جۇڭگو كومپارتىيەسى 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى 10-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ
z,EOyi z=U!D `]
v جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
HK
wGaCj` Y4O L 82Y جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۈنۈگۈن يىغىن ئىچىپ، بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا جۇڭگو كومپارتىيەسى 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىشى، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى چوڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش بولۇشنى قارار قىلدى. يىغىندا يەنە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
5 $J %ab79RS]C يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەر قايسى رايونلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بويىچە، ئىلمىي تەرەققىياتنى باش تېما، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مال باھاسىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭ، مۇقىم ھالدا بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلىغانلىقتىن يېزا-ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، مال باھاسىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك بولدى، بازار تەمىناتى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. مۇھىم ئىسلاھاتلار داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ توغرا رەھبەرلىكى، ئىلمىي تەرەققىيات تەدبىرىنىڭ نەتىجىسى. شۇنداقلا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.
`vSsgG C(t/:?(y يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرەققىيات داۋامىدا تەكشىسىزلىك، ماسلاشماسلىق زىددىيەتلەر يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، خەلقئارا مۇھىت ۋە ئىچكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە يەنە بىر قىسىم يېڭى ئەھۋاللار، يېڭى مەسىلىلەر، يېڭى زىددىيەتلەر بارلىققا كەلدى. بىز قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى توغرا تونۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز، مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، كۈلپەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىپ، ئەتراپلىق ئويلىنىپ، تۈرلۈك قېيىنچىلىق ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرگە ياخشى تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىشىمىز كېرەك.
5,Y2Lzr %U7B0- يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى: پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4- ۋە 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساشنى تېزلىتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى بىلەن مۇقىم پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ئېنېرگىيەنى تېجەپ بۇلغىما ئازايتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ھالدا بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.
4o3GS8 (Nahtx!/9 يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىشنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بازارغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارنىڭ باھا تەرتىپىنى تۈزەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قارىتا كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك. پۈتۈن يىللىق يېزا-ئىگىلىكىدە مول-ھوسۇل ئېلىشنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، كۈزلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقى تۈردە ياخشى تۇتۇپ، تىرىك چارۋا قاتارلىق چارۋىچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېتىز-ئېرىق سۇ ئىنشائاتى ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. تۇرالغۇ ئۆي بازارلىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش ۋە كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنى ھارماي-تالماي ياخشى ئېلىپ بېرىپ، تەڭشەپ كونترول قىلىش ئىرادىمىزدىن تەۋرەنمەي، نىشانىمىزنى ئۆزگەرتمەي، كۈچىمىزنى بوشاشتۇرماي، تۇرالغۇ ئۆي باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرلىشىنى تىرىشىپ توسۇپ، كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇشقا، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە، تەقسىم قىلىنىشنىڭ ئادىللىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنىڭ بىر قەدەر مۇقىم ئېشىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاپ، خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مالىيە پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئىناۋەتلىك قەرز قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پۇل- مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. قۇرۇلمىنى تەڭشەپ كونترول قىلىشنى تېزلىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى يېڭىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ياخشىلاپ، رايونلارنىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تاشقى سودا سىياسىتىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، ئېكسپورتنىڭ مۇقىم ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىپ، چەتئەل مەبلىغىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تېببىي دورا، سەھىيە، بايلىق، مۇھىت، مالىيە، باج، پۇل-مۇئامىلە، يېزا، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېزلىتىپ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.
pS;dvZ [\1l4C يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر قايسى رايون ۋە تارماقلار ئىدىيەنى ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ ۋەزىيەتكە بولغان تەھلىلى، ھۆكۈمى ۋە خىزمەت ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ماسلاشتۇرۇپ تەقسىم قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي ئىشلەپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
E6k&r} _O%p{t'q< شى جىنپىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭ قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دېدى
VHCzlg :F=nb+HZ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى شۇ جىنپىڭ تۈنۈگۈن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مەركەزنىڭ 5-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئوبدان ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك يېڭى شىزاڭنى قۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
vM/v}6;_K2 H@'
@xHv شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىزاڭنىڭ مۇقىملىقى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى بىلەن، شىزاڭنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر باشتىن ئاخىر كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، مىللەتلەر خىزمىتى ۋە دىنىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكەتلىرىگە قارىشى كۈرەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە شىزاڭ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.
8zWPb Pltju4.:C مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېقىنلىشىپ قالدى
{W<-f? qI*1+R} دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى باھا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋاڭجۈن 22-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ھازىرقى مال باھا ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا، كېيىنكى يېرىم يىلدىكى مال باھاسىدىن ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىگە قارىغاندا ئۈمىدلىنىشكە بولىدۇ. باھا ئۆزگۈرۈشىنىڭ دەۋرىيلىك ھۆكۈمىگە ئاساسەن، بۇ نۆۋەتلىك مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېقىنلاشتى، دېيىشكە بولىدۇ.
CJ
جۇ ۋاڭجۈن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، مال باھاسى ئۇدا ئۆرلىدى، ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى يىل بېشىدىكى %4.9 تىن 6-ئايدىكى %6.4 كە ئۆرلىدى، باھانى داۋاملىق ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئايلىنىۋاتىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كېيىنكى يېرىم يىلدىكى پۈتكۈل ۋەزىيەت بىزنى ئۈمىدلەندۈرىدۇ.
z&,sm5Lb ئۇ بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى: خەلقئاراغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر خەلقئارا بازاردىكى چوڭ تاۋارلارنىڭ باھاسى 4-ئايدىكىدىن خېلى چۈشتى. بۇ خىل تەسىر ئارقىلىق، 9-ئايدىن كېيىن ئېلىمىزدىكى يۇقتۇرما تەسىر سەل ئازىيىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئىچىدىكى پۇلنى تەڭشەپ تىزگىنلەش ئاكتىپ رول ئوينىدى.
n9!3h ?,g x)ZH;) مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانىنى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
D
;$+] 2 Z8 %\v(L a' o8n6i مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 23-ئىيۇل بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست بىناسىدا گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىلگەن يولداشلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى.
PJ:5Lb< xGv,%'u\ چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىمدا، ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى تەنتەنىلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئىيۇلدىكى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئىمزا قويغان گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى.
yc=#Jn?S h_GBx|c مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيوڭ ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇ مۇراسىمغا قاتناشتى. بۇ قېتىم مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقلىرىدىن سۈن جيەنگو، خۇ شۇسېن، باش سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جيا يەنئەن، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ليۇ شياۋخۇڭ، شېنياڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى جاڭ يۇشيا، لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى چاڭسەي قاتارلىق ئالىي ئوفىتسېرلارغا گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىلدى.
~{Rt4o _W 9~%]|_( گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىلگەن بۇ ئالتە ئالىي ئوفىتسېر جۇشقۇن ھالدا رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا تىزىلدى. رەئىس خۇ جىنتاۋ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى. گېنېرال پولكوۋنىك ئۇنۋانىنىڭ پاگونىنى تاقىغان ئالتە ئالىي ئوفىتسېر خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلارغا، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.
X]U"ru{1q >@"3Q` مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لياڭ گۇاڭلى، چېن بىڭدې، لى جىنەي، لياۋ شىلۇڭ، چاڭ ۋەنچۈەن، جىڭ جىيۈەن، ۋۇ شېڭلى، شۈ چىلياڭ ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمغا قاتناشتى.
@^6OV) wDMB ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى جاراڭلىق ھەربىي مارش ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق رەھبەرلەر ئۇنۋان بېرىلگەن يولداشلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
Yk@s"qm3 &\lS مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇر رادىئوسى تورى
^npS==Y]!.