بىر يۇرۇش مەملىكەت خەۋەرلىرى
C~.T[Mlu Y]5MM:mI H]f[r~ نىڭشيا خۇاڭخې دەرياسىدا ئۆلچەملىك توسما ياسىدى
u1d%w
OY 2U"2L^oKI جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
\+0l#t$ *O\lR-z!k خۇاڭخې-تىزگىنلەش تەس بولغان دەريا، چوڭ، كىچىك سۇ ئاپەتلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، گەرچە خۇاڭخې دەرياسى نىڭشيانى بېيىتىدۇ دېيىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپ يىللاردىن بۇيان، خۇاڭخې بويىدا ئولتۇراقلاشقان نىڭشيا خەلقى خۇاڭخې دەرياسىدىكى سۇ ئاپىتىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى. 2008-يىلىدىن بۇيان، نىڭشيا 402 كىلومېتىرلىق خۇاڭخې دەرياسى ئۆلچەملىك توسمىسىنى ياساش ئارقىلىق، توسۇن ئاتتەك ياۋايى خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى خۇاڭخې دەرياسىنى كۆندۈرۈش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى بىر مىليون 350 مىڭ مو ئېتىز، 760 مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
`O;4b#!g .[3C بۈگۈنكى كۈندىكى قورۇلنىڭ سىرتىدىكى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى دەپ ئاتالغان نىڭشيا ئېكولوگىيەلىك سۇ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، ئىسمىي-جىسمىغا لايىق سۇ يۇرتىغا ئايلاندى، ھەممە يەردە سۇ بىلەن قاپلانغان مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. خۇاڭخېنىڭ بويىدىكى ئون شەھەر ئۆز ئارا تۇتىشىپ كەتكەن نىڭشياچە خۇاڭخې مەنزىرە كارىدورى بارلىققا كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، «خۇاڭخېنىڭ ئالتۇن قىرغىقى، قورۇلنىڭ سىرتىدىكى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى، غەربىي رايوندىكى مەرۋايىت» دېگەن ناملار نىڭشيانىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى.
;d_<6|*M 4gWlSm) خۇ جىنتاۋ بىرىنچى ئاۋغۇستتىن باشلاپ يېڭى ئوردېن، مېدال، خاتىرە مېدالىنى ئىشلىتىشنى تەستىقلىدى
A..`?oGj
:2')`xT مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى يېقىندا 2011-يىلى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ پۈتۈن ئارمىيەدە يېڭى ئوردېن، مېدال، خاتىرە مېدالى ھەمدە مۇكاپاتلاش گۇۋاھنامىسىنى رەسمىي ئىشلىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
q:iu
hI$~G [;
ZC_fD
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭىدىن ئىشلىتىلىدىغان ئوردېن، مېدال، خاتىرە مېدالى رەئىس خۇ جىنتاۋ ۋە مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار كۆرسەتمىلىرىدىكى تەلەپلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى مۇكاپاتلاش خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفتىسىر ئەسكەرلەرنىڭ شان-شەرىپىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، بۇ ئارمىيىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، مۇكاپاتلاش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، كەڭ-ئوفتىسىر ئەسكەرلەرنىڭ زامانىمىزدىكى ئىنقىلابى ھەربىيلەرنىڭ يادرولۇق قىممەت قارشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئارمىيىمىزنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ ئوبدان ئىلھام بېرىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ۋە سىياسىي ئورگانلار بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاقىدار سىياسەت بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ، گۇۋاھنامە. مېدال تارقىتىش دائىرىسى، تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى ئوبدان ئىگىلەپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تارقىتىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلىتىش كېرەك.
s<aG iM6(bmc. ئېلىمىز مۇتەخەسسىسى ۋاڭ چۈەنجېن لاۋرېنسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
tDfHO1pS T=@Ygjk مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يادرو ئىلىمىي جەمئىيىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ رادىياتسىيە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى ۋاڭ چۈەنجېن يېقىندا كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن 16-نۆۋەتلىك خەلقئارا رادىياتسىيە پىششىقلاپ ئىشلەش يىغىنىدا بۇ ساھەدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات بولغان لاۋرېنسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ جۇڭگو پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى.
