن پەننى بايقىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئەمگىكىدىن داۋاملىق پايدىلاندۇق. شۇڭا بىزنىڭ تۇغما ھوقۇقىمىز ئابا-ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىدىكى ئاشۇ ئەڭ مەنپەئەتلىك نەرسىلەردە بولدى. بىز بۇنداق ئەمگەككە قاتناشمىساق بۇنداق ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمايمىز، مەيلى جىسمانىي ئەمگەك ياكى ئەقلىي ئەمگەك بولسۇن، جىمى كىشىلەر ئەمگەك قىلىشى كېرەك. خىزمەت بولمىسا تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. يەنى تۇرمۇش بىر خىل قاتمال ئەخلاق ھالىتىگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ. يەنى تېخىمۇ ئالىي دەرىجىلىك خىزمەتلەر بار. دەۋا پائالىيىتى، ھەقىقەتنى ۋە مەدەنىيلىكنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى، بىمارلارنىڭ ئازابىنى تۈگىتىش، نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، ئاجىزلارغا ھەمدەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىنى تۇرغۇزۇش پائالىيىتى قاتارلىقلار. ?#Y:2LqPC  
بىر يۈكسەك، قىممەتلىك قەلب ھورۇنلاردەك باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە يۆلىنىۋېلىش بەدىلىگە ياشىمايدۇ، پارازىت قۇرتقا ئوخشاش ئومۇمنىڭ ئاشلىق ئامبىرىدىكى ئاشلىقنى ئوغرىلاپ يېمەيدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇ ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، باشقىلارغا كۆيۈنۈشى، جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن كۈچ-قۇدرىتىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك. چۈنكى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن تارتىپ، دېھقاننىڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىگە قەدەر پۈتۈنلەي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر خىل ئەمگەك گۈزەل نەتىجىگە، شەرەپكە، رازىمەنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەقلىي ئەمگەك ۋە جىسمانى ئەمگەك قىلىشقا ياكى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانى ئەمگەكنى بىرلا ۋاقتىدا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. {rK]Q! yj  
ئەمگەك بىر خىل زۆرۈرىيەت بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر خىل خۇشاللىق، ئۇ تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان بەخت. مەلۇم جەھەتتە بىزنىڭ ھاياتىمىز تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بولغان بىر مەيدان توقۇنۇش بولسىمۇ، باشقا بىر نۇقتىدىن يەنە تەبىئەت بىلەن بولغان بىر مەيدان ھەمكارلىشىش ھېسابلىنىدۇ. تەبىئەت ھەمىشە ۋۇجۇدىمىزدىن ھاياتلىق قۇدرىتىنى شۈمۈرىدۇ، بىزمۇ تەبىئەتتىن ئوزۇق ۋە ئىللىقلىق ئالىمىز.  e<(6x[_  
تەبىئەت بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ بىزنى تېرىلغۇ يەر بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز تېرىقچىلىق قىلىپ، زېمىنغا ئۇرۇق چېچىپ مېۋە ئالىمىز، ئۇ مېۋىلەرنى ئۈزۈپ ئوزۇقلۇق قىلىمىز. ئىنسانلار ئەمگىكىنىڭ ياردىمىدە تەبىئەت بىزنى رەخت توقۇشتا ئىشلىتىدىغان قوي يۇڭى، قورسقىمىزنى باقىدىغان يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنتۇشقا بولمايدىغىنى شۇكى، مەيلى بىز نامرات ياكى باي بولايلى، بىزنىڭ يەيدىغان تائاملىرىمىز، كىيىدىغان كىيىملىرىمىز، تۇرىدىغان جايىمىز ئەمگەكتىن كېلىدۇ. ئۇرۇقتىن مېۋىگە، دەرەختىن ياپراقلارغىچە، ھايۋان تېرىلىرىدىن تاۋار-دۇردۇنلارغىچە، ئوردىدىن قەسىرگىچە پۈتۈنلەي ئەمگەك ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. [!MS1v c;  
