wq"AW yu ئەنگىلىيە شاھزادىسى چارلىز ئاشۇرۇپ قويغان بولكا
=.Q|gZ
ئەنگىلىيە كورنىۋال رايونىدا «داڭدارلارنىڭ ئاشقان تامىقى مۇزىيى» قۇرۇلدى. شەخسىي قۇرغان بۇ مۇزىيغا قويۇلغان نەرسىلەر داڭدارلارنىڭ ئاشقان تامىقى بولۇپ، كىچىك پىرەنىك، باققالى ۋە يەنە بولكا ئۇۋىقى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقانىدى. بۇ نەرسىلەر ئىلگىرىكى مەززىلىك ھىدىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لېكىن باھاسى قىممەت ئىدى. ئەنگىلىيە شاھزادىسى چارلىزنىڭ ئاشۇرۇپ قويغان بولكا ئۇۋىقىمۇ 300 فۇندستېرلىڭ تەخمىنەن 3000 يۈەن خەلق پۇلىغا يارىدى.
J#y?^Qm$)< ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 10-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان بۇ «داڭدارلارنىڭ ئاشقان تامىقى مۇزىيى» شۇ يەردىكى «قېرى بوردېرېستو» ناملىق قەھۋەخانىنىڭ ئىچىگە جايلاشقان. نامدا مۇزىي بولسىمۇ، لېكىن داڭدارلارنىڭ ئاشقان تامىقى قويۇلغان جازا ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ قەھۋەخانىنىڭ خوجايىنى — مىچىل بىنات ۋە فېرانسېسكا بىنات ئىسىملىك ئەر-خوتۇنلار. قەھۋەخانا جايلاشقان جاي جىمجىت، بېزىلىشىمۇ ئۆزگىچە بولغاچقا، بىر قىسىم داڭدارلار دائىم بۇ يەرگە كېلىپ قەھۋە ئىچكەچ دەم ئالىدۇ.
n"{oj7E0a 2004-يىلى، دۇنيا مودا كىيىم تارىخىدىكى تۇنجى داڭلىق فوتوگراف داۋىد بارى قەھۋەخانىغا باردى. ئۇ قەھۋەخانىدىن ئايرىلغاندا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا داۋىد ئاشۇرۇپ قويغان بىر پارچە ساندىۋىچنى دەرھال يىغىۋالدى ھەمدە چىرىشتىن ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ساندىۋىچنى قۇتا ئىچىگە سېلىپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن داڭدارلار كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان بۇ قەھۋەخانىغا كېلىپ تۇردى، بىنات ئەر-خوتۇن يىغقان «گۆھەر» لەرمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
i
d.W"5+ ئەنگىلىيەلىك سۇ ئۈزۈش ماھىرى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى سالون داۋۇس يەپ ئاشۇرۇپ قويغان قارا پۇرچاق ئەمدىلا كۆرگەزمە قىلىنىشى بىلەن ئاز بولمىغان خېرىدارلارنى جەلپ قىلدى. بىنات ئەر-خوتۇن 100 فۇندىستېرلىڭ باھا قويدى. لېكىن خېرىدارلارنىڭ كۆپلىكىدىن باھا يەنە ئۆستى. ئامېرىكىلىق داڭلىق مودا ناخشىچى بۇرانى چاينىغان سېغىزمۇ بۇ ئەر-خوتۇن تەرىپىدىن يىغىۋېلىندى ھەمدە توردا 320 فۇندىستېرلىڭغا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى. بۇرانىنىڭ ئىلگىرى مۇھەببىتى، ئامېرىكىدىكى داڭلىق «دەرىجىدىن تاشقىرى ئوغۇل» مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ باش ئىجراچىسى جاستىن دېنبۇراك ئاشۇرۇپ قويغان فرانسۇزچە تورت 1900 فۇندستېرلىڭغا سېتىلدى. ئەنگىلىيە شاھزادىسى چارلىزمۇ ئۆزى ئاشۇرۇپ قويغان بولكا ئۇۋىقىنىڭ 300 فۇندستېرلىڭغا يارايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۆزىگە تايىنىپ ياشايدىغان ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئۈچۈن، شاھزادىنىڭ ئاشقان تامىقى ئۇلارغا ئاز بولمىغان پايدا ئېلىپ كەلدى. بۇ ئەر-خوتۇنغا پايدا ئېلىپ كەلگەنلەردىن يەنە ئەنگىلىيەلىك داڭلىق رېژىسسور مايكېل ۋىننامۇ بار ئىدى، ئۇنىڭ ئاشۇرۇپ قويغان بولكىسى 100 فۇندىستېرلىڭغا يارىدى.
k6 f;A داڭدارلارنىڭ ئاشۇرۇپ قويغان تامىقىغا تايىنىپ كىرىم قىلىۋاتقان بىنات ئەر-خوتۇن كۆپ پۇل تاپتى. لېكىن بۇ ئەر-خوتۇنلار بۇ پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئەنگىلىيە خەير- ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ داۋالىنىشىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
E0*'AZi& ئەنگىلىيەدە داڭدارلارنىڭ ئاشقان تامىقىنى ساقلاش كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا، يېڭى يىغىپ ساقلاش مودىسىنى ياراتتى.
k&P_ c 3f:I<S7 تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى
-ijQTB مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
(UV+/[,