acQHqR G-;EB رادىياتسىيە پىششىقلاپ ئىشلەش- ئىنسانلارنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشىدىكى بىر چوڭ مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، مېدىتسىنادا مىكروب يوقۇتۇش، يېمەكلىكلەرنى ئۆز پېتى ساقلاش، مۇھىت ئاسراش، ئالەم قاتنىشى، نېفىت خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ رادىياتسىيە پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى 40 نەچچە يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، دەسلەپكى كۆلەمدە ئىگە قىلىنىپ، يادرو تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن بىر تۈركۈم كارخانىلار شەكىللىنىپ، دۇنيادا 2-چوڭ رادىياتسىيە پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، مال بىلەن تەمىنلەش ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، ھازىر يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 30 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
U}5]Vm$] _sy]k A ج خ مىنىستىرلىقى لەي چاڭشىڭنىڭ دۆلەتكە قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە توختالدى
bka%W@Y% rq}xuSFI جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
v$5D&T
v ^uVPN1}b^@ مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2011-يىلى 23-ئىيۇل شيامېى پەۋقۇلئاددە زور ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىكى باش جىنايەت گۇماندارى لەي چاڭشىڭ كانادانىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى تەرىپىدىن جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
ZA@zs,o% raU_Z[ ئۇ شيامېن يۈەنخۇا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى بولغان مەزگىلدە، كۆپ خىل قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئەتكەسچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئېغىر ئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن، 1999-يىلى كاناداغا قېچىپ بارغان. ئۇزۇندىن بۇيان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قەتئىي بوشاشماستىن چېگرا سىرتىدىكى جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا جۇڭگو بىلەن كانادانىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى پائال ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىلدى.
Z5EII[=$o P 6=5:-Hh بۇ قېتىمقى قايتۇرۇپ بېرىش ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇننىڭ ئىززىتىنى قوغداش، ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنى جازالاش پوزىتىسىيەسى ۋە ئىرادىسىنى، جۇڭگو ساقچى دائىرىلىرىنىڭ كانادا ساقچى دائىرىلىرى بىلەن جىنايەتچىلەرگە زەربە بېرىش، قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ قانۇننىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.
&& PZ; y|3("&)"S زور ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىكى باش جىنايەت گۇماندارى لەي چاڭشىڭ ئېلىمىزگە قايتۇرۇۋېتىلدى
F}1._I`- 40dwp*/! جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شيامېندىكى زور ئەتكەسچىلىك دېلوسىدىكى باش جىنايەت گۇماندارى لەي چاڭشىڭ تۈنۈگۈن كانادادىكى ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن ئېلىمىزگە قايتۇرۇۋېتىلدى.
,pQ[e$u1 8qxZ7|Y@ 1996-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە، لەي چاڭشىڭ ھەمدە باشقا ئەتكەسچى جىنايەتچى ئۇنسۇرلار شيامېندىكى باجدىن خالىي رايوندا زور ئەتكەسچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەييار نېفىت، ئۆسۈملۈك مېيى، ئاپتوموبىل، سىگارېت قاتارلىق ماللارنى ئىمپورت قىلغان، بۇنىڭغا چېتىشلىق پۇل بەك كۆپ بولۇپ، نورمال ئىقتىسادى تەرتىپنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، دۆلەتكە نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان سالغان. 1994-يىلى 4-ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شيامېن پەۋقۇلئاددە زور ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى تەكشۈردى. شۇ يىلى 8-ئايدا، لەي چاڭشىڭ جىنايىتىدىن قورقۇپ شياگاڭدىن كاناداغا قېچىپ كەتتى ھەمدە كانادا كۆچمەنلەر مىنىسىترلىقىغا كۆچمەنلىك سالاھىيىتى ئىلتىماس قىلىپ، قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلماقچى بولغان ئىدى. كانادانىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆچمەنلىك سالاھىيىتى ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇندىن كېيىن، كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى لەي چاڭشىڭنى قايتۇرۇۋېتىش تەرتىپىنى يولغا قويدى ھەمدە ئاخىرىدا شۇ جاي ۋاقتى 2011-يىلى 22-ئىيۇل قانۇن بۇيىچە ئۇنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
soX^$l
*Gj`1#Z$ تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتى لەي چاڭشىڭنى قايتۇرۇپ كېلىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن، ئالاقىدار تارماقلار ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش، دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇننىڭ ئىززىتىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نۇرغۇن خىزمەتلەرنى بوشاشماي ئىشلىدى. كانادا ھۆكۈمىتى لەي چاڭشىڭنى قايتۇرۇپ بېرىش يولىدىمۇ ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.
4-$kcwA s%6L94\t b5f+q:?{ مەنبە:جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
$*Wa A`(U http://www.uycnr.com/gnxw/201107/t20110724_130188.html W2M[w_~QE 5~E{bW$