خالايىق ئورتاق ياشاش ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدۇ. دېھقانلار تېرىقچىلىق قىلىپ ئىنسانلارنى ھاياتلىق ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئىشچىلار دەستىگاھ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىشىلەرنى كىيىملىك رەخت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ تامچى ئۇستاملار بىزنىڭ ئولتۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئۆي-ئىمارەتلەر سالىدۇ. دەل كەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ جاپالىق خىزمىتى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بۈگۈنكى ياشاش شارائىتىنى ياراتتى. "n)AlAV@  
ئەمگەك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىك تۇرمۇشىدۇر. مۇبادا ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمگەكنى رەت قىلسا ياكى ئەمگەككە قارشى تۇرسا، ئۇ ھالدا ئۇلا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىش تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ. پاۋلو: «ئەمگەك قىلمىغان ئادەمگە ئاش يوق» دېگەنىدى. بۇ دىن تارقاتقۇچى ھەقىقەتەن ئۆزىنى شەرەپكە مۇيەسسەر قىلدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ئەمگەك قىلدى، ئەزىلى ھېچكىمنىڭ يۈكىنى ئاشۇرمىدى. 9Ofls9]U  
ھەممە ئادەم بىلىدىغان بىر قېرى دېھقاننىڭ ھېكايىسى بار؛ ئۇ دېھقان سەكراتتا ياتقاندا ئۈچ ھورۇن ئوغلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بىر مۇھىم مەخپىيەتلىكنى دەپتۇ. v??$z#1F3  
- ئوغۇللىرىم، مەن سىلەرنى ئىشلىتەر دەپ باغقا نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆمۈپ قويدۇم، بوۋاي ھۆمدىگىنىچە شۇنداق دەپتۇ. Sk)lT^by  
- ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى قەيەرگە كۆمۈپ قويدىڭىز؟- تەقەززالىق بىلەن سوراپتۇ ئوغۇللىرى. Gs,e8ri!  
- سىلەر ئۇنى يەردىن كولاپ چىقىڭلار…-دەپتۇ بوۋاي. GgnR*DVP$  
بوۋاي مۇھىم مەخپىيەتلىكنى دېمەكچى بولغان پەيتتە تىنىقى توختاپتۇ. ھورۇن ئوغۇللارنىڭ پۈتۈن خىيالى ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشتە قالغاچقا، شۇ زامان ئاتىسى ئۇلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن يەرنى ئاغدۇرۇپ چىقىپتۇ. ئۇلار پۈتۈن ئەزايى-بەدەنلىرىدىن تەر ئاقتۇرغىنىچە كەتمەن-گۈرجەكلەر بىلەن يەر ئاغدۇرۇپتۇ. ھەتتا ئوت-چۆپ بېسىپ كەتكەن تاشلىنىپ قالغان يەرلەرنىمۇ ئالا قويماي ئاغدۇرۇپتۇ. ئالتۇنلار توپا قېتىدا قالمىسۇن دەپ چالمىلارنى ئۇششاق ئېزىپتۇ. ئۇلار ئاخىردا يەنىلا ئالتۇن كۈمۈشلەرنى تاپالماپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۇلار ئاتىسىنىڭ گېپىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بىلىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار خىزمەت قىلىشنى ئۆگىنىپتۇ. تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەر ياخشى ئاغدۇرۇلغاچقا كۆپ مول ھوسۇل ئاپتۇ، ئامبارلىرى ئاشلىققا تولۇپتۇ. ئۇلار مۇشۇ چاغدىلا يەرگە كۆمۈلگەن بايلىقنى، يەنى ئاتىسىنىڭ دانا تەكلىپىنى-ئەمگەكنى ھەقىقىي بايقاپتۇ. O&&_)  
ئەمگەك ھەم بىر خىل يۈك ۋە مۇشەققەت، ھەم بىر خىل شادلىق ۋە شەرەپ، ئەمگەك نامراتلىق بىلەن ھەمراھدەك قىلىدۇ، ئەمما ئەمگەكمۇ شان-شەرەپكە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەمگەك بىزنىڭ تەبئىي ئېھتىياجىمىز بىلەن باشقا تۈرلۈك ئېھتىياجىمىزغا شاھىت بولىدۇ ۋە ئۇنى قاندۇرىدۇ. ئەمگەك بولمىسا بىز قانداق ئادەم بولىمىز، قانداق ياشايمىز، قانداق مەدەنىي بولىمىز؟ ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى جىمى ئۇلۇغ نەرسە ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن، ئۇلۇغ نەتىجىلەرنىڭ مەنبەسى تامامەن ئەمگەكتىن كېلىدۇ. بىلىمگە، «بىز جەننەتكە ئۇچىدىغان قانات» قىمۇ ئەمگەك قىلىپ ئېرىشكىلى بولىدۇ. تالانت تىرىشىپ ئەمگەك قىلىشتىكى بىر ئىقتىدار، ئۇلۇغ ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان تىرىشچانلىقنى يارىتىدىغان ئىقتىداردۇر. ئەمگەك بىر خىل تىرىشچانلىق، مۈشكۈلچىلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ ھەقىقەتەن بىر خىل شان-شەرەپ، ئۇ يۈكسەك كىشىلىك ھايات غايىسىگە ئىگە ھەم پاك نىشان ئۈچۈن ئەمگەك قىلىدىغان ئادەملەرگە ئاتا قىلىنغان شان-شەرەپتۇر. نۇرغۇن ئادەملەر ئەمگەككە تايىنىپ ياشاش قانۇنىيىتىدىن ئاغرىنىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ؛ بۇ قائىدە تەڭرىنىڭ مۇقەددەس ئىرادىسىگە بويسۇنۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىمىزنى يېتىلدۈرۈش، ئورتاق تەبئىي مىجەزىمىزنى ئېچىش ئېھتىياجىمىزنى چىقىش قىلغان دېگەننى ئويلىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، جىمى خورلانغان كىشىلەر ئارىسىدا ھورۇن، يالقاۋ ئادەملەر ئەڭ خورلانغۇچىلاردۇر. ئۇنىڭ ھاياتى بىر پارچە قاقاس قۇملۇققا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ شادلىقىنى قاندۇرغاندىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلمايدۇ. ئەجەبا، بۇ ئادەملەر جىمى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ۋالاقتەككۈر، بىچارە، قانائەتسىز ئادەملەر ئەمەسمۇ؟ئۇلار ھەمىشە زېرىكىشلىك ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە ھېچقانداق پايدىسى يوقتەك كۆرۈنىدۇ. پەقەت زېمىننىڭ يۈكى بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنى ھېچكىم ئەسلىمەيدۇ. يەنە كىلىم ئۇلارنى سېغىنىدۇ؟ ئەڭ خورلۇق ۋە نۇمۇسلۇق تەقدىر ھۇرۇننىڭ تەقدىرىگە تالىق بولىدۇ. xRdx` YYu  
دۇنيانى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمگەكچى خەلقتىنمۇ زور تۆھپە قوشقان كىم بار؟ بىز ئىلغار دەپ قارىغان جىمى نەرسىلەرنىڭ- مەدەنىيەتلىك، ساغلاملىق، گۈللىنىشنىڭ ھەممىسى تىرىشچانلىققا، ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىدۇ. بۇغداي تېرىشتىن پار ماشىنىسى ياساشقىچە، كىيىم تىكىشتىن «پۈتۈن دۇنيانى مەستۇ-مۇستەغرەق قىلىدىغان» سەنئەتكىچە تامامەن ئەمگەككە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ ۋە باشقىلار. U=7nz|  
ئوخشاشلا پايدىلىق، گۈزەل ئىدىيىلەرمۇ ئەمگەكنىڭ، ئۆگىنىشنىڭ، كۆزىتىشنىڭ، تەتقىقاتنىڭ ۋە ئىجادىيەت بىلەن تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يېتىپ كېلىدىغان ئەڭ نادىر شېئىرنى ئۇزۇن مۇددەت جاپالىق تەپەككۇر قىلماي يازغىلى بولمايدۇ. ھەر قانداق ئۇلۇغ خىزمەت «يۈرەك» تىلا تاماملانمايدۇ، ئۇ تەكرار تىرىشقاندىلا، سانسىزلىغان مەغلۇبىيەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلۇغ ئىشلار ھامان بىر ئەۋلادتىن باشلىنىدۇ، يەنە بىر ئەۋلاد كىشىلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى باسىدۇ. ھازىر بىلەن ئۆتمۈش توختاۋسىز يەتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدۇ. ئۇلۇغ پارتنون ئىبادەتخانىسى لاي ئۆيدىن باشلاپ سېلىنغان. «ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم» دېگەن بۇ داڭلىق رەسىممۇ پەقەت سايازلىقىدىكى قالايمىقان سىزىلغان رەسىملەردىن باشلانغان. شەخسىلەرگە نىسبەتەنمۇ ئوخشاشلا شۇنداق بولىدۇ، بۇنىڭ قائىدىسى ئوخشاش. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ھامان مەغلۇبىيەتتىن باشلانغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. La3rX  
تىرىشچانلىق تارىخىي خىسلەت ئوبرازىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا نەقىشلەنگەن بولىدۇ. تىرىشچانلىق ئەڭ نامرات-پېقىر ئادەملەرنىمۇ شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. مۇبادا مەشھۇر نەتىجىلەرنى قازىنالىسا، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن تارىخدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىسىم ئاشۇ ئەڭ تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىسمى بولىدۇ. بىر مېخانىك بىزگە پار ماشىنىسىنى تەقدىم قىلدى؛ كىچىك بىر يايمىچى پويىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتتى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ھەر قايسى قاتلامدىن كەلگەن ئىشچىلار مېخانىكا تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. $4~Z]-38#A  
ئەمگەكچىلەر توغرۇلۇق توختالغاندا بىزنىڭ كۆرسىتىدىغىنىمىز پەقەت مۇسكۇل ۋە تەن قۇۋۋىتى بىلەن ئەمگەك قىلىدىغان ئادەملەرلا ئەمەس، بىر ئاتمۇ بۇنداق خىزمەتنى ئورۇندىيالايدۇ. ئەمما ئادەم مەشھۇر، ئۇتۇقلۇق ئەمگەكچىدۇر. چۈنكى ئۇ ئەقلى بىلەن ئەمگەك قىلىدۇ، ئۇنىڭ جىمى تەن سىستېمىسى بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى كۈچ-قۇدرەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولىدۇ. بىر ئادەم بىر پارچە كىتاب يازىدۇ، بىر پارچە شېئىر ئىجاد قىلىدۇ، بىر پارچە سۈرەت سىزىدۇ، بىر قانۇن تۈزىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ ئالىي دەرىجىلىك خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەتتە ھاياتلىقنى قامداش جەھەتتە بۇ خىزمەتلەر دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ خىزمىتىدە مۇھىم بولمايدۇ. ئەمما، جەمئىيەتنى تېخىمۇ يۈكسەك ئەقىل-پاراسەت، روھىي-شىجائەت ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە ئەقلىي ئەمگەكنىڭ تۆھپىسى جىسمانىي ئەمگەكنىڭ تۆھپىسىدىن زىنھار قىلىشمايدۇ. !s?SI=B8  
مەن ئەمگەكنىڭ مۇھىملىقى بىلەن زۆرۈرلىكى توغرىسىدا كۆپ توختالدىم. بىز ئەمگەكتىن ئىنسانلارغا غايەت زور پايدا-نەپ ئالغانلىقىنى كۆردۇق. دەرۋەقە بىزنىڭ ئابا-ئەجدادلىرىمىز مەدەنىيلىك ئەمگەك جۇغلانمىسىنى تېخنىك ئىقتىدارى، سەنئەت، ئىختىرا، بىلىم، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى جۇغلانمىلارنى ئېلىپ بارمىغان بولسا، بىز ھېلىھەم ياۋايى ئادەملەر باسقۇچىدا ياشاۋەرگەن بولاتتۇق. 6GPI gPL,  
ئوغلۇم، مەن كۆپ سۆزلىدىم، سەن بۇنىڭدىن ئانچە-مۇنچە نەپ ئال، تېخىمۇ تىرىشىپ ئەمگەك قىل. ئەمگەكنى بىر خىل ھۇجۇم قىلغىلى بولمايدىغان مۇقەددەس ھوقۇق، تەڭرى ئاتا قىلغان بەخت-سائادەت دەپ بىل.ئەمگەكنى قىزغىن سۆي، جاپالىق ئەمگەك قىل، ئەمگەك ھاياتىڭنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ! F#M(#!)Y"  
سېنى سۆيۈپ داداڭدىن. jwBJG7\  
f8aY6o"i  
تەرجىمە قىلغۇچى: زۆرىگۈل قادىر ^6R(K'E}  
=6O*AJ  
مەنبە:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى s;=C&N5g  
R dwt4A+  
-zn_d]NV  

تېما تەستىقلىغۇچى : tohtamux
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-25, 12:08
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
sword
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28508

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   74 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   231 (سوم)
 ياخشى باھا:   208 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1010
 سائەت
دەرىجىسى:
1010 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-25

مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارغا ئىنكاس يوق
 
پۇتبول تور ناخشا تارىخ مەن ئەڭ قىزىقىدىغان نەرسىلەر .. گەپ يوق
Nawruzay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30224

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   176 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1935 (سوم)
 ياخشى باھا:   231 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   205  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1594
 سائەت
دەرىجىسى:
1594 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-25

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  sword كە 2011-07-25 04:18 PMئەۋەتىلدى  : J,2V&WuV0r  
مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلارغا ئىنكاس يوق   vju FVJwL  
'+PKGmRW  
شۇنى دېمەمسىز..نېمىشقا شۇنداق بولىدىغاندۇ؟! بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا ياقىدىغىنى پەقەت يۇمۇر-چاقچاق بوپ قالغانمىدۇ؟!
 
تۈنۈگۈن_تارىخ،بۈگۈن_پۇرسەت،ئەتە ئۇ بىر سىر.....
Nawruzay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30224

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   176 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1935 (سوم)
 ياخشى باھا:   231 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   205  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1594
 سائەت
دەرىجىسى:
1594 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-25

ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. رەھمەت! +V3mF_s|z  
---------------------------------- d*@T30  
جىبران خېلىل جىبران نىمىشقا ئىسلامنى قۇبۇل قىلمىغان بولغىيتى..ئاللاھ ھىدايەتكە ئالمىسا بىكار-دە!
 
تۈنۈگۈن_تارىخ،بۈگۈن_پۇرسەت،ئەتە ئۇ بىر سىر.....
karluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1614

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6011 (سوم)
 ياخشى باھا:   199 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   259  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 87
 سائەت
دەرىجىسى:
87 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-26

بىرەر تىما  ئارقىلىق قىزلارنى ياكى بىرەر چولپانلارنى، ئۇلۇغ كىشىللىرىمىزنى غاچاشقا چىش بىلەۋەتقاندا   بۇنداق تىمىلارغا كىرىپ ئولتىردىغانغا نەدە چول ھازىر .   ~6G `k^!  
  
 
بۇيوللار ئۇزۇن يوللار ، ئات ئۆلگەن بىلەن قىلىچىم سۇنمىدى!
owlanganowqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24896

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   13 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2062 (سوم)
 ياخشى باھا:   156 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   201  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 218
 سائەت
دەرىجىسى:
218 سائەت 52 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-29
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

بەك ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ
 
ئوۋچې
hanggxn88
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.59549

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   75 (سوم)
 ياخشى باھا:   15 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-08
ئاخــىرقىسى:2011-10-12
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-10

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى